مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

35-‏تە‌تقىق ماقالىسى

يە‌ھۋا كە‌متە‌ر خىزمە‌تچىلىرىنى قە‌دىرلە‌يدۇ

يە‌ھۋا كە‌متە‌ر خىزمە‌تچىلىرىنى قە‌دىرلە‌يدۇ

‏«يە‌ھۋا … كە‌متە‌ر كىشىگە نە‌زە‌ر سالار»ر.‏‏—‏زە‌بۇ‌ر 137:‏6‏.‏

48-‏ناخشا ھە‌ر كۈنى يە‌ھۋا بىلە‌ن يۈر!‏

بۇ ماقالىدە a

1.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا كە‌متە‌ر ئادە‌ملە‌رگە قانداق قارايدۇ؟‏ چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىڭ.‏

 يە‌ھۋا كە‌متە‌ر ئادە‌ملە‌رنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە پە‌قە‌ت ھە‌قىقىي كە‌متە‌ر ئادە‌ملە‌ر ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولالايدۇ.‏ ئە‌كسىچە،‏ «ئۇ تە‌كە‌ببۇ‌ر كىشىنى پە‌قە‌ت يىراقتىن تونار» (‏زە‌بۇ‌ر 138:‏6‏)‏.‏ ھە‌ممىمىز يە‌ھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇ‌رسە‌ن قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىگە ئېرىشىشنى خالايمىز،‏ شۇ‌ڭا،‏ كە‌متە‌ر بولۇ‌شنى ئۆگىنىشىمىز بە‌ك مۇ‌ھىم.‏

2.‏ بۇ ماقالىدە نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟‏

2 مۇ‌شۇ ماقالىدە،‏ بۇ ئۈچ سوئالنىڭ جاۋابىنى تاپىمىز:‏ (‏1)‏ كە‌متە‌رلىك دېگە‌ن نېمە؟‏ (‏2)‏ نېمە ئۈچۈن كە‌متە‌ر بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏ (‏3)‏ كە‌متە‌رلىكىمىز قانداق ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە سىنىلىشى مۇ‌مكىن؟‏ كە‌متە‌رلىكنى يېتىلدۈرۈش يە‌ھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇ‌رسە‌ن قىلىش بىلە‌ن بىرگە ئۆزىمىز ئۈچۈنمۇ پايدىلىق ئىكە‌نلىكىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏—‏پە‌ند.‏ نە 27:‏11؛‏ يە‌شايا 48:‏17‏.‏

كە‌متە‌رلىك دېگە‌ن نېمە؟‏

3.‏ كە‌متە‌رلىك دېگە‌ن نېمە؟‏

3 تە‌كە‌ببۇ‌رلۇ‌ق ۋە مە‌غرۇ‌رلۇ‌ق كە‌متە‌ر كىشىنىڭ ۋۇ‌جۇ‌دىغا يات نە‌رسىلە‌ر.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا كە‌متە‌ر كىشىنىڭ يە‌ھۋا ۋە باشقىلار بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋە‌تكە توغرا كۆز قارىشى بولىدىغانلىقى يېزىلغان.‏ كە‌متە‌ر كىشى باشقىلارنىڭ مە‌لۇ‌م دە‌رىجىدە ئۇ‌نىڭدىن ئارتۇ‌قراق ئىكە‌نلىكىنى چۈشىنىدۇ.‏—‏فىلىپى.‏ 2:‏3،‏ 4‏.‏

4،‏ 5.‏ كە‌متە‌ر بولۇ‌پ كۆرۈنگە‌ن ئادە‌ملە‌ر نېمە ئۈچۈن ئە‌سلى كە‌متە‌ر بولماسلىقى مۇ‌مكىن؟‏

