7-تەتقىق ماقالىسى
جامائەتتىكى باشچىلىققا بولغان كۆز قاراش
«مەسىھ ئۆزى جامائەتنىڭ بېشى ۋە بۇ بەدەننىڭ قۇتقازغۇچىسى».—ئەفەس. 5:23.
3-ناخشا خۇدا ئۆزى مېھىر-مۇھەببەتتۇر
بۇ ماقالىدە a
1. يەھۋا خۇدانىڭ ئائىلىسىنىڭ ئىجىل-ئىناق ياشاپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ بىر سەۋەبى نېمە؟
بىز يەھۋا خۇدانىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەزاسى بولغىنىمىزدىن خۇشال. نېمە ئۈچۈن بىز ئىجىل-ئىناق ياشاپ كېلىۋاتىمىز؟ بۇنىڭ بىر سەۋەبى، يەھۋا ئورۇنلاشتۇرغان باشچىلىق ھوقۇقىنى ھۆرمەتلەش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننىڭ ھەممىسىنى قىلىمىز. ئېنىقكى، باشچىلىق ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قانچە ياخشى چۈشەنسەك، شۇنچە ئىناق-ئىتتىپاق بولىمىز.
2. بۇ ماقالىدە قانداق سوئاللارنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
2 بۇ ماقالىدە، بىز جامائەتتە كىم ھوقۇققا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ چىقىمىز. بۇنىڭدىن باشقا، بىز مۇنۇ سوئاللارغا جاۋاب تاپىمىز: ئايال قېرىنداشلارنىڭ جامائەتتە قانداق رولى بار؟ ھەر بىر بۇرادەر ھەر بىر ئايال قېرىنداشنىڭ بېشىمۇ؟ ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ئۆز ئايالى بىلەن بالىلىرى ئۈستىگە باشچىلىق قىلىش ھوقۇقى بولغىنىدەك، ئاقساقاللارنىڭ جامائەتتىكى قېرىنداشلار ئۈستىدىن باشچىلىق قىلىش ھوقۇقى بارمۇ؟ بىرىنچىدىن، ئايال قېرىنداشلارغا قانداق كۆز قاراشتا بولۇشىمىز كېرەكلىكىنى كۆرۈپ چىقايلى.
ئايال قېرىنداشلارغا قانداق كۆز قاراشتا بولۇشىمىز كېرەك؟
3. ئايال قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى قانداق قەدىرلىيەلەيمىز؟
3 ئائىلىسىگە غەمخورلۇق قىلىش، خۇش خەۋەر ئېيتىش ۋە جامائەتتە باشقىلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن تەر تۆكۈپ ئىشلەۋاتقان ئايال قېرىنداشلىرىمىزنى قەدىرلەيمىز. ئەگەردە بىز يەھۋانىڭ ۋە ئەيسانىڭ ئايال قېرىنداشلارغا بولغان كۆز قارىشى توغرۇلۇق ئويلىساق، ئۇلارنى تېخىمۇ قەدىرلەيدىغان بولىمىز. ئەلچى پاۋلۇسنىڭ ئاياللارغا قىلغان مۇئامىلىسىدىن بىز ئۆزۈمىزگە قانداق ساۋاق ئالىدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.
4. مۇقەددەس كىتابتا يەھۋانىڭ ئەرلەر بىلەن ئاياللارنى ئوخشاشلا قەدىرلەيدىغانلىقى قانداق كۆرسىتىلگەن؟
4 مۇقەددەس كىتابتا يەھۋانىڭ ئەر كىشىلەرنى ۋە ئايال كىشىلەرنى ئوخشاش قەدىرلەيدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. مەسىلەن، مۇقەددەس يازمىلاردا يەھۋانىڭ بىرىنچى ئەسىردە ئايال كىشىلەرگىمۇ ھەم ئەر كىشىلەرگىمۇ مۇقەددەس روھىنى بېرىپ، ئۇلارغا مۆجىزە قىلىش، شۇ جۈملىدىن ھەرخىل تىللاردا سۆزلەش ئۈچۈن كۈچ بەرگەنلىكى يېزىلغان (ئەلچى. 2:1—4، 15—18). ئەر ۋە ئايال كىشىلەر ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈچۈن مۇقەددەس روھ بىلەن مەسىھ قىلىنغان (گالاتىيا. 3:26—29). ئايال كىشىلەر ھەم ئەر كىشىلەرمۇ يەردە مەڭگۈ ياشاش مۇكاپىتىغا ئېرىشىدۇ (ۋەھىي. 7:9، 10، 13—15). مەيلى ئەرلەر ياكى ئاياللار بولسۇن، ھەممىسىگە ئوخشاشلا خۇش خەۋەر ئېيتىش ۋە تەلىم بېرىش ئىشى تاپشۇرۇلغان (مەتتا 28:19، 20). ھەقىقەتەن، ئەلچىلەر كىتابىدىن پرىسكىلا يولدىشى ئاكۋىلا بىلەن بىرلىكتە مۇقەددەس يازمىلارنى ياخشى بىلىدىغان ئاپوللوس ئىسىملىك كىشىنىڭ ھەقىقەتنى توغرا چۈشەندۈرۈشىگە ياردەم بەرگەنلىكىنى بىلىمىز.—ئەلچى. 18:24—26.
5. لۇقا 10:38، 39، 42-ئايەتلەردە، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئاياللارغا قىلغان مۇئامىلىسى توغرۇلۇق نېمە يېزىلغان؟
5 ئەيسا مەسىھ ئاياللارغا ھۆرمەت كۆرسەتكەن. ئۇ ئاياللارنى ئەر كىشىلەردىن تۆۋەن دەپ قارىغان پەرىسىيلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ئەمەل قىلمىغان. پەرىسىيلەر ھېچقاچان كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئاياللارغا سۆزلىمىگەن ۋە ھەرگىزمۇ ئۇلار بىلەن مۇقەددەس يازمىلارنى مۇھاكىمە قىلمىغان. ئەكسىنچە، ئەيسا مۇھىم ھەقىقەتلەرنى ئايال ۋە ئەر كىشىلەر بىلەن مۇھاكىمە قىلغان b (لۇقا 10:38، 39، 42-نى ئوقۇڭ). ئۇ يەنە خۇش خەۋەرنى تارقىتىش ئۈچۈن ئاياللارنىڭ ئۇنىڭغا ئەگىشىشىگە رۇخسەت قىلغان (لۇقا 8:1—3). ئۇنىڭدىن باشقا، ئەيسا ئۆزىنىڭ تىرىلگەنلىكىنى ئەلچىلەرگە ئېيتىش شان-شەرىپىنى ئاياللارغا بەرگەن ئىدى.—يۇھاننا 20:16—18.
6. ئەلچى پاۋلۇس ئاياللارغا بولغان ھۆرمىتىنى قانداق كۆرسەتكەن؟
6 ئەلچى پاۋلۇس تىموتىيغا ئاياللارنى ھۆرمەتلەش كېرەكلىكىنى كۆرسەتكەن. پاۋلۇس ئۇنىڭغا: «ياشانغان ئاياللارغا ئاناڭدەك، ياش ئاياللارغا ئاچا-سىڭىللىرىڭدەك» مۇئامىلە قىلغىن،— دېگەن ئىدى (1-تىموت. 5:1، 2). پاۋلۇس تىموتىينىڭ روھىي جەھەتتىن يېتىلگەن ئېتىقادچى بولۇشىغا كۆپ ياردەم بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن تىموتىيغا دەسلەپتە ئاپىسى ۋە مومىسىنىڭ مۇقەددەس يازمىلارنى ئۆگەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان (2-تىموت. 1:5؛ 3:14، 15). پاۋلۇس رىملىقلارغا يازغان خېتىدە ئايال قېرىنداشلارنى ئىسمى بىلەن ئاتاپ، سالام ئېيتقان. ئايال قېرىنداشلارنىڭ ئىشىغا دىققەت قىلىپلا قويماي، بەلكى يەنە ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن.—رىملىقلار 16:1—4، 6، 12؛ فىلىپى. 4:3.
