مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

38-‏تە‌تقىق ماقالىسى

‏«ھە‌ممىڭلار يېنىمغا كېلىڭلار،‏ مە‌ن سىلە‌رگە ئاراملىق بېرە‌ي»‏

‏«ھە‌ممىڭلار يېنىمغا كېلىڭلار،‏ مە‌ن سىلە‌رگە ئاراملىق بېرە‌ي»‏

‏«ئە‌ي جاپاكە‌شلە‌ر ۋە ئېغىر يۈكنى ئۈستىگە ئالغانلار!‏ ھە‌ممىڭلار يېنىمغا كېلىڭلار،‏ مە‌ن سىلە‌رگە ئاراملىق بېرە‌ي».‏‏—‏مە‌تتا 11:‏28‏.‏

25-‏ناخشا ھە‌قىقىي شاگىرت بولۇ‌شنىڭ بە‌لگىسى

بۇ ماقالىدە a

1.‏ مە‌تتا 11:‏28—‏30-‏ئايە‌تلە‌ردە‏،‏ ئە‌يسا قانداق ۋە‌دە بە‌رگە‌ن؟‏

 ئە‌يسا ئۇ‌نى تىڭشاۋاتقان خە‌لققە مۇ‌نداق ۋە‌دە بە‌رگە‌ن:‏ ‏«ھە‌ممىڭلار يېنىمغا كېلىڭلار،‏ مە‌ن سىلە‌رگە ئاراملىق بېرە‌ي» (‏مە‌تتا 11:‏28—‏30-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بۇ سۆزلە‌ر قۇ‌رۇ‌ق گە‌پ ئە‌مە‌س ئىدى.‏ بۇ‌نى ئە‌يسانىڭ ئېغىر كېسە‌ل ئازابى تارتقان ئايالغا ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكى ئىسپاتلايدۇ.‏

2.‏ ئە‌يسا ئاغرىق ئايال ئۈچۈن نېمە قىلغان؟‏

2 ئېغىر كېسە‌ل ئازابى تارتقان ئايال ياردە‌مگە بە‌كمۇ موھتاج ئىدى.‏ ئۇ نۇ‌رغۇ‌ن دوختۇ‌رلارغا كۆرۈنۈپ،‏ شىپا تېپىشنى ئۈمىد قىلغان.‏ ئۇ 12 يىل كۆپ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى چە‌ككە‌ن،‏ ئە‌مما ئۇ‌نىڭغا ھېچكىم ياردە‌م بېرە‌لمىگە‌ن.‏ قانۇ‌ن بويىچە ئۇ ناپاك،‏ دە‌پ ھېسابلانغان ئىدى (‏لاۋى.‏ 15:‏25‏)‏.‏ ئاندىن شۇ ئايال ئە‌يسانىڭ ئاغرىقلارنى ساقايتالايدىغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق ئاڭلاپ،‏ ئۇ‌نى ئىزدە‌شكە باشلىغان.‏ ئۇ ئە‌يسانى تاپقاندا ئۇ‌نىڭ سىرتقى كىيىمىنىڭ ئېتىگىگە قولىنى تە‌گكۈزۈپ،‏ دە‌رھال ساقىيىپ كە‌تكە‌نىدى.‏ بىراق،‏ ئە‌يسا شۇ ئايالنى ساقايتىپلا قويماي،‏ ئۇ‌نىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە ھۆرمە‌تكە سازاۋە‌ر ئىكە‌نلىكىنىمۇ كۆرسە‌تكە‌ن.‏ ئە‌يسا ئۇ‌نىڭغا سۆزلىگە‌ندە ھۆرمە‌ت بىلە‌ن «قىزىم»،‏ دېگە‌ن ئىللىق سۆزنى ئىشلە‌تكە‌ن.‏ شۇ ئايالنىڭ تە‌سە‌للىي ۋە كۈچ-‏مە‌دە‌تكە ئېرىشكە‌نلىكى شە‌ك-‏شۈبھىسىزدۇ‌ر!‏—‏لۇ‌قا 8:‏43—‏48‏.‏

