مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

نېمە ئۈچۈن «كۆپ مېۋە بېرىشنى» داۋاملاشتۇ‌رۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

نېمە ئۈچۈن «كۆپ مېۋە بېرىشنى» داۋاملاشتۇ‌رۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

‏«كۆپ مېۋە بېرىپ،‏ ئۆزۈڭلارنىڭ مېنىڭ شاگىرتلىرىم ئىكە‌نلىكىڭلارنى ئىسپاتلايسىلە‌ر.‏ بۇ ئاتامغا شان-‏شە‌رە‌پ ئېلىپ كېلىدۇ».‏—‏يۇ‌ھاننا 15:‏8‏.‏

ناخشىلار:‏ 145،‏ 144

1،‏ 2.‏ (‏1)‏ ئە‌يسا ھاياتىنىڭ ئاخىرقى كېچىسى ئە‌لچىلىرى بىلە‌ن نېمە ھە‌ققىدە سۆزلە‌شكە‌ن؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏ (‏2)‏ نېمە ئۈچۈن ۋە‌ز قىلىشىمىزنىڭ سە‌ۋە‌بىنى ئۇ‌نتۇ‌ماسلىقىمىز كېرە‌ك؟‏ (‏3)‏ بىز بۇ ماقالىدە نېمىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

 ئە‌يسا ھاياتىنىڭ ئاخىرقى كېچىسى ئە‌لچىلىرى بىلە‌ن ئۇ‌زاق پاراڭلىشىپ،‏ ئۇ‌لارنى بە‌ك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.‏ ئۇ يە‌نە ئالدىنقى ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان ئۈزۈم تېلى توغرىسىدا تە‌مسىلنى كە‌لتۈرگە‌ن.‏ شۇ‌نداق قىلىپ ئە‌يسا شاگىرتلىرىنى «كۆپ مېۋە بېرىشكە» دە‌ۋە‌ت قىلغان.‏ ئە‌يسا ئۇ‌لارنى داۋاملىق سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن كۆپ مېۋە بېرىشكە،‏ يە‌نى پادىشاھلىق ھە‌ققىدىكى خە‌ۋە‌رنى ۋە‌ز قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌شقا ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌شنى خالىغان.‏—‏يۇ‌ھاننا 15:‏8‏.‏

2 ئە‌مما،‏ ئە‌يسا شاگىرتلىرىغا پە‌قە‌ت نېمە قىلىشنىلا ئە‌مە‌س،‏ ئۇ‌نى نېمە ئۈچۈن قىلىش كېرە‌كلىكىنىمۇ چۈشە‌ندۈرگە‌ن ئىدى.‏ ئۇ ئۇ‌لارغا داۋاملىق ۋە‌ز قىلىشنىڭ بىرنە‌چچە سە‌ۋە‌بىنى كە‌لتۈردى.‏ بىزمۇ ۋە‌ز قىلىشىمىزنىڭ سە‌ۋە‌بىنى ئۇ‌نتۇ‌ماسلىقىمىز كېرە‌ك.‏ بۇ ھە‌ققىدە ئويلىنىش بىزگە «بارچە مىللە‌تلە‌رگە» يە‌تكۈزۈشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌شقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ (‏مە‌تتا 24:‏13،‏ 14‏)‏.‏ بۇ ماقالىدە،‏ ۋە‌ز قىلىشنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارغا ئاساسلانغان تۆت سە‌ۋە‌بىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىرلىكتە،‏ داۋاملىق مېۋە بېرىشكە ياردە‌م بېرىدىغان يە‌ھۋانىڭ تۆت سوۋغىسىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلە‌يمىز

3.‏ (‏1)‏ يۇ‌ھاننا 15:‏8-‏ئايە‌تكە ئاساسلانغاندا،‏ ۋە‌ز قىلىشىمىزنىڭ ئە‌ڭ مۇ‌ھىم سە‌ۋە‌بى نېمە؟‏ (‏2)‏ ئە‌يسانىڭ تە‌مسىلىدىكى ئۈزۈم نېمىنى بىلدۈرىدۇ ۋە بۇ سېلىشتۇ‌رۇ‌ش نېمە ئۈچۈن ئورۇ‌نلۇ‌ق؟‏