7. ھازىر قانداق سوئاللارنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
7 ئالدىنقى ئابزاسلاردا كۆرسىتىلگەندەك، ئايال قېرىنداشلارنى ئەرلەردىن تۆۋەن تۇرىدۇ، دەپ ئويلاش مۇقەددەس يازمىلارغا ئاساسلانمىغان. بىزنىڭ مېھىر-مۇھەببەتلىك ۋە سېخى ئايال قېرىنداشلىرىمىز جامائەتكە كۆپ ياردەم بېرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ جامائەتنىڭ ئىناق-ئىتتىپاقلىقىنى ساقلاشقا قوشقان ھەسسىسىنى ئاقساقاللار قەدىرلەيدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، نېمە ئۈچۈن يەھۋا خۇدا بەزى ۋەزىيەتلەردە ئايال قېرىنداشلاردىن بېشىغا بىرنەرسە ئارتىشنى تەلەپ قىلىدۇ؟ پەقەت ئەر كىشىلەر ئاقساقاللار ۋە ياردەمچى خىزمەتچىلەر بولۇپ تەيىنلەنگەنلىكى ئۈچۈن، جامائەتتە ھەر بىر بۇرادەر ھەر بىر ئايال قېرىنداشنىڭ بېشى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرەمدۇ؟
ھەر بىر بۇرادەر ھەر بىر ئايال قېرىنداشنىڭ بېشىمۇ؟
8. ئەفەسلىكلەر 5:23-ئايەتكە ئاساسەن، ھەر بىر بۇرادەر ھەر بىر ئايال قېرىنداشنىڭ بېشىمۇ؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
8 جامائەتتە ھەر بىر بۇرادەر ھەر بىر ئايال قېرىنداشنىڭ بېشىمۇ؟ ياق! (ئەفەسلىكلەر 5:23-نى ئوقۇڭ). ئائىلىدە ئەر ئايالىنىڭ بېشى. چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن ئوغلى ئانىسىنىڭ بېشى ئەمەس (ئەفەس. 6:1، 2). جامائەتتە ئاقساقاللارنىڭ ئېتىقادداشلار ئۈستىدىن ھوقۇقى چەكلىك (1-سالونىكا. 5:12؛ ئىبرانىي. 13:17). ئاتا-ئانىسى بىلەن ياشىمايدىغان تۇرمۇشقا چىقمىغان ئايال قېرىنداشلار ئاتا-ئانىسىنى ۋە ئاقساقاللارنى بەرىبىر داۋاملىق ھۆرمەتلەيدۇ. بىراق، باشقا بۇرادەرلەرگە ئوخشاش بۇ ئايال قېرىنداشلارنىڭمۇ بېشى پەقەت مەسىھ ئەيسادۇر.
9. نېمە ئۈچۈن ئايال قېرىنداشلار بەزىدە بېشىغا بىرنەرسە ئارتىشى كېرەك؟
9 راست، يەھۋا ئاقساقاللارغا جامائەتتە تەلىم بېرىش ۋە ئىبادەت قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ئۇيۇشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش ھوقۇقىنى بەرگەن. بىراق، ئاياللارنىڭ شۇنداق ھوقۇقى يوق (1-تىموت. 2:12). نېمە ئۈچۈن؟ يەھۋا ھەزرىتى ئەيسانى ئەر كىشىنىڭ ئۈستىدىن قويغاندەك، جامائەتنىڭ ياخشى تەشكىللەنگەن بولۇشى ئۈچۈن ئاقساقاللارنى تەيىنلىگەن. ئەگەر ئايال قېرىنداش ئادەتتە بۇرادەر ئورۇنلايدىغان ۋەزىپىنى ئورۇنلىسا، ئۇ چاغدا يەھۋا ئۇنىڭدىن بېشىغا بىرنەرسە ئارتىشنى تەلەپ قىلىدۇ c (1-كورىنت. 11:4—7). خۇدا بۇنى ئايال قېرىنداشلارنى كەمسىتىش ئۈچۈن تەلەپ قىلمايدۇ. ئەكسىنچە، ئۇ ئۇلارغا ئۆزى ئورۇنلاشتۇرغان باشچىلىق پرىنسىپىغا ھۆرمەت كۆرسىتىش مۇمكىنچىلىكىنى بەرگەن. بۇنى ئەستە تۇتۇپ، كېلەركى سوئاللارغا جاۋاب تاپايلى: ئائىلە باشلىقلىرى ۋە ئاقساقاللارنىڭ قانداق ھوقۇقى بار؟
ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ۋە ئاقساقاللارنىڭ ھوقۇقى
