9-تەتقىق ماقالىسى
ياشلار، باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە قانداق ئېرىشەلەيسىلەر؟
«يېگىتلىرىڭ سەھەردە چۈشكەن شەبنەم كەبىدۇر».—زەبۇر 110:3.
4-ناخشا خۇدا ئالدىدا ياخشى نام-ئاتاق تىكلەش
بۇ ماقالىدە a
1. ياش بۇرادەرلەر ھەققىدە نېمە ئېيتالايمىز؟
ياش بۇرادەرلەر، سىلەر جامائەت ئۈچۈن كۆپ ئىشلارنى قىلالايسىلەر. سىلەر كۈچلۈك ۋە جۇشقۇن روھقا تولغان (پەند. نە 20:29). سىلەر جامائەتتىكى قېرىنداشلارغا كۆپ ياردەم بېرەلەيسىلەر. بەلكىم، سىز ياردەمچى خىزمەتچى بولۇپ تەيىنلىنىشنى تۆت كۆزىڭىز بىلەن كۈتۈۋاتقانسىز ياكى ئۆزىڭىزنى شۇنداق ھېس قىلىدىغانسىز: «باشقىلار ئۇ بۇ خىزمەتنى قىلىشقا تېخى ياش ياكى تەجرىبىسى يوق، دەپ ئويلايدۇ». گەرچە سىز ياش بولسىڭىزمۇ، جامائەتتىكىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ۋە ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن سىز ھازىر قىلالايدىغان ئىشلار بار.
2. بۇ ماقالىدە، بىز نېمىلەرنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
2 بۇ ماقالىدە، بىز داۋۇت پادىشاھنىڭ ھاياتى ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىمىز. يەنە يەھۇدانىڭ پادىشاھلىرىدىن ئىككىسى، يەنى ئاسا ۋە يەھوشافاتنىڭ ھاياتىدىكى ۋەقەلەرنى قىسقىچە قاراپ چىقىمىز. بۇ ئۈچ كىشى قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن ۋە ئۇلارنى قانداق ھەل قىلغان، بىر-بىرلەپ مۇلاھىزە قىلىمىز ۋە ياشلار ئۇلارنىڭ ئۈلگىسىدىن قانداق ساۋاق ئالالايدىغانلىقىنى ئۆگىنىمىز.
داۋۇتتىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز
3. ياشلار جامائەتتىكى ياشانغان قېرىنداشلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
3 داۋۇت ياش چېغىدىن باشلاپ، باشقىلار قەدىرلەيدىغان ماھارەتنى ئۆگەنگەن. ئۇ روھىي جەھەتتىن يېتىلگەن كىشى ئىدى. ئۇ چالغۇ ئەسۋابلارنى چېلىش ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈپ، خۇدا تەيىنلىگەن پادىشاھ سائۇلغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن مۇزىكا چېلىپ بەرگەن (1-سام. 16:16، 23). ياشلار، جامائەتتە باشقىلارغا ياردىمى تېگىدىغان ماھارەتلەرنى يېتىلدۈردىڭلارمۇ؟ نۇرغۇنلىرىڭلارنىڭ شۇنداق ماھارەتلىرى بار. مەسىلەن، ياشانغان قېرىنداشلار سىلەرنىڭ ئۇلارغا ئەقىللىق تېلېفون ياكى ئالقان كومپيۇتېرىنى شەخسىي ئۆگىنىشتە ياكى جامائەتتە قانداق ئىشلىتىشنى كۆرسىتىپ بېرىۋاتقانلىقىڭلار ئۈچۈن ئىنتايىن مىننەتدار. شۇ ئېلېكترونلۇق ئۈسكىنىلەرنى توغرىسىدىكى بىلىمىڭلار ياشانغانلارغا كۆپ پايدا ئەكېلىدۇ.
