10-تەتقىق ماقالىسى
چۆمۈلدۈرۈلۈشىمگە نېمە توسقۇنلۇق قىلىدۇ؟
«ئۇ ھارۋىنى توختىتىشنى بۇيرۇدى. ھەر ئىككىسى، فىلىپ بىلەن ئەمەلدار چۈشۈپ، سۇغا كىردى ۋە فىلىپ ئۇنى چۆمۈلدۈردى».—ئەلچى. 8:38.
7-ناخشا يەھۋاغا ئۆزىنى بېغىشلاش
بۇ ماقالىدە a
1. ئادەم-ئاتا ۋە ھاۋا-ئانا نېمىدىن ئايرىلدى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى نېمە بولدى؟
نېمە ياخشى، نېمە يامان، بۇنىڭغا ئۆلچەمنى كىم بەلگىلىشى كېرەك؟ ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانا ياخشى بىلەن ياماننى تونۇتىدىغان دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېگەندە، يەھۋانى ۋە ئۇنىڭ ئۆلچەملىرىنى ھۆرمەتلىمىگەنلىكىنى ئېنىق كۆرسەتكەنىدى. ئۇلار نېمىنىڭ يامان، نېمىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىگە ئۆزلىرى ئۆلچەمنى بەلگىلەشنى تاللىغان (يارىت. 3:22). بىراق، ئۇلار نېمىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئويلاپ كۆرۈڭە. ئۇلار يەھۋا خۇدا بىلەن بولغان دوستلىقىدىن ۋە مەڭگۈ ياشاش پۇرسىتىدىن ئايرىلغان. ئادەم-ئاتا ۋە ھاۋا-ئانا ئەۋلاتلىرىغا گۇناھ بىلەن ئۆلۈمنى قالدۇردى (رىملىقلار 5:12). ئۇلارنىڭ قارارى قايغۇ-ھەسرەت ئېلىپ كەلدى.
2، 3. (1) فىلىپ ئېفىئوپىيىلىك ئەمەلدارغا ۋەز قىلغاندا، ئۇ نېمە قىلغان؟ (2) چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەنلەر قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشىدۇ ۋە بىز قايسى سوئاللارنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
2 فىلىپ ئېفىئوپىيىلىك ئەمەلدارغا ۋەز قىلغاندا، ئۇ ئادەم-ئاتا ۋە ھاۋا-ئانىغا تامامەن ئوخشىمايدىغان باشقىچە ھەرىكەت قىلغان. ئەمەلدار يەھۋا خۇدا بىلەن ئەيسانىڭ ئۇنىڭغا قىلغان ھەممە ياخشىلىقى ئۈچۈن مىننەتدار بولغانلىقتىن، دەرھال چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەنىدى (ئەلچى. 8:34—38). ھاياتىمىزنى خۇداغا بېغىشلاپ، شۇ ئەمەلدارغا ئوخشاش چۆمۈلدۈرۈلگەندە، بىزمۇ يەھۋا بىلەن ئەيساغا بارچە ياخشىلىقى ئۈچۈن مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىمىز. شۇنداقلا، يەھۋا خۇداغا تايىنىدىغانلىقىمىزنى ۋە نېمىنىڭ ياخشى، نېمىنىڭ يامان ئىكەنلىكىگە پەقەتلا ئۇ ئۆلچەم بەلگىلەيدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىمىز.