3 ۋە‌ز قىلىشىمىزنىڭ ئە‌ڭ مۇ‌ھىم سە‌ۋە‌بى —‏ يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلە‌شنى ۋە ئۇ‌نىڭ ئىسىمىنى مۇ‌قە‌ددە‌س قىلىشنى خالايمىز (‏يۇ‌ھاننا 15:‏1،‏ 8-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئۈزۈم تېلى توغرىسىدىكى تە‌مسىلدە ئە‌يسا يە‌ھۋانى دېھقان ياكى باغۋە‌ن،‏ ئۆزىنى ئۈزۈم تېلى،‏ شاگىرتلىرىنى بولسا شاخلار بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رغان (‏يۇ‌ھاننا 15:‏5‏)‏.‏ بۇ تە‌مسىلدىكى ئۈزۈم ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرى بېرىدىغان مېۋىنى،‏ يە‌نى ئۇ‌لارنىڭ ۋە‌ز ئىشىنى بىلدۈرىدۇ.‏ ئە‌يسا ئە‌لچىلىرىگە:‏ «كۆپ مېۋە بە‌رسە‌ڭلار،‏… ئاتام شۇ‌نىڭ بىلە‌ن ئۇ‌لۇ‌غلىنىدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ ئۈزۈم تېلى ياخشى ئۈزۈم بە‌رسە،‏ بۇ دېھقاننىڭ ئابرويى ئاشىدۇ.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ بىز پادىشاھلىق ھە‌ققىدىكى خە‌ۋە‌رنى بار كۈچىمىز بىلە‌ن ۋە‌ز قىلساق،‏ يە‌ھۋاغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرىمىز.‏—‏مە‌تتا 25:‏20–‏23‏.‏

4.‏ (‏1)‏ بىز قانداقلارچە خۇ‌دانىڭ ئىسىمىنى مۇ‌قە‌ددە‌س قىلالايمىز؟‏ (‏2)‏ خۇ‌دانىڭ ئىسىمىنى مۇ‌قە‌ددە‌س قىلىشقا قاتنىشىش ئىمتىيازىغا قانداق قارايسىز؟‏

4 خۇ‌دانىڭ ئىسىمى مۇ‌قە‌ددە‌س.‏ ئۇ‌نى تېخىمۇ مۇ‌قە‌ددە‌س قىلىش مۇ‌مكىن ئە‌مە‌س.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ۋە‌ز قىلىش ئارقىلىق ئۇ‌نىڭ ئىسىمىنى مۇ‌قە‌ددە‌س قىلىشقا ئۆز ھە‌سسىمىزنى قانداق قوشىمىز؟‏ يە‌شايا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ سۆزلىرىگە دىققە‌ت ئاغدۇ‌رايلى.‏ ئۇ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئاسماندىكى قوشۇ‌نلارنىڭ سە‌ردارى يە‌ھۋانى مۇ‌قە‌ددە‌س بىلىڭلار»‏ (‏يە‌شايا 8:‏13‏)‏.‏ بىز يە‌ھۋانىڭ ئىسىمىنى ھە‌ممە ئىسىملاردىن ئە‌ڭ ئۇ‌لۇ‌غ دە‌پ بىلگە‌ندە ۋە ئادە‌ملە‌رگە ئۇ‌نىڭ مۇ‌قە‌ددە‌سلىكىنى چۈشىنىشكە ياردە‌م بە‌رگە‌ندە،‏ ئۇ‌نىڭ ئىسىمىنى مۇ‌قە‌ددە‌س قىلغان بولىمىز (‏مە‌تتا 6:‏9‏)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئادە‌ملە‌رگە يە‌ھۋانىڭ گۈزە‌ل پە‌زىلە‌تلىرى ۋە ئىنسانىيە‌تنىڭ جە‌ننە‌تتە مە‌ڭگۈ ياشىشىغا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك نىيىتى توغرۇ‌لۇ‌ق تە‌لىم بە‌رگە‌ندە،‏ شە‌يتاننىڭ يە‌ھۋا ھە‌ققىدە ئېيتقان يامان سۆزلىرىنىڭ ھە‌ممىسى يالغان ئىكە‌نلىكىنى چۈشىنىشكە ياردە‌م بېرىمىز (‏يارىتىلىش 3:‏1—‏5‏)‏.‏ ئۇ‌لارغا يە‌ھۋانىڭ «شان-‏شە‌رە‌پ،‏ ئۇ‌لۇ‌غلۇ‌ق ۋە كۈچ-‏قۇ‌درە‌تكە» لايىقلىقىنى بىلىشكە ياردە‌م بە‌رگە‌ندىمۇ،‏ ئۇ‌نىڭ ئىسىمىنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س قىلىنىشىغا ھە‌سسە قوشىمىز (‏ۋە‌ھىيلە‌ر 4:‏11‏)‏.‏ 16 يىلدىن بۇ‌يان،‏ پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىۋاتقان رۇ‌ن ئىسىملىك بۇ‌رادە‌ر مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «پۈتكۈل كائىناتنىڭ ياراتقۇ‌چىسىنىڭ گۇ‌ۋاھچىسى بولۇ‌ش ئىمتىيازى ئۈچۈن بە‌ك مىننە‌تدارمە‌ن.‏ بۇ مېنى ۋە‌ز قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌شقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ».‏