4. داۋۇتقا ئوخشاش ياش بۇرادەرلەر قانداق پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك؟ (مۇقاۋىدىكى رەسىمگە قاراڭ)
4 داۋۇت كۈندىلىك تۇرمۇشىدا مەسئۇلىيەتچان ۋە ئىشەنچىلىك ئادەم ئىدى. مەسىلەن، ئۇ ياش چېغىدا دادىسىنىڭ قويلىرىنى ياخشى باقاتتى. بۇ بىر خەتەرلىك ۋەزىپە بولغان ئىدى. داۋۇت كېيىنرەك پادىشاھ سائۇلغا مۇنداق دەپ چۈشەندۈرگەن: «قولۇڭ ئۆز ئاتىسىنىڭ قويلىرىنى باققاندا، بىر شىر ياكى ئېيىق كېلىپ قويلاردىن بىرەرسىنى ئېلىپ ماڭسا، مەن ئارقىسىدىن قوغلاپ بېرىپ، ئۇنى ئۇرۇپ، قوينى ئېغىزىدىن تارتىۋالاتتىم» (1-سام. 17:34، 35). داۋۇت قويلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ۋە ئۇلارنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن ياۋايى ھايۋاناتلار بىلەن ئۇرۇشقان. ياش بۇرادەرلەر داۋۇتتىن ئۈلگە ئېلىپ، ئۇلارغا بېرىلگەن ۋەزىپىنى تىرىشچانلىق بىلەن ئورۇنلايدۇ.
5. زەبۇر 25:14-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، ياشلار، سىلەر قىلالايدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش قايسى؟
5 ياش داۋۇت يەھۋا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرغان. داۋۇتنىڭ خۇدا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئۇنىڭ باتۇرلۇقىدىن ياكى چالغۇ ئەسۋابنى چېلىش ماھارىتىدىن بەكرەك مۇھىم بولغان. يەھۋا پەقەت داۋۇتنىڭ خۇداسىلا ئەمەس، ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى بولغان (زەبۇر 25:14-نى ئوقۇڭ). ياشلار، سىلەر قىلالايدىغان ئەڭ مۇھىم ئىشلار — ئاسماندىكى ئاتاڭلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتنى مۇستەھكەملەش. ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، جامائەتتە كۆپ شان-شەرەپلىك ۋەزىپىلەرگە ئېرىشەلەيسىلەر.
6. بەزىلەر داۋۇت توغرۇلۇق نېمە ئويلىغان؟
6 داۋۇت يەنە بىر قىيىنچىلىقنى باشتىن ئۆتكۈزگەن. بەزىلەر ئۇنى تېخى ياش ۋە مەسئۇلىيەتسىز، دەپ قارىغان. داۋۇت غولىيات بىلەن جەڭگە چۈشىمەن دېگەندە، سائۇل ئۇنىڭ جاسارىتىگە قارشى مۇنداق دېگەن: «سەن تېخى ياش» (1-سام. 17:31—33). بۇنىڭدىن سەل ئاۋۋال، داۋۇتنىڭ ئاكىسى ئۇنى مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىگەن (1-سام. 17:26—30). بىراق، يەھۋا ئۇنى ئىنتايىن ياش ياكى ئىشەنچىسىز دەپ قارىمىغان. خۇدا بۇ ياش يىگىتنى ياخشى بىلگەن. داۋۇت ئۆز دوستى يەھۋاغا تايىنىپ، غولىياتنى يېڭىۋالغان.—1-سام. 17:31—33.
