38-تەتقىق ماقالىسى
تىنچلىق مەزگىلىدىن دانالىق بىلەن پايدىلىنىڭ
«يەھۋا ئۇنىڭغا ئاراملىق بەرگەچ، يۇرتتا تىنچ-ئامان ھۆكۈم سۈرۈپ، بىر مەزگىل جەڭلەر بولمىدى».—2-تارىخ. 14:6.
144-ناخشا ھايات بېرىدىغان خەۋەر
بۇ ماقالىدە a
1. يەھۋاغا قايسى ۋاقىتتا خىزمەت قىلىش قىيىن بولۇشى مۇمكىن؟
سىزنىڭچە، يەھۋاغا قايسى ۋاقىتتا خىزمەت قىلىش قىيىنراق؟ قىيىنچىلىقلار كۆپ بولغان چاغلاردىمۇ ياكى تىنچلىق مەزگىلىدىمۇ؟ كۆپ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە، يەھۋاغا تايىنىش قىيىن ئەمەس. ئەمما، تىنچ-خاتىرجەم ھايات كەچۈرۈۋاتقان مەزگىلدىچۇ؟ شۇنداق ۋاقىتلاردا يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئۇنتۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن. يەھۋا ئىسرائىل خەلقىنى شۇنداق خەتەردىن ئاگاھلاندۇرغان.—تەكرار .قا 6:10—12.
2. ئاسا پادىشاھ قانداق ئۈلگە قالدۇرغان؟
2 ئاسا پادىشاھ يەھۋاغا پۈتۈنلەي تايىنىپ، دانا ھەرىكەت قىلىشتا ياخشى ئۈلگە قالدۇرغان. ئۇ يەھۋاغا پەقەت قىيىن ۋاقىتلاردا ئەمەس، تىنچ-ئامانلىق بولغان مەزگىلدىمۇ ئىبادەت قىلغان. «ئاسا ئۆمۈر بويى چىن قەلبىدىن يەھۋاغا سادىق بولۇپ كەلدى» (1-پادىشاھ. 15:14). يەھۇدىيەدىكى ساختا ئىبادەتنى يوق قىلىپ، ئاسا ئۆزىنىڭ يەھۋاغا پۈتۈن قەلبى بىلەن خىزمەت قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. مۇقەددەس كىتابتا يېزىلغاندەك، «ئۇ يات ئىلاھلارغا ئاتالغان قۇربانلىق سۇپىلىرى ۋە ئېگىزلىكلەرگە ياسالغان قۇربانگاھلارنى يوق قىلىپ، مۇقەددەس تاش تۈۋرۈكلەرنى چېقىپ، مۇقەددەس ياغاچ بۇتلىرىنى كېسىپ تاشلىدى» (2-تارىخ. 14:3، 5). ئۇ ھەتتا ئۆزىنىڭ مومىسى مائاكانى خانىشلىق مەرتىۋىسىدىن چۈشۈرۈۋەتتى. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئۇ كىشىلەرنى ساختا ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلغانىدى.—1-پادىشاھ. 15:11—13.
3. بۇ ماقالىدە، بىز نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
3 ئاسا پەقەتلا بۇتلارنى يوق قىلىپلا قويمىغان. ئۇ پاك ئىبادەتنى تەشۋىق قىلىپ، يەھۇدىيە پادىشاھلىقىدىكى خەلقنىڭ يەھۋاغا قايتىشىغا ياردەم بەرگەن. يەھۋا پادىشاھ ئاسانى ۋە ئىسرائىللارنى بەرىكەتلەپ، ئۇرۇش بولمىغان تىنچ-خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرگەن b. مۇقەددەس كىتابتا، ئاسا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە ئون يىل تىنچلىق بولغانلىقى يېزىلغان (2-تارىخ. 14:1، 4، 6). بۇ ماقالىدە، پادىشاھ ئاسا تىنچلىق مەزگىلىدىن قانداق پايدىلانغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز. كېيىن، بىرىنچى ئەسىردىكى خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى ئاساغا ئوخشاش، تىنچلىق مەزگىلىدىن قانداق پايدىلانغانلىقىنى كۆرۈمىز. ئاخىرىدا، بىز مۇنۇ سوئالغا جاۋاب ئالىمىز: ئەگەر سىزنىڭ يەھۋاغا ئەركىن-ئازادە ئىبادەت قىلىش مۇمكىنچىلىكىڭىز بولسا، بۇ پۇرسەتتىن قانداق ئۈنۈملۈك پايدىلىنالايسىز؟
