13-تەتقىق ماقالىسى
ۋەز خىزمىتىدە ئادەملەرنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىغا كۆڭۈل بۆلەيلى
«ئەيسا بىر توپ كىشىلەرنى كۆرۈپ، ئۇلارغا ئىچى ئاغرىدى… . شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئۇلارغا كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىتىشكە باشلىدى».—ماركۇس 6:34.
44-ناخشا خۇشاللىق بىلەن ھوسۇل يىغىش
بۇ ماقالىدە a
1. ئەيسانىڭ قايسى پەزىلىتى قەلبىمىزنى تەسەللىي تاپقۇزىدۇ؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
ئەيسا نامۇكەممەل ئادەملەرنىڭ قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ياخشى چۈشىنىدۇ. بۇنى بىلىش قەلبىمىزنى تەسەللىي تاپقۇزىدۇ. ئۇ يەر يۈزىدە بولغاندا، «خۇشال بولغانلار بىلەن بىللە خۇشال» بولۇپ، «يىغلىغانلار بىلەن بىللە» يىغلىغان (رىملىقلار 12:15). مەسىلەن، 70 شاگىرتى ۋەز قىلىپ، شاد-خۇرام قايتىپ كەلگەندە، ئەيسامۇ ئۇلار بىلەن خۇشال بولغان (لۇقا 10:17—21). دوستى لازارنىڭ ئۆلۈپ كەتكەندە، ئۇنىڭ تۇغقانلىرى بىلەن دوستلىرىنىڭ قاتتىق قايغۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئەيسا ئىچىدىن ئاھ ئۇرۇپ، كۆڭلى ئازابلانغان.—يۇھاننا 11:33.
2. ئەيسانى ئادەملەرگە ھېسداشلىق قىلىشقا نېمە دەۋەت قىلغان؟
2 ئەيسا مۇكەممەل بولسىمۇ، نامۇكەممەل ئادەملەرگە رەھىمدىللىق ۋە ھېسداشلىق كۆرسەتكەن. نېمە ئۇنى بۇنداق قىلىشقا دەۋەت قىلغان؟ ئەڭ ئاۋۋال، ئەيسا ئادەملەرنى ياخشى كۆرگەن. ئۆتكەن ماقالىدە ئېيتىلغاندەك، ئۇ «بولۇپمۇ ئىنسان ئوغۇللىرىدىن» سۆيۈنگەن (پەند. نە 8:31). ئۇنىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتى ئەيسانى ئادەملەرنىڭ قانداق ئويلايدىغانلىقىنى ياخشى چۈشىنىشكە دەۋەت قىلغان. ئەلچى يۇھاننا ئەيسا توغرۇلۇق: «ئۇ ئۆزى ئىنساننىڭ كۆڭلىدە نېمە بارلىقىنى بىلەتتى»،— دېگەنىدى (يۇھاننا 2:25). ئەيسانىڭ ئادەملەرگە ئىچى ئاغرىغان. ئۇلار ئۇنىڭ مېھرىبانلىقىنى ھېس قىلغان، شۇڭا پادىشاھلىق ھەققىدىكى خۇش خەۋەرگە قۇلاق سالغان. بىزمۇ ئۇنىڭدىن ئۈلگە ئېلىپ، ۋەز قىلغاندا ئادەملەرگە قانچىلىك كۆپ ھېسداشلىق قىلساق، ۋەز خىزمىتىمىز شۇنچىلىك نەتىجىلىك بولىدۇ.—2-تىموت. 4:5.
