ئوقۇرمەنلەرنىڭ سوئاللىرى
ۋەز 5:8-ئايەتتە، ئىنسانىي ھۆكۈمرانلار ياكى يەھۋا خۇدا توغرۇلۇق يېزىلغانمۇ؟
كىشىنى ئويغا سالىدىغان بۇ ئايەتتە مۇنداق يېزىلغان: «ئەگەر سەن ياشىغان يۇرتتا كەمبەغەلگە زۇلۇم سېلىنىۋاتقانلىقىنى، ھەقىقەت ۋە ئادالەت دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەڭ، ھەيران قالمىغىن. چۈنكى، يۇقىرى مەرتىۋىلىك ئەمەلدار ئۈستىدە ئۇنىڭدىن يۇقىرىراق كۆزىتىدىغان بىرى بار. بۇ كىشىلەردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان تېخىمۇ يۇقىرى مەرتىۋىلىكلەر بار».—ۋەز 5:8.
ئادەمنىڭ كۆز قارىشى بويىچە، بۇ ئايەتتە پەقەت ھۆكۈمەت ھوقۇقىغا ئىگە بولغان كىشى توغرۇلۇق ئېيتىلغاندەك كۆرۈنىدۇ. لېكىن، چوڭقۇرراق ئويلانساق، بۇ ئايەت يەھۋا توغرۇلۇق بىر ھەقىقەتنى نامايان قىلىدۇ ۋە بۇ ھەقىقەتنى بىلىش بىزگە تەسەللى ۋە خاتىرجەملىك بېرىدۇ.
ۋەز 5:8-ئايەتلەردە، نامراتلارنى ئېزىدىغان ئادالەتسىز ئەمەلدار تەسۋىرلەنگەن. ھەرقانداق ھۆكۈمران ئۇنىڭكىدىنمۇ يۇقىرى دەرىجىگە ياكى ئۈستۈن ھوقۇققا ئىگە ئەمەلدار ئۇنى نازارەت قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئۇنتۇماسلىقى كېرەك. ئەمەلىيەتتە، شۇ ئەمەلداردىنمۇ ئۈستۈن ھوقۇققا ئىگە بىرسى باردۇر. ئەپسۇسكى، ھەممە ئىنسانىي ھۆكۈمرانلار چىرىك ياكى ئادالەتسىز بولۇشى مۇمكىن، شۇ سەۋەب، ئاددىي خەلق ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى چېكىدۇ.
گەرچە ۋەزىيەت ئۈمىدسىز بولۇپ كۆرۈنسىمۇ، خۇدانىڭ ھەتتا يۇقىرى مەرتىۋىلىك ئەمەلدارلارنى نازارەت قىلىدىغانلىقىنى بىلىش بىزگە تەسەللى بېرىدۇ. بىز خۇدادىن ياردەم سوراپ، غەم-قايغۇلىرىمىزنى ئۇنىڭغا تاپشۇرالايمىز (زەبۇر 55:22؛ فىلىپى. 4:6، 7). «يەھۋا ئۆزىگە پۈتۈن قەلبى بىلەن سادىق قېلىشقا ئىنتىلگەنلەرگە يار-يۆلەك بولۇش ئۈچۈن پۈتكۈل يەر يۈزىگە نەزەر سالىدۇ».—2-تارىخ. 16:9.
شۇڭا، ۋەز 5-باب 8-ئايەتتىكى سۆزلەر، بىز ياشاۋاتقان دۇنيادىكى ئەھۋالنى ئەسلىتىدۇكى: ھەرقاچان ھەممىدىن ئۈستۈن ھوقۇققا ئىگە بىرسى باردۇر. ئەڭ مۇھىمى، مۇشۇ ئايەت ئەڭ يۇقىرى ھوقۇققا پەقەت ئەڭ ئالىي ھۆكۈمران يەھۋا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ. ھازىر ئۇ ئوغلى ئەيسا مەسىھنى ئۆز پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى سۈپىتىدە ئىشلىتىپ ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتىدۇ. ھەممىنى كۆرىدىغان ھەممىگە قادىر ياراتقۇچىمىز يەھۋا ئادىل خۇدادۇر ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسامۇ شۇنداق.