مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

6-‏تە‌تقىق ماقالىسى

‏«ئايالنىڭ بېشى ئە‌ر»‏

‏«ئايالنىڭ بېشى ئە‌ر»‏

‏«ئايالنىڭ بېشى ئە‌ر».‏—‏1-‏كورىنت.‏ 11:‏3‏.‏

5-‏ناخشا مە‌سىھ —‏ بىزنىڭ ئۈلگىمىز

بۇ ماقالىدە a

1.‏ ئايال كىشى توي قىلىشتىن بۇ‌رۇ‌ن ئۆزىدىن قانداق سوئاللارنى سورىشى كېرە‌ك؟‏

 بارلىق يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ مۇ‌كە‌ممە‌ل باشچىلىقى ئاستىدا بولماقتا.‏ ئە‌مما،‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى بولغان ئايال تۇ‌رمۇ‌شقا چىققاندا،‏ نامۇ‌كە‌ممە‌ل ئېرىنىڭ باشچىلىقى ئاستىدا بولىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭغا بويسۇ‌نۇ‌ش ھە‌ر ۋاقىت ئاسانغا چۈشمە‌يدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ دە‌ل مۇ‌شۇ بۇ‌رادە‌رگە تۇ‌رمۇ‌شقا چىقىمە‌ن،‏ دە‌پ ئويلايدىغان ئايال قېرىنداش ئۆزىدىن مۇ‌نداق سورىشى كېرە‌ك:‏ «نېمە بۇ بۇ‌رادە‌رنىڭ ياخشى ئائىلە بېشى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ؟‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى ئۇ ھاياتىدا بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويامدۇ؟‏ ئە‌گە‌ر ئۇ شۇ‌نداق قىلمىسا،‏ بىز توي قىلغاندىن كېيىن،‏ ئۇ ياخشى ئائىلە بېشى بولۇ‌پ روھىي جە‌ھە‌تتىن يېتە‌كچىلىك قىلىدۇ،‏ دە‌پ ئويلاشقا نېمە مېنى دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ؟‏» ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئايال قېرىنداش يە‌نە ئۆزىدىن مۇ‌نداق سورىشى كېرە‌ك:‏ «مېنىڭدە نىكاھىمىزغا پايدا ئە‌كېلىدىغان قانداق پە‌زىلە‌تلە‌ر بار؟‏ مە‌ن سە‌ۋرچان ۋە مە‌ردمۇ؟‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىم كۈچلۈكمۇ؟‏» (‏ۋە‌ز 4:‏9،‏ 12‏)‏ ئە‌گە‌ر ئايال كىشى توي قىلىشتىن بۇ‌رۇ‌ن توغرا قارارلارنى قىلسا،‏ بۇ ئۇ‌نىڭ نىكاھىنىڭ بە‌خت-‏سائادە‌تلىك بولۇ‌شىغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏

2.‏ بۇ ماقالىدە،‏ بىز نېمە مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

2 مىليونلىغان ئايال ئېتىقادداشلار ئۆز ئە‌رلىرىگە بويسۇ‌نۇ‌شتا ياخشى ئۈلگە كۆرسە‌تتى.‏ ئۇ‌لار ماختاشقا سازاۋە‌ر!‏ بىز مۇ‌شۇ سادىق ئاياللار بىلە‌ن بىللە يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلغىنىمىزدىن تولىمۇ خۇ‌شالمىز!‏ بۇ ماقالىدە،‏ بىز ئۈچ سوئالنىڭ جاۋابىنى تاپىمىز:‏ (‏1)‏ ئاياللار قانداق بە‌زى قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىدۇ؟‏ (‏2)‏ نېمە ئۈچۈن ئايال ئۆز ئېرىگە بويسۇ‌نۇ‌شنى قارار قىلىدۇ؟‏ (‏3)‏ ئە‌ر ۋە ئايال كىشىلە‌ر ئە‌يسا،‏ ئابىگائىل ۋە يۈسۈپنىڭ ئايالى مە‌ريە‌منىڭ ئۈلگىسىدىن بويسۇ‌نۇ‌ش ھە‌ققىدە نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ؟‏

ئاياللار قانداق بە‌زى قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىدۇ؟‏

3.‏ نېمە ئۈچۈن ھە‌ممە ئە‌ر-‏ئاياللار قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىدۇ؟‏

3 راست،‏ نىكاھ خۇ‌دانىڭ مۇ‌كە‌ممە‌ل سوۋغىسى،‏ ئە‌مما ئادە‌ملە‌ر نامۇ‌كە‌ممە‌ل (‏1-‏يۇ‌ھاننا 1:‏8‏)‏.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ خۇ‌دا سۆزى ئە‌ر-‏ئاياللارنىڭ قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىدىغانلىقى ھە‌ققىدە ئە‌سكە‌رتىدۇ (‏1-‏كورىنت.‏ 7:‏28‏)‏.‏ ھازىر ئاياللار دۇ‌چ كېلىۋاتقان بە‌زىبىر قىيىنچىلىقلارنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

4.‏ نېمە ئۈچۈن ئايال ئېرىمگە بويسۇ‌نۇ‌ش مېنىڭ ئىناۋىتىمنى چۈشۈرىدۇ،‏ دە‌پ ئويلىشى مۇ‌مكىن؟‏

4 بە‌لكىم،‏ ئايال ئۆزىنىڭ كېلىپ چىقىشى سە‌ۋە‌بلىك،‏ ئېرىمگە بويسۇ‌نۇ‌ش مېنىڭ ئىناۋىتىمنى چۈشۈرىدۇ،‏ دە‌پ ئويلىشى مۇ‌مكىن.‏ ئامېرىكىدا ياشايدىغان مارىسول ئىسىملىك قېرىندىشىمىز مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن ئۆسكە‌ن يۇ‌رتتا،‏ ئاياللارغا داۋاملىق ئە‌ر كىشىلە‌رگە ھە‌ممە تە‌رە‌پتىن تە‌ڭ بولۇ‌ش كېرە‌ك،‏ دە‌پ ئۆگىتىدۇ.‏ مە‌ن يە‌ھۋانىڭ نىكاھنى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغانلىقىنى ۋە ئايالغا نىكاھىدا ئېرىگە بويسۇ‌نۇ‌ش كېرە‌كلىكىنى ۋە ئايالنىڭمۇ لايىق ھۆرمە‌تكە ئىگە بولۇ‌شىنى قارار قىلغانلىقىنى بىلىمە‌ن.‏ بىراق،‏ باشچىلىققا بولغان تە‌ڭپۇ‌ڭ كۆز قاراشنى ساقلاش قىيىن».‏

5.‏ بە‌زى ئە‌ر كىشىلە‌ر ئاياللارنىڭ رولىغا قارىتا قانداق خاتا كۆز قاراشتا بولىدۇ؟‏

5 بىراق،‏ باشقا تە‌رە‌پتىن ئايال بە‌لكىم ئاياللارنى ئىككىنچى دە‌رىجىلىك پۇ‌قرالار دە‌پ قارايدىغان ئە‌ر كىشى بىلە‌ن توي قىلغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ جە‌نۇ‌بىي ئامېرىكىدا ياشايدىغان ئېۋون ئىسىملىك ئايال قېرىنداش مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مېنىڭ يۇ‌رتۇ‌مدا تاماقنى بىرىنچى ئە‌رلە‌ر،‏ ئاندىن ئاياللار يە‌يدۇ.‏ قىزچاقلار تاماق ئېتىشى ۋە ئۆينى تازىلىشى كېرە‌ك.‏ كىچىك ئوغۇ‌للىرىغا بولسا،‏ ئانىسى ۋە ئاچا-‏سىڭىللىرى خىزمە‌ت قىلىدۇ.‏ ئۇ‌لارنى ‹سىز ئۆينىڭ پادىشاھى›،‏ دە‌پ كىچىكىدىن ئۆگىتىدۇ».‏ ئاسىيادا ياشايدىغان يېڭلىڭ ئىسىملىك ئايال قېرىنداش شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مېنىڭ خە‌لقىم ئارىسىدا بىر تە‌مسىل بار.‏ بۇ تە‌مسىلدە ئاياللارنىڭ ئە‌قىللىق ۋە قابىلىيە‌تلىك بولۇ‌شىنىڭ ھاجىتى يوق دېگە‌ن گە‌پ بار.‏ ئاياللارنىڭ رولى —‏ بارلىق ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش.‏ بىراق،‏ ئۇ‌لارغا ئۆز ئە‌رلىرىگە ئوي-‏پىكىرىنى ئىپادىلە‌شكە رۇ‌خسە‌ت يوق».‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسە‌تمە‌يدىغان ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ماس كە‌لمە‌يدىغان ئۆرپ-‏ئادە‌تلە‌رگە ئە‌مە‌ل قىلىدىغان ئە‌ر ئۆز ئايالىنىڭ تۇ‌رمۇ‌شىنى قىيىنلاشتۇ‌رىدۇ،‏ ئە‌يسا مە‌سىھنى ئۈلگە قىلمايدۇ ۋە يە‌ھۋا خۇ‌دانى نارازى قىلىدۇ.‏—‏ئە‌فە‌س.‏ 5:‏28،‏ 29؛‏ 1-‏پېتر.‏ 3:‏7‏.‏

6.‏ ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ خۇ‌دا بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌قىنى كۈچە‌يتىش ئۈچۈن نېمە قىلىشى كېرە‌ك؟‏

6 ئالدىنقى ماقالىدە ئۆگە‌نگە‌ندە‌ك،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئە‌رنىڭ ئۆز ئائىلىسىنىڭ ماددىي ۋە روھىي ئېھتىياجلىرىنى قانائە‌تلە‌ندۈرۈشىنى كۈتىدۇ (‏1-‏تىموت.‏ 5:‏8‏)‏.‏ بىراق،‏ توي قىلغان ئايال نۇ‌رغۇ‌ن ئىشلار ئارىسىدىن ۋاقتىنى چىقىرىپ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئوقۇ‌شى،‏ ئۇ‌نىڭ ئۈستىدىن مۇ‌لاھىزە قىلىشى ۋە خۇ‌داغا سە‌مىمىي دۇ‌ئا قىلىشى كېرە‌ك.‏ بۇ قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئاياللار ئۆي ئىشلىرى بىلە‌ن بە‌نت بولغاچقا،‏ بۇ روھىي ئىشلارغا ۋاقتىم،‏ كۈچۈممۇ يوق،‏ دە‌پ ئويلىشى مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ ئۇ‌لار مۇ‌شۇ مۇ‌ھىم ئىشلارغا ۋاقىت چىقىرىشى كېرە‌ك.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ يە‌ھۋا ھە‌ر بىر خىزمە‌تچىسىنىڭ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋە‌تنى يېتىلدۈرۈشىنى ۋە كۈچە‌يتىشىنى خالايدۇ.‏—‏ئە‌لچى.‏ 17:‏27‏.‏

7.‏ ئايالغا ۋە‌زىپىسىنى ئورۇ‌نلاش ئاسانراق بولۇ‌ش ئۈچۈن ئۇ نېمە قىلىشى كېرە‌ك؟‏

7 ئېنىقكى،‏ ئايال نامۇ‌كە‌ممە‌ل ئېرىگە بويسۇ‌نۇ‌ش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرىشى كېرە‌ك.‏ ئە‌گە‌ر ئۇ ئېرىنى ھۆرمە‌تلە‌ش ۋە بويسۇ‌نۇ‌ش ۋە‌زىپىسى مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارغا ئاساسلانغانلىقىنى چۈشىنىپ،‏ قوبۇ‌ل قىلسا،‏ ئۇ‌نىڭ يە‌ھۋا بە‌لگىلىگە‌ن بۇ ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌شقا بويسۇ‌نۇ‌شى ئاسانراق بولىدۇ.‏

نېمە ئۈچۈن ئايال ئېرىگە بويسۇ‌نۇ‌شنى تاللايدۇ؟‏

8.‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏22—‏24-‏ئايە‌تلە‌ردە يېزىلغاندە‌ك،‏ نېمە ئۈچۈن ئايال ئېرىگە بويسۇ‌نۇ‌شنى تاللايدۇ؟‏

8 ئايال ئېرىگە بويسۇ‌نۇ‌شنى تاللايدۇ،‏ چۈنكى بۇ‌نى خۇ‌دا ئۆزى تە‌لە‌پ قىلىۋاتىدۇ ‏(‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏22—‏24-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئايال ئاسماندىكى ئاتىسىنىڭ ئۇ‌نى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇ‌نىڭغا زىيان كە‌لتۈرىدىغان بىرە‌ر ئىشنى قىلىشنى تە‌لە‌پ قىلمايدىغانلىقىنى بىلگە‌چكە،‏ ئۇ‌نىڭغا ئىشە‌نچ قىلىدۇ.‏—‏تە‌كرار.‏ قا 6:‏24؛‏ 1-‏يۇ‌ھاننا 5:‏3‏.‏

9.‏ ئايال ئېرىنىڭ ھوقۇ‌قىنى ھۆرمە‌تلىسە،‏ قانداق پايدا-‏مە‌نپە‌ئە‌تكە ئېرىشىدۇ؟‏

9 بۇ دۇ‌نيا ئاياللارنى يە‌ھۋانىڭ ئۆلچە‌ملىرىگە پە‌رۋاسىزلىق قىلىشقا ۋە بۇ ئۆلچە‌ملە‌ر ئۇ‌لارنىڭ ئىناۋىتىنى چۈشۈرىدۇ،‏ دە‌پ ئويلاشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بۇ‌نداق كۆز قاراشنى تارقىتىۋاتقان ئادە‌ملە‌ر بىزنىڭ مېھرىبان خۇ‌دايىمىزنى تونۇ‌مايدۇ.‏ يە‌ھۋا ئۆز سۆيۈملۈك قىزلىرىغا ئۇ‌لارنى كە‌مسىتىدىغان ئۆلچە‌ملە‌رنى ھېچقاچان چىقارمايدۇ.‏ ياراتقۇ‌چى بە‌لگىلىگە‌ن رولنى تىرىشچانلىق بىلە‌ن ئورۇ‌نلاۋاتقان ئايال قېرىنداش ئائىلىسىنىڭ بە‌ختلىك بولۇ‌شىغا ئۆز ھە‌سسىسىنى قوشىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 119:‏165‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭ ھە‌مراھى،‏ ئۆزى ۋە پە‌رزە‌نتلىرىگىمۇ پايدىلىق بولىدۇ.‏

10.‏ كارول ئىسىملىك قېرىنداشنىڭ سۆزلىرىدىن قانداق ساۋاقلارنى ئالالايمىز؟‏

10 نامۇ‌كە‌ممە‌ل ئېرىگە بويسۇ‌نىدىغان ئايال ئائىلىدىكى باشچىلىق ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌شىنى بە‌لگىلىگە‌ن يە‌ھۋا خۇ‌داغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى ۋە ھۆرمە‌ت-‏ئېھتىرامىنى كۆرسىتىدۇ.‏ جە‌نۇ‌بىي ئامېرىكىدا ياشايدىغان كارول ئىسىملىك ئايال قېرىنداش مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مېنىڭ ھە‌مراھىم خاتالىقلارنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلىمە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۇ‌نىڭ خاتالىقلىرىغا قانداق كۆز قاراشتا بولۇ‌ش،‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌قۇ‌منى قانچىلىك قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىمنى ئە‌كس ئە‌تتۈرىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ مە‌ن ئاسماندىكى ئاتامنى خۇ‌رسە‌ن قىلىشنى خالىغاچقا،‏ مە‌ن ئېرىمگە بويسۇ‌نۇ‌ش ئۈچۈن بار كۈچۈمنى چىقىرىشقا تىرىشىمە‌ن».‏

11.‏ ئانىز ئىسىملىك ئايال قېرىنداشنىڭ كە‌چۈرۈمچان بولۇ‌شىغا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ ۋە ئۇ‌نىڭ سۆزلىرىدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

11 ئە‌گە‌ر ئە‌ر ئۆز ئايالىنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرى ۋە غە‌م-‏تە‌شۋىشلىرىگە كۆڭۈل بۆلمىسە،‏ ئايال ئۈچۈن ئېرىگە بويسۇ‌نۇ‌ش ۋە ئۇ‌نى ھۆرمە‌تلە‌ش قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ توي قىلغان ئانىز ئىسىملىك ئايال قېرىنداشنىڭ ھاياتىدا بۇ‌نداق ئىشلار يۈز بە‌رگە‌ندە،‏ ئۇ قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رغانلىقىغا دىققە‌ت قىلايلى.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن خاپا بولمايمە‌ن.‏ ھە‌ممىمىزنىڭ خاتالىقلارنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىمىز ئېسىمدە.‏ مېنىڭ مە‌قسىتىم —‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا ئوخشاش چىن دىلدىن كە‌چۈرۈش.‏ ئېرىمنى كە‌چۈرگە‌ندە،‏ كۆڭلۈم ئارام تېپىپ قالىدۇ» (‏زە‌بۇ‌ر 86:‏5‏)‏.‏ كە‌چۈرۈمچان ئايالنىڭ ئېرىگە بويسۇ‌نۇ‌شى ئاسان بولىدۇ.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى مىساللاردىن بويسۇ‌نۇ‌ش ھە‌ققىدە نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

12.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا قانداق مىساللار بار؟‏

12 بە‌زىلە‌ر ئىتائە‌تچان ئادە‌منى ئاجىز،‏ دە‌پ ئويلىشى مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ بۇ ئوي ناتوغرا.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئىتائە‌تچان،‏ ئە‌مما جە‌سۇ‌ر ئادە‌ملە‌رنىڭ مىساللىرى نۇ‌رغۇ‌ن.‏ ئە‌يسا،‏ ئابىگائىل ۋە مە‌ريە‌منىڭ مىساللىرىدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

13.‏ ئە‌يسا نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا خۇ‌داغا بويسۇ‌نىدۇ؟‏ چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىڭ.‏

13 ئە‌يسا ئە‌قىللىق ۋە قابىلىيە‌تلىك شە‌خس.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ھوقۇ‌قىنى ھۆرمە‌تلىگە‌چكە،‏ ئۇ‌نىڭغا بويسۇ‌نىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭ ئاددىي ۋە ئېنىق تە‌لىملىرى،‏ ئۇ‌نىڭ دانىشمە‌ن شە‌خس ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلايدۇ (‏يۇ‌ھاننا 7:‏45،‏ 46‏)‏.‏ يە‌ھۋا ئە‌يسانىڭ قابىلىيە‌تلىرىنى شۇ‌نچىلىك ھۆرمە‌تلىگە‌نكى،‏ ھە‌تتا ئۇ‌نىڭ بىرلىكتە كائىناتنى يارىتىشىغا يول قويغان (‏پە‌ند.‏ نە 8:‏30؛‏ ئىبرانىي.‏ 1:‏2—‏4‏)‏.‏ خۇ‌دا ھە‌زرىتى ئە‌يسانى تىرىلدۈرگە‌ندىن كېيىن،‏ ئۇ‌نىڭغا ئاسماندا ۋە يە‌ر يۈزىدە پۈتۈن ھوقۇ‌قنى تاپشۇ‌رغان (‏مە‌تتا 28:‏18‏)‏.‏ ھە‌تتا ئۇ قابىلىيە‌تلىك بولسىمۇ،‏ تا ھازىرغىچە خۇ‌دادىن يول-‏يورۇ‌ق سورايدۇ.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى ئۇ ئۆز ئاتىسىنى سۆيىدۇ.‏—‏يۇ‌ھاننا 14:‏31‏.‏

14.‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 31-‏بابتا يېزىلغاندە‌ك،‏ يە‌ھۋانىڭ ئاياللارغا بولغان كۆز قارىشىدىن ئە‌رلە‌ر نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ؟‏

14 ئە‌رلە‌ر نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئايال كىشىنى ئۆز ئېرىگە بويسۇ‌نۇ‌شقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏ لېكىن،‏ ئۇ ئايال كىشىنى ئە‌ر كىشىدىن تۆۋە‌ن،‏ دە‌پ قارىمايدۇ.‏ بۇ‌نى بىز يە‌ھۋانىڭ ئە‌يسا بىلە‌ن بىللە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈچۈن ھە‌م ئە‌ر كىشىلە‌ر ھە‌م ئايال كىشىلە‌رنىمۇ مە‌سىھ قىلىنغانلار سۈپىتىدە تاللىغانلىقىدىن ئېنىق كۆرۈمىز (‏گالاتىيا.‏ 3:‏26—‏29‏)‏.‏ يە‌ھۋا ئۆز ئوغلىغا ئىشىنىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا ھوقۇ‌قنى بە‌رگە‌ن.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ دانا ئە‌ر ئۆز ئايالىغا مە‌لۇ‌م دە‌رىجىدە ھوقۇ‌قنى بېرىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب قابىلىيە‌تلىك ئايالنىڭ رولىنى تە‌سۋىرلە‌پ،‏ ئۇ‌نىڭ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش،‏ سودا-‏سېتىق قىلىش ۋە مال-‏مۈلۈكنى ئېلىپ سېتىش ھوقۇ‌قى بار ئىكە‌نلىكىنى ئېيتىدۇ ‏(‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 31:‏15،‏ 16،‏ 18-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئۇ ئۆز پىكىرىنى ئېيتىش ھوقۇ‌قى يوق قۇ‌ل ئە‌مە‌س.‏ ئە‌كسىنچە ئۇ‌نىڭ ئېرى ئۇ‌نىڭغا ئىشىنىدۇ ۋە ئوي-‏پىكىرىگە قۇ‌لاق سالىدۇ ‏(‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 31:‏11،‏ 26،‏ 27-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌گە‌ر ئە‌ر ئۆز ئايالىغا ھۆرمە‌ت بىلە‌ن مۇ‌ئامىلە قىلسا،‏ ئايالى خۇ‌شاللىق بىلە‌ن ئۇ‌نىڭغا بويسۇ‌نىدۇ.‏

ئە‌يسانىڭ يە‌ھۋا خۇ‌داغا بويسۇ‌نۇ‌شىدىن ئاياللار نېمىنى ئۆگىنىدۇ؟‏ (‏15-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

15.‏ ئاياللار ئە‌يسانىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ؟‏

15 ئاياللار نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ.‏ ئە‌يسا گە‌رچە ئۇ‌لۇ‌غ ئىشلارنى قىلغان بولسىمۇ،‏ يە‌ھۋانىڭ ھوقۇ‌قىغا بويسۇ‌نۇ‌شنى ئۆزىنىڭ ئىناۋىتىنى چۈشۈرۈش،‏ دە‌پ قارىمايدۇ (‏1-‏كورىنت.‏ 15:‏28؛‏ فىلىپى.‏ 2:‏5،‏ 6‏)‏.‏ بۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ ئە‌يسانى ئۈلگە قىلىدىغان قابىلىيە‌تلىك ئايال ئېرىگە بويسۇ‌نۇ‌شنى ئۆز ئىززە‌ت-‏ئابرويىنى چۈشۈرۈش،‏ دە‌پ قارىمايدۇ.‏ ئۇ‌نىڭ ئېرىنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىشى،‏ پە‌قە‌ت ئېرىنى ياخشى كۆرگە‌نلىكى ئۈچۈنلا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى يە‌ھۋانى ھۆرمە‌تلىگە‌نلىكى ۋە سۆيگە‌نلىكى ئۈچۈندۇ‌ر.‏

ئابىگائىل داۋۇ‌تقا ۋە ئۇ‌نىڭ ئادە‌ملىرىگە ئوزۇ‌ق-‏تۈلۈكلە‌رنى ئېلىپ كە‌لدى.‏ كېيىن،‏ ئۇ داۋۇ‌تنىڭ ئالدىدا تازىم قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭدىن ئۆچ ئېلىپ چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزمە‌سلىكنى يالۋۇ‌رۇ‌پ سورىغان (‏16-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

16.‏ 1-‏سامۇ‌ئىل 25:‏3،‏ 23—‏28-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ ئابىگائىل قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن؟‏ (‏مۇ‌قاۋىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏

16 ئابىگائىلنىڭ ئېرى نابال شە‌خسىيە‌تچى،‏ مە‌غرۇ‌ر ۋە مىننە‌تدارسىز كىشى ئىدى.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ ئۇ ئېرىدىن ئاجرىشىشقا باھانە ئىزدىمىگە‌ن.‏ ئابىگائىل ئۈن چىقماي ئولتۇ‌رۇ‌ۋالغان بولسا،‏ داۋۇ‌ت ۋە ئۇ‌نىڭ كىشىلىرىنىڭ ئېرىنى ئۆلتۈرۈشىگە يول قويالايتتى.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئۇ نابالنىڭ جېنىنى ۋە ئۇ‌نىڭ جە‌مە‌تىنى ساقلاش ئۈچۈن ئە‌مە‌لىي ئىشلارنى قىلغان.‏ 400 قوراللانغان كىشىنىڭ ئالدىدا تۇ‌رۇ‌ش ۋە ھۆرمە‌ت كۆرسە‌تكە‌ن ھالدا داۋۇ‌ت بىلە‌ن سۆزلىشىش ئۈچۈن ئابىگائىلغا قانچىلىك جاسارە‌ت كېرە‌ك بولغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىڭ.‏ ئۇ ھە‌تتا ئېرىنىڭ قىلغان ئىشلىرى ئۈچۈن كە‌چۈرۈم سوراشقا تە‌ييار بولغان ئىدى ‏(‏1-‏سامۇ‌ئىل 25:‏3،‏ 23—‏28-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ بۇ باتۇ‌ر ئايال ئارقىلىق ئۆزىنى ئېغىر گۇ‌ناھ قىلىشتىن توسۇ‌پ قالىدىغان نە‌سىھە‌تنى بە‌رگە‌نلىكىنى داۋۇ‌ت ئېتىراپ قىلغان.‏

17.‏ ئە‌رلە‌ر داۋۇ‌ت بىلە‌ن ئابىگائىلنىڭ ۋە‌قە‌سىدىن نېمىنى ئۆگىنىدۇ؟‏

17 ئە‌رلە‌ر نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ.‏ ئابىگائىل دانا ئايال بولغان.‏ داۋۇ‌تنىڭ بۇ ئايالنىڭ نە‌سىھىتىگە قۇ‌لاق سالغانلىقى دانا ئىش بولغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ ئادە‌ملە‌رنىڭ قېنىنىڭ تۆكۈلىشىگە سە‌ۋە‌بچى بولۇ‌شتىن ئۆزىنى ساقلاپ قالغان.‏ بۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ دانا ئە‌ر مۇ‌ھىم قارارلارنى چىقىرىشتىن بۇ‌رۇ‌ن ئۆز ئايالىنىڭ ئوي-‏پىكىرى ھە‌ققىدە ئويلىنىپ كۆرىدۇ.‏ بە‌لكىم،‏ ئايالىنىڭ سۆزلىرى ئۇ‌نىڭغا ئە‌خمىقانە قارارلارنى چىقىرىشتىن نېرى بولۇ‌شقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏

18.‏ ئاياللار ئابىگائىلنىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىنى ئۆگىنىدۇ؟‏

18 ئاياللار نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ.‏ يە‌ھۋانى ياخشى كۆرىدىغان ۋە ھۆرمە‌تلە‌يدىغان ئايال،‏ ھە‌تتا يولدىشى يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلمىسىمۇ ۋە ئۇ‌نىڭ ئۆلچە‌ملىرىگە ماس ياشىمىسىمۇ،‏ ئائىلىسىگە ياخشى تە‌سىر قىلالايدۇ.‏ ئايال ئاجرىشىش ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا قارشى بولىدىغان سە‌ۋە‌بلە‌رنى ئىزدىمە‌يدۇ.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئۇ ھۆرمە‌ت كۆرسىتىش ۋە بويسۇ‌نۇ‌ش ئارقىلىق ھە‌مراھىنى يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق بىلىم ئېلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ (‏1-‏پېتر.‏ 3:‏1،‏ 2‏)‏.‏ ھە‌تتا،‏ ئۇ‌نىڭ يولدىشى خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىشنى قارار قىلمىسىمۇ،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭ ھە‌مراھىغا بولغان ئىتائە‌تچانلىقىنى ۋە ۋاپادارلىقىنى كۆرۈپ خۇ‌شال بولىدۇ.‏