3 يەھۋاغا خىزمەت قىلىشتىن كېلىدىغان بەرىكەتلەر ھەققىدە ئويلاپ كۆرۈڭ. بىرىنچىدىن، ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانا ئايرىلغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئېرىشەلەيمىز، مەسىلەن مەڭگۈ ھايات كەچۈرەلەيمىز. بىز ئەيسا مەسىھكە ئىشەنگەنلىكتىن، خۇدا گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرۈپ، پاك ۋىجدانغا ئىگە بولىمىز (مەتتا 20:28؛ ئەلچى. 10:43). بۇنىڭدىن باشقا، بىز يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ دۇنياۋىي چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئەزاسى بولىمىز ھەم بىزنى گۈزەل كېلەچەك كۈتىدۇ (يۇھاننا 10:14—16؛ رىملىقلار 8:20، 21). بۇ بەرىكەتلەر ھەممىگە مەلۇم بولسىمۇ، بەزى ئادەملەر ئېفىئوپىيىلىك كىشىدەك جەسۇر ھەرىكەت قىلالمايدۇ. ئۇلارغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشكە نېمە توسالغۇلۇق قىلىدۇ؟ شۇ توسالغۇلارنى قانداق يېڭىشكە بولىدۇ؟
توسالغۇلار
4، 5. ئېۋېرى ۋە ھاھاننا ئىسىملىك ياشلار قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن؟
4 ئۆز-ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك. ئېۋېرى ئىسىملىك يىگىتنىڭ ئاتا-ئانىسى — يەھۋا گۇۋاھچىلىرى. ئۇنىڭ دادىسى — ئائىلىسىنىڭ كۆيۈمچان ھەم جامائەتتە ۋەزىپىلىرىنى ياخشى ئورۇنلايدىغان ئاقساقال بولغان. لېكىن، ئېۋېرى چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشتىن قورقىدۇ. نېمە سەۋەبتىن؟ ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن دادامدەك ياخشى بولالماي، ئۇنىڭ يۈزىنى يەرگە قارىتىشتىن قورقاتتىم». شۇنىڭ بىلەن ياش بۇرادىرىمىز كېلەچەكتە بېرىلىدىغان ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاش قولىدىن كەلمەيدۇ، دەپ ئويلىغان. ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ماڭا كۆپچىلىك ئالدىدا دۇئا قىلىش، نۇتۇق ئېيتىش ياكى ۋەزلىك ئۇچرىشىشنى ئۆتكۈزۈشنى تاپشۇرۇپ قالارمۇ دەپ ئەنسىرەتتىم».
5 18 ياشلىق ھاننا ئۆز-ئۆزىگە ھەرگىز ئىشەنمىگەن. ئۇ يەھۋاغا خىزمەت قىلىدىغان ئائىلىدە چوڭ بولسىمۇ، يەھۋانىڭ ئۆلچەملىرى بويىچە ھايات كەچۈرەلەيدىغانلىقىغا گۇمانلانغان. چۈنكى، ھاننا ئۆزى توغرۇلۇق تۆۋەن پىكىردە بولغان. بەزىدە ئۇ ئۆزىنى شۇنچىلىك يامان ھېس قىلغانكى، ھەتتا ئۆز-ئۆزىنى ئەتەي يارىلاندۇرغان. بىراق، بۇنىڭدىن ئۆزىنى تېخىمۇ ناچار ھېس قىلغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن بۇ قىلغانلىرىم ھەققىدە ھېچكىمگە ئېيتمىدىم، ھەتتا ئاتا-ئاناممۇ ھېچنەرسە بىلمەيتتى. ئۆزۈمنى زەخمىلەندۈرگەنلىكىم ئۈچۈن، يەھۋا ئۇنىڭ خىزمەتچىسى بولۇشۇمنى خالىمايدۇ دەپ ئويلىدىم».
6. چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتۈش ۋانېسسا ئۈچۈن نېمىشقا قىيىن بولغان؟
6 دوستلارنىڭ تەسىرى. 22 ياشلىق ۋانېسسا شۇنداق دېگەن: «كىچىكىمدىن بىلىدىغان بىر دوستۇم بار ئىدى. مەن ئۇنىڭ بىلەن ئون يىلدەك دوست بولغان ئىدىم». ئەمما دوستى ۋانېسسانىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈش مەقسىتىگە قارشى بولغان. بۇ ۋانېسساغا ئېغىر كەلگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ماڭا بىرسى بىلەن دوست بولۇش بەكمۇ قىيىن. ئەگەر دوستۇمدىن ئايرىلىپ قالسام، ھەرگىزمۇ باشقا دوست تاپالمايمەن دەپ ئەنسىرەيتتىم».