يە‌ھۋانى ھە‌م ئە‌يسانى سۆيىمىز

5.‏ (‏1)‏ يۇ‌ھاننا 15:‏9،‏ 10-‏ئايە‌تلە‌ردە ۋە‌ز قىلىشنىڭ قانداق سە‌ۋە‌بى يېزىلغان؟‏ (‏2)‏ ئە‌يسا شاگىرتلىرىغا سە‌ۋر-‏تاقە‌ت كېرە‌كلىكىنى چۈشىنىشكە قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

5 يۇ‌ھاننا 15:‏9،‏ 10-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ پادىشاھلىق ھە‌ققىدىكى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ۋە‌ز قىلىشىمىزنىڭ ئىككىنچى سە‌ۋە‌بى —‏ بىز يە‌ھۋا بىلە‌ن ئە‌يسانى سۆيىمىز (‏ماركۇ‌س 12:‏30؛‏ يۇ‌ھاننا 14:‏15‏)‏.‏ ئە‌يسا ئۆز شاگىرتلىرىغا:‏ ‹مېنىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمدە قېلىڭلار›‏‏،‏—‏ دېگە‌ن.‏ ئە‌يسا نېمە ئۈچۈن شۇ‌نداق دېگە‌ن؟‏ چۈنكى،‏ ئۇ شاگىرتلىرىنىڭ ھە‌قىقىي مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى سۈپىتىدە ياشىشى ئۈچۈن سە‌ۋر-‏تاقە‌ت كېرە‌كلىكىنـى بىلـگە‌ن.‏ يۇ‌ھاننـا 15:‏4—‏10-‏دا كۆرگىنىمىزدە‌ك،‏ شاگىرتلىرىنىڭ بۇ‌نى چۈشىنىشىگە ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن،‏ ئە‌يسا «قېلىش» سۆزىنى كۆپ قېتىم قوللانغان.‏

6.‏ مە‌سىھنىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىدە قېلىشنى خالايدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

6 مە‌سىھنىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىدە قېلىشنى ھە‌م ماقۇ‌للىشىغا ئېرىشىشنى خالايدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏ ئۇ‌نىڭغا بويسۇ‌نۇ‌ش ئارقىلىق.‏ ئە‌يسا ئۆزى قىلغان نە‌رسىدىن ئارتۇ‌ق نە‌رسە قىلىشىمىزنى تە‌لە‌پ قىلمايدۇ.‏ ئۇ:‏ «مە‌ن ئاتامنىڭ ئە‌مرلىرىگە ئە‌مە‌ل قىلىپ،‏ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىدە قالغىنىمدە‌ك»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ ئە‌يسا بىزگە ياخشى ئۈلگە قالدۇ‌رغان.‏—‏يۇ‌ھاننا 13:‏15‏.‏

7.‏ ئىتائە‌تچانلىق بىلە‌ن سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئارىسىدا قانداق باغلىنىش بار؟‏

7 ئـە‌يسـا ئىتـائە‌تـچـانلىـق بىـلە‌ن سۆيگـۈ-‏مۇ‌ھە‌ببـە‌تنىڭ زىچ باغلىنىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ:‏ «كىم ئە‌مرلىرىمنى قوبۇ‌ل قىلىپ،‏ ئۇ‌لارغا ئە‌مە‌ل قىلسا،‏ شۇ مېنى سۆيىدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 14:‏21‏)‏.‏ ئە‌يسانىڭ بۇ‌يرۇ‌قلىرى ئۇ‌نىڭ ئاتىسىدىن كېلىدۇ،‏ شۇ‌ڭا بىز ئە‌يسانىڭ ۋە‌ز قىلىڭلار دېگە‌ن بۇ‌يرۇ‌غىغا قۇ‌لاق سالغاندا،‏ يە‌ھۋانىمۇ ياخشى كۆرىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز (‏مە‌تتا 17:‏5؛‏ يۇ‌ھاننا 8:‏28‏)‏.‏ يە‌ھۋاغا ۋە ئە‌يساغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى كۆرسە‌تكە‌ندە،‏ ئۇ‌لارنىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىدە بولىمىز.‏

ئادە‌ملە‌رنى ئاگاھلاندۇ‌رىمىز

8،‏ 9.‏ (‏1)‏ ۋە‌ز قىلىشىمىزنىڭ يە‌نە بىر سە‌ۋە‌بى نېمە؟‏ (‏2)‏ ھە‌زە‌كىيال 3:‏18،‏ 19 ۋە 18‏:‏23-‏ئايە‌تلە‌ردىكى يە‌ھۋانىڭ سۆزلىرى بىزنى داۋاملىق ۋە‌ز قىلىشقا قانداق دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ؟‏

8 ۋە‌ز قىلىشىمىزنىڭ ئۈچىنچى سە‌ۋە‌بى —‏ بىز يە‌ھۋانىڭ يېقىنلىشىۋاتقان كۈنى توغرىسىدا باشقىلارنى ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌شنى خالايمىز.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا نۇ‌ھنى «ھە‌ققانىيلىقنى جاكارلىغۇ‌چى» دە‌پ يېزىلغان ‏(‏2-‏پېترۇ‌س 2:‏5-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بە‌لكىم،‏ تېخى توپان سۈيى كە‌لمىگە‌ندە،‏ نۇ‌ھ ئادە‌ملە‌رنى يېقىنلاپ كېلىۋاتقان بالايىئاپە‌ت ھە‌ققىدە ئاگاھلاندۇ‌رغان.‏ نېمە ئۈچۈن ئۇ‌نداق دېسە‌ك بولىدۇ؟‏ سە‌ۋە‌بى،‏ ئە‌يسا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «نۇ‌ھ توپان كېلىشتىن ئىلگىرى كېمىگە كىرىپ ئولتۇ‌رغان كۈنگىچە،‏ شۇ زاماننىڭ كىشىلىرى يە‌پ-‏ئىچىپ،‏ ئە‌ركە‌كلە‌ر ئۆيلىنىپ،‏ ئاياللار تۇ‌رمۇ‌شقا چىقىپ يۈرگە‌ن ئىدى.‏ توپان كېلىپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسىنى غە‌رق قىلغۇ‌چە،‏ ئۇ‌لار پە‌رۋا قىلماي يۈرگە‌ن،‏ كېلە‌چە‌كتە ئىنسان ئوغلىنىڭ قايتا ھازىر بولۇ‌شىمۇ شۇ‌نداق بولىدۇ» (‏مە‌تتا 24:‏38،‏ 39‏)‏.‏ كۆپچىلىك نۇ‌ھنىڭ سۆزلىرىگە پىسە‌نت قىلمىسىمۇ،‏ نۇ‌ھ سادىقلىق بىلە‌ن يە‌ھۋانىڭ ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌شىنى يە‌تكۈزگە‌ن.‏

9 بۈگۈنكى كۈندە،‏ بىز خۇ‌دانىڭ ئىنسانىيە‌ت ئۈچۈن نېمە قىلىدىغانلىقىنى باشقىلارمۇ بىلىشى ئۈچۈن،‏ پادىشاھلىق ھە‌ققىدىكى خە‌ۋە‌رنى جاكارلايمىز.‏ يە‌ھۋاغا ئوخشاش بىزمۇ ئادە‌ملە‌رنىڭ بۇ خە‌ۋە‌رگە قۇ‌لاق سېلىپ،‏ مە‌ڭگۈ ياشىشىنى خالايمىز (‏ھە‌زە‌كىيال 18:‏23‏)‏.‏ ئۆيمۇ-‏ئۆي ۋە ئاممىۋى سورۇ‌نلاردا ۋە‌ز قىلغاندا،‏ بىز مۇ‌مكىنقە‌دە‌ر كۆپرە‌ك ئادە‌منى خۇ‌دا پادىشاھلىقى كېلىپ،‏ بۇ رە‌زىل دۇ‌نيانى ھالاك قىلىدىغانلىقى ھە‌ققىدە ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌شقا تىرىشىمىز.‏—‏ھە‌زە‌كىيال 3:‏18،‏ 19؛‏ دانىيال 2:‏44؛‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 14:‏6،‏ 7‏.‏

ئىنسانلارنى سۆيىمىز

10.‏ (‏1)‏ مە‌تتا 22:‏39-‏ئايە‌تتە‏،‏ ۋە‌ز قىلىشنىڭ قانداق سە‌ۋە‌بى يېزىلغان؟‏ (‏2)‏ پاۋلۇ‌س بىلە‌ن سىلاس فىلىپىدىكى تۈرمە باشلىقىغا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

10 ۋە‌ز قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌شىمىزنىڭ تۆتىنچى سە‌ۋە‌بى —‏ بىز ئىنسانلارنى سۆيىمىز (‏مە‌تتا 22:‏39‏)‏.‏ بۇ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىزنى داۋاملىق ۋە‌ز قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ،‏ چۈنكى ۋە‌زىيىتى ئۆزگە‌رگە‌ندە،‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ كۆز قارىشىمۇ ئۆزگىرىشى مۇ‌مكىنلىكىنى بىلىمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ فىلىپى شە‌ھىرىدە دۈشمە‌نلە‌ر پاۋلۇ‌س بىلە‌ن سىلاسنى زىندانغا تاشلىغانىدى.‏ لېكىن،‏ يېرىم كېچىدە يە‌ر تە‌ۋرە‌پ،‏ زىنداننىڭ ئۇ‌لى سىلكىنىپ،‏ ئىشىكلىرى ئېچىلىپ كە‌تكە‌نىدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ مە‌ھبۇ‌سلارنى قېچىپ كە‌تتى،‏ دە‌پ قورققان گۇ‌ندىپاي ئۆز-‏ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماقچى بولغان.‏ ئە‌مما،‏ پاۋلۇ‌س ئۇ‌نى توختىتىپ:‏ «ئۆز جېنىڭغا زىيان يە‌تكۈزمە!‏»—‏ دە‌پ ۋاقىرىغانىدى.‏ كېيىن،‏ گۇ‌ندىپاي ئۇ‌نىڭدىن:‏ «قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلىشىم كېرە‌ك؟‏»—‏ دە‌پ سورىدى.‏ پاۋلۇ‌س بىلە‌ن سىلاس ئۇ‌نىڭغا جاۋابە‌ن شۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ ‹ھە‌زرىتى ئە‌يساغا ئىشە‌نگىن،‏ شۇ‌ندىلا سە‌ن قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لىسە‌ن›.‏—‏ئە‌لچىلە‌ر 16:‏25–‏34‏.‏

بىز يە‌ھۋانى،‏ ئە‌يسانى ۋە ئادە‌ملە‌رنى ياخشى كۆرگە‌نلىكتىن ۋە‌ز قىلىمىز (‏5،‏ 10-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

11،‏ 12.‏ (‏1)‏ گۇ‌ندىپاي بىلە‌ن بولغان ۋە‌قە‌دىن ۋە‌ز ئىشى ھە‌ققىدە نېمىنى ئۆگىنىمىز؟‏ (‏2)‏ نېمە ئۈچۈن بىز داۋاملىق ۋە‌ز قىلىشنى خالايمىز؟‏

