12-تەتقىق ماقالىسى
مېھىر-مۇھەببەت ئۆچمەنلىككە بەرداشلىق بېرىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ
«سىلەرگە ئەمر قىلىمەنكى: سىلەر بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار. ئەگەر بۇ دۇنيا سىلەردىن نەپرەتلەنسە، سىلەردىن ئاۋۋال مەندىن نەپرەتلەنگەنلىكىنى بىلىڭلار».—يۇھاننا 15:17، 18.
154-ناخشا ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرىمىز
بۇ ماقالىدە a
1. مەتتا 24:9-ئايەتكە ئاساسەن، دۇنيا بىزنى ئۆچ كۆرسىمۇ، نېمە ئۈچۈن بىز ھەيران قالماسلىقىمىز كېرەك؟
يەھۋا بىزنى باشقىلارنى سۆيۈش ۋە باشقىلار تەرىپىدىن سۆيۈلۈش ئۈچۈن ياراتقان ئىدى. ئەگەر بىرسى بىزنى ئۆچ كۆرسە، بىزنىڭ كۆڭلىمىز ئاغرىشى، ھەتتا قورقۇشىمىز مۇمكىن. ياۋروپادا ياشايدىغان جورجىنا ئىسىملىك قېرىنداش مۇنداق دەيدۇ: «مەن 14 ياشتا بولغاندا، يەھۋاغا خىزمەت قىلغىنىم ئۈچۈن ئاپام مېنى ئۆچ كۆرگەن. مەن ئۆزۈمنى يالغۇز، ھۆرمەتكە لايىق ئادەم ئەمەستەك ھېس قىلدىم» b. دانىلو ئىسىملىك بۇرادەر مۇنداق يازغان: «ئەسكەرلەر مەن يەھۋا گۇۋاھچىسى بولغانلىقىم ئۈچۈن ئۇرۇپ ھاقارەتلىگەندە، مەن ئۆزۈمنى خورلانغاندەك ھېس قىلىپ، بەك قورقۇپ كەتتىم». بۇنداق ئۆچمەنلىك كىشىنى قاتتىق ئازابلىسىمۇ، لېكىن ئۇ بىزنى ھەيران قالدۇرمايدۇ. چۈنكى، ئەيسا بۇ توغرۇلۇق ئالدىن-ئالا ئېيتقان.—مەتتا 24:9-نى ئوقۇڭ.
2، 3. نېمە ئۈچۈن بۇ دۇنيا مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنى ئۆچ كۆرىدۇ؟
2 بۇ دۇنيا ئەيسا مەسىھنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى ئۆچ كۆرىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، بىز ئەيسا مەسىھكە ئوخشاش مۇشۇ دۇنياغا مەنسۇپ ئەمەس (يۇھاننا 15:17—19). گەرچە ئىنسانىي ھۆكۈمەتلەرنى ھۆرمەتلىسەكمۇ، ئۇلارغا چوقۇنۇشنى رەت قىلىمىز، يەنى ئۇلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بايراقلارغا سالام بېرىپ، دۆلەت شېئىرلىرىنى ئېيتمايمىز. قەتئىي سىياسىي بىتەرەپلىكنى ساقلايمىز. پەقەت يەھۋا خۇداغىلا ئىبادەت قىلىمىز. شەيتان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادى يەھۋانىڭ ئىنسانىيەت ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقىغا قارشى چىقىدۇ. بىراق، بىز خۇدانىڭ ھوقۇقىنى قەتئىي قوللاپ-قۇۋۋەتلەيمىز (يارىت. 3:1—5، 15). بىز ئىنسانىيەتنىڭ يالغۇز ئۈمىدى بولغان خۇدا پادىشاھلىقى ۋە بۇ پادىشاھلىققا قارشى چىققۇچىلارنىڭ ھەممىسى يوق قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەرنى جاكارلايمىز (دانىيال 2:44؛ ۋەھىي. 19:19—21). بۇ يۇۋاش ئادەملەر ئۈچۈن خۇش خەۋەر، رەزىل ئادەملەر ئۈچۈن يامان خەۋەر.—زەبۇر 37:10، 11.