7. ماكايلا دېگەن قىز نېمىدىن قورققان ۋە نېمە ئۈچۈن؟
7 گۇناھ قىلىپ قويۇشتىن قورقۇش. ئاكىسى جامائەتتىن چىقىرىلغاندا، ماكايلا بەش ياشتا ئىدى. ئۇ ئاكىسىنىڭ قىلغانلىرى ئاتا-ئانىسىنىڭ كۆڭلىنى قانچىلىك ئاغرىتىدىغانلىقىنى ھەردائىم كۆرگەنىدى. «چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويسام، جامائەتتىن چىقىرىلىپ، ئاتا-ئانامنىڭ دەردىگە يەنە بىر دەرد قوشىمەن دەپ قورقتۇم»،— دەيدۇ ماكايلا.
8. مايلىس نېمىدىن قورققان؟
8 قارشىلىقتىن قورقۇش. مايلىس ئىسىملىك يىگىتنىڭ ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن. ئاتىسى بىلەن ئۆگەي ئانىسى يەھۋاغا خىزمەت قىلغان، بىراق ئۆز ئانىسى گۇۋاھچى ئەمەس ئىدى. مايلىس مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ: «مەن ئاپام بىلەن 18 يىل تۇردۇم. ئۇنىڭغا چۆمۈلدۈرۈلمەكچى بولغىنىمنى ئېيتىشقا پېتىنالمىدىم. سەۋەبى، دادام ھەقىقەتنى تونۇغاندا، ئاپامنىڭ قارشى بولغانلىقىنى كۆرگەنىدىم. شۇڭا، يەھۋا گۇۋاھچىسى بولىمەن دېسەم، ئۇ ماڭىمۇ قارشى چىقىشىدىن قورققان ئىدىم».
قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش
9. يەھۋانىڭ سەۋىرچانلىقى بىلەن مېھىر-مۇھەببىتى توغرۇلۇق بىلىش سىزنى نېمە قىلىشقا دەۋەت قىلىشى مۇمكىن؟
9 ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانا يەھۋاغا بولغان چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببىتىنى يېتىلدۈرمىگەن، شۇڭا ئۇنىڭغا خىزمەت قىلماسلىقنى قارار قىلغانىدى. شۇنداق بولسىمۇ، يەھۋا ئۇلارغا بالىلىق بولۇپ، ئۆز بالىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئۆلچەملىرى بويىچە تەربىيە بېرىشى ئۈچۈن يېتەرلىك ۋاقىت ياشىشىغا يول قويغان. ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانا چىقارغان قارارنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئۇلارنىڭ ئەخمەقلىقى ئېنىق كۆرۈنگەن. ئۇلارنىڭ تۇنجى ئوغلى قابىل بىگۇناھ ئىنىسى ھابىلنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ۋاقىت ئۆتۈپ پۈتۈن ئىنسانىيەتنى زوراۋانلىق ۋە شەخسىيەتچىلىك چىرماۋالغانىدى (يارىت. 4:8؛ 6:11—13). بۇنىڭغا قارىماستىن، يەھۋا ئۆزىگە خىزمەت قىلغۇسى كېلىدىغان ئادەملەرنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن يول ئاچقان (يۇھاننا 6:38—40، 57، 58). يەھۋا خۇدانىڭ سەۋىرچانلىقى بىلەن مېھىر-مۇھەببىتى توغرۇلۇق كۆپرەك بىلگەنسېرى، ئۇنى تېخىمۇ كۆپ ياخشى كۆرىدىغان بولىسىز. بەلكىم، شۇ چاغدا ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانا تاللىغان يول بىلەن ماڭماي، ئەكسىچە ھاياتىڭىزنى يەھۋاغا بېغىشلىغىڭىز كېلىدىغاندۇ.