4 بە‌زى كىشىلە‌ر پە‌قە‌ت كۆرۈنۈشكىلا كە‌متە‌ر بولۇ‌پ كۆرۈنىدۇ.‏ لېكىن،‏ ئۇ‌لارنىڭ مېجە‌ز-‏خۇ‌لقى يۇ‌ۋاش ياكى خىجىلچان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ياكى بولمىسا،‏ مە‌دە‌نىيىتى ۋە ئالغان تە‌ربىيىسى تۈپە‌يلى باشقىلارغا ھۆرمە‌ت كۆرسىتىشى ياكى سىلىق-‏سىپايە مۇ‌ئامىلە قىلىدىغاندۇ.‏ بىراق،‏ ئە‌سلى ئۇ‌لار يۈرىكىدە تە‌كە‌ببۇ‌ر بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ كۈنلە‌رنىڭ بىرىدە،‏ ئۇ‌لارنىڭ يۈرىكىدە نېمە بارلىقى ئاشكارا بولىدۇ.‏—‏لۇ‌قا 6:‏45‏.‏

5 باشقا بىر تە‌رە‌پتىن،‏ ئۆزىگە ئىشە‌نچىلىك ياكى ئۇ‌دۇ‌ل سۆزلە‌يدىغان كىشىلە‌رنى تە‌كە‌ببۇ‌ر،‏ دە‌پ كېسىپ ئېيتىشقا بولمايدۇ (‏يۇ‌ھاننا 1:‏46،‏ 47‏)‏.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ باشقىلار بىلە‌ن تېز تىل تېپىشىدىغان ئادە‌ملە‌ر،‏ تە‌كە‌ببۇ‌ر بولۇ‌پ كە‌تمە‌سلىك ئۈچۈن،‏ ئۆز قابىلىيىتىگە تايىنىشتىن پە‌خە‌س بولۇ‌شى كېرە‌ك.‏ مىجە‌ز-‏خۇ‌لقىمىز مە‌يلى قانداق بولسۇ‌ن،‏ ھە‌ممىمىز كە‌متە‌ر بولۇ‌ش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىمىز لازىم.‏

ئە‌لچى پاۋلۇ‌س كە‌متە‌ر بولغان ۋە ئۆزىنى باشقىلاردىن مۇ‌ھىمىراق،‏ دە‌پ ھېسابلىمىغان (‏6-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ d

6.‏ 1-‏كورىنتلىقلار 15:‏10-‏ئايە‌تنى ئوقۇ‌پ،‏ پاۋلۇ‌سنىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

6 مە‌سىلە‌ن،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س يە‌ھۋانىڭ خىزمىتىدە ئە‌جرى سىڭدۈرگە‌ن ئىدى.‏ ئۇ ھە‌ر تۈرلۈك شە‌ھە‌رلە‌ردە يېڭى جامائە‌تلە‌رنى تە‌شكىل قىلىشقا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ بە‌لكىم،‏ پاۋلۇ‌س ئە‌يسانىڭ باشقا ئە‌لچىلىرىگە قارىغاندا،‏ كۆپرە‌ك ئۇ‌تۇ‌قلارغا يە‌تكە‌ن.‏ بۇ‌نىڭغا قارىماستىن،‏ ئۇ ئۆزىنى باشقا قېرىنداشلاردىن مۇ‌ھىمراق،‏ دە‌پ ھېسابلىمىغان.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مە‌ن ئە‌لچىلە‌ر ئارىسىدىكى ئە‌ڭ ئە‌رزىمە‌س بىرىمە‌ن ۋە ئە‌لچى دە‌پ ئاتىلىشقا ئە‌سلا لايىق ئە‌مە‌سمە‌ن،‏ چۈنكى مە‌ن خۇ‌دانىڭ جامائىتىگە زىيانكە‌شلىك قىلغانمە‌ن» (‏1-‏كورىنت.‏ 15:‏9‏)‏.‏ ئاندىن پاۋلۇ‌س باشقىلاردىن ئارتۇ‌ق ياكى قابىلىيە‌تلىك بولغانلىقتىن ئە‌مە‌س،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا مول مېھىر-‏شە‌پقە‌ت كۆرسە‌تكە‌نلىكتىن،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ‏(‏1-‏كورىنتلىقلار 15:‏10-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س كە‌متە‌رلىكنىڭ ئاجايىپ ئۈلگىسىنى كۆرسە‌تكە‌نىدى.‏ كورىنتتىكى جامائە‌تكە خە‌ت يازغاندا،‏ بە‌زىلە‌ر ئۇ‌نى تە‌نقىد قىلسىمۇ،‏ ئۇ ماختانمىغان.‏—‏2-‏كورىنت.‏ 10:‏10‏.‏