7. داۋۇت بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بۇ بىر ۋەقەدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيسىز؟
7 بىز داۋۇتنىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز. داۋۇت پادىشاھنىڭ مىسالىدىن چوقۇم سەۋرچان بولۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئۆگىنەلەيمىز. بالىلىق چېغىڭىزدىن سىزنى تونۇيدىغان ئادەملەرنىڭ يېتىلىپ چوڭ بولغانلىقىڭىزنى كۆرۈپ يېتىشى ئۈچۈن ۋاقىت كېتىدۇ. ئەمما، يەھۋا تاشقى كۆرۈنۈشىڭىزگە قاراپلا قالماي، بەلكى كىم ئىكەنلىكىڭىزنى ۋە ئىقتىدارىڭىزنى ياخشى بىلىدىغانلىقى شەك-شۇبھىسىزدۇر (1-سام. 16:7). خۇدا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزنى كۈچەيتىڭ. داۋۇت شۇنداق قىلغان، بۇنىڭ ئۈچۈن يەھۋانىڭ ياراتقان مەۋجۇداتلىرىنى دىققەت بىلەن تەتقىق قىلغان. داۋۇت بۇ مەۋجۇداتلار يەھۋا خۇدا ھەققىدە نېمىلەرنى ئاشكارە قىلىدىغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلغان (زەبۇر 8:3، 4؛ 139:14؛ رىملىقلار 1:20). سىز قىلالايدىغان يەنە بىر ئىش — يەھۋادىن كۈچ سوراش. بەلكىم سىز يەھۋا گۇۋاھچىسى بولغاچقا، سىنىپداشلىرىڭىز سىزنى زاڭلىق قىلىۋاتقاندۇ. ئەگەر شۇنداق بولسا، دۇئادا يەھۋادىن بۇ سىناققا بەرداشلىق بېرىشىڭىز ئۈچۈن ياردەم سوراڭ. يەنە خۇدا سۆزىدىن ۋە مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان نەشىرى ماتېرىياللاردىن ھەم فىلىملەردىن تاپقان ئەمەلىي مەسلىھەتلەرنى قوللىنىڭ. يەھۋا سىناققا بەرداشلىق بېرىشىڭىزگە ياردەم بەرگەنلىكىنى ھەر قېتىم كۆرگىنىڭىزدە، سىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىڭىز كۈچىيىدۇ. بۇنىڭدىن تاشقىرى، باشقىلار سىزنىڭ يەھۋاغا تايىنىدىغانلىقىڭىزنى كۆرگەندە، ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلەيسىز.
8، 9. داۋۇتنىڭ سەۋرچانلىق بىلەن پادىشاھ بولۇش ۋاقتىنى كۈتۈشىگە نېمە ياردەم بەرگەن ۋە ياش بۇرادەرلەر ئۇنىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيدۇ؟
8 داۋۇت دۇچ كەلگەن يەنە بىر قىيىنچىلىقنى كۆرۈپ چىقايلى. داۋۇت پادىشاھ بولۇپ تەيىنلەنگەندىن كېيىن، ئۇ رەسمىي پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرۇش ئۈچۈن كۆپ يىللار كۈتۈشكە توغرا كەلگەن (1-سام. 16:13؛ 2-سام. 2:3، 4). شۇ ۋاقىتتا، ئۇنىڭ سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈشىگە نېمە ياردەم بەرگەن؟ داۋۇت ئۈمىدسىزلىنىپ چۈشكۈنلۈككە چۈشۈشنىڭ ئورنىغا، ئۆزى قىلالايدىغان نەرسىلەرگە كۆڭۈل بۆلگەن. مەسىلەن، داۋۇت فىلىستىيەلىكلەرنىڭ زېمىنىدا قاچقۇن بولۇپ ياشاۋاتقاندا، ئىسرائىللارنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارشى كۈرەش قىلىش پۇرسىتىنى قولىدىن چىقارمىغان. شۇنداق قىلىپ، ئۇ يەھۇدا زېمىنىنىڭ چېگرىلىرىنى قوغدىغان.—1-سام. 27:1—12.
