12-تەتقىق ماقالىسى
باشقىلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىغا كۆڭۈل بۆلەيلى
«ھەممىڭلار … ھەمدەرت بولۇپ، بىر-بىرىڭلارنى قېرىنداشلارچە سۆيۈڭلار».—1-پېتر. 3:8.
53-ناخشا ئناق بىللە خىزمەت قىلىش
بۇ ماقالىدە a
1. 1-پېترۇس 3:8-ئايەتكە ئاساسەن، ھېس-تۇيغۇ ۋە ھال-ئەھۋالىمىزغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلار بىلەن بىللە بولغاندا نېمە ئۈچۈن خۇشال بولىمىز؟
بىز ھېس-تويغۇلىرىمىز ۋە ھال-ئەھۋالىمىزغا كۆڭۈل بولىدىغانلار بىلەن بىللە بولغاندا خۇشال بولىمىز. شۇنداق ئادەملەر ئۆزلىرىنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ ئوي-خىيالىرىنى ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىنى چۈشىنىشكە تىرىشىدۇ. ئۇلار نېمىگە موھتاج ئىكەنلىكىمىزنى بىلگەندە، بىز تېخى ئېيتماي تۇرۇپ، ياردەم قولىنى سۇنىدۇ. بىز ھېسداشلىق b بىلدۈرىدىغان ئادەملەرنى قەدىرلەيمىز ۋە ئۇلارغا مىننەتدار بولىمىز.—1-پېترۇس 3:8-نى ئوقۇڭ.
2. ھېسداشلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن نېمىشقا كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك؟
2 خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى سۈپىتىدە بىز ھېسداشلىق بىلدۈرۈشنى خالايمىز. لېكىن، بىز نامۇكەممەل بولغانلىقتىن، بەزىدە بۇ قىيىن بولۇشى مۇمكىن (رىملىقلار 3:23). شۇ سەۋەبتىن، بىز ئۆز-ئۆزىمىزنىلا ئويلاش مايىللىقىدىن ئايرىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك. بەلكىم، ئۆسۈپ-يېتىلگەن مۇھىت ۋە ئۆتمۈشتە باشتىن كەچۈرگەن ۋەقەلەر تۈپەيلى، باشقىلارغا ئىچ ئاغرىتىش بىز ئۈچۈن ئاسان ئەمەس بولمايدۇ. ئۆپ-چۆرىمىزدىكى ئادەملەرمۇ بىزگە يامان تەسىر قىلىشى مۇمكىن. بۇ زامان ئاخىرىنىڭ كۈنلىرىدە، ئادەملەر باشقىلارنى ھېس-تۇيغۇلىرىغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. ئۇلار «ئۆزىنىلا ياخشى سۆيىدىغان» بولۇپ كەتكەن (2-تىموت. 3:1، 2). ھېسداشلىق بىلدۈرۈشكە توسالغۇ بولىدىغان بۇ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىمىزگە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
3. (1) باشقىلارغا ھېسداشلىق قىلىشنى قانداق ئۆگىنەلەيمىز؟ (2) بۇ ماقالىدە نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
3 يەھۋا خۇدا بىلەن ئەيسادىن ئۈلگە ئالساق، باشقىلارغا ھېسداشلىق قىلىشنى ئۆگىنەلەيمىز. يەھۋا — سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە ئۇ باشقىلارغا غەمخورلۇق قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈلگىسىنى كۆرسىتىدۇ (1-يۇھاننا 4:8). ئەيسا پەيغەمبەر ئاتىسىنىڭ پەزىلەتلىرىنى مۇكەممەل تۈردە ئەكس ئەتتۈرگەن (يۇھاننا 14:9). ئۇ يەردە بولغاندا، ھېسداشلىق بىلدۈرۈشنىڭ يوللىرىنى كۆرسەتكەن. بۇ ماقالىدە، ئاۋۋال يەھۋا خۇدا ۋە ئەيسا باشقىلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىغا قانداق كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى مۇلاھىزە قىلىمىز. ئۇلارنى قانداق ئۈلگە قىلالايدىغانلىقىمىزنىمۇ كۆرۈپ چىقىمىز.
