11-تەتقىق ماقالىسى
يەھۋانىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىڭ
«بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار!».—مەتتا 17:5.
6-ناخشا خۇدا خىزمەتچىسىنىڭ دۇئاسى
بۇ ماقالىدە a
1، 2. (1) يەھۋا ئادەملەرگە ئوي-پىكىرلىرىنى قانداق يەتكۈزگەن؟ (2) بۇ ماقالىدە نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
يەھۋا بىز بىلەن سۆزلىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۆتمۈشتە ئۇ ئۆزىنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى ئادەملەرگە پەيغەمبەرلەر، پەرىشتىلەر ۋە ئۆزىنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يەتكۈزگەن (ئاموس 3:7؛ گالاتىيا. 3:19؛ ۋەھىي. 1:1). بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ بىز بىلەن ئۆزىنىڭ سۆزى مۇقەددەس كىتاب ئارقىلىق سۆزلىشىدۇ. ئۇ بىزگە مۇقەددەس كىتابنى سوۋغات قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى ۋە ھەرىكەت قىلىش يوللىرىنى چۈشەندۈرىدۇ.
2 ئەيسا يەردە بولغاندا، يەھۋا ئۇنىڭغا ئۈچ قېتىم سۆزلىگەن. شۇ ۋەزىيەتلەردە يەھۋانىڭ نېمە ئېيتقانلىقىنى، سۆزلىرىدىن نېمىنى ئۆگىنىدىغانلىقىمىزنى ۋە بىز قانداق پايدا-مەنپەئەت تاپىدىغانلىقىمىزنى كۆرەيلى.
«سەن مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم»
3. ماركۇس 1:9—11-ئايەتلەردىن بىلگىنىمىزدەك، ئەيسا چۆمۈلدۈرۈلگەندە، يەھۋا نېمە دېگەن؟ بۇ سۆزلەردىن ئەيسا توغرىسىدا قايسى مۇھىم ئۈچ ھەقىقەتنى بىلىمىز؟
3 ماركۇس 1:9—11-ئايەتلەردە (ئوقۇڭ)، يەھۋا خۇدانىڭ ئاسماندىن سۆزلىگەن بىرىنچى ۋەقەلىك يېزىلغان. ئۇ ئەيساغا: «سەن مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم. مەن سەندىن خۇرسەنمەن»،— دېگەنىدى. ئاسماندىكى ئاتىسىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆرسىتىپ، ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندا، ئەيسانىڭ يۈرىكى خۇشاللىققا تولغان. يەھۋانىڭ سۆزلىرىدىن ئەيسا توغرىسىدا مۇھىم ئۈچ ھەقىقەتنى بىلىمىز. بىرىنچىسى، ئەيسا — خۇدانىڭ ئوغلى. ئىككىنچىسى، يەھۋا ئوغلىنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۈچىنچىسى، يەھۋا ئوغلىدىن رازى. كېلىڭلار، بۇ ئۈچ ۋەزىيەتنى تەپسىلىيراق كۆرۈپ چىقايلى.
4. چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەندە، ئەيسا قايسى مەنىدە خۇدانىڭ ئوغلى بولغان؟
4 «سەن مېنىڭ … ئوغلۇم». بۇ سۆزلەر يەھۋا بىلەن ئەيسانىڭ ئارىسىدا ئالاھىدە يېڭى بىر مۇناسىۋەت پەيدا بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. قايسى مەنىدە؟ ئەيسا ئاسماندا بولغاندا خۇدانىڭ ئوغلى بولغان ئەمەسمۇ؟ ھەئە، شۇنداق بولغان. لېكىن، ئۇ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەندە، يېڭى مەنىدە خۇدانىڭ ئوغلى بولغان. ئۇ خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى بىلەن مەسىھ قىلىنىپ، ئاسمانغا قايتىپ، پادىشاھ ۋە باش روھانىي بولۇش ئۈمىدىگە ئىگە بولغان (لۇقا 1:31—33؛ ئىبرانىي. 1:8، 9؛ 2:17). شۇ سەۋەبتىن، ئەيسا سۇدىن چىققاندا يەھۋا ئۇنىڭغا: «سەن مېنىڭ … ئوغلۇم»،— دېگەن.—لۇقا 3:22.