9 ياش بۇرادەرلەر داۋۇتنىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيدۇ؟ ئېتىقادداشلىرىڭىزغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن قولىڭىزدىن كەلگەننىڭ ھەممىسىنى قىلىڭ. رېكاردو ئىسىملىك بۇرادەرنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى b. ئۇ ياش چېغىدىن باشلاپ پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىشنى ئارزۇ قىلغان. بىراق، ئاقساقاللار ئۇنىڭغا تېخى تەييار ئەمەسلىكىنى ئېيتقان. ئۇ خاپا بولۇش ۋە بەل قويۇۋېتىشنىڭ ئورنىغا، كۆپرەك ۋەز قىلغان. «ھازىر كەينىمگە قارىسام، شۇ چاغدا روھىي جەھەتتىن ئۆسۈشۈم كېرەكلىكىنى چۈشىنىمەن. مەن ھەر قانداق بىر ھەقىقەتكە قىزىقىش كۆرسەتكەن ئادەملەرگە قايتا يولۇقۇشقا پۇختا تەييارلىق قىلىپ باردىم. مەن ھەتتا مۇقەددەس كىتاب تەتقىق ئۆگىنىشىنى باشلىدىم. تەجرىبەم كۆپەيگەنسېرى ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچىم ئاشتى»،— دەيدۇ رېكاردو. ھازىر ئۇ ئۈنۈملۈك پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ، خىزمەت ياردەمچىسى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.
10. داۋۇت مۇھىم بىر قارار چىقىرىشتىن ئاۋۋال نېمە قىلغان؟
10 داۋۇتنىڭ ھاياتىدا يۈز بەرگەن يەنە بىر ئىشنى كۆرۈپ چىقايلى. داۋۇت ئۆز ئادەملىرى بىلەن فىلىستىيەلىكلەرنىڭ زېمىنىدا سائۇلدىن يوشۇرۇنۇپ يۈرگەندە، ئائىلىسىدىكىلەرنى قويۇپ قويۇپ، بىر ئۇرۇشقا كەتكەن. ھەممە ئەر كىشىلەر يوق ۋاقىتتا، دۈشمەنلىرى ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېسىپ كىرىپ، ئائىلىلىرىنى ئەسىرگە ئېلىپ كەتكەن ئىدى. داۋۇت مۇنداق ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن: «مەن تەجرىبىلىك جەڭچى بولغاچقا، تۇتقۇنلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ياخشى پىلان تۈزەلەيمەن». لېكىن، بۇنىڭ ئورنىغا، ئۇ يەھۋادىن يېتەكچىلىك سورىغان. داۋۇت ئابىياتار ئىسىملىك روھانىي ئارقىلىق يەھۋادىن مۇنداق دەپ سورىغان: «بۇ بۇلاڭچىلارنىڭ ئارقىسىدىن قوغلايمۇ؟ ئۇلارنى قوغلاپ تۇتالايمەنمۇ؟». يەھۋا داۋۇتقا نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغانلىقىغا ئۇنى ئىشەندۈرگەن (1-سام. 30:7—10). بۇ يۈز بەرگەن ۋەقەدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيسىز؟
11. قارار چىقىرىشتىن بۇرۇن نېمە قىلالايسىز؟
11 قارارلارنى چىقىرىشتىن ئاۋۋال مەسلىھەت سوراڭ. ئاتا-ئانىڭىز بىلەن مەسلىھەتلىشىڭ. ئۇنىڭدىن باشقا، تەجرىبىلىك ئاقساقاللار بىلەن سۆزلىشىپ، ياخشى مەسلىھەتكە ئېرىشەلەيسىز. خۇدا تەيىنلەنگەن ئاقساقاللارغا ئىشەنگەندەك، سىزمۇ ئۇلارغا ئىشىنەلەيسىز. ئۇ ئاقساقاللارنى جامائەتتىكى ھەدىيەلەر، دەپ قارايدۇ (ئەفەس. 4:8). سىز ئۇلارنىڭ ئىمان-ئېتىقادىدىن ئۈلگە ئېلىپ، مەسلىھەتلىرىگە قۇلاق سالسىڭىز، دانا قارارلارنى چىقىرالايسىز. ئەمدى، بىز ئاسا پادىشاھتىن نېمىنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقايلى.
