دۈشمىنىڭىزنى ياخشى بىلەمسىز؟
«بىز [شەيتاننىڭ] ھىيلە-مىكىرلىرىدىن بىخەۋەر ئەمەسمىز».—2-كورىنتلىقلار 2:11.
ناخشىلار: 49، 27
1. ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانا گۇناھ قىلغاندىن كېيىن، يەھۋا دۈشمىنىمىز ھەققىدە نېمىلەرنى ئاشكارا قىلدى؟
ئادەم-ئاتا يىلاننىڭ سۆزلىيەلمەيدىغانلىقىنى ياخشى بىلەتتى. شۇڭا، ئۇ ھاۋا-ئانا يىلان بىلەن پاراڭلاشقانلىقىنى ئاڭلىغاندا، ئۇنىڭغا يىلان ئەمەس، روھىي مەۋجۇدات سۆزلىگەنلىكىنى چۈشەنگەن بولۇشى مۇمكىن (يارىتىلىش 3:1—6). ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانا بۇ مەۋجۇداتنىڭ كىملىكىنى بىلمىگەن. شۇنىڭغا قارىماستىن، ئادەم-ئاتا مۇشۇ ناتونۇش شەخسكە ئەگىشىپ، ئاسماندىكى كۆيۈمچان ئاتىسىغا قارشى چىققان (1-تىموتىي 2:14). يەھۋا خۇدا شۇ ھامان بۇ رەزىل دۈشمەن ھەققىدە بەزى نەرسىلەرنى ئاشكارا قىلىپ، ئاخىرىدا ئۇنى يوق قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. لېكىن، يەھۋا شۇ ۋاقىت كەلگۈچە، يىلان ئارقىلىق سۆزلىگەن بۇ روھنىڭ خۇدانى ياخشى كۆرىدىغانلارنىڭ ھەممىسىگە قارشى چىقىدىغانلىقىنى ئېيتقان.—يارىتىلىش 15:3.
2، 3. مەسىھ كەلگۈچە بۇ دۈشمەن ھەققىدە نېمە ئۈچۈن شۇنچە ئاز مەلۇماتلار ئاشكارىلانغان؟
2 يەھۋا ئۇنىڭغا قارشى چىققان پەرىشتىنىڭ ئىسىمىنى ئېيتمىغان a (ئىزاھاتقا قاراڭ). ئېرەم بېغىدىكى ئىسياندىن كېيىن 2500 يىل ئۆتكەندىلا، يەھۋا بۇ ئىسيانچىنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلىغان (ئايۇپ 1:6). ئۇ «قارشىلاشقۇچى» دېگەننى بىلدۈرىدىغان «شەيتان»، دېگەن نام بىلەن ئاتالغان. ئىبرانىي يازمىلارنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدا شەيتان پەقەت 1-تارىخنامە، ئايۇپ ۋە زەكەرىيا دېگەن ئۈچ كىتابتىلا تىلغا ئېلىنغان. مەسىھ كەلگۈچە بۇ دۈشمەن ھەققىدە نېمە ئۈچۈن شۇنچە ئاز مەلۇمات ئاشكارىلانغان؟
3 يەھۋا ئىبرانىي يازمىلاردا شەيتان ۋە ئۇنىڭ ئىشلىرى ھەققىدە كۆپ مەلۇمات ئاشكارىلىمىغان. ئەمەلىيەتتە، ئىبرانىي يازمىلار ئادەملەرگە مەسىھنى تونۇپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىشكە ياردەم بېرىش ئۈچۈن يېزىلغان (لۇقا 24:44؛ گالاتىيالىقلار 3:24). مەسىھ كەلگەندە، يەھۋا خۇدا ئەيسا ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئارقىلىق شەيتان بىلەن ئۇنىڭغا ئەگەشكەن پەرىشتىلەر ھەققىدە كۆپرەك مەلۇمات بەرگەن b (ئىزاھاتقا قاراڭ). يەھۋانىڭ شۇنداق قىلغانلىقىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ئەيسا بىلەن مايلانغانلار ئارقىلىق شەيتاننى ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرىنى يوق قىلىدۇ.—رىملىقلار 16:20؛ ۋەھىيلەر 17:14؛ 20:10.