5. مېھىر-مۇھەببەت ۋە رازىلىقنى بىلدۈرۈشتە يەھۋادىن قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟
5 «سەن مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم». مېھىر-مۇھەببەت ۋە رازىلىقنى بىلدۈرۈشتە يەھۋادىن ئۈلگە ئېلىپ، بىزمۇ باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرۇشنى خالايمىز (يۇھاننا 5:20). بىرسى بىزگە مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى بىلدۈرۈپ، ياخشى ئىشىمىز ئۈچۈن ماختىسا، خۇشال بولۇپ قالىمىز. دەل شۇنىڭغا ئوخشاش، جامائەتتىكى قېرىنداشلار ۋە ئۆيۈمىزدىكىلەرمۇ بىزنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىمىز بىلەن ئىللىق سۆزلىرىمىزگە موھتاج. بىز باشقىلارنى ماختىغاندا، ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەپ، يەھۋاغا سادىق خىزمەت قىلىشىغا ياردەم بېرىمىز. بولۇپمۇ ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ماختىشى كېرەك. چۈنكى، ئۇلار بالىلىرىنى چىن يۈرەكتىن ماختاپ، مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆرسەتسە، بالىلارنىڭ روھىي جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياردەم بېرىدۇ.
6. ئەيساغا نېمە ئۈچۈن ئىشەنسەك بولىدۇ؟
6 «مەن سەندىن رازىمەن». يەھۋانىڭ خۇدانىڭ بۇ سۆزلىرى، ئۇنىڭ ئىرادىسىنى ئەيسانىڭ چوقۇم ئورۇنلايدىغانلىقىغا ئىشەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر يەھۋا ئوغلىغا پۈتۈنلەي ئىشەنسە، يەھۋانىڭ ھەممە ۋەدىلىرىنى ئەيسا ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىغا بىزمۇ ئىشەنسەك بولىدۇ (2-كورىنت. 1:20). ئەيسانىڭ ئۈلگىسى ھەققىدە ئويلانغاندا، بىز ئۇنىڭدىن ئۆگىنىشنى ۋە ئۇنىڭ يولى بىلەن مېڭىشنى تېخىمۇ خالايمىز. يەھۋا ئەيساغا ئىشەنگەندەك، ئۆز خىزمەتچىلىرىگىمۇ شۇنچىلىك ئىشەنچىلىك. ئۇ خىزمەتچىلىرىنىڭ خەلق سۈپىتىدە ئوغلىدىن داۋاملىق ئۆگىنىدىغانلىقىغا گۇمان قىلمايدۇ.—1-پېتر. 2:21.
«ئۇنى تىڭشاڭلار»
7. مەتتا 17:1—5-ئايەتكە ئاساسەن، يەھۋا ئاسماندىن قاچان سۆزلىگەن ۋە ئۇ نېمە دېگەن؟
7 مەتتا 17:1—5-نى ئوقۇڭ. ئىككىنچى قېتىم يەھۋا خۇدا ئاسماندىن ئەيسانىڭ ‹قىياپىتى ئۆزگەرگەندە› سۆزلىگەن. ئەيسا ئۆزى بىلەن پېترۇس، ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى يۇھاننانى ئېلىپ، ئېگىز بىر تاققا چىققانىدى. شۇ يەردە شاگىرتلىرى ئاجايىپ بىر كۆرۈنۈشنى كۆردى. ئەيسانىڭ يۈزى قۇياشتەك پارلاپ، ئۇنىڭ كىيىمى نۇردەك چاقناتتى. مۇسا بىلەن ئىلياس پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش ئىككى كىشى پەيدا بولۇپ، ئەيسا بىلەن ئۇنىڭ ئۆلۈمى ھەم تىرىلىشى ھەققىدە سۆزلەشتى. ئۈچ ئەلچىنى ئۇيقا باسقان بولسىمۇ، ئۇلار بۇ كۆرۈنۈشنى ئۇيقاق پەيتىدە كۆرگەنىدى (لۇقا 9:29—32). كېيىن، ئۇلارنى نۇر چاقناپ تۇرغان بۇلۇت قاپلاپ، بۇلۇتنىڭ ئىچىدىن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. بۇ خۇدانىڭ ئاۋازى ئىدى. ئەيسا چۆمۈلدۈرۈلگەندە ئېيتقاندەك، يەھۋا يەنە بىر قېتىم ئوغلىنى سۆيىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن»،— دېگەن. لېكىن، بۇ قېتىم يەھۋا: «ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار!»— دېگەن سۆزلەرنىمۇ قىلغان.