پادىشاھ ئاسانىڭ مىسالىدىن ئۆگىنىڭ
12. ئاسا پادىشاھلىق قىلىشنى باشلىغاندا، قانداق پەزىلەتلەرگە ئىگە بولغان؟
12 پادىشاھ ئاسا ياش چېغىدا، كىچىك پېئىل ۋە جەسۇر ئادەم ئىدى. ئاسا ئۇنىڭ ئاتىسى ئابىيا ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، پادىشاھ بولۇپ، بۇتلارغا چوقۇنۇشقا قارشى كۈرەش قىلىشنى باشلىغان ئىدى. يەنە ئۇ: «يەھۇدا خەلقىگە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى يەھۋانى ئىزدەپ، ئۇنىڭ قانۇنى ۋە ئەمر-پەرمانلىرىغا بويسۇنۇشنى بۇيرىغان»،— دەپ يېزىلغان (2-تارىخ. 14:1—7). زەراھ ئىسىملىك بىر ئېفىئوپىيىلىك كىشى «مىليون كىشىلىك قوشۇنى» بىلەن يەھۇدىيە زېمىنىغا ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن. ئاسا: «ئەي يەھۋا، سەن ياردەم بەرسەڭ، مەيلى ئادەم سانى كۆپ ياكى كۈچسىز بولسۇن، بۇ سەن ئۈچۈن ھېچ ئىش ئەمەس. سەن قۇتقۇزۇشقا قادىرسەن. ئەي خۇدايىمىز يەھۋا بىزگە ياردەم بەرگىن. چۈنكى. بىز ساڭا تايىنىمىز»،— دەپ ئېيتقان. ئاسانىڭ بۇ گۈزەل سۆزلىرى يەھۋانىڭ ئۇنى ۋە خەلقىنى قۇتقۇزۇش كۈچ-قۇدرىتىگە قانچىلىك ئىشەنچ باغلىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئاسا ئاسماندىكى ئاتىسىغا ئىشەنگەن ۋە يەھۋا ئېفىئوپىيىلىكلەرنى مەغلۇپ قىلغان ئىدى.—2-تارىخ. 14:8—12.
13. ئاساغا كېيىنرەك نېمە بولغان ۋە نېمە ئۈچۈن؟
13 شەك-شۈبھىسىزكى، مىليون كىشىلىك قوشۇننىڭ ھۇجۇم قىلىشى چوڭ بىر قىيىن مەسىلە بولغان. بىراق، ئاسا بۇ قىيىنچىلىقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەل قىلغان ئىدى. ئەپسۇسكى، ئاسا ئانچە قىيىن ئەمەس مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە، يەھۋا بىلەن مەسلىھەتلەشمىگەن. ئاسا ئىسرائىل پادىشاھى باشانىڭ ھۇجۇم قىلىش تەھدىتىگە ئۇچرىغاندا، سۈرىيە پادىشاھىغا تايانغان. بۇ قارار بالايىئاپەت ئېلىپ كەلگەن ئىدى. خۇدا ھانانى پەيغەمبەر ئارقىلىق ئاساغا مۇنداق دېگەن: «سەن خۇدايىڭ يەھۋاغا ئەمەس، سۈرىيە پادىشاھىغا تاياندىڭ. شۇڭا، سۈرىيە پادىشاھىنىڭ قۇشۇنى قولۇڭدىن قېچىپ قۇتۇلدى». بۇنىڭدىن باشلاپ، ئاسا ئۆمۈر بويى جەڭ قىلىپلا تۇرغان ئىدى (2-تارىخ. 16:7، 9؛ 1-پادىشاھ. 15:32). بۇ ۋەقەدىن قانداق ساۋاق ئالساق بولىدۇ؟
14. يەھۋاغا قانداق تايىنالايسىز ۋە 1-تىموتىي 4:12-ئايەتكە ئاساسەن، شۇنداق قىلسىڭىز نېمىگە ئېرىشەلەيسىز؟
14 كەمتەرلىكنى ساقلاپ قېلىڭ ۋە داۋاملىق يەھۋا خۇداغا تايىنىڭ. سىز چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈپ، خۇداغا بولغان زور ئىشەنچىڭىزنى ۋە ئۇنىڭغا تايانغانلىقىڭىزنى كۆرسەتتىڭىز. ئۇ خۇشاللىق بىلەن سىزنى ئۆز ئائىلىسىنىڭ ئەزاسى بولۇش شان-شەرىپىگە ئېرىشتۈرگەن. ئۇنىڭغا داۋاملىق تايىنىشىڭىز ئۈچۈن ھازىرنىڭ ئۆزىدە نېمە قىلىشىڭىز كېرەك؟ قارىماققا، ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم قارارلارنى چىقارغاندا، يەھۋا خۇداغا تايىنىش ئاسان، بىراق باشقا ۋاقىتلاردىچۇ؟ ئويۇن-تاماشىلار، ئىش ۋە ھاياتتا يەتمەكچى بولغان مەقسەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك قارارلارنى چاقىرغاندا ھەم يەھۋاغا تايىنىش بەكمۇ مۇھىم! ئۆز ئەقلىڭىزگە تايانماڭ. ئەكسىچە، ۋەزىيەتلىرىڭىزگە ماس كېلىدىغان مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرىنى ئىزدەپ، ئۇلارنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىڭ (پەند. نە 3:5، 6). ئەگەر شۇنداق قىلسىڭىز، يەھۋانى خۇشال قىلالايسىز ۋە جامائىتىڭىزدىكىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشەلەيسىز.—1-تىموتىي 4:12-نى ئوقۇڭ.
