11-تەتقىق ماقالىسى
154-ناخشا ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرىمىز
ئۈمىدسىزلىككە قارىماي، يەھۋاغا داۋاملىق خىزمەت قىلالايسىز
«مېنىڭ ئىسىمىم ئۈچۈن بەرداشلىق بەردىڭ».—ۋەھىي. 3:2.
مەركىزى ئىدىيە
ئۈمىدسىزلىككە ئۇچرىشىمىزغا قارىماي، يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرالايمىز.
1. يەھۋانىڭ تەشكىلاتىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ، قايسى بەزى بەرىكەتلەرگە ئېرىشىمىز؟
بۇ ئاخىرقى زاماندىكى ئېغىر كۈنلەردە، يەھۋانىڭ تەشكىلاتىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش ھەقىقەتەن بىز ئۈچۈن زور بەرىكەت. گەرچە دۇنيانىڭ ۋەزىيىتى بارغانسېرى يامانلىشىپ، ھايات كەچۈرۈش قىيىنلىشىپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ، يەھۋا سۆيگۈ-مۇھەببەتكە تولغان چوڭ ئائىلىسى ئارقىلىق بىزگە يار-يۆلەك بولۇۋاتىدۇ (زەبۇر 133:1). ئۇ بۇ ئائىلىدىكى ئىمانداشلىرىمىز بىلەن قېرىنداشلىق رىشتىمىزنى كۈچەيتىشكە ياردەم بېرىۋاتىدۇ (ئەفەس. 5:33–6:1). ئۇنىڭدىن باشقا، ھەقىقىي كۆڭۈل خاتىرجەملىكىگە ئېرىشىشىمىز ئۈچۈن ئۇ بىزگە دانالىق ۋە چۈشىنىش ئىقتىدارىنى بېرىۋاتىدۇ.
2. بىز نېمە قىلىشىمىز كېرەك ۋە نېمە ئۈچۈن؟
2 بىراق، بىز ساداقەتمەنلىك بىلەن يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، بەزىدە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قىلغان گەپ-سۆزلىرى ياكى ئىش-ھەرىكەتلىرى كۆڭلىمىزنى رەنجىتىپ قويۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆزىمىزمۇ قايتا-قايتا ئوخشاش خاتالىقنى ئۆتكۈزۈپ، ئۈمىدسىزلىنىپ روھىمىز چۈشۈپ كېتىدۇ. بىز تۆۋەندىكىدەك ئەھۋالدا: (1) ئىماندىشىمىز كۆڭلىمىزنى رەنجىتكەندە، (2) ئۆمۈرلۈك جۈپتىمىزدىن ئۈمىدسىزلەنگەندە، (3) ئۆز-ئۆزىمىزدىن ئۈمىدسىزلەنگەندە، سەۋر-تاقەت بىلەن يەھۋاغا خىزمەت قىلىشىمىز كېرەك. بۇ ماقالىدە، ھەر بىر ۋەزىيەتنى كۆرۈپ چىقىمىز ۋە مۇقەددەس كىتابتىكى بەزى سادىق خىزمەتچىلەرنىڭ ئۈلگىلىرىدىن قانداق ساۋاق ئالالايدىغانلىقىمىزنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
ئىمانداشلىرىمىز كۆڭلىڭىزنى رەنجىتكەندە
3. يەھۋانىڭ خەلقى قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ؟
3 قىيىنچىلىق. بەزى قېرىنداشلارنىڭ مىجەز-خۇلقى كۆڭلىمىزنى رەنجىتىشى مۇمكىن. يەنە بەزىلىرى بىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان ئىشنى قىلىشى ياكى بىزگە ئادالەتسىز مۇئامىلىدە بولۇشى مۇمكىن. يېتەكچىلىكنى ئۈستىگە ئالغان بۇرادەرلەر ھەم خاتالىق ئۆتكۈزۈشى مۇمكىن. مۇشۇنداق ۋەزىيەتلەردە بەزىلەر خۇدانىڭ تەشكىلاتىدىن گۇمانلىنىپ، نەتىجىدە ئۆزىنى رەنجىتكەن قېرىنداشلاردىن يىراق تۇرۇشقا باشلىشى، ھەتتا جامائەت يىغىلىشىغا قاتنىشىشنى توختىتىپ، قېرىنداشلار بىلەن داۋاملىق «مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ» خۇداغا ئىبادەت قىلماسلىقى مۇمكىن (سەفنىيا 3:9). بۇنداق قىلىش ئاقىلانىلىكمۇ؟ مۇقەددەس كىتابتا شۇنىڭغا ئوخشاش قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بىر شەخسنىڭ مىسالى تىلغا ئېلىنغان. ئۇنىڭىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىمىزغا كۆرۈپ باقايلى.
