6-تەتقىق ماقالىسى
ئاتىمىز يەھۋا بىزنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ
«سىلەر مۇنداق دۇئا قىلىڭلار: ‹ئاسماندىكى ئاتىمىز›».—مەتتا 6:9.
11-ناخشا يەھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىش
بۇ ماقالىدە a
1. پارس پادىشاھىنىڭ ئالدىغا كىرىش ئۈچۈن كىشى نېمە قىلىشى كېرەك ئىدى؟
سىزنى 2500 يىل بۇرۇن پارس دۆلىتىدە ياشاۋاتىسىز دەيلى. پادىشاھ بىلەن بىر مەسىلە توغرۇلۇق سۆزلىشىش ئۈچۈن سۇزا شەھىرىگە ماڭدىڭىز. لېكىن، پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشىڭىز كېرەك، چۈنكى ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا رۇخسەتسىز كىرسىڭىز، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىسىز.—ئەست. 4:11.
2. يەھۋا خۇدا ئۇنىڭ بىلەن قانداق سۆزلىشىشىمىزنى خالايدۇ؟
2 ئەمما، خۇدايىمىز يەھۋا پارس پادىشاھىغا تامامەن ئوخشىمايدۇ! ھەرقانداق ئىنسانىي ھۆكۈمرانغا قارىغاندا، خۇدا چەكسىز كۈچ-قۇدرەتلىك بولسىمۇ، بىز ئۇنىڭ بىلەن ھەرقاچان سۆزلىشەلەيمىز. ئۇ بىزنىڭ ئۇنىڭغا ئەركىن-ئازادە دۇئا قىلىشىمىزنى خالايدۇ. يەھۋا قۇدرەتلىك ياراتقۇچى، ھەممىگە قادىر، ئالەمنىڭ ئالىي ھۆكۈمرانى دېگەن ئالىي نام-ئۇنۋانلارغا ئىگە بولسىمۇ، ئۇنى «ئاتا» دەپ ئاتىشىمىزنى خالايدۇ (مەتتا 6:9). ئۆزىمىزنى ئۇنىڭغا شۇنچىلىك يېقىن ھېس قىلىشىمىزنى خالايدىغانلىقى قەلبىمىزنى بەكمۇ سۆيۈندۈرىدۇ.
3. نېمە ئۈچۈن يەھۋانى «ئاتا» دەپ ئاتىيالايمىز ۋە بۇ ماقالىدىن نېمىنى بىلىۋالىمىز؟
3 يەھۋا ھاياتلىق بۇلىقى بولغاچقا، بىز ئۇنى «ئاتا» دەپ ئاتىيالايمىز (زەبۇر 36:9). ئۇ بىزنىڭ ئاتىمىز بولغاچ، ئۇنىڭغا ئىتائەتچان بولۇش مەجبۇرىيىتىمىز بار. يەھۋاغا بويسۇنۇپ ياشىساق، ئاجايىپ بەرىكەتلەرگە ئېرىشىمىز (ئىبرانىي. 12:9). بۇ بەرىكەتلەرگە ئاسماندا ياكى يەردە مەڭگۈ ياشاش ئۈمىدى كىرىدۇ. بىز ھازىرنىڭ ئۆزىدىمۇ كۆپ بەرىكەتلەرگە ئېرىشمەكتە. بۇ ماقالىدىن يەھۋانىڭ قانداق ئۇسۇللاردا كۆيۈمچان ئاتىغا ئوخشايدىغانلىقىنى ۋە ئۇ بىزنى ھېچقاچان تاشلاپ كەتمەيدىغانلىقىغا نېمە ئۈچۈن ئىشەنچ قىلالايدىغانلىقىمىزنى بىلىۋالىمىز. ئاۋۋال يەھۋانىڭ بىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى ۋە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنىڭ بىرنەچچە ئىسپاتىنى كۆرۈپ چىقايلى.
يەھۋا كۆيۈمچان ۋە غەمخور ئاتا
4. بەزىلىرىگە يەھۋانى ئاتا، دەپ قوبۇل قىلىش نېمە ئۈچۈن قىيىن؟
4 خۇدانى ئاتا دەپ قوبۇل قىلىش سىز ئۈچۈن قىيىنمۇ؟ بەزى ئادەملەر «خۇدا شۇنچىلىك ئۇلۇغكى، بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس» دەپ ئويلايدۇ. ئۇلار ھەممىگە قادىر خۇدا ھەر بىر ئادەمنىڭ غېمىنى يەيدىغانلىقىدىن گۇمان قىلىدۇ. لېكىن، كۆيۈمچان ئاتىمىز شۇنداق ئويلىشىمىزنى خالىمايدۇ. ئۇ بىزگە ھاياتنى سوۋغات قىلغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇشىمىزنى خالايدۇ. بۇ ھەقىقەتنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئەلچى پاۋلۇس ئافىنادىكى كىشىلەرگە يەھۋانى «ھەر بىرىمىزدىن يىراق ئەمەس»،— دەپ چۈشەندۈرگەنىدى (ئەلچى. 17:24—29). بالا كۆيۈمچان ئاتىسى بىلەن سۆزلىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ، شۇنىڭغا ئوخشاش، يەھۋامۇ ھەرقايسىمىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشىمىزنى خالايدۇ.
5. بىر قېرىنداشنىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
5 باشقىلار ئاتا مېھرىنى كۆرمەي ئۆسكەنلىكتىن، يەھۋانى مېھرىبان ئاتىسىدەك قوبۇل قىلالمايدۇ. بىر قېرىنداش مۇنداق دېگەن: «دادام ماڭا زەھەردەك سۆزلەرنى ئېيتاتتى. مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشنى باشلىغىنىمدا، ئۆزۈمنى ئاسماندىكى ئاتامغا يېقىن ھېس قىلىش قىيىن بولغان. لېكىن، يەھۋانى يېقىنراق بىلگەنسېرى، ھەممە نەرسە ئۆزگۈرۈشكە باشلىدى». سىزدە شۇنداق ھېس-تۇيغۇ بولغانمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ. ۋاقىت ئۆتۈپ سىزمۇ يەھۋا خۇدانىڭ ئەڭ ياخشى ئاتا ئىكەنلىكىگە كۆز يەتكۈزىسىز.
6. مەتتا 11:27-ئايەتلەرگە ئاساسەن، يەھۋا خۇدانىڭ كۆيۈمچان ئاتا ئىكەنلىكىگە قانداق كۆز يەتكۈزەلەيمىز؟
6 ئەيسانىڭ مۇقەددەس كىتابتا يېزىلغان سۆزلىرى ۋە ھەرىكەتلىرى خۇدانى كۆيۈمچان ئاتىدەك قوبۇل قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ (مەتتا 11:27-نى ئوقۇڭ). ئەيسا يەھۋانىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرىنى مۇكەممەل تۈردە ئەكس ئەتتۈرگەنلىكتىن، مۇنداق ئېيتالىغان: «مېنى كۆرگەن كىشى، ئاتامنى ھەم كۆرگەن بولىدۇ» (يۇھاننا 14:9). ئەيسا يەھۋانى پات-پات مېھرىبان ئاتا سۈپىتىدە تەسۋىرلىگەن. ئىنجىلنىڭ دەسلەپكى تۆت كىتابىنىڭ ئۆزىدە ئەيسا يەھۋا خۇدانى تەخمىنەن 100 قېتىم «ئاتا»، دەپ ئاتىغان. ئەيسا يەھۋانى نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ قېتىم ئاتا دېگەن؟ بۇنىڭ بىر سەۋەبى، ئادەملەرنى يەھۋا خۇدانىڭ كۆيۈمچان ئاتا ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۇشنى خالىغان.—يۇھاننا 17:25، 26.
7. ئەيساغا قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقىدىن يەھۋا توغرۇلۇق نېمىنى بىلەلەيمىز؟
7 ئوغلى ئەيساغا قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقىدىن يەھۋا توغرۇلۇق نېمىنى بىلەلەيمىز؟ يەھۋا ئەيسانىڭ دۇئالىرىنى دائىم تىڭشىغان ۋە دۇئالىرىغا جاۋاب بەرگەن (يۇھاننا 11:41، 42). ئەيسا قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئاتىسىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ۋە غەمخورلۇقىنى ھەرقاچان ھېس قىلغان.—لۇقا 22:42، 43.
8. يەھۋا خۇدا ئەيساغا قايسى تەرەپلەردىن غەمخورلۇق قىلغان؟
8 ئەيسا ئاتىسىنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ: «مەن ئاتا ئارقىلىق ياشاۋاتىمەن»،— دېگەن (يۇھاننا 6:57). ئەيسا ئاتىسىغا پۈتۈنلەي ئىشەنچ قىلغان ۋە يەھۋا ئۇنىڭغا ياشاش ئۈچۈن كېرەكلىك ھەممە نەرسىلەرنى بەرگەن. ئەڭ مۇھىمى، يەھۋا خۇدا ئەيسانىڭ ساداقەتمەن بولۇپ قېلىشىغا ياردەم بەرگەن.—مەتتا 4:4.
9. يەھۋا ئەيسا ئۈچۈن غەمخور ئاتا بولغانلىقىنى قانداق كۆرسەتكەن؟
9 غەمخور ئاتا سۈپىتىدە يەھۋا خۇدا ئەيسانى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن ۋە ئۇنىڭ بۇنى بىلىشىنى خالىغان (مەتتا 26:53؛ يۇھاننا 8:16). يەھۋا ئەيسانى بارلىق زىيانكەشلىكلەردىن ساقلىمىسىمۇ، قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىشىگە ياردەم بەرگەن. ئەيسا دۇچ كېلىۋاتقان ھەممە قىيىنچىلىقلارنىڭ ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىنى بىلگەن (ئىبرانىي. 12:2). دۇئالىرىنى تىڭشاش، مۇھتاج نەرسىلەر بىلەن تەمىنلەش، تەلىم بېرىش ھەم ئۇنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش ئارقىلىق يەھۋا ئەيسانى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن (يۇھاننا 5:20؛ 8:28). ئەمدى ئاسماندىكى ئاتىمىز قانداقلارچە بىزگىمۇ ئوخشاش ئۇسۇللاردا غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقايلى.
كۆيۈمچان ئاتىمىز بىزگە قانداق غەمخورلۇق قىلىدۇ
10. زەبۇر 66:19، 20-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، يەھۋا بىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟
10 يەھۋا دۇئالىرىمىزنى تىڭشايدۇ (زەبۇر 66:19، 20-نى ئوقۇڭ). يەھۋا بىزنىڭ دۇئا قىلىشىمىزغا چەك قويمايدۇ، ئەكسىنچە ئۇنىڭغا پات-پات دۇئا قىلىشىمىزنى خالايدۇ (1-سالونىكا. 5:17). مەيلى قەيەردە بولايلى، بىز خۇداغا ھەر ۋاقىت دۇئا قىلالايمىز. يەھۋا خۇدا دۇئالىرىمىزنى تىڭشاش ئۈچۈن ھەرقاچان تەيياردۇر. يەھۋا دۇئالىرىمىزنى تىڭشايدىغانلىقىنى بىلگەندە، بىز ئۇنى تېخىمۇ بەكرەك ياخشى كۆرۈشنى باشلايمىز. زەبۇر يازغۇچىسى: «مەن سۆيىمەن يەھۋانى، چۈنكى ئۇ ئاڭلار ئاۋازىمنى»،— دەپ يازغان.—زەبۇر 116:1.
11. يەھۋا دۇئالىرىمىزغا قانداق جاۋاب بېرىدۇ؟
11 ئاتىمىز يەھۋا دۇئالىرىمىزنى تىڭشاپلا قويماي، ئۇلارغا جاۋاب بېرىدۇ. ئەلچى يوھاننا: «خۇدانىڭ ئىرادىسىگە مۇۋاپىق نېمىنى تىلىسەك، ئۇ بىزنى ئاڭلايدۇ»،— دېگەن (1-يۇھاننا 5:14، 15). ئەلۋەتتە، يەھۋا دۇئالىرىمىزغا بىز كۈتكەندەك جاۋاب بەرمەسلىكى مۇمكىن. ئۇ نېمىگە مۇھتاج ئىكەنلىكىمىزنى ئۆزۈمىزدىنمۇ ياخشى بىلىدۇ، شۇڭا بەزىدە دۇئالىرىمىزغا «ياق»، دەپ جاۋاب بېرىدۇ ياكى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈشىمىزنى خالايدۇ.—2-كورىنت. 12:7—9.
12، 13. يەھۋا بىزگە قانداق ئۇسۇللار بىلەن غەمخورلۇق قىلىدۇ؟
12 يەھۋا بىزگە غەمخورلۇق قىلىدۇ. ئۇ بارچە ئاتا بولغۇچىلاردىن نېمىنى تەلەپ قىلسا، ئۆزىمۇ شۇنى قىلىدۇ (1-تىموت. 5:8). يەھۋا بالىلىرىنى ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن كېرەكلىك نەرسىلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. يەھۋا نېمە يەپ، نېمە كىيىش ۋە قەيەردە تۇرۇش توغرۇلۇق غەم قىلىشىمىزنى خالىمايدۇ (مەتتا 6:32، 33؛ 7:11). كۆيۈمچان ئاتىمىز يەھۋا بىزنى كېلەچەكتىمۇ ھەممە كېرەكلىك نەرسىلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.
13 ئەڭ مۇھىمى، يەھۋا ئۇنىڭ بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتتە بولۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. مۇقەددەس كىتاب ئارقىلىق ئۇ بىزگە ئۆزى، ئىرادىسى، ھاياتنىڭ مەنىسى ۋە كېلەچەكتە يۈز بېرىدىغان ۋەقەلەر توغرۇلۇق ئېيتىپ بەرگەن. بەلكىم، يەھۋا ئۇنىڭ توغرۇلۇق بىلىم ئېلىشىمىز ئۈچۈن ئاتا-ئانىمىز ياكى باشقا قېرىنداشلارنى قوللانغان. ھازىر بولسا، جامائەتتىكى ئاقساقاللار ۋە روھىي جەھەتتىن يېتىلگەن قېرىنداشلار ئارقىلىق ياردەم بەرمەكتە. شۇنداقلا، ئېتىقادداشلىرىمىز بىلەن بىللە جامائەت يىغىلىشلىرىدا يەھۋادىن تەلىم ئالىمىز. مۇشۇ ۋە باشقا ئۇسۇللار بىلەن يەھۋا ھەممىمىزگە ئۆز ئاتىلىق مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆرسەتمەكتە.—زەبۇر 32:8.
14. يەھۋا نېمە ئۈچۈن بىزنى ئەدەبلەپ تەلىم-تەربىيە بېرىدۇ ۋە بۇنى قانداق قىلىدۇ؟
14 يەھۋا بىزگە تەلىم-تەربىيە بېرىدۇ. بىز نامۇكەممەل بولغاچقا، كۆيۈمچان ئاتىمىز بىزنى تەربىيىلەپ، زۆرۈر بولغاندا ئەدەبلەپ جازالىشى مۇمكىن. مۇقەددەس كىتابتا: «يەھۋا سۆيگەن كىشىلىرىگە تەربىيە بېرىدۇ»،— دەپ يېزىلغان (ئىبرانىي. 12:6، 7). يەھۋا بىزنى ھەرخىل يوللار بىلەن ئەدەبلەپ تەربىيىلەيدۇ. مەسىلەن، بىز خۇدا سۆزىدىن ئوقۇغان ئايەتلەر ياكى يىغىلىشتا ئاڭلىغان ئوي-پىكىرلەر يۈرۈش-تۇرۇشىمىزنى ياكى ئوي-پىكرىمىزنى ئۆزگەرتىشكە دەۋەت قىلىشى مۇمكىن. بولمىسا، بەلكىم بىز مۇھتاج ياردەم ئاقساقاللاردىن كېلىدۇ. يەھۋا بىزنى مەيلى قانداق يوللار ئارقىلىق تەربىيىلىسۇن، ئۇ بىزنى ياخشى كۆركەنلىتىن شۇنداق قىلىدۇ.—يەرەم. 30:11.