3، 4. (1) ئادەملەرگە ھېسداشلىق قىلساق، ۋەز خىزمىتىگە قانداق قارايمىز؟ (2) بۇ ماقالىدە نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
3 ئەلچى پاۋلۇسنىڭ خۇش خەۋەرنى ئېيتىش بۇرچى بولغان. بىزنىڭمۇ ۋەز قىلىش بۇرچىمىز بار (1-كورىنت. 9:16). لېكىن، بىز ئادەملەرنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىغا كۆڭۈل بۆلسەك، ۋەز خىزمىتىمىز بىز ئۈچۈن پەقەت بۇرچ بولۇپ قالمايدۇ. ئەكسىنچە، ئادەملەرگە چىن يۈرەكتىن ئىچىمىز ئاغرىغاچ ۋە ياردەم بېرىشنى خالىغاچ، ئۇلارغا ۋەز قىلىمىز. بىز«بەرمەك ئالماقتىنمۇ زور بەختتۇر» دېگەن سۆزلەرنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە كۆز يەتكۈزدۇق (ئەلچى. 20:35). مۇشۇ پرىنسىپنى ئەستە تۇتساق، خىزمەتتە كۆپرەك خۇشاللىق تاپىمىز.
4 بۇ ماقالىدە، ۋەز خىزمىتىدە ئادەملەرگە قانداق ھېسداشلىقنى قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز. ئاۋۋال ئەيسانىڭ ئۈلگىسىنى ۋە ئاندىن ئۇنىڭدىن ئۈلگە ئېلىشقا ياردەم بېرىدىغان تۆت مەسلىھەتنى كۆرۈپ چىقىمىز.—1-پېتر. 2:21.
ئەيسا خىزمەتتە مېھرىبانلىق كۆرسەتكەن
5، 6. (1) ئەيسا كىملەرگە ھېسداشلىق قىلغان؟ (2) يەشايا 61:1، 2-ئايەتلەردىكى بېشارەتكە ئاساسەن، نېمە ئۈچۈن ئەيسا ئادەملەرگە ئىچى ئاغرىتقان؟
5 ئەيسا باشقىلارغا قانداق كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ھەققىدە بىر مىسالنى كۆرۈپ باقايلى. بىر قېتىم ئۇ ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى تىنماي ۋەز قىلغانلىقتىن، قاتتىق ھېرىپ كەتكەن ئىدى. شۇ ۋاقىتتا «ئۇلارنىڭ ھەتتا تاماق يېيىشكە ۋاقتى يوق ئىدى». شۇ چاغدا ئەيسا شاگىرتلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، «جىمجىت بىر جايغا بېرىپ، بىر ئاز ئارام» ئېلىشقا كەتكەن. بىراق، خالايىق ئۇلارنىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكىنى بىلىۋېلىپ، شۇ يەردە ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرغان. ئەيسا ئالدىغا چىققان ئادەملەرنى كۆرگەندە، قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟ مۇقەددەس كىتاب مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارغا ئىچ ئاغرىدى. چۈنكى، ئۇلار پادىچىسى يوق قويلاردەك ئىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئۇلارغا كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىتىشكە باشلىدى».—ماركۇس 6:30–34 b.
6 ئەيسانىڭ ئادەملەرگە نېمە ئۈچۈن ئىچى ئاغرىغان؟ ئۇلار «پادىچىسى يوق قويلاردەك» كىشىلەر ئىكەنلىكىنى كۆرگەن. بەلكىم، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئائىلىسىنى بېقىش ئۈچۈن كۆپ تەر تۆكۈپ ئىشلىگەن كەمبەغەل كىشىلەر بولغان. ئېھتىمال يېقىنلىرىدىن ئايرىلىپ قايغۇرىۋاتقانلارمۇ بولغان. ئەيسا شۇ ئادەملەرنىڭ ھال-ئەھۋالىنى ياخشى چۈشەنگەن. سەۋەبى ئۆتكەن ماقالىدىن بىلگىنىمىزدەك، ئەيسامۇ شۇنداق قىيىنچىلىقلارنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەيسا باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكتىن، قايغۇ-ھەسرەت چەككەنلەرگە تەسەللىي بېرىشنى خالىغان.—يەشايا 61:1، 2-نى ئوقۇڭ.