10. زەبۇر 19:7دىكى سۆزلەر ھەققىدە ئويلىنىش يەھۋاغا خىزمەت قىلىشىمىزغا قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
10 يەھۋا خۇدا توغرۇلۇق داۋاملىق بىلىم ئېلىڭ. يەھۋانى يېقىنراق تونۇپ بىلگەنسېرى، ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىش قولۇڭىزدىن كېلىدىغانلىقىغا ئىشەنچىلىك بولىسىز. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئېۋېرى مۇنداق دېگەن: «زەبۇر 19:7-ئايەتتە (ئوقۇڭ) يېزىلغان ۋەدىنى ئوقۇپ ۋە ئۇ توغرۇلۇق چوڭقۇر ئويلىنىپ، ئۆز-ئۆزۈمگە ئىشىنىدىغان بولدۇم». يەھۋا ۋەدىسىنى قانداق ئورۇنلىغانلىقىنى كۆرگەندە، ئېۋېرىنىڭ خۇداغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتى تېخىمۇ كۈچەيدى. مېھىر-مۇھەببەت بىزنى ئۆزىمىزگە ئىشەنچىلىك قىلىپلا قويماي، ئەڭ ئاۋۋال يەھۋا ۋە ئۇنىڭ ئىرادىسى توغرۇلۇق ئويلاشقا ياردەم بېرىدۇ. ھاننا بولسا مۇنداق دەيدۇ: «مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇپ ئىزدەنگەندە بىر نەرسىنى چۈشەندىم. مەن ئۆزۈمنى يارىلاندۇرغاندا، يەھۋانىڭمۇ يۈرىكىنى يارىلايمەن» (1-پېتر. 5:7). ھاننا بىلگەنلىرىنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىپ، خۇدا سۆزىنىڭ «ئەمەلىي ئىجرا قىلغۇچى» بولغانىدى (ياقۇپ 1:22). بۇنىڭ نەتىجىسى قانداق بولغان؟ ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «يەھۋاغا ئىتائەت قىلىشنىڭ پايدىسىنى كۆرگەندە، ئۇنى تېخىمۇ كۆپ ياخشى كۆرۈشكە باشلىدىم. ئۇنىڭ ياردىمىگە موھتاج بولغاندا، ئۇ ماڭا چوقۇم يار-يۆلەك بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل». ھاننا ئۆزىنى زەخمىلەندۈرۈش ئادىتنى تاشلىغان. ئۇ ھاياتىنى يەھۋاغا بېغىشلاپ، چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتكەن.
11. ۋانېسسا ياخشى دوستلارنى تېپىش ئۈچۈن نېمە قىلغان ۋە بىز ئۇنىڭدىن قانداق ئۈلگە ئالساق بولىدۇ؟
11 ياخشى دوستلارنى تاللاڭ. ۋانېسسانىڭ دوستى ئۇنىڭ يەھۋاغا خىزمەت قىلىشىغا توسالغۇ بولغان. بۇنى چۈشەنگەندە، ئۇ دوستى بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنىدى. بۇنىڭ بىلەن چەكلىنىپ قالماي، يەنە ئۇ جامائەتتە دوستلارنى تېپىش ئۈچۈن كۈچ چىقارغان. ئۇنىڭغا نۇھ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئۈلگىسى ياردەم بەرگەن. «بۇ ئائىلە يەھۋانى ياخشى كۆرمىگەن ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا ياشىغان. لېكىن، ئۇلار بىر-بىرى بىلەن يېقىن ئارىلاشقان»،— دەيدۇ ۋانېسسا. ئۇ چۆمۈلدۈرۈلگەندىن كېيىن، پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىشنى باشلىغان. بۇ ئۇنىڭغا پەقەت ئۆزىنىڭ جامائىتىدە ئەمەس، باشقىمۇ جامائەتلەردىن ياخشى دوستلارنى تېپىشقا ياردەم بەرگەنىدى. سىزمۇ يەھۋا تاپشۇرغان ئىشقا مۇمكىنقەدەر كۆپرەك قاتناشسىڭىز، ياخشى دوستلارنى تاپالايسىز.—مەتتا 24:14.
12. ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانىغا قانداق قورقۇنچ كەم بولغان ۋە بۇنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولغان؟
12 خۇدادىن قورقۇشنى ئۆگىنىڭ. قورقۇنۇچنىڭ بەزى تۈرلىرى بىز ئۈچۈن پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، بىز خۇدانى رەنجىتىشتىن قورقۇشىمىز كېرەك (زەبۇر 111:10). ئەگەر ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانىدا شۇنداق قورقۇنچ بولغان بولسا، ئۇلار يەھۋادىن يۈز ئۆرمەيتتى. بىراق، ئۇلار يەھۋاغا قارشى چىققان. كېيىن، كۆزلىرى ئېچىلىپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن. ئەمدى ئۇلار بالىلىرىغا پەقەت گۇناھ ۋە ئۆلۈمنى قالدۇرالىغان. ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانا قانداق ئەھۋالغا چۈشكەنلىكىنى چۈشەنگەندە، يالىڭاچ ئىكەنلىكىدىن خىجىل بولۇپ، ئۆزلىرىنى ئەنجۈر يوپۇرمىقى بىلەن يېپىۋالغان.—يارىت. 3:7، 21.
13، 14. (1) 1-پېترۇس 3:21-ئايىتىگە ئاساسەن، نېمە ئۈچۈن ئۆلۈمدىن قورقماسلىقىمىز كېرەك؟ (2) يەھۋانى ياخشى كۆرۈشكە قانداق سەۋەبلەر بار؟
13 ئەلۋەتتە، بىز يەھۋانى رەنجىتىشتىن قورقۇشىمىز كېرەك، لېكىن ئۆلۈمدىن قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوق. يەھۋا بىزنىڭ مەڭگۈ ياشىشىمىزغا مۇمكىنچىلىك بەرگەن. گۇناھ قىلىپ قويساق، ئەمما چىن يۈرەكتىن توۋا قىلساق، يەھۋا بىزنى كەچۈرۈشكە تەييار. ئۇ بىزنى ئوغلىنىڭ تۆلەم قۇربانلىقىغا بولغان ئېتىقادىمىزنىڭ ئاساسىدا كەچۈرىدۇ. ئېتىقادىمىزنى كۆرسىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى — خۇداغا ئۆزىمىزنى بېغىشلاپ، چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈش.—1-پېترۇس 3:21-نى ئوقۇڭ.
14 بىزدە يەھۋانى ياخشى كۆرۈشكە كۆپ سەۋەبلەر بار. مەسىلەن، بىز ھەر كۈنى خۇشال بولۇشىمىز ئۈچۈن، ئۇ بىزگە ئاجايىپ نەرسىلەرنى سوۋغات قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ بىزگە ئۆزى ۋە ئۆز مەقسەتلىرى توغرۇلۇق ھەقىقەتنى ئۆگىتىدۇ (يۇھاننا 8:31، 32). بىزگە يول-يورۇق كۆرسىتىش ۋە يار-يۆلەك بولۇش ئۈچۈن، ئۇ جامائەتنى تەشكىل قىلغان. خۇدا ھازىرنىڭ ئۆزىدە «يۈكلىرىمىزنى كۆتەرمەكتە» ۋە كېلەچەكتە مۇكەممەل بولۇپ، مەڭگۈ ھاياتقا ئېرىشىش ئۈمىدىنى بېرىدۇ (زەبۇر 68:19؛ ۋەھىي. 21:3، 4). يەھۋا بىزگە قىلغان ھەممە ياخشىلىقى ھەققىدە ئويلىغاندا، بىز ئۇنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىمىز. يەھۋاغا بولغان مېھىر-مۇھەببەت ئۇنى چوڭقۇر ھۆرمەتلەشكە ۋە ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئاغرىتىدىغان ھەرقانداق ئىشتىن نېرى تۇرۇشقا دەۋەت قىلىدۇ.