3 بۇ دۇنيا بىزنى خۇدانىڭ ھەققانىي ئۆلچەملىرىگە ماس ھايات كەچۈرۈۋاتقىنىمىز ئۈچۈنمۇ ئۆچ كۆرىدۇ. مۇشۇ دۇنيانىڭ چىرىك ئەخلاقىي ئۆلچەملىرى يەھۋا خۇدانىڭ ئۆلچەملىرىدىن بەكمۇ پەرقلىنىدۇ. مەسىلەن، بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن ئادەملەر خۇدا ۋەيران قىلغان سودوم ۋە گومورا شەھىرىدىكى تۇرغۇنلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشىغا ئوخشاش يىرگىنىچلىك ئەخلاقسىز ئىش-ھەرىكەتلەرنى ئوچۇق ئاشكارە قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدۇ (يەھۇدا 7). بىز بۇ دۇنيادىكى ئەخلاقسىز ئىشلارنى رەت قىلىپ، مۇقەددەس كىتابنىڭ ئۆلچەملىرىگە ماس ھايات كەچۈرۈۋاتقاچقا نۇرغۇن ئادەملەر بىزنى مەسخىرە قىلىدۇ ھەم كالىسى ئېچىلمىغان ئادەملەر دەپ ئويلايدۇ.—1-پېتر. 4:3، 4.
4. ئادەملەر بىزنى ئۆچ كۆرگەندە، قانداق پەزىلەتلەر بىزگە ياردەم بېرىدۇ؟
4 ئادەملەر بىزنى ئۆچ كۆرۈپ ھاقارەتلىگەندە، بىزگە نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟ يەھۋا خۇدانىڭ بىزگە ياردەم بېرىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەنچ قىلىشىمىز كېرەك. ئىشەنچىمىز قالقانغا ئوخشاش شەيتاننىڭ ئوتلۇق ئوقلىرىدىن بىزنى ھىمايە قىلىدۇ (ئەفەس. 6:16). بىزگە ئىمان-ئېتىقادتىن باشقا مېھىر-مۇھەببەت كېرەك. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، مېھىر-مۇھەببەت ئاچچىقلانمايدۇ، ھەممىگە بەرداشلىق بېرىدۇ ۋە چىداملىق بولىدۇ (1-كورىنت. 13:4—7، 13). كېلىڭلار، ھازىر يەھۋا خۇداغا، ئېتىقادداشلىرىمىزغا، ھەتتا دۈشمەنلىرىمىزگە بولغان مېھىر-مۇھەببەت ئۆچمەنلىككە بەرداشلىق بېرىشىمىزگە قانداق ياردەم بېرىدىغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
يەھۋاغا بولغان مېھىر-مۇھەببەت
5. ئەيسانىڭ يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتى ئۇنىڭغا قانداق ياردەم بەرگەن؟
5 دۈشمەنلەر ئەيسانى ئۆلتۈرمەكچى بولغان كەچتە، ئۇ سادىق ئەگەشكۈچىلىرىگە مۇنداق دەپ ئېيتقان: «دۇنيا مېنىڭ ئاتامنى سۆيىدىغانلىقىمنى بىلسۇن دەپ، ئاتام ماڭا بۇيرۇغاندەك قىلىۋاتىمەن» (يۇھاننا 14:31). ئەيسانىڭ يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتى ئۇنىڭغا دۇچ كېلىدىغان ئېغىر سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىشكە ياردەم بەرگەن. يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزمۇ بىزگە شۇنداق ياردەم بېرىدۇ.