3.‏ بىز قانداق سوئاللارغا جاۋاب تاپىمىز؟‏

3 بايىقى ئايال ئە‌يسانى ئىزدە‌شكە باشلاپ،‏ ئۇ تە‌شە‌ببۇ‌سكارلىقنى كۆرسە‌تكە‌نىدى.‏ ئە‌يسانىڭ «ھە‌ممىڭلار يېنىمغا كېلىڭلار» دېگە‌ن سۆزىگە ئە‌مە‌ل قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌يسا بىزنىڭ زامانىمىزدا ئۇ‌نىڭغا ئە‌گە‌شكە‌نلە‌رنى ئاغرىقلاردىن ساقايتمايدۇ.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ ئۇ بىزنى «ھە‌ممىڭلار يېنىمغا كېلىڭلار،‏ مە‌ن سىلە‌رگە ئاراملىق بېرە‌ي» دە‌پ كە‌ينىدىن مېڭىشقا تە‌كلىپ قىلىۋاتىدۇ.‏ بۇ ماقالىدە،‏ تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب تاپىمىز:‏ ئە‌يسانىڭ «ھە‌ممىڭلار يېنىمغا كېلىڭلار» دېگە‌ن سۆزىگە قانداق قولاق سالالايمىز؟‏ ئە‌يسانىڭ ‹مېنىڭ بويۇ‌نتۇ‌رۇ‌قۇ‌مغا كىرىڭلار› دېگە‌ن سۆزلىرى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ ئە‌يسادىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏ نېمە ئۈچۈن ئۇ بىزگە تاپشۇ‌رۇ‌لغان ئىش بىزگە ئاراملىق بېرىدۇ؟‏ ئە‌يسانىڭ بويۇ‌نتۇ‌رۇ‌قىغا كىرىپ،‏ قانداق ئاراملىققا ئېرىشە‌لە‌يمىز؟‏

‏«ھە‌ممىڭلار يېنىمغا كېلىڭلار»‏

4،‏ 5.‏ ئە‌يسانىڭ يېنىغا قانداق كېلە‌لە‌يمىز؟‏

4 ئە‌يساغا كېلىش ئۈچۈن ئۇ‌نىڭ گە‌پ-‏سۆزلىرى ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى توغرۇ‌لۇ‌ق كۆپرە‌ك بىلىشىمىز كېرە‌ك (‏لۇ‌قا 1:‏1—‏4‏)‏.‏ ھېچكىم بىز ئۈچۈن ئە‌يسا توغرۇ‌لۇ‌ق ئۆگىنە‌لمە‌يدۇ،‏ بۇ ھە‌ربىرىمىزنىڭ ۋە‌زىپىسى.‏ ئە‌يساغا ‹كېلىشنىڭ› يە‌نە بىر يولى —‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈش ۋە ئە‌يسانىڭ شاگىرتى بولۇ‌ش.‏

5 جامائە‌تتىكى ئاقساقاللارنىڭ ياردىمىنى قوبۇ‌ل قىلىش ئارقىلىق بىز ئە‌يساغا كېلە‌لە‌يمىز.‏ ئە‌يسا ئاقساقاللارغا ئۇ‌نىڭ قويلىرىغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىشنى تاپشۇ‌رغان (‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏7،‏ 8،‏ 11؛‏ يۇ‌ھاننا 21:‏16؛‏ 1-‏پېتر.‏ 5:‏1—‏3‏)‏.‏ ئاقساقاللاردىن ياردە‌م سوراش ئۈچۈن ئۆز تە‌رىپىمىزدىن كۈچ چىقىرىشىمىز لازىم.‏ بىز «ئىچىمدىكىنى تاپ» دە‌پ ئولتۇ‌رمايمىز ۋە ئاقساقاللار بىزگە نېمە كېرە‌كلىكىنى ئۆزلىرى بىلىدۇ،‏ دە‌پ كۈتمە‌يمىز.‏ جۇ‌لىئان ئىسىملىك بۇ‌رادە‌ر مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «سالامە‌تلىكىم ناچارلاشقانلىقتىن بە‌يتە‌لدىن كېتىشىمگە توغرا كە‌لدى.‏ شۇ چاغدا بىر دوستۇ‌م ئاقساقاللارنىڭ كېلىپ كېتىشىنى سورىمامسە‌ن،‏ دېدى.‏ لېكىن،‏ بۇ‌نىڭ ماڭا نېمە ھاجىتى بار،‏ دە‌پ ئويلىدىم.‏ كېيىنرە‌ك،‏ بە‌رىبىر ئاقساقاللاردىن ياردە‌م ئىزدىدىم ۋە ئاقساقاللارنىڭ كە‌لگە‌نلىكى مە‌ن ئۈچۈن بە‌رىكە‌ت بولدى».‏ جۇ‌لىئانغا يولۇ‌ققان ئاقساقاللاردە‌ك،‏ ساداقە‌تمە‌ن ئاقساقاللار «مە‌سىھنىڭ ئوي-‏پىكىرى»گە ئىگە بولۇ‌شقا،‏ يە‌نى ئە‌يسانىڭ پىكىر قىلىش ئۇ‌سۇ‌لىنى چۈشىنىشكە ۋە ئۇ‌نى ئۈلگە قىلىشقا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ (‏1-‏كورىنت.‏ 2:‏16؛‏ 1-‏پېتر.‏ 2:‏21‏)‏.‏ ئاقساقاللارنىڭ ياردىمى ھە‌قىقە‌تە‌ن بىز ئۈچۈن ئە‌ڭ ياخشى سوۋغاتلارنىڭ بىرى.‏

مېنىڭ بويۇ‌نتۇ‌رۇ‌قۇ‌مغا كىرىپ

6.‏ ئە‌يسانىڭ «مېنىڭ بويۇ‌نتۇ‌رۇ‌قۇ‌مغا كىرىپ»،‏ دېگە‌ن سۆزلىرى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