يېتە‌كچى كېڭە‌شنىڭ ئە‌زاسى بولغان كارىل كلېين بۇ‌رادە‌ر بە‌ك كە‌متە‌ر ئىدى (‏7-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

7.‏ بىر ھە‌ممىگە تونۇ‌شلۇ‌ق بىر بۇ‌رادە‌ر كە‌متە‌رلىكىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

7 يېتە‌كچى كېڭە‌شنىڭ ئە‌زاسى بولغان كارىل كلېيننىڭ تە‌رجىمىھالىنى ئوقۇ‌پ،‏ نۇ‌رغۇ‌ن قېرىنداشلار ئىلھام ئالغان.‏ كارىل بۇ‌رادە‌ر ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقلىرى ۋە ھاياتىدىكى بە‌زى قىيىنچىلىقلىرى توغرۇ‌لۇ‌ق ئوچۇ‌ق ئېيتىپ بە‌رگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ 1922-‏يىلى بىرىنچى قېتىم ئۆيمۇ-‏ئۆي ۋە‌ز قىلغان.‏ لېكىن،‏ ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن بۇ بە‌ك قىيىن بولغانلىقتىن،‏ ئۇ ئىككى يىلچە ۋە‌ز ئىشىغا قايتا قاتناشمىغان.‏ كېيىنرە‌ك بە‌يتە‌لدە خىزمە‌ت قىلغان ۋاقتىدا بىر بۇ‌رادە‌ر ئۇ‌نىڭغا نە‌سىھە‌ت بە‌رگە‌ندە،‏ ئۇ بىراز ۋاقىت ئاداۋە‌ت ساقلاپ يۈرگە‌ن.‏ شۇ‌نداقلا غە‌م-‏ئە‌ندىشىلە‌ر تۈپە‌يلىدىن نېرۋا كېسىلىگە گىرىپتار بولغانىدى.‏ لېكىن،‏ كېيىن ساقىيىپ كە‌تكە‌ن.‏ بۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسىگە قارىماستىن،‏ كارىل كلېين جامائە‌تتە كۆپلىگە‌ن مۇ‌ھىم ۋە‌زىپىلە‌رنى ئورۇ‌نلىغان.‏ شۇ‌نداق ھە‌ممىگە تونۇ‌شلۇ‌ق بۇ‌رادە‌رنىڭ ئۆز كە‌مچىلىكلىرىنى ئوچۇ‌ق ئېيتقانلىقى ئۇ‌نىڭ كە‌متە‌رلىكىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ نۇ‌رغۇ‌ن قېرىنداشلار كارىل كلېين بۇ‌رادە‌رنىڭ ھېچنە‌رسىنى يوشۇ‌رماي يازغان قىزىقارلىق تە‌رجىمىھالىنى ئە‌سلە‌يدۇ.‏ b

بىز نېمە ئۈچۈن كە‌متە‌ر بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

8.‏ 1-‏پېترۇ‌س 5:‏6-‏ئايىتىدىكى سۆزلە‌ر كە‌متە‌رلىكىمىز يە‌ھۋانى خۇ‌شال قىلىدىغانلىقىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟‏

8 كە‌متە‌ر بولۇ‌شىمىزنىڭ ئە‌ڭ مۇ‌ھىم سە‌ۋە‌بى —‏ يە‌ھۋانى خۇ‌شال قىلىشنى خالايمىز.‏ ئە‌لچى پېترۇ‌س بۇ‌نى ئېنىق كۆرسە‌تكە‌ن ‏(‏1-‏پېترۇ‌س 5:‏6-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ «كېلىپ،‏ مېنىڭ شاگىرتىم بولغىن» (‏باشقا تىلدا)‏ دېگە‌ن كىتابتا پېترۇ‌سنىڭ بۇ سۆزلىرى ھە‌ققىدە مۇ‌ھاكىمە قىلىنغان.‏ ئۇ يە‌ردە:‏ «تە‌كە‌ببۇ‌رلۇ‌ق زە‌ھە‌رگە ئوخشاش.‏ ئاقىۋىتى ئىنتايىن ئېچىنىشلىق بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئادە‌م بە‌ك قابىلىيە‌تلىك بولسىمۇ،‏ لېكىن تە‌كە‌ببۇ‌ر بولسا،‏ خۇ‌دانىڭ ئالدىدا پايدىسىز بولىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ ئادە‌م كە‌متە‌ر بولسا،‏ ھە‌تتا قابىلىيىتى بولمىسىمۇ،‏ يە‌ھۋا ئۈچۈن پايدىلىق بولالايدۇ.‏ خۇ‌دا كە‌متە‌رلىكىڭىزنى چوقۇ‌م مۇ‌كاپاتلايدۇ»‏ c‏،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان.‏ ھە‌قىقە‌تە‌ن،‏ يە‌ھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇ‌رسە‌ن قىلشتىن ياخشىراق ئىش يوق!‏—‏پە‌ند.‏ نە 23:‏15‏.‏

9.‏ نېمە ئۈچۈن كە‌متە‌رلىك باشقىلارنى بىزگە جە‌لپ قىلىدۇ؟‏

9 كە‌متە‌رلىكنى يېتىلدۈرگە‌ندە،‏ بىز يە‌ھۋانى خۇ‌شال قىلىشتىن باشقا يە‌نە نۇ‌رغۇ‌ن بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشىمىز.‏ كە‌متە‌ر بولساق،‏ باشقىلار بىزگە يېقىن بولۇ‌شنى خالايدۇ.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ ھە‌ممىمىز كە‌متە‌ر ئادە‌م بولۇ‌شنى خالايمىز (‏مە‌تتا 7:‏12‏)‏.‏ ئۆز دېگىنىدە تۇ‌رۇ‌ۋالىدىغان ۋە باشقىلارنىڭ ئوي-‏پىكىرىنى رە‌ت قىلىدىغان تە‌رسا كىشى بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولۇ‌شنى ھېچكىم خالىمايدۇ.‏ ئە‌كسىچە،‏ قېرىنداشلارچە سۆيىدىغان،‏ مېھرىبان ۋە كە‌متە‌ر ئېتىقادداشلار بىلە‌ن بىللە بولۇ‌ش بىزگە خۇ‌شاللىق بېرىدۇ (‏1-‏پېتر.‏ 3:‏8‏)‏.‏ بىز كە‌متە‌ر كىشىلە‌رنى ياقتۇ‌رىمىز،‏ دە‌ل شۇ‌نداق كە‌متە‌رلىكنى كۆرسە‌تسە‌ك،‏ باشقىلارمۇ بىزگە يېقىنلىشىدىغان بولىدۇ.‏

10.‏ كە‌متە‌ر كىشىگە ھاياتتىكى قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بېرىش نېمە ئۈچۈن ئاسانراق؟‏

10 شۇ‌نداقلا كە‌متە‌رلىك ھاياتىمىزنى ئاسانراق قىلىدۇ.‏ بە‌زىدە بىز ئادالە‌تسىزلىككە دۇ‌چ كېلىمىز.‏ دانا پادىشاھ سۇ‌لايمان:‏ «مە‌ن چاكارلارنىڭ ئاتقا مىنىپ،‏ شاھزادىلە‌رنىڭ بولسا چاكارلاردە‌ك پىيادە ماڭغانلىقىنى كۆردۇ‌م»،‏—‏ دە‌پ يازغان (‏ۋە‌ز 10:‏7‏)‏.‏ ئادە‌م قابىلىيە‌تلىك بولسىمۇ،‏ ھە‌رقاچان مۇ‌كاپاتقا ئېرىشمە‌يدۇ ۋە گايىدا ئادە‌منىڭ ھېچقانداق قابىلىيىتى بولمىسىمۇ،‏ ئۇ ئابرويغا ئىگە بولىدۇ.‏ لېكىن،‏ سۇ‌لايمان پادىشاھ ھاياتىمىزدىكى يامانلىقلارنىڭ بىزنى چىرمىۋېلىشىغا يول بېرىشكە قارىغاندا،‏ كۆز ئالدىمىزدىكى رىئاللىقا يۈزلىنىشنىڭ دانالىق بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان (‏ۋە‌ز 6:‏9‏)‏.‏ كە‌متە‌ر بولساق،‏ ھاياتىمىزدا ھە‌تتا بىز ياقتۇ‌رمايدىغان بىر ئىشقا دۇ‌چ كە‌لسە‌ك،‏ ئۇ‌نى قوبۇ‌ل قىلىش نە‌قە‌دە‌ر ئاسان بولىدۇ.‏