6. رىملىقلار 5:3—5-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى دۇنيانىڭ ئۆچمەنلىكىگە دۇچ كەلگەندە، بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ؟
6 خۇداغا بولغان كۈچلۈك سۆيگۈ-مۇھەببەت خۇدا خىزمەتچىلىرىنىڭ زىيانكەشلىككە بەرداشلىق بېرىشىگە دائىم ياردەم بېرىدۇ. مەسىلەن، يەھۇدىيلارنىڭ يوقىرى ھوقۇقلۇق ئالىي سوتى ئەلچىلەرگە ۋەز ئېيتىشنى توختىتىشنى بۇيرىغاندا، خۇداغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتى ئۇلارنى ئىنسانغا ئەمەس، خۇداغا بويسۇنۇشقا دەۋەت قىلغان (ئەلچى. 5:29؛ 1-يۇھاننا 5:3). بۈگۈنكى كۈندە رەھىم-شەپقەتسىز ۋە كۈچلۈك ھۆكۈمرانلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە دۇچ كەلگەن قېرىنداشلىرىمىزغا ئۇلارنىڭ خۇداغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتى سادىقلىقنى ساقلاپ قېلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. بىز ئۈمىدسىزلىككە پېتىپ قېلىشنىڭ ئورنىغا، بۇ دۇنيانىڭ ئۆچمەنلىكىگە سەۋر-تاقەت بىلەن بەرداشلىق بېرىشنى شان-شەرەپ، دەپ قارايمىز.—ئەلچى. 5:41؛ رىملىقلار 5:3—5-نى ئوقۇڭ.
7. ئائىلە ئەزالىرىمىز قارشىلىق كۆرسەتكەندە، بىز قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشىمىز كېرەك؟
7 ئائىلە ئەزالىرىمىزنىڭ قارشىلىقى ئەڭ ئېغىر سىناقلارنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن. بىز يەھۋا خۇدا توغرىسىدا بىلىم ئېلىشنى باشلىغاندا، ئائىلە ئەزالىرىمىزدىن بەزىلىرى بىزنى خاتا يولغا مېڭىۋاتىدۇ، دەپ ئويلىشى مۇمكىن. باشقىلىرى بولسا، بىزنى ئەقلىدىن ئاداشقان، دەپ ئويلايدۇ (ماركۇس 3:21-نى سېلىشتۇرۇڭ). ئۇلار ھەتتا زوراۋانلىق قىلىش ئارقىلىق قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىشى مۇمكىن. شۇنداق قارشىلىقلار بىزنى ھەيران قالدۇرماسلىقى كېرەك. ئەيسا: «ئادەمنىڭ داشمەنلىرى ئۆز ئائىلسىدىكى كىشىلەر بولىدۇ»،— دەپ ئېيتقان (مەتتا 10:36). ئەلۋەتتە، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىز بىزگە قانداق مۇئامىلە قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارغا دۈشمەنلىرىمىزدەك مۇئامىلە قىلمايمىز. ئەكسىنچە، يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىز كۈچەيگەنسېرى، ئادەملەرگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىز تېخىمۇ ئۆسىدۇ (مەتتا 22:37–39). باشقا بىر ئىنساننىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن بىز مۇقەددەس كىتاب قانۇنلىرى ۋە پرىنسىپلىرىغا بويسۇنۇشنى ھېچقاچان توختاتمايمىز.
8، 9. بىر قېرىنداشقا قاتتىق قارشىلىققا بەرداشلىق بېرىشكە نېمە ياردەم بەرگەن؟
8 يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان جورجىنا ئاپىسىنىڭ قارشىلىقىغا بەرداشلىق بېرەلىگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئاپام ئىككىمىز يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بىلەن بىللە مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشنى باشلىدۇق. بىراق، ئالتە ئايدىن كېيىن، مەن جامائەت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىشنى خالىغاندا، ئاپامنىڭ كۆز قارىشى تامامەن ئۆزگەردى. مەن ئاپامنىڭ ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرگەنلەر بىلەن ئارىلاشقانلىقىنى ۋە ئۇ مېنىڭ بىلەن پاراڭلاشقاندا، ئۇلارنىڭ يالغان ئەيىبلەشلىرىنى ئىشلەتكەنلىكىنى بايقىدىم. ئۇ يەنە مېنى ھاقارەتلىگەن، چاچلىرىمنى يۇلغان، گېلىمنى سىققان ۋە كىتاب-ژۇرناللىرىمنى تاشلاۋەتكەن. مەن 15 ياشقا كىرگەندە، چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتتۈم. ئاپام مېنى زەھەر چەككەن ۋە جىنايەت ئۆتكۈزگەن ئۆسمۈرلەرگە ياردەم بېرىدىغان جايغا ئەۋەتىش ئارقىلىق يەھۋاغا خىزمەت قىلىشىمنى توختىتىشقا ئۇرۇنغان. بولۇپمۇ، سىزنى سۆيۈشى ۋە غەمخورلۇق قىلىشى كېرەك بولغان ئىنسانلارنىڭ شۇنداق قارشىلىقلىرىغا بەرداشلىق بېرىش ئاسان ئەمەس».