8. تاغدىكى ئاجايىپ كۆرۈنۈش ئەيساغا ۋە شاگىرتلىرىغا قانداق تەسىر قىلغان؟
8 بۇ كۆرۈنۈش ئەيسانىڭ خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى بولغاندا قانداق كۈچ-قۇدرەت ۋە شان-شەرەپكە ئېرىشىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسەتكەن. ئەيسا شۇ كۆرۈنۈشتىن ئىلھام ئېلىپ، كېلەچەكتىكى سىناقلارغا ۋە ئازابلىق ئۆلۈمگە بەرداشلىق بېرىشكە تەييار بولغانلىقى شەك-شۈبھىسىزدۇر. تاغدىكى ئاجايىپ كۆرۈنۈش شاگىرتلارنىڭمۇ ئېتىقادىنى مۇستەھكەملىگەن. بۇ ئۇلارنى ئالدىدىكى سىناقلاردا سادىق بولۇپ قېلىشقا ۋە تەر تۆكۈپ ئەمگەك قىلىشقا تەييارلىغان. ئەيسانىڭ قىياپىتىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكى ئەلچى پېترۇسقا شۇنچىلىك تەسىر قىلغانكى، ئۇ تەخمىنەن 30 يىلدىن كېيىنمۇ شۇ ۋەقەنى ئۆز خېتىدە تىلغا ئالغان.—2-پېتر. 1:16—18.
9. ئەيسا شاگىرتلىرىغا قانداق پايدىلىق نەسىھەتلەر بەرگەن؟
9 «ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار!». يەھۋا ئوغلىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىشىمىزنى ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشىمىزنى خالايدىغانلىقى ئېنىق. ئەيسا يەردە بولغاندا كۆپ مۇھىم نەرسىلەرنى ئېيتقان. مەسىلەن، شاگىرتلىرىغا ۋەز قىلىشنى مېھرىبانلىق بىلەن ئۆگەتكەن ۋە ھوشىيار بولۇشنىڭ مۇھىملىقىنى قايتا-قايتا ئۇلارنىڭ ئېسىگە سالغان (مەتتا 24:42؛ 28:19، 20). شۇنداقلا، ئۇ شاگىرتلىرىنى تار ئىشىكتىن كىرىش ئۈچۈن بار كۈچىنى چىقىرىشقا ئۈندىگەن ۋە ھېچقاچان بەل قويۋەتمەسلىككە دەۋەت قىلغان (لۇقا 13:24). ئەيسا بىر-بىرىنى سۆيۈش، ئىناق-ئىتتىپاق بولۇش ۋە ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە قۇلاق سېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن (يۇھاننا 15:10، 12، 13). شاگىرتلىرىغا بەرگەن نەسىھەتلەر ناھايىتى پايدىلىق بولغان. بۇ نەسىھەتلەرنىڭ بۈگۈنكى كۈندىمۇ پايدىسى زور.
10، 11. ئەيساغا قۇلاق سالىدىغانلىقىمىزنى قانداق ئىسپاتلىيالايمىز؟
10 ئەيسا: «كىمكى ھەقىقەتتە تۇرسا، مېنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلايدۇ»،— دېگەن (يۇھاننا 18:37). بىز بىر-بىرىمىزگە سەۋرچان بولۇپ، چىن قەلبىمىزدىن كەچۈرسەك، ئەيسانىڭ سۆزىگە قولاق سالغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز (كولوسى. 3:13؛ لۇقا 17:3، 4). «قولايلىق ۋاقىتتا ۋە قولايسىز ۋاقىتتا» قىزغىن ۋەز قىلغاندىمۇ، ئۇنىڭغا قۇلاق سالىدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلايمىز.—2-تىموت. 4:2.