كە‌متە‌رلىكىمىز قانداق ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە سىنىلىشى مۇ‌مكىن؟‏

شۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تتە كە‌متە‌ر بولۇ‌پ قېلىش نېمە ئۈچۈن قىيىن؟‏ (‏11،‏ 12-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ e

11.‏ بىزگە مە‌سلىھە‌ت بېرىلگە‌ندە،‏ قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

11 بىز ھە‌ر كۈنى كە‌متە‌ر ئىكە‌نلىكىمىزنى كۆرسىتە‌لە‌يمىز.‏ بىرنە‌چچە ۋە‌زىيە‌تلە‌رنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ بىزگە مە‌سلىھە‌ت بېرىلگە‌ندە.‏ بىرسى بىزگە نە‌سىھە‌ت بە‌رسە،‏ ئۆتكۈزگە‌ن خاتالىقىمىز بە‌لكىم بىز ئويلىغاندىن ئېغىرراق بولۇ‌شى مۇ‌مكىنلىكىنى ئە‌ستىن چىقارماسلىقىمىز كېرە‌ك.‏ بىرسى بىزنى تۈزە‌تكە‌ندە،‏ نە‌سىھە‌تنى دە‌رھاللا رە‌ت قىلىشىمىز،‏ ھە‌تتا مە‌سلىھە‌ت بە‌رگە‌ن كىشىنىڭ ئۆزىنى ياكى نە‌سىھە‌ت بە‌رگە‌ن ئۇ‌سۇ‌لىنى ياقتۇ‌رماي،‏ تە‌نقىد قىلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما،‏ كە‌متە‌ر بولساق،‏ نە‌سىھە‌تكە توغرا كۆز قاراشتا بولۇ‌شقا تىرىشىمىز.‏

12.‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 27:‏5،‏ 6-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ مە‌سلىھە‌ت بە‌رگە‌ن كىشىگە نېمە ئۈچۈن مىننە‌تدار بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

12 كە‌متە‌ر كىشى مە‌سلىھە‌ت ئۈچۈن مىننە‌تدار.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ جامائە‌ت يىغىلىشىغا كە‌لدىڭىز دە‌يلى.‏ سىز بىرنە‌چچە قېرىنداش بىلە‌ن سۆزلىشىپ بولغاندىن كېيىن،‏ ئۇ‌لارنىڭ بىرى سىزنى چە‌تكە تارتىپ:‏ «چىشىڭىزغا بىرنە‌رسە چاپلىشىپ قاپتۇ»،‏—‏ دە‌پ ئاستا ئېيتىپ قويدى.‏ سىز خىجالە‌ت بولۇ‌شىڭىز مۇ‌مكىن،‏ بىراق،‏ شۇ قېرىنداشقا مىننە‌تدار بولمامسىز؟‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ «بۇ‌نى ماڭا بىرسى بالدۇ‌رراق ئېيتىپ قويغان بولسا،‏ خويمۇ ياخشى بولاتتى»،‏ دە‌پ ئويلايسىز.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ بىرسى بىزگە كېلىپ،‏ نە‌سىھە‌ت بە‌رسە،‏ كە‌متە‌رلىكنى كۆرسىتىشىمىز ۋە شۇ كىشىگە مىننە‌تدار بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ بىز مە‌سلىھە‌ت بە‌رگە‌ن كىشىنى دۈشمىنىمىز ئە‌مە‌س،‏ دوستىمىز،‏ دە‌پ بىلىشىمىز لازىم‏.‏—‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 27:‏5،‏ 6-‏نى ئوقۇ‌ڭ؛‏ گالاتىيا.‏ 4:‏16‏.‏

باشقىلار ۋە‌زىپىلە‌رگە ئېرىشكە‌ندە،‏ نېمە ئۈچۈن كە‌متە‌ر بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏ (‏13،‏ 14-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ f

13.‏ باشقىلار شە‌رە‌پلىك ۋە‌زىپىلە‌رگە ئېرىشكە‌ندە،‏ كە‌متە‌رلىكنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

13 باشقىلار شە‌رە‌پلىك ۋە‌زىپىلە‌رگە ئېرىشكە‌ندە.‏ جېيسون دېگە‌ن ئاقساقال:‏ «باشقا بىرسىگە شە‌رە‌پلىك ۋە‌زىپە تاپشۇ‌رۇ‌لغانلىقىنى كۆرگە‌ندە،‏ «نېمە ئۈچۈن ماڭا تاپشۇ‌رمىدى»،‏ دە‌پ ئويلايمە‌ن»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ سىزمۇ شۇ‌نداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولغانمۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ يە‌ھۋا ئۈچۈن كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلىشقا ئىنتىلىشنىڭ ھېچ يامىنى يوق (‏1-‏تىموت.‏ 3:‏1‏)‏.‏ لېكىن،‏ بىز نېمە توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلايدىغانلىقىمىزغا بە‌ك دىققە‌تلىك بولۇ‌شىمىز مۇ‌ھىم.‏ پە‌خە‌س بولمىساق،‏ يۈرىكىمىزدە تە‌كە‌ببۇ‌رلۇ‌ق يىلتىز تارتىشى مۇ‌مكىن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بۇ‌رادە‌ر جامائە‌تتىكى بىرە‌ر ۋە‌زىپىنى ئۇ‌نىڭدىن ياخشىراق قىلالايدىغان ئادە‌م يوق،‏ دە‌پ ئويلايدىغاندۇ.‏ ئايال قېرىنداش بولسا،‏ «ئېرىم بۇ ئىشنى پالانچى-‏پوكۇ‌نچىدىن ياخشىراق قىلالايتتى» دە‌پ ئويلىشى مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ ھە‌قىقىي كە‌متە‌ر بولساق،‏ شۇ‌نداق ئويلاردىن نېرى تۇ‌رىمىز.‏

14.‏ باشقىلار ۋە‌زىپىلە‌رگە ئېرىشكە‌ندە مۇ‌سا نېمە قىلغان ۋە ئۇ‌نىڭدىن قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟‏

14 بۇ جە‌ھە‌تتىن مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر ياخشى ئۈلگە قالدۇ‌رغان.‏ ئۇ ئىسرائىل خە‌لقىنى يېتە‌كلە‌ش ۋە‌زىپىسىنى بە‌ك قە‌دىرلىگە‌ن.‏ ئە‌مما،‏ يە‌ھۋا مۇ‌سا قىلىۋاتقان خىزمە‌تنىڭ بىر قىسىمىنى باشقىلارغا تاپشۇ‌رغاندا،‏ مۇ‌سا قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رغان؟‏ ئۇ ئىچ تارلىق قىلمىغان (‏سانلار 11:‏24—‏29‏)‏.‏ مۇ‌سا كە‌متە‌رلىكنى كۆرسىتىپ،‏ يۈكنى باشقىلارنىڭ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىللە كۆتۈرۈشىگە يول قويغان (‏چىق.‏ 18:‏13—‏24‏)‏.‏ چۈنكى،‏ خە‌لققە ياردە‌م بېرىدىغان كىشىلە‌رنىڭ سانى كۆپىيىپ،‏ ئىسرائىللار مە‌سىلىسىنى ھە‌ل قىلىش ئۈچۈن بۇ‌رۇ‌نقىدە‌ك ئۇ‌زاق ۋاقىت كۈتۈشكە مە‌جبۇ‌ر بولمىغان.‏ مۇ‌سا ئۈچۈن يۇ‌رت ئىچىدە نام-‏ئابرويغا ئىگە بولۇ‌شتىن خە‌لقنىڭ ئە‌ھۋالى مۇ‌ھىمراق بولغان.‏ ئۇ بىز ئۈچۈن ئاجايىپ ئۈلگە!‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۈچۈن پايدىلىق بولۇ‌شنى خالىساق،‏ قابىلىيە‌تلىك بولۇ‌شىمىزدىن كۆرە كە‌متە‌ر بولۇ‌شىمىز مۇ‌ھىمراق ئىكە‌نلىكىنى ئۇ‌نتۇ‌مايلى.‏ «يە‌ھۋا ئېگىزدە بولسىمۇ،‏ ئۇ كە‌متە‌ر كىشىگە نە‌زە‌ر سالار».‏—‏زە‌بۇ‌ر 137:‏6‏.‏

15.‏ نۇ‌رغۇ‌ن قېرىنداشلارنىڭ ۋە‌زىيىتى قانداق ئۆزگە‌رگە‌ن؟‏

15 ۋە‌زىيىتىمىز ئۆزگە‌رگە‌ندە.‏ يېقىنقى يىللاردا يە‌ھۋاغا ئۇ‌زۇ‌ن ۋاقىت خىزمە‌ت قىلىپ كە‌لگە‌ن نۇ‌رغۇ‌ن قېرىنداشلارنىڭ خىزمىتى ئۆزگە‌رگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ 2014-‏يىلى تە‌شكىلاتتا ئۆزگىرىشلە‌ر يۈز بېرىپ،‏ دائىرە،‏ رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقاللار ۋە ئۇ‌لارنىڭ ئاياللىرى تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌تنىڭ باشقا بىر تۈرىنى قىلىشقا باشلىغان.‏ شۇ يىلدىن تارتىپ رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقاللار 70 ياشقا كىرگە‌ندە ۋە‌زىپىسىنى توختىتىدىغان بولدى.‏ 80 ياشقا كىرگە‌ن ئاقساقاللار بولسا،‏ ئە‌مدى جامائە‌تتە ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ رىياسە‌تچىسى سۈپىتىدە خىزمە‌ت قىلمايدۇ.‏ ئاخىرقى بىرنە‌چچە يىللار ئىچىدە نۇ‌رغۇ‌ن بە‌يتە‌للىكلە‌ر پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىشقا ئە‌ۋە‌تىلگە‌ن.‏ تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌ت قىلغان بە‌زى قېرىنداشلار سالامە‌تلىكى ناچارلاشقانلىقتىن،‏ ئائىلىسىگە ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن ياكى باشقا ئىشلار سە‌ۋە‌بلىك خىزمىتىنى توختاتتى.‏

16.‏ ۋە‌زىيىتى ئۆزگە‌رگە‌ن قېرىنداشلار كە‌متە‌رلىكىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

