مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

12-‏تە‌تقىق ماقالىسى

143-‏ناخشا زۇ‌لمە‌ت دۇ‌نيادىكى نۇ‌ر

قاراڭغۇ‌لۇ‌قتىن نېرى تۇ‌رۇ‌پ،‏ يورۇ‌قلۇ‌قتا يۈرۈڭلار

قاراڭغۇ‌لۇ‌قتىن نېرى تۇ‌رۇ‌پ،‏ يورۇ‌قلۇ‌قتا يۈرۈڭلار

‏«بۇ‌رۇ‌ن بىر چاغلاردا سىلە‌ر قاراڭغۇ‌لۇ‌ق ئىدىڭلار،‏ بىراق ھازىر يورۇ‌قلۇ‌ق بولدۇ‌ڭلار».‏‏—‏ئە‌فە‌س.‏ 5:‏8‏.‏

مە‌كىزى ئىدىيە

ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5-‏بابتا تىلغا ئېلىنغان قاراڭغۇ‌لۇ‌ق بىلە‌ن يورۇ‌قلۇ‌ق سۆزلىرىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى بىلىۋالىمىز.‏

1،‏ 2.‏ (‏1)‏ قايسى ۋە‌زىيە‌ت ئاستىدا،‏ پاۋلۇ‌س ئە‌فە‌ستىكى ئېتىقادداشلىرىغا خە‌ت يازغان؟‏ (‏2)‏ بىز قايسى سوئاللارنى مۇ‌ھاكىمە قىلىپ چىقىمىز؟‏

 پاۋلۇ‌س رىمدا ئۆيدە نازارە‌ت ئاستىدا بولغاندا،‏ ئۇ ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىنى ئىلھاملاندۇ‌رماقچى بولغان.‏ ئۇ ئۇ‌لار بىلە‌ن يۈزمۇ-‏يۈز كۆرۈشە‌لمە‌يتتى.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ خە‌ت يازغان.‏ شۇ خە‌تلە‌رنىڭ بىرى مىلادى 60،‏ 61-‏يىللىرى ئە‌فە‌س شە‌ھىرىدىكى جامائە‌تكە ئە‌ۋە‌تىلگە‌ن.‏—‏ئە‌فە‌س.‏ 1:‏1؛‏ 4:‏1‏.‏

2 شۇ‌نىڭدىن ئون يىل ئىلگىرى،‏ پاۋلۇ‌س ئە‌فە‌س شە‌ھىرىدە بىر مە‌زگىل تۇ‌رۇ‌پ،‏ شۇ يە‌ردە خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزگە‌ن ۋە تە‌لىم بە‌رگە‌ن (‏ئە‌لچى.‏ 19:‏1،‏ 8–‏10؛‏ 20:‏20،‏ 21‏)‏.‏ پاۋلۇ‌س شۇ شە‌ھە‌ردىكى قېرىنداشلارنى ئىنتايىن ياخشى كۆرە‌تتى ۋە ئۇ‌لارنىڭ يە‌ھۋاغا سادىق بولۇ‌پ قېلىشىغا ياردە‌م بېرىشنى ئويلىغان.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ نېمە ئۈچۈن مە‌سىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلارغا قاراڭغۇ‌لۇ‌ق ۋە يورۇ‌قلۇ‌ق ھە‌ققىدە خە‌ت يازغان؟‏ بارلىق ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى بۇ نە‌سىھە‌ت سۆزلىرىدىن قانداق ساۋاق ئالالايدۇ؟‏ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى بىرلىكتە مۇ‌ھاكىمە قىلىپ باقايلى.‏

قاراڭغۇ‌لۇ‌قتىن يورۇ‌قلۇ‌ققا چىقىش

3.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە خە‌ت يازغاندا،‏ قانداق ئوخشىتىش سۆزلىرىنى ئىشلە‌تكە‌ن؟‏

3 پاۋلۇ‌س ئە‌فە‌ستىكى ئېتىقادچىلارغا مۇ‌نداق يازغان:‏ «بۇ‌رۇ‌ن بىر چاغلاردا سىلە‌ر قاراڭغۇ‌لۇ‌ق ئىدىڭلار،‏ بىراق ھازىر يورۇ‌قلۇ‌ق بولدۇ‌ڭلار» (‏ئە‌فە‌س.‏ 5:‏8‏)‏.‏ بۇ يە‌ردە «قاراڭغۇ‌لۇ‌ق» ۋە «يورۇ‌قلۇ‌ق» دېگە‌ن ئوخشىتىش سۆزلىرىنى ئىشلىتىپ،‏ بىر-‏بىرىگە پۈتۈنلە‌ي قارشى ئىككى خىل ئە‌ھۋالنى چۈشە‌ندۈرگە‌ن.‏ بىز پاۋلۇ‌سنىڭ نېمە ئۈچۈن ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە «بۇ‌رۇ‌ن بىر چاغلاردا سىلە‌ر قاراڭغۇ‌لۇ‌ق ئىدىڭلار» دېگە‌نلىكىنى چۈشىنىپ باقايلى.‏

4.‏ نېمە ئۈچۈن ئە‌فە‌سلىكلە‌رنى دىنىي قاراڭغۇ‌لۇ‌قتا قالغان دېيىشكە بولىدۇ؟‏

4 دىنىي قاراڭغۇ‌لۇ‌ق.‏ ئە‌فە‌س شە‌ھىرىدىكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ھە‌قىقە‌تنى تونۇ‌شتىن ئىلگىرى يالغان دىنىي كۆز قاراشلار ۋە خۇ‌راپاتلىقلارنىڭ قۇ‌لى بولغان.‏ ئە‌فە‌س شە‌ھىرىدە مە‌شھۇ‌ر ئارتېمىس بۇ‌تخانىسى بار ئىدى.‏ قە‌دىمقى زاماندا كىشىلە‌ر بۇ بۇ‌تخانىنى دۇ‌نيادىكى يە‌تتە مۆجىزىنىڭ بىرى دە‌پ قارىغان ۋە ئۇ يە‌ردە بۇ‌تلارغا چوقۇ‌نۇ‌پ،‏ دۇ‌ئا قىلىشقان.‏ ھۈنە‌رۋە‌نلە‌ر ئارتېمىسنىڭ بۇ‌تخانىسى ۋە ھە‌يكە‌للىرىنى ياساش ئارقىلىق سودا-‏تىجارە‌ت قىلىپ كۆپ پۇ‌ل تېپىشقان (‏ئە‌لچى.‏ 19:‏23–‏27‏)‏.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بۇ شە‌ھە‌رنىڭ سېھىرۋازلىق بىلە‌ن شۇ‌غۇ‌للىنىشتا داڭقى چىققانىدى.‏—‏ئە‌لچى.‏ 19:‏19‏.‏

5.‏ نېمە ئۈچۈن ئە‌فە‌سلىكلە‌رنى ئە‌خلاقىي قاراڭغۇ‌لۇ‌قتا قالغان دېيىشكە بولىدۇ؟‏

5 ئە‌خلاقىي قاراڭغۇ‌لۇ‌ق.‏ ئە‌فە‌س خە‌لقى ئە‌خلاقسىزلىقتا چېكىدىن ئاشقان بولۇ‌پ،‏ يىرگىنىچلىك ئىشلارنى قىلىش بىلە‌ن داڭقى چىققان.‏ شە‌ھۋانىي پاراڭلار ئادە‌تتە شە‌ھە‌ر تىياتىرخانىلىرىدا،‏ ھە‌تتا دىنىي بايراملاردا ئاڭلىنىپ تۇ‌راتتى (‏ئە‌فە‌س.‏ 5:‏3‏)‏.‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌رنىڭ كۆپىنچىسى «ئار-‏نومۇ‌سنى ئۇ‌نتۇ‌پ» كە‌تكە‌ن ئىدى،‏ يە‌نى بۇ ئىپادىنىڭ ئۇ‌دۇ‌ل سۆزمۇ-‏سۆز مە‌نىسى «ئاغرىق ئازابىنى ھېس قىلماسلىقنى» بىلدۈرىدۇ (‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏17–‏19‏)‏.‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌ر ئىلگىرى يە‌ھۋانىڭ توغرا-‏خاتا ئۆلچە‌ملىرىنى تونۇ‌مىغاندا،‏ ئۇ‌لارنىڭ ۋىجدانى سە‌زمە‌س بولۇ‌پ قالغان ياكى ئۇ‌لار يە‌ھۋانىڭ كۆز قاراشلىرىنى نە‌زە‌رىگە ئالمىغان ئىدى.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ پاۋلۇ‌س ئۇ‌لارنى «روھىي جە‌ھە‌تتىن قاراڭغۇ‌لۇ‌قتا قېلىپ،‏ خۇ‌دا سوۋغا قىلغان ھاياتلىقتىن ئايرىلىپ قالدى» دە‌پ تە‌سۋىرلىيە‌لىگە‌ن.‏

6.‏ نېمە ئۈچۈن پاۋلۇ‌س ئە‌فە‌ستىكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە «ھازىر يورۇ‌قلۇ‌ق بولدۇ‌ڭلار» دېگە‌ن؟‏

6 ئە‌فە‌سلىكلە‌رنىڭ بە‌زىلىرى قاراڭغۇ‌لۇ‌قتىن چىقىپ كە‌تكە‌ن.‏ پاۋلۇ‌س ئۇ‌لار ھە‌ققىدە مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ھازىر يورۇ‌قلۇ‌ق بولدۇ‌ڭلار،‏ چۈنكى سىلە‌ر ھە‌زرىتىمىزگە مە‌نسۇ‌پ بولدۇ‌ڭلار» (‏ئە‌فە‌س.‏ 5:‏8‏)‏.‏ ئۇ‌لار ئە‌مدى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ھە‌قىقە‌ت نۇ‌رىغا ئە‌گىشىپ ياشىغان (‏زە‌بۇ‌ر 119:‏105‏)‏.‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌ر يالغان دىنىي ئۆرپ-‏ئادە‌تلە‌رنى ۋە ئە‌خلاقسىز قىلمىشلارنى تاشلىغان ئىدى.‏ ئۇ‌لار «خۇ‌دانى ئۈلگە» قىلىپ،‏ پۈتۈن كۈچى بىلە‌ن ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلغان ۋە ئۇ‌نىڭ كۆڭلىنى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلغان.‏ —‏ئە‌فە‌س.‏ 5:‏1‏.‏

7.‏ نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ ۋە‌زىيىتىمىزنى ئە‌فە‌ستىكى كۆپىنچە مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ ۋە‌زىيىتىگە ئوخشاپ كېتىدۇ دېيىشكە بولىدۇ؟‏

7 بىزنىڭ ۋە‌زىيىتىمىزمۇ دە‌ل شۇ‌نىڭغا ئوخشاپ كېتىدۇ.‏ بىز ھە‌قىقە‌تنى بىلىشتىن بۇ‌رۇ‌ن دىنىي ۋە ئە‌خلاقىي جە‌ھە‌تتىن قاراڭغۇ‌لۇ‌قتا قالغان.‏ بە‌زىلىرىمىز يالغان دىن بىلە‌ن باغلىنىشى بار بايراملارنى تە‌برىكلىگە‌ن.‏ يە‌نە بە‌زىلىرىمىز ئە‌خلاقسىز تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرگە‌ن ئىدۇ‌ق.‏ ئە‌مما،‏ بىز يە‌ھۋانىڭ توغرا-‏خاتا ئۆلچىمىنى بىلگە‌ندىن كېيىن،‏ ھاياتىمىزدا ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى قىلدۇ‌ق.‏ بىز ئۇ‌نىڭ تە‌لىپىگە ماس ھايات كە‌چۈرۈشكە باشلىدۇ‌ق.‏ نە‌تىجىدە،‏ بىز نۇ‌رغۇ‌ن بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشتۇ‌ق (‏يە‌شايا 48:‏17‏)‏.‏ بىراق،‏ ھازىر بىز قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىۋاتىمىز.‏ بىز تاشلاپ چىقىپ كە‌تكە‌ن قاراڭغۇ‌لۇ‌قتىن يىراق تۇ‌رۇ‌پ،‏ «يورۇ‌قلۇ‌قنىڭ بالىلىرىدە‌ك» يۈرۈشىمىز كېرە‌ك.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ بۇ‌نى قانداق قىلالايمىز؟‏

3.0 by CC Graduate Library, University of Michigan, P.Mich.inv. 6238. Licensed under ,‏Papyrology Collection Image digitally reproduced with the permission of the

بۈگۈنكى كۈندە ئە‌مە‌لىي قوللىنىشقا بولىدىغان ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تلىك مە‌سلىھىتى (‏7-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ b


قاراڭغۇ‌لۇ‌قتىن نېرى تۇ‌رۇ‌ش

8.‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏3–‏5-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ ئە‌فە‌ستىكى ئېتىقادچىلار نېمىلە‌ردىن نېرى تۇ‌رۇ‌شى كېرە‌ك ئىدى؟‏

8 ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏3–‏5-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ ئە‌فە‌ستىكى ئېتىقادچىلار ئە‌خلاقىي قاراڭغۇ‌لۇ‌قتىن نېرى تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلمايدىغان ئىشلارنى داۋاملىق رە‌ت قىلىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ بۇ جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىقنىلا ئە‌مە‌س،‏ يە‌نە شە‌ھۋانىي گە‌پ-‏سۆزلە‌ردىنمۇ يىراق تۇ‌رۇ‌شنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌ر شۇ‌نداق ئىشلاردىن يىراق تۇ‌رغاندىلا،‏ «مە‌سىھنىڭ ۋە خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقىدا مىراسقا ئىگە» بولالايتتى.‏