15. ماكايلا گۇناھ قىلىپ قويۇش قورقۇنچىدىن قانداق قوتۇلغان؟
15 ماكايلا يەھۋانىڭ كەچۈرۈمچان ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەندە، گۇناھ قىلىپ قويۇشتىن قورقمايدىغان بولدى. ئۇ مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ: «ھەممىمىز كامىلسىز ۋە ئەيىبسىز ئادەم يوق. شۇنداق بولسىمۇ، يەھۋا بىزنى سۆيىدۇ. ئۇ بىزنى تۆلەم قۇربانلىقىنىڭ ئاساسىدا كەچۈرىدىغانلىقىنى چۈشەندىم». ماكايلانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئۇنى ھاياتىنى يەھۋاغا بېغىشلاپ، چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشكە دەۋەت قىلغان.
16. مايلىسقا ئانىسىنىڭ قارشى تۇرۇشىدىن قورقۇشنى يېڭىشىگە نېمە ياردەم بەرگەن؟
16 چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتۈشىگە ئانىسى قارشى چىقىدۇ، دەپ قورققان مايلىس رايۇنغا مەسئۇل ئاقساقالدىن مەسلىھەت سورىغان. «ئۇنىڭمۇ ئاپىسى يەھۋا گۇۋاھچىسى ئەمەس ئىكەن. ئۇ دادامنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئەمەس، ئۆز ئىختىيارىم بىلەن چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكۈم كېلىدىغانلىقىنى ئاپامغا قانداق چۈشەندۈرۈشكە بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئويلىنىشقا ياردەم بەردى»،— دەپ بۆلۈشتى مايلىس. ئانىسى ئۇنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈش قارارىنى ياقتۇرمىغانىدى. ئاخىرىدا مايلىسقا ئۆيدىن كېتىشكە توغرا كەلگەن. بىراق، ئۇ قارارىدىن قايتمىغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «يەھۋانىڭ مەن ئۈچۈن قىلغان ھەممە ياخشىلىقىنى بىلگەندە، يۈرىكىم مىننەتدارلىققا تولدى. ئەيسانىڭ تۆلەم قۇربانلىقى توغرۇلۇق ئويلانغاندا، يەھۋانىڭ مېنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا كۆزۈم يەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھاياتىمنى يەھۋاغا بېغىشلاپ، چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشنى قارار قىلدىم».
قارارىڭىزدا چىڭ تۇرۇڭ
17. ھەممىمىز نېمىنى ئىسپاتلىيالايمىز؟
17 ئېرەم بېغىدىكى دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېگەندە، ھاۋا-ئانا ئاسماندىكى ئاتىسىدىن ئۈز ئۆرۈپ، ئۇنىڭغا قارشى چىققان. ئادەم ئاتىمۇ ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ، يەھۋانىڭ ھەممە ياخشىلىقىنىڭ قەدرىگە يەتمەي، مىننەتدارلىقى يوق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن. ھەربىرىمىز ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىغا ئوخشىمايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىيالايمىز. بىز يەھۋاغا ھەممە ئىشلىرى ئۈچۈن مىننەتدار. چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتكەندە، بىز پەقەت يەھۋا نېمە ياخشى، نېمە يامان ئىكەنلىكىگە ئۆلچەم بەلگىلەيدىغان ھوقۇقى بارلىقىنى لىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز. شۇنىڭ بىلەن، ئاتىمىزغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە ئىشەنچىمىزنى ئىسپاتلايمىز.
18. يەھۋاغا خىزمەت قىلىشتا ئۇتۇق قازىنىش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟
18 بىز چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىنمۇ ئۆزىمىزنىڭ ئەمەس، بەلكى يەھۋانىڭ ئۆلچەملىرى بويىچە ياشاشنى داۋاملاشتۇرىمىز. مىليونلىغان ئادەملەر بۈگۈنكى كۈندە شۇنداق ياشاۋاتىدۇ. خۇدانىڭ سۆزى مۇقەددەس كىتابنى چۈشىنىشكە تىرىشسىڭىز، قېرىنداشلار بىلەن داۋاملىق ئارىلاشسىڭىز ۋە كۆيۈمچان ئاتىڭىز يەھۋا ھەققىدە باشقىلارغا ئېيتسىڭىز، سىزمۇ ئۇلارنىڭ قاتارىغا قوشۇلۇپ، بەختلىك ھايات كەچۈرەلەيسىز (ئىبرانىي. 10:24، 25). قارارلارنى چىقىرغاندا، يەھۋا خۇدانىڭ سىزگە مۇقەددەس كىتاب ۋە تەشكىلات ئارقىلىق بېرىدىغان مەسلىھەتلىرىگە قۇلاق سېلىڭ (يەشايا 30:21). شۇ چاغدا ھەممە ئىشىڭىزدا ئۇتۇق قازىنىسىز!—پەند. نە 16:3، 20.