4. ئەلچى پاۋلۇس قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن؟
4 مۇقەددەس كىتابتىكى ئۈلگە. ئەلچى پاۋلۇس ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىنىڭ مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى ئېنىق بىلگەن. مەسىلەن، ئۇ مەسىھ ئەگەشكۈچىسى بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، باشقىلارنىڭ خاتا ھۆكۈم قىلىشىغا ئۇچرىغان (ئەلچى. 9:26). كېيىن، بەزىلەر ئۇنىڭ ئارقىسىدىن، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىسىنى سۇندۇرىدىغان سۆزلەرنى قىلغان (2-كورىنت. 10:10). ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يېتەكچىلىكنى ئۈستىگە ئالغان بىر بۇرادەرنىڭ باشقىلارغا پۇتلىكاشاڭ بولىدىغان خاتا قارارنى چىقارغانلىقىنى كۆرگەن (گالاتىيا. 2:11، 12). سەپەردە ئۇنىڭغا يېقىن ھەمراھ بولغانلاردىن ماركۇس ئۇنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرگەن (ئەلچى. 15:37، 38). پاۋلۇس مۇشۇ ۋەزىيەتلەرنىڭ ھەر بىرىدە ئۇنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەنلەر بىلەن ئالاقە قىلىشنى رەت قىلالاتتى. لېكىن، ئۇ قېرىنداشلارغا ئىجابىي كۆز قاراشتا بولۇپ، داۋاملىق يەھۋاغا قىزغىنلىق بىلەن خىزمەت قىلغان. پاۋلۇسنىڭ بۇنداق قىلىشىغا نېمە ياردەم بەرگەن؟
5. ئەلچى پاۋلۇسقا قېرىنداشلىرىدىن ۋاز كەچمەسلىككە نېمە ياردەم بەرگەن؟ (كولوسىلىقلار 3:13، 14) (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
5 پاۋلۇس قېرىنداشلارغا سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ باشقىلارغا بولغان ئاشۇ مۇھەببىتى ئۇلارنىڭ كەمچىلىكىگە ئەمەس، بەلكى ئېسىل-پەزىلەتلىرىگە دىققەت ئاغدۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن. سۆيگۈ-مۇھەببەت يەنە پاۋلۇسنىڭ كولوسىلىقلار 3:13، 14-ئايەتلەردە (ئوقۇڭ) يازغان ئىشلارنى قىلىشىغا ياردەم بەرگەن. گەرچە ماركۇس تۇنجى قېتىملىق ۋەز ئېيتىش سەپىرىدە پاۋلۇسنى تاشلاپ كەتكەن بولسىمۇ، پاۋلۇسنىڭ كۆڭلى يېرىم بولمىغان. كېيىن، كولوسىدىكى جامائەتكە ئىللىق سۆزلەرنى يېزىپ خەت ئەۋەتكەندە، پاۋلۇس ماركۇسنى «ماڭا كۆپ تەسەللى بېرىپ» كېلىۋاتقان خىزمەتدىشىم دەپ ماختىغان (كولوسى. 4:10، 11). پاۋلۇس رىمدا تۈرمىدە بولغاندا، ئۆزىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ماركۇسنىڭ كېلىشىنى ئالاھىدە تەلەپ قىلغان (2-تىموت. 4:11). ناھايىتى ئېنىقكى، پاۋلۇس قېرىنداشلىرىدىن ۋاز كەچمىگەنىدى. ئۇنىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟
6، 7. قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نامۇكەممەللىكىگە قارىماستىن، ئۇلارغا سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى كۆرسىتىشكە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟ (1-يۇھاننا 4:7)