9 شۇنداق ئېغىر ئەھۋالدا بولغان جورجىناغا نېمە ياردەم بەرگەن؟ ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئاپام قارشى چىققان كۈنى، مەن مۇقەددەس كىتابنى ئەمدىلا پۈتۈنلەي ئوقۇپ تۈگەتكەن ئىدىم. شۇ چاغدا ھەقىقەتنى تاپقىنىمغا ئىشەنچىم كامىل بولغان ۋە ئۆزۈمنى يەھۋاغا بەك يېقىن ھېس قىلغان ئىدىم. مەن ئۇنىڭغا دائىم دۇئا قىلدىم ۋە ئۇ مېنى تىڭشىدى. ئاپام مېنى ئەۋەتىۋەتكەن جايدا تۇرغاندا، بىر قېرىنداش مېنى ئۆز ئۆيىگە تەكلىپ قىلىدى ۋە ئۇنىڭ بىلەن مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلدىم. شۇ مەزگىلدە جامائەتتىكى دوستلار ياردەم قولىنى سۇنۇپ، يار-يۆلەك بولدى. ئۇلار ماڭا ئۆز ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسىدەك قارايتتى. بىزگە قارشى چىققۇچىلارنىڭ كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، يەھۋانىڭ ئۇلاردىن بەكرەك كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆردۈم».
10. يەھۋا خۇدانىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالايمىز؟
10 ئەلچى پاۋلۇس، ھەزرىتى ئەيسا ئارقىلىق ئاتا قىلغان خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىن ھېچنەرسە بىزنى ئايرىۋېتەلمەيدۇ، دەپ ئېيتقان (رىملىقلار 8:38، 39). گەرچە بىراز ۋاقىت ئازاب-ئوقۇبەت چەكسەكمۇ، يەھۋا بىزگە تەسەللى ۋە كۈچ-مەدەت بېرىش ئۈچۈن دائىم يېنىمىزدا بولىدۇ. جورجىنانىڭ مىسالىدىن كۆرگىنىمىزدەك، يەھۋا يەنە بىزگە مېھىر-شەپقەتكە تولغان روھىي ئائىلىسى ئارقىلىق ھەم ياردەم بېرىۋاتىدۇ.
ئېتىقادداشلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببەت
11. يۇھاننا 15:12، 13-ئايەتلەردىكى ئەيسا تەسۋىرلىگەن مېھىر-مۇھەببەت شاگىرتلىرىغا قانداق ياردەم بەرگەن؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
11 ئەيسا مەسىھ ئۆلۈمى ئالدىدىكى كېچىدە شاگىرتلىرىنى ئەسكەرتىپ، بىر-بىرىڭلارغا سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، دەپ ئېيتقان (يۇھاننا 15:12، ئوقۇڭ). ئەيسا مەسىھ شاگىرتلىرىنىڭ ئىناق-ئىتتىپاقلىقنى ساقلىشىغا ۋە دۇنيانىڭ ئۆچمەنلىكىگە سەۋر-تاقەت بىلەن بەرداشلىق بېرىشىگە شۇنداق ئۆزىنى پىدا قىلىدىغان مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلگەن. تېسالونىكىدىكى جامائەتنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. شۇ جامائەت تەشكىللەنگەندىن باشلاپ، ئېتىقادچىلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. بىراق، بۇنىڭغا قارىماستىن تېسالونىكىدىكى قېرىنداشلار سەۋر-تاقەت ۋە مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ئۈلگىسىنى قالدۇرغان ( 13-نى 1-سالونىكا. 1:3، 6، 7). ئەلچى پاۋلۇس قېرىنداشلارنى داۋاملىق مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشكە دەۋەت قىلغان (1-سالونىكا. 4:9، 10). مېھىر-مۇھەببەت ئاشۇ قېرىنداشلارنى چۈشكۈنلۈككە چۈشكەنلەرگە ۋە ئاجىزلارغا يار-يۆلەك بولۇشقا دەۋەت قىلالايتتى (1-سالونىكا. 5:14). ناھايىتى ئېنىقكى، شۇ قېرىنداشلار پاۋلۇسنىڭ نەسىھىتىگە قولاق سالغان، چۈنكى پاۋلۇس تەخمىنەن بىر يىلدىن كېيىن ئىككىنچى خېتىدە، ئۇلارغا مۇنداق يازغان :«ھەر بىرىڭلارنىڭ بىر-بىرىڭلارغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتى چوڭقۇرلىشىۋاتىدۇ» (2-سالونىكا. 1:3—5). ئۇلارنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئۇلارغا جاپا-مۇشەققەت ۋە زىيانكەشلىككە بەرداشلىق بېرىشكە ياردەم بەرگەن.
12. ئۇرۇش مەزگىلىدە بىر دۆلەتتىكى قېرىنداشلار بىر-بىرىگە مېھىر-مۇھەببەتنى قانداق كۆرسەتكەن؟
12 دانىلو ۋە ئۇنىڭ ئايالى باشتىن ئۆتكۈزگەن ۋەقەنى كۆرۈپ چىقايلى. ئۇرۇش ئوتى ئۇلارنىڭ شەھىرىگە تۇتاشقاندا، ئۇلار داۋاملىق جامائەت يىغىلىشلىرىغا بارغان، كۈچىنىڭ يېتىشىچە ۋەز قىلغان ۋە قېرىنداشلىرى بىلەن قولىدا بار يېمەكلىكلەرنى بۆلۈشكەن. بىر كۈنى قوراللانغان ئەسكەرلەر دانىلونىڭ ئۆيىگە بېسىپ كىرگەن. دانىلو مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار مېنى ئېتىقادىمدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىدى. مەن رەت قىلغاندا، ئۇلار مېنى ئۇرۇپ-سوقۇقتى ۋە ئۆلتۈرىمىز، دەپ قورقۇتۇپ بېشىمنىڭ يېنىدىن ئوق ئاتتى. ئاشۇ ئەسكەرلەر كېتىشتىن ئاۋۋال، بىز يەنە قايتىپ كەلگەندە، ئايالىڭنىڭ نومۇسىغا تېگىمىز، دەپ قورقاتتى. بىراق، قېرىنداشلىرىمىز بىزنى تېزلىكتە پويىزغا ئولتۇرغۇزۇپ، باشقا شەھەرگە يولغا سالدى. شۇ قەدىرلىك قېرىنداشلارنىڭ بىزگە كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىنى ھېچقاچان ئۇنتۇمايمەن. بىز يېڭى شەھەرگە كەلگىنىمىزدە، يەرلىك قېرىنداشلار قورسىقىمىزنى تويغۇزدى، كېيىن مېنىڭ ئىش ۋە ئۆي تېپىشىمغا ياردەم بەردى. نەتىجىدە، ئۇرۇش بولۇۋاتقان جايدىن قېچىپ كەلگەن قېرىنداشلىرىمىزغا تۇرىدىغان پاناھ جاي بېرەلىدۇق». شۇنداق مىساللار ئېتىقادداشلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببەت بىزگە ئۆچمەنلىككە سەۋر-تاقەت بىلەن بەرداشلىق بېرىشكە ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