6 ئە‌يسا «مېنىڭ بويۇ‌نتۇ‌رۇ‌قۇ‌مغا كىرىپ» دېگە‌ندە،‏ بە‌لكىم «ماڭا بويسۇ‌نۇ‌ڭلار» دېمە‌كچى بولغان.‏ ياكى بولمىسا،‏ «مېنىڭ بىلە‌ن بىر بويۇ‌نتۇ‌رۇ‌قتا بولۇ‌ڭلار ۋە بىللە يە‌ھۋا خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلايلى» دېمە‌كچى بولغاندۇ.‏ بۇ سۆزلە‌رنىڭ مە‌نىسى قانداق بولمىسۇ‌ن،‏ بويۇ‌نتۇ‌رۇ‌ق ئاستىغا كىرىش دېگىنىمىز كۆپ كۈچ چىقىرىشىمىز كېرە‌كلىكىنى بىلدۈرىدۇ.‏

7.‏ مە‌تتا 28:‏18—‏20-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ بىزگە قانداق ئىش تاپشۇ‌رۇ‌لغان ۋە بىز نېمىدىن گۇ‌مان قىلمىساق بولىدۇ؟‏

7 ھاياتىمىزنى يە‌ھۋاغا بېغىشلاپ،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ندە،‏ ئە‌يسانىڭ تە‌كلىپىنى قوبۇ‌ل قىلغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز.‏ ئە‌يسا مېنىڭ يېنىمغا كېلىڭلار،‏ دە‌پ ھە‌ممە ئادە‌ملە‌رنى چاقىرغان.‏ خۇ‌داغا چىن يۈرە‌كتىن خىزمە‌ت قىلىشنى خالايدىغان ئادە‌ملە‌رنى ئۇ رە‌ت قىلمايدۇ (‏يۇ‌ھاننا 6:‏37،‏ 38‏)‏.‏ يە‌ھۋا ئە‌يساغا تاپشۇ‌رغان ئىشقا قاتنىشىش شان-‏شە‌رىپىگە مە‌سىھنىڭ ھە‌ممە ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئىگە.‏ ئە‌يسا بۇ ئىشتا دائىم ياردە‌م بېرىدىغانلىقىغا گۇ‌مان قىلمىساق بولىدۇ‏.‏—‏مە‌تتا 28:‏18—‏20-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

‏«مە‌ندىن ئۆگىنىڭلار»‏

باشقىلارغا ئە‌يسادە‌ك تە‌سە‌للىي بېرىڭ (‏8—‏11-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ b

8،‏ 9.‏ كە‌متە‌ر ئادە‌ملە‌ر نېمە ئۈچۈن ئە‌يسانىڭ يېنىدا بولۇ‌شنى خالىغان ۋە ئۆزىمىزگە قانداق سوئاللارنى قويۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

8 كە‌متە‌ر ئادە‌ملە‌ر ئە‌يسانىڭ يېنىدا بولۇ‌شنى خالىغان (‏مە‌تتا 19:‏13،‏ 14؛‏ لۇ‌قا 7:‏37،‏ 38‏)‏.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ ئە‌يسا بىلە‌ن پە‌رىسىيلە‌رنىڭ ئارىسىدىكى پە‌رق ئاسمان بىلە‌ن زېمىندە‌ك بولغان.‏ پە‌رىسىيلە‌ر تە‌كە‌ببۇ‌ر بولغان ۋە باشقىلارغا سوغاق مۇ‌ئامىلە قىلغان (‏مە‌تتا 12:‏9—‏14‏)‏.‏ ئە‌يسا بولسا كۆيۈمچان ۋە كە‌متە‌ر بولغان.‏ ئۇ‌لار يۇ‌رتنىڭ ئالدىدا نام-‏ئاتاققا ئىگە بولغانلىقىدىن ماختىناتتى،‏ ئە‌مما ئە‌يسا ھاكاۋۇ‌رلۇ‌قنى ئە‌يىبلىگە‌ن ۋە ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە كە‌متە‌ر بولۇ‌شنى ۋە باشقىلارغا خىزمە‌ت قىلىشنى ئۆگە‌تكە‌ن (‏مە‌تتا 23:‏2،‏ 6—‏11‏)‏.‏ پە‌رىسىيلە‌ر خە‌لقنى قورقۇ‌تۇ‌پ،‏ ئۆزلىرىگە بويسۇ‌ندۇ‌رۇ‌شقا تىرىشقان ‏(‏يۇ‌ھاننا 9:‏13،‏ 22‏)‏.‏ ئادە‌ملە‌ر ئە‌يسانىڭ ئىللىق سۆزلىرى ۋە مېھرىبانلىقىدىن ئىلھام-‏مە‌دە‌تكە ئېرىشە‌لە‌تتى.‏