يەھۋا خۇدانىڭ ئۈلگىسى
4. يەشايا 63:7—9-ئايەتلەردىن يەھۋانىڭ ئۆز خىزمەتچىلىرىنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى قانداق كۆرۈنىدۇ؟
4 مۇقەددەس كىتابتا، يەھۋا خۇدانىڭ ئۆز خىزمەتچىلىرىنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى يېزىلغان. مەسىلەن، قەدىمدە ئىسرائىللار قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە، يەھۋا خۇدانىڭ قانداق ھېسسىياتتا بولغانلىقىنى كۆرۈپ چىقايلى. مۇقەددەس كىتابتا: «ئۇلار ئازاب چەككەندە، ئۇ ھەم تەڭ ئازاب چەكتى»،— دەپ يېزىلغان (يەشايا 63:7—9-نى ئوقۇڭ). كېيىن، زەكەرىيا پەيغەمبەر يەھۋانىڭ خەلقىگە زىيانكەشلىك قىلغانلار خۇدانىڭ ئۆزىگە قارشى چىقىدىغانلىقىنى ئېيتقان. يەھۋا خۇدا ئۆز خىزمەتچىلىرىگە: «كىم سىلەرگە قول تەگكۈزسە، مېنىڭ كۆز قارىچۇغىمغا تېگىدۇ»،— دېگەن (زەكەرىيا 2:8). بۇ يەھۋا خۇدانىڭ ئۆز خەلقىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى تەسۋىرلەيدىغان ئاجايىپ بىر مىسال!
5. خۇدا ئازاب چەككەن خىزمەتچىلىرىگە قانداق ياردەم بەرگەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىڭ؟
5 يەھۋا خۇدا قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن خىزمەتچىلىرىگە ئىچى ئاغرىتىپلا قويماي، ئۇلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان. مەسىلەن، ئىسرائىللار مىسىر قۇللىقىدا ئازاپ چەككەندە، يەھۋا خۇدا ئۇلارنىڭ قايغۇسىنى چۈشىنىپ، ئۇلارنى ئەركىنلىككە چىقارماقچى بولغان. يەھۋا خۇدا مۇساغا مۇنداق دېگەن: «مەن ھەقىقەتەن خەلقىمنىڭ مىسىردا ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم… . نالە-پەرياد قىلغانلىقىنى ئاڭلىدىم. ئۇلارنىڭ تارتىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى ياخشى بىلىمەن. شۇڭا، مەن چۈشۈپ، ئۇلارنى مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىمەن» (چىق. 3:7، 8). يەھۋا خۇدا ئىسرائىللارغا ئىچ ئاغرىتقانلىقتىن، ئۇلارنى قۇللۇقتىن ئازاد قىلغان. ئەسىرلەر ئۆتۈپ، ۋەدە قىلىنغان زىمىندا ئىسرائىللارغا دۈشمەنلەر ھۇجۇم قىلغان. يەھۋا خۇدا بۇنىڭغا قانداق قارىغان؟ «يەھۋا ئۇلارنىڭ ئۇھ تارتىپ، داشمەنلىرى سالغان زۇلۇمدىن نالە-پەرياد قىلىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا ئىچى ئاغرىغان ئىدى». يەھۋا بۇ قېتىممۇ خەلقىگە غەمخورلۇق قىلىپ، ئۇلارغا ياردەم بەرگەن. ئۇ ئىسرائىلللارنى دۈشمەنلىرىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھاكىملارنى ئەۋەتكەنىدى.—ھاكىم. 2:16، 18.
6. خىزمەتچىلىرى ناتوغرا ئوي-پىكىردە بولغاندىمۇ، يەھۋا ئۇلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئېتىبارغا ئالغانلىقىنىڭ مىسالىنى كەلتۈرۈڭ.