دۈشمەنلەرگە بولغان مېھىر-مۇھەببەت
13. ئادەملەر بىزنى ئۆچ كۆرگەندە، بىزنىڭ سەۋر-تاقەت بىلەن يەھۋا خۇداغا خىزمەت قىلىشىمىزغا مۇقەددەس روھ قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
13 ئەيسا ھەتتا دۈشمەنلەرگىمۇ مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشنى ئۆز شاگىرتلىرىغا ئېيتقان (مەتتا 5:44، 45). ئەلۋەتتە، بۇ ئاسان ئەمەس. بىراق، خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ مۇمكىن. خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنىڭ مېۋىسى مېھىر-مۇھەببەت، سەۋر-تاقەت، مېھرىبانلىق، مۇلايىملىق ۋە ئۆزىنى تۇتۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (گالاتىيا. 5:22، 23). بۇ پەزىلەتلەر ئۆچمەنلىككە سەۋر-تاقەت بىلەن بەرداشلىق بېرىشكە ياردەم بېرىدۇ. كۆپلىگەن قارشى چىققۇچىلار ئۆز كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتكەن، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئېرى، ئايالى، بالىلىرى ياكى قوشنىلىرى شۇ ئېسىل پەزىلەتلەرنى كۆرسەتكەن. قارشى چىققۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ھەتتا يەھۋا خۇداغا خىزمەت قىلىشنى باشلىغان. خۇداغا خىزمەت قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن سىزنى ئۆچ كۆرگەن ئادەملەرنى ياخشى كۆرۈش قىيىن بولسا، يەھۋادىن مۇقەددەس روھىنى سوراڭ (لۇقا 11:13). خۇداغا بويسۇنۇشنىڭ ھەردائىم ئەڭ ياخشى يول ئىكەنلىكىگە پۈتۈنلەي ئىشىنىڭ.—پەند. نە 3:5—7.
14، 15. رىملىقلار 12:17—21-ئايەتلەر، ياسمىننىڭ قارشىلىققا قارىماستىن، ئېرىگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشىگە قانداق ياردەم بەرگەن؟
14 ئوتتۇرا شەرىقتە ياشايدىغان ياسمىن ئىسىملىك قېرىنداشنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. ئۇ يەھۋا گۇۋاھچىسى بولغاندا، ئۇنىڭ يولدىشى ئۇنى خاتا يولغا ماڭدى دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭ يەھۋا خۇداغا خىزمەت قىلىشىغا توسالغۇلۇق قىلىشقا ئۇرۇنغان. ئۇ ئايالىنى ھاقارەتلىگەن ھەم ئائىلىسىنى بۇزۇۋاتىدۇ، دەپ بېسىم قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى، ھەتتا دىنىي خىزمەتچىنى ۋە جادۇگەرنى چاقىرغان. قېرىندىشىمىزنىڭ ئېرى ھەتتا جامائەت يىغىلىشلىرىغا بېرىپ قېرىنداشلارغا ۋارقىراپ ھاقارەتلىك سۆزلەرنى قىلغان. ئېرى شۇنداق ناچار مۇئامىلە قىلغاچ، ياسمىن پات-پات كۆز يېشى قىلىپ يىغلىغان.
15 ئىبادەت زالىدا، ياسمىننىڭ روھىي ئائىلىسى ئۇنىڭغا تەسەللى ۋە كۈچ-مەدەت بەرگەن. ئاقساقاللار ئۇنى رىملىقلار 12:17—21-دىكى (ئوقۇڭ) سۆزلەرنى قوللىنىشقا دەۋەت قىلغان. «بۇنى قىلىش بەك قىيىن بولغان»،— دەيدۇ ياسمىن. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «ئەمما، مەن يەھۋا خۇدادىن ياردەم سورىدىم، بار كۈچىمنى چىقىرىپ مۇقەددەس كىتابتىكى مەسلىھەتكە ئەمەل قىلىشقا ھەرىكەت قىلدىم. شۇڭا، ئېرىم ئاچچىقلىنىپ، ئاشخانىدا ئەخلەتلەرنى تاشلىغاندا، مەن ئۇلارنى تازىلايتتىم. ئۇ مېنى ھاقارەتلىگەندە، ئۇنىڭغا مۇلايىملىق بىلەن جاۋاب بېرەتتىم. ئۇ ئاغرىغان چاغلاردا، ئۇنىڭغا غەمخورلۇق قىلاتتىم».