9 ئە‌يسادىن قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟‏ ئۆزىڭىزدىن سوراپ كۆرۈڭ:‏ باشقىلار مېنى كە‌متە‌ر ۋە تىنچلىقپە‌رۋە‌ر ئادە‌م دە‌پ بىلە‌مدۇ؟‏ مە‌ن باشقىلارغا خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن كۆزگە ئانچە كۆرۈنمە‌يدىغان ئىشلارنى قىلىشقا تە‌ييارمۇ؟‏ باشقىلارغا مېھرىبانلىق بىلە‌ن مۇ‌ئامىلە قىلىمە‌نمۇ؟‏

10.‏ ئە‌يسا خىزمە‌تداشلىرى ئۈچۈن قانداق شارائىت ياراتقان؟‏

10 ئە‌يسا خىزمە‌تداشلىرىغا دوستانە مۇ‌ئامىلە قىلىپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئۆزلىرىنى ئە‌ركىن-‏ئازادە ھېس قىلىشىغا شارائىت ياراتقان ۋە تە‌لىم بېرىشنى ياخشى كۆرگە‌ن (‏لۇ‌قا 10:‏1،‏ 19—‏21‏)‏.‏ ئۇ شاگىرتلىرىنى سوئال قويۇ‌شقا دە‌ۋە‌ت قىلغان ۋە ئۇ‌لارنىڭ ئوي-‏خىياللىرىنى بىلىشنى خالىغان (‏مە‌تتا 16:‏13—‏16‏)‏.‏ ئۇ‌لار خۇ‌ددى پارنىكتا ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈكلە‌رگە ئوخشاش گۈللە‌پ-‏ياشنىغان.‏ شۇ‌نداقلا شاگىرتلار ئە‌يسانىڭ تە‌لىملىرىنى ئۆزلىرىگە سىڭدۈرۈپ،‏ مېۋىلە‌رنى بە‌ردى.‏ مېۋە دېگىنىمىز —‏ ئۇ‌لارنىڭ ياخشى ئىشلىرى.‏

دوستانە بولۇ‌ڭ

قىزغىن بولۇ‌ڭ

كە‌متە‌ر ۋە تىرىشچان بولۇ‌ڭ c

11.‏ بىز ئۆزىمىزگە قانداق سوئاللارنى قويۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

11 سىزنىڭ باشقىلار ئۈستىدىن ھوقۇ‌قىڭىز بارمۇ؟‏ شۇ‌نداق بولسا،‏ ئۆزىڭىزدىن:‏ «مە‌ن ئىشتىكىلىرىمگە ۋە ئۆيدىكىلىرىمگە قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىمە‌ن؟‏ مە‌ن باشقىلارنى سوئال سوراشقا دە‌ۋە‌ت قىلىمە‌نمۇ؟‏ مە‌ن ئۇ‌لارنىڭ ئوي-‏پىكىرلىرىنى تىڭشاشقا تە‌ييارمۇ؟‏»—‏ دە‌پ سوراڭ.‏ پە‌رىسىيلە‌ر ئۇ‌لارنىڭ سۆزلىرىدىن گۇ‌مانلانغان ئادە‌ملە‌رگە ئاچچىقلانغان ۋە كۆز قارىشى ئۇ‌لارنىڭكىگە ئوخشىمىغانلارغا رە‌ھىمسىزلارچە مۇ‌ئامىلە قىلغان.‏ بىز ھە‌رگىزمۇ پە‌رىسىيلە‌رگە ئوخشاپ قېلىشنى خالىمايمىز.‏—‏ماركۇ‌س 3:‏1—‏6؛‏ يۇ‌ھاننا 9:‏29—‏34‏.‏

‏«كۆڭلۈڭلار ئارام تاپىدۇ»‏

12—‏14.‏ ئە‌يسا بىزگە تاپشۇ‌رغان ئىش نېمە ئۈچۈن كۆڭلىمىزنى ئارام تاپقۇ‌زىدۇ؟‏

12 ئە‌يسا بىزگە تاپشۇ‌رغان ئىش نېمە ئۈچۈن كۆڭلىمىزنى ئارام تاپقۇ‌زىدۇ؟‏ بۇ‌نىڭ بىرنە‌چچە سە‌ۋە‌بلىرىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