11 ئەيسا: «مېنىڭ قويلىرىم ئاۋازىمنى ئاڭلايدۇ»،— دېگەن (يۇھاننا 10:27). ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئۇنى تىڭشاپلا قويماي، بەلكى ئىش-ھەرىكەتلىرى بىلەن ئۇنىڭغا قۇلاق سالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار «تۇرمۇشنىڭ غەم-ئەندىشىلىرى» بىلەن بىخۇدلاشمايدۇ (لۇقا 21:34). ئەكسىچە، ھەتتا قىيىن ۋەزىيەتلەرگە دۇچ كەلسىمۇ، ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى ئەيسانىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. كۆپ قېرىنداشلىرىمىز ئېغىر سىناقلارغا دۇچ كېلىدۇ. مەسىلەن، ئۇلار دۈشمەنلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماقتا، كەمبەغەللىكنىڭ دەردىنى تارتماقتا ياكى تەبىئىي ئاپەتلەر تۈپەيلى قىيىنچلىقلارنى باشتىن كەچۈرمەكتە. ئېتىقادداشلىرىمىز مەيلى قانداق قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كەلسۇن، يەھۋاغا سادىق بولۇپ قالىدۇ. ئەيسا ئەگەشكۈچىلىرىنى: «كىم مېنىڭ ئەمىرلىرىمنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارغا ئەمەل قىلسا، ئۇ مېنى سۆيىدۇ. مېنى سۆيگەن كىشىنى ئاتام سۆيىدۇ»،— دەپ ئىشەندۈرىدۇ.—يۇھاننا 14:21.
12. ئەيسانى سۆزىگە قۇلاق سالىدىغانلىقىمىزنى يەنە قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
12 ئەيسانىڭ سۆزىگە قولاق سالغانلىقىمىزنى كۆرسىتىشنىڭ يەنە بىر يولى — تەشكىلاتتا يېتەكچىلىك قىلدىغانلار بىلەن ھەمكارلىشىش (ئىبرانىي. 13: 7، 17). خۇدانىڭ تەشكىلاتىدا يىقىنقى يىللاردىن بويان كۆپ ئۆزگىرىشلەر بولدى. مەسىلەن، ۋەز خىزمىتىدە قوللىنىدىغان يېڭى قوراللار ۋە ئۇسۇللار، ھەپتە ئارلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىلىش، ئىبادەت زاللىرىنى سېلىش، رېمونت قىلىش ۋە ئۇلارنى ئاسراپ تۇتۇش ھەققىدە يېڭى ئۆزگۈرۈشلەر بار. بىز پايدىمىز ئۈچۈن بېرىلگەن ۋە خۇدا تەشكىلاتىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان شۇ ئۆزگۈرۈشلەر ئۈچۈن بەك مىننەتدار! تەشكىلاتنىڭ ئۆز ۋاقتىدا بەرگەن كۆرسەتمىلىرىگە قۇلاق سالغىنىمىز ئۈچۈن يەھۋانىڭ بىزگە بەرىكەت بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل.
13. ئەيسانىڭ تەلىملىرىدىن قانداق پايدا ئالىمىز؟
13 ئەيسانىڭ تەلىملىرىدىن كۆپ پايدا ئالالايمىز. ئەيسا ئۆز تەلىمىنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ كۆڭلىگە ئارامبەخش ئاتا قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. ئۇ: «جېنىڭلار ئارام تاپىدۇ. چۈنكى مېنىڭ بويۇنتۇرۇقۇمدا بولۇش ئاسان ۋە يۈكۈم ئېغىر ئەمەس»،— دېگەن (مەتتا 11:28—30). مۇقەددەس كىتابتىن، مەسىلەن تۆت خۇشخەۋەر كىتابىدىن ئەيسانىڭ ھاياتى ۋە ۋەز خىزمىتى ھەققىدە ئوقۇساق، بىزگە ئىلھام ۋە كۈچ بېرىدۇ ھەم دانا كىشى بولۇشقا ياردەملىشىدۇ (زەبۇر 19:7؛ 23:3). ئەيسا مۇنداق دېگەن: «خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغانلار بەختلىكتۇر!»—لۇقا 11:28.
مەن ئىسىمىمنى ئۇلۇغلايمەن
14، 15. (1) يۇھاننا 12:27، 28-ئايەتكە ئاساسەن،، قانداق ۋەزىيەتتە يەھۋا ئۈچىنچى قېتىم ئاسماندىن سۆزلىگەن؟ (2) يەھۋانىڭ سۆزلىرى ئەيسانى نېمە ئۈچۈن ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇنىڭغا كۈچ بەرگەن؟
14 يۇھاننا 12:27، 28-نى ئوقۇڭ. يۇھاننا بايان قىلغان خۇشخەۋەر كىتابىدا، يەھۋا ئاسماندىن سۆزلىگەن ئۈچىنچى ۋەقە تەسۋىرلەنگەن. ئۆلۈمىگە بىرنەچچە كۈن قالغاندا، ئەيسا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئاخىرقى قېتىم ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن يېرۇسالىمغا بارغان. شۇ چاغدا، ئۇ شاگىرتلىرىغا: «كۆڭلۈم قاتتىق بىئارام بولۇۋاتىدۇ»،— دېگەن. كېيىن، يەھۋاغا دۇئا قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئاتا، ئىسىمىڭنى ئۇلۇغلىغىن!» يەھۋا بولسا، ئاسماندىن: «ئۇنى ئۇلۇغلىدىم ۋە يەنە ئۇلۇغلايمەن»— دەپ جاۋاب بەرگەنىدى.
