مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

13-‏تە‌تقىق ماقالىسى

29-‏ناخشا ساداقە‌تمە‌نلىكنى ساقلاپ يۈرۇ‌ش

يە‌ھۋا سىزدىن خۇ‌رسە‌ن بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ

يە‌ھۋا سىزدىن خۇ‌رسە‌ن بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ

‏«مە‌ن سە‌ندىن خۇ‌رسە‌نمە‌ن».‏‏—‏لۇ‌قا 3:‏22‏.‏

مە‌ركىزى ئىدىيە

يە‌ھۋا بىزدىن خۇ‌رسە‌ن ئىكە‌نلىكىگە گۇ‌مان قىلساق،‏ ئۇ‌نى قانداق يېڭە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى ئۆگىنىش

1.‏ يە‌ھۋانىڭ بە‌زى سادىق خىزمە‌تچىلىرى گاھىدا قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا‏:‏ «يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقىدىن سۆيۈنە‌ر»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان.‏ بۇ ھە‌قىقە‌تنى بىلىش كۆڭلىمىزنى تە‌سە‌للى تاپقۇ‌زىدۇ!‏ (‏زە‌بۇ‌ر 149:‏4‏)‏.‏ لېكىن،‏ بە‌زى كىشىلە‌ر گاھىدا قاتتىق چۈشكۈنلۈككە چۈشۈپ:‏ «يە‌ھۋا مە‌ندىن خۇ‌رسە‌نمىدۇ؟‏»،‏—‏ دە‌پ سورىشى مۇ‌مكىن.‏ قە‌دىمقى زاماندا يە‌ھۋانىڭ نۇ‌رغۇ‌نلىغان سادىق خىزمە‌تچىلىرى شۇ‌نداق ئوي-‏پىكىرگە قارشى كۈرە‌ش قىلغان.‏—‏1-‏سام.‏ 1:‏6–‏10؛‏ ئايۇ‌پ 29:‏2،‏ 4؛‏ زە‌بۇ‌ر 51:‏11‏.‏

2.‏ يە‌ھۋا كىملە‌ردىن خۇ‌رسە‌ن بولغان؟‏

2 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب شۇ‌نى ئېنىق كۆرسە‌تكە‌نكى،‏ نامۇ‌كە‌ممە‌ل ئىنسانلار يە‌ھۋانىڭ قوبۇ‌ل قىلىشىغا ئېرىشە‌لە‌يدۇ ۋە ئۇ‌نى خۇ‌رسە‌ن قىلالايدۇ.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌لار بۇ‌نىڭ ئۈچۈن چوقۇ‌م ئە‌يسا مە‌سىھكە ئىشىنىشى ۋە چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ۆتۈشى كېرە‌ك (‏يۇ‌ھاننا 3:‏16‏)‏.‏ بىز بۇ‌نداق قىلغاندا،‏ گۇ‌ناھلىرىمىزغا توۋا قىلىپ،‏ خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلاشقا ۋە‌دە بە‌رگە‌نلىكىمىزنى ئوچۇ‌ق ئاشكارا كۆرسىتىمىز (‏ئە‌لچى.‏ 2:‏38؛‏ 3:‏19‏)‏.‏ بىز يە‌ھۋا بىلە‌ن يېقىن دوست بولۇ‌ش ئۈچۈن بۇ قە‌دە‌ملە‌رنى باسقاندا،‏ يە‌ھۋا ئىنتايىن خۇ‌شال بولىدۇ.‏ بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلە‌ن ئۆزىمىزنى ياراتقۇ‌چىمىزغا بېغىشلىغاندا بە‌رگە‌ن قە‌سىمىمىزنى ئورۇ‌نلاشقا تىرىشساق،‏ يە‌ھۋا بىزدىن خۇ‌رسە‌ن بولىدۇ ۋە بىزنى ئۆزىنىڭ يېقىن دوستلىرى دە‌پ قارايدۇ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 25:‏14‏.‏

3.‏ ھازىر قايسى سوئاللارنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

3 نېمە ئۈچۈن بە‌زى كىشىلە‌ر گاھىدا يە‌ھۋا ئۇ‌لاردىن خۇ‌رسە‌ن ئە‌مە‌ستە‌ك ھېس قىلىدۇ؟‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لاردىن خۇ‌رسە‌ن ئىكە‌نلىكىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟‏ خۇ‌دا بىزدىن خۇ‌سە‌ن بولغانلىقىغا ئىشە‌نچىمىزنى قانداق كۈچە‌يتە‌لە‌يمىز؟‏

نېمە ئۈچۈن بە‌زىلە‌ر يە‌ھۋا ئۇ‌لاردىن خۇ‌رسە‌ن ئە‌مە‌ستە‌ك ھېس قىلىدۇ؟‏

4،‏ 5.‏ ئۆزىمىزنى ئە‌رزىمە‌س ھېس قىلساقمۇ،‏ نېمىدىن گۇ‌مان قىلماسلىقىمىز كېرە‌ك؟‏

4 ئارىمىزدا بە‌زىلىرىمىز بالىلىق چاغلىرىمىزدىن باشلاپ،‏ ئۆزىمىزنى تۆۋە‌ن كۆرۈش ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌سى بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلىپ كە‌لدۇ‌ق (‏زە‌بۇ‌ر 88:‏15‏)‏.‏ ئادرىئان ئىسىملىك بىر بۇ‌رادە‌ر مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن ھە‌ردائىم ئۆزۈمنى ئە‌رزىمە‌س ھېس قىلاتتىم.‏ كىچىك ۋاقتىمدا ئائىلە‌مدىكىلە‌ر بىلە‌ن جە‌ننە‌تتە ياشاشنى تىلە‌پ دۇ‌ئا قىلغىنىم تېخى ئېسىمدە بار.‏ ئە‌مما،‏ مە‌ن ئۆزۈمنى ئۇ يە‌ردە ياشاشقا لايىق ئە‌مە‌س دە‌پ ئويلايتتىم».‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلە‌رنىڭ ئائىلىسىدە چوڭ بولمىغان تونى ئىسىملىك بىر قېرىنداش مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئاتا-‏ئانام ھېچقاچان مېنى سۆيىدىغانلىقىنى ۋە مە‌ندىن پە‌خىرلىنىدىغانلىقىنى ئېيتمىغان.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ مە‌ن ھە‌ردائىم مە‌يلى قانداقلا ئىش قىلسام،‏ ئۇ‌لارنى خۇ‌شال قىلالمايمە‌ن،‏ دە‌پ ئويلايتتىم».‏

5 ئە‌گە‌ر بە‌زىدە ئۆزىمىزنى ئە‌رزىمە‌س ھېس قىلساق،‏ يە‌ھۋا بىزنى ئۆزىگە جە‌لپ قىلغانلىقىنى ئە‌سلە‌پ كۆرۈڭ (‏يۇ‌ھاننا 6:‏44‏)‏.‏ ئۇ بىزدە،‏ بە‌لكىم ئۆزىمىز كۆرمە‌يۋاتقان ياخشى پە‌زىلە‌تلە‌رنى كۆرۈۋاتىدۇ ۋە بىزنىڭ زادى قانداق ئادە‌م ئىكە‌نلىكىمىزنى بىزدىن ياخشىراق بىلىدۇ (‏1-‏سام.‏ 16:‏7؛‏ 2-‏تارىخ.‏ 6:‏30‏)‏.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ يە‌ھۋا بىزگە قە‌دىرلىك ئىكە‌نىمىزنى ئېيتقىنىدا،‏ بىز بۇ‌نىڭدىن قە‌تئىي گۇ‌مانلانماسلىقىمىز كېرە‌ك.‏—‏1-‏يۇ‌ھاننا 3:‏19،‏ 20‏.‏

6.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئۆتكۈزگە‌ن گۇ‌ناھلىرى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلانغاندا،‏ نېمىنى ھېس قىلغان؟‏

6 بە‌زىلىرىمىز ھە‌قىقە‌تنى تونۇ‌شتىن ئاۋۋال بە‌زى خاتا ئىشلارنى قىلىپ،‏ نە‌تىجىدە ھازىرغا قە‌دە‌ر ئۆزىمىزنى گۇ‌ناھكاردە‌ك ھېس قىلىشىمىز مۇ‌مكىن (‏1-‏پېتر.‏ 4:‏3‏)‏.‏ ھە‌تتا خۇ‌دانىڭ ساداقە‌تمە‌ن خىزمە‌تچىلىرىمۇ گۇ‌ناھكار خاھىشى بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلىدۇ.‏ سىزمۇ شۇ‌نداق قىلىۋاتامسىز؟‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق بولسا،‏ يە‌ھۋانىڭ سادىق خىزمە‌تچىلىرىنىڭمۇ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لار بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلغانلىقىنى بىلىش كۆڭلىمىزنى تە‌سە‌للى تاپقۇ‌زىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س كە‌مچىلىكلىرى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلانغاندا،‏ ئۆزىنى ئىنتايىن بىچارە ھېس قىلغان (‏رىملىقلار 7:‏24‏)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ پاۋلۇ‌س ئاللىقاچان گۇ‌ناھلىرىغا توۋا قىلىپ،‏ سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈپ بولغان.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ ئۇ ئۆزىنى «ئە‌لچىلە‌رنىڭ ئارىسىدىكى ئە‌ڭ ئە‌رزىمە‌س بىرىمە‌ن» ۋە گۇ‌ناھكارلارنىڭ «بىرىنچىسى مە‌ن» دېگە‌نىدى.‏—‏1-‏كورىنت.‏ 15:‏9؛‏ 1-‏تىموت.‏ 1:‏15‏.‏

7.‏ بىز ئۆتكۈزگە‌ن گۇ‌ناھلىرىمىز توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلانغىنىمىزدا،‏ نېمىنى ئە‌ستىن چىقارماسلىقىمىز كېرە‌ك؟‏

7 توۋا قىلساق،‏ ئاسماندىكى ئاتىمىز بىزنى كە‌چۈرۈم قىلىدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلغان (‏زە‌بۇ‌ر 86:‏5‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر ئۆتكۈزگە‌ن گۇ‌ناھلىرىمىزغا چىن قە‌لبىمىزدىن پۇ‌شايمان قىلىپ توۋا قىلساق،‏ يە‌ھۋانىڭ سۆزىگە قۇ‌لاق سالىمىز ۋە ئۇ‌نىڭ بىزنى كە‌چۈرگە‌نلىكىگە ئىشىنىمىز.‏—‏كولوسى.‏ 2:‏13‏.‏

8،‏ 9.‏ يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلغۇ‌دە‌ك ياخشى خىزمە‌ت قىلالمىدىم،‏ دېگە‌ن ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌نى قانداق يېڭە‌لە‌يمىز؟‏

8 بىز ھە‌ممىمىز قولىمىزدىن كېلىشىچە يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى خالايمىز.‏ بىراق،‏ بە‌زىلە‌ر يە‌ھۋانىڭ قوبۇ‌ل قىلىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ھە‌رگىزمۇ ئە‌ڭ ياخشى دە‌رىجىدە خىزمە‌ت قىلالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ ئاماندا ئىسىملىك بىر قېرىندىشىمىز مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن ھە‌مىشە چوقۇ‌م كۆپرە‌ك ئىشلارنى قىلىشىم كېرە‌ك،‏ شۇ‌ندىلا يە‌ھۋاغا ئە‌ڭ ياخشىسىنى بېرە‌لە‌يمە‌ن دە‌پ ئويلايتتىم.‏ شۇ‌ڭا،‏ دائىم قولۇ‌مدىن كە‌لگە‌ندىنمۇ ئارتۇ‌ق ئىشلارنى قىلىشقا ھە‌رىكە‌ت قىلىمە‌ن.‏ نە‌تىجىدە،‏ قىلماي قالغان چاغلاردا ئۆزۈمدىن ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىمە‌ن ۋە يە‌ھۋامۇ مە‌ندىن ئۈمىدسىزلە‌ندى،‏ دە‌پ ئويلايمە‌ن».‏

9 ئە‌گە‌ر سىز يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلغۇ‌دە‌ك ياخشى خىزمە‌ت قىلالمىدىم دە‌پ ھېس قىلسىڭىز،‏ بۇ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌نى قانداق يېڭە‌لە‌يسىز؟‏ ئېسىڭىزدە بولسۇ‌نكى،‏ يە‌ھۋا ھە‌ددىدىن زىيادە تە‌لە‌پچان ياكى قاتتىق قول خۇ‌دا ئە‌مە‌س.‏ ئۇ ھە‌رگىزمۇ بىز قىلالمايدىغان ئىشنى،‏ بىزدىن تە‌لە‌پ قىلمايدۇ.‏ بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلە‌ن ئە‌ڭ ياخشىسىنى ئۇ‌نىڭغا بە‌رگىنىمىزدە،‏ ئۇ شۇ‌لارنى قە‌دىرلە‌يدۇ.‏ يە‌ھۋانىڭ ئۆتمۈشتىكى سادىق خىزمە‌تچىلىرى ھە‌ققىدە ئويلاپ كۆرۈڭ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ پاۋلۇ‌س نۇ‌رغۇ‌ن يىل قىزغىنلىق بىلە‌ن ۋە‌ز قىلىپ،‏ نە‌چچە مىڭ كىلومېتىر يول يۈرۈپ،‏ كۆپلىگە‌ن جامائە‌تلە‌رنى قۇ‌رغان.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌نىڭ ۋە‌زىيىتى ئۆزگىرىپ،‏ ۋە‌ز ئېيتىش خىزمىتىگە ئازراق قاتناشقاندا،‏ خۇ‌دا ئە‌مدى ئۇ‌نىڭدىن خۇ‌رسە‌ن بولمىغانمۇ؟‏ ياق.‏ ئۇ قولىدىن كېلىشىچە قىلىشقا تىرىشقان ۋە يە‌ھۋا ئۇ‌نى بە‌رىكە‌تلىگە‌ن (‏ئە‌لچى.‏ 28:‏30،‏ 31‏)‏.‏ خۇ‌ددى شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ بىزنىڭ ۋە‌زىيىتىمىزدىمۇ ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ،‏ يە‌ھۋاغا ئىلگىرىكىدە‌ك كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلالماي قېلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما،‏ خۇ‌دا ئۈچۈن مۇ‌ھىم بولغىنى،‏ ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلىشتىكى مە‌قسىتىمىز.‏ ھازىر يە‌ھۋانىڭ بىزدىن خۇ‌رسە‌ن بولغانلىقىنى قانداق كۆرسىتىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.‏

يە‌ھۋا بىزدىن خۇ‌رسە‌ن بولغانلىقىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟‏

10.‏ يە‌ھۋانىڭ بىزدىن خۇ‌رسە‌ن بولغانلىقىنى قانداق ئاڭلىيالايمىز؟‏ (‏يۇ‌ھاننا 16:‏27‏)‏

10 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئارقىلىق.‏ يە‌ھۋا ئۆزى سۆيگە‌ن كىشىلە‌ردىن خۇ‌رسە‌ن بولغانلىقىنى كۆرسىتىشنى خالايدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا،‏ يە‌ھۋا ئىككى قېتىم ئە‌يسانى سۆيۈملۈك ئوغلۇ‌م،‏ ئۇ‌نىڭدىن خۇ‌رسە‌نمە‌ن دە‌پ ئېتىراپ قىلغانلىقى يېزىلغان (‏مە‌تتا 3:‏17؛‏ 17:‏5‏)‏.‏ سىزمۇ يە‌ھۋانىڭ سىزدىن خۇ‌رسە‌ن بولغانلىقىنى ئېيتىشىنى خالىغانمۇ؟‏ گە‌رچە ھازىر ئاسماندىن بىر ئاۋازنىڭ كە‌لگە‌نلىكىنى ئاڭلىمىساقمۇ،‏ بىراق ئۇ ئۆز سۆزى بولغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئارقىلىق بىزگە سۆز قىلىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ھە‌زرىتى ئە‌يسانىڭ سۆزىنى ئوقۇ‌غىنىمىزدا،‏ يە‌ھۋانىڭ بىزدىن خۇ‌رسە‌ن ئىكە‌نىنى تە‌ستىقلايدىغان سۆزلىرىنى ئاڭلىيالايمىز ‏(‏يۇ‌ھاننا 16:‏27-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئۇ ئاتىسىنىڭ ئېسىل-‏پە‌زىلە‌تلىرىنى مۇ‌كە‌ممە‌ل ئە‌كس ئە‌تتۈرگە‌ن.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ بىز ئە‌يسانىڭ ئۆزىنىڭ نامۇ‌كە‌ممە‌ل،‏ ئە‌مما سادىق ئە‌گە‌شكۈچىلىرىدىن خۇ‌رسە‌ن بولغانلىقىنى ئېيتقان.‏ بۇ‌نى ئوقۇ‌غىنىمىزدا،‏ يە‌ھۋانىڭ بۇ سۆزلە‌رنى بىزگە ھە‌م ئېيتقانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلالايمىز.‏ —‏يۇ‌ھاننا 15:‏9،‏ 15‏.‏

يە‌ھۋا بىزدىن خۇ‌رسە‌ن ئىكە‌نلىكىنى نۇ‌رغۇ‌ن يوللار ئارقىلىق كۆرسىتىدۇ (‏10-‏ئابزاس قاراڭ)‏


11.‏ نېمە ئۈچۈن قىيىنچىلىقلارنى باشتىن ئۆتكۈزۈش يە‌ھۋانىڭ بىزدىن خۇ‌رسە‌ن ئە‌مە‌سلىكىنى بىلدۈرمە‌يدۇ؟‏ (‏ياقۇ‌پ 1:‏12‏)‏

11 ئۇ بىزگە ئېھتىياجلىق بولغان نە‌رسىلە‌رنى بېرىدۇ.‏ يە‌ھۋا بىزگە ياردە‌م بېرىشكە ھە‌رقاچان تە‌ييار.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىزنىڭ ماددىي ئېھتىياجلىرىمىزنى قامدايدۇ.‏ بە‌زىدە ئۇ خۇ‌ددى سادىق كىشى ئايۇ‌پقا ئوخشاش،‏ بىزنىڭمۇ جاپا چېكىشىمىزگە يول قويۇ‌شى مۇ‌مكىن (‏ئايۇ‌پ 1:‏8–‏11‏)‏.‏ لېكىن،‏ قىيىنچىلىقلار يە‌ھۋانىڭ بىزدىن خۇ‌رسە‌ن ئە‌مە‌سلىكىنى بىلدۈرمە‌يدۇ،‏ بە‌لكى ئۇ يە‌ھۋاغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە ئىشە‌نچىمىزنىڭ چوڭقۇ‌رلۇ‌قىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن پۇ‌رسە‌ت يارىتىپ بېرىدۇ ‏(‏ياقۇ‌پ 1:‏12-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ خۇ‌دا ئاشۇ قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بېرىشىمىزگە ياردە‌م بە‌رگە‌ندە،‏ ئۇ‌نىڭ كۆيۈمچانلىقىنى ۋە بىزنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىمىز.‏

12.‏ دىمىترىينىڭ مىسالىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگە‌نسە‌ك بولىدۇ؟‏

12 دىمىترىينىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئۇ ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ،‏ بىرقانچە ئاي ئىش ئىزدە‌پمۇ،‏ ئىش تاپالمىغان ئىدى.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ ئۇ ۋە‌ز قىلىشقا كۆپرە‌ك ۋاقىت چىقىرىشنى قارار قىلغان ۋە يە‌ھۋاغا بولغان ئىشە‌نچىسىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ بىرقانچە ئايلار ئۆتۈپ كە‌تكە‌ن،‏ ئە‌مما ئۇ يە‌نىلا ئىش تاپالمىغان.‏ كېيىن دىمىترىي كېسە‌ل بولۇ‌پ،‏ ئورۇ‌ن تۇ‌تۇ‌پ يېتىپ قالغان.‏ ئۇ شۇ‌نداق گۇ‌مان قىلىشقا باشلىغان:‏ مە‌ن ياخشى ئە‌ر ۋە ياخشى دادا بولالمىغاچقا،‏ يە‌ھۋا مە‌ندىن خۇ‌رسە‌ن ئە‌مە‌س.‏ بىر كۈنى كە‌چتە ئۇ‌نىڭ قىزى بىر ۋاراق قە‌غە‌زگە،‏ يە‌شايا 30:‏15-‏ئايە‌تتىكى سۆزلە‌رنى يېزىپ دادىسىغا بە‌رگە‌ن.‏ «تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىكنى ساقلاپ،‏ ماڭا تايانساڭلار كۈچلۈك بولىسىلە‌ر».‏ قىز كارىۋاتنىڭ يېنىغا كېلىپ:‏ «دادا كۆڭلۈڭىز يېرىم بولغاندا،‏ بۇ ئايە‌تنى ئېسىڭىزگە ئېلىڭ»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ دىمىترىي يە‌ھۋانىڭ ياردىمىدە،‏ ئۆز ئائىلىسىنىڭ يېتە‌رلىك يېمە‌ك-‏ئىچمە‌ك،‏ كىيىم-‏كېچە‌ك ۋە تۇ‌رىدىغان جايغا ئېرىشكە‌نلىكىنى ھېس قىلغان.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم پە‌قە‌ت تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىكنى ساقلاش ۋە داۋاملىق يە‌ھۋا خۇ‌داغا ئىشىنىش».‏ ئە‌گە‌ر سىزمۇ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش سىناقلارغا دۇ‌چ كە‌لسىڭىز،‏ يە‌ھۋانىڭ سىزگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىۋاتقانلىقىغا ۋە بە‌رداشلىق بېرىشىڭىز ئۈچۈن ياردە‌م بېرىدىغانلىقىغا ئىشە‌نسىڭىز بولىدۇ.‏

يە‌ھۋا بىزدىن خۇ‌رسە‌ن ئىكە‌نلىكىنى نۇ‌رغۇ‌ن يوللار ئارقىلىق كۆرسىتىدۇ (‏12-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ a


13.‏ يە‌ھۋا بىزدىن خۇ‌رسە‌ن بولغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن كىملە‌رنى ئىشلىتىشى مۇ‌مكىن ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

13 ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز ئارقىلىق.‏ يە‌ھۋا ئىمانداشلىرىمىزنى ئىشلىتىپ،‏ بىزدىن خۇ‌رسە‌ن بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ باشقىلارنى مۇ‌ۋاپىق ۋاقىت-‏سائە‌تتە كىشىنى ئىلھاملاندۇ‌رىدىغان سۆزلە‌رنى قىلىشقا ئىلھاملاندۇ‌رالايدۇ.‏ ئاسىيادىكى بىر قېرىندىشىمىز قاتتىق بېسىمغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ ئۇ‌نى باشتىن كە‌چۈرگە‌ن.‏ ئۇ ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ قالغان ۋە ئېغىر كېسە‌ل بولغان.‏ ئۇ‌نىڭ ئۈستىگە يولدىشى ئېغىر گۇ‌ناھ ئۆتكۈزۈپ،‏ ئاقساقاللىق ۋە‌زىپىسىدىن قالدۇ‌رۇ‌لغان.‏ ئۇ:‏ «مە‌ن نېمە ئۈچۈن بۇ‌نداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى چۈشە‌نمىدىم.‏ بە‌لكىم،‏ بىرە‌ر ئىشنى خاتا قىلىپ،‏ يە‌ھۋانىڭ كۆڭلىنى رە‌نجىتىپ قويغاچ،‏ ئۇ ئە‌مدى مە‌ندىن خۇ‌رسە‌ن بولمايۋاتامدىكىن»،‏—‏ دە‌پ ئويلىغانىدى.‏ بۇ قېرىندىشىمىز يە‌ھۋا ئۆزىدىن خۇ‌رسە‌ن بولغانلىقىغا كۆز يە‌تكۈزۈش ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلىپ ئۆتۈنگە‌ن.‏ ئۇ دۇ‌ئاسىغا جاۋاب ئالدىمۇ؟‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «جامائە‌ت ئاقساقاللىرى مېنىڭ بىلە‌ن پاراڭلاشتى ۋە يە‌ھۋانىڭ مېنى سۆيىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىشىمگە ياردە‌م بە‌ردى».‏ بىراق،‏ مە‌لۇ‌م بىر ۋاقىت ئۆتكە‌ندىن كېيىن،‏ ئۇ يە‌نە يە‌ھۋادىن ياردە‌م سورىغان.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «دە‌ل شۇ كۈنى،‏ مە‌ن جامائە‌تتىكى قېرىنداشلارنىڭ خېتىنى تاپشۇ‌رۇ‌ۋالدىم.‏ ئۇ‌لارنىڭ تە‌سە‌للى سۆزلىرىنى ئوقۇ‌غىنىمدا،‏ يە‌ھۋانىڭ دۇ‌ئايىمنى ئاڭلىغانلىقىنى ھېس قىلدىم».‏ شۇ‌نداق،‏ ھە‌ردائىم باشقىلارنىڭ يېقىملىق سۆزلىرى ئارقىلىق،‏ يە‌ھۋا بىزدىن خۇ‌رسە‌ن ئىكە‌نىنى كۆرسىتىدۇ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 10:‏17‏.‏

يە‌ھۋا بىزدىن خۇ‌رسە‌ن ئىكە‌نلىكىنى نۇ‌رغۇ‌ن يوللار ئارقىلىق كۆرسىتىدۇ (‏13-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ b


14.‏ يە‌ھۋا بىزدىن خۇ‌رسە‌ن ئىكە‌نىنى يە‌نە قايسى ئۇ‌سۇ‌لدا كۆرسىتىدۇ؟‏

14 يە‌ھۋا يە‌نە زۆرۈر بولغاندا،‏ ئىمانداشلىرىمىز ئارقىلىق بىزگە نە‌سىھە‌ت بېرىپ،‏ بىزدىن خۇ‌رسە‌ن ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىرىنچى ئە‌سىردە يە‌ھۋا ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنى ئىشلىتىپ،‏ ئېتىقادچى قېرىنداشلارغا 14 پارچە خە‌ت يازدۇ‌رغان.‏ پاۋلۇ‌سنىڭ ئۇ خە‌تلىرىدە ناھايىتى ئۇ‌دۇ‌ل،‏ ئە‌مما سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تكە تولغان نە‌سىھە‌ت سۆزلىرى بار.‏ يە‌ھۋا نېمە ئۈچۈن پاۋلۇ‌سنى بۇ‌نداق نە‌سىھە‌تلە‌رنى يېزىشقا ئىلھاملاندۇ‌رغان؟‏ چۈنكى،‏ يە‌ھۋا بىر كۆيۈمچان ئاتا بولۇ‌پ،‏ ئۇ ئۆزى سۆيگە‌ن پە‌رزە‌نتلىرىگە تە‌لىم-‏تە‌ربىيە بېرىدۇ (‏پە‌ند.‏ نە 3:‏11،‏ 12‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىرلىرى بىزگە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان نە‌سىھە‌تلە‌رنى بە‌رسە،‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ بىزدىن رە‌نجىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمە‌يدۇ.‏ ئە‌كسىنچە،‏ بۇ يە‌ھۋانىڭ يە‌نىلا بىزنى سۆيىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ (‏ئىبرانىي.‏ 12:‏6‏)‏.‏ يە‌ھۋا بىزدىن خۇ‌رسە‌ن ئىكە‌نىنى باشقا قايسى يوللار بىلە‌ن كۆرسىتىدۇ؟‏

يە‌ھۋا بىزدىن خۇ‌رسە‌ن بولغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان باشقا دە‌لىللە‌ر

15.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا كىملە‌رگە ئۆز مۇ‌قە‌ددە‌س روھىنى بېرىدۇ ۋە ئۇ‌نىڭ بىزدىن خۇ‌رسە‌ن ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتىدىغان يە‌نە قانداق دە‌لىللە‌ر بار؟‏

15 يە‌ھۋا ئۆز مۇ‌قە‌ددە‌س روھىنى بىزگە ئە‌ۋە‌تىش ئارقىلىق،‏ بىزدىن خۇ‌رسە‌ن بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ (‏مە‌تتا 12:‏18‏)‏.‏ بىز ئۆز-‏ئۆزىمىزدىن مۇ‌نداق سوراپ كۆرسە‌ك بولىدۇ:‏ «مە‌ن تۇ‌رمۇ‌شۇ‌مدا مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ مېۋىسىنى كۆرسىتىۋاتىمە‌نمۇ؟‏» سىز يە‌ھۋانى تونۇ‌غاندىن كېيىن ئىلگىرىكىگە قارىغاندا،‏ تېخىمۇ سە‌ۋرچان بولدىڭىزمۇ؟‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ سىز مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ مېۋىسىنى قانچە نامايان قىلىشنى ئۆگە‌نگە‌نسېرى،‏ يە‌ھۋانىڭ سىزدىن خۇ‌رسە‌ن بولغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان نۇ‌رغۇ‌ن دە‌لىللە‌رنى كۆرە‌لە‌يسىز.‏ «‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ مېۋىسى‏» دېگە‌ن رامكىغا قاراڭ.‏

يە‌ھۋا سىزدىن خۇ‌رسە‌ن ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دە‌لىللە‌رنى قانداق كۆرە‌لە‌يسىز؟‏ (‏15ئابزاس قاراڭ)‏


16.‏ خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنىڭ ۋە‌ز قىلىنىشى ئۈچۈن يە‌ھۋا كىملە‌رنى ئىشلىتىدۇ ۋە بۇ بىزنى نېمىگە ئىشە‌ندۈرىدۇ؟‏ (‏1-‏سالونىكالىقلار 2:‏4‏)‏

16 يە‌ھۋا ئۆزى خۇ‌رسە‌ن بولىدىغان كىشـىلە‌رگە خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ۋە‌ز قىلىش ۋە‌زىپىسىنى تاپشۇ‌رىدۇ ‏(‏1-‏سالونىكالىقلار 2:‏4-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ جاسىلېن ئىسىملىك قېرىنداش باشقىلارغا خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئېيتىشنىڭ پايدىسىنى كۆرگە‌ن.‏ بىر كۈنى ئە‌تىگە‌ندە،‏ ئۇ كە‌يپىياتى ناچار ئويغانغان.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئۆزۈمنى كۈچسىز،‏ كېرە‌كسىزدە‌ك ھېس قىلدىم.‏ بىراق،‏ مە‌ن پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىۋاتقان ئىدىم ۋە شۇ مە‌ن ۋە‌ز خىزمە‌تكە چىقىدىغان كۈن ئىدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ دۇ‌ئا قىلىپ خىزمە‌تكە چىقىپ كە‌تتىم».‏ جاسىلېن ئاشۇ كۈنى چۈشتىن بۇ‌رۇ‌ن مارى ئىسىملىك بىر ئايال بىلە‌ن كۆرۈشۈپ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىق ئۆگىنىشى باشلاشقا قوشۇ‌لغان.‏ بىرقانچە ئايدىن كېيىن مارى جاسىلېن ئىشىكىنى قېقىشىدىن بۇ‌رۇ‌ن،‏ ئۇ خۇ‌دادىن ياردە‌م سوراپ دۇ‌ئا قىلغانلىقىنى ئېيتقان.‏ جاسىلېن شۇ كە‌چۈرمىشى ھە‌ققىدە مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ ‏«يە‌ھۋا خۇ‌ددى ماڭا:‏ «مە‌ن سە‌ندىن خۇ‌رسە‌نمە‌ن»،‏—‏ دە‌پ ئېيتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم».‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بىز ۋە‌ز قىلىۋاتقان خۇ‌ش خە‌ۋە‌رگە ھە‌ممىلا ئادە‌م ئىجابىي جاۋاب قايتۇ‌رمايدۇ.‏ لېكىن،‏ بىز شۇ‌نىڭغا ئىشىنىمىزكى،‏ پۈتۈن كۈچىمىز بىلە‌ن ئۆزىمىزنى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى جاكارلاشقا بېغىشلىساق،‏ يە‌ھۋا بىزدىن خۇ‌رسە‌ن بولىدۇ.‏

يە‌ھۋانىڭ سىزدىن خۇ‌رسە‌ن ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دە‌لىللە‌رنى قانداق كۆرە‌لە‌يسىز؟‏ (‏16-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ c


17.‏ ۋىكى ئىسىملىك قېرىنداشنىڭ تۆلە‌م ھە‌ققىدىكى ئېيتقانلىرىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگە‌ندىڭىز؟‏ (‏زە‌بۇ‌ر 5:‏12‏)‏

17 يە‌ھۋا خۇ‌رسە‌ن بولغان كىشىلە‌رنىڭ گۇ‌ناھلىرىنى تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى ئارقىلىق كە‌چۈرىدۇ (‏1-‏تىموت.‏ 2:‏5،‏ 6‏)‏.‏ بىراق،‏ بىز تۆلە‌مگە ئىشىنىپ،‏ سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلگە‌ن بولساقمۇ،‏ يە‌نىلا يە‌ھۋا بىزدىن خۇ‌رسە‌ن ئە‌مە‌س دە‌پ ئويلىساقچۇ؟‏ ئېسىڭىزدە بولسۇ‌نكى،‏ بىز ھە‌ردائىم ئۆز ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىمىزغا ئىشە‌نچ قىلالمايمىز،‏ ئە‌مما يە‌ھۋاغا ئىشە‌نچ قىلالايمىز.‏ ئۇ تۆلە‌مگە ئىشە‌نگە‌نلە‌رنى ھە‌ققانىي ئادە‌م دە‌پ ھېسابلايدۇ ۋە ئۇ‌لارغا بە‌رىكە‌ت بېرىدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلىدۇ ‏(‏زە‌بۇ‌ر 5:‏12-‏نى ئوقۇ‌ڭ؛‏ رىملىقلار 3:‏26‏)‏.‏ تۆلە‌م ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش ۋىكى ئىسىملىك قېرىنداشقا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ بىر كۈنى تۆلە‌م توغرىسىدا چوڭقۇ‌ر ئويلانغاندىن كېيىن،‏ ئۇ مۇ‌نداق ھېس قىلغان:‏ «يە‌ھۋا ماڭا ئۇ‌زۇ‌ندىن بۇ‌يان سە‌ۋر-‏تاقە‌ت كۆرسىتىپ كە‌لدى ۋە ئۆزىنىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى نۇ‌رغۇ‌ن تە‌رە‌پلە‌ردە ماڭا كۆرسە‌تتى.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ مە‌ن يە‌ھۋاغا:‏ «سە‌ن مە‌ندە‌ك كىشىنى سۆيە‌لمە‌يسە‌ن،‏ ئوغلۇ‌ڭنىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى مېنىڭ گۇ‌ناھلىرىمنى يۇ‌يالمايدۇ»،‏—‏ دە‌پ كە‌لگە‌ن ئىكە‌نمە‌ن».‏ ئۇ تۆلە‌م سوۋغىسى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش ئارقىلىق يە‌ھۋانىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى ھېس قىلىشقا باشلىغان.‏ بىزمۇ شۇ‌نداق قىلغىنىمىزدا،‏ خۇ‌دانىڭ بىزنى سۆيىدىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز ۋە بىزدىن خۇ‌رسە‌ن ئىكە‌نلىكىگە ئىشىنىمىز.‏

يە‌ھۋانىڭ سىزدىن خۇ‌رسە‌ن ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دە‌لىللە‌رنى قانداق كۆرە‌لە‌يسىز؟‏ (‏17-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


18.‏ ئە‌گە‌ر داۋاملىق ئاسماندىكى كۆيۈمچان ئاتىمىزنى سۆيسە‌ك،‏ نېمىگە ئىشە‌نچ قىلالايمىز؟‏

18 گە‌رچە بىز يۇ‌قىرىدا كۆرۈپ چىققان تە‌كلىپ-‏پىكىرلە‌رنى ئە‌مە‌لىي ھاياتىمىزدا قوللىنىشقا تىرىشىۋاتقان بولساقمۇ،‏ بە‌زىدە پات-‏پات ئۈمىدسىزلىنىپ،‏ يە‌ھۋانىڭ بىزدىن خۇ‌رسە‌نمىدۇ ياكى خۇ‌رسە‌ن ئە‌مە‌سمىدۇ؟‏ دە‌پ گۇ‌مان قىلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق گۇ‌مان پە‌يدا بولسا،‏ يە‌ھۋا ‹ئۇ‌نى سۆيگە‌نلە‌ردىن› خۇ‌رسە‌ن بولىدىغانلىقىنى ئە‌ستىن چىقارماڭ (‏ياقۇ‌پ 1:‏12‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ داۋاملىق يە‌ھۋاغا يېقىنلىشىڭ ۋە ئۇ‌نىڭ سىزدىن خۇ‌رسە‌ن بولغانلىقىنىڭ دە‌لىل-‏ئىسپاتلىرىنى كۆرۈپ يېتىشكە تىرىشىڭ.‏ ئېسىڭىزدە بولسۇ‌نكى،‏ يە‌ھۋا «ھە‌ر بىرىمىزدىن يىراق ئە‌مە‌س».‏ —‏ئە‌لچى.‏ 17:‏27‏.‏

قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

  • نېمە ئۈچۈن بە‌زىلە‌ر يە‌ھۋا ئۇ‌لاردىن خۇ‌رسە‌ن ئە‌مە‌ستە‌ك ھېس قىلىدۇ؟‏

  • يە‌ھۋا بىزدىن خۇ‌رسە‌ن بولغانلىقىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟‏

  • نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋانىڭ بىزدىن خۇ‌رسە‌ن ئىكە‌نلىكىگە ئىشە‌نسە‌ك بولىدۇ؟‏

11-‏ناخشا يە‌ھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇ‌ش قىلىش

a رە‌سىمدە:‏ سە‌ھنىلە‌شتۈرۈلگە‌ن

b رە‌سىمدە:‏ سە‌ھنىلە‌شتۈرۈلگە‌ن

c رە‌سىمدە:‏ سە‌ھنىلە‌شتۈرۈلگە‌ن