15. يەھۋا بىزنى قانداق قوغدايدۇ؟
15 يەـھۋا بىـزنى قىيىنـچىلىقـلاردا قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدۇ. دادىسى بالىسىغا قىيىن ۋاقىتتا ياردەم بەرگىنىدەك ئاسماندىكى كۆيۈمچان ئاتىمىزمۇ بىزگە سىناق ۋاقتىدا يار-يۆلەك بولىدۇ. ئۇ بىزنى مۇقەددەس روھى ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزگە زىيان كەلتۈرىدىغان نەرسىلەردىن قوغدايدۇ (لۇقا 11:13). روھىمىز چۈشكەندىمۇ يەھۋا بىزگە ياردەم بېرىشكە تەييار. مەسىلەن، ئۇ بىزگە كېلەچەككە بولغان ئاجايىپ ئۈمىدنى بەرگەن. بۇ ئۈمىد قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. ئويلاپ كۆرۈڭ، بىز مەيلى قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلەيلى، كۆيۈمچان ئاتىمىز بۇ قىيىنچىلىقلارنىڭ ئاقىۋېتىنى يوق قىلىدۇ. بىز دۇچ كېلىۋاتقان سىناقلارنىڭ ھەممىسى ئۆتۈپ كېتىدۇ، لېكىن، يەھۋا بېرىدىغان بەرىكەتلەر مەڭگۈلۈكتۇر.—2-كورىنت. 4:16—18.
ئاتىمىز بىزنى ھېچقاچان تاشلىمايدۇ
16. ئادەم-ئاتا كۆيۈمچان ئاتىسىغا ئىتائەت قىلماي، قانداق ئاقىۋەتكە قالغان؟
16 ئادەم-ئاتا يەھۋاغا ئىتائەتسىزلىك قىلغاندا، ئۇنىڭ قانداق ھەرىكەت قىلغانلىقىدىن بىزگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئادەم-ئاتا ئاسماندىكى ئاتىسىغا قارشى چىققاندا، يەھۋانىڭ بەختلىك ئائىلىسىدىكى ئورنىدىن ئۆزىمۇ ۋە ئەۋلاتلىرىمۇ ئايرىلىپ قالغان (رىملىقلار 5:12؛ 7:14). لېكىن، يەھۋا ئادەم- ئاتىنىڭ ئەۋلاتلىرىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان.
17. ئادەم-ئاتا يەھۋاغا قارشى چىققاندا، ئۇ دەرھال نېمە قىلغان؟
17 يەھۋا ئادەم-ئاتىنى جازالىسىمۇ، ئۇنىڭ تېخى تۇغۇلمىغان ئەۋلاتلىرىنى ئۈمىدسىز قالدۇرمىغان. يەھۋا دەرھال ئىتائەتچان ئادەملەرنىڭ ئۇنىڭ ئائىلىسىگە قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان (يارىت. 3:15؛ رىملىقلار 8:20، 21). يەھۋا بۇ چارە-تەدبىرنى ئۆز سۆيۈملۈك ئوغلى ئەيسانىڭ قۇربانلىق تۆلىمى ئاساسىدا ئورۇنلاشتۇرغان. ئوغلىنى بىز ئۈچۈن قۇربانلىققا بېرىش ئارقىلىق خۇدايىمىز بىزگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆرسەتكەن.—يۇھاننا 3:16.
18. ئاداشساقمۇ، نېمە ئۈچۈن يەھۋا ئۇنىڭ ئائىلىسىدە بولۇشىمىزنى خالايدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل؟
18 نامۇكەممەل بولساقمۇ، يەھۋا بىزنىڭ ئۇنىڭ ئائىلىسىدە بولۇشىمىزنى خالايدۇ ۋە بىزگە ھېچقاچان ئېغىر يۈكتەك قارىمايدۇ. بىز خۇدانىڭ كۆڭلىنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈشىمىز ياكى توغرا يولدىن چەتنەپ كېتىشىمىز مۇمكىن، ئەمما يەھۋا خۇدا بىزدىن ۋاز كەچمەيدۇ. يەھۋانىڭ ئاتىلىق مېھىر-مۇھەببىتى قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەيسا ئاداشقان ئوغۇل توغرۇلۇق تەمسىلنى ئېيتىپ بەرگەن (لۇقا 15:11—32). بۇ تەمسىلدىكى ئاتا بالىسىنىڭ قايتىپ كېلىشىدىن ھېچ ئۈمىد ئۈزمىگەن. بالىسى ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە، دادىسى ئۇنى قۇچاق يېيىپ قارشى ئالغان. بىز توغرا يولدىن ئادىشىپ، لېكىن كېيىن توۋا قىلساق، مېھىر-شەپقەتلىك ئاتىمىز يەھۋا بىزنى كەچۈرۈپ، قايتىدىن قوبۇل قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىگە ئىشەنچىمىز كامىل.