19. نېمىنى تونۇپ يېتىش كېرەك ۋە نېمە ئۈچۈن؟
19 يەھۋانىڭ يول-يورۇقى بويىچە ھايات كەچۈرۈشنىڭ ئۆزىڭىزگە قانچىلىك پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتسىڭىز، ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ ئۆلچەملىرىگە بولغان سۆيگۈ-مۇھەببتىڭىز تېخىمۇ ئاشىدۇ. شۇ چاغدا، شەيتان يەھۋاغا خىزمەت قىلماسلىقىڭىز ئۈچۈن مەيلى قانداق ئىش-ھەرىكەت قىلسۇن، سىزنى خۇداغا خىزمەت قىلىشتىن توسۇپ قالالمايدۇ. تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ، مىڭ يىلدىن كېيىن، ئۆزىڭىزنىڭ دەسلەپتە خۇداغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشنى قارار قىلىپ ئەڭ ياخشى قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن بەكمۇ خۇشال بولىسىز!
27-ناخشا يەھۋا تەرەپتە تۇرۇڭلار!
a «چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتەيمۇ، ئۆتمەيمۇ؟» بۇ — ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم قارار. بۇنىڭ سەۋەبىنى مۇشۇ ماقالىدىن بىلىۋالىمىز. بۇ ماقالە چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتۈشتىن قورقىدىغانلارغا شۇ قەدەمنى بېسىشقا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان ئوي-پىكىرلەرنى يېڭىشكە ياردەم بېرىدۇ.
b سۈرەتتە: ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك. ياش يىگىت يىغىلىشتا جاۋاب بېرىشتىن خىجىل بولغاچقا، شەخسىي تەتقىق قىلىشنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاۋاتىدۇ.
c سۈرەتتە: دوستلار. ياش قېرىنداش گۇۋاھچى ئەمەس دوستى بىلەن كېتىۋېتىپ، باشقا قېرىنداشلارنى كۆرگەندە، خىجىل بولۇپ قالدى. لېكىن، ئۇ يەھۋا گۇۋاھچىسى بولۇشتىن پەخىرلىنىشنى ئۆگەندى.
d سۈرەتتە: گۇناھ قىلىشتىن قورقۇش. ئاكىسى جامائەتتىن چىقىرىلىپ، ئۆيدىن كەتكەندە، كىچىك قىزمۇ شۇنداق بولىمەن دەپ قورقتى. بىراق، خۇدا بىلەن دوستلۇقنى كۈچەيتىپ، كېيىن چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتتى.
e سۈرەتتە: قارشىلىق. گۇۋاھچى ئەمەس ئاپىسى تىكىلىپ قاراپ ئولتارغاندا، ياش بالا دۇئا قىلىشتىن قورقىدۇ. كېيىنرەك ئۇ غەيرەتكە تولۇپ، كۆز قارىشىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
f سۈرەتتە: قارشىلىق. ياش بالا غەيرەتكە تولۇپ، كۆزقارىشىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
g سۈرەتتە: ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك. ياش يىگىت شەخسىي تەتقىق قىلىشنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاۋاتىدۇ.
h سۈرەتتە: دوستلار. ياش قېرىنداش يەھۋا گۇۋاھچىسى بولۇشتىن پەخىرلىنىشنى ئۈگەندى.
i سۈرەتتە: گۇناھ قىلىشتىن قورقۇش. كىچىك قىز خۇدا بىلەن دوستلۇقنى كۈچەيتىپ، كېيىن چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتتى.