10-تەتقىق ماقالىسى
5-ناخشا مەسىھ ئۈلگىمىز
سۇغا چۆمۈلدۈرۈلگەندىن كېيىن داۋاملىق ئەيساغا ئەگىشىپ مېڭىڭ
«كىمدەكىم ماڭا ئەگىشىپ مېڭىشنى خالىسا، ئۆزىدىن ۋاز كەچسۇن ۋە ھەر كۈنى ئۆزىنىڭ ئازاب تۈۋرۈكىنى كۆتۈرۈپ، داۋاملىق ماڭا ئەگەشسۇن». —لۇقا 9:23.
مەركىزى ئىدىيە
بۇ ماقالە، ھەممىمىزنىڭ ئۆزىمىزنى بېغىشلاش زادى نېمىنى بىلدۈرىدىغانلىقى توغرىسىدا چوڭقۇر ئويلىنىپ كۆرۈشىمىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ. بولۇپمۇ يېقىندا چۆمۈلدۈرۈلگەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ساداقەتمەنلىكىنى ساقلاشنى ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ.
1، 2. چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن كېيىن ھاياتىڭىز قانداق ياخشىلىنىدۇ؟
چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈپ، يەھۋانىڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش ھەقىقەتەن كىشىنى ئىنتايىن خۇشال قىلىدۇ. بۇ ئالاھىدە شان-شەرەپكە ئېرىشكەنلەر زەبۇر يازغۇچىسى داۋۇتنىڭ مۇنۇ سۆزلىرىگە قوشۇلىدۇ: «نەقەدەر بەختلىك! سەن [يەھۋا] تاللىغانلار، ھويلىلىرىڭدا ئولتۇرسۇن دەپ يېنىڭغا ئېلىپ كەلگەنلەر».—زەبۇر 65:4.
2 يەھۋا ھەممىلا كىشىنى ئۆزىنىڭ ھويلىسىغا كىرىشكە تەكلىپ قىلمايدۇ. ئالدىنقى ماقالىدە مۇھاكىمە قىلغىنىمىزدەك، ئۇ ئۆزى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان كىشىلەرگە يېقىنلىشىدۇ (ياقۇپ 4:8). ئۆزىڭىزنى يەھۋاغا بېغىشلاپ چۆمۈلدۈرۈلسىڭىز، ئالاھىدە بىر يول بىلەن تېخىمۇ يەھۋاغا يېقىنلىشىسىز. شۇنىڭدىن كېيىن، يەھۋانىڭ «ھەممە نەرسەڭلار تەل بولغانغا قەدەر، ئۈستۈڭلارغا بەرىكەت ياغدۇرغانلىقىمنى كۆرىسىلەر»، دېگەن سۆزىنىڭ ھەقىقەتەن راستلىقىنى شەخسەن ئۆز بېشىڭىزدىن ئۆتكۈزىسىز. —مالاك. 3:10؛ يەرەم. 17:7، 8.
3. ئۆزىنى بېغىشلاپ، چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ قانداق ئېغىر مەسئۇلىيىتى بار؟ (ۋەز 5:4، 5)
3 سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈش پەقەتلا بىر باشلىنىش. سىز بۇ قەدەمنى باسقاندىن كېيىن، پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن ئۆزىڭىزنى بېغىشلىغاندا بەرگەن قەسىمىڭىزگە سادىق ياشىشىڭىز كېرەك. ھەتتا ئېزىقتۇرۇشلارغا ياكى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە ھەم شۇنداق قىلىشىڭىز لازىم (ۋەز 5:4، 5-نى ئوقۇڭ). ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىسى بولغان ئىكەنسىز، ئۇنىڭ ئۈلگىسىگە ئەگىشىپ، بۇيرۇقلىرىغا كۈچىڭىزنىڭ يېتىشىچە بويسۇنۇشىڭىز كېرەك (مەتتا 28:19، 20؛ 1-پېتر. 2:21). بۇ ماقالە سىزنىڭ شۇنداق قىلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.
