مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

39-‏تە‌تقىق ماقالىسى

جامائە‌تتىكى ئايال قېرىنداشلارنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ڭ

جامائە‌تتىكى ئايال قېرىنداشلارنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ڭ

‏«خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى جاكارلىغۇ‌چى قىز-‏ئاياللار زور بىر قوشۇ‌ندۇ‌ر!‏»‏‏—‏زە‌بۇ‌ر 68:‏11‏.‏

3-‏ناخشا ‏«خۇ‌دا ئۆزى مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تتۇ‌ر»‏

بۇ ماقالىدە a

قىزغىن ۋە تىرىشچان قېرىنداشلىرىمىز جامائە‌ت يىغىلىشلىرىدا،‏ خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئېتىۋاتىدۇ،‏ ئىبادە‌ت زالىنى ئاسراپ ساقلاشقا ياردە‌م بېرىۋاتىدۇ ۋە ئېتىقادداشلارغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىۋاتىدۇ (‏1-‏ئابزاسىغا قاراڭ)‏

1.‏ ئايال قېرىنداشلار قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىدۇ؟‏ (‏مۇ‌قاۋىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏

 بىز جامائىتىمىزدە شۇ‌نچە كۆپ تىرىشچان قېرىنداشلارنىڭ بولغىنىدىن ئىنتايىن خۇ‌شالمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌لار جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىدۇ ۋە قىزغىنلىق بىلە‌ن ۋە‌ز قىلىدۇ.‏ ئۇ‌لار ئىبادە‌ت زاللىرىنى ئاسراپ-‏ساقلاشقا قاتنىشىدۇ ۋە قېرىنداشلارغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدۇ.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئۇ‌لارمۇ كۆپ قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىدۇ.‏ بە‌زىلە‌ر ياشانغان ئاتا-‏ئانىلىرىدىن خە‌ۋە‌ر ئالىدۇ،‏ يە‌نە بە‌زىلە‌ر ئېتىقادى ئۈچۈن ئائىلىسىدىكىلە‌رنىڭ قارشىلىقىغا ئۇ‌چرايدۇ.‏ يە‌نە باشقىلار بولسا ئۆزى يالغۇ‌ز بالىلارنى تە‌ربىيىلە‌يدۇ ۋە ئۇ‌لارغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىش ئۈچۈن كۆپ تە‌ر تۆكۈپ ئىشلە‌يدۇ.‏

2.‏ نېمە ئۈچۈن ئايال قېرىنداشلارنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

2 نېمە ئۈچۈن ئايال قېرىنداشلارنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ چۈنكى،‏ ئادە‌تتە ئاياللار ھۆرمە‌تلىنىشى كېرە‌ك بولسىمۇ،‏ بۇ دۇ‌نيادىكى ئادە‌ملە‌ر ھە‌مىشە ئاياللارغا تېگىشلىك ھۆرمە‌تنى كۆرسە‌تمە‌يدۇ.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزنى ئۇ‌لارغا يار-‏يۆلە‌ك بولۇ‌شقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س رىمدىكى ئېتىقادداشلارنى فىبى ئىسىملىك قېرىنداشنى كۈتۈۋېلىشنى سوراپ،‏ «قانداق ئېھتىياجى بولسا،‏ ئۇ‌نىڭغا ياردە‌م بېرىڭلار» دېگە‌نىدى (‏رىملىقلار 16:‏1،‏ 2‏)‏.‏ پاۋلۇ‌س ئىلگىرى پە‌رىسىي سۈپىتىدە،‏ ئېھتىمال ئاياللارنى تۆۋە‌ن كۆرىدىغان مە‌دە‌نىيە‌ت ئىچىدە ياشىغان ئىدى.‏ بىراق،‏ ئە‌يسانىڭ شاگىرتى بولغاندىن كېيىن،‏ ئۇ ئە‌يسادىن ئۈلگە ئېلىپ،‏ ئاياللارغا ئىززە‌ت-‏ھۆرمە‌ت كۆرسە‌تكە‌ن ۋە ئۇ‌لارغا مېھرىبان بولغان.‏—‏1-‏كورىنت.‏ 11:‏1‏.‏

3.‏ ئە‌يسا ئاياللارغا قانداق مۇ‌ئامىلە قىلغان ۋە ئۇ ئاتىسىنىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلىغان ئاياللارغا قانداق قارىغان؟‏

3 ئە‌يسا بارلىق ئاياللارغا ھۆرمە‌ت بىلە‌ن مۇ‌ئامىلە قىلغان (‏يۇ‌ھاننا 4:‏27‏)‏.‏ ئۇ ئاياللارغا شۇ زاماندىكى يە‌ھۇ‌دىي دىنىي رە‌ھبە‌رلە‌ردە‌ك كۆز قاراشتا بولمىغان.‏ بىر كىتابتا يېزىلغاندە‌ك،‏ ئە‌يسا ئاياللارغا ھېچقاچان ھۆرمە‌تسىزلىك كۆرسىتىدىغان سۆزلە‌رنى ئېيتمىغان.‏ لېكىن،‏ ئە‌يسا ئاسماندىكى ئاتىسىنىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلىغان ئاياللارغا ئالاھىدە ھۆرمە‌ت كۆرسە‌تكە‌ن.‏ قىزىقارلىق يېرى شۇ‌كى،‏ ئە‌يسا ئاياللارنى قېرىنداشلىرىم،‏ دە‌پ ئاتىغان ۋە ئۇ‌لارنى روھىي ئائىلىنىڭ ئە‌زاسى سانىلىدىغان ئە‌ر كىشىلە‌ر بىلە‌ن بىر قاتاردا تىلغا ئالغان.‏—‏مە‌تتا 12:‏50‏.‏