پادىشاھ يەھوشافاتنىڭ مىسالىدىن ئۆگىنىڭ
15. 2-تارىخنامە 18:1—3؛ 19:2-ئايەتلەردە يېزىلغاندەك، يەھوشافات قانداق خاتالىقلارنى ئۆتكۈزگەن؟
15 ئەلۋەتتە بىز ھەممىمىز نامۇكەممەل ۋە بەزىدە خاتالىقلارنى ئۆتكۈزىمىز. بىراق، بۇ قولۇڭىزدىن كېلىشىچە خۇداغا خىزمەت قىلىشقا توسالغۇ بولماسلىقى كېرەك. ھازىر بولسا، يەھوشافاتنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. ئۇ نۇرغۇن ئېسىل پەزىلەتلەرگە ئىگە بولغان. ئۇ ياش چېغىدا «ئاتىسىنىڭ خۇداسىنى ئىزدەپ، ئۇنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى تۇتۇپ ماڭدى». يەنە ئۇ ئۆز ئەمەلدارلىرىنى «يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىدە خەلققە تەلىم بېرىشكە ئەۋەتتى» (2-تارىخ. 17:4، 7). بىراق، يەھوشافات سەمىمىي بولسىمۇ، بەزىدە ناتوغرا قارارلارنى چىقارغان ئىدى. شۇنداق بىر قارارنىڭ نەتىجىسىدە، يەھۋانىڭ بىر پەيغەمبىرى يەھوشافاتقا نەسىھەت بەرگەن (2-تارىخنامە 18:1—3؛ 19:2-نى ئوقۇڭ). بۇ مىسالدىن قانداق ساۋاق ئالالايسىز؟
16. راجوۋنىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيسىز؟
16 مەسلىھەتنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىڭ. بەلكىم، نۇرغۇن ياشلارغا ئوخشاش، سىز ئۈچۈن ھاياتتا خۇداغا خىزمەت قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش قىيىن بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، كۆڭلۈڭىز يېرىم بولمىسۇن. راجوۋ ئىسىملىك ياش بۇرادەرنىڭ مىسالىغا دىققەت قىلىڭ. ئۇ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىنى تىلغا ئېلىپ، مۇنداق دەيدۇ: «مەن شۇ يىللاردا بەزىدە ھاياتىمدا نېمە قىلىشىم كېرەكلىكىنى بىلمىگەن ئىدىم. مەن باشقا كۆپلىگەن ياشلارغا ئوخشاش جامائەت يىغىلىشلىرىغا ۋە ۋەز خىزمەتكە قاتنىشىشقا قارىغاندا، تەنتەربىيە ۋە كۆڭۈل ئېچىشقا بەكرەك قىزىقاتتىم». راجوۋغا نېمە ياردەم بەرگەن؟ غەمخور بىر ئاقساقال ئۇنىڭغا مەسلىھەت بەرگەن. راجوۋ: «ئۇ ماڭا 1-تىموتىي 4:8-ئايەتتە يېزىلغان پرىنسىپ ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىشقا ياردەم بەردى»،— دەپ ئېيتقان. راجوۋ بۇ مەسلىھەتنى كەمتەرلىك بىلەن قوبۇل قىلغان ئىدى ۋە ھاياتىدا نېمىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى مۇلاھىزە قىلغان. ئۇ: «مەن روھىي مەقسەتلەرنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشنى قارار قىلدىم»،— دەپ ئېيتقان. نەتىجىسى قانداق بولغان؟ «بۇ مەسلىھەتنى قوبۇل قىلىپ ئىككى يىلدىن كېيىن، مەن خىزمەت ياردەمچىسى بولۇشقا لاياقەتلىك بولدۇم»،— دەيدۇ راجوۋ.