16 شۇ ئۆزگۈرۈشلە‌رگە كۆنۈش قېرىنداشلار ئۈچۈن ئاسان بولمىغان.‏ نۇ‌رغۇ‌ن يىللار قىلغان خىزمىتىنى بە‌ك ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقى سۆزسىز.‏ قېرىنداشلارنىڭ ۋە‌زىپىسى ئۆزگىرىپ كە‌تكە‌ندە،‏ بە‌زىلىرى خۇ‌ددى يېقىنىدىن ئايرىلغاندە‌ك قايغۇ‌رغان.‏ لېكىن،‏ ۋاقىت ئۆتۈپ،‏ ئۇ‌لار يېڭى ۋە‌زىيىتىگە ئۆگىنىپ كە‌تتى.‏ ئۇ‌لارغا نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ ئە‌ڭ ئاۋۋال،‏ يە‌ھۋاغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى.‏ ئۇ‌لار ئۆزلىرىنى قانداقتۇ بىر ئىش ياكى ۋە‌زىپىگە ئە‌مە‌س،‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا بېغىشلىغانلىقىنى ئە‌ستىن چىقارمايدۇ (‏كولوسى.‏ 3:‏23‏)‏.‏ شۇ قېرىنداشلار يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۈچۈن ھە‌رقانداق خىزمە‌تنى خۇ‌شاللىق بىلە‌ن قىلىدۇ.‏ ئۇ‌لار «بارچە غە‌م-‏ئە‌ندىشە‌ڭلارنى ئۇ‌نىڭغا تاشلاڭلار،‏ چۈنكى ئۇ سىلە‌ردىن خە‌ۋە‌ر ئالىدۇ» دېگە‌ن سۆزلە‌رگە ئە‌مە‌ل قىلىدۇ.‏—‏1-‏پېتر.‏ 5:‏6،‏ 7‏.‏

17.‏ خۇ‌دا سۆزى بىزنى كە‌متە‌ر بولۇ‌شقا ئۈندە‌يدىغانلىقىغا بىز نېمە ئۈچۈن مىننە‌تدار؟‏

17 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ بىزنى كە‌متە‌ر بولۇ‌شقا ئۈندە‌يدىغانلىقىغا بىز بە‌ك مىننە‌تدار،‏ شۇ‌نداق ئە‌مە‌سمۇ؟‏ بىز بۇ ئېسىل پە‌زىلە‌تنى يېتىلدۈرگە‌ندە،‏ ئۆزىمىزگىمۇ،‏ باشقىلارغىمۇ پايدا ئېلىپ كېلىمىز.‏ ھاياتىمىزدىكى قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بېرىش ئاسانراق بولىدۇ.‏ ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى،‏ بىز ئە‌رشتىكى ئاتىمىزغا يېقىنلىشىمىز.‏ ئۇ «ئە‌ڭ ئالىي ۋە ئۇ‌لۇ‌غ» بولسىمۇ،‏ كە‌متە‌ر خىزمە‌تچىلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئۇ‌لارنى قە‌دىرلە‌يدۇ.‏—‏يە‌شايا 57:‏15‏.‏

22-‏ناخشا يە‌ھۋا مېنىڭ پادىچىمدۇ‌ر

a كە‌متە‌ر بولۇ‌شىمىز بە‌ك مۇ‌ھىم.‏ كە‌متە‌رلىك دېگە‌ن نېمە؟‏ نېمە ئۈچۈن كە‌متە‌ر بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏ ۋە‌زىيىتىمىز ئۆزگە‌رگە‌ندە،‏ كە‌متە‌رلىكىمىز قانداق سىنىلىشى مۇ‌مكىن؟‏ ھازىر مۇ‌شۇ سوئاللارغا جاۋاب تاپىمىز.‏

b ‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى» (‏ئىنگل.‏)‏ 1984-‏يىل،‏ 1-‏ئۆكتە‌بىر سانىدىكى «‏يە‌ھۋا خۇ‌دا مېنى مۇ‌كاپاتلىدى‏» ناملىق ماقالىگە قاراڭ.‏

d سۈرە‌تتە:‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س بىر بۇ‌رادە‌رنىڭ ئۆيىدە كە‌متە‌رلىكنى كۆرسىتىپ،‏ قېرىنداشلار،‏ ھە‌تتا كىچىك بالىلار بىلە‌ن ئارىلىشىۋاتىدۇ.‏

e سۈرە‌تتە:‏ بۇ‌رادە‌ر ياش بۇ‌رادە‌رنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان نە‌سىھىتىنى قوبۇ‌ل قىلىۋاتىدۇ.‏

f سۈرە‌تتە:‏ ياشانغان بۇ‌رادە‌ر جامائە‌تتە ۋە‌زىپىگە ئېرىشكە‌ن ياش بۇ‌رادە‌رگە كۆرە‌لمە‌سلىك قىلمايۋاتىدۇ.‏