16، 17. ياسمىننىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگەندىڭىز؟
16 ياسمىن ئېرىگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن مۇكاپاتلاندى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ھەمراھىم ماڭا ئىشىنىشكە باشلىدى. چۈنكى، مەن ئۇنىڭغا راستىنى ئېيتىدىغان بولدۇم. مەن ئۇنىڭ بىلەن ئېتىقادىم توغرۇلۇق سۆزلىگەندە، ئۇ مېنى ھۆرمەت بىلەن تىڭشاشقا باشلىدى. ئۆيدە جېدەل-ماجىرا بولماسلىقى ئۈچۈن تىرىشىدىغان بولدى. ھازىر بولسا، ئۇ مېنى جامائەت يىغىلىشلىرىدىن قالماسلىققا دەۋەت قىلىدۇ. ھازىر ھەمراھىم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم تېخىمۇ ياخشىلاندى ۋە ئۆيىمىزدە تىنچلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ. ۋاقىت ئۆتۈپ، ھەقىقەت ئېرىمنىڭ قەلبىگە تەسىر قىلىپ، مېنىڭ بىلەن بىللە يەھۋا خۇداغا خىزمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».
17 ياسمىننىڭ مىسالى مېھىر-مۇھەببەت ھەممىگە بەرداشلىق بېرىدۇ، ھەممە ئىشقا ئۈمىد باغلايدۇ ۋە شۇنداقلا ھەممىگە چىدايدۇ، دېگەنلەرنى كۆرسىتىدۇ (1-كورىنت. 13:4، 7). ئۆچمەنلىك تۇيغۇسى بەك كۈچلۈك بولۇپ، قەلبىمىزنى ئازابلىشى مۇمكىن. ئەمما، مېھىر-مۇھەببەت ئۆچمەنلىكتىن تېخىمۇ كۈچلۈكرەك ھېس-تۇيغۇ. بىز باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتسەك، ئۇلارنىڭ بىزگە ۋە يەھۋاغا بولغان كۆز قارىشى ئۆزگۈرۈشى مۇمكىن. بۇ يەھۋا خۇدانىڭ قەلبىنى خۇشال قىلىدۇ. قارشى چىققۇچىلار بىزنى داۋاملىق ئۆچ كۆرسىمۇ، خۇشال بولالايمىز. قانداق قىلىپ؟
ئۆچمەنلىككە قارىماستىن خۇشال بولۇش
18. نېمە ئۈچۈن ئۆچمەنلىككە قارىماستىن خۇشال بولالايمىز؟
18 ئەيسا، «ئادەملەر سىلەرنى ئۆچ كۆرسە، … نەقەدەر بەختلىكسىلەر» دېگەن (لۇقا 6:22). ئەلۋەتتە، ئەتەي باشقىلار بىزنى ئۆچ كۆرسىكەن دېمەيمىز. ئىمان-ئېتىقادىمىز سەۋەبلىك باشقىلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىسام، دەپمۇ ھەرىكەت قىلمايمىز. بىراق، ئادەملەر بىزنى ئۆچ كۆرگەندە، نېمە ئۈچۈن خۇشال بولالايمىز؟ بۇنىڭ ئۈچ سەۋەبىنى كۆرۈپ چىقايلى. بىرىنچى، بىز سەۋر-تاقەت كۆرسەتكەندە، خۇدا بىزدىن خۇرسەن بولىدۇ (1-پېتر. 4:13، 14). ئىككىنچى، ئىمان-ئېتىقادىمىز تېخىمۇ كۈچىيىپ مۇستەھكەملىنىدۇ (1-پېتر. 1:7). ئۈچىنچى، بىباھا مۇكاپاتقا، يەنى مەڭگۈ ھاياتقا ئېرىشىمىز.—رىملىقلار 2:6، 7.
19. نېمە ئۈچۈن قامچىلانغان ئەلچىلەر خۇشال بولغان؟
19 ئەيسا تىرىلىپ كۆپ ئۆتمەي، ئەلچىلەر ئۇ ئېيتقان خۇشاللىقنى ھېس قىلغان. ئەلچىلەر قامچىلىنىپ، ۋەز قىلىشى مەنئىي قىلىنغاندا، ئۇلار خۇشاللىقنى يوقاتمىغان ئىدى. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئۇلار ئەيسانىڭ ئىسىمى ئۈچۈن ھاقارەتلەنگىنىگە خۇشال بولغان (ئەلچى. 5:40—42). ئەلچىلەر دۈشمەنلەردىن قورقۇشتىن كۆرە، ھەزرىتى ئەيسانى كۆپرەك ياخشى كۆرگەن. ئۇلار خۇش خەۋەرنى توختىماي جاكارلاپ، ئۆز مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆرسەتكەن. بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن، ساداقەتمەنلىك بىلەن خۇداغا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. ئەلچىلەر ئۆزلىرىنىڭ يەھۋانىڭ ئىسىمى ئۈچۈن قىلغان ئەجىر-مېھنىتى ۋە كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىنى، ئۇنىڭ ھېچقاچان ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقىنى ياخشى بىلگەن.—ئىبرانىي. 6:10.
20. بىز كېلەركى ماقالىدە نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
20 بۇ دۇنيانىڭ ئاخىرى كەلمىگىچە، ئۇ بىزنى ئۆچ كۆرىدۇ (يۇھاننا 15:19). بىراق، بىز قورقماسلىقىمىز كېرەك. كېلەركى ماقالىدە، يەھۋا خۇدانىڭ ئۆز سادىق خىزمەتچىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز (2-سالونىكا. 3:3). شۇڭا كېلىڭلار، يەھۋا خۇدا، ئېتىقادداشلىرىمىز ۋە ھەتتا دۈشمەنلىرىمىزگە داۋاملىق سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى كۆرسىتەيلى. بۇ نەسىھەتكە ئەمەل قىلساق، ئىناق-ئىتتىپاقلىقنى ساقلاپ، روھىي جەھەتتىن كۈچلۈك بولىمىز، يەھۋا خۇداغا شان-شەرەپ كەلتۈرىمىز ۋە مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ئۆچمەنلىكتىن كۆپ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايمىز.
3-ناخشا «خۇدا ئۆزى مېھىر-مۇھەببەتتۇر»
a ياراتقۇچى يەھۋاغا، ئېتىقادداشلىرىمىزغا ۋە ھەتتا دۈشمەنلىرىمىزگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىز بۇ دۇنيانىڭ ئۆچمەنلىكىگە بەرداشلىق بېرىشىمىزگە قانداق ياردەم بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، نېمە ئۈچۈن ئەيسا مۇشۇ دۇنيا بىزنى ئۆچ كۆرسە، بىز خۇشال بولالايدىغانلىقىمىزنى ئېيتقانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
b بەزى ئىسىملار ئۆزگەرتىلگەن.
c سۈرەتلەردە: ئەسكەرلەر دانىلونى قورقۇتقاندىن كېيىن، قېرىنداشلار ئەر-ئايال ئىككىسىنىڭ باشقا جايغا كۆچۈشىگە ياردەم بەرگەن. شۇ يەردىكى يەرلىك قېرىنداشلار ئۇلارنى ئىللىق قارشى ئالغان.
d سۈرەتلەردە: ياسمىننىڭ ئېرى قارشىلىق كۆرسەتكەن، لېكىن ئاقساقاللار ئۇنىڭغا ياخشى مەسلىھەت بەرگەن. ئۇ ئاغرىۋاتقان ئېرىگە غەمخورلۇق قىلىپ، ياخشى ئايال ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.