4. ئىبلىستىن نېمە ئۈچۈن قورقماسلىقىمىز كېرەك؟
4 ئەلچـى پېتـرۇس شەيتـان ئىبلىسـنى «ھۆركىرەيدىغان شىردەك» دەپ تەسۋىرلىگەن. ئەلچى يۇھاننا بولسا، ئۇنى «يىلان» ۋە «ئەجدىھا» دەپ ئاتىغان (1-پېترۇس 5:8؛ ۋەھىيلەر 12:9). ئەمما، بىز ئىبلىستىن قورقماسلىقىمىز كېرەك. سەۋەبى، ئۇنىڭ كۈچى چەكلىك (ياقۇپ 4:7-نى ئوقۇڭ). بۇنىڭدىن باشقا، بىزنى يەھۋا، ئەيسا ۋە سادىق پەرىشتىلەر ھىمايە قىلىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ ياردىمى بىلەن دۈشمىنىمىزگە قارشى تۇرالايمىز. شۇنداق بولسىمۇ، بىز ئۈچ مۇھىم سوئالنىڭ جاۋابىنى بىلىشىمىز كېرەك: شەيتاننىڭ تەسىرى قانچىلىك كۈچلۈك؟ شەيتان ئادەملەرگە قانداق تەسىر قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ؟ ئۇ نېمىنى قىلالمايدۇ؟ كېلىڭلار، بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى تېپىپ، قانداق ساۋاق ئالالايدىغانلىقىمىزنى مۇھاكىمە قىلايلى.
شەيتاننىڭ تەسىرى قانچىلىك كۈچلۈك؟
5، 6. ئىنسانىي ھۆكۈمرانلار ئەڭ مۇھىم ئۆزگەرتىشلەرنى نېمە ئۈچۈن قىلالمايدۇ؟
5 كۆپلىگەن پەرىشتىلەر شەيتان تەرەپتە تۇرۇپ، خۇداغا قارشى ئىسىيان كۆتەرگەن. توپان سۈيىدىن بۇرۇن شەيتان ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى ئاياللار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇشقا ئازدۇرغان. مۇقەددەس كىتابتا بۇ سىمۋوللۇق تىل بىلەن تەسۋىرلىنىپ، ئەجدىھانىڭ ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئۆزى بىلەن سۆرەپ چۈشۈپ كەتكەنلىكى سۆزلەنگەن (يارىتىلىش 6:1–4؛ يەھۇدا 6؛ ۋەھىيلەر 12:3، 4). بۇ پەرىشتىلەر خۇدانىڭ ئائىلىسىنى تاشلاپ كەتكەندە، ئۇلار شەيتاننىڭ ئالىقىنىغا چۈشكەن. بىز بۇ ئىسىيانچى پەرىشتىلەرنىڭ ئارىسىدا ھېچقانداق تەرتىپ يوق دەپ قارىماسلىقىمىز لازىم. شەيتان خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئۆزىنىڭ كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان پادىشاھلىقىنى ئورناتقان. شەيتان ئۆزى پادىشاھ بولۇپ، جىنلارنى تەشكىللەپ ۋە ئۇلارغا ھوقۇق بېرىپ، ئۇلارنى دۇنيانىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا قويغان.—ئەفەسلىكلەر 6:12.
6 شەيتان ئۆزىنىڭ تەشكىلاتى ئارقىلىق ئىنسانىي ھۆكۈمەتلەرنى باشقۇرىدۇ. بىز بۇنىڭغا ئىشىنىمىز، چۈنكى شەيتان ئەيساغا «بىردەمدىلا ئۇنىڭغا دۇنيادىكى بارچە پادىشاھلىقلارنى كۆرسىتىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: »بۇ بارچە ھوقۇقلار ۋە شان-شۆھرەتنى مەن ساڭا بېرىمەن، چۈنكى بۇ مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرۇلغان ۋە مەن كىمگە بېرىشنى خالىسام، شۇنىڭغا بېرىمەن» (لۇقا 4:5، 6). كۆپلىگەن ھۆكۈمەتلەر ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاشقا تىرىشىدۇ. بەزى ھۆكۈمرانلار چىن يۈرەكتىن ئادەملەرگە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. لېكىن، ئىنسانىي ھۆكۈمرانلارنىڭ قولىدىن ئەڭ مۇھىم ئۆزگەرتىشلەرنى قىلىش كەلمەيدۇ.—زەبۇر 146:3، 4؛ ۋەھىيلەر 12:12.