7. ئەيسادىن قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟
7 ئەيسانىڭ ئۈلگىسىدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟ ئەيسانىڭ زامانىدىكىگە ئوخشاش، ھازىر كۈندە ھەم «پادىچىسى يوق قويلاردەك» ئادەملەر كۆپ. ئادەملەرنىڭ قىيىنچىلىقلىرى چاچتىن تولا. بىراق، بىزدە ئۇلار موھتاج نەرسە، يەنى پادىشاھلىق ھەققىدىكى خۇش خەۋەر بار (ۋەھىي. 14:6). بىز ئەيسانى ئۈلگە قىلىپ، «بىچارە ۋە كەمبەغەللەرگە ئىچ» ئاغرىتقاچ، خۇش خەۋەرنى جاكارلايمىز (زەبۇر 72:13). بىز ئادەملەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگىنىنىڭ ھەممىسىنى قىلىمىز.
ھېسداشلىقنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
8. ۋەز خىزمىتىدە ھېسداشلىق كۆرسىتىشنىڭ بىر ئۇسۇلى قانداق؟ مىسال بىلەن چۈشەندرۈڭ.
8 ۋەز خىزمىتىدە ئۇچرىتىدىغان ئادەملەرگە ھېسداشلىقنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟ بىز ئۆزىمىزنى ئۇلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ، ئادەملەرنىڭ ئوي-پىكىرلىرى بىلەن ھېس-تۇيغۇلىرىنى چۈشىنىشكە تىرىشىمىز. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بىزگە قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى خالىساق، ئۇلارغىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلىشقا ئىنتىلىمىز c (مەتتا 7:12). شۇنداق قىلىشنىڭ تۆت ئۇسۇلىنى قاراپ چىقايلى. بىرىنچى — ھەربىر كىشىنىڭ نېمىگە موھتاج ئىكەنلىكى ھەققىدە ئويلىنىش. ۋەز خىزمىتىنى دوختۇرنىڭ خىزمىتى بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ. ياخشى دوختۇر ھەربىر بېمارنىڭ ئېھتىياجلىرى ھەققىدە ئويلايدۇ. خۇلاسە چىقىرىشقا ئالدىرىماي، ئۇ ئاۋۋال سوئاللارنى قويۇپ، ئادەمنىڭ ئەھۋالىنى بىلىۋېلىشقا تىرىشىدۇ. دوختۇر دورىلارنى يېزىپ بېرىشتىن ياكى داۋالاشنى باشلاشتىن بۇرۇن، ئاغرىقنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن قوشۇمچە تەكشۈرۈش قىلىشقا ئەۋەتىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، بىزمۇ پەقەت بىر ۋەز قىلىش ئۇسۇلىنى قوللانمايمىز. ئەكسىچە، ھەربىر ئادەمنىڭ ئەھۋالىنى، كۆز قارىشىنى ئېتىبارغا ئېلىشقا تىرىشىمىز.
9. بىز نېمە دەپ ئويلىماسلىقىمىز كېرەك؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
9 خىزمەتتە ئادەملەر بىلەن سۆزلەشكەندە، ئۇنىڭ ھال-ئەھۋالىنى ياكى ئۇ نېمىگە ۋە نېمە ئۈچۈن ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلىمەن دەپ ئويلىماڭ (پەند. نە 18:13). ئۇنىڭ ئورنىغا سىلىق-سىپايىلىك بىلەن سوئاللارنى قويۇڭ (پەند. نە 20:5). ئەگەر مەدەنىيىتىڭىزدە كىشنى رەنجىتمىسە، ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشى، ئائىلىسى، ئىشى ئورنى ياكى كۆز قارىشى توغرۇلۇق سورىسىڭىز بولىدۇ. سوئال قويۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ ھازىر نېمىگە موھتاج بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىۋالىسىز. ھەمدە ئەيسا مەسىھكە ئوخشاش، كىشىلەرنىڭ موھتاجلىقلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلار تېگىشلىك ياردەم قولىڭىزنى سۇنالايسىز.—1-كورىنتلىقلار 9:19—23-نى سېلىشتۇرۇڭ.