4.‏ بۇ ماقالىدە نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟‏

4 ئە‌يسا خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىدىغان ئاياللارغا ياردە‌م بېرىشكە ھە‌ر ۋاقىت تە‌ييار بولغان.‏ ئۇ ئاياللارنى قە‌دىرلىگە‌ن ۋە قوغدىغان.‏ ھازىر ئە‌يسادىن ئۈلگە ئېلىشنىڭ ئۈچ ئۇ‌سۇ‌لىنى كۆرۈپ باقايلى.‏

ئە‌زىز ئايال قېرىنداشلارغا ھۆرمە‌ت كۆرسىتىڭ

5.‏ نېمە ئۈچۈن بە‌زى قېرىنداشلارغا دوستلار بىلە‌ن ئارىلىشىش قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

5 مە‌يلى ئايال ياكى ئە‌ر كىشى بولايلى،‏ ھە‌ممىمىزگە ياخشى دوستلار كېرە‌ك.‏ بىراق،‏ بە‌زىدە ئايال قېرىنداشلارغا ياخشى دوست تېپىش قىيىن.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ تۆۋە‌ندىكى مىساللارغا دىققە‌ت ئاغدۇ‌رايلى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ جوردان b ئىسىملىك قېرىندىشىمىز مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «توي قىلمىغاچقا،‏ مە‌ن پات-‏پات جامائە‌تتە ئۆز ئورنۇ‌منى تاپالمايدىغاندە‌ك ھېس قىلىمە‌ن.‏ ئۆزۈمنى جامائە‌تنىڭ بىر ئە‌زاسىدە‌ك ھېس قىلمايمە‌ن».‏ كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن باشقا جايغا كۆچۈپ بارغان كرىستېن ئىسىملىك پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «يېڭى جامائە‌تتە ئۆزىڭىزنى يالغۇ‌ز ھېس قىلىشىڭىز مۇ‌مكىن».‏ بە‌زى بۇ‌رادە‌رلە‌رمۇ شۇ‌نداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولىدۇ.‏ ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلىرى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى ئە‌مە‌س قېرىنداشلار ھە‌م ئائىلە ئە‌زالىرى،‏ ھە‌م ئېتىقادداشلار بىلە‌نمۇ يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولمىغاندە‌ك ھېس قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ بە‌زى قېرىنداشلار سالامە‌تلىكى ناچار بولغاچقا ياكى ئائىلە ئە‌زالىرىنىڭ بىرىدىن خە‌ۋە‌ر ئېلىش زۆرۈر بولغاچقا،‏ ئۆيىدىن چىقالمايدۇ.‏ ئاننېت مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئاپامغا ئاساسلىقى مە‌ن قارىغاچقا،‏ جامائە‌تتىكىلە‌ر مېنى مېھمانغا چاقىرغاندا،‏ تە‌كلىپلىرىنى قوبۇ‌ل قىلالمايتتىم».‏

ئە‌يسادىن ئۈلگە ئېلىپ،‏ يە‌ھۋاغا سادىق بولغان ئايال قېرىنداشلارغا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتە‌لە‌يمىز (‏6—‏9-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ e

6.‏ لۇ‌قا 10:‏38—‏42-‏ئايە‌تلە‌ردىن كۆرگىنىمىزدە‌ك،‏ ئە‌يسا مارتا بىلە‌ن مە‌ريە‌مگە قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

6 ئە‌يسا مە‌سىھ ۋاقىت چىقىرىپ ئېتىقادچى ئايال قېرىنداشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگە‌ن ۋە ئۇ‌لارنىڭ ھە‌قىقىي دوستى بولغان.‏ كېلىڭلار،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئە‌يسا بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌قىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ قارىماققا،‏ مارتا بىلە‌ن مە‌ريە‌م ھە‌ر ئىككىلىسى توي قىلمىغان ‏(‏لۇ‌قا 10:‏38—‏42-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌يسا سۆزلىرى ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى ئارقىلىق ئۇ‌لارنىڭ ئۆزلىرىنى ئە‌ركىن-‏ئازادە ھېس قىلىشىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ مە‌ريە‌م ئە‌يسانىڭ شاگىرتى سۈپىتىدە ئۇ‌نىڭ پۇ‌تى تە‌رىپىدە ئولتۇ‌رۇ‌شتىن ئۇ‌يالمىغان c‏.‏ مارتانىڭ داستىخان راستلىشىغا مە‌ريە‌م ياردە‌م بە‌رمىگە‌ندە،‏ ئۇ ئۆز ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى ئە‌يساغا ئە‌ركىن-‏ئازادە ئېيتقان.‏ ئاشۇ ئولتۇ‌رۇ‌شتا،‏ ئە‌يسا ھە‌ر ئىككىلىسىگە روھىي جە‌ھە‌تتىن ياردە‌م بېرە‌لىگە‌ن.‏ ئە‌يسا باشقىمۇ ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە مە‌ريە‌م بىلە‌ن مارتا ۋە ئۇ‌لارنىڭ ئاكىسى لازارغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئۆيىگە بارغان (‏يۇ‌ھاننا 12:‏1—‏3‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ لازار ئېغىر كېسە‌لگە گىرىپتار بولغاندا،‏ مە‌ريە‌م بىلە‌ن مارتا ئە‌يسادىن ياردە‌م سوراشتىن تارتىنمىغانلىقى ئە‌جە‌بلىنە‌رلىك ئە‌مە‌س.‏—‏يۇ‌ھاننا 11:‏3،‏ 5‏.‏