9.‏ نېمە ئۈچۈن ئە‌خلاقسىزلىققا يېتە‌كلە‌يدىغان ھە‌رقانداق ئىشنى قىلىشتىن پە‌خە‌س بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

9 بىز «قاراڭغۇ‌لۇ‌قنىڭ مېۋىسىز ئىشلىرىغا قايتا شېرىك» بولۇ‌پ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرە‌ش قىلىشىمىز كېرە‌ك (‏ئە‌فە‌س.‏ 5:‏11‏)‏.‏ نۇ‌رغۇ‌ن مىساللار شۇ‌نى قايتا-‏قايتا ئىسپاتلىدىكى،‏ بىر ئادە‌م ناپاك،‏ ئە‌خلاقسىز ئىشلار ھە‌ققىدىكى پاراڭلار ياكى سۆھبە‌تلە‌رنى كۆپ كۆرسە،‏ ئاڭلىسا،‏ ئۇ ئۆزى ئاسانلا خاتا ئىشلارنى قىلىپ قالىدۇ (‏يارىت.‏ 3:‏6؛‏ ياقۇ‌پ 1:‏14،‏ 15‏)‏.‏ بىر دۆلە‌تتە كۆپلىگە‌ن قېرىنداشلار بىر ئىجتىمائىي ئالاقە پروگراممىسى ئارقىلىق سۆھبە‌تلىشىپ تۇ‌رغان.‏ دە‌سلە‌پتە كۆپىنچىلىرى روھىي ئىشلار توغرىسىدا پاراڭلىشىشقا باشلىغان.‏ ئە‌مما،‏ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئە‌گىشىپ،‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلمايدىغان پايدىسىز گە‌پ-‏سۆزلە‌رنى قىلىشقان.‏ ئۇ‌لارنىڭ پاراڭلىرى ئاخىرىدا جىنسىي مۇ‌ناسىۋە‌ت ھە‌ققىدە سۆھبە‌تكە ئايلىنىپ كە‌تكە‌ن.‏ كېيىن،‏ شۇ‌لاردىن بىرقانچىسى بۇ‌نداق شە‌ھۋانىي سۆھبە‌تلە‌رنىڭ ئۆزلىرىنى جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىق قىلىشىغا سە‌ۋە‌بچى بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.‏

10.‏ شە‌يتان قايسى يوللار بىلە‌ن بىزنى ئازدۇ‌رىدۇ؟‏ (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏6‏)‏

10 شە‌يتاننىڭ بۇ دۇ‌نياسى بىزنى ئازدۇ‌رۇ‌پ،‏ يە‌ھۋانىڭ نە‌زىرىدىكى ئە‌خلاقسىز ۋە ناپاك ئىشلارنى بىزگە ھېچقانداق خاتا ئە‌مە‌ستە‌ك كۆرستىپ،‏ شۇ‌نىڭغا بىزنى ئىشە‌ندۈرۈشكە ئۇ‌رۇ‌نىدۇ (‏2-‏پېتر.‏ 2:‏19‏)‏.‏ بىز بۇ‌نىڭدىن ھە‌يران قالمايمىز!‏ شە‌يتان ئىبلىس ئۇ‌زۇ‌ندىن بۇ‌يان قوللىنىپ كېلىۋاتقان ئۇ‌سۇ‌للاردىن بىرى كىشىلە‌رنى قايمۇ‌قتۇ‌رۇ‌ش.‏ شۇ سە‌ۋە‌ب،‏ كىشىلە‌ر نېمە توغرا،‏ نېمە خاتالىقىنى پە‌رق قىلالماي قالىدۇ (‏يە‌شايا 5:‏20؛‏ 2-‏كورىنت.‏ 4:‏4‏)‏.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ بۈگۈنكى كۈندە نۇ‌رغۇ‌نلىغان فىلىملە‌ر،‏ تېلېۋىزور پروگراممىلىرى ۋە تور بە‌تلە‌ردە يە‌ھۋانىڭ ھە‌ققانىي ئۆلچە‌م-‏قائىدىلىرىگە زىت كېلىدىغان ئوي-‏پىكىرلە‌رنىڭ تە‌شۋىق قىلىشىنى ھە‌رگىزمۇ ئە‌جە‌بلىنە‌رلىك ئە‌مە‌س.‏ شە‌يتان بىزنى ئالداشقا ئۇ‌رۇ‌نۇ‌پ،‏ بۇ دۇ‌نيادا مودا بولۇ‌ۋاتقان ناپاك ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلە‌رنى ۋە تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈش ئۇ‌سۇ‌للىرىنى خاتا دە‌پ ئويلىماي،‏ بە‌لكى ئۇ‌لارنى قىزىقارلىق ۋە بىخە‌تە‌ر دە‌پ ئويلىشىمىزنى خالايدۇ.‏ —‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏6-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

11.‏ ئانجېلانىڭ كە‌چۈرمىشلىرى ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏7-‏ئايە‌تتىكى دانا نە‌سىھە‌تكە ئە‌مە‌ل قىلىش كېرە‌كلىكىنى قانداق تە‌كىتلە‌يدۇ؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

11 شە‌يتان بىزنىڭ يە‌ھۋانىڭ ئۆلچە‌ملىرىگە بويسۇ‌نۇ‌پ ياشىشىمىزنى قىيىنلاشتۇ‌رىدىغان كىشىلە‌ر بىلە‌ن ئالاقە قىلىشىمىزنى خالايدۇ.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ پاۋلۇ‌س ئە‌فە‌ستىكى قېرىنداشلارنى:‏ «ئۇ‌لارغا شېرىك بولماڭلار» دە‌پ،‏ خۇ‌دانىڭ نە‌زىرىدە خاتا سانالغان ئىشلارنى قىلىدىغانلار بىلە‌ن ئارىلاشماسلىققا ئاگاھلاندۇ‌رغان (‏ئە‌فە‌س.‏ 5:‏7‏)‏.‏ شۇ‌نى ئۇ‌نتۇ‌پ قالماسلىقىمىز كېرە‌ك:‏ بىز ئالاقىدە بولىدىغان كىشىلە‌ر،‏ پە‌قە‌ت كۈندىلىك تۇ‌رمۇ‌شىمىزدا ئارىلىشىپ ئۆتىدىغانلاردىن باشقا،‏ يە‌نە ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا سۆھبە‌تلىشىدىغانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏ دېمە‌ك،‏ بىز قە‌دىمقى زاماندا ئە‌فە‌سلىكلە‌ر دۇ‌چ كە‌لمىگە‌ن خە‌تە‌رگە دۇ‌چ كېلىمىز.‏ ئاسىيادا بىر دۆلە‌تتە ياشايدىغان ئانجېللا a ئىجتىمائىي ئالاقە تورىنىڭ ئىنتايىن خە‌تە‌رلىك ئىكە‌نلىكىنى تونۇ‌پ يە‌تكە‌ن.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بۇ بىر تۇ‌زاققا ئايلىنىپ قېلىپ،‏ ھوشيارلىقىمىزنى ئاستا-‏ئاستا ئاجىزلاشتۇ‌رىۋېتە‌لە‌يدۇ.‏ ئىلگىرى دائىم مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرىنى ھۆرمە‌تلىمە‌يدىغان كىشىلە‌ر بىلە‌ن «دوست» بولۇ‌شنى ئانچە زىيانلىق ئە‌مە‌س دە‌پ ئويلىدىم.‏ ئاخىرىدا،‏ مە‌ن ھە‌تتا يە‌ھۋا ياقتۇ‌رمايدىغان تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈش ئۇ‌سۇ‌لىنى خاتا ئە‌مە‌س دە‌پ ئويلاشقا باشلىدىم».‏ خۇ‌شاللىنارلىق يېرى،‏ كۆيۈمچان ئاقساقاللار ئانجېللانىڭ زۆرۈر ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى قىلىشىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ ھازىر مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن ئوي-‏پىكىرىمنى ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىغا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى يە‌ھۋا ۋە ئۇ ياقتۇ‌رىدىغان ئىشلارغا مە‌ركە‌زلە‌شتۈرۈشكە تىرىشىمە‌ن».‏

دوستلارنى دانالىق بىلە‌ن تاللاش يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ئۆلچە‌ملىرىگە ئە‌مە‌ل قىلىشىمىزنى ئاسانلاشتۇ‌رىدۇ (‏11-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


12.‏ يە‌ھۋانىڭ توغرا-‏خاتا توغرىسىدىكى ئۆلچە‌ملىرىگە بويسۇ‌نۇ‌شىمىزغا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

12 بۇ دۇ‌نيادا نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر ئە‌خلاقسىز قىلمىشلارنى خاتا ئە‌مە‌س دە‌پ قارايدۇ.‏ بىراق،‏ بىز بۇ‌نداق ناتوغرا كۆز قاراشقا قارىشى كۈرە‌ش قىلىشىمىز كېرە‌ك (‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏19،‏ 20‏)‏.‏ چۈنكى،‏ بىز ئاشۇ قىلمىشلارنىڭ خاتالىقىنى ئوبدان بىلىمىز.‏ ئۆز-‏ئۆزىمىزدىن مۇ‌نداق سوراپ كۆرۈش پايدىلىق:‏ «خىزمە‌تداشلىرىم،‏ ساۋاقداشلىرىم ياكى يە‌ھۋانىڭ ھە‌ققانىي ئۆلچە‌ملىرىنى ھۆرمە‌تلىمە‌يدىغان كىشىلە‌ر بىلە‌ن مۇ‌ھىم بولمىغان باردى-‏كە‌لدى مۇ‌ناسىۋە‌تلە‌ردە بولۇ‌شتىن ساقلىنىشقا تىرىشىمە‌نمۇ؟‏ بە‌زىلە‌ر ماڭا بۇ‌نداق قىلىش بە‌كمۇ ئاشۇ‌رۋە‌تكە‌نلىك دېسە،‏ جاسارە‌ت بىلە‌ن داۋاملىق يە‌ھۋانىڭ ئۆلچە‌ملىرىنى چىڭ تۇ‌تىمە‌نمۇ؟‏» ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ 2-‏تىموتىي 2:‏20–‏22-‏ئايە‌تلە‌ردە كۆرسىتىلگە‌ندە‌ك،‏ بىز جامائە‌تتە ئېتىقادچىلار ئارىسىدىن دوستلارنى تاللىغاندىمۇ ئېھتىياتچان بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ شۇ‌نى ئۇ‌نتۇ‌پ قالماسلىقىمىز كېرە‌ككى،‏ بە‌زىلە‌ر بىزنىڭ يە‌ھۋاغا سادىق خىزمە‌ت قىلىشىمىزغا ياردە‌م قىلالمايدۇ.‏

‏«يورۇ‌قلۇ‌قنىڭ بالىلىرىدە‌ك يۈرۈڭلار»‏

13.‏ «يورۇ‌قلۇ‌قنىڭ بالىلىرىدە‌ك» يۈرۈش نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏7–‏9‏)‏

13 پاۋلۇ‌س ئە‌فە‌ستىكى ئېتىقادچىلارنى قاراڭغۇ‌لۇ‌قتىن داۋاملىق نېرى تۇ‌رۇ‌شقا ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌پلا قالماي،‏ يە‌نى ئۇ‌لارنى داۋاملىق «يورۇ‌قلۇ‌قنىڭ بالىلىرىدە‌ك يۈرۈڭلار» دە‌پ ئىلھاملاندۇ‌رغانىدى ‏(‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏7–‏9-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بۇ نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا،‏ ھە‌ردائىم ئە‌يسانىڭ ھە‌قىقىي ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە خاس ھايات كە‌چۈرۈشىمىز كېرە‌كلىكىنى بىلدۈرىدۇ.‏ مۇ‌شۇ مە‌قسە‌تكە يېتىشنىڭ بىر ئۇ‌سۇ‌لى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان نە‌شرى ماتېرىياللىرىمىزنى داۋاملىق ئە‌ستايىدىللىق بىلە‌ن ئوقۇ‌ش ۋە تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىشتۇ‌ر.‏ بولۇ‌پمۇ،‏ ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ دۇ‌نيانىڭ نۇ‌رى بولۇ‌شتا قالدۇ‌رغان ئۈلگىسى ۋە بە‌رگە‌ن تە‌لىملىرىگە كۆڭۈل قويۇ‌ش ئىنتايىن مۇ‌ھىم.‏—‏يۇ‌ھاننا 8:‏12؛‏ پە‌ند.‏ نە 6:‏23‏.‏

14.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىزگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

14 بىز «يورۇ‌قلۇ‌قنىڭ بالىلىرىدە‌ك» ياشىشىمىز ئۈچۈن،‏ خۇ‌دانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھىنىڭ ياردىمىگە مۇ‌ھتاج.‏ چۈنكى،‏ ئە‌خلاقسىزلىققا تولغان بۇ دۇ‌نيادا ئۆزىمىزنى پاك تۇ‌تۇ‌ش ئاسان ئە‌مە‌س (‏1-‏سالونىكا.‏ 4:‏3–‏5،‏ 7،‏ 8‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىزگە بۇ دۇ‌نيانىڭ ئە‌خلاقسىز ئوي-‏پىكىرلىرىگە،‏ يە‌نى بارلىق خۇ‌دانىڭ كۆز قاراشلىرىغا زىت كېلىدىغان پە‌لسە‌پىۋى كۆز قاراشلار ۋە تە‌پە‌ككۈر قىلىش ئۇ‌سۇ‌للىرىغا قارشى تۇ‌رۇ‌شىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ ياردىمىدە،‏ بىز «ھە‌رخىل ياخشىلىق،‏ ھە‌ققانىيلىق ۋە ھە‌قىقە‌ت» مېۋىسىنى بېرە‌لە‌يمىز.‏—‏ئە‌فە‌س.‏ 5:‏9‏.‏

