مۇقەددەس كىتابتىكى سۆز-ئىبارە
تۆلەمدىن بۇرۇن گۇناھلارنىڭ كەچۈرۈلۈشى
ئەيسا مەسىھ جېنىنى پىدا قىلىپ، تۆلەم قۇربانلىقى بەرگەچكىلا، گۇناھلىرىمىزدىن كەچۈرۈلۈش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە بولالىدۇق (ئەفەس. 1:7). بىراق، مۇقەددەس كىتاب مۇنداق دەيدۇ: «خۇدا سەۋر-تاقەت قىلىپ، ئۆتمۈشتە قىلىنغان گۇناھلارنى كەچۈرۈپ كەلگەن». دېمەك، مەسىھ تۆلەم قۇربانلىقى بېرىشتىن بۇرۇن، خۇدا ئاللىقاچان كىشىلەرنى كەچۈرگەنىدى (رىملىقلار 3:25). نېمە ئۈچۈن يەھۋانىڭ شۇنداق قىلىشى ئۇنىڭ مۇكەممەل ئادىللىق ئۆلچىمىگە زىت بولۇپ قالغان؟
ياراتقۇچى يەھۋا ئىمانلىق كىشىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بىر «ئەۋلاد»نى ئەۋەتىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. ئۇ ئاشۇ ۋەدىنى قىلغاندا، ئۇنىڭ نەزىرىدە تۆلەم ئاللىقاچان تۆلەنگەندەك بولغانىدى (يارىت. 3:15؛ 22:18). يەھۋا ۋاقتى-سائىتى كەلگەندە يېگانە ئوغلىنىڭ ئۆز ئىختىيارى بىلەن تۆلەم قۇربانلىقى بېرىدىغانلىقىغا پۈتۈنلەي ئىشەنگەن (گالاتىيا. 4:4؛ ئىبرانىي. 10:7–10). ھەزرىتى ئەيسا يەردە بولغاندا، يەھۋا ئاللىقاچان ئۇنىڭغا گۇناھنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىنى بەرگەن. چۈنكى، مەسىھ ئۆز جېنىنى تۆلەم قۇربانلىقىغا بەرگەندە، ئىمانلىق كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈم قىلالايتتى.—مەتتا 9:2–6.