40-تەتقىق ماقالىسى
«ساڭا ئىشىنىپ ئامانەت قىلىنغاننى قوغدىغىن»
«ھەي تىموتىي، ساڭا ئىشىنىپ ئامانەت قىلىنغاننى قوغدىغىن».—1-تىموت. 6:20.
34-ناخشا ئىسىمىمىزغا ماس ياشايلى!
بۇ ماقالىدە a
1، 2. 1-تىموتىي 6:20-ئايەتكە ئاساسەن، تىموتىيغا نېمە ئامانەت قىلىنغان؟
بەزىدە، بىز ئۆزۈمىزنىڭ قىممەتلىك نەرسىلىرىنى باشقىلارغا ئىشىنىپ ساقلاپ بېرىشكە تاپشۇرىمىز. مەسىلەن، پۇلىمىزنى بانكىغا ئامانەت قويۇشىمىز مۇمكىن. شۇنداق قىلساق، پۇللىرىمىز بىخەتەر ساقلىنىپ، يۈتۈپ كەتمەيدۇ ياكى ئوغرى ئالالمايدۇ، دەپ قارايمىز. دېمەك، بىز ئۈچۈن قىممەت نەرسىنى باشقىلارغا ئامانەت قىلىشنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىمىز.
2 1-تىموتىي 6:20-نى ئوقۇڭ. ئەلچى پاۋلۇس تىموتىيغا قىممەتباھا نەرسىنى، يەنى خۇدانىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن قىلغان ئىرادىسى توغرۇلۇق بىلىمنى ئالغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. يەھۋا ھەم تىموتىيغا پادىشاھلىق خۇش خەۋىرىنى ۋەز قىلىش شان-شەرىپىنى ئامانەت قىلغان (2-تىموت. 4:2، 5). پاۋلۇس تىموتىينى ئۆزىگە ئىشىنىپ تاپشۇرۇلغان نەرسىلەرنى قەدىرلەشكە ئۈندىگەن. بىزگىمۇ تىموتىيغا ئوخشاش قىممەتباھا نەرسىلەر تاپشۇرۇلغان. ئۇلار نېمىلەر؟ يەھۋا بىزگە ئامانەت قىلغان نەرسىلەرنى نېمە ئۈچۈن ساقلىشىمىز كېرەك؟
قىممەتباھا ھەقىقەتلەر
3، 4. مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەتلەر نېمە ئۈچۈن قىممەتباھا؟ بۇنداق دېيىشكە قانداق سەۋەبلىرىمىز بار؟
3 يەھۋا مېھرىبانلىق بىلەن بىزگە ئۆز سۆزى مۇقەددەس كىتابتىكى قىممەت-باھا ھەقىقەتلەرنىڭ توغرا بىلىمىنى بەرگەن. بۇ بىلىملەر بىزنىڭ يەھۋا خۇدا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتكە ئىگە بولۇشىمىزغا ياردەم بېرىپ، ھەقىقىي بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشكە يول كۆرسەتكەن. شۇڭا، مۇقەددەس كىتاب ھەقىقىتى بىز ئۈچۈن بەكمۇ قىممەت باھالىق. بىز ئاشۇ ھەقىقەتلەرنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارغا ماس ياشىساق، ساختا تەلىملەرنىڭ قۇللىقىدىن ئازاد بولىمىز ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىن پاك ھايات كەچۈرەلەيمىز.—1-كورىنت. 6:9—11.
4 ھەقىقەتلەرنىڭ بىز ئۈچۈن قىممەتباھا بولۇشنىڭ يەنە بىر سەۋەبى — يەھۋا مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەتلەرنى پەقەت كەمتەر ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتنى قوبۇل قىلىشقا مايىل كىشىلەرگىلا نامايان قىلىدۇ (ئەلچى. 13:48). شۇنداق ئادەملەر بۈگۈنكى كۈندە يەھۋانىڭ سادىق ۋە ئەقىل-پاراسەتلىك قۇل ئارقىلىق بىزگە تەلىم بېرىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ (مەتتا 11:25؛ 24:45). بىز مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەتلەرنى ياردەمسىز، ئۆز-ئۆزىمىز چۈشىنەلمەيمىز ۋە شۇلارنى چۈشىنىشتىنمۇ زور قىممەتباھا نەرسە يوق.—پەند. نە 3:13، 15.