7. شەيتان ئىنسانىي ھۆكۈمەتلەرنى ئىشلەتكەندىن سىرت، يالغان دىن ۋە سودا-سېتىق تۈزۈلمىسىنى قانداق ئىشلىتىدۇ؟ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ)
7 شەيتان بىلەن جىنلار «پۈتۈن دۇنيانى»، يەنى ئىنسانىيەتنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن يالغان دىن ۋە سودا-سېتىق تۈزۈلمىسىنى قوللىنىدۇ (ۋەھىيلەر 12:9). شەيتان ساختا دىن ئارقىلىق يەھۋا ھەققىدە يالغانچىلىقلارنى تارقىتىدۇ. ئۇ ھەتتا خۇدانىڭ ئىسىمىنى يوشۇرماقچى بولغان (يەرەمىيا 23:26، 27). نەتىجىدە خۇداغا ئىبادەت قىلىۋاتىمەن دەپ ئويلايدىغان بەزى سەمىمىي كىشىلەر ئەمەلىيەتتە جىنلارغا سەجدە قىلماقتا (1-كورىنتلىقلار 10:20؛ 2-كورىنتلىقلار 11:13—15). شەيتان سودا-سېتىق تۈزۈلمىسى ئارقىلىق ئادەملەرنى ئالدايدۇ. ئۇ كىشىلەرنى پۇل ۋە مال-دۇنيا بەختكە ئېرىشتۈرىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرۈشنى خالايدۇ (پەندى-نەسىھەت 18:11). بۇنىڭغا ئىشىنىدىغان ئادەملەر ئۆمۈرۋايەت خۇداغا ئەمەس، «بايلىققا» خىزمەت قىلىدۇ (مەتتا 6:24). ھەتتا ئۇلار ئىلگىرى خۇدانى سۆيگەن بولسىمۇ، ھازىر مال-دۇنياغا بولغان سۆيگۈسى كۈچىيىپ كەتكەچ، ئۇلارنىڭ خۇداغا بولغان سۆيگۈسى يوقىلىپ كېتىدۇ.—مەتتا 13:22؛ 1-يۇھاننا 2:15، 16.
8، 9. (1) ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىنىڭ ۋە ئىسىيانچى پەرىشتىلەرنىڭ ئىش-ھەرىكىتىدىن قانداق ئىككى مۇھىم نەرسىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ (2) دۇنيانى شەيتان باشقۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىش بىزگە قانداق پايدا ئېلىپ كېلىدۇ؟
8 ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىنىڭ ۋە ئىسىيانچى پەرىشتىلەرنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىدىن بىز ئىككى مۇھىم نەرسىنى ئۆگىنەلەيمىز. بىرىنچى، پەقەت ئىككىلا تاللىشىمىز بار: بىرى يەھۋا تەرەپتە تۇرۇش، يەنە بىرى شەيتان تەرەپتە تۇرۇش (مەتتا 7:13). ئىككىنچى، شەيتاننىڭ تەرىپىدە تۇرغانلار ناھايىتى ئاز پايدىغا ئېرىشكەن. مەسىلەن، ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانا نېمىنىڭ ياخشى، نېمىنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى ئۆزلىرى قارار قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان. جىنلار بولسا ئىنسانىي ھۆكۈمەتلەرگە مەلۇم دەرىجىدە تەسىر قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن (يارىتىلىش 3:22). ئەمما، شەيتان تەرەپتە تۇرۇش ھەردائىم يامان ئاقىۋەتكە ئېلىپ بارىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ بىز ئۈچۈن ھېچقانداق پايدىسى يوق!—ئايۇپ 21:7–17؛ گالاتىيالىقلار 6:7، 8.
9 دۇنيانى شەيتانىڭ باشقۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىش بىزگە قانداق پايدا ئېلىپ كېلىدۇ؟ بۇ بىزگە ئىنسانىي ھۆكۈمەتلەرگە توغرا كۆز قاراشتا بولۇشقا ياردەم بېرىپ، خۇش خەۋەرنى جاكارلاشقا دەۋەت قىلىدۇ. يەھۋا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ھوقۇقىنى ھۆرمەتلىشىمىزنى خالايدۇ (1-پېترۇس 2:17). ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنلىرى خۇدانىڭ تەلەپلىرىگە قارشى بولمىسا، ئۇ بىزنىڭ شۇ قانۇنلارغا بويسۇنۇشىمىزنى كۈتىدۇ (رىملىقلار 13:1—4). بىراق بىز بىتەرەپلىكنى ساقلىشىمىز ۋە ھېچقانداق سىياسىي پارتىيىنى قوللىماسلىقىمىز كېرەكلىكىنى بىلىمىز (يۇھاننا 17:15، 16؛ 18:36) .شەيتاننىڭ خۇدانىڭ ئىسىمىنى يوشۇرۇپ، ئۇنىڭ نام-ئابرويىغا داغ تەگكۈزمەكچى بولغانلىقىنى بىلگەچ، ئادەملەرگە خۇدا ھەققىدە ھەقىقەتنى ئۆگىتىش ئۈچۈن بار كۈچىمىزنى چىقىرىمىز. بىز يەھۋا گۇۋاھچىلىرى، دەپ ئاتالغانلىقىمىز ۋە خۇدانىڭ ئىسىمىنى ئىشلەتكەنلىكىمىزدىن پەخىرلىنىمىز. خۇدانى سۆيۈش پۇل ياكى مال-دۇنيانى سۆيۈشتىن كۆپ ئەۋزەل.—يەشايا 43:10؛ 1-تىموتىي 6:6—10.
شەيتان باشقىلارغا قانداق تەسىر قىلىشقا تىرىشىدۇ؟
10—12. (1) شەيتان يەمچۈكنى ئىشلىتىپ، پەرىشتىلەرنى قانداق ئېزىقتۇرغان بولۇشى مۇمكىن؟ (2) پەرىشتىلەرنىڭ ئىش-ھەرىكىتىدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟
10 شەيتان باشقىلارغا تەسىر قىلىش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى قوللىنىدۇ. ئۆز مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ئۇ بەزىدە يەمچۈكلەرنى ئىشلىتىپ، بىزنى ئازدۇرىدۇ ياكى بىزنى قورقۇتىدۇ.
11 شەيتان يەمچۈكنى ئىشلىتىپ، كۆپلىگەن پەرىشتىلەرنى ئازدۇرغان. بەلكىم، قانداق ئازدۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئۇ ئۇزۇن ۋاقىت ئۇلارنى كۈزىتىپ يۈرگەن. بەزى پەرىشتىلەر ئۇنىڭ قارمىقىغا ئىلىنىپ، ئاياللار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغان. ئۇلاردىن تۇغۇلغان رەزىل، غايەت زور ئادەملەر ئۆپ-چۆرىسىدىكىلەرگە زوراۋانلىق قىلغان (يارىتىلىش 6:1—4). شەيتان پەرىشتىلەرنى جىنسىي ئەخلاقسىزلىق بىلەن ئېزىقتۇرغاندىن سىرت، ئۇلارنى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا قويىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان بولۇشى مۇمكىن. بەلكىم، بۇ ئارقىلىق شەيتان يەھۋانىڭ «ئايالنىڭ ئەۋلادى» ھەققىدە ئېيتقان بېشارىتىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشنى خالىغان (يارىتىلىش 3:15). لېكىن، يەھۋا بۇنىڭغا يول قويمىغان ئىدى. ئۇ توپان سۈيىنى ئەۋەتىپ، شەيتان بىلەن جىنلارنىڭ پىلانىنى بۇزۇۋەتكەن.
شەيتان بىزنى بۇلار ئارقىلىق ئازدۇرۇشقا تىرىشىدۇ: جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، شۆھرەتپەرەسلىك، غەيرى تەبىئىي كۈچلەر (12، 13-ئابزاسلارغا قاراڭ)
12 بىز بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟ جىنسىي ئەخلاقسىزلىق ۋە شۆھرەتپەرەسلىك — شەيتاننىڭ ئۈنۈملۈك تۇزاقلىرى. شەيتانغا ئەگەشكەن پەرىشتىلەر ئۇزۇن ۋاقىت ئاسماندا خۇدانىڭ يېنىدا بولغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى يامان ھەۋەسلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىغا يول قويۇپ، كېيىن بۇ يامان ھەۋەسلىرى تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتكەن. شۇڭا، بىز بۇنى ئەستىن چىقارمايلى: يەھۋاغا قانچىلىك ئۇزۇن ۋاقىت خىزمەت قىلىشىمىزدىن قەتئىينەزەر، يۈرىكىمىزدە يامان ھەۋەسلەر يىلتىز تارتىشى مۇمكىن (1-كورىنتلىقلار 10:12). شۇ سەۋەبتىن، بىز دائىم يۈرىكىمىزدە نېمە بارلىقىنى تەكشۈرۈپ، ھەرقانداق ئەخلاقسىز ئوي-خىياللار ۋە تەكەببۇرلۇقتىن يىراق تۇرۇشىمىز لازىم.—گالاتىيالىقلار 5:26؛ كولوسىلىقلار 3:5-نى ئوقۇڭ.
13. شەيتان يەنە قانداق يەمچۈكنى ئىشلىتىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن قانداق نېرى تۇرالايمىز؟
13 شەيتان ئىشلىتىدىغان يەنە بىر يەمچۈك — غەيرى تەبىئىي كۈچلەرگە بولغان قىزىقىش. ئادەملەرنىڭ جىنلارغا بولغان قىزىقىشىنى ئويغىتىش ئۈچۈن ئۇ يالغان دىن ۋە ئويۇن-تاماشىنى قوللىنىدۇ. بەزى فىلىملەر، ئېلېكترونلۇق ئويۇنلار ۋە باشقا ئويۇن-تاماشا تۈرلىرى غەيرى تەبىئىي كۈچلەرنى قىزىقارلىق قىلىپ كۆرسىتىشى مۇمكىن. بۇ تۇزاققا چۈشۈشتىن قانداق ساقلىنالايمىز؟ بىز يەھۋانىڭ تەشكىلاتى ئويۇن-تاماشا تۈرلىرىنىڭ قايسىسى ياخشى، قايسىسى يامان ئىكەنلىكىنىڭ تىزىمىنى يېزىپ بېرىدۇ، دەپ كۈتمەسلىكىمىز كېرەك. يەھۋانىڭ پرىنسىپلىرىغا ئاساسلىنىپ توغرا قارار چىقىرىشىمىز ئۈچۈن ۋىجدانىمىزنى تەربىيىلىشىمىز لازىم (ئىبرانىيلار 5:14). خۇداغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىز ساختا بولمىسا، بىز دانا قارارلارنى چىقىرالايمىز (رىملىقلار 12:9). ساختىپەز ئادەم كۆز بويامچىلىق قىلىپ، سۆزى بىلەن ھەرىكىتىدە پەرقلىنىدۇ. ئۇنداقتا، ئويۇن-تاماشا تۈرىنى تاللىغاندا بۇ ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ: «باشقىلارغا ئۆگىتىۋاتقان پرىنسىپلارنى ئۆزۈم قوللىنىمەنمۇ؟ ئەگەر مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان كىشى ياكى قىزىقىش كۆرسەتكەن ئادەم مەن تاللىغان ئويۇن-تاماشىلارنى كۆرسە، نېمە ئويلىشى مۇمكىن؟» باشقىلارغا ئۆگىتىدىغان پرىنسىپلارغا ئۆزىمىز ئەمەل قىلساق، شەيتاننىڭ تۇزىقىدىن قېچىش ئاسانراق بولىدۇ.—1-يۇھاننا 3:18.
شەيتان بۇلار ئارقىلىق بىزگە كۈچ كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ: پائالىيىتىمىزنى مەنئىي قىلىش، سىنىپداشلارنىڭ بېسىمى، تۇغقانلارنىڭ قارشى چىقىشى (14-ئابزاسقا قاراڭ)
14. شەيتان بىزنى قانداق قورقۇتۇشى مۇمكىن ۋە ئۇنىڭغا قانداق قارشى تۇرالايمىز؟
14 يەھۋاغا بولغان سادىقلىقنى يوقىتىشىمىز ئۈچۈن، شەيتان بىزنى قورقۇتۇشنى خالايدۇ. مەسىلەن، ئۇ ھۆكۈمەتلەرنى ۋەز پائالىيىتىمىزنى مەنئىي قىلىشقا دەۋەت قىلىشى مۇمكىن. ياكى بولمىسا، خىزمەتداشلىرىمىز ياكى سىنىپداشلىرىمىزغا تەسىر قىلىپ، ئۇلار بىزنى مۇقەددەس كىتابنىڭ تەلەپلىرىگە ماس ياشىغانلىقىمىز ئۈچۈن زاڭلىق قىلىدۇ (1-پېترۇس 4:4). شەيتان ھەتتا بىزنىڭ مەسىھكە ئىشەنمەيدىغان تۇغقانلىرىمىزغا تەسىر قىلالايدۇ. نىيىتى ياخشى بولغىنى بىلەن، ئۇلار بىزنىڭ جامائەت يىغىلىشلىرىغا بېرىشىمىزغا توسقۇنلۇق قىلىشى مۇمكىن (مەتتا 10:36). مۇنداق ئۇسۇللار بىلەن قورقۇتقاندا، شەيتانغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟ شەيتاننىڭ بىز بىلەن جەڭ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلگەچكە، بىز ئۇنىڭ ھۇجۇم قىلىشىغا ھەيران قالماسلىقىمىز كېرەك (ۋەھىيلەر 2:10؛ 12:17). يەنە شۇنى ئەستە ساقلىشىمىز كېرەككى، شەيتان بىزنىڭ يەھۋاغا پەقەت ئۆزىمىزگە ئاسان بولغاندىلا ئىبادەت قىلىپ، قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدىغانلىقىمىزنى ئېيتقان (ئايۇپ 1:9—11؛ 2:4، 5). بۇنىڭدىن باشقا، بىز ھەردائىم يەھۋادىن كۈچ سوراپ دۇئا قىلىشىمىز كېرەك. ئۇ بىزنى ھېچقاچان تاشلىمايدىغانلىقىنى يادىمىزدا تۇتايلى.—ئىبرانىيلار 13:5.
شەيتان نېمىنى قىلالمايدۇ؟
15. شەيتان بىز خالىمايدىغان ئىشنى قىلىشقا بىزنى مەجبۇرلىيالمايدۇ؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
15 شەيتان ئادەملەرنى ئۇلار خالىمايدىغان نەرسىنى قىلىشقا مەجبۇرلىيالمايدۇ (ياقۇپ 1:14). بۇ دۇنيادىكى كۆپ ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ شەيتاننىڭ تەرىپىدە بولغانلىقىنى ھەتتا بىلمەيدۇ. ھەقىقەتنى تونۇغاندا، ئادەم ئۆزى يەھۋا تەرەپتە ياكى شەيتان تەرەپتە تۇرۇشنى تاللىشى زۆرۈر (ئەلچىلەر 3:17؛ 17:30). ئەگەر بىز خۇداغا ئىتائەت قىلىشقا بەل باغلىساق، شەيتان ساداقەتمەنلىكىمىزنى بۇزالمايدۇ!—ئايۇپ 2:3؛ 27:5.
16، 17. (1) شەيتان ۋە جىنلار يەنە قانداق ئىشلارنى قىلالمايدۇ؟ (2) يەھۋاغا ئۈنلۈك ئاۋازدا دۇئا قىلىشتىن نېمىشقا قورقماسلىقىمىز كېرەك؟
16 شەيتان ۋە جىنلار قىلالمايدىغان باشقا ئىشلارمۇ بار. مەسىلەن، مۇقەددەس كىتابتا ئۇلار بىزنىڭ قەلبىمىز بىلەن ئوي-خىيالىمىزنى كۆرەلەيدىغانلىقى يېزىلمىغان. بۇنى پەقەت يەھۋا خۇدا بىلەن ئەيسا مەسىھ قىلالايدۇ (1-سامۇئىل 16:7؛ ماركۇس 2:8). ئۇنداقتا، ئۈنلۈك ئاۋازدا سۆزلىسەك ياكى دۇئا قىلساق، ئىبلىس بىلەن جىنلار بىزنى ئاڭلاپ قېلىپ، كېيىن شۇ سۆزلىرىمىزنى بىزگە قارشى ئىشلىتىدۇ، دەپ قورقۇشىمىز كېرەكمۇ؟ ياق! نېمە ئۈچۈن؟ مەسىلەن، بىز ئىبلىس كۆرۈپ قالىدۇ دەپ، يەھۋاغا بولغان خىزمىتىمىزدە ياخشى ئىشلارنى قىلىشتىن قورقمايمىز. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئىبلىس ئاڭلاپ قېلىشى مۇمكىن دەپ، ئۈنلۈك ئاۋازدا دۇئا قىلىشتىن قورقماسلىقىمىز كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، مۇقەددەس كىتابتا خۇدا خىزمەتچىلىرى ئاۋاز چىقىرىپ دۇئا قىلغانلىقىنىڭ كۆپ مىساللىرى يېزىلغان. ئۇلارنىڭ ئىبلىس ئاڭلاپ قالىدۇ دەپ، قورققانلىقى ھەققىدە ھېچ يەردە يېزىلمىغان (1-پادىشاھلار 8:22، 23؛ يۇھاننا 11:41، 42؛ ئەلچىلەر 4:23، 24). ئەگەر يەھۋانى خۇرسەن قىلىدىغان ئۇسۇلدا سۆزلەشكە ۋە ھەرىكەت قىلىشقا تىرىشساق، ئىبلىسنىڭ بىزنى مەڭگۈلۈك ھاياتتىن مەھرۇم قىلىشىغا، ياراتقۇچىمىزنىڭ ھەرگىز يول قويمايدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمىز.—زەبۇر 34:7-نى ئوقۇڭ.
17 بىز دۈشمىنىمىزنى ياخشى تونۇشىمىز كېرەك. بىراق بىز ئۇنىڭدىن قورقماسلىقىمىز لازىم. نامۇكەممەل بولساقمۇ، يەھۋانىڭ ياردىمى بىلەن بىز شەيتاننى يېڭەلەيمىز! (1-يۇھاننا 2:14) ئۇنىڭغا قارشى تۇرساق، ئۇ بىزدىن قاچىدۇ (ياقۇپ 4:7؛ 1-پېترۇس 5:9). بۈگۈنكى كۈندە شەيتان بولۇپمۇ ياشلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ. ئۇلار ئىبلىسنىڭ ھۇجۇملىرىغا قانداق قارشى تۇرالايدۇ؟ بۇنى كېلەركى ماقالىدە كۆرۈپ چىقىمىز.
a مۇقەددەس كىتابتا بەزى پەرىشتىلەرنىڭ ئىسىمى يېزىلغان (ھاكىملار 13:18؛ دانىيال 8:16؛ لۇقا 1:19؛ ۋەھىيلەر 12:7). ئۇنىڭدا يەنە ھەربىر يۇلتۇزنىڭ ئىسىمى بارلىقى ئېيتىلغان (زەبۇر 147:4). بۇنىڭدىن يەھۋانىڭ پەرىشتىلەرنىڭ ھەممىسىگە، ھەتتا شەيتانغا ئايلانغان پەرىشتىگىمۇ، ئىسىم قويغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
b ئىبرانىي يازمىلارنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدا «شەيتان»، دېگەن سۆز پەقەت 18 قېتىم، مەسىھىي گرېك يازمىلىرىدا بولسا، تەخمىنەن 30 قېتىمچە ئۇچرايدۇ.