مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

9-‏تە‌تقىق ماقالىسى

10-‏ناخشا ‏«مانا مە‌ن،‏ ئە‌ۋە‌ت مېنى!‏»‏

ئۆزىڭىزنى يە‌ھۋاغا بېغىشلاشقا تە‌ييارمۇ‌سىز؟‏

ئۆزىڭىزنى يە‌ھۋاغا بېغىشلاشقا تە‌ييارمۇ‌سىز؟‏

‏«ماڭا قىلغان بارچە ياخشىلىقىغا،‏ قانداق جاۋاب قايتۇ‌راي يە‌ھۋاغا؟‏»‏‏.‏ —‏زە‌بۇ‌ر 116:‏12‏.‏

مە‌ركىزى ئىدىيە

بۇ ماقالە،‏ سىزنىڭ يە‌ھۋا بىلە‌ن يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌ت ئورنىتىشىڭىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ شۇ ئارقىلىق سىز ئۆزىڭىزنى ئۇ‌نىڭغا بېغىشلاپ،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشنى خالايسىز‏.‏

1،‏ 2.‏ كىشى سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى نېمىلە‌رنى قىلىشى لازىم؟‏

 ئۆتكە‌ن بە‌ش يىلدا بىر مىليوندىن كۆپرە‌ك كىشى سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈپ،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولدى.‏ ئۇ‌لارنىڭ كۆپىنچىسى بىرىنچى ئە‌سىردىكى تىموتىيغا ئوخشاش،‏ «بالىلىق چېغىدىن» باشلاپ ھە‌قىقە‌تنى ئۆگە‌نگە‌ن (‏2-‏تىموت.‏ 3:‏14،‏ 15‏)‏.‏ يە‌نە بە‌زىلىرى ياش قورامىغا يە‌تكە‌ن چوڭلار بولۇ‌پ،‏ ھە‌تتا ياشانغانلارمۇ ھە‌قىقە‌تنى تونۇ‌غان.‏ بىرقانچە يىل ئىلگىرى،‏ ياشانغان بىر ئايال يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىپ،‏ 97 يېشىدا سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلدى.‏

2 سىز ھازىر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىۋاتامسىز ياكى كىچىكىڭىزدىن ئاتا-‏ئانىڭىز بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىتىنى ئۆگىنىۋاتامسىز؟‏ ئۇ‌نداقتا،‏ سىز سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈش ھە‌ققىدە ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟‏ بۇ ھە‌قىقە‌تە‌ن ماختاشقا ئە‌رزىيدىغان مە‌قسە‌ت!‏ سىز سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى،‏ چوقۇ‌م ئۆزىڭىزنى يە‌ھۋاغا بېغىشلىشىڭىز كېرە‌ك.‏ بۇ ماقالىدە،‏ ئۆزىڭىزنى بېغىشلاشقا ۋە چۆمۈلدۈرۈلۈشكە تە‌ييارلىق قىلغاندا،‏ بۇ قە‌دە‌منى بېسىشنىڭ قورقۇ‌نچلۇ‌ق ئە‌مە‌سلىكىنى كۆرۈپ يېتىشىڭىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏

ئۆزىنى بېغىشلاش نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

3.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن يە‌ھۋاغا بېغىشلانغانلارنىڭ مىساللىرىنى كە‌لتۈرۈڭ.‏

3 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بېغىشلاش دېگە‌ن سۆز مە‌لۇ‌م بىر نە‌رسىنى ئالاھىدە بىر مە‌قسە‌ت ئۈچۈن،‏ بىر تە‌رە‌پكە ئايرىپ قويۇ‌شنى كۆرسىتىدۇ.‏ قە‌دىمقى ئىسرائىل خە‌لقى يە‌ھۋاغا بېغىشلانغان ئالاھىدە بىر مىللە‌ت ئىدى.‏ ئە‌مما،‏ بۇ مىللە‌ت كىشىلىرى ئارىسىدا يە‌نە ئالاھىدە بىر ئۇ‌سۇ‌لدا بە‌زى شە‌خسلە‌ر يە‌ھۋاغا بېغىشلانغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ھارۇ‌ننىڭ بېشىغا ئورالغان سە‌للىنىڭ ئالدىغا «بېغىشلانغانلىقىنىڭ بە‌لگىسى بولغان» پارقىراپ تۇ‌رىدىغان ئالتۇ‌ن قاداق ئېسىلغان.‏ بۇ كىچىك تاختا ئۇ‌نىڭ ئالاھىدە ۋە‌زىپىسىگە،‏ يە‌نى باش روھانىيلىققا ئايرىلغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن (‏لاۋى.‏ 8:‏9‏)‏.‏ نە‌زىر قىلىنغانلارمۇ ئالاھىدە ئۇ‌سۇ‌لدا يە‌ھۋاغا بېغىشلانغان كىشىلە‌ر ئىدى.‏ «نە‌زىر قىلىنغانلار» دېگە‌ن سۆز ئىبرانىي تىلىدىكى «نە‌زىر» سۆزىدىن كېلىپ چىققان بولۇ‌پ،‏ ئۇ «ئايرىپ قويۇ‌لغان» ياكى «بېغىشلانغان» دېگە‌ن مە‌نىلە‌رنى بىلدۈرىدۇ.‏ نە‌زىر قىلىنغانلار مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگە‌ن قانۇ‌ندىكى ئاشۇ كىشىلە‌ر ئۈچۈن بە‌لگىلە‌نگە‌ن قانۇ‌ن-‏قائىدىلە‌رگە بويسۇ‌نۇ‌شى كېرە‌ك ئىدى.‏—‏سانلار 6:‏2–‏8‏.‏