5. يەھۋا بىزگە ئىشىنىپ، يەنە نېمە ئىشىنى تاپشۇرغان؟
5 يەھۋا يەنە بىزگە ئىشىنىپ، ئۆزى ۋە ئۆزىنىڭ مەقسەتلىرى توغرۇلۇق ئۆگەنگەن ھەقىقەتلەرنى باشقىلارغا ئۆگىتىش شان-شەرىپىنى بەرگەن (مەتتا 24:14). بىز جاكارلاۋاتقان خەۋەر بەكمۇ قىممەتباھادۇر، چۈنكى ئۇ ئادەملەرنىڭ خۇدانىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەزاسى بولۇشىغا ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشىگە ياردەم بېرىدۇ (1-تىموت. 4:16). مەيلى كۆپ ياكى ئاز ۋەز قىلايلى، ھەربىرىمىز ھازىر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئەڭ مۇھىم ئىشقا ئۆز ھەسسىمىزنى قوشۇۋاتىمىز (1-تىموت. 2:3، 4). خۇدانىڭ خىزمەتداشلىرى بولۇش نېمە دېگەن چوڭ شان-شەرەپ!—1-كورىنت. 3:9.
ئامانىتىڭىزنى ساقلاڭ
باشقىلار يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى توختاتقاندا، تىموتىي خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان (6-ئابزاسقا قاراڭ)
6. بەزىلەر نېمە سەۋەبتىن ئۆزىگە ئامانەت قىلىنغان نەرسىلەرنى قەدىرلەشنى توختاتقان؟
6 تىموتىينىڭ زامانىدا ياشىغان بەزى ئېتىقادچىلار خۇدا بىلەن خىزمەتداش بولۇش ئىمتىيازىنى قەدىرلىمىگەنىدى. مەسىلەن، دېماس بۇ دۇنيانى ياخشى كۆرگەنلىكتىن، پاۋلۇس بىلەن خىزمەت قىلىش پۇرسىتىنى قولىدىن بېرىپ قويغان (2-تىموت. 4:10). بەلكىم فىگېل بىلەن ئېرموگېن پاۋلۇسقا ئوخشاش زىيانكەشلىككە دۇچ كېلىشتىن قورقۇپ، ۋەز قىلىشنى توختاتقان (2-تىموت. 1:15). ئىمېنېي، ئىسكەندەر ۋە فىلېت ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرۈپ، يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى توختاتقان (1-تىموت. 1:19، 20؛ 2-تىموت. 2:16—18). ئېنىقكى، بۇ ئادەملەرنىڭ ھەممىسى بۇرۇن خۇدانى ياخشى كۆرسىمۇ، كېيىن ئۆزىگە ئامانەت قىلىنغان نەرسىلەرنىڭ قىممەت-باھا ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالغان.
7. شەيتان بىزنى قانداق ھىيىلە-مىكىرلىرى بىلەن تۇزاققا چۈشۈرمەكچى؟
7 شەيتان بىزنى، خۇدا بىزگە ئىشىنىپ تاپشۇرغان ئامانەتتىن ۋاز كەچۈرۈش ئۈچۈن نېمە قىلىدۇ؟ كېلىڭلار، بۇنىڭ بەزى ھىيىلە-مىكىرلىرىنى كۆرۈپ چىقايلى. شەيتان يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى سوۋۇتۇپ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلماسلىقىمىز ئۈچۈن كۆڭۈل ئېچىش ياكى ئويۇن-تاماشا تۈرلىرى، كىتاب-ژۇرناللار ئارقىلىق ئوي-پىكىرىمىز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزنى ئۆزگەرتىشكە ھەرىكەت قىلىدۇ. بىزنى ۋەز قىلىشتىن توختىتىش ئۈچۈن ئۇ تەڭتۇشلىرىمىزنىڭ بېسىمى ياكى زىيانكەشلىك ئارقىلىق قورقۇتۇشقا ئۇرۇنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىزنى ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرۈگەنلەرنىڭ ساختا تەلىماتلىرىنى ئاڭلاشقا ئازدۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق بىزنى ھەقىقەت يولىنى تاشلاپ كېتىشكە ھەرىكەت قىلىدۇ.—1-تىموت. 6:20، 21.