19. ئادەم-ئاتا سەۋەبلىك پەيدا بولغان ھەممە زىياننى يەھۋا قانداق يوق قىلىدۇ؟
19 ئاسماندىكى ئاتىمىز يەھۋا، ئادەم-ئاتا سەۋەبلىك پەيدا بولغان ھەممە زىياننى يوق قىلىدۇ. ئادەم-ئاتا ئىسىيان كۆتەرگەندىن كېيىن، خۇدا ئادەملەر ئارىسىدىن 144000 كىشىنى ئەيسا بىلەن بىللە ئاسماندا پادىشاھلار ۋە روھانىيلار بولۇپ خىزمەت قىلىش ئۈچۈن تاللىغان. يېڭى دۇنيادا ئەيسا ۋە ئۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلار ئىتائەتچان ئىنسانلارنىڭ مۇكەممەل بولۇشقا ياردەم بېرىدۇ. ئاخىرقى سىناقتىن كېيىن، خۇدا ئۇلارغا مەڭگۈلۈك ھاياتنى سوۋغات قىلىدۇ. شۇ چاغدا ئاتىمىز يەر يۈزى مۇكەممەل ئوغۇل-قىزلىرى بىلەن تولغانلىقىنى كۆرۈپ خۇرسەن بولىدۇ. نېمە دېگەن ئاجايىپ گۈزەل بىر زامان كېلىدۇ، ھە!
20. يەھۋا بىزنى بەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى قانداق ئىسپاتلىغان ۋە كېيىنكى ماقالىدە نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
20 يەھۋا خۇدا بىزنى بەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. ئۇ ئەڭ ياخشى ئاتا. يەھۋا دۇئالىرىمىزنى تىڭشايدۇ. ئۇ ياشىشىمىز ۋە ئۇنىڭ بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتتە بولۇشىمىز ئۈچۈن بىزنى ئېھتىياجلىق نەرسىلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. خۇدايىمىز بىزنى ئەدەبلەپ تەربىيىلەيدۇ ۋە قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدۇ. شۇنىڭدەك، يەنە كېلەچەكتە بىزگە مول بەرىكەت بېرىدۇ. كۆيۈمچان ئاتىمىزنىڭ بىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى ۋە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى بىلىش قەلبىمىزنى سۆيۈندۈرىدۇ. يەھۋا خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىگە مىننەتدارلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيدىغانلىقىمىزنى كېيىنكى ماقالىدە كۆرۈپ چىقىمىز.
18-ناخشا خۇدانىڭ چىن مۇھەببىتى
a يەھۋا خۇدا ياراتقۇچىمىز ۋە ئالەمنىڭ ئېگىسى. لېكىن، يەھۋانى نېمە ئۈچۈن كۆيۈمچان ئاتىمىز دەپمۇ ئاتىيالايمىز؟ كېلىڭلار، بۇنىڭ بىرنەچچە سەۋەبىنى كۆرۈپ چىقايلى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەھۋا بىزنى ھېچقاچان تاشلاپ كەتمەيدىغانلىقىغا نېمە ئۈچۈن ئىشەنچ قىلالايدىغانلىقىمىزنى بىلىۋالايلى.
b سۈرەتلەردە: تۆت رەسىمنىڭ ھەربىرىدە دادىسى بىلەن بالىسى تەسۋىرلەنگەن: دادىسى ئوغلىنى تىڭشاۋاتىدۇ؛ دادىسى قىزىغا غەمخورلۇق قىلىۋاتىدۇ؛ دادىسى ئوغلىنى تەربىيىلەۋاتىدۇ؛ دادىسى ئوغلىنى بەزلەۋاتىدۇ. ئارقا كۆرۈنۈشتە تۇرغان يەھۋانىڭ ئالىقىنى ئۇنىڭمۇ ئوخشاش ئۇسۇللار بىلەن بىزگە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى ئەسلىتىدۇ.