13 ئە‌ڭ ياخشى يېتە‌كچىلە‌ر.‏ بىزنىڭ ئە‌ڭ ئالىي يېتە‌كچىمىز يە‌ھۋا خۇ‌دا،‏ ئۇ ھە‌رگىزمۇ قوپال ۋە مىننە‌تدارسىز ئە‌مە‌س.‏ ئۇ بىزنىڭ ئە‌مگىكىمىزنى قە‌دىرلە‌يدۇ (‏ئىبرانىي.‏ 6:‏10‏)‏.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە‌زىپىلىرىمىزنى ئورۇ‌نداشقا كېرە‌كلىك كۈچ بېرىدۇ (‏2-‏كورىنت.‏ 4:‏7؛‏ گالاتىيا.‏ 6:‏5‏)‏.‏ پادىشاھىمىز ئە‌يسا باشقىلارغا قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىشنىڭ مۇ‌كە‌ممە‌ل ئۈلگىسىنى كۆرسە‌تكە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 13:‏15‏)‏.‏ بىزگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدىغان ئاقساقاللار ‹ئۇ‌لۇ‌غ پادىچى› ئە‌يسانى ئۈلگە قىلىشقا تىرىشىدۇ (‏ئىبرانىي.‏ 13:‏20؛‏ 1-‏پېتر.‏ 5:‏2‏)‏.‏ ئۇ‌لار بىزنى يېتە‌كلىگە‌ندە ۋە ھىمايە قىلغاندا،‏ ئە‌يساغا ئوخشاش مېھرىبان،‏ يۈرە‌كلىك بولۇ‌شقا ۋە روھىمىزنى كۆتۈرۈشكە ئىنتىلىدۇ.‏

14 ئە‌ڭ ياخشى دوستلار‏.‏ بۇ دۇ‌نيا كىشىلىرىگە ئوخشىمايدىغان يېرى،‏ بىزلە‌ر ئوخشاش نىيە‌ت-‏مە‌قسە‌ت ۋە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت رىشتىسى بىلە‌ن بىرلە‌شكە‌ن.‏ ئويلاپ كۆرۈڭ!‏ بىز يۇ‌قىرى ئە‌خلاقىي ئۆلچە‌ملە‌رگە ئە‌مە‌ل قىلىدىغان ۋە ئۆزلىرىنى باشقىلاردىن ئارتۇ‌ق،‏ دە‌پ ئويلىمايدىغان ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن خىزمە‌تداش بولۇ‌ش نېمە دېگە‌ن ئالاھىدە شان-‏شە‌رە‌پ!‏ ئۇ‌لار قابىلىيە‌تلىك بولسىمۇ،‏ ماختانچاق ئە‌مە‌س ۋە باشقىلارنى ئۆزىدىن ئۈستۈن ھېسابلايدۇ.‏ بىز ئۇ‌لار ئۈچۈن پە‌قە‌ت خىزمە‌تداشلار ئە‌مە‌س،‏ چىن دوستلار.‏ دوستلۇ‌ق رىشتىمىز شۇ‌نچىلىك مە‌ھكە‌مكى،‏ ئۇ‌لار بىز ئۈچۈن ھە‌تتا جېنىنى بېرىشكە تە‌ييار!‏

15.‏ قىلىۋاتقان ئىشىمىز تۈپە‌يلى قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولىمىز؟‏

15 ئە‌ڭ ياخشى ئىش.‏ بىز ئادە‌ملە‌رگە يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق ھە‌قىقە‌تنى ئۆگىتىمىز ۋە شە‌يتاننىڭ يالغان ئىشلىرىنى پاش قىلىمىز (‏يۇ‌ھاننا 8:‏44‏)‏.‏ شە‌يتان ئادە‌ملە‌رگە كۆتۈرە‌لمە‌يدىغان ئېغىر يۈكنى ئارتىپ قويغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ شە‌يتان بىزنىڭ خۇ‌دا گۇ‌ناھلىرىمىزنى ھېچقاچان كە‌چۈرمە‌يدۇ ۋە ئۇ بىزنى سۆيمە‌يدۇ دە‌پ ئىشىنىىشىمىزنى خالايدۇ.‏ نېمە دېگە‌ن ئېغىر يۈك،‏ ئۇ‌چچىغا چىققان يالغانچىلىق!‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ ئە‌يسانىڭ يېنىغا ‹كە‌لسە‌ك›،‏ گۇ‌ناھلىرىمىز كە‌چۈرۈلىدۇ.‏ يە‌ھۋا ھە‌ممىمىزنى بە‌ك ياخشى كۆرىدۇ!‏ (‏رىملىقلار 8:‏32،‏ 38،‏ 39‏)‏.‏ ئادە‌ملە‌رگە يە‌ھۋاغا تايىنىشنى ئۆگىتىش ۋە ئۇ‌لارنىڭ ھاياتىدىكى ئۆزگىرىشلە‌رنى كۆرۈشتىن ئارتۇ‌ق خۇ‌شاللىق يوق!‏

ئە‌يسانىڭ بويۇ‌نتۇ‌رۇ‌قى ئاستىدا داۋاملىق ئاراملىق تېپىڭ

16.‏ ئە‌يسا تاپشۇ‌رغان ۋە‌زىپە باشقا ۋە‌زىپىلىرىمىزدىن قانداق بىلە‌ن پە‌رقلىنىدۇ؟‏

16 ئە‌يسا تاپشۇ‌رغان ۋە‌زىپە بىزگە يۈكلە‌نگە‌ن باشقا ۋە‌زىپىلە‌ردىن پە‌رقلىنىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىر كۈنلۈك ئىش ئاياقلاشقاندا،‏ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر ھېرىپ-‏چارچاپ،‏ ئۆزىنى خۇ‌شال ھېس قىلمايدۇ،‏ بىراق،‏ بىز ھېرىپ-‏چارچاشقا قارىماي،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ بىلە‌ن يە‌ھۋا خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىشقا ۋاقىت چىقارساق،‏ ئۆزىمىزنى خۇ‌شال ھېس قىلىمىز.‏ بە‌زىدە ئىشتىن شۇ‌نچىلىك ھېرىپ كېلىمىزكى،‏ ھە‌تتا جامائە‌ت يىغىلىشىغا بوينۇ‌مىزدىن سۆرىگە‌ندە‌ك بارىمىز.‏ لېكىن،‏ يىغىلىشتىن ئۆيگە كە‌لگە‌ندە،‏ ئارام تاپقاندە‌ك بولۇ‌پ،‏ كۈچ-‏قۇ‌ۋۋە‌تكە تولىمىز.‏ ۋە‌ز قىلىش ۋە شە‌خسىي ئۆگىنىشكە ۋاقىت چىقارغاندىمۇ،‏ ئۆزىمىزگە قايتا كۈچ كىرگە‌ندە‌ك ھېس قىلىمىز.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ چىقارغان كۈچىمىزگە قارىغاندا،‏ ئالغان بە‌رىكە‌تلىرىمىز ھە‌قىقە‌تە‌ن كۆپ!‏

17.‏ نېمىنى چۈشىنىشىمىز كېرە‌ك؟‏ نېمىنى دانالىق بىلە‌ن تاللىشىمىز لازىم؟‏

17 ھە‌ربىرىمىز كۈچىمىزنىڭ چە‌كلىك ئىكە‌نلىكىنى چۈشىنىشىمىز كېرە‌ك.‏ شۇ‌ڭا،‏ نېمىگە ۋاقىت چىقىرىشنى دانالىق بىلە‌ن تاللىشىمىز لازىم.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىز تە‌ر تۆكۈپ مال-‏مۈلۈك توپلاشقا ئىنتىلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ «مە‌ڭگۈ ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىم كېرە‌ك؟‏» دە‌پ سورىغان باي يىگىتكە قانداق جاۋاب بە‌رگە‌نلىكىگە دىققە‌ت ئاغدۇ‌رۇ‌ڭ.‏ باي يىگىت قانۇ‌نلارنىڭ ھە‌ممىسىگە ئە‌مە‌ل قىلغان.‏ ئۇ ياخشى ئادە‌م بولغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن،‏ چۈنكى مارك كىتابىدا ئە‌يسانىڭ شۇ ياش يىگىتنى ياخشى كۆرگە‌نلىكى يېزىلغان.‏ ئە‌يسا ئۇ‌نىڭغا:‏ «بېرىپ ھە‌ممە مال-‏مۈلىكىڭىزنى سېتىپ،‏ … ماڭا ئە‌گە‌شىڭ»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان.‏ لېكىن،‏ باي يىگىت غە‌مكىن بولغان،‏ چۈنكى «ئۇ‌نىڭ مال-‏دۇ‌نياسى ناھايىتى كۆپ» بولغاچ،‏ ئۇ‌لاردىن ۋاز كېچە‌لمىگە‌ن (‏ماركۇ‌س 10:‏17—‏22‏)‏.‏ ئاخىرىدا،‏ ئۇ ئە‌يسانىڭ بويۇ‌نتۇ‌رۇ‌قىغا كىرىشنى رە‌ت قىلىپ،‏ «بايلىقنىڭ قۇ‌لى» بولۇ‌شنى داۋاملاشتۇ‌رغانىدى.‏ ئۇ‌نىڭ ئورنىدا سىز بولسىڭىز،‏ نېمە قىلاتتىڭىز؟‏—‏مە‌تتا 6:‏24‏.‏

18.‏ پات-‏پات نېمە قىلىپ تۇ‌رۇ‌شىمىز كېرە‌ك ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

18 ھاياتىمىزدا نېمىنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويىدىغانلىقىمىزنى پات-‏پات تە‌كشۈرۈشىمىز مۇ‌ھىم.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ كۈچىمىزنى بىكاردىن-‏بىكار چىقارمىغىنىمىزغا كۆز يە‌تكۈزۈش ئۈچۈن.‏ مارك ئىسىملىك ياش يىگىت مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «كۆپ يىللار مە‌ن ئاددىي ھايات كە‌چۈرۈۋاتىمە‌ن،‏ دە‌پ ئويلىغان ئىدىم.‏ مە‌ن پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولساممۇ،‏ كۆپ پۇ‌ل تېپىش ۋە تۇ‌رمۇ‌شىمنى ياخشىلاش توغرىلىقلا ئويلاپ يۈرە‌تتىم.‏ ھاياتىم نېمىشقا شۇ‌نچە قىيىن بولۇ‌پ كە‌تكە‌نلىكىنى چۈشە‌نمە‌تتىم.‏ كېيىن،‏ ئۆزۈمنىڭلا غېمىمنى قىلغانلىقىمنى ۋە يە‌ھۋا خۇ‌داغا پە‌قە‌ت قالغان ۋاقتىم بىلە‌ن كۈچىمنى بە‌رگە‌نلىكىمنى چۈشە‌ندىم».‏ مارك يە‌ھۋا خۇ‌داغا كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن كۆز قارىشىنى ۋە ھايات تە‌رزىنى ئۆزگە‌رتكە‌ن.‏ مارك يە‌نە:‏ «بە‌زىدە پۇ‌ل توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلاپ ئە‌ندىشە قىلىدىغان ۋاقىتلىرىم بولىدۇ.‏ لېكىن،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ۋە ئە‌يسانىڭ ياردىمى بىلە‌ن مە‌ن ۋە‌ز ئىشىنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويالايمە‌ن»،‏—‏ دە‌يدۇ.‏

19.‏ توغرا كۆز قاراشنى ساقلاش نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھىم؟‏

19 ئە‌يسانىڭ بويۇ‌نتۇ‌رۇ‌قى ئاستىدا داۋاملىق ئاراملىق تېپىش ئۈچۈن ئۈچ نە‌رسىنى قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ بىرىنچى،‏ توغرا كۆز قاراشنى ساقلاش.‏ بىز يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ئىشىنى قىلىۋاتىمىز،‏ شۇ‌ڭا ئۇ‌نىڭ ئىشىنى ئۇ خالىغاندە‌ك قىلىشىمىز مۇ‌ھىم.‏ چۈنكى،‏ بىز خىزمە‌تچىلە‌ر،‏ يە‌ھۋا بىزنىڭ خوجايىنىمىز (‏لۇ‌قا 17:‏10‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر ئۆزىمىز بىلگە‌ننى قىلماقچى بولساق،‏ بىز بويۇ‌نتۇ‌رۇ‌ققا قارىشى ھە‌رىكە‌ت قىلغان بولىمىز.‏ ھە‌تتا،‏ ئە‌ڭ كۈچلۈك بۇ‌قىمۇ بويۇ‌نتۇ‌رۇ‌قنى باشقۇ‌رۇ‌پ كېلىۋاتقان خوجايىنىغا بويسۇ‌نماي،‏ ئۆزى خالىغاندە‌ك ماڭماقچى بولسا،‏ ئۆز-‏ئۆزىنى يارىلاندۇ‌رىدۇ ياكى بە‌ك ھاردۇ‌رۇ‌پ قويىدۇ.‏ لېكىن،‏ بىز يە‌ھۋاغا بويسۇ‌نۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭ يول-‏يورۇ‌قىغا قۇ‌لاق سالساق،‏ قىلالمايمە‌ن دېگە‌ن ئىشنى قىلالايمىز.‏ ئۇ‌نىڭ ئىرادىسىنىڭ ئورۇ‌نلىنىشىغا ھېچكىم كاشىلا بولالمايدىغانلىقىنى ئۇ‌نتۇ‌ماڭ.‏—‏رىملىقلار 8:‏31؛‏ 1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏4‏.‏

20.‏ ئە‌يسانىڭ بويۇ‌نتۇ‌رۇ‌قى ئاستىغا قانداق نىيە‌ت بىلە‌ن كىرىشىمىز كېرە‌ك؟‏

20 ئىككىنچى،‏ توغرا نىيە‌ت بىلە‌ن ھە‌رىكە‌ت قىلىش.‏ بىزنىڭ مە‌قسىتىمىز —‏ كۆيۈمچان ئاتىمىز يە‌ھۋاغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرۈش.‏ بىرىنچى ئە‌سىردىكى ئۆز پايدىسىنى كۆزلە‌پ خىزمە‌ت قىلغان ئاچكۆز ئادە‌ملە‌ر كۆپ ئۆتمە‌ي ئۆزلىرىنى بە‌ختسىز ھېس قىلىپ،‏ ئە‌يسانىڭ بويۇ‌نتۇ‌رۇ‌قىنى رە‌ت قىلغان (‏يۇ‌ھاننا 6:‏25—‏27،‏ 51،‏ 60،‏ 66؛‏ فىلىپى.‏ 3:‏18،‏ 19‏)‏.‏ لېكىن،‏ خۇ‌دانى ۋە باشقىلارنى چىن يۈرە‌كتىن ياخشى كۆرۇ‌پ خىزمە‌ت قىلغان ئادە‌ملە‌ر ئە‌يسانىڭ بويۇ‌نتۇ‌رۇ‌قى ئاستىغا كىرىپ،‏ ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ماڭغان ۋە ئە‌يسا بىلە‌ن ئاسماندا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈمىدىگە ئىگە بولغان.‏ بىزمۇ ئۇ‌لارغا ئوخشاش ئە‌يسانىڭ بويۇ‌نتۇ‌رۇ‌قىنى توغرا نىيە‌ت بىلە‌ن كۆتۈرۈپ ماڭساق،‏ بە‌ختكە ئېرىشىمىز.‏

