37-تەتقىق ماقالىسى
«قولۇڭ تىنىم تاپمىسۇن»
«ئۇرۇقلۇرۇڭنى سەھەر تۇرۇپ چاچقىن. كەچ كىرگىچە قولۇڭ تىنىم تاپمىسۇن».—ۋەز 11:6.
44-ناخشا خۇشاللىق بىلەن ھوسۇل يىغىش
بۇ ماقالىدە a
1، 2. ۋەز 11:6-ئايەتتىكى سۆزلەرنىڭ ۋەز ئىشى بىلەن قانداق باغلىنىشى بار؟
بەزى دۆلەتلەردە، كىشىلەر خۇش خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كۆپرەك مەلۇمات ئېلىشنى خالايدۇ. بۇ ئۇلار تەشنا بولغان خەۋەر. باشقا دۆلەتلەردە بولسا، ئادەملەر خۇدا ياكى مۇقەددەس كىتاب توغرۇلۇق بىلىم ئېلىشنى خالىمايدۇ. سىز ياشايدىغان جايدا ئادەملەر خۇش خەۋەرگە قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟ مەيلى ئادەملەر قانداق ئىنكاس قايتۇرمىسۇن، يەھۋا بىزنىڭ ئاخىرىغىچە ۋەز قىلىشىمىزنى خالايدۇ.
2 يەھۋا ۋەز ئىشى تۈگەيدىغان ۋاقىتنى ئالدىن-ئالا بەلگۈلەپ قويغان. شۇ ۋاقىت-سائەت كەلگەن چاغدا «ئاخىرى كېلىدۇ» (مەتتا 24:14، 36). شۇ ۋاقىت-سائەت كەلمىگىچە، «قولۇڭ تىنىم تاپمىسۇن» دېگەن سۆزلەرگە قانداق ئەمەل قىلالايمىز b؟—ۋەز 11:6-نى ئوقۇڭ.
3. بۇ ماقالىدە، نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
3 ئالدىنقى ماقالىدە، بىز ئۇتۇق قازانغان ئادەم تۇتقۇچى بولۇشقا ياردەم بېرىدىغان تۆت پەزىلەتلەرنى كۆرۈپ چىقتۇق (مەتتا 4:19). بۇ ماقالىدە، بىز قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەيلى، ۋەز قىلىش ئىستىكىمىزنى كۈچەيتىدىغان ئۈچ ئۇسۇلىنى كۆرۈپ چىقىمىز. بىرىنچى، ۋەز ئىشىنى ھاياتىمىزدا بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، ئىككىنچى، سەۋرچان بولۇش ۋە ئۈچىنچى ئېتىقادىمىزنى كۈچەيتىشنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز.
ۋەز ئىشىنى ھاياتىڭىزدا بىرىنچى ئورۇنغا قويۇڭ
4. نېمە ئۈچۈن پۈتۈن دىققىتىمىزنى يەھۋا خۇدا تاپشۇرغان ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈش مۇھىم؟
4 ئەيسا ئاخىرقى كۈنلەردە قانداق ۋەقەلەر يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئالدىن-ئالا ئېيتقان ۋە بۇ ۋەقەلەر شاگىرتلىرىنىڭ دىققىتىنى ۋەز ئىشىدىن بۇراپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى. ئۇ شاگىرتلىرىغا «ھوشيار تۇرۇڭلار» دەپ ئېيتقان (مەتتا 24:42). نۇھنىڭ زامانىدا، ئۇنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قۇلاق سېلىشتىن ئادەملەرنىڭ دىققىتىنى بۇراپ كەتكەن ئىشلار كۆپ بولغان. بۈگۈنكى كۈندىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەر بىزگە توسالغۇلۇق قىلىشى مۇمكىن (مەتتا 24:37—39؛ 2-پېتر. 2:5). شۇ سەۋەبتىن، پۈتۈن دىققىتىمىزنى يەھۋا تاپشۇرغان ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈشنى خالايمىز.
5. ئەلچىلەر 1:6—8-ئايەتلەردە، ۋەز ئىشىنىڭ قانچىلىك كەڭ كۆلەمدە بولىدىغانلىقى قانداق تەسۋىرلەنگەن؟
5 بۈگۈنكى كۈندە، ۋەز ئىشىنى ھاياتىمىزدا بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش بەك مۇھىم. ئەيسا ئۇ ئۆلگەندىن كېيىنمۇ، شاگىرتلىرىنىڭ ۋەز ئىشىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ۋە ئۇزۇنراق ۋاقىت ۋەز قىلىدىغانلىقىنى ئالدىن-ئالا ئېيتقانىدى (يۇھاننا 14:12). ئەيسا ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بەزى شاگىرتلىرى بېرىپ قايتىدىن بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. تىرىلگەندىن كېيىن، ئەيسا مۆجىزە ئارقىلىق بەزى شاگىرتلىرىنىڭ كۆپ بېلىق تۇتۇشىغا ياردەم بەرگەن. بۇ مۆجىزىنى قىلغاندىن كېيىن، ئەيسا ۋەز قىلىش ۋە شاگىرتلارنى تەييارلاش ئىشى باشقا ھەرقانداق ئىشقا قارىغاندا بەكرەك مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن (يۇھاننا 21:15—17). ئەيسا ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈشتىن ئاۋۋال، شاگىرتلىرىغا ئۇ باشلىغان گۇۋاھلىق بېرىش ئىشى يەر زېمىننىڭ چەت-ياقىلىرىغىچە يېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان (ئەلچىلەر 1:6—8-نى ئوقۇڭ). يىللار ئۆتۈپ، ئەيسا مەسىھ ئەلچى يۇھانناغا ھەزرىتىمىزنىڭ كۈنىدە c نېمىلەر يۈز بېرىدىغانلىقى توغرۇلۇق ۋەھىي بەرگەن. كىشىنى ئەيمەندۈرىدىغان باشقا ئاجايىپ ئىشلار قاتارىدا، يوھاننا بىر پەرىشتىنى كۆرگەن، ئۇنىڭدا «ھەر بىر مىللەت، قەبىلە، تىل ۋە خەلقلەرگە جاكارلايدىغان مەڭگۈلۈك خۇش خەۋەر بار ئىدى» (ۋەھىي. 1:10؛ 14:6). ئېنىقكى، يەھۋا بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ گۇۋاھلىق بېرىش ئىشىنى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇشىمىزنى خالايدۇ.
6. ۋەز ئىشىغا پۈتۈن دىققىتىمىزنى قانداق مەركەزلەشتۈرەلەيمىز؟
6 ئەگەر يەھۋانىڭ بىزگە قانداق ياردەم بېرىۋاتقانلىقى توغرۇلۇق چوڭقۇر ئويلانساق، بۇ بىزگە ۋەز ئىشىنى ھاياتىمىزدا مۇھىم ئورۇنغا قويۇشقا ياردەم بېرىدۇ. خۇدا بىزگە روھىي ئوزۇقنى مول بېرىدۇ. مەسىلەن، بېسىپ چىقىرىلغان ۋە ئېلېكترونلۇق ماتېرىياللار، ئاۋازلىق نەشىرلەر ۋە سىن-فىلىم نەشىرلىرى ھەم JW ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيىسى بار. ئويلاپ بېقىڭ، بىزنىڭ تور بەتتىكى مەلۇماتلار مىڭدىن ئوشۇق تىللاردا بار! (مەتتا 24:45—47) سىياسىي، دىنىي ۋە ئىقتىسادى پەرقلەر تۈپەيلىدىن بۆلۈنگەن بۇ دۇنيادا، سەككىز مىليوندىن ئوشۇق خىزمەتچىلەردىن تەشكىل تاپقان خۇدانىڭ خەلقى ئارىسىدا ئىناق-ئىتتىپاقلىق ھۆكۈم سۈرمەكتە. مەسىلەن، 2019-يىل 19-ئاپرېل، جۈمە كۈنى پۈتكۈل يەر يۈزىدىكى يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بىرلىكتە مەسىھنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا مۇناسىۋەتلىك كۈندىلىك ئايەتنى مۇھاكىمە قىلىدىغان فىلىمنى كۆرگەن. شۇ كېچىسى 20919041 ئادەم، ئەيسانىڭ ئۆلۈمىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن جەم بولدى. مۇشۇ ئاجايىپ ۋەقەلەرنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈش ۋە ئۇلارغا قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇش توغرۇلۇق ئويلىساق، خۇش خەۋەرنى جاكارلاش ئىشىغا بار دىققىتىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈشنى خالايمىز.
ئەيسا ھېچنەرسىنىڭ دىققىتىنى ۋەز قىلىشتىن بۇراپ كېتىشىگە يول قويمىغان (7-ئابزاسقا قاراڭ)
7. ئەيسانىڭ ئۈلگىسى ۋەز ئىشىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش ئۈچۈن قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
7 پۈتۈن دىققىتىمىزنى ۋەز ئىشىغا مەركەزلەشتۈرۈشكە ئەيسانىڭ ئۈلگىسىمۇ ياردەم بېرىدۇ. ئۇ ھېچ نەرسىنىڭ دىققىتىنى ۋەز ئىشىدىن بۇراپ كېتىشىگە يول بەرمىگەن (يۇھاننا 18:37). شەيتان ئۇنىڭغا، «دۇنيانىڭ بارلىق پادىشاھلىقلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ شان-شۆھرىتىنى» بېرىمەن دېگەندە ياكى باشقىلار ئۇنى پادىشاھ قىلماقچى بولغاندا، ئېزىقتۇرۇشلارغا بېرىلمىگەن (مەتتا 4:8، 9؛ يۇھاننا 6:15). ئۇ بايلىق ۋە مال-مۈلۈككە قىزىقمىغان ۋە قاتتىق قارشىلىقتىنمۇ قورقمىغان (لۇقا 9:58؛ يۇھاننا 8:59). ئېتىقادىمىزنى سىنايدىغان قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە، بىز پاۋلۇسنىڭ مەسلىھىتىنى ئەستە تۇتساق بولىدۇ. ئۇ مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنى ھېرىپ قالماسلىق ۋە ئاجىزلىشىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ئەيسادىن ئۈلگە ئېلىشقا ئۈندىگەن.—ئىبرانىي. 12:3.
سەۋرچان بولۇڭ
8. سەۋرچانلىق دېگەن نېمە ۋە ئۇ نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
8 سەۋرچانلىق — بىر ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگۈرۈشىنى تىنچ-خاتىرجەملىك بىلەن كۈتۈش قابىلىيىتىدۇر. بىز ھەرخىل ۋەزىيەتلەردە سەۋرچان بولۇشىمىز كېرەك: قانداقتۇ بىر قىيىنچىلىقنىڭ ئاخىرلىشىشىنى ياكى بىر ياخشى ئىشنىڭ يۈز بېرىشىنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈشىمىز كېرەك. ھاباققۇق يەھۇدادىكى زوراۋانلىقنىڭ تۈگىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتكەن (ھاباق. 1:2). ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى خۇدا پادىشاھلىقى شۇ مەزگىلدە ئايان بولۇپ، ئۆزلىرىنى ئەزگۈچى رىم ھۆكۈمىتىدىن ئازاد قىلىشنى كۈتكەن (لۇقا 19:11). بىز خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ ھەممە رەزىللىكنى يوق قىلىپ، ھەققانىي ئادەملەرگە تولغان يېڭى دۇنيانى بىنا قىلىشىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتمەكتە (2-پېتر. 3:13). ئەمما، بىز سەۋرچان بولۇپ، يەھۋا ئۆزى بەلگۈلىگەن ۋاقىت-سائەتنىڭ كېلىشىنى كۈتۈشىمىز كېرەك. يەھۋا بىزنى سەۋرچان بولۇشقا ئۆگىتىدىغان بەزى ئۇسۇللارنى كۆرۈپ چىقايلى.
9. يەھۋانىڭ سەۋرچان ئىكەنلىكىنى قايسى مىساللاردىن كۆرىمىز؟
9 يەھۋا سەۋرچانلىقنىڭ مۇكەممەل ئۈلگىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ نۇھ پەيغەمبەرگە كېمە ياساش ئۈچۈن ۋە ھەققانىي يولنى جاكارلاش ئۈچۈن يېتەرلىك ۋاقىت بەرگەن (2-پېتر. 2:5؛ 1-پېتر. 3:20). يەھۋا رەزىللىككە تولغان سودوم ۋە گومورانى يوق قىلىشنى قارار قىلغاندا، ئىبراھىم بۇ توغرۇلۇق كۆپ سوئال قويغان. يەھۋا بولسا ئۇنى سەۋرچانلىق بىلەن تىڭشىغان (يارىت. 18:20—33). نۇرغۇن ئەسىرلەر جەريانىدا، يەھۋا ئىسرائىل خەلقىگە بەكمۇ سەۋرچان بولغانىدى (نەھەم. 9:30، 31). ئۇ بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئادەملەرگە سەۋرچانلىق كۆرسىتىپ، «ھەممە ئىنسانلارنىڭ توۋا» قىلىپ، ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشى ئۈچۈن يېتەرلىك ۋاقىت بەرمەكتە (2-پېتر. 3:9؛ يۇھاننا 6:44؛ 1-تىموت. 2:3، 4). يەھۋانىڭ ئۈلگىسى بىزنى سەۋرچانلىق بىلەن باشقىلارغا ۋەز قىلىپ، تەلىم بېرىشكە دەۋەت قىلىدۇ. ئۇ يەنە مۇقەددەس كىتابتىكى بىر مىسال ئارقىلىق بىزگە سەۋرچانلىقنى ئۆگىتىدۇ.
ئەمگەكچان ۋە سەۋرچان دېھقانغا ئوخشاش، بىزمۇ ۋەز ئىشىنىڭ مېۋە بېرىشىنى كۈتىمىز (10، 11-ئابزاسلارغا قاراڭ)
10. ياقۇپ 5:7، 8-ئايەتلەرگە ئاساسەن، دېھقاندىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟
10 ياقۇپ 5:7، 8-نى ئوقۇڭ. دېھقاننىڭ مىسالىدىن سەۋرچان بولۇشنى ئۆگىنىمىز. ھەقىقەتەن بەزى ئۆسۈملۈكلەر بەك تېز ئۆسىدۇ. ئەمما، كۆپىنچە ئۆسۈملۈكلەر، بولۇپمۇ مېۋە دەرەخلىرى ئۇزۇن ۋاقىتتا مېۋە بېرىدۇ. ئىسرائىل زېمىنىدا ئۆسۈش پەسلى ئالتە ئاي داۋاملاشقان. دېھقان كۈز پەسلىدىكى بالدۇر يامغۇردىن كېيىن، ئۇرۇق چاچاتتى ۋە ئەتىياز پەسلىدىكى يامغۇردىن كېيىن ھوسۇل يىغاتتى (ماركۇس 4:28). بىزمۇ دېھقاندىن ئۈلگە ئېلىپ، سەۋرچان بولساق، دانا ئىش تۇتقان بولىمىز. بىراق بۇ ئاسان ئەمەس.
11. سەۋرچانلىق ۋەز خىزمىتىدە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
11 ئادەتتە نامۇكەممەل ئادەملەر ئەمگىكىنىڭ دەرھال نەتىجە بېرىشىنى كۆرۈشنى خالايدۇ. بىراق، ئەگەر بىز مول مېۋە-چىۋىلەرنى ھوسۇل ئېلىشنى خالىساق، چوقۇم باغدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشىمىز كېرەك. مەسىلەن، توپىسىنى يۇمشۇتۇش، ئۇرۇق چېچىش، ئوت-چۆپلەرنى يۇلۇش ۋە سۇغۇرۇش كېرەك. شاگىرت تەييارلاش ئىشىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان ئادەملەرنىڭ قەلبىدىكى كەمسىتىشنى يىلتىزىدىن يۇلۇپ تاشلاپ، مېھىر-مۇھەببەتنى يېتىلدۈرۈشى ئۈچۈن ياردەم بېرىشكە كۆپ ۋاقىت كېرەك. كىشىلەر سۆزىمىزنى تىڭشاشنى خالىمىغاندا، سەۋر-تاقەت بىزنىڭ ئۈمىدسىزلەنمەسلىكىمىز ئۈچۈن ياردەم بېرىدۇ. ئادەملەر خۇش خەۋەرگە ياخشى ئىنكاس قايتۇرغان چاغدىمۇ، سەۋرچان بولۇشىمىز مۇھىم. مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان ئادەمنى روھىي جەھەتتىن ئۆسۈشكە مەجبۇرلىيالمايمىز. ھەتتا ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىمۇ بەزى ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ تەلىملىرىنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمىگەن (يۇھاننا 14:9). بىز ئادەملەرگە ۋەز قىلىپ، ھەقىقەت ئۇرۇقىنى چاچىمىز ۋە تەلىم بېرىپ سۇغۇرىمىز. بىراق، ئۇنى ئۆستۈرگۈچى خۇدا ئۆزى.—1-كورىنت. 3:6.
12. يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئەمەس ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزغا گۇۋاھلىق بەرگەندە سەۋرچانلىقنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
12 بەزىدە، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئەمەس ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزغا ۋەز قىلغاندا، سەۋر-تاقەت كۆرسىتىش بەك قىيىن بولۇشى مۇمكىن. ۋەز 3:1، 7-دىكى پرىنسىپ بىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ. ئۇ يەردە مۇنداق يېزىلغان: «سۈكۈتتە تۇرۇشنىڭ ئۆز ۋاقتى بار، سۆزلەشنىڭ ئۆز ۋاقتى بار». ياخشى يۈرۈش-تۇرۇشىمىز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزنى خۇش خەۋەرنى تىڭشاشقا جەلپ قىلىشى مۇمكىن. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلارغا يەھۋا توغرۇلۇق ئېيتىشقا ھەردائىم تەييار تۇرۇشىمىز كېرەك (1-پېتر. 3:1، 2). بىز ۋەز قىلىپ، قىزغىن تەلىم بەرگەندە، ھەممە ئادەملەرگە، بولۇپمۇ ئۇرۇق-تۇغقانلارغا سەۋرچان بولۇشىمىز كېرەك.
13، 14. سەۋر-تاقەتنى ئۆگىتىدىغان قانداق مىساللار بار؟
13 بىز سەۋرچانلىقنى مۇقەددەس كىتابتىكى ۋە بۈگۈنكى كۈندىكى خۇدانىڭ سادىق خىزمەتچىلىرىدىن ئۆگىنەلەيمىز. ھاباققۇق رەزىللىكنىڭ يوق قىلىنىشىنى خالىغان. لېكىن، ئۇ ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېگەن: «مەن قاراۋۇللۇق قىلىپ تۇرغان جايىمدا قالىمەن» (ھاباق. 2:1). ئەلچى پاۋلۇس خىزمىتىنى ئاخىرغىچە تاماملاشنى چىن يۈرەكتىن خالىغانىدى. ئۇ خۇش خەۋەر ھەققىدە كەڭ كۆلەمدە گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن سەۋرچانلىق بىلەن ۋەز قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان.—ئەلچى. 20:24.
14 گىلىئاد مەكتىپىنى تاماملىغان بىر جۈپ ئەر-ئايالنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. ئۇلار يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بەك ئاز بولغان ۋە ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسى ئەيساغا ئىشەنمەيدىغان بىر دۆلەتكە تەيىنلەنگەنىدى. شۇ يەردە بەك ئاز ئادەملەر مۇقەددەس كىتابقا قىزىقىش كۆرسەتكەن. ئەكسىچە، گىلىئاد مەكتىپىدىكى ئۇلارنىڭ ساۋاقداشلىرى بولسا، باشقا دۆلەتلەردە خىزمەت قىلىپ، مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان ۋە روھىي جەھەتتىن ئۆسۈۋاتقان ئادەملەر توغرۇلۇق نۇرغۇن قىزىق ۋەقەلەرنى ئېيتىپ بەرگەن. بىراق، ئۇلار ۋەز قىلغان رايوندىكى ئادەملەر ھەقىقەتكە ئانچە قىزىقمىسىمۇ، بۇ ئەر-ئايال داۋاملىق سەۋرچانلىق بىلەن ۋەز قىلغان. قارىماققا، ھېچ مېۋە بەرمەيدىغان بۇ يەردە، ئۇلار سەككىز يىل ۋەز قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار مۇقەددەس كىتابنى ئۆگەنگەن بىر كىشى ئاخىرى چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتتى. بۇنى كۆرگەندە، ئۇلار شاد-خۇراملىققا چۆمۈشتى. بۇ زامانىۋىي ۋە قەدىمقى مىساللارنىڭ قانداق ئورتاق يېرى بار؟ خۇدانىڭ بۇ سادىق خىزمەتچىلىرى قىزغىنلىقىنى يوقاتمىغان ۋە قولىنى ئىشتىن قالدۇرمىغان. نەتىجىدە، يەھۋا ئۇلارنىڭ سەۋرچانلىقىنى مول بەرىكەتلىگەنىدى. كېلىڭلار، «ئىمان-ئېتىقاد ۋە سەۋر-تاقەت بىلەن ۋەدىلەرگە ۋارىس بولىدىغانلارنى ئۈلگە» قىلايلى.—ئىبرانىي. 6:10—12.
ئىشەنچىڭىز داۋاملىق كۈچلۈك بولسۇن
15. ئېتىقاد قانداق قىلىپ ۋەز قىلىش ئىستىكىنى كۈچەيتەلەيدۇ؟
15 قولىمىز تىنىم تاپماي، داۋاملىق خىزمەت قىلىشقا بەل باغلاشقا ياردەم بېرىدىغان ئىككى ئۇسۇلنى كۆرۈپ چىقايلى. بىرىنچى، ئۆزۈمىز ۋەز قىلغان خەۋەرگە ئىشىنىمىز. شۇڭا، بىز مۇمكىنقەدەر كۆپرەك ئادەملەرگە شۇ خەۋەرنى ئېيتىشنى خالايمىز. بىزنىڭ خۇدا سۆزىدە يېزىلغان ۋەدىلەرنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل (زەبۇر 119:42؛ يەشايا 40:8). بىز مۇقەددەس كىتابتىكى پەيغەمبەرلىك سۆزلەرنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى ئۆز كۆزلىرىمىز بىلەن كۆرۈۋاتىمىز. شۇنىڭدەك، بىز مۇقەددەس كىتابتىكى نەسىھەتلەرنى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىشكە باشلىغان ئادەملەرنىڭ ھاياتىدا ئۆزگۈرۈشلەر بولۇپ ياخشىلانغانلىقىنى كۆردۇق. بۇلار پادىشاھلىق ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى ھەممە ئادەملەرنىڭ ئاڭلىشى زۆرۈر ئىكەنلىكىگە بىزنى ئىشەندۈرىدۇ.
16. زەبۇر 46:1—3-ئايەتلەرگە ئاساسەن، يەھۋا ۋە ئەيساغا بولغان ئىشەنچ بىزنىڭ ۋەز قىلىش ئىستىكىمىزنى قانداق كۈچەيتىدۇ؟
16 ئىككىنچى، بىز ئېيتىۋاتقان خەۋەرنىڭ مەنبەسى بولغان ياراتقۇچى يەھۋا ۋە پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى ئەيسا مەسىھكە ئىشەنچ قىلىمىز (يۇھاننا 14:1). قانداق قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمەيلى، يەھۋا ھېمىشەم بىزنىڭ پاناھگاھىمىز ۋە كۈچىمىز بولىدۇ (زەبۇر 46:1—3-نى ئوقۇڭ). ئۇنىڭدىن باشقا، يەھۋا بەرگەن كۈچ ۋە ھوقۇقنى ئىشلىتىپ، ئەيسانىڭ ۋەز خىزمەتكە ئاسماندىن يېتەكچىلىك قىلىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىمىز.—مەتتا 28:18—20.
17. داۋاملىق ۋەز قىلىش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدىغان مىسال كەلتۈرۈڭ.
17 ئىمان-ئېتىقاد، يەھۋانىڭ تىرىشچانلىقىمىزنى بىزنىڭ خىيالىمىزغا كىرىپ چىقمايدىغان ئۇسۇللار بىلەن بەرىكەتلەيدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىمىزنى ئاشۇرىدۇ (ۋەز 11:6). مەسىلەن، ھەر كۈنى مىڭلىغان ئادەملەر كىتاب-ماتېرىيال يايما ھارۋىلىرىمىزنىڭ يېنىدىن ئۆتىدۇ. بۇ ۋەز قىلىش ئۇسۇلى ئۈنۈملۈكمۇ؟ ئەلۋەتتە. «پادىشاھلىق ۋەز خىزمىتىمىز» (باشقا تىل) 2014-يىل، نويابىر سانىدا، بىر ياش ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسى يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ھەققىدە ماقالە يازماقچى بولغانلىقى توغرۇلۇق بىر ماقالە چىققانىدى. ئۇ يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ ئىبادەت زالىنى تاپالمىغان. لېكىن، ئۇ مەكتەپكە قويۇلغان كىتاب-ماتېرىياللار يايما ھارۋىسىدىكى ماتېرىياللاردىن ماقالىسى ئۈچۈن كېرەكلىك مەلۇماتنى تاپقان. ئاخىرىدا، ئۇ سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈپ يەھۋا گۇۋاھچىسى بولغان. ھازىر ئۇ پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەر خۇش خەۋەرنى ئاڭلاشقا تەشنا ئادەملەرنىڭ يەنىلا بارلىقىنى ئىسپاتلاپ، بىزنى تېخىمۇ قىزغىن ۋەز قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ.