15 ئەيسانىڭ شۇنچىلىك قاتتىق ئەنسىرىشىنىڭ سەۋەبى — ئۇ يەھۋاغا بولغان سادىقلىقىنى ساقلاپ قېلىشى كېرەك ئىدى. ئۇ رەھىمسىزلارچە قامچىلىنىپ، ئازابلىنىپ ئۆلىدىغانلىقىنى ئالدىن-ئالا بىلگەن (مەتتا 26:38). بىراق، ئەيسا ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى — ئاتىسىنىڭ ئىسىمىنى ئۇلۇغلاش بولغان. ئەيسا كۇپۇرلۇق قىلغۇچى دەپ ئەيىبلەنگەنلىكتىن، ئۇنىڭ ئۆلۈمى خۇداغا ھاقارەت ئېلىپ كېلىشتىن ئەنسىرىگەن. يەھۋا خۇدانىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندا، ئەيسا ئەمدى ئەنسىرىمەي، ئاتىسىنىڭ ئىسمى ئۇلۇغلىنىدىغانلىقىغا ئىشەنچىلىك بولغان. بۇ سۆزلەر ئەيساغا تەسەللىي بېرىپ، ئالدىدىكى سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىشكە كۈچ بەرگەن. بەلكىم، شۇ چاغدا يەھۋانىڭ سۆزلىرىنى پەقەت ئەيسا چۈشەنگەن. شۇنداق بولسىمۇ، يەھۋا بۇ سۆزلەرنى ھەممىمىز ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابقا يازدۇرغان.—يۇھاننا 12:29، 30.
16. نېمە ئۈچۈن بەزى ۋاقىتلاردا، يەھۋانىڭ ئىسىمىغا داغ كەلتۈرۈپ قويۇشتىن ئەنسىرىشىمىز مۇمكىن؟
16 ئەيساغا ئوخشاش، بىزمۇ يەھۋانىڭ ئىسىمىغا داغ كەلتۈرۈشتىن ئەنسىرىشىمىز مۇمكىن. بەلكىم، بىزمۇ ئادالەتسىزلىككە دۇچ كەلگەندىمىز ياكى قارشى چىققۇچىلارنىڭ بىز توغرۇلۇق تارقاتقان يالغان گەپلىرىنى ئاڭلاپ، تەشۋىشلەنگەندىمىز. بۇ گەپلەر يەھۋانىڭ ئىسىمىغا ۋە تەشكىلاتنىڭ نامىغا داغ تەگكۈزىدۇ دەپ ئويلىشىمىز مۇمكىن. شۇنداق ۋاقىتلاردا، يەھۋانىڭ ئەيساغا ئېيتقان سۆزلىرى بىزگە تەسەللىي بېرىدۇ. ھەددىدىن زىيادە ئەنسىرەشنىڭ كېرىكى يوق. مۇقەددەس كىتابتا: «خۇدانىڭ تىنچلىقى سىلەرنىڭ قەلبىڭلارنى ۋە ئوي-پىكىرىڭلارنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق قوغدايدۇ»،— دېگەن ۋەدە يېزىلغان (فىلىپى. 4:6، 7). يەھۋا ئۆز ئىسىمىنى ھەردائىم ئۇلۇغلايدۇ. خۇدا ئۆز پادىشاھلىقى ئارقىلىق شەيتان ۋە بۇ رەزىل دۇنيانىڭ ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرىگە كەلتۈرگەن زىيان-زەخمەتلىرىنى يوق قىلىدۇ.—زەبۇر 94:22، 23؛ يەشايا 65:17.