ئاسماندىكى ئاتىڭىز سىزدىن پەخىرلەنسۇن
17. ئاقساقاللار يەھۋاغا خىزمەت قىلىۋاتقان ياشلارغا قانداق قارايدۇ؟
17 ياشلار، ئاقساقاللار سىلەرنىڭ ئۇلار بىلەن مۆرىنى-مۆرىگە تىرەپ بىللە يەھۋاغا خىزمەت قىلىۋاتقىنىڭلارنى بەك قەدىرلەيدۇ (سەفنىيا 3:9). ئاقساقاللار ياشلارنىڭ كۈچ چىقىرىپ، قىزغىن ۋە جۇشقۇن خىزمەت قىلىش روھۇڭلارنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدۇ. سىلەر ئۇلارنىڭ كۆزىدە ئىلتىپاتقا ئېرىشتىڭلار.—1-يۇھاننا 2:14.
18. پەندى-نەسىھەت 27:11-ئايەتتە يېزىلغاندەك، يەھۋا ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىۋاتقان ياشلارغا قانداق قارايدۇ؟
18 ياش بۇرادەرلەر، يەھۋانىڭ سىلەرنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ۋە سىلەرگە ئىشىنىدىغانلىقىنى ھېچقاچان ئەستىن چىقارماڭلار. يەھۋا ئاخىرقى كۈنلەردە، ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشقا ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئۆزلىرىنى بېغىشلايدىغان ياشلار قوشۇنى بولىدىغانلىقىنى ئالدىن-ئالا بېشارەت قىلغان (زەبۇر 110:1—3). ئۇ سىلەرنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرۈۋاتقىنىڭلارنى ۋە قولۇڭلاردىن كېلىشىچە خىزمەت قىلىۋاتقىنىڭلارنى ياخشى بىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، باشقىلارغا سەۋرچانلىقنى كۆرسىتىڭلار ۋە ئۆزۈڭلارغىمۇ سەۋرچان بولۇڭلار. خاتالىقلارنى ئۆتكۈزگەندە، يەھۋادىن كەلگەن تۈزىتىشنى ۋە تەربىيىنى قوبۇل قىلىڭلار (ئىبرانىي. 12:6). سىلەرگە تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىلەرنى چىن يۈرەكتىن ئورۇنلاڭلار. ئەڭ مۇھىمى، ئاسماندىكى ئاتاڭلار سىلەرنىڭ قىلغان ھەر بىر ئىشىڭلاردىن پەخىرلەنسۇن.—پەندى-نەسىھەت 27:11-نى ئوقۇڭ.
11-ناخشا يەھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىش
a ياش يىگىتلەر يەھۋا خۇدا بىلەن يېقىن دوستلۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا كۆپرەك خىزمەت قىلىشنى خالايدۇ. ئۇلار خىزمەت ياردەمچىسى ۋەزىپىسىگە لاياقەتلىك بولۇش ئۈچۈن جامائەتتىكى ئېتىقادداشلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ، شۇ ھۆرمەتكە لايىق ياشىشى كېرەك. ياش بۇرادەرلەر قېرىنداشلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايدۇ؟
b بەزى ئىسىملار ئۆزگەرتىلگەن.