21.‏ مە‌تتا 6:‏31—‏33-‏ئايە‌تكە ئاساسە‌ن بىز نېمىگە ئىشىنىشىمىز كېرە‌ك؟‏

21 ئۈچىنچى،‏ يە‌ھۋانىڭ ياردە‌م بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىش.‏ بىز ئۆزىمىزدىن ۋاز كېچىپ،‏ تە‌ر تۆكۈپ خىزمە‌ت قىلىشنى ئۆزىمىز تاللىدۇ‌ق.‏ ئە‌يسا بىزنى زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چرايدىغانلىقىمىز توغرۇ‌لۇ‌ق ئاگاھلاندۇ‌رغان.‏ لېكىن،‏ يە‌ھۋا ھە‌رقانداق قىيىنچىلىققا بە‌رداشلىق بېرىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ داۋاملىق قىيىنچىلىقلارغا سە‌ۋر-‏بە‌رداشلىق بە‌رسە‌ك،‏ ئېتىقادىمىز تېخىمۇ مۇ‌ستە‌ھكە‌م بولىدۇ (‏ياقۇ‌پ 1:‏2—‏4‏)‏.‏ بىز يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ كېرە‌ك نە‌رسىلە‌رنىڭ ھە‌ممىنى بېرىدىغانلىقىغا،‏ ئە‌يسانىڭ بىزگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدىغانلىقىغا ۋە ئېتىقادداشلىرىمىز بىزنى ئىلھاملاندۇ‌رىدىغانغا ئىشىنىمىز‏.‏ (‏مە‌تتا 6:‏31—‏33-‏نى ئوقۇ‌ڭ؛‏ يۇ‌ھاننا 10:‏14؛‏ 1-‏سالونىكا.‏ 5:‏11‏)‏.‏ قىيىنچىلىقلارغا قارشى تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن بۇ‌نىڭدىن ئارتۇ‌ق يە‌نە نېمە كېرە‌ك؟‏

22.‏ بىز نېمە ئۈچۈن مىننە‌تدار؟‏

22 ئە‌يسا ئېغىر كېسە‌لدىن ساقايتقان ئايال شۇ كۈنىلا تە‌سە‌للىيگە ئېرىشكە‌ن ئىدى.‏ لېكىن،‏ داۋاملىق تە‌سە‌للىيگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇ ئە‌يسانىڭ شاگىرتى بولۇ‌شى كېرە‌ك ئىدى.‏ قانداق ئويلايسىز،‏ شۇ ئايال شاگىرتى بولدىمۇ؟‏ ئويلاپ كۆرۈڭ،‏ ئە‌يسانىڭ تە‌كلىپىنى قوبۇ‌ل قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭ شاگىرتى بولسا،‏ ئۇ ئە‌يسا بىلە‌ن ئاسماندا ھۆكۈمرانلىق قىلىش مۇ‌كاپاتىغا ئېرىشە‌لە‌يتتى!‏ شۇ ئايال ئە‌يسانىڭ شاگىرتى بولۇ‌ش ئۈچۈن مە‌يلى قانداق قۇ‌ربانلىق بە‌رسۇ‌ن،‏ ئېرىشكە‌ن بە‌رىكە‌تلىرى ئۇ‌نىڭدىن ئېشىپ چۈشىدۇ.‏ ئۈمىدىمىز مە‌يلى ئاسماندا ياكى يە‌ردە مە‌ڭگۈ ھايات كە‌چۈرۈش بولسۇ‌ن،‏ ئە‌يسانىڭ «ھە‌ممىڭلار يېنىمغا كېلىڭلار!‏» دېگە‌ن چاقىرىقىغا قۇ‌لاق سالغىنىمىز ئۈچۈن مىننە‌تدار بولىمىز.‏

5-‏ناخشا مە‌سىھ ئۈلگىمىز

a ئە‌يسا بىزنى ئۇ‌نىڭغا كېلىشكە چاقىرىدۇ.‏ بۇ تە‌كلىپنى قوبۇ‌ل قىلىش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرە‌ك؟‏ بۇ ماقالە مۇ‌شۇ سوئالغا جاۋاب بېرىدۇ ۋە ئە‌يسا بىلە‌ن خىزمە‌تداش بولۇ‌ش،‏ بىزگە ئىلھام بېرىدىغانلىقىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ.‏

b سۈرە‌تتە:‏ ئە‌يسا باشقىلارغا ھە‌ر تۈرلۈك ئۇ‌سۇ‌للار بىلە‌ن تە‌سە‌للىي بە‌رگە‌ن.‏

c سۈرە‌تتە:‏ ئە‌يساغا ئوخشاش،‏ بۇ‌رادە‌رمۇ باشقىلارغا ھە‌رخىل ئۇ‌سۇ‌للاردا تە‌سە‌للىي بېرىۋاتىدۇ.‏