يەھۋاغا قۇلاق سېلىشنىڭ پايدىسى
17. يەشايا 30:21-ئايەتكە ئاساسەن، يەھۋا بۈگۈن بىز بىلەن قانداق سۆزلىشىدۇ؟
17 يەھۋا ھازىرمۇ بىز بىلەن سۆزلىشىدۇ (يەشايا 30:21-نى ئوقۇڭ). ئۇ بىزگە ئاسماندىن گەپ قىلمىسىمۇ، مۇقەددەس كىتاب ئارقىلىق كۆرسەتمىلەرنى بېرىدۇ. شۇنداقلا، يەھۋانىڭ مۇقەددەس روھى «سادىق باشقۇرغۇچى»نى بىزگە ئۆز ۋاقتىدا روھىي ئوزۇقنى بېرىشكە دەۋەت قىلىدۇ (لۇقا 12:42). بۈگۈنكى كۈندە تەمىنلەنگەن ھەرتۈرلۈك ماتېرىياللارنىڭ باسما نەشىرى ۋە تور بەت ئېلېكترونلۇق نەشىرى ھەم ئۈن-سىن نەشىرلىرى ئارقىلىق كۆپ روھىي ئۇزۇقلۇقلاردىن بەھرىمەن بولالايمىز.
18. يەھۋانىڭ سۆزلىرى سىزنى نېمىگە ئىشەندۈرىدۇ ۋە ئېتىقادىڭىزنى قانداق مۇستەھكەملەيدۇ؟
18 يەھۋانىڭ ئەيساغا ئېيتقان سۆزلىرىنى يادىمىزدا تۇتايلى. خۇدانىڭ مۇقەددەس كىتابتا يېزىلغان سۆزلىرى يەھۋانىڭ كۆزىدىن ھېچنەرسە چەتتە قالمايدىغانلىقىغا ئىشەندۈرىدۇ. شۇنداقلا، بۇ سۆزلەردىن شەيتان ۋە رەزىل دۇنيانىڭ خۇدا خەلقىگە كەلتۈرگەن بارچە زىيان-زەخمەتلىرىنى، خۇدانىڭ چوقۇم يوق قىلىدىغانلىقىنى بىلىمىز. يەھۋانىڭ ئاۋازىغا زەڭ قولاق سېلىشقا بەل باغلايلى. شۇنداق قىلساق، ھازىر ياكى كېلەچەكتە قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشىمىزدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنى يېڭەلەيمىز. مۇقەددەس كىتابتىكى: «خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنداپ، ئۇنىڭ ۋەدە قىلغانلىرىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، سەۋر-تاقەتلىك بولۇشۇڭلار كېرەك»،— دېگەن سۆزلەرنى دائىم ئەستە ساقلايلى.—ئىبرانىيلار 10:36.
22-ناخشا يەھۋا مېنىڭ پادىچىمدۇر
a ئەيسا يەردە بولغاندا، يەھۋا خۇدا ئۇنىڭغا ئۈچ قېتىم ئاسماندىن سۆزلىگەن. بىر قېتىم يەھۋا ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىنى ئۆز ئوغلىنىڭ سۆزىنى تىڭشاشقا بۇيرىغان. بۈگۈنكى كۈندە، يەھۋا خۇدا بىز بىلەن ئۆز سۆزى ۋە تەشكىلاتى ئارقىلىق سۆزلىشىدۇ. بۇنىڭغا ئەيسا ئۆگەتكەن تەلىملەرمۇ كىرىدۇ. بۇ ماقالىدە، يەھۋا بىلەن ئەيساغا قۇلاق سېلىشنىڭ پايدىسىنى كۆرۈپ چىقىمىز.
b سۈرەتتە: ئاقساقال خىزمەت ياردەمچىسىنىڭ ئىبادەت زالىنى تازىلاۋاتقانلىقىنى ۋە ماتېرىياللارنى رەتلەۋاتقانلىقىنى بايقان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى ماختاۋاتىدۇ.
c سۈرەتتە: سېررا-لېئوندىكى ئەر-ئايال بىر بېلىقچىنى جامائەت يىغىلىشىغا تەكلىپ قىلىۋاتىدۇ.
d سۈرەتتە: بىزنىڭ پائالىيىتىمىز مەنئىي قىلىنغان دۆلەتتە ئېتىقادداشلىرىمىز ئۆيدە يىغىلىش ئۆتكۈزىۋاتىدۇ. ئۇلار باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتماسلىق ئۈچۈن ئادەتتىكىدەك كىيىنگەن.