6 نېمىنى ئۆگەندۇق؟ يەھۋا بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىزغا سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىشتە چىڭ تۇرۇشىمىزنى خالايدۇ (1-يۇھاننا 4:7-نى ئوقۇڭ). ئەگەر ئارىمىزدا بىرلىرى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگە خاس پەزىلەتنى كۆرسىتەلمىسە، بىز ئۇنىڭ مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرىغا ماس ياشاش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىپلا قالماي، كۆڭلىمىزنى قەستەن ئاغرىتىش نىيىتىنىڭ قويلىقىغىمۇ ئىشىنىمىز (پەند. نە 12:18). خۇدا ئۆزىنىڭ سادىق خىزمەتچىلىرىنى سۆيىدۇ. بىز خاتالىق ئۆتكۈزگەندە، ئۇ ئۇزۇنغىچە بىزگە ئۆچ-ئاداۋەت ساقلىمايدۇ (زەبۇر 103:9). ئاسماندىكى ئاتىمىزنىڭ كەچۈرۈمچانلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مىننەتدارمىز! بىزمۇ ئۇنى ئۈلگە قىلىپ، چوقۇم باشقىلارنى كەچۈرۈشىمىز لازىم!—ئەفەس. 4:32–5:1.
7 شۇنىمۇ ئەستە تۇتۇش كېرەككى، ئاخىرقى كۈن يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقانسېرى، قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈشىمىز كېرەك. زىيانكەشلىك چوقۇم بارغانسېرى كۈچىيىدۇ. ھەتتا ئىمان-ئېتىقادىمىز سەۋەبلىك تۈرمىگە تاشلىنىشىمىز مۇمكىن. ئەگەر راستىنلا شۇنداق ئىش يۈز بەرسە، بىز ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا، قېرىنداشلىرىمىزغا تېخىمۇ مۇھتاج بولىمىز (پەند. نە 17:17). ئىسپانىيىدىكى يۈسۈپ a ئىسىملىك بىر ئاقساقال بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىرىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇ ۋە باشقا قېرىنداشلار بىتەرەپلىكنى ساقلىغىنى ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلانغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «تۈرمىدە قېرىنداشلار ھەممىسى بىر جايدا بولغاچ، ناھايىتى ئاسانلا ئارىدا سۈركىلىش پەيدا بولاتتى. شۇڭلاشقا، بىر-بىرىمىزنى چىن قەلبىمىزدىن كەچۈرۈش زۆرۈر ئىدى. شۇنداق قىلىش بىزنىڭ ئىناق-ئىتتىپاقلىقنى ساقلاپ، تۈرمىدە باشقا جىنايەتچىلەر تەرىپىدىن بوزەك قىلىنىشتىن قوغدىنىشىمىزغا ياردەم بەرگەن. بىر قېتىم مېنىڭ قولۇم يارىلىنىپ گىپىس بىلەن تېڭىلغاچقا، كۆپ ئىشلارنى ئۆزۈم قىلالمىدىم. بىراق، قېرىنداشلاردىن بىرى ماڭا ياردەملىشىپ كىيىم-كېچەكلىرىمنى يۇيدى، يەنە باشقا ئەمەلىي ياردەملەرنى بەردى. مەن ئەڭ مۇھتاج بولغان ۋاقىتتا، ئۇ ماڭا سەمىمىي سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى كۆرسەتتى». ئەگەر ئىمانداشلىرىمىز بىلەن زىددىيەتلىشىپ قالساق، ھازىرنىڭ ئۆزىدە چوقۇم ھەل قىلىشىمىز كېرەك.
ئۆمۈرلۈك جۈپتىڭىزدىن ئۈمىدسىزلەنگەندە
8. توي قىلغانلار قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ؟
8 قىيىنچىلىق. بارلىق ئائىلىدە قىيىنچىلىق بار. مۇقەددەس كىتاب توي قىلغانلارنىڭ تۇرمۇشىدا يېڭى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئوچۇق كۆرسەتكەن (1-كورىنت. 7:28). نېمە ئۈچۈن شۇنداق؟ چۈنكى، نىكاھ نامۇكەممەل ئىككى كىشىنىڭ بىرلىشىشى بولۇپ، ھەر ئىككىسىنىڭ پەرقلىق مىجەز-خۇلقى ۋە ياقتۇرمايدىغان ئىشلىرى بولىدۇ ياكى بىر جۈپلەر ئوخشىمايدىغان مەدەنىيەت ياكى ئائىلە كېلىپ چىقىشى پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار ۋاقتى كەلگەندە، توي قىلىشتىن ئىلگىرى كۆرمىگەن بەزى مىجەز-خۇلقلىرىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. شۇلار ئارىدا سۈركىلىش پەيدا قىلالايدۇ. قىيىنچىلىقلىرى پەيدا بولغاندا، ھەر بىرى ئۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىش كېرەكلىكىنى كۆرۈپ يېتىشنىڭ ئورنىغا، شۇنىڭدەك قىيىنچىلىقلارنىڭ پەيدا بولۇشىدا ئۆزىنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى قوبۇل قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇلار ئىككىسى بىر-بىرىنى ئەيىبلىشى مۇمكىن. ئۇلار ھەتتا ئايرىلىپ ياشاش ياكى ئاجرىشىپ كېتىشنى قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشىنىڭ ئامالى دەپ قارىشى مۇمكىن. ئەمما، نىكاھدىن ۋاز كېچىش قىيىنچىلىقنى ھەل قىلامدۇ؟ b بىرلىكتە، ھەتتا ئېرىنىڭ قىيىنچىلىق پەيدا قىلغىنىغا، يەھۋاغا سادىق بولۇپ قالغان بىر ئايالنىڭ ياخشى ئۈلگىسىنى كۆرۈپ باقايلى.
9. ئابىگائىل قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن؟
9 مۇقەددەس كىتابتىكى ئۈلگە. ئابىگائىل نابال بىلەن توي قىلغان ئىدى. مۇقەددەس كىتابتا نابالنىڭ ئىنتايىن قوپال، ناچار ئادەم ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان (1-سام. 25:3). ئابىگائىلنىڭ شۇنداق كىشى بىلەن ھايات كەچۈرۈشى چوقۇم قىيىن بولغان. ئەمما، ئابىگائىل نىكاھدىن ۋاز كېچىپ، نابالدىن قۇتۇلۇشنىڭ ئاسان يولىنى تېپىشقا ئۇرۇنغانمۇ؟ نابال ئىسرائىل خەلقىنىڭ كېلەچەكتىكى پادىشاھى داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنى ھاقارەتلىگەندە، داۋۇت ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە كەلگەن. بۇ ئابىگائىل ئۈچۈن ئىنتايىن ياخشى بىر پۇرسەت ئىدى (1-سام. 25:9–13). ئابىگائىل قېچىپ كەتسە، داۋۇتنىڭ پىلانى ئەمەلگە ئاشقان بولاتتى. بىراق، ئابىگائىل داۋۇتنى نابالنى ئۆلتۈرمەسلىككە قايىل قىلغان (1-سام. 25:23–27). ئۇ نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلغان؟
10. ئابىگائىلنىڭ نىكاھىغا سادىق قېلىشىغا نېمە ياردەم بەرگەن بولۇشى مۇمكىن؟
10 ئابىگائىل يەھۋانى سۆيگەن ۋە ئۇنىڭ نىكاھ ئۈچۈن بەلگۈلىگەن ئۆلچەملىرىگە ھۆرمەت كۆرسەتكەن. شەك-شۇبھىسىزكى، ئۇ خۇدانىڭ تۇنجى بىر جۈپ ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانىنى نىكاھ ئارقىلىق بىرلەشتۈرگەندە، ئۇلارغا نېمە دېگەنلىكىنى بىلگەن (يارىت. 2:24). ئابىگائىل يەھۋانىڭ نەزىرىدە نىكاھنىڭ مۇقەددەس ئورۇنلاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. ئۇ خۇدانى خۇرسەن قىلماقچى بولغان، شۇڭلاشقا ئۇ ئېرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن ئائىلىسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. ئۇ دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، داۋۇتنىڭ نابالنى ئۆلتۈرۈشىنى توسۇپ قالغان. ئۇ يەنە ئۆزى ئۆتكۈزمىگەن خاتالىق ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىغان. ناھايىتى ئېنىقكى، يەھۋا ئۇ جەسۇر، پىداكار ئايالدىن سۆيۈنگەن. ئابىگائىلنىڭ مىسالىدىن توي قىلغانلار نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيدۇ؟
11. (1) يەھۋا توي قىلغانلاردىن نېمە تەلەپ قىلىدۇ؟ (ئەفەسلىكلەر 5:33) (2) كارمېننىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
11 نېمىنى ئۆگەندۇق؟ توي قىلغانلارنىڭ ئۆز جۈپتى بىلەن ھايات كەچۈرۈشى قىيىن بولسىمۇ، يەھۋا ئۇلارنى نىكاھ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ھۆرمەت قىلىشقا بۇيرىغان. توي قىلغانلارنىڭ قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش ۋە چىن قەلبىدىن بىر-بىرىگە سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە ھۆرمەت كۆرسىتىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، ياراتقۇچىمىز چوقۇم ئىنتايىن خۇشال بولىدۇ (ئەفەسلىكلەر 5:33-نى ئوقۇڭ). كارمېننىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. توي قىلىپ ئالتە يىلدىن كېيىن، كارمېن يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بىلەن ئۆگىنىشنى باشلىغان ۋە كېيىن سۇغا چۆمۈلدۈرۈلگەن. كارمېن مۇنداق دەيدۇ: «ئېرىم ئىمان-ئېتىقادىمنى ياقتۇرمىدى، ئۇنىڭ نەزەرىدە يەھۋا مېنى ئۇنىڭدىن تارتىۋالدى. ئۇ مېنى ھاقارەتلەپ، مەندىن ئاجرىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالىدۇ». شۇنداق بولسىمۇ، كارمېن ئۆز نىكاھىغا سادىق قالغان. ئۇ 50 يىل جەريانىدا ئېرىنى سۆيۈشكە ۋە ھۆرمەت قىلىشقا تىرىشقان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، مەن تېخىمۇ پەم-پاراسەتلىك بولۇشنى ۋە ئېرىم بىلەن سىلىق-سىپايە سۆزلىشىشنى ئۆگەندىم. يەھۋانىڭ نەزىردە نىكاھ مۇقەددەس ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، ئۇنى قوغداش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسەتتىم. مەن يەھۋانى سۆيگەچ، نىكاھىمدىن ھەرگىز ۋاز كەچمىدىم» c. ئەگەر نىكاھىڭىزدا قىيىنچىلىقلار تۇغۇلسا، يەھۋا داۋاملىق بەرداشلىق بېرىشىڭىزگە ياردەم بېرىدىغانلىقىغا شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىڭ.
ئۆز-ئۆزىڭىزدىن ئۈمىدسىزلەنگەندە
12. ئەگەر ئېغىر گۇناھ قىلساق، قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىمىز؟
12 قىيىنچىلىق. مۇقەددەس كىتاب كىشى گۇناھ ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، قەلبى «سۇنغان ۋە ئېزىلگەن» دەك ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ (زەبۇر 51:17). روبېرت ئىسىملىك بىر ياردەمچى خىزمەتچىنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇ ئۇزۇن يىل تىرىشىپ، ئاخىرى ياردەمچى خىزمەتچى بولۇشقا لاياقەتلىك بولغانىدى. بىراق، ئەپسۇسلىنارلىق يېرى، ئۇ ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغان ۋە ئۆزىنىڭ يەھۋاغا ئاسىيلىق قىلغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ۋىجدانىم مېنى ئىنتايىن ئازابلىدى، خۇددى ئۈستۈمدە بىر توننا ئېغىرلىقتىكى تاش مېنى بېسىپ تۇرىۋاتقاندەك ھېس قىلدىم. شۇنچىلىك قاتتىق ئازابلاندىمكى، بىر تەرەپتىن يىغلاپ، بىر تەرەپتىن يەھۋاغا دۇئا قىلدىم. يەنىلا ئۇنى ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەندۈردۈم ۋە ئۇ قانداقمۇ دۇئايىمغا قۇلاق سالسۇن دەپ ئويلىدىم». ئەگەر بىز ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزسەك، قەلبىمىز ئىنتايىن ئازابلىنىپ شۇنداق ئويلاشقا باشلىشىمىز مۇمكىن: «يەھۋا مەندىن ئاللىقاچان ۋاز كەچتى، ئەمدى ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشىمنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى قالمىدى» (زەبۇر 38:4). ئەگەر سىز شۇنداق ئوي-پىكىردە بولسىڭىز، مۇقەددەس كىتابتىكى بىر كىشىنىڭ مىسالىنى ئويلاپ كۆرۈڭ. ئۇ ئىنتايىن ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەن، بىراق داۋاملىق يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان.
13. ئەلچى پېترۇس قانداق ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەن ۋە قايسى خاتالىقلار ئۇنى شۇ گۇناھقا يېتەكلىگەن؟
13 مۇقەددەس كىتابتىكى ئۈلگە. ئەيسا مەسىھ ئۆلتۈرۈلۈشتىن ئاۋۋالقى ئاشۇ ئاخشىمى، ئەلچى پېترۇس بىرنەچچە قېتىم خاتالىق ئۆتكۈزگەن، نەتىجىدە بۇ ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئېغىر گۇناھنى ئۆتكۈزۈشىگە سەۋەب بولغان. بىرىنچى بولۇپ، پېترۇس ئۆزىگە بەك ئىشىنىپ كەتكەن، ھەتتا ماختىنىپ، باشقا ئەلچىلەر ئەيسانى تاشلاپ كەتكەن تەغدىردىمۇ، ئۆزى چوقۇم ئۇنىڭغا سادىق قالىدىغانلىقىنى ئېيتقان (ماركۇس 14:27–29). ئۇنىڭدىن كېيىن، پېترۇس گېتسىمانە باغچىسىدا ئەيسا ئۈچ قېتىم دۇئا قىلىشقا ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، پېترۇس ھوشيار تۇرالماي ئۇخلاپ قالغان (ماركۇس 14:32، 37–41). كېيىن كىشىلەر ئەيسانى تۇتۇپ كەتكەندە، پېترۇس ئەيسانى تاشلاپ قېچىپ كەتكەن (ماركۇس 14:50). ئاخىرىدا، ئۇ ئۈچ قېتىم ئەيسانى تونۇيدىغانلىقىنى ئىنكار قىلغان، ھەتتا بۇ توغرۇلۇق قەسەممۇ قىلغان (ماركۇس 14:66–71). پېترۇس ئۆزىنىڭ گۇناھىنىڭ ئېغىرلىقىنى تونۇپ يەتكەندە، بۇ ئۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟ ئۇ بەلكىم، گۇناھىغا ئۆكۈنگەن ۋە ئىنتايىن ئازابلىنىپ، قاتتىق يىغلىغان (ماركۇس 14:72). ئۇنىڭدىن باشقا، بىرنەچچە سائەتتىن كېيىن دوستى ئەيسا ئۆلتۈرۈلگەندە، پېترۇسنىڭ قانچىلىك ئازابلانغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ. ئۇ ئۆزىنى چوقۇم كېرەكسىز ھېس قىلغان!
14. ئەلچى پېترۇسنىڭ داۋاملىق يەھۋاغا خىزمەت قىلىشىغا نېمە ياردەم بەرگەن؟ ( قاراڭ)
14 پېترۇس بىرنەچچە سەۋەبلەر تۈپەيلى يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرالىغان. ئۇ ئۆزىنى باشقىلاردىن ئېلىپ قاچمىغان؛ ئۇ ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىغا بارغان ۋە ئۇلار ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىشكەن (لۇقا 24:33). ئۇنىڭدىن باشقا، ئەيسا تىرىلگەندىن كېيىن، بەلكىم پېترۇسنى ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا كۆرۈنگەن (لۇقا 24:34؛ 1-كورىنت. 15:5). ئەيسا پېترۇسنىڭ ئىلگىرى ئۆتكۈزگەن خاتالىقى ئۈچۈن ئۇنى ئەيىبلەشنىڭ ئورنىغا، ئۆز دوستىغا تېخىمۇ چوڭ مەسئۇلىيەتنى تاپشۇرغانلىقىنى ئېيتقان (يۇھاننا 21:15–17). پېترۇس ئۆزىنىڭ ئېغىر گۇناھ قىلغانلىقىنى بىلەتتى، ئەمما ئۇ ئۆز-ئۆزىدىن ۋاز كەچمىگەن. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئۇ ئۆز ئۇستازى بولغان ئەيسا مەسىھنىڭ ئۇنىڭدىن ۋاز كەچمىگەنلىكىگە ئىشەنگەن. ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمۇ داۋاملىق پېترۇسنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن. بىز پېترۇسنىڭ بۇ مىسالىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟
15. يەھۋا بىزنىڭ نېمىگە ئىشىنىشىمىزنى خالايدۇ؟ (زەبۇر 86:5؛ رىملىقلار 8:38، 39) (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
15 نېمىنى ئۆگەندۇق. يەھۋا ئۇ بىزنى سۆيىدىغانلىقىغا ۋە كەچۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىمىزنى خالايدۇ (زەبۇر 86:5؛ رىملىقلار 8:38، 39-نى ئوقۇڭ). گۇناھ ئۆتكۈزسەك قەلبىمىز ئازابلىنىپ، ئۆزىمىزنى گۇناھكار ھېس قىلىمىز. بۇنداق ھېس تۇيغۇدا بولۇش توغرا ۋە ناھايىتى تەبىئىي ئەھۋال. بىراق، بىز ھەرگىز يەھۋا ئەمدى بىزنى سۆيمەيدۇ ياكى كەچۈرمەيدۇ دەپ ئويلىماسلىقىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئورنىغا، دەرھال ياردەم سورىشىمىز لازىم. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان روبېرت مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئازدۇرۇشلارغا قارشى تۇرالماي ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزدۈم، چۈنكى مەن ئۆز كۈچۈمگە تايانغان ئىدىم». ئۇ ئاقساقاللاردىن ياردەم سورىشى كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن دەرھال ئاقساقاللاردىن ياردەم سورىدىم ۋە يەھۋا ئاقساقاللار ئارقىلىق ماڭا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئاقساقاللار يەھۋانىڭ مېنى تاشلىمايدىغانلىقىغا ئىشىنىشىمگە ياردەم بەردى». بىزمۇ شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، يەھۋا بىزنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ ۋە گۇناھلىرىمىزغا توۋا قىلىپ، كېرەكلىك ياردەمنى سوراپ دۇئا قىلساق ۋە ئوخشاش خاتالىقنى قايتا قىلماسلىققا تىرىشساق، ئۇ چوقۇم بىزنى كەچۈرىدۇ (1-يۇھاننا 1:8، 9). ئەگەر بىز يەھۋانىڭ بىزنى سۆيىدىغانلىقىغا ۋە كەچۈرىدىغانلىقىغا ئىشەنسەك، ھەتتا بىرى بىزگە پۇتلىكاشاڭ بولغاندا ياكى خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغىنىمىزدا، خۇداغا خىزمەت قىلىشتىن ۋاز كەچمەيمىز.
16. نېمە ئۈچۈن يەھۋاغا خىزمەت قىلىشقا بەل باغلىدىڭىز؟
16 زامان ئاخىرىدىكى بۇ قىيىن كۈنلىرىدە، يەھۋاغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىمىزنى، ئۇ ئىنتايىن قەدىرلەيدۇ. يەھۋانىڭ ياردىمى بىلەن، ئۈمىدسىزلىككە قارىماي، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرالايمىز. ئەگەر قېرىنداشلىرىمىز بىزنى رەنجىتسە، بىز ئۇلارنى كەچۈرەلەيمىز. بىز داۋاملىق ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزغا سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى كۆرسىتەلەيمىز ۋە ئۇلار بىزنى رەنجىتكەندە، ئۇلارنى كەچۈرىمىز. نىكاھىمىزدا قىيىنچىلىقلار پەيدا بولسا، قولىمىزدىن كېلىشىچە قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىپ، يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى ۋە ئۇنىڭ نىكاھ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بولغان ھۆرمىتىمىزنى كۆرسىتەلەيمىز. ئەگەر بىز ئېغىر گۇناھ قىلىپ قويساق، يەھۋانىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلەيمىز. ئۇنىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتى ۋە كەچۈرۈمىگە ئېرىشىپ، ئۇنىڭغا داۋاملىق ساداقەتمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلالايمىز. ئەگەر بىز ‹ياخشىلىق قىلىشتىن ۋاز كەچمىسەك›، چوقۇم مول بەرىكەتلەرگە ئېرىشىمىز.—گالاتىيا. 6:9.
تۆۋەندىكى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە، داۋاملىق يەھۋاغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟
-
ئېتىقادچى قېرىندىشىمىز بىزنى رەنجىتكەندە
-
ئۆمۈرلۈك جۈپتىمىز بىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەندە
-
ئۆز-ئۆزىمىزدىن ئۈمىدسىزلەنگەندە
55-ناخشا سادىقلار كۆرەر مەڭگۈلۈك ھاياتنى
a بەزى ئىسىملار ئۆزگەرتىلگەن.
b مۇقەددەس كىتاب ئەر-ئايالنىڭ ئايرىلىپ ياشىشى ياخشى ئەمەسلىكىنى ئېيتىدۇ. ئەمما، جىددىي ۋەزىيەتلەردە بەزى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى ئايرىلىپ ياشاشنى قارار قىلىشى مۇمكىن. «مەڭگۈ شاد-خۇرام ياشاڭ!» دېگەن كىتابىنىڭ «ئايرىلىپ ياشاش» ناملىق 4-ئىزاھاتقا قاراڭ.
c يەنە jw.org تور بېكىتىدىن «ساختا تىنچلىققا ئالدىنىپ قالماڭ. داررېل ۋە دېبورا فرىزىنگېر» ناملىق فىلىمنى كۆرۈڭ.