قىيىنچىلىقلارغا ۋە ئېزىقتۇرۇشلارغا قارىماي، داۋاملىق ئەيساغا ئەگىشىپ مېڭىڭ
4. قايسى مەنىدە ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى «ئازاب تۈۋرۈكىنى» كۆتۈرۈپ مېڭىشى كېرەك؟ (لۇقا 9:23)
4 سۇغا چۆمۈلدۈرۈلگەندىن كېيىن غەم-ئەندىشىسىز ھايات كەچۈرەلمەيسىز. ئەمەلىيەتتە، ئەيسامۇ بۇنى ئېنىق تەكىتلەپ، ئۆز ئەگەشكۈچىلىرى چوقۇم «ھەر كۈنى ئۆزىنىڭ ئازاب تۈۋرۈكىنى كۆتۈرۈپ» مېڭىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان (لۇقا 9:23-نى ئوقۇڭ). ئۇنداقتا، ئەيسا ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ھەردائىم ئازاب-ئوقۇبەت چېكىدىغانلىقىنى ئېيتقانمۇ؟ ياق. ئۇ ئۇنداق دېمەكچى ئەمەس. ئەيسا پەقەت ئۇلار بەرىكەتلەرگە ئېرىشىپ قالماي، يەنە قىيىنچىلىقلارغىمۇ دۇچ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن. بۇ قىيىنچىلىقلارنىڭ بەزىلىرى بەلكىم ئىنتايىن ئازابلىق بولۇشى مۇمكىن.—2-تىموت. 3:12.
5. قۇربانلىقلارنى بەرگەن كىشىلەرگە ئەيسا قانداق بەرىكەتلەر ھەققىدە ۋەدە قىلغان؟
5 بەلكىم، سىز ئاللىقاچان ئائىلە ئەزالىرىڭىزنىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كەلگەن ياكى خۇدا پادىشاھلىقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش ئۈچۈن، بەزى قۇربانلىقلارغا بېرىپ، ماددىي نەرسىلەرنى قوغلىشىشتىن ۋاز كەچكەندۇرسىز (مەتتا 6:33). ئەگەر شۇنداق بولسا، يەھۋا سىزنىڭ كۆرسەتكەن ساداقەتمەنلىكىڭىزگە چوقۇم دىققەت قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ (ئىبرانىي. 6:10). بەلكىم، سىز ئەيسانىڭ مۇنۇ سۆزىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى ئۆز بېشىڭىزدىن ئۆتكۈزۈۋاتقانسىز: «كىمكى مېنى ۋە خۇش خەۋەرنى دەپ، ئۆيى، ئاكا-ئۇكىلىرى، ئاچا-سىڭىللىرى، ئاتا-ئانىسى، بالا-چاقىلىرى ياكى يەر-زېمىنلىرىدىن ئايرىلغان بولسا، ھازىرنىڭ ئۆزىدە، مۇشۇ زاماندا زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچراش بىلەن بىرلىكتە، يۈز ھەسسىلەپ، ئۆي، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل، ئانا، بالا-چاقا ۋە يەر-زېمىنلارغا ئېرىشىدۇ، كېلەچەكتە بولسا مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدۇ» (ماركۇس 10:29، 30). سىز ئېرىشكەن بەرىكەتلەر، سىز بەرگەن قۇربانلىقلاردىن كۆپتۇر.—زەبۇر 37:4.