7.‏ ئايال قېرىنداشلارنى قانداق قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىيە‌لە‌يمىز؟‏

7 بە‌زى قېرىنداشلار ئۈچۈن جامائە‌ت يىغىلىشلىرى ئېتىقادداشلار بىلە‌ن كۆرۈشۈشنىڭ ئە‌ڭ ياخشى ئىمكانىيىتىدۇ‌ر.‏ شۇ‌ڭا،‏ شۇ‌نداق پۇ‌رسە‌تلە‌ردىن پايدىلىنىپ،‏ ئۇ‌لارنى ئىللىق قارشى ئېلىپ،‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن پاراڭلىشىپ ۋە ئۇ‌لارغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلايلى.‏ يۇ‌قىرىدا تىلغا ئېلىنغان جوردان مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «باشقىلار مېنى جاۋابلىرىم ئۈچۈن ماختىغاندا،‏ مېنىڭ بىلە‌ن ۋە‌ز خىزمىتىگە يېزىلغاندا ياكى باشقا يوللار بىلە‌ن ماڭا كۆڭۈل بۆلگە‌ندە،‏ بۇ مە‌ن ئۈچۈن بە‌ك چوڭ ئىلھام».‏ ئايال قېرىنداشلىرىمىز بىز ئۈچۈن بە‌ك قە‌دىرلىك ئىكە‌نلىكىنى ئۇ‌لارغا بىلدۈرۈشىمىز لازىم.‏ كىئا مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «يىغىلىشقا بىر قېتىم بارمىسام،‏ قېرىنداشلار ماڭا چوقۇ‌م قىسقا ئۇ‌چۇ‌ر يازىدىغانلىقىنى بىلىمە‌ن.‏ بۇ ئۇ‌لارنىڭ ماڭا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ».‏

8.‏ ئە‌يسادىن ئۈلگە ئېلىشنىڭ يە‌نە قانداق ئۇ‌سۇ‌للىرى بار؟‏

8 ئە‌يسادىن ئۈلگە ئېلىپ،‏ بىز ئايال قېرىنداشلارغا ۋاقىت بۆلۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئۇ‌لارنى مېھمانغا ياكى بىللە كۆڭۈل كۆتۈرۈشكە چاقىرساق بولىدۇ.‏ شۇ‌نداق چاغلاردا،‏ ئۆزئارا ئىلھام بېرىدىغان سۆھبە‌تلە‌رنى قىلىشساق بولىدۇ (‏رىملىقلار 1:‏11،‏ 12‏)‏.‏ ئاقساقاللار ئە‌يسادىن ئۈلگە ئېلىشى كېرە‌ك.‏ ئە‌يسا توي قىلمىغانلارنىڭ قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىدىغانلىقىنى بىلگە‌ن.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ ھە‌قىقىي تۈگىمە‌س بە‌ختنىڭ تۇ‌رمۇ‌ش قۇ‌رۇ‌پ،‏ بالىلىق بولۇ‌شقا باغلىق ئە‌مە‌س ئىكە‌نلىكىنى ئېنىق كۆرسە‌تكە‌ن (‏لۇ‌قا 11:‏27،‏ 28‏)‏.‏ ئە‌كسىچە،‏ مە‌ڭگۈلۈك بە‌خت يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌شتىن كېلىدۇ.‏—‏مە‌تتا 19:‏12‏.‏

9.‏ ئاقساقاللار ئايال قېرىنداشلارغا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

9 ئاقساقاللار يىغىلىشتىن ئاۋۋال ۋە يىغىلىشتىن كېيىن ئايال قېرىنداشلار بىلە‌ن سۆھبە‌تلىشىش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرالايدۇ (‏1-‏تىموت.‏ 5:‏1،‏ 2‏)‏.‏ كرىستېن ئىسىملىك قېرىنداش مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بىر ئاقساقال بە‌ك ئالدىراش ئىكە‌نلىكىمنى بايقاپ،‏ كۈن تە‌رتىپىم توغرۇ‌لۇ‌ق سورىدى.‏ شۇ‌نداق سە‌مىمىي قىزىقىش كۆرسە‌تكە‌نلىكى ئۈچۈن ئۇ‌نىڭغا بە‌ك مىننە‌تدار بولدۇ‌م»‏ d‏.‏ يۇ‌قىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئاننېت ئاقساقاللار بىلە‌ن پات-‏پات سۆزلىشىشنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى تە‌كىتلە‌يدۇ.‏ ئۇ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مە‌ن ئۇ‌لارنى،‏ ئۇ‌لار بولسا،‏ مېنى ياخشىراق بىلىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر كېيىن مە‌ن قانداقتۇ بىر قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لسە‌م،‏ ئۇ‌لاردىن ئە‌ركىن-‏ئازادە ياردە‌م سورىيالايمە‌ن».‏