6 ھەتتا خىزمەتچىلىرى ناتوغرا ئوي-پىكىردە بولغاندىمۇ، يەھۋا ئۇلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئېتىبارغا ئالغان. يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. خۇدا پەيغەمبەرنى نىنەۋەھ شەھىرىدىكى خەلقلەرگە ھۆكۈم خەۋىرىنى ئېيتىشقا ئەۋەتكەن. ئۇلار توۋا قىلغاندا، خۇدا ئۇلارنى ھالاك قىلماسلىققا قارار قىلغان. لېكىن، يۇنۇس پەيغەمبەر يەھۋانىڭ بۇ قارارىنى ياقتۇرمىغان. ئېيتقان خەۋىرى ئەمەلگە ئاشمىغانلىقتىن، ئۇ «غەزىپى قايناپ، ناھايىتى ئاچچىقلاندى». بىراق، يەھۋا يۇنۇسقا سەۋرچانلىق بىلەن كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىشكە ياردەم بەرگەن (يۇنۇس 3:10—4:11). ۋاقتى كەلگەندە، يۇنۇس يەھۋانىڭ ئۇنىڭغا نېمىنى ئۆگەتمەكچى بولغانلىقىنى چۈشەنگەن. بۇ ۋەقەدىن بىزنىڭمۇ پايدا-مەنپەئەتكە ئېرىشىشىمىز ئۈچۈن، يەھۋا ئۇنى يۇنۇسقا يازدۇرغان.—رىملىقلار 15:4. c
7. يەھۋا خۇدانىڭ ئۆز خىزمەتچىلىرىگە قىلغان مۇئامىلىسىدىن نېمىنى بىلىمىز؟
7 يەھۋا خۇدا ئۆز خىزمەتچىلىرىگە قىلغان مۇئامىلىسىدىن ئۇلارنىڭ غېمىنى ئويلىغانلىقىنى كۆرۈشكە بولىدۇ. ئۇ كىمنىڭ نېمىدىن ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. يەھۋا «ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى ھەقىقىي» بىلىدۇ (2-تارىخ. 6:30). ئۇ بىزنىڭ يوشۇرۇن ئويلىرىمىزنى ۋە يۈرىكىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىكى ھېس-تۇيغۇلارنىمۇ بىلىدۇ. «ئۇ سىلەرنى بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان ئازدۇرۇلۇشقا دۇچار قىلمايدۇ» (1-كورىنت. 10:13). بۇ ۋەدە بىزگە تەسەللىي بېرىدۇ.
ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ ئۈلگىسى
8—10. ئەيسانىڭ باشقىلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى چۈشىنىشىگە نېمە ياردەم بەرگەن؟
8 ئەيسا يەردە بولغاندا، ئادەملەرنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىغا ئېتىبار بەرگەن. ئۇنىڭ ھېسداشلىق بىلدۈرۈشىنىڭ ئۈچ سەۋەبىنى كۆرەيلى. بىرىنچىسى، ئەيسا ئاتىسىنىڭ پەزىلەتلىرىنى مۇكەممەل تۈردە ئەكس ئەتتۈرگەن. ئۇمۇ ئاتىسىغا ئوخشاش ئادەملەرنى ياخشى كۆرگەن. گەرچە ئەيسا ئالەمدىكى ھەممە نەرسىلەرنى يارىتىشتا يەھۋاغا ياردەم بېرىشتىن خۇشال بولغان بولسىمۇ، ئۇ«بولۇپمۇ ئىسنان ئوغۇللىرىدىن» سۆيۈنگەن (پەند. نە 8:31). ئەيسانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئۇنى باشقىلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە دەۋەت قىلغان.
9 ئىككىنچىسى، يەھۋاغا ئوخشاش، ئەيسا ئادەملەرنىڭ يۈرىكىنى كۆرەلىگەن. دېمەك، ئۇ ئادەملەرنىڭ نىيىتىنى ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىنى بىلگەن (مەتتا 9:4؛ يۇھاننا 13:10، 11). شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەيسا ئېزىلگەنلەرنى كۆرگەن ۋە ئۇلارغا تەسەللىي بەرگۈسى كەلگەن.—يەشايا 61:1، 2؛ لۇقا 4:17–21.
10 ئۈچىنچىسى، ئەيسا ئادەملەر دۇچ كېلىدىغان بەزى قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈردى. مەسىلەن، ئۇ كەمبەغەل ئائىلىدە چوڭ بولغان. ئەيسا ئۆگەي دادىسى يۈسۈپ بىلەن ئىشلەپ، ئېغىر قارا ئىشلارنى قىلىشنى ئۆگەنگەن (مەتتا 13:55؛ ماركۇس 6:3). قارىماققا، ئەيسا ۋە خىزمىتىنى باشلاشتىن ئاۋۋال، يۈسۈپ ئۆلۈپ كەتكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ يېقىن ئادەمدىن ئايرىلىشنىڭ قانداق بولىدىغانلقىنى ياخشى چۈشىنىدۇ، دەپ ئېيتالايمىز. شۇنداقلا، ھەرخىل دىنىي كۆز قاراشنى تۇتقان ئائىلىدە ياشاش قانچىلىك قىيىن ئىكەنلىكىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن (يۇھاننا 7:5). بۇ ۋەزىيەتلەر ئەيسانىڭ ئاددىي ئادەملەرنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بەرگەن.