8. دانىيال ئىسىملىك بىر بۇرادەرنىڭ مىسالىدىن قانداق ساۋاق ئالدىڭىز؟
8 ئېھتىياتچان بولمىساق، بىز ئاستا-ئاستا ھەقىقەتتىن چەتنەپ كېتىشىمىز مۇمكىن. بۇرۇن ئېلېكترونلۇق ئويۇنلارنى ئويناشنى بەكمۇ ياخشى كۆرگەن، دانىيال b ئىسىملىك بۇرادەرنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئون ياشتا بولغاندا، مەن ئېلېكترونلۇق ئويۇنلارنى ئويناشنى باشلىدىم. دەسلەپ مەن قارىماققا زىيىنى يوقتەك كۆرۈنگەن ئويۇنلارنى ئوينىغان. لېكىن، كېيىن ئاستا-ئاستا زوراۋانلىق ۋە جىنكەشلىك بىلەن باغلىنىشلىق ئويۇنلارنى ئويناشنى باشلىدىم». نەتىجىدە، ئۇ ھەر كۈنى دېگىدەك ئون بەش سائەت ئوينايدىغان بولغانىدى. ئۇ سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «راستىنى ئېيتسام، مەن ئويناۋاتقان ئويۇنلار ۋە ئۇلارغا قانچە ۋاقىت چىقارغىنىم، ئاستا-ئاستا مېنى يەھۋا خۇدادىن يىراقلاشتۇرۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى چۈشىنەتتىم. لېكىن، مەن ئۆز-ئۆزۈمنى مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپلار ماڭا ماس كەلمەيدۇ، دەپ ئىشەندۈردۈم». دېمەك، پەخەس بولمىساق، ئويۇن-تاماشىلارنىڭ كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان تەسىرى ھەقىقەتنى چىڭ تۇتالماي قېلىشقا سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئەگەر شۇنداق بولسا، يەھۋا بىزگە ئامانەت قىلغان قىممەت-باھا نەرسىلەرنى ئېھتىمال قولدىن چىقىرىپ قويىمىز.
ھەقىقەتنى قانداق چىڭ تۇتالايمىز؟
9. 1-تىموتىي 1:18، 19-ئايەتلەرگە ئاساسەن، پاۋلۇس تىموتىينى كىم بىلەن سېلىشتۇرغان؟
9 1-تىموتىي 1:18، 19-نى ئوقۇڭ. پاۋلۇس تىموتىينى ئەسكەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئۇنى داۋاملىق جەڭگە قاتنىشىشقا دەۋەت قىلغان. ئۇ ئادەتتىكى جەڭ ئەمەس، بەلكى روھىي جەڭ. خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى قايسى مەنىدە ئەسكەرلەرگە ئوخشاش جەڭ قىلىدۇ؟ مەسىھنىڭ ئەسكەرلىرى سۈپىتىدە، بىز قانداق پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك؟ پاۋلۇسنىڭ مىسالىدىن قانداق بەش ساۋاقنى ئالالايمىز، كۆرۈپ چىقايلى. شۇ ساۋاقلار ھەقىقەتنى چىڭ تۇتۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.