4.‏ (‏1)‏ ھاياتىڭىزنى يە‌ھۋاغا بېغىشلىغىنىڭىزدا،‏ پۈتۈن دىققىتىڭىزنى قايسى ئالاھىدە مە‌قسە‌تكە قاراتقان بولىسىز؟‏ (‏2)‏ «ئۆزىدىن ۋاز كە‌چسۇ‌ن» دېگە‌ن نېمە؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

4 سىز ئۆزىڭىزنى يە‌ھۋاغا بېغىشلىسىڭىز،‏ ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ شاگىرتى بولۇ‌شنى خالىغان بولىسىز ۋە خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلاش ھاياتىڭىزدىكى ئە‌ڭ مۇ‌ھىم ئىشقا ئايلىنىدۇ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ خۇ‌داغا ئۆزىڭىزنى بېغىشلاش ئۈچۈن نېمىلە‌رنى قىلىشىڭىز كېرە‌ك؟‏ ئە‌يسا مە‌سىھ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئە‌گە‌ر كىمكى مېنىڭ ئارقامدىن ئە‌گىشىشنى خالىسا،‏ ئۆزىدىن ۋاز كە‌چسۇ‌ن» (‏مە‌تتا 16:‏24‏)‏.‏ گرېك تىلىدىكى «ئۆزىدىن ۋاز كېچىش» دە‌پ تە‌رجىمە قىلىنغان ئىبارىنى «چوقۇ‌م ئۆز-‏ئۆزىگە ياق دېيىشى كېرە‌ك» دە‌پمۇ تە‌رجىمە قىلىشقا بولىدۇ.‏ سىز يە‌ھۋاغا ئۆزىنى بېغىشلىغان خىزمە‌تچى سۈپىتىدە،‏ ئۇ‌نىڭ ئىرادىسىگە زىت كېلىدىغان ھە‌رقانداق نە‌رسىگە ياق دېيىشىڭىز كېرە‌ك (‏2-‏كورىنت.‏ 5:‏14،‏ 15‏)‏.‏ بۇ «تە‌ننىڭ ئىشلىرى»،‏ يە‌نى جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (‏گالاتىيا.‏ 5:‏19–‏21؛‏ 1-‏كورىنت.‏ 6:‏18‏)‏.‏ بۇ‌نداق چە‌كلە‌ش ھاياتىڭىزنى قىيىنلاشتۇ‌رامدۇ؟‏ ئە‌گە‌ر سىز يە‌ھۋانى سۆيسىڭىز ۋە ئۇ‌نىڭ چە‌كلە‌يدىغان قانۇ‌نلىرى سىز ئۈچۈن پايدىلىق ئىكە‌نلىكىگە ئىشە‌نسىڭىز،‏ ئۇ‌نىڭ ئە‌مرلىرى ئېغىر يۈك بولمايدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 119:‏97؛‏ يە‌شايا 48:‏17،‏ 18‏)‏.‏ نىكولاس ئىسىملىك بىر بۇ‌رادە‌ر مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «سىز يە‌ھۋانىڭ قانۇ‌نلىرىنى ئە‌ركىنلىكىڭىزنى چە‌كلە‌يدىغان تۈرمىنىڭ تۆمۈر بالداقلىرىغا ئوخشاتسىڭىز بولىدۇ ياكى ئۇ‌نى سىزنى شىرلاردىن قوغدايدىغان تۆمۈر قە‌پە‌زنىڭ باداقلىرى دە‌پ قارىسىڭىزمۇ بولىدۇ.‏ بۇ‌نىڭغا قانداق قاراشنى تاللاش ئۆزىڭىزگە باغلىق».‏

سىز يە‌ھۋانىڭ قانۇ‌نلىرى ئە‌ركىنلىكىڭىزنى چە‌كلە‌يدىغان،‏ تۈرمىنىڭ تۆمۈر بالداقلىرىغا ئوخشىتامسىز ياكى ئۇ‌لارنى شىردىن قوغدايدىغان تۆمۈر قە‌پە‌زنىڭ بالداقلىرى دە‌پ قارامسىز؟‏ (‏4-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


5.‏ (‏1)‏ يە‌ھۋاغا ئۆزىڭىزنى قانداق بېغىشلايسىز؟‏ (‏2)‏ يە‌ھۋاغا بېغىشلاش بىلە‌ن سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشنىڭ ئارىسىدا قانداق پە‌رق بار؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

5 سىز ئۆزىڭىزنى يە‌ھۋاغا قانداق بېغىشلايسىز؟‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن سىز بىر دۇ‌ئا قىلىپ،‏ يالغۇ‌ز ئۇ‌نىڭغىلا ئىبادە‌ت قىلىش ۋە ئۇ‌نىڭ ئىرادىسىنى ھاياتىڭىزدا بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌شنى ۋە‌دە قىلىسىز.‏ سىز داۋاملىق «خۇ‌دايىڭ يە‌ھۋانى پۈتۈن قە‌لبىڭ،‏ پۈتۈن جېنىڭ،‏ پۈتۈن زېھنىڭ ۋە پۈتۈن كۈچۈڭ بىلە‌ن سۆيگىن» دېگە‌ن ئە‌مر بويىچە ياشاشقا ۋە‌دە قىلىسىز (‏ماركۇ‌س 12:‏30‏)‏.‏ ئۆزىڭىزنى بېغىشلاش سىز شە‌خسە‌ن قىلىدىغان ئىش.‏ ئۇ‌نى پە‌قە‌ت سىز ۋە يە‌ھۋا بىلىدۇ.‏ ئە‌كسىچە،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈش بولسا،‏ كۆپچىلىك ئالدىدا ئاشكارا قىلىنىدىغان ئىش.‏ بۇ كۆپچىلىككە ئۆزىڭىزنى يە‌ھۋاغا بېغىشلىغانلىقىڭىزنى كۆرسىتىدۇ.‏ ئۆزىڭىزنى بېغىشلاش بىر مۇ‌قە‌ددە‌س قە‌سە‌م بولۇ‌پ،‏ سىز ئۆز-‏ئۆزىڭىزدىن شۇ قە‌سە‌مگە سادىق ياشاشنى قارار چىقارغاندە‌ك،‏ يە‌ھۋا سىزدىن شۇ قە‌سىمىڭىزگە سادىق ياشىشىڭىزنى كۈتىدۇ.‏ —‏ۋە‌ز 5:‏4،‏ 5‏.‏

يە‌ھۋاغا ئۆزىنى بېغىشلاش،‏ پە‌قە‌ت ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلىشقا ۋە ئۇ‌نىڭ ئىرادىسىنى ھاياتىڭىزدا بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌شقا بە‌رگە‌ن ۋە‌دىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (‏5-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


نېمە ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى يە‌ھۋاغا بېغىشلايسىز؟‏

6.‏ كىشىنى ئۆزىنى يە‌ھۋاغا بېغىشلاشقا نېمە دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ؟‏

6 ئۆزىڭىزنى يە‌ھۋاغا بېغىشلىشىڭىزنىڭ ئە‌ڭ ئاساسىي سە‌ۋە‌بى بولسا،‏ سىزنىڭ ياراتقۇ‌چىغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىڭىز.‏ بۇ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت پە‌قە‌ت ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌غا ئاساسلانمىغان.‏ ئە‌كسىنچە،‏ «توغرا بىلىم» ۋە «روھىي چۈشە‌نچىلە‌ر»گە ئاساسلانغان.‏ سىز يە‌ھۋانى ۋە ئۇ‌نىڭ ئىرادىسىنى كۆپرە‌ك تونۇ‌غانسېرى،‏ ئۇ‌نىڭغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىڭىز بارغانسېرى چوڭقۇ‌رلىشىدۇ (‏كولوسى.‏ 1:‏9‏)‏.‏ سىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگە‌نگە‌ندىن كېيىن،‏ شۇ‌نىڭغا قە‌تئىي ئىشىنىسىز.‏ (‏1)‏ يە‌ھۋا ھە‌قىقە‌تە‌ن مە‌ۋجۇ‌ت،‏ (‏2)‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب خۇ‌دانىڭ ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌شى بىلە‌ن يېزىلغان،‏ (‏3)‏ ئۇ ئۆز تە‌شكىلاتىنى ئىشلىتىپ،‏ ئۆز ئىرادىسىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدۇ.‏

7.‏ ئۆزىمىزنى يە‌ھۋاغا بېغىشلاشتىن ئىلگىرى قانداق قە‌دە‌ملە‌رنى تاشلىشىمىز لازىم؟‏

7 ئۆزىنى يە‌ھۋاغا بېغىشلىغانلار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئاساسىي تە‌لىماتلارنى بىلىشى ۋە ئۇ‌نىڭ ئۆلچە‌م-‏قائىدىلىرىگە ماس ھايات كە‌چۈرۈشى كېرە‌ك.‏ ئۇ‌لار قولىدىن كېلىشىچە ئۆز شارائىتىغا ماس ھالدا باشقىلىرىغا ئۆزىنىڭ ئۆگە‌نگە‌نلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ (‏مە‌تتا 28:‏19،‏ 20‏)‏.‏ ئۇ‌لارنىڭ يە‌ھۋاغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى كۈچە‌يگە‌نسېرى،‏ پە‌قە‌ت ئۇ‌نىڭغا ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىش ئارزۇ-‏ئىستىكى كۈچىيىدۇ.‏ سىزمۇ شۇ‌نداق قىلامسىز؟‏ ئە‌گە‌ر سىزدە شۇ‌نداق سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بولسا،‏ ئۆزىڭىزنى بېغىشلاپ،‏ سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشنى پە‌قە‌ت سىزگە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىتىۋاتقان كىشىنى ياكى ئاتا-‏ئانىڭىزنى خۇ‌شال قىلىش ئۈچۈن قىلىشىم كېرە‌ك دە‌پ قارىمايسىز ياكى دوستلىرىڭىزغا قاراپ،‏ سىزمۇ شۇ‌نداق قىلىشنى ئويلىمايسىز.‏

8.‏ مىننە‌تدارلىق ئۆزىڭىزنى يە‌ھۋاغا بېغىشلاشنى قارار قىلىشىڭىزغا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ (‏زە‌بۇ‌ر 116:‏12–‏14‏)‏

8 يە‌ھۋانىڭ قىلغان بارلىق ئىشلىرى توغرۇ‌لۇ‌ق تە‌پسىلىي ئويلىغىنىڭىزدا،‏ سىز تە‌بىئىيلا ئۆزىڭىزنى ئۇ‌نىڭغا بېغىشلاشنى قارار قىلىسىز ‏(‏زە‌بۇ‌ر 116:‏12–‏14-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب يە‌ھۋانى «ھە‌ربىر ياخشى ھە‌دىيە ۋە ھە‌ربىر مۇ‌كە‌ممە‌ل سوۋغات» بە‌رگۈچى دە‌پ تە‌سۋىرلە‌يدۇ (‏ياقۇ‌پ 1:‏17‏)‏.‏ ئۇ بە‌رگە‌ن بارچە ھە‌دىيە‌لە‌رنىڭ ئارىسىدىكى ئە‌ڭ قىممە‌تلىك سوۋغات بولسا،‏ ئۆز ئوغلى ئە‌يسانى تۆلە‌م ئۈچۈن بېرىشتۇ‌ر.‏ ئويلاپ كۆرۈڭ،‏ بۇ تۆلە‌م ئارقىلىق يە‌ھۋا سىزگە چە‌كسىز سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى ئىپادىلە‌پ،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن دوست بولۇ‌ش ۋە مە‌ڭگۈ ياشاش ئۈمىدىنى بە‌ردى (‏1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏9،‏ 10،‏ 19‏)‏.‏ سىزمۇ يە‌ھۋاغا ئۆزىڭىزنى بېغىشلاش ئارقىلىق،‏ ئاشۇ چە‌كسىز سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە باشقا بارلىق بە‌رىكە‌تلىرى ئۈچۈن خۇ‌داغا بولغان مىننە‌تدارلىقىڭىزنى ئىپادىلىيە‌لە‌يسىز (‏تە‌كرار.‏ قا 16:‏17؛‏ 2-‏كورىنت.‏ 5:‏15‏)‏.‏ بۇ توغرۇ‌لۇ‌ق ‏«مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏» دېگە‌ن كىتابنىڭ 46-‏دە‌رس 4-‏ئابزاسىدا يېزىلغان ۋە «‏خۇ‌داغا بېرە‌لە‌يدىغان سوۋغىلىرىڭىز‏» ناملىق ئۈچ مىنۇ‌تلۇ‌ق فىلىمنى كۆرۈڭ.‏

ئۆزىڭىزنى بېغىشلاش ۋە چۆمۈلدۈرۈلۈشكە تە‌ييار بولدىڭىزمۇ؟‏

9.‏ نېمە ئۈچۈن بىر كىشى مە‌جبۇ‌رىي ھالدا ئۆزىنى يە‌ھۋاغا بېغىشلاشنى قارار قىلماسلىقى كېرە‌ك؟‏

9 بە‌لكىم،‏ سىز ئۆزىڭىزنى بېغىشلاش ۋە چۆمۈلدۈرۈلۈشكە تە‌ييار ئە‌مە‌ستە‌ك ھېس قىلىۋاتىسىز.‏ يە‌ھۋانىڭ ئۆلچە‌م-‏قائىدىلىرىگە ماس ياشاش ئۈچۈن ھاياتىڭىزدا بە‌زى ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى قىلىشىڭىز كېرە‌ك ياكى ئىمان-‏ئېتىقادىڭىزنى تېخىمۇ كۈچە‌يتىش ئۈچۈن كۆپرە‌ك ۋاقىت چىقىرىشىڭىز كېرە‌ك دە‌پ ئويلايدىغانسىز (‏كولوسى.‏ 2:‏6،‏ 7‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان كىشىلە‌رنىڭ ھە‌ممىسىلا ئوخشاش سۈرئە‌تتە ئالغا ئىلگىرىلمە‌يدۇ.‏ ياشلارنىڭ ھە‌ممىسى ئوخشاش بىر ياشتا ئۆزىنى بېغىشلاش ۋە چۆمۈلدۈرۈلۈشكە تە‌ييار بولالمايدۇ.‏ ئۆزىڭىزنىڭ قانداق ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى قىلىشىڭىز كېرە‌كلىكىنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭ.‏ گالاتىيا.‏—‏6:‏4،‏ 5.‏

10.‏ ئە‌گە‌ر ئۆزىڭىزنى خۇ‌داغا بېغىشلاش ۋە سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشكە تېخى تە‌ييار ئە‌مە‌ستە‌ك ھېس قىلسىڭىز،‏ نېمىلە‌رنى قىلسىڭىز بولىدۇ؟‏ (‏«‏ ھە‌قىقە‌تتە چوڭ بولغانلار ئۈچۈن مە‌سلىھە‌تلە‌ر‏» دېگە‌ن رامكىغىمۇ قاراڭ)‏

10 ھە‌تتا سىز ئۆزىڭىزنى يە‌ھۋاغا بېغىشلاشقا تېخى تە‌ييار ئە‌مە‌ستە‌ك ھېس قىلسىڭىزمۇ،‏ بۇ مە‌قسىتىڭىزگە يېتىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىڭ.‏ ئۆزگە‌رتىشكە تېگىشلىك تە‌رە‌پلىرىڭىز بولسا،‏ يە‌ھۋادىن بە‌رىكە‌ت سوراپ،‏ دۇ‌ئا قىلىڭ (‏فىلىپى.‏ 2:‏13؛‏ 3:‏16‏)‏.‏ ئۇ چوقۇ‌م دۇ‌ئايىڭىزنى ئاڭلايدۇ ۋە دۇ‌ئايىڭىزغا جە‌زمە‌ن جاۋاب بېرىدۇ.‏—‏1-‏يۇ‌ھاننا 5:‏14‏.‏

نېمە ئۈچۈن بە‌زىلە‌ر ئىككىلىنىپ ئارقىغا سۈرىدۇ؟‏

11.‏ يە‌ھۋا ئۆزىگە ساداقە‌تمە‌ن بولۇ‌پ قېلىشىمىزغا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

11 بە‌زىلە‌ر ئۆزىنى بېغىشلاپ،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشكە تە‌ييار بولغان بولسىمۇ،‏ ئۇ‌لار بۇ قە‌دە‌منى بېسىشتىن ئىككىلىنىپ قالىدۇ.‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ‌لار:‏ «ئە‌گە‌ر مە‌ن سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلگە‌ندىن كېيىن،‏ ئېغىر گۇ‌ناھ ئۆتكۈزۈپ قويۇ‌پ،‏ جامائە‌تتىن چىقىرىلسامچۇ؟‏»،‏—‏ دە‌پ ئويلىشى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌گە‌ر سىز شۇ‌نداق ئوي-‏پىكىردە بولسىڭىز،‏ شۇ‌نىڭغا ئىشىنىڭكى،‏ يە‌ھۋا سىزگە ھە‌ممە ئىشتا ئۇ‌نى خۇ‌رسە‌ن قىلىش ئۈچۈن توغرا يولدا مېڭىشىڭىزغا ياردە‌م بېرىدىغان بارلىق نە‌رسىلە‌رنى بېرىدۇ (‏كولوسى.‏ 1:‏10‏)‏.‏ ئۇ يە‌نە توغرا ئىشلارنى قىلىشىڭىز ئۈچۈن كۈچ بېرىدۇ.‏ ئۇ ئۆزىنىڭ باشقا نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌رگىمۇ شۇ‌نداق ياردە‌م قىلغانلىقىنى ئاللىقاچان كۆرسە‌تكە‌ن (‏1-‏كورىنت.‏ 10:‏13‏)‏.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ ناھايىتى ئاز كىشىلە‌ر جامائە‌تتىن چىقىرىلغان.‏ يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقىنىڭ ئۇ‌نىڭغا سادىق بولۇ‌پ قېلىشىغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏

12.‏ ئېغىر گۇ‌ناھلارنى ئۆتكۈزۈشتىن قانداق ساقلىنالايمىز؟‏

12 ھە‌ربىر مۇ‌كە‌ممە‌ل بولمىغان ئىنسان،‏ خاتا ئىشلارنى قىلىشقا مايىل بولىدۇ (‏ياقۇ‌پ 1:‏14‏)‏.‏ ئە‌مما ئېزىقتۇ‌رۇ‌لۇ‌شقا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ قانداق ھە‌رىكە‌ت قىلىش ئۆزىڭىزگە باغلىق.‏ ئېسىڭىزدە بولسۇ‌نكى،‏ قانداق ياشاشنى پە‌قە‌ت ئۆزىڭىز قارار قىلالايسىز.‏ بۇ‌نىڭغا قارشى كۆز قاراشتىكى بە‌زى كىشىلە‌ر ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىمىزنى ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمىزنى ئۆزىمىز كونترول قىلالمايمىز دېيىشىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌لارنىڭ كۆز قاراشلىرى خاتا.‏ سىز خاتا ئارزۇ-‏ھە‌ۋە‌سلىرىڭىزنى كونترول قىلىشنى ئۆگىنە‌لە‌يسىز‏.‏ ھە‌تتا بە‌زىدە شۇ‌نداق ئازدۇ‌رۇ‌لۇ‌شلارغا دۇ‌چ كە‌لسىڭىز،‏ يامان ئىشنى قىلماسلىقنى تاللىيالايسىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ھە‌ر كۈنى يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىش،‏ يە‌ھۋانىڭ سۆزى بولغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى شە‌خسىي تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىش ياخشى ئادە‌تنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ش،‏ جامائە‌ت ئىبادە‌ت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىش،‏ ئۆز ئىمان-‏ئېتىقادىمىز ھە‌ققىدە باشقىلارغا ئېيتىپ بېرىش بىزنى گۇ‌ناھلاردىن ساقلايدۇ.‏ مۇ‌شۇ قە‌دە‌م باسقۇ‌چلارنى بېسىش ئۆزىنى بېغىشلاش قە‌سىمىگە سادىق ياشىشىڭىز ئۈچۈن كۈچ بېرىدۇ.‏ يە‌نە شۇ‌نى قە‌تئىي ئۇ‌نتۇ‌ماڭكى،‏ يە‌ھۋا سىزنىڭ قە‌سىمىڭىزگە سادىق ياشىشىڭىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ —‏گالاتىيا.‏ 5:‏16‏.‏

13.‏ يۈسۈپ بىز ئۈچۈن قانداق ئۈلگە قالدۇ‌رغان؟‏

13 ئە‌گە‌ر ئېزىقتۇ‌رۇ‌شقا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىڭىزنى ئالدىن-‏ئالا قارار قىلغان بولسىڭىز،‏ يە‌ھۋاغا بە‌رگە‌ن قە‌سىمىڭىزگە سادىق ياشاش ئاسانراق بولىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا شۇ‌نداق قە‌سىمىگە سادىق ياشىغان نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر تىلغا ئېلىنغان.‏ گە‌رچە ئۇ‌لار نامۇ‌كە‌ممە‌ل كىشىلە‌ر بولسىمۇ،‏ ئۇ‌لار توغرا ئىش قىلغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ پوتىپارنىڭ ئايالى يۈسۈپنى قايتا-‏قايتا ئازدۇ‌رۇ‌شقا ئۇ‌رۇ‌نغان.‏ ئە‌مما،‏ يۈسۈپ نېمە قىلىشى كېرە‌كلىكىنى ئاللىقاچان قارار قىلغانىدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ خوجايىنىڭ ئايالىنى رە‌ت قىلغان ۋە ئۇ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مە‌ن قانداقمۇ بۇ‌نداق رە‌زىل ئىشنى قىلىپ،‏ خۇ‌داغا قارشى گۇ‌ناھ قىلاي؟‏» (‏يارىت.‏ 39:‏8–‏10‏)‏ بىز شۇ‌نى ئېنىق كۆرۈۋالالايمىزكى،‏ پوتىپارنىڭ ئايالى يۈسۈپنى ئازدۇ‌رۇ‌شتىن ئىلگىرى‏،‏ ئۇ ئۆزىنىڭ نېمە قىلىشى كېرە‌كلىكىنى ئېنىق بىلگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ ئېزىقتۇ‌رۇ‌لۇ‌شقا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ ئۇ‌نىڭغا قارشى تۇ‌رۇ‌ش ئاسان بولغان.‏

14.‏ ئېزىقتۇ‌رۇ‌لغاندا گۇ‌ناھ سادىر قىلىشنى رە‌ت قىلىشنى قانداق ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

14 سىز يۈسۈپكە ئوخشاش قە‌تئىي ئىرادىلىك بولۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟‏ ئېزىقتۇ‌رۇ‌شقا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىڭىزنى ھازىرنىڭ ئۆزىدە قارار قىلىڭ.‏ يە‌ھۋا ئۆچ كۆرۈدىغان ئىشلارغا دە‌رھال ياق دېيىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ (‏زە‌بۇ‌ر 97:‏10؛‏ 119:‏165‏)‏.‏ ھە‌تتا ئۇ‌لار توغرۇ‌لۇ‌ق ئوي-‏خىيال قىلىشتىنمۇ ئۆزىڭىزنى نېرى تۇ‌تۇ‌ڭ.‏ شۇ‌نداق بولغاندا،‏ ئېزىقتۇ‌رۇ‌لغاندا گۇ‌ناھ سادىر قىلىشتىن ساقلىنالايسىز.‏ چۈنكى،‏ سىز نېمە ئىش قىلىشىڭىزنى بىلىسىز ۋە شۇ‌نداق قىلىشنى ئاللىبۇ‌رۇ‌ن قارار قىلىپ بولغان.‏

15.‏ كىشى ئۆزىنىڭ يە‌ھۋانى ئە‌ستايىدىل ئىزدە‌ۋاتقانلىقىنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يدۇ؟‏ (‏ئىبرانىيلار 11:‏6‏)‏

15 بە‌لكىم،‏ سىز ھازىر ھە‌قىقە‌تنى تاپقانلىقىڭىزنى بىلىسىز ۋە يە‌ھۋاغا پۈتۈن ۋۇ‌جۇ‌دىڭىز بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىشنى خالايدىغانسىز.‏ ئە‌مما،‏ ئۆزىڭىزنى يە‌ھۋاغا بېغىشلاش ۋە سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئە‌نسىرە‌پ،‏ ئىككىلىنىپ تۇ‌رۇ‌ۋاتقاندۇ‌رسىز.‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تتە بولسىڭىز،‏ پادىشاھ داۋۇ‌تتە‌ك قىلسىڭىز بولىدۇ.‏ ئۇ يە‌ھۋاغا يالۋۇ‌رۇ‌پ،‏ شۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئە‌ي خۇ‌دا مېنى تە‌كشۈرگىن ۋە كۆڭلۈمنى چۈشە‌نگىن؛‏ مېنى تە‌كشۈرگىن،‏ مېنىڭ غە‌م-‏ئە‌ندىشىلىرىمنى بىلگىن.‏ كۆڭلۈمدە قانداقتۇ بىر يامان يولغا كىرىپ قالدىممۇ كۆرگىن،‏ مېنى مە‌ڭگۈ ئۆز يولۇ‌ڭدا يېتە‌كلىگىن» (‏زە‌بۇ‌ر 139:‏23،‏ 24‏)‏.‏ سىز ئۆزىڭىزنى بېغىشلاپ،‏ سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈش مە‌قسىتىڭىزگە يېتىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىپ،‏ يە‌ھۋانى ‹ئە‌ستايىدىل ئىزدە‌ۋاتقانلىقىڭىزنى› كۆرسە‌تتىڭىز.‏ يە‌ھۋا بۇ‌نداق كىشىلە‌رنى چوقۇ‌م بە‌رىكە‌تلە‌يدۇ.‏—‏ئىبرانىيلار 11:‏6-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

يە‌ھۋاغا يېقىنلىشىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ڭ

16،‏ 17.‏ يە‌ھۋا ھە‌قىقە‌تتە ئۆسكە‌ن ياشلارنى ئۆزىگە قانداق جە‌لپ قىلىدۇ؟‏ (‏يۇ‌ھاننا 6:‏44‏)‏

16 ھە‌زرىتى ئە‌يسا ئۆزىنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ ھە‌ممىسىنى يە‌ھۋانىڭ جە‌لپ قىلغانلىقىنى ئېيتقان ‏(‏يۇ‌ھاننا 6:‏44-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بۇ نېمىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆرۈڭ.‏ يە‌ھۋا ئۆزىگە جە‌لپ قىلغان ھە‌ربىر ئادە‌مدە بار ئارتۇ‌قچىلىق تە‌رە‌پنى كۆرىدۇ.‏ ئۇ ئاشۇ كىشىنى ئۆزىنىڭ «ئۆزگىچە مۈلكى» ياكى «قىممە‌تلىك بايلىقى» دە‌پ قارايدۇ (‏تە‌كرار.‏ قا 7:‏6‏)‏.‏ يە‌ھۋا سىزگىمۇ شۇ‌نداق قارايدۇ.‏

17 بە‌لكىم،‏ ئاتا-‏ئانىڭىز سىزگە كىچىكىڭىزدىن ھە‌قىقە‌تنى تونۇ‌تۇ‌پ،‏ يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىشنى ئۆگە‌تكە‌ندۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ يە‌ھۋا سىزنى ئۆزىگە جە‌لپ قىلمىدى دە‌پ ئويلىشىڭىز مۇ‌مكىن.‏ لېكىن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا مۇ‌نداق دېيىلگە‌ن:‏ «خۇ‌داغا يېقىنلىشىڭلار،‏ شۇ‌ندىلا ئۇ ھە‌م سىلە‌رگە يېقىنلىشىدۇ» (‏ياقۇ‌پ 4:‏8؛‏ 1-‏تارىخ.‏ 28:‏9‏)‏.‏ سىز تە‌شە‌ببۇ‌سكارلىق بىلە‌ن يە‌ھۋاغا يېقىنلاشسىڭىز،‏ ئۇ سىزگە يېقىنلىشىش ئارقىلىق جاۋاب قايتۇ‌رىدۇ.‏ يە‌ھۋا سىزنىڭ بىر توپ كىشىلە‌رنىڭ ئارىسىدا بولغانلىقىڭىزغا قارىمايدۇ.‏ ئۇ‌نىڭ نە‌زىرىدە سىز ئالاھىدە.‏ ئۇ ھە‌ربىر كىشىنى جە‌لپ قىلىدۇ،‏ ھە‌تتا ھە‌قىقە‌تتە چوڭ بولۇ‌ۋاتقان ياشلارنىمۇ ئۆزىگە جە‌لپ قىلىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر بىر كىشى تە‌شە‌ببۇ‌سكارلىق بىلە‌ن يە‌ھۋاغا يېقىنلاشسا،‏ خۇ‌ددى ياقۇ‌پ 4:‏8-‏ئايە‌تتە دىققە‌ت قىلغىنىمىزدە‌ك،‏ ئۇ ھە‌م ئاشۇ كىشىگە يېقىنلىشىدۇ.‏ —‏2-‏سالونىكالىقلار 2:‏13-‏نى سېلىشتۇ‌رۇ‌ڭ.‏

18.‏ كېيىنكى ماقالىدە نېمىلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏ (‏زە‌بۇ‌ر 40:‏8‏)‏

18 ئۆزىڭىزنى يە‌ھۋاغا بېغىشلاپ،‏ سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلسىڭىز،‏ ئە‌يسا مە‌سىھنى ئۈلگە قىلغان بولىسىز.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭدىن نېمىنى تە‌لە‌پ قىلغان بولسا،‏ ئۇ شۇ‌نى قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىسىغا بېغىشلىغان ‏(‏زە‌بۇ‌ر 40:‏8-‏نى ئوقۇ‌ڭ؛‏ ئىبرانىي.‏ 10:‏7‏)‏.‏ كېيىنكى ماقالىدە،‏ سىز سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلگە‌ندىن كېيىن،‏ داۋاملىق يە‌ھۋاغا ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىشىڭىزغا نېمە ياردە‌م بېرىدىغانلىقى ھە‌ققىدە ئۆگىنىمىز.‏

قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

  • ئۆزىنى يە‌ھۋاغا بېغىشلاش دېگە‌ن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

  • يە‌ھۋاغا بولغان مىننە‌تدارلىق ئۆزىمىزنى بېغىشلاشنى قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

  • ئېغىر گۇ‌ناھلارنى ئۆتكۈزۈشتىن ساقلىنىشىمىزغا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

23-‏ناخشا يە‌ھۋا بىزنىڭ كۈچىمىز