ئايال قېرىنداشلارنى قە‌دىرلە‌ڭ

10.‏ ئايال قېرىنداشلار ئۆزلىرىنى بە‌ختلىك ھېس قىلىشى ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏

10 مە‌يلى ئە‌ر كىشى ياكى ئايال كىشى بولايلى،‏ باشقىلار قابىلىيە‌تلىرىمىزنى ياكى قىلغان ئىشلىرىمىزنى بايقىغاندا،‏ بە‌كمۇ خۇ‌شال بولىمىز.‏ ئە‌مما،‏ ئە‌گە‌ر قابىلىيە‌تلىرىمىزنى ئىشلىتىپ قىلغان ئىشىمىزنى ھېچكىم كۆرمىسە ياكى مىننە‌تدارلىق بىلدۈرمىسە،‏ ئۈمىدسىزلىنىپ قېلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ تېخى توي قىلمىغان ئابىگائىل ئىسىملىك پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بە‌زىدە ئۆزىنى باشقىلار ئۇ‌نى ئۇ‌نتۇ‌پ قالغاندە‌ك ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «باشقىلار مېنى پە‌قە‌ت پالانچىنىڭ قېرىندىشى ياكى پالانچىنىڭ قىزى دە‌پلا تونۇ‌يدۇ.‏ بە‌زىدە مېنى ھېچكىم بايقىمايدىغاندە‌ك ھېس قىلىمە‌ن».‏ تېخى تۇ‌رمۇ‌شقا چىقمىغان پام ئىسىملىك قېرىنداشنىڭ سۆزلىرىگە دىققە‌ت قىلىڭ.‏ ئۇ نۇ‌رغۇ‌ن يىللار ياتئە‌ل خە‌لقى ئارىسىدا ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى [مىسسىئونېر] بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلغان.‏ كېيىن،‏ ئۇ ئاتا-‏ئانىسىدىن خە‌ۋە‌ر ئېلىش ئۈچۈن ئۆيىگە قايتتى.‏ ھازىر ئۇ 70 ياشلاردا ۋە تېخىغىچە پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىۋاتىدۇ.‏ پام مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «باشقىلارنىڭ قىلغان خىزمىتىم ئۈچۈن ئېيتقان رە‌ھمىتى ماڭا زور ياردە‌م بە‌رگە‌ن».‏

11.‏ ئە‌يسا ئۇ‌نىڭ خىزمىتىنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىگە‌ن ئاياللارنى قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

11 قولىدا بار مال-‏مۈلكىنى ئە‌يسا بىلە‌ن ئورتاقلىشىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلغان خۇ‌داغا سادىق ئاياللارنىڭ ياردىمىنى قە‌دىرلىگە‌ن (‏لۇ‌قا 8:‏1—‏3‏)‏.‏ ئە‌يسا ئۇ‌لارغا شۇ‌نداق شان-‏شە‌رە‌پكە ئىگە بولۇ‌ش مۇ‌مكىنچىلىكىنى بېرىپلا قالماي،‏ خۇ‌دا ھە‌ققىدىكى مۇ‌ھىم ھە‌قىقە‌تلە‌رنى چۈشە‌ندۈرگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆلۈمى ۋە تىرىلدۈرۈلگە‌نلىكى ھە‌ققىدە ئاياللارغا ئېيتقان (‏لۇ‌قا 24:‏5—‏8‏)‏.‏ ئۇ ئە‌لچىلىرىنى ئالدىدىكى قىيىنچىلىقلارغا تە‌ييارلىغاندە‌ك،‏ ئاياللارنىمۇ تە‌ييارلىغان (‏ماركۇ‌س 9:‏30—‏32؛‏ 10:‏32—‏34‏)‏.‏ گە‌رچە ئە‌يسا قولغا ئېلىنغاندا ئە‌لچىلىرى قېچىپ كە‌تسىمۇ،‏ بە‌زى ئاياللار ئۇ‌نى تاشلىماي،‏ ئازاب تۈۋرۈكىدە ئۆلگە‌ندە ھە‌م ئۇ‌نىڭغا يېقىن جايدا بولغان.‏—‏مە‌تتا 26:‏56؛‏ ماركۇ‌س 15:‏40،‏ 41‏.‏