قولۇڭىزنى تىنىم تاپقۇزماسلىققا بەل باغلاڭ
18. يەھۋانىڭ كۈنى كېچىكمەي كېلىدىغانلىقىغا نېمە ئۈچۈن ئىشىنەلەيمىز؟
18 پادىشاھلىق ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلىش ئىشى كېچىكمەي ئۆز ۋاقتىدا ئاخىرلىشىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل. نۇھ پەيغەمبەرنىڭ كۈنلىرىدە قانداق ۋەقەلەر يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرەيلى. يەھۋا ھەممە ئىشلىرىنى ئەڭ ياخشى ۋاقىتتا قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. توپان سۈيىدىن تەخمىنەن 120 يىل بۇرۇن، خۇدا توپاننىڭ قاچان باشلىنىدىغانلىقىنى بەلگۈلەپ قويغان (يارىت. 6:3). ئۇ نۇھ پەيغەمبەرگە نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن كېمە ياساشنى بۇيرۇغان. توپان سۈيىدىن تەخمىنەن 40 ياكى 50 يىل بۇرۇن، نۇھ پەيغەمبەر تەر تۆكۈپ جاپالىق ئىشلەشنى داۋاملاشتۇرغان. ئادەملەر ئۇنىڭغا قۇلاق سالمىسىمۇ، يەھۋا ھايۋاناتلارنى كېمىگە كىرگۈزۈش ۋاقتى كەلدى دېگەنگە قەدەر، نۇھ داۋاملىق ئادەملەرنى ئاگاھلاندۇرغان. كېيىن، يەھۋا دەل ۋاقتىدا ئىشىكنى تاقىۋەتكەنىدى.—يارىت. 6:3؛ 7:1، 2، 16.
19. قولىمىز تىنىم تاپمىسا، قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشىمىز؟
19 پات-ئارىدا پادىشاھلىق خۇش خەۋىرىنى ۋەز قىلىش ئىشى ئاخىرلىشىدۇ. يەھۋا بۇ شەيتاننىڭ دۇنياسىنى يوق قىلىدۇ ۋە ئىتائەتچان ئادەملەرگە تولغان يېڭى دۇنيانى بىنا قىلىدۇ. كېلىڭلار، شۇ ۋاقىت كەلگىچە نۇھ، ھاباققۇق ۋە قولىنى ئىشتىن قالدۇرمىغان باشقا خۇدانىڭ سادىق خىزمەتچىلىرىدىن ئۈلگە ئالايلى. ۋەز ئىشىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويايلى، سەۋرچان بولايلى ۋە يەھۋا ۋە ئۇنىڭ ۋەدىلىرىگە كۈچلۈك ئىشەنچ باغلايلى.
10-ناخشا «مانا مەن، ئەۋەت مېنى!»
a ئالدىنقى ماقالە، مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان كىشىلەرنى ئەيسانىڭ ئادەم تۇتقۇچى بولۇش تەكلىپىنى قوبۇل قىلىشقا دەۋەت قىلغان. ھازىر بىز مەيلى يېڭى ياكى تەجرىبىلىك ۋەز ئېيتقۇچى بولايلى، يەھۋا خۇدا بولدى دېگەنگە قەدەر، ۋەز قىلىش ئىستىكىنى داۋاملىق كۈچەيتىشكە ياردەم بېرىدىغان ئۈچ ئۇسۇلنى كۆرۈپ چىقىمىز.
b سۆز-ئىبارە مەنىسى: بۇ ماقالىدىكى «قولۇڭ تىنىم تاپمىسۇن» دېگەن ئىبارە، يەھۋا بولدى پۈتتى دېگەنگە قەدەر، داۋاملىق ۋەز قىلىشنى ياكى خۇش خەۋەرنى جاكارلاشنى قارار قىلىشىمىزنىڭ زۆرۈرلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
c ھەزرىتىمىزنىڭ كۈنى، ئەيسا 1914-يىلى پادىشاھ سۈپىتىدە تەختكە ئولتارغاندا باشلانغان ۋە ئەيسانىڭ مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشقىچە داۋاملىشىدۇ.