10، 11. 2-كورىنتلىقلار 4:7، 8-ئايەتلەرگە ئاساسەن، ئادەملەرگە ھېسداشلىق قىلىشنىڭ ئىككىنچى ئۇسۇلى قانداق؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
10 ئىككىنچى — ئادەملەرنىڭ ئەھۋالى توغرۇلۇق ئويلاش. بىز ئادەملەرنىڭ ھال-ئەھۋالىنى چۈشىنەلەيمىز. سەۋەبى، نامۇكەممەل بولغانلىقتىن، ھەممىمىزنىڭ قىيىنچىلىقلىرى ئوخشاش (1-كورىنت. 10:13). بىز بىلىمىز، بۇ رەزىل دۇنيادا ھايات كەچۈرۈش بەك قىيىن بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، پەقەت يەھۋا خۇدانىڭ ياردىمى بىلەنلا بىز قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيمىز (2-كورىنتلىقلار 4:7، 8-نى ئوقۇڭ). لېكىن، يەھۋا خۇدا بىلەن يېقىن دوستلۇق مۇناسىۋەتتە بولمىغان ئادەملەر ئۈچۈن بۇ دۇنيادا ھايات كەچۈرۈشىنىڭ قانچىلىك مۇشكۈل بولۇۋاتقانلىقىنى ئويلاپ كۆرۈڭ. ئەيساغا ئوخشاش، بىزنىڭمۇ ئۇلارغا ئىچىمىز ئاغرىيدۇ. شۇڭا، ئۇلارغا «ياخشلىق ھەققىدە خۇش خەۋەرنى ئېلىپ» كېلىمىز.—يەشايا 52:7.
11 سېرگېي ئىسىملىك بۇرادەرنىڭ مىسالىنى كۆرەيلى. ئۇ ھەقىقەتنى تونۇشتىن بۇرۇن ناھايىتى ئۇياتچان بولۇپ، ئۆز ئوي-پىكىرىنى ئەركىن ئىپادىلىيەلمەيتتى. كېيىن، ئۇ مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشنى باشلىغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مۇقەددەس كىتابتىن ھەربىر مەسىھىي ئېتىقادى ھەققىدە ۋەز قىلىش كېرەكلىكىنى چۈشىنىپ يەتتىم. لېكىن، مەن بۇنى قىلالمايمەن دەپ ئويلىدىم». شۇنداق بولسىمۇ، سېرگېي ھەقىقەتنى بىلمەيدىغان ئادەملەر توغرۇلۇق ئويلاپ، يەھۋا خۇداسىز ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى قانچىلىك ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلگەن. ئۇ يەنە: «ئۆگەنگەنلىرىم مېنى خۇشال قىلىپ، ماڭا جان ئاراملىقى بەرگەن، شۇڭا باشقىلارمۇ ھەقىقەتنى ئاڭلاشقا موھتاج ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم». سېرگېينىڭ ئادەملەرگە ئىچى ئاغرىغاچ، ئۇ قورقۇنچىنى يېڭىپ، جەسۇرلۇق بىلەن ۋەز قىلىشقا باشلىغان. «قىزىقارلىق يېرى شۇكى، باشقىلارغا مۇقەددەس كىتاب توغرۇلۇق ئېيتقاندا، ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچىم كۈچىيىپ، ھەقىقەت يۈرىكىمدە چوڭقۇر يىلتىز تارتىشقا باشلىغان»،— دەپ سۆزىنى تاماملىدى سېرگېي d.
12، 13. ۋەز خىزمىتىدە ئادەملەرگە سەۋر-تاقەتلىك بولۇشىمىز كېرەك؟ مىسال بىلەن چۈشەندۈرۈڭ.
12 ئۈچىنچى — سەۋر-تاقەتلىك بولۇش. بىز ياخشى بىلىدىغان مۇقەددەس كىتابتىكى بەزى تەلىملەر ئادەملەرگە نامەلۇم. ئۇلار ئىشىنىدىغان نەرسىلەر، ئۇلارنىڭ قەلبىگە سىڭىپ كەتكەن. نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ دىنىي كۆز قارىشى ئۇلارنىڭ ئائىلىسى، مەدەنىيىتى ھەم يۇرتى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق. بىز شۇنداق ئادەملەرگە قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟
13 ئۆرۈلۈپ كېتەي دېگەن كونا كۆۋرۈكنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ. ئادەملەر يېڭىسىنى سالمىغىچە، كونا كۆرۈكنى بۇزمايدۇ ۋە ئۇنى ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. پەقەت يېڭى كۆرۈكنى سېلىپ بولغاندىن كېيىنلا، كونىسىنى بۇزۇۋېتىدۇ. دەل شۇنداق، ئادەملەرگە كاللىسىغا سېڭىپ كەتكەن كۆز قاراشلىرىدىن ۋاز كېچىشنى ئېيتىشتىن ئاۋۋال، ئۇلارغا يېڭى ھەقىقەتلەرنى ياكى ئىلگىرى ھېچقاچان ئاڭلىمىغان مۇقەددەس كىتابتىكى تەلىملەرنى قوبۇل قىلىشقا ياردەم بېرىشىمىز كېرەك. شۇ چاغدىلا، ئۇلار بۇرۇنقى كۆز قارىشىدىن ۋاز كېچىشكە تەييار بولىدۇ. ئادەملەرنىڭ ئۆزگۈرۈشلەرنى قىلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ۋاقىت كېرەكلىكىنى ئۇنتۇمايلى.—رىملىقلار 12:2.
14، 15. يەر يۈزىدىكى جەننەتتە ياشاش ئۈمىدى توغرۇلۇق بىلمەيدىغان ئادەملەرگە قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
14 ئەگەر بىز خىزمەتتە سەۋرچان بولساق، ئادەملەر تۈنجى قېتىم مۇقەددەس كىتاب ھەقىقەتنى ئاڭلاپ، دەرھال چۈشىنىپلا ئۇنى قوبۇل دەپ كۈتمەيمىز. ئەكسىنچە، بىز ئۇلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ، يازمىلارغا ئاساسلىنىپ بىر مەزگىل ئويلىنىشىغا ياردەم بېرىمىز. بۇ ۋاقىت تەلەپ قىلىدۇ. مەسىلەن، يەر يۈزىدىكى جەننەتتە مەڭگۈ ياشاش ئۈمىدىنى ئالايلى. ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسى بۇ تەلىم توغرۇلۇق ھېچقاچان ئاڭلىمىغان. ئۇلارنىڭ ئويىچە، ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ تىرىلىشى مۇمكىن ئەمەس. ياكى بولمىسا، ياخشى ئادەملەر ئاسمانغا چىقىپ كېتىدۇ دەپ ئويلىشى مۇمكىن. شۇنداق ئادەملەرگە قانداق ياردەم بەرسەك بولىدۇ؟
15 بىر قېرىنداشنىڭ ۋەز قىلىش ئۇسۇلىنى كۆرۈپ چىقايلى. ئەڭ ئاۋۋال، ئۇ ئادەمگە يارىتىلىش 1:28-ئايەتنى ئوقۇپ بېرىدىكەن. كېيىن ئۇنىڭدىن: «خۇدا ئادەملەرنىڭ قەيەردە ۋە قانداق شارائىتتا ياشىشىنى خالىغان؟»— دەپ سورايدىكەن. كۆپۈنچە ئادەملەر: «يەر يۈزىدە، ياخشى شارائىتتا ياشىشىنى خالىغان»،— دەپ جاۋاب بەرگەن. كېيىن بۇرادەر يەشايا 55:11-ئايەتنى ئوقۇپ: «خۇدانىڭ ئىرادىسى ئۆزگەردىمۇ؟»— دېگەن سوئالنى قويغان. ئادەتتە ئادەملەر ئۆزگەرمىگەنلىكىنى ئېيتقان. شۇ چاغدا، ئۇ زەبۇر 37:10، 11-ئايەتنى ئوقۇپ، ئادەملەرنى كېلەچەكتە نېمىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى سورىغان. مۇقەددەس كىتابتىكى ئايەتلەر ئاساسىدا ئوي-پىكىر يۈرگۈزۈش ئارقىلىق بۇ بۇرادەر بىرنەچچە ئادەمگە خۇدانىڭ ئىرادىسىنى چۈشىنىشكە، يەنى خۇدا ياخشى ئادەملەرنىڭ يەر يۈزى جەننەتتە مەڭگۈ ياشىشىنى خالايدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىشىگە ياردەم بېرەلىگەن.
16، 17. پەندى-نەسىھەت 3:27-ئايەتكە ئاساسەن، ھېسداشلىقنى كۆرسىتىشنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى قانداق؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
16 تۆتىنچى — ياردەم بېرىش مۇمكىنچىلىكىنى قولدىن چىقارماسلىق. ئۆي ئېگىسىگە قولايسىز ۋاقىتتا كەلدۇق دەيلى. شۇ چاغدا ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سوراپ، باشقا كۈنى كېلىدىغانلىقىمىزنى ئېيتساق بولىدۇ. ئۇنىڭغا ياردەم كېرەك بولسىچۇ؟ ياكى بولمىسا، ئۆيدىن چىقالمايدىغان ئادەمنى ئۇچرىتىپ، ئۇنىڭغا ئوزۇق-تۈلۈك ياكى دورا سېتىۋېلىشقا ياردەم كېرەك بولسىچۇ؟ شۇنداق ۋەزىيەتلەردە ئادەمگە ياردەم قولىنى سۇنۇش پۇرسىتىنى قولىمىزدىن چىقارمايلى.—پەندى-نەسىھەت 3:27-نى ئوقۇڭ.
17 بىر قېرىنداش بىلەن بولغان ۋەقەنى كۆرۈپ چىقايلى. ئۇ بەك ئاددىي، بىراق ناھايىتى مۇھىم ياخشىلىقنى قىلىپ، بۇنىڭ ياخشى نەتىجىسىنى كۆرگەنىدى. ئۇ بالىسى توغۇلۇپلا، ئۆلۈپ كەتكەن بىر ئەر-ئايالغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇلارغا خەت يازغان. خېتىدە يازمىلاردىن ئېلىنغان تەسەللىي بېرىدىغان سۆزلەرنى يازغانىدى. بۇ خەت شۇ ئەر-ئايالغا قانداق تەسىر قىلغان؟ قەلبى قايغۇ-ھەسرەتتە تولغان ئايال خەتكە مۇنداق جاۋاب قايتۇرغان: «تۈنۈگۈن مەن ئۈچۈن قاتتىق ئېغىر قايغۇلۇق كۈن بولغانىدى. خېتىڭىز دەردىمىزگە دەرمان بولغانلىقىنى سۆز بىلەن ئىپادىلەش ماڭا بەك قىيىن. تۈنۈگۈن خېتىڭىزنى كەم دېگەندە 20 قېتىم ئوقۇپ چىقتىم. يازغان سۆزلىرىڭىزدىن شۇنچىلىك ئىللىقلىق، غەمخورلۇقنى سەزدىم. ئۇ بىزگە ھەقىقەتەن كۆپ تەسەللىي بەردى. سىزگە چىن قەلبىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز». شەك-شۈبھىسىزكى، بىزمۇ ئازاب چېكىۋاتقان ئادەملەرنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى چۈشىنىشكە تىرىشىپ، قولىمىزدىن كەلگىنىچە ياردەم بەرسەك، بىزمۇ بۇنىڭ مول بەرىكىتىنى كۆرىمىز.
تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاڭ
18. 1-كورىنتلىقلار 3:6، 7-ئايەتلەردە يېزىلغاندەك، نېمىنى ئەستە تۇتۇشىمىز كېرەك؟
18 ۋەز خىزمىتىدە بۇنى ئەستە ساقلىشىمىز كېرەك: ئادەملەرگە خۇداغا يېقىنلىشىشقا ياردەم بەرسەكمۇ، بۇ ئىشتىكى ئەڭ مۇھىم رولنى ئورۇندايدىغان بىز ئەمەس (1-كورىنتلىقلار 3:6، 7-نى ئوقۇڭ). ئادەملەرنى ھەقىقەتكە جەلپ قىلىدىغان ياراتقۇچى يەھۋا (يۇھاننا 6:44). ئاخىرقى قارارنى ھەربىر ئادەم ئۆزى چىقىرىدۇ. دېمەك، ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىش-قىلماسلىق شۇ ئادەمنىڭ قەلبىدە نېمە بارلىقى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق (مەتتا 13:4—8). ئەيسا تارىختىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئۇستاز بولسىمۇ، كۆپ ئادەملەر ئۇنى تىڭشىمىغان. شۇڭا، ئادەملەر خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلمىسا، كۆڭلىمىز سوۋۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.
19. ۋەز خىزمىتىدە ئادەملەرگە ھېسداشلىق قىلساق، قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشىمىز؟
19 ۋەز خىزمىتىدە ئادەملەرگە ھېسداشلىق قىلساق، كۆپ بەرىكەتلەرگە ئېرىشىمىز. مەسىلەن، ۋەز قىلىشتىن خۇشاللىق تاپىمىز. شۇنداقلا باشقىلارغا بەرگەنلىكتىن، ئۆزىمىزنى بەختلىك سېزىمىز ۋە «مەڭگۈلۈك ھاياتقا يېتەكلەيدىغان ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشقا مايىل كىشىلەرنىڭ» شۇ خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلىشىغا ياردەم بېرىمىز (ئەلچى. 13:48). شۇڭا، «بىزدە پۇرسەت بار ئىكەن، ھەممىسىگە، … ياخشىلىق قىلايلى» (گالاتىيا. 6:10). شۇ چاغدا، ئاسماندىكى ئاتىمىزغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈپ، قەلبىمىز شاد-خۇراملىققا تولىدۇ!—مەتتا 5:16.
141-ناخشا تىنچلىق دوستلىرىنى ئىزدەيمىز
a ۋەز خىزمىتىدە ئادەملەرنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىغا كۆڭۈل بۆلسەك، خىزمەتتە كۆپرەك خۇشاللىق تاپالايمىز ۋە كۆپرەك كىشىلەر خۇشخەۋەرنى ياخشىراق تىڭشىشى مۇمكىن. بۇ ماقالىدە بىز ئەيسانىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىنى ئۆگىنىشكە بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز ھەم ۋەز خىزمىتىدە ئادەملەرگە ھېسداشلىق قىلىشنى ئۆگىنىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز تۆت مەسلىھەتكە دىققەت ئاغدۇرىمىز.
b سۆز-ئىبارە مەنىسى: ئىچى ئاغرىش. بۇ ئايەتتىكى «ئىچى ئاغرىش» دېگەن سۆز ئازاب چېكىۋاتقانلارغا ياكى خورلۇققا ئۇچرىغانلارغا رەھىمدىل بولۇش ۋە ھېسداشلىق قىلىشنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ھېس-تۇيغۇ ئادەمنى باشقىلارغا قولدىن كېلىشىچە ياردەم بېرىشكە دەۋەت قىلىدۇ.
c «كۈزىتىش مۇنارى» (ئىنگل.) 2014-يىل، 15-ماي سانىدىكى «ۋەز خىزمىتىدە «ئالتۇن قائىدىگە» ئەمەل قىلايلى» دېگەن ماقالىگە قاراڭ.