11. ئەيسانىڭ ھېسداشلىقى بولۇپمۇ نېمىدىن كۆرۈنگەن؟ چۈشەندۈرۈڭ (مۇقاۋىدىكى رەسىمگە قاراڭ).
11 ئەيسانىڭ ئادەملەرگە ھېسداشلىق بىلدۈرگەنلىكى بولۇپمۇ مۆجىزىلىرىدىن كۆرۈنگەن. ئەيسا مۆجىزىلەرنى مەجبۇر بولغانلىقتىن ئەمەس، ئازاب چەككەنلەرگە ئىچى ئاغرىغانلىقتىن قىلغان (مەتتا 20:29—34؛ ماركۇس 1:40—42). مەسىلەن، ئاڭلىمايدىغان گاس ئادەمنى خەلقنىڭ ئارىسىدىن چەتكە ئېلىپ بېرىپ ساقايتقاندا ياكى بىر تۇل ئايالنىڭ يېگانە ئوغلىنى تىرىلدۈرگەندە، ئەيسا قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ (ماركۇس 7:32—35؛ لۇقا 7:12—15). ئەيسا ئۇلارنىڭ دەردىگە ئورتاقلىشىپ، ئۇلارغا ياردەم بەرگۈسى كەلگەن.
12. يۇھاننا 11:32—35-ئايەتتىن، ئەيسا مارتا بىلەن مەريەمنىڭ قايغۇسىغا ئورتاق بولغانلىقى قانداق كۆرۈنىدۇ؟
12 ئەيسا مارتا بىلەن مەريەمنىڭ قايغۇسىغا ئورتاق بولغان. ئۇلارنىڭ ئاكىسى لازار قايتىش بولغاندا، ئەيسا كۆز ياش قىلغان ئىدى (يۇھاننا 11:32—35-نى ئوقۇڭ). ئۇ پەقەت يېقىن دوستىدىن ئايرىلغانلىقى ئۈچۈن يىغلىمىغان. ئەيسا لازارنى تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسىمۇ، ئەزىز دوستلىرىنىڭ قايغۇسىنى چۈشىنىپ كۆز يېشى قىلغان.
13. ئەيسانىڭ ھېسداشلىق قىلغانلىقىنى بىلىش بىزنى نېمە ئۈچۈن ئىلھاملاندۇرىدۇ؟
13 ئەيسانىڭ ھېسداشلىق قىلغانلىقىنى بىلىش بىزنى ئىلھاملاندۇرىدۇ. ئادەملەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى بەك ياخشى كۆرىمىز (1-پېتر. 1:8). ھازىر ئۇنىڭ خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى بولغانلىقى بىزگە تەسەللىي بېرىدۇ. پات-ئارىدا ئەيسا ھەممە ئازابلارنى يوق قىلىدۇ. ئۆزىمۇ يەردە ئادەم سۈپىتىدە ياشىغانلىقتىن، شەيتاننىڭ ھۆكۈمرانلىقى كەلتۈرگەن زىيان-زەخمەتلەرنى ھەممىسىنى يوق قىلالايدىغان ئەڭ ياخشى شەخس — ئەيسا مەسىھتۇر. ئاجىزلىقلىرىمىزغا ھېسداشلىق قىلالايدىغان ھۆكۈمرانىمىزنىڭ بولغانلىقى بىز ئۈچۈن زور بەرىكەت!—ئىبرانىي. 2:17، 18؛ 4:15، 16.
يەھۋا خۇدا بىلەن ئەيسادىن ئۈلگە ئېلىڭ
14. ئەفەسلىكلەر 5:1، 2-ئايەتلەر بىزنى نېمىگە دەۋەت قىلىدۇ؟
14 يەھۋا بىلەن ئەيسانىڭ ئۈلگىسى توغرۇلۇق چوڭقۇر ئويلاش بىزنى باشقىلارغا كۆپرەك ئىچ ئاغرىتىشقا دەۋەت قىلىدۇ (ئەفەسلىكلەر 5:1، 2نى ئوقۇڭ). ئەلۋەتتە، بىز ئادەملەرنىڭ يۈرىكىنى كۆرەلمەيمىز. شۇنداق بولسىمۇ، باشقىلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى ۋە ئېھتىياجلىرىنى چۈشىنىشكە تىرىشىش بەك مۇھىم (2-كورىنت. 11:29). ئۆز-ئۆزىنىلا ئويلايدىغان ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا ياشىساقمۇ، بىز «پەقەت ئۆز مەنپەئەتىڭلارنىلا ئەمەس، باشقىلارنىڭمۇ مەنپەئىتىنىمۇ ئويلاڭلار» دېگەن مەسلىھەتكە قۇلاق سېلىشقا تىرىشىمىز.—فىلىپى. 2:4.
15. بولۇپمۇ كىملەر ھېسداشلىق قىلىشى كېرەك؟
15 بولۇپمۇ جامائەت ئاقساقاللىرى ھېسداشلىق قىلىشى كېرەك. ئاقساقاللار ئۇلارغا تاپشۇرۇلغان قويلارغا قانداق مۇئامىلە قىلغىنى ئۈچۈن يەھۋانىڭ ئالدىدا ھېساب بېرىدۇ (ئىبرانىي. 13:17). ئېتىقادداشلىرىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئاقساقاللار ئۇلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى ياخشى چۈشىنىشى زۆرۈر. ئاقساقاللار قېرىنداشلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى قانداق كۆرسىتەلەيدۇ؟
16. كۆيۈمچان ئاقساقاللار نېمە قىلىدۇ ۋە بۇ نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
16 كۆيۈمچان ئاقساقال قېرىنداشلار ئۈچۈن ۋاقتىنى ئايىمايدۇ. ئۇلار سوئاللارنى قويىدۇ ۋە كېيىن سەۋچانلىق بىلەن زەڭ قويۇپ تىڭشايدۇ. ئەگەر قېرىنداشلارنىڭ بىرى ئىچ باغرىنى تۆكۆشنى خالىسا، ئەمما ئۆز كۆڭلىدىكىنى ئىپادىلەشكە سۆز تاپالماي قالسا، بۇنداق ئەھۋالدا ئاقساقاللار ئالاھىدە كۆڭۈل بولۇشى مۇھىم (پەند. نە 20:5). ئاقساقاللار ۋاقتىنى چىقىرىشقا تەييار بولسا، قېرىنداشلار بىلەن دوستلىقى مەھكەم بولىدۇ، بىر-بىرىگە ئىشىنىدۇ ۋە مېھىر-مۇھەببىتى كۈچىيىدۇ.—ئەلچى. 20:37.
17. كۆپ قېرىنداشلار ئاقساقاللارنىڭ قايسى پەزىلىتىنى ئالاھىدە قەدىرلەيدۇ؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
17 كۆپلىگەن قېرىنداشلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئاقساقاللارنىڭ ئەڭ مۇھىم پەزىلىتى — يىغلىغانلار بىلەن يىغلاپ، كۈلگەنلەر بىلەن كۈلۈش ئىكەن. نېمە ئۈچۈن؟ «ئاقساقاللار سىزنى ياخشى چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلسىڭىز، ئۇلار بىلەن سۆزلىشىش ئاسان»،— دەيدۇ ئادېلايد. ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن ھېس-تۇيغۇلىرىمنى چۈشىنىدىغانلىقىنى سېزەلەيمەن». بىر بۇرادەر ئاقساقاللارغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېگەن: «بىر ئاقساقالغا ئەھۋالىمنى چۈشەندۈرىۋاتقىنىمدا، ئۇنىڭ كۆزى ياشقا تولغانىدى. شۇ ۋاقىت ھازىرغىچە ئېسىمدىن چىقمايدۇ».—رىملىقلار 12:15.
18. باشقىلارغا ھېسداشلىق قىلىشنى قانداق يېتىلدۈرەلەيمىز؟
18 ئەلۋەتتە، ھېسداشلىق قىلىش پەقەت ئاقساقاللارنىڭ ۋەزىپىسى ئەمەس. بۇ پەزىلەتنى ھەممىمىز يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك. قانداق يېتلىدۈرىمىز؟ ئائىلىڭىزدىكىلەر ۋە جامائەتتىكى قېرىنداشلار قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭ. جامائەتتىكى ئۆسمۈرلەرگە، سالامەتلىكى ناچار ۋە ياشانغان قېرىنداشلارغا ھەم يېقىن كىشىلىرىدىن ئايرىلغانلارغا كۆڭۈل بۆلۈڭ. ئۇلارنىڭ ھال-ئەھۋالىنى سوراڭ. ئۇلار ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئىزھار قىلغاندا، دىققەت بىلەن تىڭشاڭ. ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ھەقىقەتەن چۈشىنىدىغانلىقىڭىزنى، ئۇلارغا ھېس قىلدۇرۇڭ. قولۇڭىزدىن كەلگىنىچە ياردەم قىلىشقا تىرىشىڭ. شۇنداق قىلساق، مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى پەقەت سۆزۈمىز بىلەن ئەمەس، ئىشىمىز بىلەن كۆرسىتەلەيمىز.—1-يۇھاننا 3:18.