ئاسا تىنچلىق مەزگىلىدىن دانالىق بىلەن پايدىلانغان
4. 2-تارىخنامە 14:2، 6، 7-ئايەتلەرگە ئاساسەن، پادىشاھ ئاسا تىنچلىق مەزگىلىدىن قانداق دانا پايدىلانغان؟
4 2-تارىخنامە 14:2، 6، 7-نى ئوقۇڭ. پادىشاھ ئاسا، خەلققە ئاراملىقنى يەھۋانىڭ بەرگەنلىكىنى ئېيتقان. ئاسا بۇ قول قوشتۇرۇپ، دەم ئالىدىغان ۋاقىت دەپ قارىمىغان. ئەكسىنچە، ئۇ شەھەرلەرنى، سېپىل تاملارنى ۋە مۇنارلارنى ۋە دەرۋازىلارنى ياسىغان. ئۇ يەھۇدىيە خەلقىگە: «بۇ يۇرت تېخى قولىمىزدا تۇرىدۇ» دەپ ئېيتقان. ئاسا نېمە دېمەكچى بولغان؟ ئاسا خۇدا ئۇلارغا بەرگەن زېمىندا، ئۆزلىرىنىڭ ھېچبىر دۈشمەننىڭ قارشىلىقسىز، ئەركىن-ئازادە قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى قىلالايدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتقان. ئۇ خەلقنى مۇشۇ تىنچلىق مەزگىلىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا دەۋەت قىلغان.
5. ئاسا پادىشاھ نېمە ئۈچۈن ئۆز ئەسكەرلىرىنى كۈچەيتكەن؟
5 بۇنىڭدىن باشقا، ئاسا تىنچلىق مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ ئۆز ئەسكەرلىرىنى كۈچەيتكەن (2-تارىخ. 14:8). بۇنىڭدىن، ئاسا يەھۋاغا تايانمىغان، دەپ خۇلاسە چىقىرىشقا بولامدۇ؟ ياق. ئەكسىچە، ئاسا پادىشاھ سۈپىتىدە خەلقنىڭ كېلەچەكتىكى قىيىنچىلىقلارغا تەييارلىنىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەكلىكىنى چۈشەنگەن. ئاسا پادىشاھ ئىسرائىللار ھۇزۇرلانغان تىنچلىق مەزگىلىنىڭ مەڭگۈ داۋاملاشمايدىغانلىقىنى بىلگەن. نەتىجىدە، دەل شۇنداق بولۇپ چىققانىدى.
بىرىنچى ئەسىردىكى مەسىھىيلەر تىنچلىق مەزگىلىدىن دانالىق بىلەن پايدىلانغان
6. بىرىنچى ئەسىردىكى خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى تىنچلىق مەزگىلىدىن قانداق پايدىلانغان؟
6 بىرىنچى ئەسىردىكى خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى پات-پات زىيانكەشلىككە ئۇچرىسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەم تىنچلىق مەزگىللىرىمۇ بولغانىدى. ئۇلار شۇنداق پۇرسەتلىرىدىن قانداق پايدىلانغان؟ خۇدانىڭ شۇ سادىق خىزمەتچىلىرى خۇش خەۋەرنى تىنماي ۋەز قىلغان. ئەلچىلەر كىتابىدا يېزىلغاندەك، ئۇلار يەھۋانىڭ يولىدا ماڭغان. ئۇلارنىڭ خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان. نەتىجىدە، ئۇلارنىڭ سانى كۈندىن-كۈنگە كۆپەيگەن. ئېنىقكى، ئۇلارنىڭ تىنچلىق مەزگىلىدە قىلغان ۋەز خىزمىتىنى يەھۋا مول بەرىكەتلىگەن.—ئەلچى. 9:26–31.
7، 8. ئەلچى پاۋلۇس ۋە باشقىلار قايسى پۇرسەتنى قولدىن بەرمىگەن؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
7 بىرىنچى ئەسىردە ياشىغان خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى خۇش خەۋەرنى جاكارلاشنىڭ ھېچبىر پۇرسىتىنى قولدىن بەرمىگەن. مەسىلەن، ئەلچى پاۋلۇس ئەفەس شەھىرى ئۈچۈن ئىشىكنىڭ كەڭ ئېچىلغانلىقىنى چۈشەنگەندە، ئۇ شۇ شەھەردە ۋەز قىلىش ۋە شاگىرت تەييارلاش پۇرسىتىدىن ياخشى پايدىلانغان.—1-كورىنت. 16:8، 9.
8 مىلادى 49-يىلى، يېرۇسالىمدا ئەلچىلەر بىلەن ئاقساقاللار خەتنە قىلىش مەسىلىسى توغرۇلۇق قارار چىقارغاندا، پاۋلۇس بىلەن باشقا قېرىنداشلار نۇرغۇن ئادەملەرگە ۋەز قىلالىغان (ئەلچى. 15:23—29). بۇ قارار جامائەتلەرگە خەۋەر قىلىنغاندا، ئېتىقادداشلارنىڭ ھەممىسى تىرىشىپ خۇش خەۋەرنى جاكارلىغان (ئەلچى. 15:30—35). بۇنىڭ نەتىجىسى قانداق بولغان؟ مۇقەددەس كىتابتا، «جامائەتلەرنىڭ ئىمان-ئېتىقادى مۇستەھكەملىنىپ، ئېتىقادچىلارنىڭ سانى كۈندىن-كۈنگە كۆپەيدى»،— دەپ يېزىلغان.—ئەلچى. 16:4، 5.
ھازىر تىنچلىق مەزگىلىدىن دانالىق بىلەن پايدىلىنىڭ
9. نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئەھۋال قانداق ۋە بىز ئۆزۈمىزگە قانداق سوئال قويالايمىز؟
9 بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن دۆلەتلەردە يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئەركىن-ئازادە ۋەز قىلالايدۇ. سىز شۇنداق دۆلەتلەرنىڭ بىرىدە ياشاۋاتامسىز؟ شۇنداق بولسا، ئۆزىڭىزگە مۇنداق سوئال قويۇپ كۆرۈڭ: مەن بۇ ئەركىنلىكتىن قانداق پايدىلىنىۋاتىمەن؟ كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان بۇ ئاخىرقى كۈنلەردە، يەھۋانىڭ تەشكىلاتى تارىختا بولۇپ باقمىغان كەڭ كۆلەملىك ۋەز ئېيتىش ۋە شاگىرتلارنى تەييارلاش پائالىيىتىنى ئېلىپ بارماقتا (ماركۇس 13:10). خۇدا خەلقىنىڭ نۇرغۇن پۇرسەتلىرى بار.
10. 2-تىموتىي 4:2-ئايەت، بىزنى نېمە قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ؟
10 سىز يەھۋاغا ئەركىن-ئازادە ئىبادەت قىلالايدىغان تىنچلىق مەزگىلىدىن قانداق ئۈنۈملۈك پايدىلىنالايسىز؟ (2-تىموتىي 4:2-نى ئوقۇڭ). سىز ياكى ئائىلە ئەزالىرىڭىزنىڭ بىرى كۆپرەك ۋەز قىلىش، ھەتتا پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىشقا كۈچ چىقىرالامسىلەر؟ ئۆز شارائىتىڭلار ياكى ۋەزىيىتىڭلار توغرۇلۇق ئويلاپ بېقىڭلار. ھازىر بايلىق ۋە ماددىي نەرسىلەرنى توپلايدىغان ۋاقىت ئەمەس. چۈنكى، مال-دۇنيالىرىمىز بىز بىلەن بىرگە دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەتتىن ئۆتمەيدۇ.—پەند. نە 11:4؛ مەتتا 6:31—33؛ 1-يۇھاننا 2:15—17.
11. خۇش خەۋەرنى مۇمكىنقەدەر كۆپرەك ئادەملەر ئاڭلىشى ئۈچۈن بەزى قېرىنداشلار نېمە قىلغان؟
11 نۇرغۇن ۋەز ئېيتقۇچىلار باشقىلارغا يەھۋا ھەققىدە بىلىشكە ياردەم بېرىش ئۈچۈن يېڭى تىلنى ئۆگەنگەن. خۇدانىڭ تەشكىلاتى بارغانسېرى كۆپ تىللاردا مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان نەشىرى ماتېرىياللارنى چىقىرىپ، ياردەم بېرىۋاتىدۇ. مەسىلەن، 2010-يىلىدا، بىزنىڭ ماتېرىياللىرىمىز تەخمىنەن 500 تىلغا تەرجىمە قىلىنغان. ھازىر بولسا، 1000دىن كۆپرەك تىللارغا تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ.
12. خۇش خەۋەرنى ئانا تىلىدا ئاڭلاش ئادەملەرگە قانداق تەسىر قىلىدۇ؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
12 ئادەملەر مۇقەددەس كىتابتىكى خەۋەرنى ئۆز ئانا تىلىدا ئاڭلىغاندا، بۇ ئۇلارغا قانداق تەسىر قىلىدۇ؟ تېننېسى شتاتىنىڭ مېمفىس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ يىغىلىشقا قاتناشقان بىر قېرىنداشنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. بۇ چوڭ يىغىلىش كىنيارۋاندا تىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ تىلدا ئاساسەن رۋاندا، كونگو (كىنشاسا) ۋە ئۇگاندادا سۆزلەيدۇ. يىغىلىشتىن كېيىن ئانا تىلى كىنيارۋاندا تىلى بولغان بىر قېرىنداش مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئامېرىكىغا 17 يىل بۇرۇن كۆچۈپ كەلگەن. تۇنجى قېتىم چوڭ يىغىلىشنىڭ پروگراممىسىنى تولۇق چۈشەندىم». ئېنىقكى، قېرىنداش پروگراممىنى ئۆز ئانا تىلىدا تىڭشىغاچقا، بۇ ئۇنىڭ يۈرىكىگە قاتتىق تەسىر قىلغان. شارائىتىڭىز يار بەرسە، تېررىتورىيىڭىزدىكى ئادەملەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن باشقا تىلنى ئۆگىنەلەمسىز؟ بەلكىم، رايونىڭىزدىكى بەزى ئادەملەر خۇش خەۋەرنى ئانا تىلىدا تىڭشىغاندا خۇشال بولىدىغاندۇ؟ سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىز چوقۇم مول بەرىكەتكە ئېرىشتۈرىدۇ.
13. روسىيەدىكى قېرىنداشلار تىنچلىق مەزگىلىدىن قانداق پايدىلانغان؟
13 بەزى قېرىنداشلارنىڭ ئەركىن-ئازادە ۋەز قىلىش مۇمكىنچىلىكى يوق. بەزى دۆلەتلەردە ھۆكۈمەت ۋەز پائالىيىتىمىزنى چەكلىگەچكە، ئېتىقادداشلار ئەركىن-ئازادە ۋەز قىلالمايدۇ. مەسىلەن، روسىيەدىكى قېرىنداشلىرىمىز نۇرغۇن يىللار زىيانكەشلىكنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن. كېيىن، 1991-يىل، مارت ئېيىدا ھۆكۈمەت يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ پائالىيىتى ئۈچۈن رەسمىي قانۇنلۇق رۇخسەت بەرگەن. شۇ ۋاقىتتا، روسىيەدە 16000غا يېقىن ۋەز ئېيتقۇچىلار بولغان. يىگىرمە يىلدىن كېيىن بۇ سان 160000غا كۆپەيدى. دەرھەقىقەت، قېرىنداشلىرىمىز ئەركىن-ئازادە ۋەز قىلالىغان شۇ مەزگىلدىن دانالىق بىلەن پايدىلانغان. بىراق، بۇ ۋاقىت ئۇزاققا سوزۇلمىدى. لېكىن، ۋەزىيەت ئۆزگەرگەن بولسىمۇ، بۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يەھۋاغا پاك ئىبادەت قىلىش قىزغىنلىقىنى سوۋۇتالمىدى. ئۇلار قولىدىن كەلگىنىچە يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
تىنچلىق ۋاقتى ئۇزۇنغا داۋاملاشمايدۇ
14، 15. يەھۋا پادىشاھ ئاساغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئۆز كۈچىنى قانداق كۆرسەتكەن؟
14 ئاسانىڭ زامانىدىكى تىنچلىقنىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتى يېتىپ كەلگەنىدى. ئېفىئوپىيەدىن كۈچلۈك قوشۇن بىر مىليوندىن كۆپرەك ئەسكەر بىلەن يەھۇدىيە پادىشاھلىقىغا ھۇجۇم قىلىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ئەسكەر بېشى زەراخ غەلىبە قازىنىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلغانىدى. ئەمما، پادىشاھ ئاسا ئەسكەرلىرىنىڭ سانىغا ئەمەس، خۇداسى يەھۋاغا تايانغان. ئاسا مۇنداق دۇئا قىلغانىدى: «ئەي خۇدايىمىز يەھۋا بىزگە ياردەم بەرگىن. چۈنكى، بىز ساڭا تايىنىمىز. سېنىڭ ئىسىمىڭ بىلەن بۇ چوڭ قوشۇنغا قارشى جەڭگە چىقتۇق».—2-تارىخ. 14:11.
15 ئېفىئوپىيە قوشۇنى ئاسانىڭ قوشۇنلىرىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ بولسىمۇ، ئاسا يەھۋانىڭ قولى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ئۆز خەلقىگە ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلگەنىدى. يەھۋا ئېفىئوپىيە قوشۇنىنى ھالاك قىلىپ، ئۆز خەلقىنى قۇتقۇزغان.—2-تارىخ. 14:8—13.
16. تىنچلىق مەزگىلىنىڭ ئۇزاققا سوزۇلمايدىغانلىقىنى نەدىن بىلىمىز؟
16 كېلەچەكتە شەخسەن ھەربىرىمىز قانداق ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىدىغانلىقىمىزنى ئېنىق بىلمىسەكمۇ، ئەمما يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى ھۇزۇرلىنىۋاتقان تىنچلىق مەزگىلىنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلمايدىغانلىقىنى بىلىمىز. ئەمەلىيەتتە، ئەيسا مەسىھ ئاخىر زاماندا ئۇنىڭ شاگىرتلىرىنى بارلىق خەلقلەر ئۆچ كۆرىدىغانلىقىنى ئالدىن-ئالا ئېيتقان (مەتتا 24:9). ئەلچى پاۋلۇسمۇ، «مەسىھ ئەيساغا ئەگىشىپ، خۇداغا سادىق ھايات كەچۈرۈشنى ئىرادە قىلغانلارنىڭ ھەممىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ»،— دەپ ئېيتقان (2-تىموت. 3:12). شەيتان قەھرى-غەزەپكە تولدى، ئەگەردە بىز ئۇنىڭ غەزىپىدىن قېچىپ قۇتۇلالايمىز، دەپ خىيال قىلىپ يۈرسەك، ئۆز-ئۆزىمىزنى ئالدىغان بولىمىز.—ۋەھىي. 12:12.
17. ئېتىقادىمىز قانداق سىنىلىدۇ؟
17 يېقىن كېلەچەكتە ھەربىرىمىزنىڭ ئىمان-ئېتىقادى سىنىلىدۇ. پات-يېقىندا ھېچقاچان بولمىغان ۋە ھېچقاچان بولمايدىغان دەھشەتلىك بالايىئاپەت يۈز بېرىدۇ (مەتتا 24:21). شۇ ۋاقىتتا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىز بىزگە قارشى چىقىشى ۋە پائالىيىتىمىز مەنئىي قىلىنىشى مۇمكىن (مەتتا 10:35، 36). ھەربىرىمىز شەخسەن پادىشاھ ئاسادىن ئۈلگە ئېلىپ، يەھۋانىڭ بىزگە ياردەم بېرىپ، قوغدايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىزمۇ؟
18. ئىبرانىيلار 10:38، 39-ئايەتلەرگە ئاساسەن، تىنچلىق ئاخىرلىشىدىغان ۋاقىتقا تەييار بولۇشىمىزغا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
18 ئالدىمىزدا يۈز بېرىدىغان ۋەقەلەردە ئېتىقادىمىز كۈچلۈك بولۇشى ئۈچۈن يەھۋا بىزنى تەييارلاۋاتىدۇ. بىز كۈچلۈك بولۇشىمىز ئۈچۈن يەھۋا سادىق ھەم ئەقىل-پاراسەتلىك قۇل ئارقىلىق بىزگە روھىي ئوزۇقنى ئۆز ۋاقتىدا بېرىۋاتىدۇ (مەتتا 24:45). ئەمما، ئېتىقادىمىزنى مۇستەھكەم تەۋرەنمەس قىلىش ئۈچۈن چوقۇم ھەربىرىمىز قولىمىزدىن كېلىشىچە كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك.—ئىبرانىيلار 10:38، 39-نى ئوقۇڭ.
19، 20. 1-تارىخنامە 28:9-ئايەتنى ئوقۇغاندىن كېيىن، ئۆزۈمىزگە قانداق سوئاللارنى قويۇشىمىز مۇھىم ۋە نېمە ئۈچۈن؟
19 بىز ئاسا پادىشاھدىن ئۈلگە ئېلىپ، يەھۋانى ئىزدىشىمىز كېرەك (2-تارىخ. 14:4؛ 15:1، 2). بىز ئۇ توغرۇلۇق بىلىم ئېلىش ۋە چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈش ئارقىلىق يەھۋا خۇدانى ئىزدەشنى باشلايمىز. خۇداغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بار كۈچىمىزنى چىقىرىمىز. ئۆزۈمىزنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن مۇنداق سوئاللارنى قويساق بولىدۇ: جامائەت يىغىلىشلىرىغا دائىم قاتنىشىمەنمۇ؟ يىغىلىشلاردا بىز يەھۋاغا داۋاملىق خىزمەت قىلىش ئۈچۈن كېرەكلىك كۈچنى ئالىمىز ۋە بىر-بىرىمىزنى ئىلھاملاندۇرىمىز (مەتتا 11:28). بىز يەنە ئۆزۈمىزدىن مۇنداق دەپ سورىساق بولىدۇ: مەن دائىم شەخسىي تەتقىق قىلىمەنمۇ؟ ھەر ھەپتىدە ئائىلىۋى ئىبادەتنى ئۆتكۈزىمىزمۇ؟ ئەگەر تېخى توي قىلمىغان بولسام، مۇقەددەس كىتابنى ھەر ھەپتە تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش ئۈچۈن ۋاقىت بەلگۈلەپ قويدۇممۇ؟ ۋەز قىلىش ۋە شاگىرت تەييارلاش ئىشىغا بار كۈچۈم بىلەن قاتنىشىۋاتىمەنمۇ؟
20 ئۆزۈمىزگە بۇ سوئاللارنى قويۇش نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟ مۇقەددەس كىتابتا، يەھۋانىڭ ئوي-پىكىرلىرىمىز ۋە يۈرىكىمىزنى تەكشۈرىدىغانلىقى يېزىلغان. شۇڭا، بىزمۇ ئۆز-ئۆزىمىزنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشىمىز كېرەك (1-تارىخنامە 28:9-نى ئوقۇڭ). ئەگەر مەقسىتىمىز، كۆز قارىشىمىز ۋە ئوي-پىكرىمىزنى ئۆزگەرتىش كېرەكلىكىنى بايقىساق، بۇ ئۆزگۈرۈشلەرنى قىلىش ئۈچۈن يەھۋادىن ياردەم سورىشىمىز كېرەك. ھازىر دەل ئۆزۈمىزنى ئالدىمىزدىكى سىناقلارغا تەييارلاشنىڭ ۋاقتى! تىنچلىق مەزگىلىدىن دانالىق بىلەن پايدىلىنىشىڭىزغا ھېچ نەرسىنىڭ توسالغۇ بولۇشىغا يول بەرمەڭ!
28-ناخشا يېڭى ناخشا
a سىزنىڭ يەھۋاغا ئەركىن-ئازادە ئىبادەت قىلىش مۇمكىنچىلىكىڭىز بارمۇ؟ شۇنداق بولسا، بۇنداق تىنچلىق مەزگىلىدىن قانداق پايدىلىنىۋاتىسىز؟ بۇ ماقالىدىن، يەھۇدا پادىشاھى ئاسا ۋە بىرىنچى ئەسىردىكى خۇدا خىزمەتچىلىرىدىن قانداق ئۈلگە ئالالايدىغانلىقىڭىزنى بىلىۋالىسىز. ئۇلار تىنچلىق مەزگىلىدىن دانالىق بىلەن پايدىلانغان.
b سۆز-ئىبارە مەنىسى: تىنچلىق مەزگىلى دېگەن ئىبارە پەقەت ئۇرۇش بولمايدىغان ۋاقىتنى بىلدۈرمەيدۇ. بۇ ئىبرانىيچە سۆز يەنە ساغلاملىقى ياخشى، بىخەتەرلىك ۋە پاراۋانلىق دېگەن مەنىلەرنىمۇ بىلدۈرىدۇ.
c سۈرەتتە: مومىسى خەلقنى ساختا ئىبادەتكە دەۋەت قىلغاچقا، پادىشاھ ئاسا ئۇنى خانىشلىق مەرتىۋىسىدىن چۈشۈرۈۋەتتى. ئاسانىڭ سادىق تەرەپدارلىرى ئۇنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا ساختا بۇتلارنى ۋەيران قىلغان.
d سۈرەتتە: قىزغىن ۋەز قىلىدىغان ئەر-ئايال ھاياتىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ۋەز ئېيتقۇچىلار ئاز بولغان يەردە خىزمەت قىلىدۇ.