10. خۇداغا بولغان ساداقەتمەنلىك دېگەن نېمە ۋە بىز نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا مۇھتاج؟
10 خۇداغا بولغان ساداقەتمەنلىكنى يېتىلدۈرۈڭ. ياخشى ئەسكەر ساداقەتمەن بولىدۇ. ئۇ ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشىنى ياكى ئۆزى ئۈچۈن قىممەت-باھا سانالغان نەرسىنى قوغداش ئۈچۈن بار كۈچى بىلەن جەڭ قىلىدۇ. پاۋلۇس تىموتىينى خۇداغا بولغان ساداقەتمەنلىكنى ياكى ۋاپادارلىقنى يېتىلدۈرۈشكە ئۈندىگەن (1-تىموت. 4:7). خۇداغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە ساداقەتمەنلىكىمىز قانچە كۈچلۈك بولسا، ھەقىقەتنى چىڭ تۇتۇش ئارزۇ-ئىستىكىمىزمۇ شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ.—1-تىموت. 4:8—10؛ 6:6.
بەزىدە ئىشتىن چارچاپ كەلسەكمۇ، ئۆزۈمىزنى جامائەت يىغىلىشىغا قاتنىشىشقا مەجبۇرلاشقا توغرا كېلىشى مۇمكىن. بىراق شۇنداق قىلساق، چوقۇم بەرىكەتلەرگە ئېرىشىمىز (11-ئابزاسقا قاراڭ)
11. بىز نېمە ئۈچۈن ئۆزىمىزنى تەرتىپلىك تۇتۇشىمىز كېرەك؟
11 ئۆزىڭىزنى تەرتىپلىك تۇتۇشنى ئۆگىنىڭ. ئەسكەر ھەر ۋاقىت جەڭگە تەييار بولۇش ئۈچۈن، ئۆزىنى تەرتىپكە سېلىشقا كۆپ كۈچ چىقىرىشى كېرەك. تىموتىي پاۋلۇسنىڭ مەسلىھىتىگە قۇلاق سېلىپ، خاتا ئارزۇ-ھەۋەسلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ياخشى پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرگەن ۋە ئېتىقادداشلار بىلەن ئارىلىشىپ، ئۇلار بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزگەن. شۇ ئارقىلىق شەيتاننىڭ يامان تەسىرىگە قارشى جەڭ قىلغان (2-تىموت. 2:22). بۇنىڭ ھەممىسىنى قىلىش ئۈچۈن تىموتىي ئۆزىنى تەرتىپلىك تۇتۇشى كېرەك ئىدى. بىزمۇ گۇناھكار تېنىمىزنىڭ ھەۋەسلىرىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىمىزنى تەرتىپكە سېلىشىمىز كېرەك (رىملىقلار 7:21—25). بۇنىڭدىن باشقا، مىجەز-خۇلقىمىزنى ئۆزگەرتىپ، يېڭى تەبىئەت، يەنى پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىمىزنى تەرتىپلىك تۇتۇشىمىز ئىنتايىن مۇھىم (ئەفەس. 4:22، 24). بىر كۈنىمىز ئاخىرلىشىپ، بەك ھېرىپ چارچاپ قالساقمۇ، جامائەت يىغىلىشىدا ھال-ئەھۋال سوراپ قېرىنداشلار بىلەن ئارىلىشىشقا ئۆزۈمىزنى مەجبۇرلاشقا توغرا كېلىشى مۇمكىن.—ئىبرانىي. 10:24، 25.
12. مۇقەددەس كىتابنىڭ ياردىمى بىلەن تەلىم بېرىش ماھارىتىمىزنى قانداق قىلىپ ئاشۇرالايمىز؟
12 ئەسكەر قورال-ياراقلىرىنى ئىشلىتىشنى ئۆگىنىشى كېرەك. ئۇلارنى ئىشلىتىشكە ماھىر بولۇش ئۈچۈن دائىم مەشىق قىلىشى لازىم. شۇنىڭغا ئوخشاش، بىزمۇ خۇدا سۆزىنى ئىشلىتىشكە ماھىر بولۇشنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك (2-تىموت. 2:15). بۇنىڭ بەزى ئۇسۇللىرىنى بىز جامائەت يىغىلىشلىرىدا ئۆگىنەلەيمىز. لېكىن، ئەگەر بىز مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەتلەرنىڭ كىشىلەرگە ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىغا، باشقىلارنى قايىل قىلىشنى خالىساق، بىز ئۇنى ئۆزۈمىز دائىم تەتقىق قىلىشىمىز كېرەك. بىز مۇقەددەس كىتابنىڭ ياردىمى بىلەن ئىمان-ئېتىقادىمىزنى كۈچەيتەلەيمىز. لېكىن، بۇنىڭ ئۈچۈن بىز مۇقەددەس كىتابنى پەقەت ئوقۇپلا قويماي، ئوقۇغانلىرىمىز ئۈستىدىن چوڭقۇر ئويلىنىپ، نەشىرى ماتېرىياللىرىمىزدىن كۆپرەك مەلۇمات ئىزدىشىمىز كېرەك. شۇ چاغدىلا بىز مۇقەددەس كىتابتىكى سۆزلەرنى توغرا چۈشىنىپ، ئايەتلەرنى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتەلەيمىز (1-تىموت. 4:13—15). شۇنداق قىلساق، بىز خۇدا سۆزىنىڭ ياردىمى بىلەن تەلىم بېرەلەيمىز. بۇ يەنە پەقەت مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇشنىلا ئەمەس، بەلكى ئاشۇ ئوقۇغان ئايەتلەردىكى سۆزلەرنى تىڭشىغۇچىلىرىمىزغا توغرا چۈشەندۈرۈپ، ئۇنى ئەمەلىيەتكە قانداق تەتبىقلاپ ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشنىمۇ ئۆز ئىچىگە كىرىدۇ. بىز مۇقەددەس كىتابنى ئۆزۈمىز دائىم تەتقىق قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرساق، خۇدانىڭ سۆزىنى ئىشلىتىپ تەلىم بېرىش ماھارىتىمىزنى ئاشۇرالايمىز.—2-تىموت. 3:16، 17.
13. ئىبرانىيلار 5:14-ئايەتكە ئاساسەن، نېمە ئۈچۈن زېرەك بولۇشىمىز كېرەك؟
13 زېرەك بولۇڭ. ئەسكەر چوقۇم خەتەرنى ئالدىن-ئالا كۆرەلەيدىغان ۋە ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرالايدىغان بولۇشى كېرەك. بىزمۇ چوقۇم خەتەرلىك ۋەزىيەتلەرنى ئالدىن-ئالا كۆرۈپ، خەتەردىن ساقلىنالايدىغان بولالىشىمىز زۆرۈر (پەند. نە 22:3؛ ئىبرانىيلار 5:14-نى ئوقۇڭ). مەسىلەن، ئويۇن-تاماشا ۋە كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىنى تاللىغاندا، دانا بولۇشىمىز كېرەك. تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى ۋە كىنولاردا پات-پات ئەخلاقسىز ئىش-ھەرىكەتلەر كۆرسىتىلىدۇ. شۇنداق ئويۇن-تاماشا، كۆڭۈل ئېچىشلار خۇداغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى سۇلاشتۇرىۋىتىدۇ، شۇڭا ئۇلاردىن ئۆزىمىزنى قاچۇرىمىز. بىز بىلىمىزكى، يەھۋا ئەخلاقسىز ئىش-ھەرىكەتلەرنى ئۆچ كۆرىدۇ ۋە شۇنداق ئەخلاقسىز قىلمىشلار باشقىلارغا ۋە ئۆزىمىزگە زىيان يەتكۈزىدۇ.—ئەفەس. 5:5، 6.
14. زېرەكلىك دانىيالغا قانداق ياردەم بەرگەن؟
14 يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان دانىيال زوراۋانلىق ۋە جىنكەشلىك بىلەن باغلىنىشلىق ئېلېكترونلۇق ئويۇنلارنى ئويناشنىڭ ناتوغرا ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەنىدى. ئۇ «كۈزىتىش مۇنارى كۈتۈپخانىسى»دىن ئۇنىڭغا بۇ قىيىنچىلىق بىلەن كۈرەش قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان مەلۇماتلارنى ئىزدىدى. بۇ ئۇنىڭغا قانداق تەسىر قىلدى؟ ئۇ يامان ئويۇنلارنى ئويناشنى توختاتقانىدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ باشقا توردا بىللە ئويۇن ئوينايدىغانلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزگەن. دانىيال مۇنداق دەيدۇ: «ئېلېكترونلۇق ئويۇنلارنى ئويناشنىڭ ئورنىغا مەن كۆپرەك سىرتلاردا پائالىيەتلەرنى قىلىدىغان ياكى جامائەتتىكى دوستلار بىلەن ئارىلىشىدىغان بولدۇم». ھازىر دانىيال پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى ۋە ئاقساقال بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.
15. ساختا مەلۇماتلار نېمە ئۈچۈن شۇنچىلىك خەتەرلىك؟
15 بىزمۇ تىموتىيغا ئوخشاش ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەر تارقىتىدىغان ساختا ئۇچۇر ياكى مەلۇماتلاردىن ئۆزۈمىزنى قوغدىشىمىز كېرەك (1-تىموت. 4:1، 7؛ 2-تىموت. 2:16). مەسىلەن، ئۇلار قېرىنداشلار توغرۇلۇق يالغان مەلۇماتلارنى تارقىتىشى ياكى قەلبىمىزدە يەھۋانىڭ تەشكىلاتى ھەققىدە گۇمان پەيدا قىلىشقا تىرىشىشى مۇمكىن. شۇنداق مەلۇماتلار ئىشەنچىمىزنى ئاجىزلاشتۇرۇشى مۇمكىن. بىز شۇنداق ساختا مەلۇماتلارنىڭ ئازدۇرۇپ كېتىشىدىن پەخەس بولۇشىمىز كېرەك. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، شۇنداق گەپ-سۆزلەرنى «نىيىتى بۇزۇلغان ۋە ھەقىقەتتىن مەھرۇم بولغان ئادەملەر» تارقىتىدۇ. ئۇلارنىڭ مەقسىتى — ئارىمىزدا تالاش-تارتىشلارنى پەيدا قىلىشتۇر (1-تىموت. 6:4، 5). ئۇلار بىزنىڭ بۇ تۆھمەتكە ئىشىنىپ، قېرىنداشلاردىن گۇمان قىلىپ، ھەتتا ئۇلارغا ئىشىنىشنى توختىتىشىمىزنى خالايدۇ.
16. بىز چوقۇم نېمىنىڭ دىققىتىمىزنى چېچىشىدىن ساقلىنىشىمىز كېرەك؟
16 دىققىتىڭىزنى چاچماڭ. «ئەيسا مەسىھنىڭ ياخشى جەڭچىسى بولۇپ»، تىموتىي ئۆز دىققىتىنى ماددىي نەرسىلەرگە ياكى ھاياتتىكى باشقا مەقسەتلەرگە چېچىشنىڭ ئورنىغا، ۋەز خىزمىتىگە كۆپرەك مەركەزلەشتۈرۈشى كېرەك ئىدى (2-تىموت. 2:3، 4). بىزمۇ تىموتىيغا ئوخشاش، مال-مۈلۈك توپلاش ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنىڭ دىققىتىمىزنى چېچىشىغا يول بەرمەسلىكىمىز لازىم. «بايلىقنىڭ ئازدۇرۇشى» بىزنىڭ يەھۋا خۇداغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى، ئۇنىڭ سۆزىگە بولغان مىننەتدارلىقىمىزنى ۋە باشقىلارغا ھەقىقەت سۆزلىرىنى ۋەز قىلىش ئارزۇ-ئىستەكلىرىمىزنى بوغۇۋېتىشى مۇمكىن (مەتتا 13:22). بىز ئاددىي ھايات كەچۈرۈپ، ۋاقىت ۋە كۈچىمىزنى ‹خۇدا پادىشاھلىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشقا› ئىشلىتىشىمىز كېرەك.—مەتتا 6:22—25، 33.
17، 18. يەھۋا بىلەن بولغان دوستلىقىمىزنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟
17 تېز ھەرىكەت قىلىشقا تەييار بولۇڭ. ئەسكەر ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن قانداق ھەرىكەت قىلىشنى ئالدىن-ئالا پىلانلاپ قويۇشى مۇھىم. ئەگەر بىز يەھۋا بىزگە ئامانەت قىلغان نەرسىلەرنى قوغداشنى خالىساق، خەتەرنى كۆرگەندە دەرھال ھەرىكەت قىلىشىمىز زۆرۈر. تېزلىكتە ھەرىكەت قىلىشىمىزغا نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟ ئالدىن-ئالا خەتەرلىك ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەندە قانداق ھەرىكەت قىلىش ھەققىدە ئويلىنىپ پىلان تۈزۈپ قويۇشىمىز لازىم.
18 بۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن بىر مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى. قانداقتۇ بىر پائالىيەتكە قاتناشقاندا، كەلگەن كىشىلەرگە پروگرامما باشلاشتىن بۇرۇن يېقىن چىقىش ئېغىزىنى تېپىشنى ئېيتىپ قويىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، قانداقتۇ بىر تاسادىپىي ۋەقە يۈز بەرسە، ئۇلار تېزلا شۇ جايدىن چىقىپ كېتەلەيدۇ. دەل شۇنىڭغا ئوخشاش، بىزمۇ ئىنتېرنېت تورىغا چىققاندا، تېلېۋىزىيە پروگراممىسى ياكى كىنو كۆرگەندە، كۈتمىگەندە بىر ئەخلاقسىز كۆرۈنۈش، زوراۋانلىق تەسۋىرلىرى ياكى ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرۈگەنلەر چىقارغان ماتېرىياللارنى كۆرۈپ قالساق، قانداق ھەرىكەت قىلىشنى ئالدىن-ئالا ئويلىشىمىز كېرەك. يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان ۋەزىيەتكە ئالدىن-ئالا تەييارلىق قىلساق، بىزگە روھىي جەھەتتىن زىيان يەتكۈزىدىغان نەرسىلەردىن تېزلىكتە قېچىپ، يەھۋا بىلەن بولغان دوستلىقىمىزنى قوغداپ قالالايمىز.—زەبۇر 101:3؛ 1-تىموت. 4:12.
19. يەھۋا بىزگە ئامانەت قىلغان نەرسىلەرنى قوغدىساق، قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشىمىز؟
19 بىز چوقۇم يەھۋا خۇدانىڭ بىزگە ئامانەت قىلغان قىممەت-باھا نەرسىلىرىنى، يەنى مۇقەددەس كىتابتىكى بىباھا ھەقىقەتلەرنى ۋە ئۇلارنى باشقىلارغا ئۆگىتىش شان-شەرىپىنى قوغدىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلساق، بىز ۋىجدانىمىز پاك، مەنىلىك ھايات كەچۈرۈش ۋە باشقىلارغا يەھۋا توغرۇلۇق ئۆگىتىشتىن كېلىدىغان خۇشاللىقتىن بەھرىمەن بولىمىز. يەھۋا خۇدانىڭ ياردىمى بىلەن، ئۇ بىزگە ئىشىنىپ ئامانەت قىلىپ تاپشۇرغان قىممەتباھا نەرسىلەرنى قوغداپ ساقلىيالايمىز.—1-تىموت. 6:12، 19.
29-ناخشا ساداقەتمەنلىكنى ساقلاپ يۈرۈش