36-تەتقىق ماقالىسى
سىز ئادەم تۇتقۇچى بولۇشقا تەييارمۇ؟
«قورقما. بۇنىڭدىن كېيىن تىرىك ئىنسانلارنى تۇتىسەن».—لۇقا 5:10.
137-ناخشا جاسارەت بەرگىن
بۇ ماقالىدە a
1. ئەيسا تۆت بېلىقچىنى نېمە قىلىشقا تەكلىپ قىلغان ۋە ئۇلار قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟
ئەيسانىڭ بەزى شاگىرتلىرى، شۇ جۈملىدىن پېترۇس، ئەندەر، ياقۇپ ۋە يوھاننا بېلىقچىلار ئىدى. شۇڭا، ئۇلار ئەيسانىڭ: «ماڭا ئەگىشىڭلار! مەن سىلەرنى ئىنسانلارنى تۇتقۇچىلار قىلىمەن b»،— دېگەن تەكلىپىنى ئاڭلىغاندا، قانچىلىك ھەيران بولغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ. ئۇلار قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟ مۇقەددەس كىتابتا مۇنداق يېزىلغان: «ئۇلار شۇئان بېلىق تورلىرىنى تاشلاپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى» (مەتتا 4:18—22). ئۇلارنىڭ بۇ قارارى ھاياتىنى تۈپ يىلتىزىدىن ئۆزگەرتكەن. ئەمدى ئۇلار بېلىقنىڭ ئورنىغا، «تىرىك ئىنسانلارنى» تۇتۇشى كېرەك ئىدى (لۇقا 5:10). بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئەيسا ھەقىقەتنى ياخشى كۆرىدىغان سەمىمىي كىشىلەرنى ئىنسانلارنى تۇتۇشقا تەكلىپ قىلىۋاتىدۇ (مەتتا 28:19، 20). سىز ئەيسانىڭ بۇ تەكلىپىنى قوبۇل قىلدىڭىزمۇ؟
2. نېمە ئۈچۈن ئادەم تۇتقۇچى بولۇش قارارىنى بەك مۇھىم دەپ قارىشىمىز كېرەك ۋە بۇ قارارنى چىقىرىشىمىزغا نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
2 بەلكىم، سىزنىڭ مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىۋاتقىنىڭىزغا خېلى ۋاقىت بولدى. شۇنىڭدىن بېرى، ھاياتىڭىزدا نۇرغۇن ئۆزگۈرۈشلەرنى قىلغانسىز. ھازىر بولسا، سىز ۋەز ئېيتقۇچى بولۇش-بولماسلىقنى قارار قىلىشىڭىز كېرەك. ئەيسانىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىش ھەققىدە ئىككىلىنىپ قالسىڭىز، ئۈمىدسىزلەنمەڭ. ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالغىنىڭىزنىڭ ئۆزى، بۇ قارارنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن. راست، مۇقەددەس كىتابتا پېترۇس ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى تورلىرىنى دەرھال تاشلاپ ماڭدى، دەپ يېزىلغان. لېكىن پېترۇس ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى بۇ قارارنى ئويلانماستىن قوبۇل قىلمىغان. ئۇلار بۇنىڭدىن ئالتە ئاي بۇرۇن ئەيسانىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ، بۇنى ئېتىراپ قىلغان (يۇھاننا 1:35—42). شۇنىڭغا ئوخشاش، بەلكىم سىزمۇ يەھۋا خۇدا بىلەن ئەيسا مەسىھ توغرۇلۇق ئاللىقاچان بىلىم ئېلىپ، يەھۋاغا داۋاملىق يېقىنلىشىشنى خالايدىغانسىز. لېكىن، ۋەز ئېيتقۇچى بولۇشنى قارار قىلىشتىن ئاۋۋال سىز بۇ توغرۇلۇق چوڭقۇر ئويلىنىشىڭىز كېرەك. پېترۇس، ئەندەر ۋە باشقىلارنىڭ بۇ قارارنى چىقىرىشىغا نېمە ياردەم بەرگەن؟
3. ئەيسانىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىش ئارزۇيىڭىزنى قايسى پەزىلەتلەر كۈچەيتىدۇ؟
3 ئەيسانىڭ دەسلەپكى شاگىرتلىرى ۋەز قىلىشنى خالىغان، ئۆز ئىشىدا ماھىر، جۈرئەتلىك بولغان ۋە ئۆزىنى تەرتىپلىك تۇتقان. بۇ پەزىلەتلەر ئۇلارنىڭ ماھىر ئادەم تۇتقۇچى يەنى خۇش خەۋەرنى جاكارلىغۇچىلار بولۇشىغا ياردەم بەرگەن. بۇ ماقالىدە بىز ۋەز ئېيتىش ۋە شاگىرتلارنى تەييارلاش ئىشىدا ئۇتۇققا ئېرىشىش ئۈچۈن بۇ پەزىلەتلەرنى قانداق يېتىلدۈرەلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.
ۋەز قىلىش ئارزۇيىڭىزنى كۈچەيتىڭ
پېترۇس ۋە باشقىلار ئىنسانلارنى تۇتقۇچىلار بولغان. بۇ مۇھىم ئىش بۈگۈنكى كۈندىمۇ داۋاملاشماقتا (4، 5-ئابزاسلارغا قاراڭ)
4. پېترۇس نېمە ئۈچۈن ياخشى بېلىقچى بولغان؟
4 پېترۇس ئۆيىدىكىلىرىنى بېقىش ئۈچۈن بېلىق تۇتقان. ئەمما، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن پەقەتلا بىر خىزمەت ئەمەس، ئۆزى ئەڭ ئامراق ئىش بولغان ئىدى (يۇھاننا 21:3، 9—15). پېترۇس يەنە ئادەملەرگە خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم تۇتقۇچى بولۇشنى ئۆگەنگەن. يەھۋانىڭ ياردىمى بىلەن پېترۇس بۇ خىزمەتتە ناھايىتى ئۇستا بولۇپ يېتىشىپ چىققان.—ئەلچى. 2:14، 41.
5. لۇقا 5:8—11-ئايەتلەرگە ئاساسەن، پېترۇس نېمە سەۋەبتىن قورققان ۋە بىزگە قورقۇنچنى يېڭىشىمىزغا نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
5 بىز يەھۋانى سۆيگەچ، ۋەز قىلىمىز. ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببەت — ۋەز قىلىشىمىزنىڭ ئاساسىي سەۋەبى. بىز «ۋەز قىلىش قولۇمدىن كەلمەيدۇ» دەپ ئويلىساقمۇ، بۇ سۆيگۈ-مۇھەببەت باشقىلارغا يەھۋا توغرۇلۇق ئېيتىپ بېرىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. ئەيسا پېترۇسنى ئادەم تۇتقۇچى بولۇشقا تەكلىپ قىلغاندا، ئۇنىڭغا: «قورقما»،— دەپ ئېيتقان (لۇقا 5:8—11-نى ئوقۇڭ). پېترۇس «ئەيسانىڭ شاگىرتى بولسام، نېمە بولىدۇ» دەپ ئەنسىرىمىگەن. بەلكى، ئۇ ئەيسانىڭ قىلغان مۆجىزىسىنى، يەنى ئۇلارغا شۇنچە كۆپ بېلىق تۇتۇشقا ياردەم بەرگەنلىكىنى كۆرگەندە، بەكمۇ ھەيران قالغان ئىدى. پېترۇس ئۆزىنى ئەيسا بىلەن ھەمكارلىشىشقا نالايىق، دەپ ھېسابلىغان. پېترۇسقا ئوخشاش، سىزمۇ قورقۇشىڭىز مۇمكىن. بەلكىم، سىز مەسىھنىڭ شاگىرتى بولۇش ئۈچۈن قىلىش زۆرۈر بولغان ئىشلار ھەققىدە ئويلاپ، ئەنسىرەيدىغانسىز. شۇنداق بولسا، ياراتقۇچى يەھۋا، مەسىھ ئەيسا ۋە باشقىلارغا بولغان مۇھەببىتىڭىزنى كۈچەيتىڭ ۋە شۇ چاغدا ئەيسانىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىش خاھىشىڭىز كۈچىيىدۇ.—مەتتا 22:37، 39؛ يۇھاننا 14:15.
6. بىزنى يەنە قانداق سەۋەبلەر ۋەز قىلىشقا ئۈندەيدۇ؟
6 ھازىر ۋەز ئېيتىشقا ئۈندەيدىغان باشقا سەۋەبلەرنى كۆرۈپ چىقايلى. بىز ئەيسانىڭ: «بېرىڭلار، . . . شاگىرتلارنى تەييارلاڭلار»،— دېگەن بۇيرۇقىنى ئورۇنلاشنى خالايمىز (مەتتا 28:19، 20). شۇنىڭدەك، يەنە «تاشلىۋېتىلگەن پادىچىسى يوق قويلاردەك تارقىلىپ كەتكەن ۋە ئېزىلگەن» ئىنسانلار پادىشاھلىق ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى ئاڭلاشقا مۇھتاج بولغاچقا، ئۇلارغا ۋەز قىلىمىز (مەتتا 9:36). يەھۋا ھەممە ئىنسانلارنىڭ ھەقىقەت توغرۇلۇق توغرا بىلىمگە ئىگە بولۇپ، قۇتقۇزۇلۇشىنى خالايدۇ.—1-تىموت. 2:4.
7. رىملىقلار 10:13—15-ئايەتلەرگە ئاساسەن، ۋەز قىلىش ئىشى نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
7 ۋەز قىلىش ئىشى ئادەملەرنىڭ ئامان قېلىشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئويلىغاندا، ۋەز قىلىش ئىستىكىمىز كۈچىيىدۇ. ئادەتتە بېلىقچىلار تۇتقان بېلىقلارنى يەيدۇ ياكى سېتىۋېتىدۇ. بىز بولساق، ئادەملەرنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئۇلارنى «تۇتىمىز».—رىملىقلار 10:13—15-نى ئوقۇڭ؛ 1-تىموت. 4:16.
ۋەز قىلىشتا تېخىمۇ ماھىر بولۇڭ
8، 9. بېلىقچى نېمىنى بىلىشى كېرەك ۋە نېمە ئۈچۈن؟
8 ئەيسانىڭ زامانىدا بېلىقچى قايسى خىل دېڭىز جانلىقلىرىنى تۇتالايدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك ئىدى (لاۋى. 11:9—12). يەنە ئۇ بېلىقنى قەيەردىن تاپالايدىغانلىقىنى بىلىشى لازىم ئىدى. ئادەتتە، بېلىقلار سۇ شارائىتى ئۇلارغا ماس كېلىدىغان ۋە يېمەكلىك كۆپ بولىدىغان جايلاردا ياشايدۇ. بېلىقچىنىڭ قايسى ۋاقىتتا بېلىق تۇتۇشى ھەم مۇھىم ئىدى. تىنچ ئوكياندىكى بىر ئارالدا ياشايدىغان قېرىندىشىمىز مىسسىئونېر بولۇپ خىزمەت قىلىشقا كەلگەن قېرىنداشنى بېلىق تۇتۇشقا تەكلىپ قىلغاندا، ئۇنىڭغا بېلىق تۇتۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى توغرۇلۇق نېمە دېگەنلىكىگە دىققەت قىلىڭ. مىسسىئونېر ئۇنىڭغا: «ئەتە ئەتىگەندە سائەت توققۇزدا كۆرۈشىمىز»،— دېگەندە، يەرلىك قېرىنداش ئۇنىڭغا: «ياق، سىز چۈشەنمىدىڭىز. بىز ئۆزۈمىزگە قولاي ئەمەس، بېلىق تۇتۇش ئۈچۈن توغرا كېلىدىغان ۋاقىتتا بېرىشىمىز كېرەك»،— دېگەنىدى.
9 شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەيسانىڭ بىرىنچى ئەسىردىكى شاگىرتلىرىمۇ ئادەملەر كۆپ جايلاردا ۋە ئۇلار شۇ جايلاردا بولۇشى مۇمكىن ۋاقىتتا ۋەز قىلغان. مەسىلەن، ئۇلار مەركىزىي ئىبادەتخانا، سىناگوگلار، بازارلاردا ۋە ئۆيمۇ-ئۆي خۇش خەۋەرنى جاكارلىغان (ئەلچى. 5:42؛ 17:17؛ 18:4). بىزمۇ رايونىمىزدىكى ئادەملەرنىڭ ئادەتلىرىنى ياخشى بىلىشىمىز كېرەك. شۇڭا، بىز پىلانلىرىمىزنى ئۆزگەرتىشكە تەييار بولۇپ، ئادەملەرنى تاپالايدىغان جايدا ۋە ۋاقىتتا ۋەز قىلىشىمىز كېرەك.—1-كورىنت. 9:19—23.
ماھىر بېلىقچىلار . . . 1. بېلىقلار كۆپ بولىدىغان ۋاقىتنى ۋە جاينى تاللايدۇ (8، 9-ئابزاسلارغا قاراڭ)
10. يەھۋا خۇدانىڭ تەشكىلاتى بىزنى قانداق قوراللار بىلەن تەمىنلەيدۇ؟
10 بېلىقچى مۇۋاپىق قورال-سايمانلارغا مۇھتاج ۋە ئۇلارنى قانداق ئىشلىتىشنى بىلىشى كېرەك. بىزمۇ ۋەز قىلىش ئۈچۈن مۇۋاپىق قوراللارغا مۇھتاج ھەم ئۇلارنى قانداق ئىشلىتىشنى بىلىشىمىز لازىم. ئەيسا شاگىرتلىرىغا كىشىلەرنى قانداق «تۇتۇش» توغرۇلۇق ئېنىق كۆرسەتمىلەرنى بەرگەن. ئۇ ئۇلارغا ئۆزى بىلەن نېمىلەرنى ئېلىشنى، قەيەردە ۋەز قىلىشنى ۋە نېمە ئېيتىشنى دەپ بەرگەن (مەتتا 10:5—7؛ لۇقا 10:1—11). بۈگۈنكى كۈندە، يەھۋا ئۆز تەشكىلاتى ئارقىلىق ئۆز ئىچىگە ئۈنۈملۈك قوراللارنى ئالغان تەلىم بېرىش قوراللار توپلىمى بىلەن تەمىنلەيدۇ ۋە بۇ قوراللارنى قانداق ئىشلىتىشنىمۇ ئۆگىتىدۇ c. بۇ بىزنىڭ ۋەز خىزمىتىدە ئۈنۈملۈك بولۇش ئۈچۈن كېرەكلىك ئىشەنچ ۋە ماھارەتكە ئىگە بولۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.—2-تىموت. 2:15.
ماھىر بېلىقچىلار . . . 2. توغرا قورال-سايمانلارنى تاللايدۇ (10-ئابزاسقا قاراڭ)
جۈرئەتلىك بولۇشنى ئۆگىنىڭلار
11. بېلىقچىلار نېمە ئۈچۈن جۈرئەتلىك بولۇشى كېرەك؟
11 بېلىقچىلار جۈرئەتلىك بولۇشى كېرەك. بەزىدە، ئۇلار دېڭىزدا ئالدىن-ئالا مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان شارائىتلارغا دۇچ كېلىدۇ. ئۇلار پات-پات كېچىدە ۋە سۇلاردا ئىشلەيدۇ ۋە تۇيۇقسىز بوران-چاپقۇن پەيدا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئادەم تۇتقۇچىلارمۇ جاسارەتكە مۇھتاج. بىزمۇ بوران-چاپقۇنغا ئوخشاش قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن. مەسىلەن، ۋەز قىلىشنى ۋە باشقىلارغا ئۆزۈمىزنىڭ يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئىكەنلىكىمىزنى ئېيتىشنى باشلىغاندا، ئائىلىمىز بىزگە قارشى چىقىشى، دوستلىرىمىز بىزنى زاڭلىق قىلىشى ۋە ئۇچراتقان بەزى ئادەملەر خۇش خەۋەرنى رەت قىلىشى مۇمكىن. بىز بۇنىڭغا ھەيران قالمايمىز، چۈنكى ئەيسا ئەگەشكۈچىلىرىنى خۇش خەۋەرگە قارشى چىقىدىغان ئادەملەرنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتكەن.—مەتتا 10:16.
12. يەشۇئا 1:7—9-ئايەتلەرگە ئاساسەن، جاسارەتلىك بولۇشىمىزغا نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
12 قانداق قىلىپ جۈرئەتلىك بولالايسىز؟ بىرىنچىدىن، ۋەز ئىشىنى ئەيسانىڭ داۋاملىق ئاسماندىن يېتەكلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ (يۇھاننا 16:33؛ ۋەھىي. 14:14—16). ئاندىن كېيىن، يەھۋانىڭ سىزگە غەمخورلۇق قىلىش ۋەدىسىنى ئورۇنلايدىغانلىقىغا ئىشەنچىڭىزنى كۈچەيتىڭ (مەتتا 6:32—34). ئېتىقادىڭىز قانچىلىك كۈچلۈك بولسا، شۇنچە بەك جاسارەتلىك بولىسىز. پېترۇس ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى ئەيساغا ئەگىشىش ئۈچۈن بېلىقچىلىقتىن ۋاز كەچكەندە، كۈچلۈك ئىشەنچىنى كۆرسەتكەن. شۇنىڭغا ئوخشاش، بىزمۇ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىز ۋە خولۇم-قوشنىلىرىمىزغا يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بىلەن مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىدىغانلىقىمىزنى ئېيتقاندا، كۈچلۈك ئىمان-ئېتىقادنى كۆرسىتىمىز. شەك-شۈبھىسىزكى، يەھۋانىڭ ھەققانىي ئۆلچەملىرى بويىچە ياشاش ئۈچۈن سىز ھاياتىڭىزدا ئۆزگۈرۈشلەرنى قىلدىڭىز. شۇنداق ئۆزگۈرۈشلەرنى قىلىش ئۈچۈن سىزگە ئىشەنچ ۋە جاسارەت كېرەك بولغان. سىز داۋاملىق جاسارەتنى يېتىلدۈرسىڭىز، خۇدايىمىز يەھۋا چوقۇم يېنىڭىزدا بولىدىغانلىقىغا ئىشىنەلەيسىز.—يەشۇئا 1:7—9-نى ئوقۇڭ.
ماھىر بېلىقچىلار . . . 3. ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگۈرۈشىگە قارىماستىن، چىدام-غەيرەت بىلەن ئىشلەيدۇ (11، 12-ئابزاسلارغا قاراڭ)
13. دۇئا ۋە چوڭقۇر ئويلىنىش جاسارەتلىك بولۇشىمىزغا قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
13 يەنە قانداق قىلىپ جاسارەتكە ئىگە بولالايسىز؟ دۇئا قىلىپ جاسارەت بىلەن باتۇرلۇقنى سوراڭ (ئەلچى. 4:29، 31). يەھۋا دۇئالىرىڭىزغا جەزمەن جاۋاب بېرىدۇ ۋە سىزنى ھەرگىز تاشلىمايدۇ. ئۇ سىزنى ھەرقاچان قوللاپ قۇۋۋەتلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەھۋانىڭ ئۆتمۈشتە باشقىلارنى قانداق قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەنلىكى توغرۇلۇق چوڭقۇر ئويلانسىڭىز بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىلگىرى سىزنىڭ قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشىڭىزغا قانداق ياردەم بەرگەنلىكى ۋە ھايات تەرزىڭىزنى ئۆزگەرتىشكە كۈچ بەرگەنلىكىنى ئەسلەپ ئويلىنىپ كۆرۈڭ. ئۆز خەلقىنى قىزىل دېڭىزدا يېتەكلەپ ماڭغان شەخس سىزنىڭ ئەيسا مەسىھنىڭ شاگىرتى بولۇشىڭىزغا ياردەم بېرىدىغانلىقى شەك-شۇبھىسىزدۇر (چىق. 14:13). «يەھۋا مېنىڭ يېنىمدادۇر، مەن ھېچ قورقمايمەن. ئىنسان ماڭا نېمە قىلالىسۇن؟»— دەپ ئېيتقان زەبۇر يازغۇچىسىغا ئوخشاش ئىشەنچكە ئىگە بولۇڭ.—زەبۇر 118:6.
14. ماسائې ۋە تامويو قېرىنداشلىرىمىزدىن قانداق ساۋاق ئالدىڭىز؟
14 جاسارەتلىك بولۇشنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى — يەھۋانىڭ خىجىلچان، ئەمما باتۇر بولۇشنى ئۆگىنىۋالغان كىشىلەرگە قانداق ياردەم بەرگەنلىكى توغرۇلۇق بىلىم ئېلىش. ماسائې ئىسىملىك بىر ئايال قېرىنداشنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. ئۇ بەك خىجىلچان بولغاچ، ھېچقاچان ۋەز قىلالمايمەن دەپ ئويلىغان. ناتونۇش كىشىلەر بىلەن سۆزلىشىش ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېگىز بىر تامغا چىقىشتەك قىيىن كۆرۈنگەن ۋە ئۇ بۇنى قىلىش قولۇمدىن ھەرگىز كەلمەيدۇ دەپ ئويلىغانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ خۇداغا ۋە باشقىلارغا بولغان مۇھەببىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بار كۈچى بىلەن تىرىشقان. ئۇ ھازىر قايسى زاماندا ياشاۋاتقىنىمىز ۋە ۋەز قىلىشنىڭ قانچىلىك مۇھىم بولۇۋاتقانلىقى توغرۇلۇق ئويلىغان. ھەم ۋەز قىلىش ئىستىكىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن دۇئادا يەھۋادىن ياردەم سورىغان. ئۇ قورقۇنچلىرىنى يەڭگەن ۋە ھەتتا ياردەمچى پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلغان. يەھۋا يېڭى ۋەز ئېيتقۇچىلارغا ھەم جۈرئەتلىك بولۇشقا ياردەم بېرەلەيدۇ. تامويو ئىسىملىك ئايال قېرىندىشىمىزنىڭ مىسالىغا دىققەت قىلىڭ. ئۇ ئۆيمۇ-ئۆي ۋەز قىلىشنى باشلىغاندا، ئۇچراتقان تۇنجى ئۆي ئېگىسى: «مەن يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بىلەن سۆزلىشىشنى خالىمايمەن»، — دەپ ئىشىكنى قاتتىق يۈزىگە يېپىۋەتكەنىدى. تامويو قورقۇپ كەتمىگەن، لېكىن شېرىكىگە قاراپ، مۇنداق دېگەن: «سىز ئاڭلىدىڭىزمۇ؟ مەن بىر ئېغىز سۆز قىلمىساممۇ، ئۇ مېنىڭ يەھۋا گۇۋاھچىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىمنى تونۇدى. مەن بۇنىڭغا بەك خۇشال!» ھازىر بولسا تامويو پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلماقتا.
ئۆزىنى تەرتىپلىك تۇتۇشنى يېتىلدۈرۈش
15. ئۆزىنى تەرتىپلىك تۇتۇش دېگەن نېمە ۋە بۇ خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى ئۈچۈن نېمىشقا مۇھىم؟
15 ئۇتۇققا ياكى ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن بېلىقچىلار ئۆزىنى تەرتىپلىك تۇتۇشى كېرەك ئىدى. ئۆزىنى تەرتىپلىك تۇتۇش دېگىنىمىز — چوقۇم قىلىش كېرەك بولغان ئىشلار ئۈچۈن ئۆزىنى مەجبۇرلاشنى كۆرسىتىدۇ. بېلىقچىلار ئۆزلىرىنى تەرتىپلىك تۇتۇشقا مەجبۇرلىشى كېرەك. مەسىلەن، ئۇلار ئەتىگەن تۇرۇشى، ئىشىنى ئاخىرىغىچە تۈگىتىشى ۋە مەيلى ھاۋا-رايى قانداق بولمىسۇن، بېلىق تۇتۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشى كېرەك. بىزمۇ سەۋر-تاقەتلىك بولۇپ، ئىشىمىزنى ئاخىرىغا يەتكۈزۈشىمىز لازىم.—مەتتا 10:22.
16. ئۆزۈمىز ئۈچۈن قىيىن بولغان ئىشلارنى قىلىشقا نېمە ياردەم بېرىشى مۇمكىن؟
16 ئۆزىنى تەرتىپلىك تۇتۇش ئاتا-ئانىدىن بالىغا مىراس قالمايدۇ. ئەكسىنچە، نامۇكەممەل بولغاچقا بىز ئەڭ ئاسان يولنى تاللاشقا مايىل. ئەمما، بەزىدە مۇھىم ئىشلارنى قىلىش قىيىن بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، بىز ئۆزىمىزنى تەرتىپلىك تۇتۇش ئۈچۈن ئۆز-ئۆزۈمىزنى تۇتۇۋېلىشنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك. شۇ سەۋەبتىن، بىز ئۈچۈن قىيىن بولغان ئىشلارنى قىلىشقا ئۆزۈمىزنى تەربىيىلەش ئۈچۈن ياردەمگە مۇھتاج بولۇمىز. يەھۋا بىزگە مۇقەددەس روھى ئارقىلىق ئاشۇ ياردەمنى بېرىدۇ.—گالاتىيا. 5:22، 23.
17. 1-كورىنتلىقلار 9:25—27-ئايەتلەردە ئېيتىلغاندەك، ئەلچى پاۋلۇس ئۆزىنى تەرتىپلىك تۇتۇش ئۈچۈن نېمە قىلىشى كېرەك ئىدى؟
17 ئەلچى پاۋلۇس ئۆزىنى تەرتىپلىك تۇتقان. بىراق، ئۆزى ئېيتقاندەك توغرا ئىشنى قىلىش ئۈچۈن ئۇ ئۆز تېنىنى «تەربىيىلەپ» تىزگىنلەپ تۇرۇشى كېرەك ئىدى (1-كورىنتلىقلار 9:25—27-نى ئوقۇڭ). ئۇ باشقىلارنىمۇ ئۆزلىرىنى تەربىيىلەپ، ھەممە ئىشلارنى «ئەدەب ۋە تەرتىپ بىلەن» ئورۇنلاشقا دەۋەت قىلغان (1-كورىنت. 14:40). يەھۋاغا داۋاملىق ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن، شۇ جۈملىدىن دائىم ۋەز قىلىش ۋە خۇش خەۋەر توغرۇلۇق تەلىم بېرىش ئۈچۈن، ئۆز-ئۆزۈمىزنى تەربىيىلىشىمىز ياكى ئۆزىمىزنى تەرتىپلىك تۇتۇشىمىز كېرەك.—ئەلچى. 2:46.
جىددىي ئىشنى كەينىگە سۈرمەڭ
18. يەھۋا كۆزىدە ئۇتۇق قازىنىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
18 بېلىقچى كۆپ بېلىق تۇتسا، ئۇنى ئۇتۇق قازاندى دېيىشكە بولىدۇ. ئەمما، ئۇتۇق قازىنىشىمىز، قانچە ئادەمنىڭ يەھۋا گۇۋاھچىسى بولۇشقا ياردەم بەرگەنلىكىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەمەس (لۇقا 8:11—15). بىز باشقىلارغا ۋەز قىلىشنى ياكى تەلىم بېرىشنى داۋاملاشتۇرساق، يەھۋا بىزنى ئۇتۇق قازانغان دەپ ھېسابلايدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، بىز يەھۋاغا ۋە ئۇنىڭ ئوغلىغا ئىتائەتچان بولغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز.—ماركۇس 13:10؛ ئەلچى. 5:28، 29.
19، 20. ۋەز قىلىش ئۈچۈن يەنە قانداق مۇھىم سەۋەبىمىز بار؟
19 بەزى دۆلەتلەردە، بېلىق تۇتۇش پەقەت بەلگۈلۈك ئايلاردا رۇخسەت قىلىنغان. شۇنداق جايلاردا ياشايدىغان بېلىقچىلار بېلىق تۇتۇش ۋاقتى ئاخىرلىشاي دەپ قالغاندا، بېلىق تۇتۇشقا تېخىمۇ جىددىي ئاتلىنىپ، كۆپرەك كۈچ چىقىرىشقا باشلايدۇ. ئىنسانلارنى تۇتقۇچىلار سۈپىتىدە، بىزنىڭ ۋەز قىلىش ئۈچۈن ھەم ئىنتايىن مۇھىم بىر سەۋەبىمىز بار. بۇ دۇنيانىڭ ئاخىرى تېز يېقىنلاشماقتا! ئادەملەرنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالىدىغان خۇش خەۋەرنى جاكارلاش ئۈچۈن ۋاقىت بەك ئاز قالدى. شۇنىڭ ئۈچۈن كېلىڭلار، بۈگۈنكى كۈندىكى بۇ جىددىي ئىشنى كەينىگە سۈرمەي، يەنى ھاياتىڭىزدىكى شارائىتلارنىڭ مۇكەممەل، ھەممىسى ياخشى بولىدىغان ۋاقتىنى كۈتمەي، بۇ مۇھىم ئىشقا ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئاتلىنايلى.—ۋەز 11:4.
20 ۋەز قىلىش ئارزۇيىڭىزنى كۈچەيتىش، مۇقەددەس كىتابتىن تېخىمۇ كۆپ بىلىم ئېلىش، جاسارەتلىك بولۇش ۋە ئۆزىڭىزنى تەرتىپلىك تۇتۇشقا ھازىرنىڭ ئۆزىدە ھەرىكەت قىلىڭ. دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى سەككىز مىليون خۇش خەۋەرنى ئېيتقۇچىلار قاتارىغا قوشۇلۇڭ، شۇندا يەھۋا بېرىدىغان خۇشاللىقتىن ھۇزۇرلىنىسىز (نەھەم. 8:10). يەھۋا خۇدا بولدى دېگەنگە قەدەر، ۋەز ئىشىغا قولۇڭىزدىن كەلگىنىچە قىزغىن قاتنىشىڭ. كېيىنكى ماقالىدە، بىز پادىشاھلىق ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلىشقا بەل باغلىشىمىز ئۈچۈن ياردەم بېرىدىغان ئۈچ نەرسىنى كۆرۈپ چىقىمىز.
47-ناخشا خۇش خەۋەرنى جاكارلا!
a ئەيسا كەمتەر ۋە تىرىشچان بېلىقچىلارنى ئۇنىڭغا ئەگىشىشكە تەكلىپ قىلغان. بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۇ شۇنداق پەزىلەتلەرگە ئىگە ئادەملەرنى ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولۇپ، خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلىشقا تەكلىپ قىلىۋاتىدۇ. ئەيسانىڭ بۇ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىشتىن ئىككىلىنىپ قالغان مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان كىشىلەر نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى كۆرۈپ چىقايلى.
b سۆز-ئىبارە مەنىسى: «ئىنسانلارنى تۇتقۇچىلار» دېگەن ئىبارە، خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلىدىغان ۋە باشقىلارغا ئەيسا مەسىھنىڭ شاگىرتلىرى بولۇشقا ياردەم بېرىدىغان كىشىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
c «كۈزىتىش مۇنارى» 2018-يىل، ئۆكتەبىر سانى، 9—14- بەتلەردىكى «ھەقىقەتنى ئۆگىتىڭلار»، ناملىق ماقالىگە قاراڭ.