11 زىندانغا مە‌سئۇ‌ل گۇ‌ندىپاي بىلە‌ن بولغان ۋە‌قە‌دىن ۋە‌ز ئىشى ھە‌ققىدە نېمىنى ئۆگىنىمىز؟‏ دىققە‌ت قىلساق،‏ تۈرمە باشلىقىنىڭ كۆز قارىشى پە‌قە‌ت يە‌ر تە‌ۋرە‌شتىن كېيىن ئۆزگىرىپ،‏ ئۇ ياردە‌م سورىغان.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى خە‌ۋە‌رنى تىڭشاشنى خالىمايدىغان ئادە‌ملە‌رنىڭ بە‌زىلىرى بىرە‌ر پاجىئە‌گە ئۇ‌چرىغاندا،‏ كۆز قارىشى ئۆزگىرىپ،‏ ياردە‌م ئىزدىشى مۇ‌مكىن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بە‌لكىم بە‌زىلە‌ر ئىشىدىن ئايرىلغاندا ياكى ھە‌مراسى بىلە‌ن ئاجراشقاندا چۈشكۈنلىشىشىدۇ.‏ يە‌نە باشقىلىرى ئېغىر كېسە‌لگە گىرىپتار بولغاندا ياكى يېقىنى ئۆلۈپ كە‌تكە‌ندە قاتتىق قايغۇ‌رىدۇ.‏ شۇ‌نداق چاغلاردا ئادە‌ملە‌ر ھايات توغرىسىدا بۇ‌رۇ‌ن ئويلاپ كۆرمىگە‌ن سوئاللارنى قويۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئۇ‌لار ھە‌تتا:‏ «قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏»—‏ دە‌پ سورايدۇ.‏ شۇ‌نداق ئادە‌ملە‌ر ھاياتىدا بىرىنچى قېتىم بىزنىڭ ئۈمىد ئاتا قىلىدىغان خە‌ۋىرىمىزنى تىڭشاشنى خالىشى مۇ‌مكىن.‏

12 شۇ‌ڭا،‏ ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن ۋە‌ز قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رساق،‏ ئادە‌ملە‌ر يە‌تكۈزگە‌ن خە‌ۋىرىمىزدىن تە‌سە‌للىي ئېلىشقا تە‌ييار بولغاندا،‏ بىز يېنىدا بولىمىز (‏يە‌شايا 61:‏1‏)‏.‏ 38 يىلدىن بۇ‌يان،‏ تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌ت قىلىۋاتقان شارلوتتا مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بۈگۈنكى كۈندە ئادە‌ملە‌ر ھاياتنىڭ مە‌نىسىنى يوقاتقان.‏ ئۇ‌لار خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئاڭلاشقا مۇ‌ھتاج».‏ يېۋور ئىسىملىك قېرىنداش بولسا،‏ 34 يىل پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ كېلىۋاتىدۇ ۋە ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ھازىر كۆپ ئادە‌ملە‌ر بۇ‌رۇ‌نقىغا قارىغاندا قاتتىق قىينىلىپ يۈرىدۇ.‏ مە‌ن ئۇ‌لارغا ياردە‌م بېرىشنى خالىغانلىقتىن ۋە‌ز قىلىمە‌ن».‏ دە‌رھە‌قىقە‌ت،‏ ئىنسانلارغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت —‏ داۋاملىق ۋە‌ز قىلىشنىڭ مۇ‌ھىم سە‌ۋە‌بى.‏

داۋاملىق ۋە‌ز قىلىشقا ياردە‌م بېرىدىغان سوغا

13،‏ 14.‏ (‏1)‏ يۇ‌ھاننا 15:‏11-‏ئايە‌تتە قانداق سوۋغات ھە‌ققىدە يېزىلغان؟‏ (‏2)‏ ئە‌يساغا ئوخشاش خۇ‌شاللىق بولۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏ (‏3)‏ خۇ‌شاللىق داۋاملىق ۋە‌ز قىلىشىمىزغا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

13 ئۆلۈمىدىن ئاۋۋالقى كېچىدە ئە‌يسا ئە‌لچىلىرىگە كۆپ مېۋە بېرىشكە ياردە‌م بېرىدىغان سوۋغاتلار ھە‌ققىدە ئېيتقان.‏ بۇ نېمە سوۋغاتلار ۋە ئۇ‌لار بىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