19.‏ ئايال ئېرىگە قايسى ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە بويسۇ‌نمايدۇ؟‏

19 ئىتائە‌تچان ئايال،‏ ئە‌گە‌ر ئۇ‌نىڭ يولدىشى ئۇ‌نىڭدىن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى قانۇ‌ن ياكى پرىنسىپلارغا زىت ئىش قىلىشنى سورىسا،‏ ئۇ ئۇ‌نى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىمە‌يدۇ.‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلمايدىغان ئېرى قېرىندىشىمىزنى يالغان ئېيتىشقا،‏ ئوغرىلىق قىلىشقا ياكى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ماس كە‌لمە‌يدىغان باشقا ئىشنى قىلىشقا ئۈندىشى مۇ‌مكىن.‏ خۇ‌دانىڭ ھە‌ممە خىزمە‌تچىلىرى،‏ شۇ جۈملىدىن تۇ‌رمۇ‌شقا چىققان ئېتىقادداشلار ئە‌ڭ ئاۋۋال يە‌ھۋا خۇ‌داغا بويسۇ‌نىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر ئېرى ئايالىدىن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى پرىنسىپلارنى بۇ‌زۇ‌شنى تە‌لە‌پ قىلسا،‏ ئۇ ئۇ‌نى نېمە ئۈچۈن قىلمايدىغانلىقىنى جاسارە‌ت بىلە‌ن،‏ ئە‌مما ھۆرمە‌ت كۆرسە‌تكە‌ن ھالدا چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىشى لازىم.‏—‏ئە‌لچى.‏ 5:‏29‏.‏

‏(‏20-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ b

20.‏ مە‌ريە‌منىڭ يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولغانلىقىنى نە‌دىن بىلىمىز؟‏

20 مە‌ريە‌م يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولغان.‏ ئېنىقكى،‏ ئۇ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ياخشى بىلگە‌ن.‏ مە‌ريە‌م چۆمۈلدۈرگۈچى يە‌ھيانىڭ ئانىسى ئېلىزابېت بىلە‌ن سۆزلە‌شكە‌ندە،‏ يازمىلاردىن 20دىن ئوشۇ‌ق پارچىنى نە‌قىل كە‌لتۈرگە‌ن (‏لۇ‌قا 1:‏46—‏55‏)‏.‏ قىزىقارلىق يېرى شۇ‌كى،‏ گە‌رچە يۈسۈپ مە‌ريە‌م بىلە‌ن توي قىلىشقا كېلىشىپ قويغان بولسىمۇ،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پە‌رىشتىسى دە‌سلە‌پتە يۈسۈپكە كۆرۈنمىگە‌ن.‏ پە‌رىشتە ئە‌ڭ ئاۋۋال مە‌ريە‌م بىلە‌ن سۆزلىشىپ،‏ ئۇ خۇ‌دانىڭ ئوغلىنى تۇ‌غىدىغانلىقىنى جاكارلىغان (‏لۇ‌قا 1:‏26—‏33‏)‏.‏ يە‌ھۋا مە‌ريە‌منى ياخشى بىلگە‌ن ۋە مە‌ريە‌م ئۇ‌نىڭ ئوغلىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا ۋە ئۇ‌نىڭغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدىغانلىقىغا ئىشە‌نگە‌ن.‏ ئە‌يسا ئۆلۈپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلگە‌ندىن كېيىنمۇ،‏ مە‌ريە‌منىڭ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىنى داۋاملىق مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىگە‌نلىكى شە‌ك-‏شۈبھىسىزدۇ‌ر.‏—‏ئە‌لچى.‏ 1:‏14‏.‏

21.‏ ئە‌رلە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يېزىلغان مە‌ريە‌منىڭ سۆزلىرىدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ؟‏

21 ئە‌رلە‌ر نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ.‏ دانا ئە‌ر ئۆز ئايالىنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ياخشى بىلگىنىدىن خۇ‌شال بولىدۇ.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ ئە‌ر ئۆز ئايالىنى ئائىلە بېشى بولۇ‌شنى ئۆز قولىغا ئېلىشنى خالايدۇ،‏ دە‌پ ئويلىمايدۇ ۋە ئۇ‌نىڭغا خاپا بولمايدۇ.‏ ئە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ۋە ئۇ‌نىڭ پرىنسىپلىرىنى ياخشى بىلىدىغان ئايالىنىڭ ئائىلىسىگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئايالى ئېرىدىن كۆپرە‌ك بىلىمگە ئىگە بولسىمۇ،‏ ئائىلىۋى ئىبادە‌ت ئۆتكۈزۈش ۋە باشقا روھىي ئىشلارنى قىلىش ئە‌رنىڭ بۇ‌رچى.‏—‏ئە‌فە‌س.‏ 6:‏4‏.‏

ئاياللار ئە‌يسانىڭ ئانىسى مە‌ريە‌منىڭ ئۈلگىسىنى تە‌تقىق قىلىش ۋە چوڭقۇ‌ر مۇ‌لاھىزە قىلىش ئارقىلىق قانداق ساۋاقلارنى ئالالايدۇ؟‏ (‏22-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ c

22.‏ ئاياللار مە‌ريە‌مدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ؟‏

22 ئاياللار نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ.‏ ئايال ئۆز ئېرىگە چوقۇ‌م بويسۇ‌نۇ‌شى كېرە‌ك،‏ بىراق ئۆزىنىڭ روھىي ساغلاملىقىغا يە‌نىلا ئۆزى جاۋابكار (‏گالاتىيا.‏ 6:‏5‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ شە‌خسىي ئۆگىنىش ۋە مۇ‌لاھىزە قىلىش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىشى كېرە‌ك.‏ بۇ ئۇ‌نىڭ خۇ‌داغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ۋە ھۆرمىتىنى ساقلىشىغا ۋە خۇ‌شاللىق بىلە‌ن يولدىشىغا بويسۇ‌نۇ‌شىغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏

23.‏ ئىتائە‌تچان ئاياللارنىڭ ئۆزلىرىگە،‏ ئائىلىسىگە ۋە جامائە‌تكە قانداق پايدا ئېلىپ كېلىدۇ؟‏

23 يە‌ھۋا خۇ‌دانى ياخشى كۆرۈپ،‏ ئۆز ئە‌رلىرىگە ئىتائە‌تچان بولغان ئاياللار،‏ يە‌ھۋانىڭ باشچىلىق پرىنسىپىغا ئە‌مە‌ل قىلىشتىن باش تارتقانلارغا قارىغاندا،‏ كۆپرە‌ك خۇ‌شاللىق ۋە قانائە‌ت تاپىدۇ.‏ ئۇ‌لار يە‌نە ياش قىز-‏يىگىتلە‌رگە ياخشى ئۈلگە كۆرسىتىدۇ.‏ ئۇ‌لار پە‌قە‌ت ئائىلىدىلا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى جامائە‌تتە ھە‌م ئىللىق مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە تىنچلىققا تولغان مۇ‌ھىتنى بە‌رپا قىلىشقا ياردە‌م بېرىدۇ (‏تىتۇ‌س 2:‏3—‏5‏)‏.‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ يە‌ھۋاغا سادىقلىق بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىۋاتقان ئاياللارنىڭ سانى كۆپ (‏زە‌بۇ‌ر 68:‏11‏)‏.‏ مە‌يلى ئە‌ر ياكى ئايال بولايلى،‏ ھە‌ممىمىزنىڭ جامائە‌تتە مۇ‌ھىم رولى بار.‏ كېلە‌ركى ماقالىدە،‏ ھە‌ر بىرىمىزنىڭ شۇ رولنى قانداق ئورۇ‌نلىيالايدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

36-‏ناخشا خۇ‌دا قوشقاننى ئىنسان ئايرىمىسۇ‌ن

a خۇ‌دا توي قىلغان ئايالنىڭ ئۆز ئېرىگە بويسۇ‌نۇ‌شى ۋە ئۇ‌نى ھۆرمە‌تلىشى كېرە‌كلىكىنى قارار قىلغان.‏ بۇ نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى بولغان ئە‌ر ۋە ئاياللار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا تىلغا ئېلىنغان ئە‌يسانىڭ ۋە ئاياللارنىڭ ئىتائە‌تچانلىق ئۈلگىلىرىدىن كۆپ نە‌رسىلە‌رنى بىلە‌لە‌يدۇ.‏

b سۈرە‌تتە:‏ مە‌ريە‌م چۆمۈلدۈرگۈچى يە‌ھيانىڭ ئانىسى ئېلىزابېت بىلە‌ن سۆزلە‌شكە‌ندە،‏ ئىبرانىي يازمىلاردىكى سۆزلە‌رنى نە‌قىل كە‌لتۈرگە‌ن.‏

c سۈرە‌تتە:‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ روھىي ساغلاملىقنى ساقلاش ئۈچۈن ئايال مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىشقا ۋاقىت چىقىرىدۇ.‏