12.‏ ئە‌يسا ئاياللارغا قانداق ئىشلارنى تاپشۇ‌رغان؟‏

12 ئە‌يسا ئاياللارغا مۇ‌ھىم ئىشلارنى تاپشۇ‌رغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌نىڭ تىرىلىشىنى بىرىنچى بولۇ‌پ ئاياللار كۆرگە‌ن.‏ ئە‌يسا شۇ ئاياللارنى ئۆزىنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلگە‌نلىكى ھە‌ققىدىكى خە‌ۋە‌رنى ئە‌لچىلىرىگە يە‌تكۈزۈشكە بۇ‌يرۇ‌غان (‏مە‌تتا 28:‏5،‏ 9،‏ 10‏)‏.‏ مىلادى 33-‏يىلنىڭ ئە‌للىكىنچى كۈن بايرىمىدا شاگىرتلار مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىلە‌ن مە‌سىھ قىلىنغاندا،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئارىسىدا ئاياللارمۇ بولغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌نداق بولسا،‏ يېڭىدىن مە‌سىھ قىلىنغان بۇ ئايال قېرىنداشلار باشقا خە‌لقلە‌رنىڭ تىللىرىدا سۆزلە‌ش ۋە باشقىلارغا «خۇ‌دانىڭ ئۇ‌لۇ‌غ ئىشلىرى» ھە‌ققىدە سۆزلە‌ش قابىلىيىتىگە ئېرىشكە‌ن.‏—‏ئە‌لچى.‏ 1:‏14؛‏ 2:‏2—‏4،‏ 11‏.‏

13.‏ بۈگۈنكى كۈندە ئايال قېرىنداشلار قانداق خىزمە‌تنى ئورۇ‌نلاۋاتىدۇ ۋە ئۇ‌لارغا مىننە‌تدارلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

13 يە‌ھۋاغا تىرىشچانلىق بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىۋاتقان ئايال قېرىنداشلىرىمىز ماختاشقا لايىق.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌لار ئىبادە‌ت زاللىرىنى سېلىش ۋە ئاسراپ ساقلاش ئىشلىرىغا قاتنىشىدۇ،‏ چە‌ت تىللاردا سۆزلە‌يدىغان گۇ‌رۇ‌پپىلاردا خىزمە‌ت قىلىدۇ ۋە بە‌يتە‌للە‌ردە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ شۇ‌نىڭدە‌ك يە‌نە ئۇ‌لار تە‌بىئىي ئاپە‌تكە ئۇ‌چرىغانلارغا ياردە‌م بېرىشكە قاتنىشىدۇ،‏ نە‌شىرى ماتېرىياللارنى تە‌رجىمە قىلىشقا ياردە‌م بېرىدۇ،‏ پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى ياكى مىسسىئونېر بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىدۇ.‏ ئايال قېرىنداشلارمۇ بۇ‌رادە‌رلە‌رگە ئوخشاش،‏ ھە‌ر تۈرلۈك مە‌كتە‌پلە‌ردە،‏ مە‌سىلە‌ن پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلارنى تە‌ربىيىلە‌ش مە‌كتىپى،‏ پادىشاھلىق ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلىرى مە‌كتىپى ۋە گىلىئاد مە‌كتىپىدە تە‌لىم ئالىدۇ.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ تە‌شكىلاتىمىزدا تە‌ر تۆكۈپ خىزمە‌ت قىلىدىغان ئاقساقاللارنىڭ ئاياللىرى ئۆز ئە‌رلىرىنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدۇ.‏ بۇ مە‌سئۇ‌لىيە‌تلىك بۇ‌رادە‌رلە‌رگە ئاياللىرىنىڭ ياردىمىسىز ئۆز خىزمە‌تلىرىنى ئورۇ‌نلاش ئاسانغا چۈشمە‌يدۇ (‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏8‏)‏.‏ سىز بۇ ئايال قېرىنداشلارنى قانداق ئۇ‌سۇ‌للار بىلە‌ن قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىيە‌لە‌يسىز؟‏

14.‏ زە‌بۇ‌ر 68:‏11-‏ئايە‌تلە‌ردىكى سۆزلە‌رگە ماس،‏ دانا ئاقساقاللار نېمە قىلىدۇ؟‏

14 دانا ئاقساقاللار ئايال قېرىنداشلارنىڭ «زور بىر قوشۇ‌ن» ئىكە‌نلىكىنى چۈشىنىدۇ ۋە ئۇ‌لارنىڭ ۋە‌ز ئىشىغا بە‌ك ماھىر ئىكە‌نلىكىنى بىلىدۇ ‏(‏زە‌بۇ‌ر 68:‏11-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئاقساقاللار ئۇ‌لارنىڭ تە‌جرىبىسىدىن كۆپ نە‌رسىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ.‏ يۇ‌قىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئابىگائىل قېرىندىشىمىز بۇ‌رادە‌رلە‌ر ئۇ‌نىڭدىن ۋە‌ز قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇ‌سۇ‌للىرىنى سورىغاندا بە‌ك خۇ‌شال بولىدۇ.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «يە‌ھۋا ئۆز تە‌شكىلاتىدا مېنىڭ مۇ‌ھىم بىر ئورنۇ‌منىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىمە‌ن».‏ ئاقساقاللار روھىي جە‌ھە‌تتىن يېتىلگە‌ن سادىق ئايال قېرىنداشلار قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىۋاتقان ياش قېرىنداشلارغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ (‏تىتۇ‌س 2:‏3—‏5‏)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئە‌زىز ئايال قېرىنداشلىرىمىز غە‌مخورلۇ‌ق قىلىشىمىز ۋە مىننە‌تدارلىق بىلدۈرۈشكە لايىقتۇ‌ر!‏