14 خۇ‌شاللىققا ئېرىشىمىز.‏ ۋە‌ز ئىشى بىز ئۈچۈن ئېغىر يۈكمۇ؟‏ ھە‌رگىز ئۇ‌نداق ئە‌مە‌س!‏ ئە‌يسا ئۈزۈم تېلى ھە‌ققىدىكى تە‌مسىلىنى ئېيتقاندىن كېيىن،‏ ۋە‌ز ئىشىغا قاتناشقىنىمىزدا ئۇ‌نىڭ خۇ‌شاللىقىغا ئورتاق بولىدىغانلىقىمىزنى ئېيتقانىدى ‏(‏يۇ‌ھاننا 15:‏11-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ قانداقلارچە؟‏ ئېسىڭىزدە بولسا،‏ ئە‌يسا تە‌مسىلدە ئۆزىنى ئۈزۈم تېلى،‏ ئە‌لچىلە‌رنى شاخلار بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رغان.‏ شاخلار ئۈزۈم تېلىدىن ئايرىلمىسا،‏ كېرە‌كلىك سۇ بىلە‌ن ئوزۇ‌قلۇ‌ق ماددىنى قوبۇ‌ل قىلىدۇ.‏ بۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ بىزمۇ ئە‌يسا بىلە‌ن بىرلىشىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا ئە‌گە‌شكە‌ندىلا،‏ خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلاشتىن كېلىدىغان خۇ‌شاللىققا ئېرىشىمىز (‏يۇ‌ھاننا 4:‏34؛‏ 17:‏13؛‏ 1-‏پېترۇ‌س 2:‏21‏)‏.‏ 40 يىلدىن كۆپرە‌ك پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىۋاتقان خاننى مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ۋە‌ز قىلىشتىن تاپىدىغان خۇ‌شاللىق مېنى يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌شقا ئۈندە‌يدۇ».‏ كۆپۈنچە ئادە‌ملە‌ر تىڭشىمىغان ھالە‌تتىمۇ،‏ خۇ‌شاللىق بىزنىڭ داۋاملىق ۋە‌ز قىلىش ئۈچۈن كۈچ بېرىدۇ.‏—‏مە‌تتا 5:‏10—‏12‏.‏

15.‏ (‏1)‏ يۇ‌ھاننا 14:‏27-‏ئايە‌تتە قانداق سوۋغات ھە‌ققىدە يېزىلغان؟‏ (‏2)‏ تىنچ-‏ئامانلىق بىزنىڭ ۋە‌ز قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌شىمىزغا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

15 تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىككە ئىگە بولىمىز (‏يۇ‌ھاننا 14:‏27-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئۆلۈمىدىن ئاۋۋالقى كېچىسى ئە‌يسا ئە‌لچىلىرىگە:‏ «سىلە‌رگە تىنچ-‏ئامانلىقنى قالدۇ‌رىمە‌ن،‏ ئۆز تىنچلىقىمنى سىلە‌رگە بېرىمە‌ن»،‏—‏ دېگە‌نىدى.‏ ئە‌يسانىڭ تىنچلىقى بىزگە ۋە‌ز قىلىشنى توختاتماسلىققا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ بىز ۋە‌ز ئىشىنى داۋاملاشتۇ‌رغاندا،‏ يە‌ھۋا ۋە ئە‌يسانىڭ كۆڭلىنى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغانلىقىمىزنى بىلىمىز (‏زە‌بۇ‌ر 149:‏4؛‏ رىملىقلار 5:‏3،‏ 4؛‏ كولوسىلىقلار 3:‏15‏)‏.‏ 45 يىلدىن بۇ‌يان تولۇ‌ق ۋاقىت خىزمە‌ت قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇ‌لف مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ھېرىپ قالىدىغىنىم راست،‏ لېكىن ۋە‌ز ئىشى ھاياتىمنى ھە‌قىقىي قانائە‌ت ۋە ئە‌ھمىيە‌تكە ئىگە قىلىدۇ».‏ بىز ھېچقاچان تۈگىمە‌يدىغان تىنچلىققا ئېرىشكە‌نلىكىمىزگە ناھايىتى مىننە‌تدار!‏

16.‏ (‏1)‏ يۇ‌ھاننا 15:‏15-‏ئايە‌تتە قانداق سوۋغات ھە‌ققىدە يېزىلغان؟‏ (‏2)‏ ئە‌يسا بىلە‌ن دوست بولