مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

بۇ‌نىڭ ھە‌ممىسى بىر كۈلۈمسىرە‌شتىن بولدى!‏

بۇ‌نىڭ ھە‌ممىسى بىر كۈلۈمسىرە‌شتىن بولدى!‏

ئىككى ياش ئايال فىلىپپىنىنىڭ باگىئو شە‌ھىرىدىكى سودا مە‌ركىزىنى بىللە ئارىلاپ يۈرگە‌ن.‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ قول ھارۋۇ‌سىنى كۆرگە‌ن،‏ بىراق ئۇ‌نىڭغا يېقىن كە‌لمىگە‌نىدى.‏ ھارۋۇ‌نىڭ يېنىدا تۇ‌رغان خېلېن ئىسىملىك گۇ‌ۋاھچى ئىللىق كۈلۈمسىرىدى.‏ ئاشۇ ئاياللار توختىمىسىمۇ،‏ ئە‌مما خېلېننىڭ ئىللىق كۈلۈمسىرىشى ئۇ‌لارغا قاتتىق تە‌سىر قىلغان ئىدى.‏

كېيىنرە‌ك ئۇ‌لار ئۆيلىرىگە ئاپتوبۇ‌ستا كېتىۋاتقاندا،‏ ئىبادە‌ت زالىدىكى jw.org دېگە‌ن يوغان يېزىقلارنى كۆرۈپ قالدى.‏ شۇ يېزىقلارنىڭ ئۇ‌لار ئىلگىرى كۆرگە‌ن گۇ‌ۋاھچىلارنىڭ ماتېرىياللار قول ھارۋۇ‌سىدىكى يېزىقلارغا ئوخشايدىغانلىقىنى،‏ ئۇ‌لار ئېسىگە ئالدى.‏ ئۇ‌لار ئىككىلىسى ئاپتوبۇ‌ستىن چۈشۈپ،‏ ئىبادە‌ت زالى دە‌رۋازىسىدا ئېسىلىپ تۇ‌رغان جامائە‌تلە‌رنىڭ يىغىلىشلىرىنىڭ ۋاقىت جە‌دۋىلىنى ئوقۇ‌پ چىقتى.‏

ئۇ‌لار ئىككىلىسى يىغىلىشقا كە‌لدى.‏ ئۇ‌لار ئىبادە‌ت زالىغا كىرگە‌ندە كىمنى كۆرۈپ قالدى؟‏ خېلېننى!‏ شۇ ئاياللار بۇ ئىللىق كۈلۈمسىرىگە‌ن ئايالنى دە‌ررۇ تونۇ‌ۋالدى.‏ خېلېن شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئۇ‌لار ماڭا يېقىنلىشىۋاتقاندا،‏ مە‌ن بىراز ئە‌نسىردىم.‏ مە‌ن بىر ئىشنى خاتا قىلىپ قويدۇ‌ممۇ،‏ دە‌پ ئويلىدىم».‏ بىراق،‏ ئۇ‌لار خېلىنغا نېمە ئىش يۈز بە‌رگە‌نلىكىنى چۈشە‌ندۈرۈپ بە‌رگە‌ن.‏

بۇ ئاياللار جامائە‌ت يىغىلىشى ۋە سۆھبە‌تلىشىپ ئۆزئارا تونۇ‌شۇ‌شتىن مە‌منۇ‌ن بولۇ‌پ،‏ ئۆزلىرىنى ئۆز ئۆيىدە بولغاندە‌ك ھېس قىلغان.‏ ئۇ‌لار قېرىنداشلارنىڭ يىغىلىشتىن كېيىن ئىبادە‌ت زالىنى تازلاۋاتقانلىقىنى كۆرگە‌ندە،‏ بىزمۇ ياردە‌م بە‌رسە‌ك بولامدۇ،‏ دە‌پ سورىغان.‏ ئىككى ئايالنىڭ بىرى باشقا دۆلە‌تكە كۆچۈپ كە‌تكە‌ن،‏ باشقىسى بولسا يىغىلىشلارغا قاتناشقان ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىشنى باشلىغان.‏ بۇ‌نىڭ ھە‌ممىسى بىر كۈلۈمسىرە‌شتىن بولدى.‏