مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

8-‏تە‌تقىق ماقالىسى

سىناقلارغا بە‌رداشلىق بە‌رگە‌ندە خۇ‌شاللىقنى قانداق ساقلاپ قالالايمىز؟‏

سىناقلارغا بە‌رداشلىق بە‌رگە‌ندە خۇ‌شاللىقنى قانداق ساقلاپ قالالايمىز؟‏

‏«خىلمۇ-‏خىل سىناقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ ئۇ‌نى زور خۇ‌شاللىق،‏ دە‌پ قاراڭلار»‏‏.‏‏—‏ ياقۇ‌پ 1:‏2‏.‏

28-‏ناخشا يېڭى ناخشا

بۇ ماقالىدە a

1،‏ 2.‏ مە‌تتا 5:‏11-‏ئايە‌تكە ئاساسە‌ن،‏ بىز سىناقلارغا قانداق كۆز قاراشتا بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

 ئە‌يسا مە‌سىھ ئۆز شاگىرتلىرىغا ھە‌قىقىي خۇ‌شاللىق تاپىدىغانلىقى ھە‌ققىدە ۋە‌دە بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ يە‌نە ئۇ‌نى سۆيىدىغانلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان (‏مە‌تتا 10:‏22،‏ 23؛‏ لۇ‌قا 6:‏20—‏23‏)‏.‏ بىز مە‌سىھنىڭ شاگىرتلىرى بولۇ‌شتىن خۇ‌شاللىق تاپىمىز.‏ ئە‌گە‌ر ئائىلىڭىز خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىشقا توسالغۇ‌لۇ‌ق قىلسا،‏ ھۆكۈمە‌تلە‌ر زىيانكە‌شلىك قىلسا،‏ ياكى بولمىسا خىزمە‌تداشلىرىڭىز ياكى سىنىپداشلىرىڭىز يامان ئىش قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلسا ئۆزىڭىزنى قانداق ھېس قىلىسىز؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ شۇ‌نداق قىيىنچىلىقلار سىزنى غە‌م-‏تە‌شۋىشلە‌رگە سېلىشى مۇ‌مكىن.‏

2 ئادە‌تتە ئادە‌ملە‌ر زىيانكە‌شلىككە دۇ‌چ كېلىشنى ھە‌رگىزمۇ خۇ‌شال بولۇ‌شنىڭ سە‌ۋە‌بى،‏ دە‌پ ئويلىمايدۇ.‏ لېكىن شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ خۇ‌دا سۆزى بىزگە خۇ‌شال بولۇ‌شىمىزنى ئېيتىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ شاگىرت ياقۇ‌پ سىناقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە چۈشكۈنلۈككە بېرىلىشنىڭ ئورنىغا خۇ‌شال بولۇ‌شىمىز كېرە‌كلىكىنى يازغان (‏ياقۇ‌پ 1:‏2،‏ 12‏)‏.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ئە‌گە‌ر بىز زىيانكە‌شلىككە دۇ‌چ كە‌لسە‌كمۇ،‏ شاد-‏خۇ‌رام بولۇ‌پ قېلىشىمىزنى ئېيتقان ‏(‏مە‌تتا 5:‏11-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ سىناقلارغا قارىماستىن خۇ‌شاللىقنى قانداق ساقلاپ قالالايمىز؟‏ ياقۇ‌پ دە‌سلە‌پكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە يازغان خېتىدىكى بىرنە‌چچە ئوي-‏پىكىرلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلىش ئارقىلىق كۆپ نە‌رسىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز.‏ بىرىنچىدىن،‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى دۇ‌چ كە‌لگە‌ن قىيىنچىلىقلارنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

دە‌سلە‌پكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى قانداق سىناقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن؟‏

3.‏ ياقۇ‌پ ئە‌يسانىڭ شاگىرتى بولغاندىن كېيىن،‏ نېمە ئىش يۈز بە‌رگە‌ن؟‏

3 ئە‌يسانىڭ ئىنىسى ياقۇ‌پ ئۇ‌نىڭ شاگىرتى بولۇ‌پ كۆپ ئۆتمە‌ي،‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى زىيانكە‌شلىككە دۇ‌چ كە‌لگە‌ن (‏ئە‌لچى.‏ 1:‏14؛‏ 5:‏17،‏ 18‏)‏.‏ شاگىرت ئىستىپان ئۆلتۈرۈلگە‌ندىن كېيىن،‏ نۇ‌رغۇ‌ن ئېتىقادچىلار يېرۇ‌سالىم شە‌ھىرىدىن قېچىپ يە‌ھۇ‌دىيە،‏ سامارىيە ئۆلكىلىرىگە،‏ ھە‌تتا سىپرۇ‌س ۋە ئانتاكيا شە‌ھە‌رلىرىگە تارقىلىپ كە‌تكە‌ن (‏ئە‌لچى.‏ 7:‏58—‏8:‏1؛‏ 11:‏19‏)‏.‏ ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرى نۇ‌رغۇ‌ن قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كە‌چۈرگە‌ن.‏ بۇ‌نىڭغا قارىماستىن،‏ ئۇ‌لار تارقىلىپ كە‌تكە‌ن ھە‌ر قايسى يە‌رلە‌ردە خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى قىزغىنلىق بىلە‌ن ئېيتقان ۋە پۈتكۈل رىم ئىمپېرىيە زېمىنىدا جامائە‌تلە‌ر پە‌يدا بولغان (‏1-‏پېتر.‏ 1:‏1‏)‏.‏ بىراق،‏ شۇ‌نىڭدىن كېيىن ئۇ‌لار تېخىمۇ نۇ‌رغۇ‌ن قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن.‏

4.‏ دە‌سلە‌پكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى يە‌نە قانداق سىناقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن؟‏

4 دە‌سلە‌پكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى كۆپ سىناقلارنى باشتىن ئۆتكۈزگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ مىلادى 50-‏يىلى رىم ئىمپېراتورى كلاۋدىيۇ‌س يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ ھە‌ممىسىگە رىم شە‌ھىرىدىن كېتىشنى بۇ‌يرىغان.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى بولغان ئىبرانىيلار ئۆيلىرىنى تاشلاپ،‏ باشقا ياققا كۆچۈپ كېتىشكە مە‌جبۇ‌ر بولغان (‏ئە‌لچى.‏ 18:‏1—‏3‏)‏.‏ تە‌خمىنە‌ن مىلادى 61-‏يىلى،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئېتىقادداشلىرىنىڭ كۆپچىلىك ئالدىدا مە‌سخىرە قىلىنغانلىقى،‏ تۈرمىگە تاشلانغانلىقى ۋە بۇ‌لاڭچىلىققا ئۇ‌چرىغانلىقىنى يازغان (‏ئىبرانىي.‏ 10:‏32—‏34‏)‏.‏ باشقا ئادە‌ملە‌رگە ئوخشاش مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى كە‌مبە‌غە‌للىك ۋە ئاغرىق-‏سىلاقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن.‏—‏رىملىقلار 15:‏26؛‏ فىلىپى.‏ 2:‏25—‏27‏.‏

5.‏ بىز قانداق سوئاللارغا جاۋاب تاپىمىز؟‏

5 تە‌خمىنە‌ن مىلادى 62-‏يىلى،‏ ياقۇ‌پ ئۆز خېتىنى يازغاندا،‏ قېرىنداشلىرىنىڭ باشتىن كە‌چۈرگە‌ن سىناقلىرىنى ياخشى بىلگە‌ن.‏ يە‌ھۋا ياقۇ‌پنى ئاشۇ ئېتىقادچىلارنىڭ خۇ‌شاللىقنى ساقلاپ قېلىشىغا ياردە‌م بېرىدىغان بىرنە‌چچە ئە‌مە‌لىي مە‌سلىھە‌تنى يېزىشقا ئىلھاملاندۇ‌رغان.‏ ياقۇ‌پنىڭ خېتىنى كۆرۈپ چىقىپ،‏ تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب تاپايلى.‏ ياقۇ‌پ قانداق خۇ‌شاللىق توغرىسىدا يازغان؟‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنى نېمە خۇ‌شاللىقتىن مە‌ھرۇ‌م قىلىدۇ؟‏ بىز دۇ‌چ كە‌لگە‌ن سىناقلارغا قارىماستىن،‏ خۇ‌شاللىقىمىزنى ساقلاپ قېلىشىمىزغا دانالىق،‏ ئىمان-‏ئېتىقاد ۋە جاسارە‌ت قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسىنى نېمە خۇ‌شال قىلىدۇ؟‏

ئاسما چىراقنىڭ ئىچىدە يېنىپ تۇ‌رغان ئوتقا ئوخشاش،‏ يە‌ھۋا بېرىدىغان بۇ خۇ‌شاللىق ئۇ‌نىڭ خىزمە‌تچىسىنىڭ يۈرىكىدە يېنىپ تۇ‌رىدۇ (‏6-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

6.‏ لۇ‌قا 6:‏22،‏ 23-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى سىناقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ نېمە ئۈچۈن خۇ‌شاللىقنى ھېس قىلالايدۇ؟‏

6 ئادە‌ملە‌ر سالامە‌تلىكىم ياخشى،‏ پۇ‌لۇ‌م كۆپ،‏ ئائىلە‌مدە تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىك بولسىلا بە‌ختلىك بولىمە‌ن،‏ دە‌پ ئويلايدۇ.‏ بىراق،‏ ياقۇ‌پ ئۆز خېتىدە خۇ‌شاللىق مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ مېۋىلىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇ‌پ،‏ ئادە‌منىڭ قانداق ئە‌ھۋالدا بولۇ‌شى بىلە‌ن باغلىق ئە‌مە‌سلىكىنى يازغان (‏گالاتىيا.‏ 5:‏22‏)‏.‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلىشنى ۋە ئە‌يسا مە‌سىھنى ئۈلگە قىلىشنى بىلسە،‏ شۇ‌ندىلا ئۇ خۇ‌شاللىق ۋە ھە‌قىقىي بە‌ختكە ئېرىشىدۇ ‏(‏لۇ‌قا 6:‏22،‏ 23-‏نى ئوقۇ‌ڭ؛‏ كولوسى.‏ 1:‏10،‏ 11‏)‏.‏ خۇ‌ددى ئاسما چىراقنىڭ ئىچىدە كۆيۈۋاتقان ئوتتە‌ك،‏ شۇ‌نداق خۇ‌شاللىق مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسىنىڭ يۈرىكىدە كۆيۈۋاتىدۇ.‏ شۇ خۇ‌شاللىق ئوتى پۇ‌ل تە‌رە‌پتىن قىسىلغاندا ياكى سالامە‌تلىك ناچارلاشقاندا ھە‌م ھېچقاچان ئۆچمە‌يدۇ.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بۇ خۇ‌شاللىق ئوتى ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلىرىمىز ياكى باشقا ئادە‌ملە‌ر زاڭلىق قىلسا ياكى قارشىلىق كۆرسە‌تسە ئۆچمە‌يدۇ.‏ ئادە‌ملە‌ر بىزنىڭ خۇ‌شاللىق ئوتىمىزنى ئۆچۈرۈشكە تىرىشقانسېرى،‏ ئۇ تېخىمۇ لاۋۇ‌لدايدۇ.‏ ئىمان-‏ئېتىقادىمىز سە‌ۋە‌بىدىن دۇ‌چ كە‌لگە‌ن سىناقلار بىز ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرى ئىكە‌نلىكىمىزنى دە‌لىللە‌يدۇ (‏مە‌تتا 10:‏22؛‏ 24:‏9؛‏ يۇ‌ھاننا 15:‏20‏)‏.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ ياقۇ‌پ مۇ‌نداق دە‌پ يازغان:‏ «قېرىنداشلىرىم،‏ خىلمۇ-‏خىل سىناقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ ئۇ‌نى زور خۇ‌شاللىق،‏ دە‌پ قاراڭلار».‏—‏ياقۇ‌پ 1:‏2‏.‏

نېمە ئۈچۈن سىناقلارنى پولات تۆمۈرنى قىزىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئوت بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌شقا بولىدۇ؟‏ (‏7-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ b

7،‏ 8.‏ بىزنىڭ سىنالغان ئىمان-‏ئېتىقادىمىز بىزنى قانداق پايدىغا ئېرىشتۈرىدۇ؟‏

7 ياقۇ‌پ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ سىناقلارغا دۇ‌چ كېلىدىغانلىقىنىڭ يە‌نە بىر سە‌ۋە‌بىنى ئېيتىدۇ.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌پ يازغان:‏ «سىنالغان ئىمان-‏ئېتىقادىڭلار سىلە‌رنى سە‌ۋر-‏تاقە‌تلىك قىلىدۇ» (‏ياقۇ‌پ 1:‏3‏)‏.‏ سىناقلار پولات تىغلىق ئە‌سۋابنى قىزدۇ‌رىۋاتقان ئوتقا ئوخشايدۇ.‏ پولاتنى قىزىتىپ سوۋۇ‌تقاندا،‏ ئۇ تۆمۈر تېخىمۇ قاتتىق بولىدۇ.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ ياقۇ‌پ مۇ‌نداق دە‌پ يازغان:‏ «سە‌ۋر-‏تاقە‌تنى تولۇ‌ق نامايان قىلىڭلار،‏ شۇ‌نداق قىلغاندىلا،‏ ھە‌ر جە‌ھە‌تتىن كامىل ۋە ئە‌يىبسىز،‏ ھېچبىر كە‌مچىلىكى بولمىغان كىشىلە‌ر بولىسىلە‌ر» (‏ياقۇ‌پ 1:‏4‏)‏.‏ سىناقلار ئېتىقادىمىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌يدىغانلىقىنى كۆرگىنىمىزدە،‏ سىناقلارغا خۇ‌شاللىق بىلە‌ن بە‌رداشلىق بېرە‌لە‌يمىز.‏

8 ياقۇ‌پ ئۆز خېتىدە بىزنى خۇ‌شاللىقىمىزدىن مە‌ھرۇ‌م قىلىدىغان يە‌نە بە‌زى قىيىنچىلىقلارنى تىلغا ئالغان.‏ بۇ قانداق قىيىنچىلىقلار ۋە ئۇ‌لارنى قانداق يېڭە‌لە‌يمىز؟‏

خۇ‌شاللىقنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

9.‏ نېمە ئۈچۈن بىزگە دانالىق كېرە‌ك؟‏

9 قىيىنچىلىق:‏ نېمە قىلارىنى بىلمە‌ي قېلىش.‏ بېشىمىزغا كۈن چۈشكە‌ندە،‏ توغرا قارارلارنى چىقىرىش ئۈچۈن يە‌ھۋاغا تايىنىپ ئۇ‌نىڭدىن ياردە‌م سوراشنى خالايمىز.‏ بۇ‌نداق قارارلار خۇ‌دانى خۇ‌شال قىلىدۇ،‏ قېرىنداشلارغا پايدا ئە‌كېلىدۇ ۋە ساداقە‌تمە‌نلىكنى ساقلاپ قېلىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ (‏يە‌رە‌م.‏ 10:‏23‏)‏.‏ بىزگە نېمە قىلىشنى ۋە قارشى چىققۇ‌چىلارغا نېمە دېيىشنى بىلىش ئۈچۈن دانالىق كېرە‌ك.‏ نېمە قىلىشنى بىلمىسە‌ك،‏ ئۈمىدسىزلىنىپ تىزلا خۇ‌شاللىقنى يوقۇ‌تۇ‌پ قويۇ‌شىمىز مۇ‌مكىن.‏

10.‏ ياقۇ‌پ 1:‏5-‏ئايە‌تكە ئاساسلانغاندا،‏ دانالىققا ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

10 ھە‌ل قىلىش:‏ يە‌ھۋا خۇ‌دادىن دانالىق سوراش.‏ ئە‌گە‌ر بىز سىناقلارغا خۇ‌شاللىق بىلە‌ن بە‌رداشلىق بېرىشنى خالىساق،‏ توغرا قارار چىقىرىش ئۈچۈن بىرىنچىدىن يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ دانالىق سورىشىمىز كېرە‌ك ‏(‏ياقۇ‌پ 1:‏5-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌گە‌ر خۇ‌دا بىزنىڭ دۇ‌ئايىمىزغا دە‌رھال جاۋاب بە‌رمە‌يدۇ،‏ دە‌پ ئويلىساق نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ ياقۇ‌پ ئېيتقاندە‌ك،‏ بىز خۇ‌دادىن سوراشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ ئۇ‌نىڭدىن دانالىقنى سوراۋە‌رسە‌ك،‏ ئۇ ھېچ ئاچچىقلانمايدۇ.‏ سىناقلارغا بە‌رداشلىق بېرىش ئۈچۈن دانالىق سورىغىنىمىزدا،‏ ئاسماندىكى ئاتىمىز ئۇ‌نى مە‌ردلىك بىلە‌ن بېرىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 25:‏12،‏ 13‏)‏.‏ ئۇ سىناقلىرىمىزنى كۆرگە‌ندە،‏ بىزگە ئىچى ئاغرىيدۇ ۋە ياردە‌م قىلغۇ‌سى كېلىدۇ.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ بۇ بىزنى خۇ‌شال-‏خۇ‌راملىققا ئېرىشتۈرىدۇ!‏ ئۇ‌نداقتا،‏ يە‌ھۋا بىزگە دانالىقنى قانداق بېرىدۇ؟‏

11.‏ دانالىققا ئېرىشىش ئۈچۈن يە‌نە نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

11 يە‌ھۋا بىزگە ئۆز سۆزى ئارقىلىق دانالىق بېرىدۇ (‏پە‌ند.‏ نە 2:‏6‏)‏.‏ مۇ‌شۇ دانالىققا ئېرىشىش ئۈچۈن بىز خۇ‌دا سۆزى بولغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ۋە ئۇ‌نىڭغا ئاساسلىنىپ يېزىلغان كىتاب-‏ماتېرىياللارنى تە‌تقىق قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بىز يە‌نە كۆپ نە‌رسىلە‌رنى قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ خۇ‌دا بىزگە نېمە ئېيتسا،‏ شۇ‌نى قىلىشىمىز لازىم.‏ ياقۇ‌پ مۇ‌نداق يازغان:‏ «ئاڭلاپ قويغۇ‌چىلار ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئە‌مە‌لىي ئىجرا قىلغۇ‌چىلار بولۇ‌ڭلار» (‏ياقۇ‌پ 1:‏22‏)‏.‏ بىز خۇ‌دانىڭ مە‌سلىھىتىگە قۇ‌لاق سالغاندا،‏ تىنچلىقپە‌رۋە‌ر،‏ ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلىك ۋە رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌تلىك بولىمىز (‏ياقۇ‌پ 3:‏17‏)‏.‏ بۇ پە‌زىلە‌تلە‌ر ھە‌رقانداق سىناقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە خۇ‌شاللىقنى ساقلاپ قېلىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏

12.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ياخشى بىلىش نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھىم؟‏

12 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئە‌ينە‌ككە ئوخشاش.‏ ئۇ بىزنىڭ نېمىنى ياخشىراق قىلىشمىز كېرە‌كلىكىنى ۋە ئۇ‌نى قانداق قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ (‏ياقۇ‌پ 1:‏23—‏25‏)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگە‌نگە‌ندىن كېيىن ئاچچىقىمىزنى بېسىۋېلىش كېرە‌كلىكىنى چۈشىنىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ ئادە‌ملە‌ر ۋە قىيىنچىلىقلار غە‌زىپىمىزنى قوزغىغاندا،‏ يە‌ھۋانىڭ ياردىمى بىلە‌ن باشقىلارغا قانداق مۇ‌لايىم مۇ‌ئامىلىدە بولۇ‌شنى ئۆگىنىمىز.‏ مۇ‌لايىم بولغاچقا،‏ بېشىمىزغا چۈشكە‌ن ھە‌رقانداق قىيىنچىلىقلارنى يېڭە‌لە‌يمىز.‏ ئېنىقراق ئوي-‏پىكىر يۈرگۈزە‌لە‌يمىز ۋە ياخشىراق قارارلارنى چىقىرالايمىز (‏ياقۇ‌پ 3:‏13‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى بىلىش قانچىلىك مۇ‌ھىم!‏

13.‏ خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرىنىڭ ئۈلگىلىرىنى نېمە ئۈچۈن تە‌تقىق قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

13 بە‌زىدە نېمىدىن نېرى بولىدىغانلىقىمىزنى پە‌قە‌ت خاتالىق ئۆتكۈزگە‌ندىن كېيىنلا چۈشىنىمىز.‏ بىراق،‏ ئۆزىنىڭ خاتالىقىدىن ئۆگىنىش قىيىن بىر ئۇ‌سۇ‌ل.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ دانالىققا ئېرىشىشنىڭ بىر ياخشى يولى —‏ باشقىلارنىڭ قازانغان مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌تلىرى ياكى ئۆتكۈزگە‌ن خاتالىقلىرىدىن ساۋاق ئېلىش.‏ شۇ‌ڭا،‏ ياقۇ‌پ بىزنى ئىبراھىم،‏ راھاب،‏ ئايۇ‌پ ۋە ئىلياسنىڭ ئۈلگىلىرىدىن ساۋاق ئېلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ (‏ياقۇ‌پ 2:‏21—‏26؛‏ 5:‏10،‏ 11،‏ 17،‏ 18‏)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ بۇ سادىق خىزمە‌تچىلىرى ئۇ‌لارنى خۇ‌شاللىقتىن مە‌ھرۇ‌م قىلىدىغان سىناقلارغا بە‌رداشلىق بېرە‌لىگە‌ن.‏ ئۇ‌لارنىڭ يە‌ھۋانىڭ ياردىمى بىلە‌ن سىناقلارغا بە‌رداشلىق بە‌رگە‌نلىكى،‏ بىزنىڭ بە‌رداشلىق بېرە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ.‏

14،‏ 15.‏ نېمە ئۈچۈن بىز گۇ‌مانلىرىمىزنى يوققا چىقىرىشىمىز كېرە‌ك؟‏

14 قىيىنچىلىق:‏ گۇ‌مانلار پە‌يدا بولغاندا.‏ بە‌زىدە خۇ‌دانىڭ سۆزىدىكى بىر نە‌رسىنى چۈشىنىش قىيىن بولۇ‌شى ياكى يە‌ھۋا بىزنىڭ دۇ‌ئالىرىمىزغا بىز كۈتكە‌ندە‌ك جاۋاب بە‌رمە‌سلىكى مۇ‌مكىن.‏ بۇ مە‌سىلىلە‌ر گۇ‌مان تۇ‌غدۇ‌رۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌گە‌ر گۇ‌مانلىرىمىزغا سە‌ل قارىساق،‏ ئۇ‌لار بىزنىڭ ئىشە‌نچىمىزنى ئاجىزلاشتۇ‌رىدۇ ۋە يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىمىزنى بۇ‌زىدۇ (‏ياقۇ‌پ 1:‏7،‏ 8‏)‏.‏ گۇ‌مانلار تۈپە‌يلى،‏ بىز ھە‌تتا كېلە‌چە‌ككە بولغان ئۈمىدىمىزنى يوقىتىشىمىز مۇ‌مكىن.‏

15 ئە‌لچى پاۋلۇ‌س كېلە‌چە‌ككە بولغان ئۈمىدىمىزنى لە‌ڭگە‌رگە ئوخشاتقان (‏ئىبرانىي.‏ 6:‏19‏)‏.‏ لە‌ڭگە‌ر كېمىنىڭ بوران-‏چاپقۇ‌ندا بىر يە‌ردە تۇ‌رۇ‌شىغا ۋە تاشلارغا ئۇ‌رۇ‌لۇ‌پ كە‌تمە‌سلىكىگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ لە‌ڭگە‌رنىڭ كېمىگە باغلانغان زە‌نجىرى ئۈزۈلمىگە‌ن چاغدىلا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ لە‌ڭگە‌ر زە‌نجىرىنى دات چىرىتىپ ئاجىزلاشتۇ‌رغاندە‌ك،‏ گۇ‌مانلارمۇ ئىشە‌نچىمىزنى ئاجىزلاشتۇ‌رىدۇ.‏ بېشىمىزغا قىيىنچىلىقلار چۈشكە‌ندە،‏ خۇ‌دانىڭ بە‌رگە‌ن ۋە‌دىلىرىگە ئىشە‌نمە‌ي قېلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ ئە‌گە‌ر ئىشە‌نچىمىزدىن ئايرىلساق،‏ ئۈمىدىمىزدىنمۇ ئايرىلىپ قالىمىز.‏ ياقۇ‌پ ئېيتقاندە‌ك:‏ «گۇ‌مانلانغان كىشى خۇ‌ددى دېڭىز شامىلىدا ئۇ‌رۇ‌لۇ‌پ،‏ چايقالغان دولقۇ‌نغا ئوخشايدۇ» (‏ياقۇ‌پ 1:‏6‏)‏.‏ شۇ‌نداق ئە‌ھۋالغا چۈشكە‌ن ئادە‌م ھېچقاچان خۇ‌شال بولمايدۇ!‏

16.‏ گۇ‌مانلار پە‌يدا بولغاندا،‏ نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

16 ھە‌ل قىلىش:‏ گۇ‌مانلىرىڭىزنى يوق قىلىڭ،‏ ئىشە‌نچىڭىزنى كۈچە‌يتىڭ.‏ دە‌رھال ھە‌رىكە‌ت قىلىڭ.‏ ئىلياس پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ ۋاقتىدا يە‌ھۋانىڭ خە‌لقى ئىككىلە‌نگە‌ن.‏ ئىلياس ئۇ‌لارغا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «قاچانغىچە ئىككى تە‌رە‌پكە تە‌لمۈرۈپ تۇ‌رىسىلە‌ر؟‏ ئە‌گە‌ر ھە‌ق خۇ‌دا يە‌ھۋا بولسا،‏ ئۇ‌نىڭغا ئە‌گىشىڭلار» (‏1-‏پادىشاھ.‏ 18:‏21‏)‏.‏ بۈگۈنمۇ بىز دە‌رھال ھە‌رىكە‌ت قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ مۇ‌نۇ‌لارنى،‏ يە‌نى يە‌ھۋا ئۇ ھە‌ق خۇ‌دا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۇ‌نىڭ سۆزى ۋە يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئۇ‌نىڭ خە‌لقى دېگە‌نلە‌رنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بە‌زى ئىزدىنىشلە‌رنى قىلىشىمىز كېرە‌ك (‏1-‏سالونىكا.‏ 5:‏21‏)‏.‏ بۇ‌نىڭ ھە‌ممىسى گۇ‌مانلىرىمىزنى يوق قىلىدۇ ۋە ئىشە‌نچىمىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌يدۇ.‏ گۇ‌مانلىرىمىزدىن قۇ‌تۇ‌لۇ‌ش ئۈچۈن ياردە‌مگە مۇ‌ھتاج بولساق،‏ ئاقساقاللار بىلە‌ن سۆھبە‌تلە‌شسە‌ك بولىدۇ.‏ داۋاملىق خۇ‌شال-‏خۇ‌رام يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن دە‌رھال ھە‌رىكە‌ت قىلىشىمىز لازىم.‏

17.‏ جاسارە‌تنى يوقاتساق نېمە بولىدۇ؟‏

17 قىيىنچىلىق:‏ ئۈمىدسىزلىنىش.‏ خۇ‌دا سۆزىدە مۇ‌نداق دە‌پ يېزىلغان:‏ «بېشىڭغا ئېغىر كۈن چۈشكە‌ندە جاسارە‌تسىز بولساڭ،‏ ئاجىزلىشار كۈچۈڭ» (‏پە‌ند.‏ نە 24:‏10‏)‏.‏ بە‌زى تە‌رجىمىلە‌ردە ئۈمىدسىزلىنىش دە‌پ تە‌رجىمە قىلىنغان ئىبرانىي سۆزى «جاسارە‌تسىز بولۇ‌ش» ياكى «جاسارە‌تنى يوقىتىش» دېگە‌ننى بىلدۈرۈشى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌گە‌ر جاسارە‌تنى يوقاتسىڭىز،‏ تېزلا خۇ‌شاللىقتىن مە‌ھرۇ‌م بولىسىز.‏

18.‏ بە‌رداشلىق بېرىش دېگە‌ن ئىبارە نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

18 ھە‌ل قىلىش:‏ جاسارە‌ت بېرىدىغان يە‌ھۋاغا تايىنىڭ.‏ ئە‌گە‌ر بىز سىناقلارغا بە‌رداشلىق بېرىشنى خالىساق،‏ بىزگە جاسارە‌ت كېرە‌ك (‏ياقۇ‌پ 5:‏11‏)‏.‏ ياقۇ‌پنىڭ بە‌رداشلىق بېرىش دېگە‌ن ئىبارىنى قوللىنىشى بىرسىنىڭ بىر يە‌ردە مە‌ھكە‌م تۇ‌رىدىغانلىقىنى ئە‌سكە سالىدۇ.‏ بىر ئە‌سكە‌رنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىڭ:‏ ھە‌تتا ئۇ‌نىڭ دۈشمىنى ئۇ‌نىڭغا قاتتىق ھۇ‌جۇ‌م قىلسىمۇ،‏ ئۇ ئۆز ئورنىدا مە‌ھكە‌م تۇ‌رۇ‌پ،‏ ئارقىغا چېكىنىشنى خالىمايدۇ.‏

19.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س بىزگە قانداق ئۈلگە كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

19 پاۋلۇ‌س بە‌رداشلىق بېرىش ۋە جاسارە‌تلىك بولۇ‌شنىڭ ئاجايىپ ئۈلگىسىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ ئۇ بە‌زى ۋاقىتلاردا ئۆزىنى ئاجىز ھېس قىلغان.‏ ئۇ ھە‌ممىگە چىدىغان،‏ چۈنكى ئۇ كېرە‌كلىك كۈچنى بە‌رگە‌ن يە‌ھۋاغا تايانغان (‏2-‏كورىنت.‏ 12:‏8—‏10؛‏ فىلىپى.‏ 4:‏13‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر بىز كىچىك پېئىللىق بىلە‌ن يە‌ھۋانىڭ ياردىمىگە مۇ‌ھتاج ئىكە‌نلىكىمىزنى چۈشە‌نسە‌ك،‏ بىز شۇ‌نداق كۈچ بىلە‌ن جاسارە‌تكە ئېرىشە‌لە‌يمىز.‏—‏ياقۇ‌پ 4:‏10‏.‏

خۇ‌داغا يېقىنلىشىڭ ۋە خۇ‌شاللىقىڭىزنى ساقلاڭ

20،‏ 21.‏ نېمىگە بىز ئىشە‌نچ قىلالايمىز؟‏

20 بىز بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگە‌ن قىيىنچىلىقلار خۇ‌دادىن ئە‌مە‌س ئىكە‌نلىكىگە ئىشە‌نچ قىلالايمىز.‏ ياقۇ‌پ بىزنى بۇ‌نىڭغا ئىشە‌ندۈرىدۇ:‏ « «سىناققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ ھېچكىم:‏ «مېنى خۇ‌دا سىناۋاتىدۇ»،‏—‏ دېمىسۇ‌ن.‏ چۈنكى،‏ خۇ‌دا ھېچكىمنى يامانلىق بىلە‌ن سىنىمايدۇ ۋە ھېچكىم ئۇ‌نى يامانلىق بىلە‌ن سىنىيالمايدۇ» (‏ياقۇ‌پ 1:‏13‏)‏.‏ بۇ‌نىڭغا كۆزۈمىز يە‌تكە‌ندە،‏ ئاسماندىكى كۆيۈمچان ئاتىمىزغا تېخىمۇ يېقىنراق بولىمىز.‏—‏ياقۇ‌پ 4:‏8‏.‏

21 يە‌ھۋا ئۆزگە‌رمە‌يدىغان خۇ‌دادۇ‌ر (‏ياقۇ‌پ 1:‏17‏)‏.‏ ئۇ بىرىنچى ئە‌سىردىكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنى سىناقلاردا قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىگە‌ن.‏ شۇ‌نىڭدە‌ك،‏ بۈگۈنكى كۈندىمۇ بىزگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ دانالىق،‏ ئىشە‌نچ ۋە جاسارە‌تكە ئېرىشىش ئۈچۈن دۇ‌ئادا يە‌ھۋادىن يالۋۇ‌رۇ‌پ سوراڭ.‏ ئۇ سىزنىڭ دۇ‌ئالىرىڭىزغا جاۋاب بېرىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭ قىيىنچىلىقلاردا خۇ‌شاللىقنى ساقلاپ قېلىشىڭىزغا ياردە‌م بېرىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچ قىلىڭ!‏

24-‏ناخشا كۆزۈڭ بولسۇ‌ن مۇ‌كاپاتتا

a ياقۇ‌پ كىتابىدا سىناقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە نېمە قىلىش كېرە‌كلىكى ھە‌ققىدە نۇ‌رغۇ‌ن ئە‌مە‌لىي مە‌سلىھە‌تلە‌ر بار.‏ بۇ ماقالىدە،‏ ياقۇ‌پ يازغان بىرنە‌چچە مە‌سلىھە‌تلە‌ر مۇ‌ھاكىمە قىلىنىدۇ.‏ بۇ مە‌سلىھە‌تلە‌ر قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بېرىپ،‏ خۇ‌شاللىقنى يوقاتماي داۋاملىق يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشىمىزغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏

b سۈرە‌تتە:‏ بىر بۇ‌رادە‌ر ئۆز ئۆيىدە قولغا ئېلىندى.‏ كۈزە‌تچىلە‌ر ئۇ‌نى ئېلىپ كېتىپ بارغاندا،‏ ئايالى بىلە‌ن قىزى قاراپ تۇ‌رىۋاتىدۇ.‏ يولدىشى تۈرمىدە ئولتۇ‌رۇ‌ۋاتقاندا باشقا ئېتىقادداشلار ئۇ‌نىڭ ئايالى ۋە قىزى بىلە‌ن بىرلىكتە ئائىلىۋى ئىبادە‌تنى ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ.‏ ئانىسى ۋە قىزى سىناقلارغا بە‌رداشلىق بېرىش ئۈچۈن يە‌ھۋادىن پات-‏پات كۈچ سوراۋاتىدۇ.‏ خۇ‌دا ئۇ‌لارغا كۆڭۈل خاتىرجە‌ملىكى ۋە جاسارە‌ت بېرىۋاتىدۇ.‏ نە‌تىجىدە،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئىشە‌نچىسى كۈچىيىپ،‏ خۇ‌شاللىق بىلە‌ن قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بېرىۋاتىدۇ.‏