19. باشقىلارغا ياردەم قىلىشقا تىرىشقاندا، نېمىشقا ئەۋرىشىم بولۇشىمىز كېرەك؟
19 باشقىلارغا ياردەم قىلىشقا تىرىشقاندا، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، ئىش تۇتۇشىمىز كېرەك. چۈنكى، ھەربىرىمىز قىيىنچىلىقلارغا ھەرخىل ئىنكاس قايتۇرىمىز. بەزىلەر ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئوچۇق ئېيتىپ بېرىدۇ. يەنە بەزىلەر، قىيىنچىلىقلىرى ھەققىدە سۆزلەشكۈسى كەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ياردەم بەرمەكچى بولغاندا، ئۇلارنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىشتىن ياكى خىجالەتكە قالدۇرىدىغان سوئاللارنى قويۇشتىن نېرى بولۇشىمىز كېرەك (1-سالونىكا. 4:11). كىمدۇ بىرى كۆڭلىدىكىنى ئېيتىپ بەرگەندە، بەزىدە ئۇنىڭ ئېيتقانلىرى بىلەن كېلىشمەسلىكىمىز مۇمكىن. بىراق، بۇ ئۇنىڭ ھېس-تۇيغۇسى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇمايلى. ئاڭلاشقا تېز، سۆزلەشكە ئالدىرىمايدىغان بولايلى.—مەتتا 7:1؛ ياقۇپ 1:19.
20. كېيىنكى ماقالىدىن قايسى سوئالغا جاۋاب تاپىمىز؟
20 بىز جامائەتتىكىلەرگە ھېسداشلىق قىلغاندەك، ۋەز قىلغاندىمۇ ئادەملەرگە بۇ ئېسىل پەزىلەتنى كۆرسىتىشنى خالايمىز. شاگىرتلارنى تەييارلاش ئىشىغا قاتناشقاندا، بۇ پەزىلەتنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟ بۇ سوئالغا كېيىنكى ماقالىدىن جاۋاب تاپىمىز.
35-ناخشا رەھمەت خۇدا سەۋرچانلىقىڭغا
a يەھۋا خۇدا بىلەن ئەيسا مەسىھ باشقىلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۈلگىسىدىن قانداق ساۋاق ئالالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، باشقىلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇھىملىقىنى ۋە بۇنىڭ بىرنەچچە ئۇسۇلىنى بىلىۋالىمىز.
b سۆز-ئىبارە مەنىسى: بىرسىگە «ھەمدەرت» دېگىنىمىز، شۇ ئادەمنىڭ قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشىنىپ، ئۆزىمىز ھەم شۇ كىشىدەك ھېس-تۇيغۇ ياكى ھېسسىياتتا بولۇشنى بىلدۈرىدۇ.—رىملىقلار 12:15.
c يەھۋا روھى چۈشكەن ۋە قورقۇنۇچقا بېرىلگەن باشقىمۇ سادىق خىزمەتچىلىرىگە ھېسداشلىق بىلدۈرگەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھاننا (1-سام. 1:10—20)، ئىلياس (1-پادىشاھ. 19:1—18)، ئەبەد-مەلەك.—يەرەم. 38:7—13؛ 39:15—18.
d سۈرەتلەردە: جامائەت يىغىلىشلىرىدا باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ مۇمكىنچىلىكلىرى كۆپ. (1) ئاقساقال كىچىك بالىغا ۋە ئۇنىڭ ئانىسىغا مېھرىبانلىق بىلەن سۆزلەۋاتىدۇ. (2) دادىسى بىلەن قىزى ياشانغان قېرىنداشنى ماشىنىغا ئولتۇرغۇزىۋاتىدۇ. (3) ئىككى ئاقساقال مەسلىھەتكە موھتاج قېرىنداشنى زەڭ قويۇپ تىڭشاۋاتىدۇ.