15.‏ قايسى يوللار بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س روھقا ئېرىشە‌لە‌يمىز؟‏ (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏19،‏ 20‏)‏

15 مۇ‌قە‌ددە‌س روھقا ئېرىشىشنىڭ بىر يولى —‏ يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىپ سوراش.‏ ئە‌يسا شۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ يە‌ھۋا «ئۆزىدىن سورىغانلارغا مۇ‌قە‌ددە‌س روھنى بېرىدۇ!‏» (‏لۇ‌قا 11:‏13‏)‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ جامائە‌ت ئىبادە‌ت يىغىلىشىدا،‏ بىز بىرلىكتە يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلىگە‌ندە مۇ‌قە‌ددە‌س روھقا ئېرىشىمىز ‏(‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏19،‏ 20-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ خۇ‌دانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھى بىزگە ياخشى تە‌سىر قىلىپ،‏ ئۇ‌نى خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان ئۇ‌سۇ‌لدا ھايات كە‌چۈرۈشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏

16.‏ بىزنىڭ دانا قارارلارنى چىقىرىشىمىزغا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏10،‏ 17‏)‏

16 بىز مۇ‌ھىم قارارلارنى چىقارغاندا،‏ ئاۋۋال «يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسى چۈشىنىش ئۈچۈن» تىرىشىشىمىز،‏ ئاندىن كېيىن ئۇ‌نىڭ ئىرادىسىگە مۇ‌ۋاپىق ئىش قىلىشىمىز كېرە‌ك ‏(‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏10،‏ 17-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بىزنىڭ ۋە‌زىيىتىمىزگە ماس كېلىدىغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرىنى ئىزدىگىنىمىزدە،‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە شۇ ئىشقا قارىتا خۇ‌دانىڭ كۆز قارىشى قانداقلىقىنى بىلىشنى خالايدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز.‏ كېيىن،‏ بىز ئاشۇ پرىنسىپلارنى ئە‌مە‌لىي قوللانساق،‏ تېخىمۇ ياخشىراق قارار چىقىرالايمىز.‏

17.‏ ۋاقتىمىزدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏ (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏15،‏ 16‏)‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

17 پاۋلۇ‌س ئە‌فە‌ستىكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە ئۆزلىرىنىڭ ۋاقتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش توغرۇ‌لۇ‌ق نە‌سىھە‌ت قىلغان ‏(‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏15،‏ 16-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ دۈشمىنىمىز شە‌يتان بىزنى بۇ دۇ‌نيانىڭ ئىشلىرى بىلە‌ن ئالدىراش ئۆتۈشكە دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏ شۇ‌نداق بولغاندا،‏ بىزنىڭ خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىشىمىز ئۈچۈن ۋاقتىمىز يە‌تمە‌يدۇ (‏1-‏يۇ‌ھاننا 5:‏19‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر بىز ئېھتىيات قىلمىساق،‏ ئاسانلا ماددىي نە‌رسىلە‌رنى،‏ ئالىي بىلىم ئېلىشنى ياكى كە‌سپىمىزدە ئۇ‌تۇ‌ق قازىنىشنى،‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشتىن يۇ‌قىرى ئورۇ‌نغا قويۇ‌شىمىز مۇ‌مكىن.‏ ئە‌گە‌ر ھە‌قىقە‌تە‌ن شۇ‌نداق ئىش يۈز بە‌رسە،‏ بۇ بىزنىڭ مۇ‌شۇ دۇ‌نيانىڭ كۆز قاراشلىرىنىڭ تە‌سىرگە ئۇ‌چرىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بۇ ئىشلارنىڭ ئۆزى ھېچقانداق خاتا ئە‌مە‌س،‏ ئە‌مما ئۇ‌لار ھە‌رگىزمۇ ھاياتىمىزدا بىرىنچى ئورۇ‌نغا ئۆتۈپ قالماسلىقى كېرە‌ك.‏ بىز داۋاملىق «يورۇ‌قلۇ‌قنىڭ بالىلىرىدە‌ك» يۈرۈشىمىز ئۈچۈن،‏ ۋاقتىدىن توغرا پايدىلىنىپ،‏ دىققىتىمىزنى مۇ‌ھىم ئىشلارغا قارىتىشىمىز كېرە‌ك.‏

ئە‌فە‌ستىكى ئېتىقادچىلار ۋاقتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ھە‌ققىدە ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌لغان (‏17-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


18.‏ دونالد ئۆز ۋاقتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن قايسى قە‌دە‌ملە‌رنى باسقان؟‏

18 يە‌ھۋاغا تېخىمۇ كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلىشنىڭ پۇ‌رسىتىنى چىڭ تۇ‌تۇ‌ڭ.‏ جە‌نۇ‌بىي ئافرىقىدا ياشايدىغان دونالد شۇ‌نداق قىلغان.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن ئۆز تۇ‌رمۇ‌شۇ‌م ھە‌ققىدە ئويلىنىپ،‏ يە‌ھۋادىن ۋە‌ز خىزمە‌تتە تېخىمۇ ئۈنۈملۈكرە‌ك بولۇ‌شۇ‌مغا ياردە‌م بېرىشنى ئۆتۈندۈم.‏ مە‌ن ۋە‌ز ئېيتىشقا تېخىمۇ كۆپرە‌ك ۋاقىت چىقىرالايدىغان بىر ئىشنى تېپىش ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلدىم.‏ يە‌ھۋانىڭ ياردىمىدە مۇ‌ۋاپىق بىر ئىشنى تاپتىم.‏ كېيىن،‏ ئايالىم ئىككىمىز تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌تنى باشلىدۇ‌ق».‏

19.‏ بىز قانداق قىلساق،‏ «يورۇ‌قلۇ‌قنىڭ بالىلىرىدە‌ك» يۈرە‌لە‌يمىز؟‏

19 پاۋلۇ‌سنىڭ ئە‌فە‌سلىكلە‌ر يازغان خېتى،‏ ئۇ‌لارنىڭ يە‌ھۋاغا سادىق بولۇ‌پ قېلىشىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ پاۋلۇ‌سنىڭ نە‌سىھە‌ت سۆزلىرى بىزگىمۇ ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ ئۆگىنىپ ئۆتكىنىمىزدە‌ك،‏ شۇ نە‌سىھە‌ت كۆڭۈل ئاچىدىغان ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى ۋە دوستلارنى تاللىغىنىمىزدا،‏ ئاقىلانە قارار چىقىرىشىمىزغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۇ بىزنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى داۋاملىق چوڭقۇ‌ر تە‌تقىق قىلىپ،‏ ھە‌قىقە‌ت نۇ‌رىنىڭ يېتە‌كچىلىكىنى قوبۇ‌ل قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلالايدۇ.‏ پاۋلۇ‌س يە‌نە خېتىدە،‏ بىزنىڭ ياخشى پە‌زىلە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرۈشىمىزگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغان مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى تە‌كىتلىگە‌ن.‏ پاۋلۇ‌س يازغان نە‌سىھە‌ت سۆزلە‌رگە قۇ‌لاق سالساق،‏ يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسىگە مۇ‌ۋاپىق قارارلارنى چىقىرالايمىز.‏ بىز بۇ ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق بۇ دۇ‌نيانىڭ قاراڭغۇ‌لۇ‌قىدىن چىقىپ،‏ داۋاملىق يورۇ‌قلۇ‌قتا يۈرە‌لە‌يمىز.‏

قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

  • ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏8-‏ئايە‌تتە تىلغا ئېلىنغان «قاراڭغۇ‌لۇ‌ق» ۋە «يورۇ‌قلۇ‌ق» نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

  • قانداق قىلىپ «قاراڭغۇ‌لۇ‌ق»تىن نېرى تۇ‌رالايمىز؟‏

  • قانداق قىلىپ «يورۇ‌قلۇ‌قنىڭ بالىلىرىدە‌ك» يۈرە‌لە‌يمىز؟‏

43-‏ناخشا ھوشيار تۇ‌ر،‏ چىڭ تۇ‌ر ۋە قە‌يسە‌ر بول!‏

a بە‌زى ئىسىملار ئۆزگە‌رتىلگە‌ن.‏

b رە‌سىم تە‌سۋىرى:‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ ئە‌فە‌ستىكى ئېتىقادداشلارغا يازغان خېتىنىڭ قە‌دىمقى قوليازما كۆچۈرمە نۇ‌سخىلىرىدىن بىرى.‏