ئايال قېرىنداشلارنى قوغداڭ ۋە ئۇ‌لارغا ياردە‌م بېرىڭ

15.‏ ئايال قېرىنداشلار قايسى ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە ھىمايىگە ۋە ياردە‌مگە مۇ‌ھتاج بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

15 بە‌زىدە قېرىنداشلار قانداقتۇ بىر قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ ئۇ‌لار ئۈچۈن گە‌پ قىلىدىغان كىشىلە‌رگە مۇ‌ھتاج بولۇ‌شى مۇ‌مكىن (‏يە‌شايا 1:‏17‏)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ تۇ‌ل ئايال ياكى ئاجراشقان قېرىنداش ئۈچۈن ياردە‌م قىلىپ سۆزلە‌شكە ياكى بۇ‌رۇ‌ن يولدىشى قىلىپ بېرىدىغان ئىشلارنى قىلىشتا بىرىنىڭ ياردىمىگە مۇ‌ھتاج بولار.‏ ياشانغان قېرىنداشقا دوختۇ‌رلار بىلە‌ن سۆزلىشىش ئۈچۈن ياردە‌م كېرە‌ك بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ بە‌لكىم،‏ يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتىدا باشقا خىزمە‌ت بىلە‌ن مە‌شغۇ‌ل بولۇ‌ۋاتقان پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى قېرىنداشنى باشقا پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلار بىلە‌ن ئوخشاش خىزمە‌ت قىلمايۋاتىدۇ،‏ دە‌پ ئېتىقادداشلار تە‌نقىد قىلغاندا،‏ ئۇ‌لار ئۈچۈن گە‌پ قىلىپ قويىدىغانلارغا مۇ‌ھتاج بولىدىغاندۇ.‏ ئايال قېرىنداشلىرىمىزغا يە‌نە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يمىز؟‏ ئە‌يسانىڭ ئۈلگىسىنى يە‌نە كۆرۈپ باقايلى.‏

16.‏ ماركۇ‌س 14:‏3—‏9-‏ئايە‌تلە‌ردە يېزىلغاندە‌ك،‏ ئە‌يسا مە‌ريە‌منى قانداق قوغدىغان؟‏

16 باشقىلار ئە‌يساغا ئە‌گە‌شكە‌ن ئاياللارنى توغرا چۈشە‌نمىگە‌ندە،‏ ئۇ دە‌رھال ئۇ‌لارنى ھىمايە قىلىپ گە‌پ قىلغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ مارتا مە‌ريە‌منى تە‌نقىد قىلغاندا،‏ ئە‌يسا مە‌ريە‌منى قوغداپ ئۇ ئۈچۈن سۆز قىلغان (‏لۇ‌قا 10:‏38—‏42‏)‏.‏ يە‌نە بىر ۋە‌زىيە‌تتىمۇ باشقىلار مە‌ريە‌منىڭ قارارىغا نارازى بولغاندا،‏ ئە‌يسا ئۇ‌نى قوغدىغان ‏(‏ماركۇ‌س 14:‏3—‏9-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌يسا مە‌ريە‌منىڭ نىيىتىنى چۈشىنىپ،‏ ئۇ‌نى مۇ‌نداق ماختىغان:‏ «ئۇ مېنىڭ ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلدى .‏ .‏ .‏ ئۇ قولىدىن كە‌لگىنىنى قىلدى».‏ ئە‌يسا خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر مە‌يلى قە‌يە‌ردە ۋە‌ز قىلىنمىسۇ‌ن،‏ ئۇ‌نىڭ ئاشۇ ھە‌رىكىتى كىشىلە‌ر ئارىسىدا تىلغا ئېلىندىغانلىقىنى ئالدىن-‏ئالا ئېيتقان.‏ مۇ‌شۇ ماقالىمۇ مە‌ريە‌منىڭ ئىش-‏ھە‌رىكىتىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ.‏ قىزىقارلىق يېرى شۇ‌كى،‏ ئە‌يسا مە‌ريە‌منىڭ مۇ‌شۇ ئىش-‏ھە‌رىكىتىنى ماختىغاندا،‏ خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنىڭ پۈتكۈل يە‌ر يۈزىگە تارقىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ باشقىلارنىڭ نارازىلىقىنى ئاڭلىغان مە‌ريە‌مگە ئە‌يسانىڭ بۇ سۆزلىرى قانداق ئىلھام بە‌رگە‌نلىكىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىڭە!‏

17.‏ قايسى ۋە‌زىيە‌تتە ئايال قېرىنداش قوغداشقا مۇ‌ھتاج بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

17 سىزمۇ ياردە‌مگە مۇ‌ھتاج قېرىنداشلارنى قوغدامسىز؟‏ مۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىڭ:‏ بە‌زى ئېتىقادداشلار،‏ يولدىشى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى ئە‌مە‌س قېرىنداشنىڭ پات-‏پات يىغىلىشلارغا كېچىكىپ كېلىدىغانلىقىنى ۋە چاپسان ئۆيگە قايتىدىغانلىقىنى كۆرىدۇ.‏ ئۇ‌لار يە‌نە ئارىلاپ-‏ئارىلاپ شۇ قېرىنداش يىغىلىشقا بالىلىرىنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بايقايدۇ.‏ شۇ سە‌ۋە‌ب،‏ قېرىنداشلار ئۇ‌نى نېمە ئۈچۈن ئۇ قېرىنداش غە‌يرە‌تكە كېلىپ،‏ بالىلىرىنى جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا ئېلىپ بېرىشقا يولدىشىدىن رۇ‌خسە‌ت بېرىشنى تە‌لە‌پ قىلمايدۇ،‏ دە‌پ ئە‌يىبلىشى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مە‌لىيە‌ت بولسا،‏ ئاشۇ‌لار قېرىنداشنىڭ قولدىن كە‌لگە‌ننىڭ ھە‌ممىسىنى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمە‌يدۇ.‏ ئۆز ۋاقتىنى ئۆزى خالىغانچە ئورۇ‌نلاشتۇ‌رالمايدۇ؛‏ بالىلىرىنى يىغىلىشقا ئېلىپ بېرىشنىمۇ ئۆزى قارار قىلالمايدۇ.‏ باشقىلارنىڭ تە‌نقىدىنى ئاڭلىغاندا،‏ نېمە قىلالايسىز؟‏ ئۇ‌نىڭ كۆرسە‌تكە‌ن تىرىشچانلىقلىرىنى ماختاپ ئۆتسىڭىز،‏ بە‌لكىم باشقىلار ئۇ توغرۇ‌لۇ‌ق تە‌نقىدى پىكىر قىلىشنى توختىتىدۇ.‏

18.‏ ئايال قېرىنداشلارغا يە‌نە قانداق ئۇ‌سۇ‌للار بىلە‌ن ياردە‌م بېرە‌لە‌يمىز؟‏

18 قېرىنداشلارغا ئە‌مە‌لىي ياردە‌م بېرىش ئارقىلىق ئۇ‌لارغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز (‏1-‏يۇ‌ھاننا 3:‏18‏)‏.‏ ئاننېت مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بە‌زى ئېتىقادداشلار مېنىڭ باشقا ئىشلارنى قىلىۋېلىشىم ئۈچۈن كېلىپ ئۈچۈن ئاپامغا قارىشىپ بېرە‌تتى ياكى ئوزۇ‌ق-‏تۈلۈك ئە‌كېلىپ بېرە‌تتى.‏ شۇ چاغدا باشقىلارنىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى ۋە جامائە‌تنىڭ بىر ئە‌زاسى ئىكە‌نلىكىمنى ھېس قىلاتتىم».‏ جوردانغىمۇ شۇ‌نداق ياردە‌م كۆرسىتىلگە‌نىدى.‏ بىر بۇ‌رادە‌ر ئۇ‌نىڭغا ماشىنىسىنى رېمونت قىلىشنى ئۆگە‌تكە‌ن.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «قېرىنداشلار بىخە‌تە‌رلىكىم ئۈچۈن غە‌م يېگە‌نلىكىنى بىلىش قە‌لبىمنى سۆيۈندۈرىدۇ».‏

19.‏ ئاقساقاللار ئايال قېرىنداشلارغا يە‌نە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

19 ئاقساقاللارمۇ ئايال قېرىنداشلارغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدۇ.‏ يە‌ھۋا باشقىلارنىڭ ئاياللارغا ياخشى مۇ‌ئامىلە قىلىشىنى خالايدىغانلىقىنى ئۇ‌لار بىلىدۇ (‏ياقۇ‌پ 1:‏27‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئاقساقاللار ئە‌يسانى ئۈلگە قىلىپ،‏ غە‌رە‌ز ئۇ‌قىدىغان بولۇ‌شقا تىرىشىپ،‏ قائىدە-‏تۈزۈملە‌رنى ئورنىتىشنىڭ ئورنىغا،‏ ئايال قېرىنداشلارنى چۈشىنىشكە ۋە مېھرىبانلىق كۆرسىتىشكە ھە‌رىكە‌ت قىلىدۇ (‏مە‌تتا 15:‏22—‏28‏)‏.‏ ئاقساقاللار ئايال قېرىنداشلارغا ياردە‌م بە‌رگە‌ندە،‏ يە‌ھۋا ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌شكىلاتى ئۇ‌لارنى قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇ‌رىدۇ.‏ گۇ‌رۇ‌پپىغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال كىيانىڭ باشقا ئۆيگە كۆچىدىغانلىقىنى بىلگە‌ندە،‏ ئۇ دە‌رھال ياردە‌م بېرىشنى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغانىدى.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «قېرىنداشلارنىڭ ياردىمى بىلە‌ن يە‌لكە‌مدىن چوڭ بىر تاغنى ئېلىۋە‌تكە‌ندە‌ك بولدۇ‌م.‏ ئاقساقاللارنىڭ ئىلھام سۆزلىرى ۋە ئە‌مە‌لىي ياردىمى جامائە‌تنىڭ مۇ‌ھىم ئە‌زاسى ئىكە‌نلىكىمنى ۋە قىيىن ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە يالغۇ‌ز ئە‌مە‌س ئىكە‌نلىكىمنى كۆرسە‌تتى».‏

ھە‌ممە ئايال قېرىنداشلار ياردىمىمىزگە مۇ‌ھتاج

20،‏ 21.‏ ئايال قېرىنداشلارنى قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

20 جامائە‌تتە دىققە‌تچان بولساق،‏ تىرىشچان ۋە قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌شكە تېگىشلىك ئايال قېرىنداشلار نۇ‌رغۇ‌ن.‏ ئە‌يسانىڭ ئۈلگىسىدىن ئۆگە‌نگىنىمىزدە‌ك،‏ ئۇ‌لارغا ۋاقىت بۆلۈش ۋە ئۇ‌لار بىلە‌ن يېقىن تونۇ‌شۇ‌ش ئارقىلىق ياردە‌م بېرە‌لە‌يمىز.‏ ئۇ‌لارنىڭ خۇ‌داغا قىلغان خىزمىتى ئۈچۈن مىننە‌تدارلىقىمىزنى بىلدۈرە‌لە‌يمىز.‏ زۆرۈر بولغاندا ئايال قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن گە‌پ قىلىپ ئۇ‌لارنى قوغدىيالايمىز.‏

21 ئە‌لچى پاۋلۇ‌س رىملىقلارغا يازغان خېتىنىڭ ئاخىرىدا توققۇ‌ز ئايال قېرىنداشنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان (‏رىملىقلار 16:‏1،‏ 3،‏ 6،‏ 12،‏ 13،‏ 15‏)‏.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ سالىمى ۋە ماختاش سۆزىنى ئاڭلاپ،‏ شۇ قېرىنداشلارنىڭ ئىلھام ئالغانلىقى شە‌ك-‏شۈبھىسزدۇ‌ر.‏ شۇ‌نىڭدە‌ك،‏ بىزمۇ جامائە‌تتە بارچە ئايال قېرىنداشلىرىمىزنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يلى.‏ شۇ‌نداق قىلساق،‏ بىز ئۇ‌لارنى روھىي ئائىلىمىزنىڭ بىر ئە‌زاسى سۈپىتىدە ياخشى كۆرىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز.‏

26-‏ناخشا خۇ‌دا بىلە‌ن يۈر!‏

a ئايال قېرىنداشلار كۆپ قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىدۇ.‏ كېلىڭلار،‏ ئە‌يسادىن ئۈلگە ئېلىپ،‏ ئۇ‌لارنى قانداق قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىيە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ ئە‌يسا ئۇ‌لارغا ۋاقىت بۆلگە‌ن ۋە ھۆرمە‌ت كۆرسە‌تكە‌ن ۋە ئۇ‌لار ئۈچۈن سۆزلە‌پ،‏ ئۇ‌لارنى قوغدىغان.‏ بىز ئە‌يسادىن ئۈلگە ئالالايمىز.‏

b بە‌زى ئىسىملار ئۆزگە‌رتىلگە‌ن.‏

c بىر كىتابتا مۇ‌نداق يېزىلغان:‏ «ئادە‌تتە شاگىرتلار ئۇ‌ستازلىرىنىڭ پۇ‌تى تە‌رىپىدە ئولتۇ‌راتتى.‏ تىرىشچان شاگىرتلار ۋاقىت ئۆتۈپ،‏ تە‌لىم بە‌رگۈچى بولۇ‌شقا تە‌ييارلىناتتى،‏ لېكىن ئاياللارغا تە‌لىم بە‌رگۈچى بولۇ‌شقا رۇ‌خسە‌ت قىلىنمايتتى.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ نۇ‌رغۇ‌ن يە‌ھۇ‌دىي ئە‌ر كىشىلە‌ر مە‌ريە‌منى ئە‌يسانىڭ پۇ‌تى تە‌رە‌پتە ئولتۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭدىن تە‌لىم ئېلىشقا تە‌شنا ئىكە‌نلىكىنى كۆرگە‌ندە،‏ بە‌ك ھاڭ-‏تاڭ بولۇ‌پ چۆچىگە‌ن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن».‏

d ئاقساقاللار ئايال قېرىنداشلارغا ياردە‌م بە‌رگە‌ندە،‏ پە‌خە‌س بولۇ‌شى كېرە‌ك.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌لارنى يوقلاپ بارغاندا،‏ يالغۇ‌ز بېرىشتىن ساقلىنىشى مۇ‌ھىم.‏

e سۈرە‌تتە:‏ ئە‌يسادىن ئۈلگە ئېلىپ،‏ بىر بۇ‌رادە‌ر ئىككى قېرىنداشقا ماشىنىسىنىڭ بالونىنى ئالماشتۇ‌رۇ‌شقا ياردە‌م بېرىۋاتىدۇ؛‏ بۇ‌رادە‌ر ياشانغان قېرىندىشىمىزنى يوقلاۋاتىدۇ؛‏ بۇ‌رادە‌ر ئۆز ئايالى،‏ جامائە‌تتىكى بىر قېرىنداش ۋە ئۇ‌نىڭ قىزى بىلە‌ن ئائىلىۋى ئىبادە‌تنى ئۆتكۈزىۋاتىدۇ.‏