6. نېمە ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن كېيىن داۋاملىق تەننىڭ ئارزۇ-ھەۋىسىگە قارشى كۈرەش قىلىشىمىز لازىم؟
6 سىز يەنىلا «تەننىڭ نەپسى»، يەنى ئارزۇ-ھەۋىسىگە قارشى كۈرەش قىلىشىڭىز كېرەك (1-يۇھاننا 2:16). چۈنكى، سىز ئادەم-ئاتىنىڭ نامۇكەممەل ئەۋلادى. بەزى چاغلاردا، سىز ئۆزىڭىزنى ئەلچى پاۋلۇستەك ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن. ئۇ مۇنداق دەپ يازغان: «ئىچ-ئىچىمدىن خۇدانىڭ قانۇنىدىن سۆيۈنىمەن. بىراق، تېنىمدە باشقا بىر قانۇننىڭ ئېڭىمدىكى قانۇنغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى سېزىۋاتىمەن. تېنىمدىكى بۇ گۇناھنىڭ قانۇنى مېنى ئەسىر قىلىۋاتىدۇ» (رىملىقلار 7:22، 23). بەلكىم، گۇناھكار خاھىشىڭىزغا قارشى كۈرەش قىلغاندا، ئۈمىدسىزلىنىشىڭىز مۇمكىن. شۇنداق ۋاقىتلاردا، يەھۋاغا بەرگەن ۋەدىڭىز توغرۇلۇق ئويلىنىش، ئېزىقتۇرۇشقا قارشى تۇرۇش ئىرادىڭىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۆزىڭىزنى بېغىشلاش قەسىمىڭىز سىناقلارغا دۇچ كەلگەندە ھاياتىڭىزنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. نېمە ئۈچۈن بۇنداق دەيمىز؟
7. ئۆزىڭىزنى يەھۋاغا بېغىشلاش ئۇنىڭغا سادىق بولۇشىڭىزغا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
7 يەھۋاغا ئۆزىڭىزنى بېغىشلىغاندا، سىز ئۆزىڭىزدىن ۋاز كەچكەن. يەنى، سىز يەھۋانى خۇرسەن قىلمايدىغان شەخسىي ئارزۇ-ئىستەك ياكى مەقسەتلىرىڭىزگە ياق دېيىشنى قارار قىلغان ئىدىڭىز (مەتتا 16:24). شۇڭا، سىناققا دۇچ كەلگەندە، نېمە قىلىش توغرىسىدا كۆپ ئويلاشقا ۋاقىت سەرپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. سىز يەھۋاغا سادىق بولۇشتىن باشقا، ھەرقانداق تاللاشلارنىڭ يولىنى ئاللىقاچان يېپىۋەتكەن. سىز يەھۋانى خۇرسەن قىلىشتا چىڭ تۇرىسىز. بۇنداق قىلسىڭىز، ئايۇپنى ئۈلگە قىلغان بولىسىز. ئايۇپ گەرچە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى باشتىن ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، قەتئىيلىك بىلەن شۇنداق دېگەن: «تاكى ئۆلگۈچە، مەن توغرىلىقىمدىن ۋەز كەچمەيمەن!»—ئايۇپ 27:5.
8. ئۆزىڭىزنى بېغىشلىغاندا، قىلغان دۇئايىڭىز توغرۇلۇق چوڭقۇر ئويلىنىش ئازدۇرۇلۇشلارغا قارشى تۇرۇشىڭىزغا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
8 ئۆزىڭىزنى يەھۋاغا بېغىشلىغاندا، قىلغان دۇئايىڭىز ھەققىدە ئويلانسىڭىز، ھەرقانداق ئېزىقتۇرۇشلارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن كۈچكە ئېرىشەلەيسىز. مەسىلەن، سىز باشقىلارنىڭ ھەمراھى بىلەن كۆز-قاش ئوينىتىپ، رومانتىك ھېس-تۇيغۇلاردا بولامسىز؟ ئەلۋەتتە، ياق. سىز يەھۋاغا ۋەدە بەرگەندە، بۇنداق يامان ئىشلارغا ئاللىقاچان «ياق» دېگەن. ئەگەر نامۇۋاپىق ھېس-تۇيغۇلارنىڭ كۈچىيىشىگە يول بەرمىسىڭىز، كېيىنرەك شۇلارنى ئوي-خىيالىڭىزدىن چىقىرىپ تاشلاشتا قىينالمايسىز. سىز «رەزىللەرنىڭ يولىغا» قەدەم باسماي، «ئەگىلىپ ئۆتۈپ» كېتىسىز.—پەند. نە 4:14، 15.
9. ئۆزىڭىزنى بېغىشلىغاندا قىلغان دۇئايىڭىز توغرۇلۇق چوڭقۇر ئويلىنىش ھاياتىڭىزدا خۇدانى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشىڭىزغا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
9 ئەگەر ھەردائىم جامائەت ئىبادەت يىغىلىشىغا قاتنىشىشىمىزغا توسالغۇ بولىدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلىنساقچۇ؟ سىز نېمە قىلىدىغانلىقىڭىزنى بىلىسىز. ئۆزىڭىزنى يەھۋاغا بېغىشلىغاندا، ئاللىقاچان بۇنداق ئىش تەكلىپىگە «ياق» دەيدىغانلىقىڭىزنى ۋەدە قىلغان. شۇڭا، سىز بۇنداق ئىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلمايسىز، كېيىن يەنە يەھۋانى ھاياتىڭىزدا بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشنىڭ يولىنى ئىزدەپ ئولتۇرمايسىز. ئەيسانىڭ مىسالىنى ئويلاپ كۆرۈڭ. ئۇ ئاتىسى يەھۋانى خۇرسەن قىلمايدىغان ئىشنى قىلماسلىقنى قەتئىي قارار قىلغان. بىز شۇ توغرىسىدا چوڭقۇر ئويلىنىش ئارقىلىق، ئۇنى خۇرسەن قىلمايدىغان ھەرقانداق ئىشنى دەرھال ۋە قەتئىي رەت قىلىمىز.—مەتتا 4:10؛ يۇھاننا 8:29.
10. سۇغا چۆمۈلدۈرۈلگەندىن كېيىن، سىزنىڭ داۋاملىق ئەيساغا ئەگىشىپ مېڭىشىڭىزغا يەھۋا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
10 ھەقىقەت شۇكى، سىناقلار ۋە ئېزىقتۇرۇشلار ئەيساغا ئەگىشىش قارارىڭىزنىڭ قانچىلىك قەتئىيلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى، يەھۋا سىزنىڭ ئەيساغا ئەگىشىپ مېڭىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ. مۇقەددەس كىتابتا مۇنداق دېيىلگەن: «خۇدا سادىقتۇر ۋە ئۇ سىلەرنى بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان ئازدۇرۇلۇشقا دۇچار قىلمايدۇ. ئەكسىچە، ئازدۇرۇلۇشقا ئۇچرىغاندا بەرداشلىق بېرەلىشىڭلار ئۈچۈن چىقىش يولىنى كۆرستىپ بېرىدۇ».—1-كورىنت. 10:13.
ئەيساغا داۋاملىق ئەگىشىپ ماڭالايسىز
11. ئەيساغا ئەگىشىپ مېڭىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇللىرىدىن بىرى قايسى؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
11 ھەزرىتى ئەيسا قىزغىنلىق بىلەن يەھۋاغا خىزمەت قىلغان ۋە دۇئا ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتنى ساقلىغان (لۇقا 6:12). ئەمەلىيەتتە، سىز سۇغا چۆمۈلدۈرۈلگەندىن كېيىن، ئەيساغا ئەگىشىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇللىرىدىن بىرى، داۋاملىق سىزنى يەھۋاغا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئىشلارنى قىلىش. مۇقەددەس كىتاب مۇنداق دەيدۇ: «قايسى دەرىجىدە ئىلگىرىلىگەن بولۇشىمىزدىن قەتئىينەزەر، ئەينى تەرتىپ بويىچە داۋاملىق ئىلگىرىلەيلى» (فىلىپى. 3:16). ئەتراپىڭىزدا يەھۋاغا تېخىمۇ كۆپرەك خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئۆزىگە مەقسەت قويغان ۋە مەقسىتىگە يەتكەن قېرىنداشلار بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، ئۇلار پادىشاھلىق ۋەز ئېيتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش مەكتىپىدە ئوقۇغان ياكى ۋەز ئېيتقۇچىلارغا ئېھتىياجلىق بىر يەرگە كۆچۈپ بارغان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر شارائىتىڭىز يار بەرسە، سىزمۇ ئۆزىگە شۇنداق مەقسەتنى قويۇڭ ۋە شۇ مەقسىتىڭىزگە يېتىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن تىرىشىڭ. يەھۋانىڭ خەلقى ئۇنىڭغا كۆپرەك خىزمەت قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەيدۇ (ئەلچى. 16:9). ئەگەر ھازىرچە شۇنداق قىلالمىسىڭىزچۇ؟ ھەرگىز ئۆزىڭىزنى شۇنداق مەقسەتلەرگە يەتكەنلەر بىلەن سېلىشتۇرماڭ. ئەڭ مۇھىمى: چىدامچانلىق بىلەن داۋاملىق ئالدىغا قاراپ مېڭىڭ (مەتتا 10:22). ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، سىز قابىلىيىتىڭىز ۋە شارائىتىڭىزغا مۇۋاپىق قولۇڭىزدىن كېلىشىچە يەھۋاغا خىزمەت قىلغىنىڭىزدا، ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئىنتايىن خۇرسەن قىلىسىز. شۇ ئارقىلىق، سۇغا چۆمۈلدۈرۈلگەندىن كېيىن داۋاملىق ئەيساغا ئەگىشىپ ماڭالايسىز.—زەبۇر 26:1.
12، 13. ئەگەر قىزغىنلىقىمىز سوۋۇشقا باشلىسا، نېمە قىلالايمىز؟ (1-كورىنتلىقلار 9:16، 17) (« يۈگۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇڭ» ناملىق رامكىغا قاراڭ)
12 ئەگەر چۆمۈلدۈرۈلۈپ بىراز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، بەزىدە ئىچ-ئىچىڭىزدىن دۇئا قىلمايۋاتقاندەك ياكى ۋەز خىزمىتىنى بىر كۆنۈپ قالغان ئادەتتەك ھېس قىلسىڭىزچۇ؟ مۇقەددەس كىتاب ئوقۇشتىن بۇرۇنقىدەك خۇشاللىق تاپالمايۋاتقان بولسىڭىزچۇ؟ شۇنداق ئەھۋالدا، يەھۋا ماڭا مۇقەددەس روھىنى ماڭا ئەۋەتمەيدىغان بولدى دەپ ئويلىماڭ. بىز نامۇكەممەل بولغاچ، ھېس-تۇيغۇلىرىمىز بەزىدە ئېگىز-پەس بولۇپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. قىزغىنلىقىمىز تۆۋەنلەپ قالغاندا، ئەلچى پاۋلۇس ھەققىدە ئويلاپ كۆرۈڭ. ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەيسا مەسىھنى ئۈلگە قىلغان، ئەمما بەزىدە ئۆزىنىڭ باشقا ۋاقىتلاردىكىدەك جۇشقۇن كەيپىياتتا بولالمايدىغانلىقىنى بىلگەن (1-كورىنتلىقلار 9:16، 17-نى ئوقۇڭ). ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئىختىيارىم بىلەن قىلمىساممۇ، يەنىلا بۇرچۇمنى ئورۇنداش مەجبۇرىيىتىم بار». باشقىچە ئېيتقاندەك، پاۋلۇس قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ ئۆز خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا قەتئىي بەل باغلىغان.
13 سىزمۇ نامۇكەممەل ھېس-تۇيغۇلىرىڭىزنىڭ سىزنى تىزگىنلىشىگە ھەرگىز يول قويماڭ. قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، توغرا ئىش قىلىشقا بەل باغلاڭ. ئەگەر توغرا ئىشنى قىلىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرسىڭىز، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ھېس-تۇيغۇلىرىڭىز ئۆزگۈرۈشى مۇمكىن. شۇنداق ئۆزگىرىش بولغانغا قەدەر، شەخسىي تەتقىق قىلىش، دۇئا قىلىش، جامائەت ئىبادەت يىغىلىشلارغا قاتنىشىش ۋە ۋەز قىلىش ئادىتىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، ئەيساغا ئەگىشىپ ماڭالايسىز ۋە ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىڭىزغا ئىلھام-مەدەت بېرەلەيسىز.—1-سالونىكا. 11:5.
«تەكشۈرۈپ، سىناپ كۆرۈڭلار»
14. نېمە ئۈچۈن ئۆزىمىزنى پات-پات تەكشۈرۈشىمىز كېرەك؟ (2-كورىنتلىقلار 13:5)
14 سۇغا چۆمۈلدۈرۈلگەندىن كېيىن، پات-پات ئۆزىڭىزنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش بەك مۇھىم (2-كورىنتلىقلار 13:5-نى ئوقۇڭ). ئارىلاپ-ئارىلاپ كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتىڭىزنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش سىز ئۈچۈن پايدىلىق: ھەر كۈنى دۇئا قىلامسىز؟ مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئوقۇۋاتامسىز؟ ئىبادەت يىغىلىشلىرى ھەمدە ۋەز خىزمىتىگە قاتنىشىۋاتامسىز؟ تېخىمۇ ياخشىراق قىلىش ۋە ئۇنىڭ پايدىسى توغرىسىدا ئىزدىنىپ كۆرۈڭ. مەسىلەن، ئۆزىڭىزدىن مۇنداق سوراپ كۆرۈڭ: «مەن مۇقەددەس كىتابنىڭ ئاساسىي تەلىملىرىنى باشقىلارغا چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيمەنمۇ؟ ۋەز خىزمەتنى تېخىمۇ خۇشال-خۇرام قىلىشنىڭ يوللىرى بارمۇ؟ ئىچىمنى تۆكۈپ تەپسىلىيرەك دۇئا قىلىمەنمۇ؟ دۇئالىرىم يەھۋاغا چىن قەلبىمدىن ئىشىنىدىغانلىقىمنى كۆرسىتەمدۇ؟ ھەردائىم ئىبادەت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىمەنمۇ؟ يىغىلىشلارغا دىققىتىمنى مەركەزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ ياخشى جاۋاب بېرىش ئۈچۈن نېمە قىلسام بولىدۇ؟»
15، 16. ئېزىقتۇرۇشقا قارشى تۇرۇش ھەققىدە بىر بۇرادەرنىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟
15 ئۇنىڭدىن باشقا، سىز چوقۇم سەمىمىيلىك بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ ئاجىزلىق تەرەپلىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشىڭىز كېرەك. روبېرت ئىسىملىك بىر بۇرادەر مۇشۇ ھەققىدە ئۆز كەچۈرمىشىنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن 20 ياش ۋاقتىمدا يېرىم كۈن ئىشلەيدىغان بىر ئىشقا كىرگەن ئىدىم. بىر كۈنى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، ئىش ئورنىدىكى بىر خىزمەتدىشىم مېنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى. ئۇ ئۆيىدە ئادەم يوقلىقىنى ۋە يالغۇز قېلىپ كۆڭلىمىزنى خۇش قىلىدىغانلىقىمىزنى ئېيتتى. مەن دەسلەپتە پەقەت بىرنەچچە باھانە-سەۋەبنى كۆرسەتتىم، كېيىن ئۇنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلدىم ۋە سەۋەبىنى چۈشەندۈردۈم». روبېرت بۇ ئېزىقتۇرۇشقا باش ئەگمەي توغرا ئىش قىلغان. ئۇنى ماختاشقا ئەرزىيدۇ. كېيىن، ئۇ ئاشۇ ۋەقە توغرۇلۇق قايتا ئويلانغاندا، ئۆزىنىڭ باشقىچە جاۋاب قايتۇرالايدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن خىزمەتدىشىمنىڭ تەكلىپىنى قەتئىيلىك بىلەن، يۈسۈپ پوتىفارنىڭ ئايالىنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلغاندەك دەرھال رەت قىلمىدىم (يارىت. ). ئۇ قىزنى رەت قىلىش مەن ئۈچۈن بەك قىيىنغا توختىغانلىقىدىن ئىنتايىن ھەيران بولدۇم. بۇ ۋەقە ماڭا يەھۋا بىلەن دوستلۇقۇمنى كۈچەيتىشىم كېرەكلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى». 39:7–9
16 روبېرتقا ئوخشاش ئۆزىڭىزنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ، چوقۇم پايدىسىنى كۆرەلەيسىز. ھەتتا ئېزىقتۇرۇشقا قارشى تۇرۇشتا غەلىبە قىلغان بولسىڭىزمۇ، ئۆزىڭىزدىن شۇنداق سوراپ بېقىڭ: «ياق دېيىشىم ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت كەتتى؟» ئەگەر تېخىمۇ ياخشىراق قىلىشقا تېگىشلىك تەرەپلەرنىڭ بارلىقىنى بايقىسىڭىز، ئۆزىڭىزدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭ. ھازىر ئۆز ئاجىزلىقىڭىزنى تونۇپ يېتەلىگىنىڭىز ئۈچۈن خۇشال بولۇڭ. ئاجىزلىقىڭىزنى تىلغا ئېلىپ، يەھۋاغا دۇئا قىلىڭ ۋە ئەمەلىي ئۇنىڭ ئەخلاق ئۆلچەم-قائىدىلىرىگە بويسۇنۇپ ياشاش ئىرادىڭىزنى كۈچەيتىش ئۈچۈن زۆرۈر قەدەملەرنى تاشلاڭ.—زەبۇر 139:23، 24.
17. روبېرت يەھۋانىڭ ئىسىمىنى قانداق ئۇلۇغلىدى؟
17 روبېرت بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئىشتىن يەنە بىر نەرسىنى ئۆگىنەلەيمىز. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن خىزمەتدىشىمنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇ ماڭا: «سىز سىناقتىن ئۆتتىڭىز»،— دېدى. روبېرت قىزنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ چۈشەندۈرۈپ، ئىلگىرى ئۆزىنىڭ بىر دوستىنىڭ يەھۋا گۇۋاھچىسى بولغانلىقىنى، شۇ دوستى ئۇنىڭغا: ‹ياش گۇۋاھچىلار ئىككى يۈزلىمىچىلىك بىلەن ھايات كەچۈرىدۇ ۋە ئۇلار پۇرسەت كەلگەندە، ئوغۇرلۇقچە مۇقەددەس كىتابتا مەنئىي قىلىنغان ئىشلارنى قىلىدۇ›،— دېگەنلىكىنى ئېيتقان. شۇڭا، ئۇ خىزمەتدىشىم مېنى سىناپ بېقىشنى قارار قىلغانىكەن. بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، يەھۋانىڭ ئىسىمىغا داغ تەككۈزمىگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم».
18. سۇغا چۆمۈلدۈرۈلگەندىن كېيىن نېمە قىلىشقا قەتئىي بەل باغلىدىڭىز؟ (« سىزگە تەۋسىيە قىلىنغان ماقالىلەر» ناملىق رامكىغا قاراڭ)
18 ئۆزىڭىزنى يەھۋاغا بېغىشلاپ، سۇغا چۆمۈلدۈرۈلسىڭىز، ھەرقانداق ۋەزىيەتتە ئۇنىڭ ئىسىمىنى مۇقەددەس قىلىشنى خالايدىغانلىقىڭىزنى كۆرسىتىسىز. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىڭكى، مەيلى قانداق سىناقلار ياكى ئازدۇرۇلۇشلارغا دۇچ كەلمەڭ، يەھۋا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا سادىق قېلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىڭىزنى بەرىكەتلەيدۇ. ئۇ ئۆز مۇقەددەس روھى ئارقىلىق سىزگە كۈچ-قۇۋۋەت بېرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ (لۇقا 11:11–13). يەھۋانىڭ ياردىمى بىلەن، سىز چۆمۈلدۈرۈلگەندىن كېيىن داۋاملىق ئەيساغا ئەگىشىپ ماڭالايسىز.
قانداق جاۋاب بېرىسىز؟
-
قايسى مەنىدە، مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى ھەر كۈنى ئۆزىنىڭ ئازاب تۈۋرۈكىنى كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ؟
-
سۇغا چۆمۈلدۈرۈلگەندىن كېيىن، داۋاملىق ئەيساغا ئەگىشىش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟
-
ئۆزىڭىزنى بېغىشلاش قەسىمىڭىز ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىش ساداقەتمەنلىكىڭىزنى ساقلاشقا قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
6-ناخشا خۇدا خىزمەتچىسىنىڭ دۇئاسى