10. نېمە ئۈچۈن بەزىدە ئاقساقاللار جامائەت ئۈچۈن قائىدە-تۈزۈملەرنى چىقىرىشى مۇمكىن؟
10 ئاقساقاللار ئەيسا مەسىھنى سۆيىدۇ. ئۇلار يەھۋا ھەم ئەيسا مەسىھنىڭ غەمخورلۇق قىلىشقا تاپشۇرغان قويلىرىنىمۇ سۆيىدۇ (يۇھاننا 21:15—17). ئاقساقال ياخشى نىيەت بىلەن ئۆزىنى جامائەتتە ئاتا كەبى باشچى، دەپ قارىشى مۇمكىن. بەلكىم، ئۇ مۇنداق ئويلىشى مۇمكىن: «ئائىلە باشلىقىنىڭ ئۆز ئائىلىسىنى قوغداش ئۈچۈن قائىدە-تۈزۈملەرنى چىقىرىش ھوقۇقى بار بولغاندەك، مېنىڭمۇ خۇدانىڭ قويلىرىنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن قائىدە-تۈزۈملەرنى چىقىرىش ھوقۇقۇم بار». يەنە بەزى قېرىنداشلار ئاقساقاللارنى ئۆزىنىڭ روھى بېشى سۈپىتىدە كۆرۈپ، ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئورنىدا قارار چىقىرىپ بېرىشكە دەۋەت قىلىشى مۇمكىن. لېكىن، جامائەتتىكى ئاقساقاللارنىڭ ۋە ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ھوقۇقى ئوخشاشمۇ؟
11. ئائىلە باشلىقى بىلەن ئاقساقالنىڭ رولى ئارىسىدا قانداق ئوخشاشلىقلار بار؟
11 ئەلچى پاۋلۇس ئائىلە باشلىقى بىلەن ئاقساقالنىڭ رولى ئارىسىدا بەزى ئوخشاشلىقلار بار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان (1-تىموت. 3:4، 5). مەسىلەن، خۇدا ھەممە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئائىلە باشلىقىغا بويسۇنۇشىنى خالايدۇ (كولوسى. 3:20). يەنە ئۇ جامائەتتىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاقساقاللارغا بويسۇنۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. يەھۋا خۇدا يەنە ئاقساقاللار ۋە ئائىلە باشلىقلىرىدىن شۇنى كۈتىدۇكى، ئۇلارنىڭ غەمخورلۇق قىلىشىغا تاپشۇرۇلغانلارنىڭ روھىي جەھەتتىن ساغلام بولۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئائىلە باشلىقلىرى ۋە ئاقساقاللار ئۇلارنىڭ قانىتى ئاستىدا بولغانلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ. ياخشى ئائىلە باشلىقلىرىغا ئوخشاش، ئاقساقاللارمۇ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن ئېتىقادداشلارغا ياردەم بېرىدۇ (ياقۇپ 2:15—17). شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خۇدا ئائىلە باشلىقلىرى ۋە ئاقساقاللارنىڭ باشقىلارنىڭ خۇدانىڭ ئۆلچەملىرىگە بويسۇنۇشىغا ياردەم بېرىشىنى خالايدۇ. ئۇ يەنە ئائىلە باشلىقلىرى ۋە ئاقساقاللارنى «يېزىلغانلارنىڭ سىرتىغا چىقماڭلار» دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ.—1-كورىنت. 4:6.
12، 13. رىملىقلار 7:2-ئايەتتە يېزىلغاندەك، ئائىلە باشلىقى بىلەن ئاقساقالنىڭ رولى ئارىسىدا قانداق پەرقلەر بار؟
12 بىراق، ئائىلە باشلىقى بىلەن ئاقساقالنىڭ رولى ئارىسىدا كۆرۈنەرلىك پەرقلەر بار. مەسىلەن، خۇدا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن ئاقساقاللارنى سوتچى قىلىپ تەيىنلىگەن ۋە ئۇلارغا گۇناھىغا توۋا قىلمىغانلارنى جامائەتتىن چىقىرىش ھوقۇقىنى بەرگەن.—1-كورىنت. 5:11—13.
13 باشقا تەرەپتىن، خۇدا ئائىلە باشلىقلىرىغا ئاقساقاللارغا بەرمىگەن بەزى ھوقۇقنى بەرگەن. مەسىلەن، ئۇ ئائىلە باشلىقىغا ئۆز ئائىلە ئەزالىرى ئۈچۈن قائىدە-تۈزۈملەرنى چىقىرىش ۋە ئىجرا قىلىش ھوقۇقىنى بەرگەن (رىملىقلار 7:2-نى ئوقۇڭ). مەسىلەن، ئائىلە باشلىقى بالىلىرىنىڭ كەچتە سائەت قانچىدە ئۆيگە كېلىشى كېرەكلىكىنى قارار چىقىرىش ھوقۇقىغا ئىگە. شۇنداقلا ئۇنىڭ بالىلىرى مۇشۇ قائىدە-تۈزۈمگە بويسۇنمىسا، ئۇلارنى جازالاش ھوقۇقى بار (ئەفەس. 6:1). ئەلۋەتتە، كۆيۈمچان ئائىلە باشلىقى ئۆز ئۆيىدە قائىدىلەرنى ئورنىتىشتىن بۇرۇن ئايالى بىلەن مەسلىھەتلىشىدۇ، چۈنكى ئۇلار «بىر تەندۇر» d.—مەتتا 19:6.
مەسىھنى جامائەتنىڭ بېشى سۈپىتىدە ھۆرمەتلەڭ
14. (1) ماركۇس 10:45-ئايەتتە يېزىلغاندەك، يەھۋا نېمە ئۈچۈن ئەيسانى جامائەتنىڭ بېشى قىلىپ تەيىنلىگەن؟ (2) يېتەكچى كېڭەشنىڭ رولى قانداق؟ (« يېتەكچى كېڭەشنىڭ رولى» ناملىق رامكىغا قاراڭ)
14 تۆلەم قۇربانلىقى ئارقىلىق يەھۋا جامائەتتىكى ھەر بىرىنىڭ، شۇنىڭدەك ئەيسانىڭ تۆلەم قۇربانلىقىغا ئىشەنگەن بارلىق ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى سېتىۋالغان (ماركۇس 10:45-نى ئوقۇڭ؛ ئەلچى. 20:28؛ 1-كورىنت. 15:21، 22). شۇ سەۋەبتىن، خۇدا ئۆز ھاياتىنى تۆلەم سۈپىتىدە بەرگەن ئەيسانى جامائەتنىڭ بېشى قىلىپ تەيىنلىگەن. بىزگە باش بولۇش سۈپىتىدە، ئەيسا مەسىھ ئايرىم ئادەملەر، ئائىلىلەر ۋە ھەممە جامائەتتىكىلەرنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشىنى رەتكە سېلىش ئۈچۈن قائىدە-تۈزۈملەرنى ئورنىتىش ۋە ئىجرا قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە (گالاتىيا. 6:2). لېكىن، ئەيسا پەقەت قائىدىلەرنى ئورنىتىپلا قويماي، ھەرقايسىمىزنى تەمىنلەيدۇ ۋە كۆڭۈل بۆلىدۇ.—ئەفەس. 5:29.
15، 16. مارلى ئىسىملىك ئايال قېرىنداش ۋە بىنيامىن ئىسىملىك بۇرادەرنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
15 ئەيسا ئايال قېرىنداشلارغا غەمخورلۇق قىلىش ئۈچۈن ئاقساقاللارنى تەيىنلىگەن. شۇڭا، ئۇلار ئاقساقاللارغا بويسۇنسا، ئەيساغا بولغان ھۆرمىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئامېرىكىدا ياشايدىغان مارلى ئىسىملىك قېرىنداش كۆپلىگەن ئايال قېرىنداشلارنىڭ ئوي-پىكىرىنى يەكۈنلەپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئائىلەمدىكى ۋە جامائەتتىكى ئورنۇمنى بەك قەدىرلەيمەن. مەن يەھۋا ئورۇنلاشتۇرغان باشچىلىققا بولغان توغرا كۆز قاراشنى دائىم يېتىلدۈرۈشۈم كېرەك. بىراق، مېنىڭ ئېرىم ۋە جامائەتتىكى بۇرادەرلەر ئائىلىدە ۋە جامائەتتە باشچىلىق ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنۇشۇمنى ئاسانلاشتۇرىدۇ، چۈنكى ئۇلار مېنى ھۆرمەتلەيدۇ ۋە قىلغان ئىشلىرىم ئۈچۈن مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ».
16 بۇرادەرلەر ئايال قېرىنداشلارنى ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى قەدىرلەش ئارقىلىق باشچىلىق پرىنسىپىنى چۈشىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەنگلىيىدە ياشايدىغان بىنيامىن ئىسىملىك بۇرادەر مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئايال قېرىنداشلارنىڭ جامائەتتە بەرگەن جاۋابلىرى ھەمدە تەكلىپ پىكىرلىرىدىن ئۈنۈملۈك تەلىم بېرىش ۋە ۋەز قىلىش ھەققىدە كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەندىم. مېنىڭچە، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى ئىنتايىن مۇھىم».
17. نېمە ئۈچۈن باشچىلىق پرىنسىپىنى ھۆرمەتلىشىمىز كېرەك؟
17 جامائەتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى، مەيلى ئەرلەر، ئاياللار، ئائىلە باشلىقلىرى ۋە ئاقساقاللار بولسۇن، باشچىلىق پرىنسىپىنى چۈشەنسە ۋە ھۆرمەتلىسە جامائەتتە ئىناق-ئىتتىپاقلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، شۇنداق قىلساق، بىز ئاسماندىكى كۆيۈمچان ئاتىمىز يەھۋاغا شان-شەرەپ كەلتۈرىمىز.—زەبۇر 150:6.
43-ناخشا ھوشيار، مەھكەم ۋە قەيسەر بول!
a ئايال قېرىنداشلارنىڭ جامائەتتە قانداق رولى بار؟ ھەر بىر بۇرادەر ھەر بىر ئايال قېرىنداشنىڭ بېشىمۇ؟ ئاقساقاللار ۋە ئائىلە باشلىقلىرى ئوخشاش ھوقۇققا ئىگىمۇ؟ بۇ ماقالىدە، مۇشۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىشكە مۇقەددەس كىتاب قانداق ياردەم بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز.
b «كۈزىتىش مۇنارى» ژۇرنىلى 2020-يىل، سېنتەبىر سانىدىكى «جامائەتتىكى ئايال قېرىنداشلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەڭ» ناملىق ماقالىنىڭ 6-ئابزاسىغا قاراڭ.
c « ئايال قېرىنداشلار قايسى ۋەزىيەتلەردە بېشىغا بىرنەرسە ئارتىشى كېرەك؟» ناملىق رامكىغا قاراڭ.
d ئائىلە قايسى جامائەتتە خىزمەت قىلىش كېرەكلىكى توغرۇلۇق مەلۇماتلارنى، «كۈزىتىش مۇنارى» ژۇرنىلى 2020-يىل، ئاۋغۇست سانىدىكى «باشقىلارنىڭ جامائەتتىكى ئورنىنى ھۆرمەتلەڭ» ناملىق ماقالىنىڭ 17—19-ئابزاسلىرىدىن تاپالايسىز.
e بۇ ماۋزۇ توغرۇلۇق كۆپرەك بىلىش ئۈچۈن «خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە ياشاڭلار» دېگەن كىتابنىڭ 239—243-بەتلىرىگە قاراڭ.
f يېتەكچى كېڭەشنىڭ رولى توغرۇلۇق كۆپرەك بىلىش ئۈچۈن «كۈزىتىش مۇنارى» (باشقا تىلدا) 2013-يىل، 15-ئىيۇل سانىنىڭ 20—25-بەتلىرىگە قاراڭ.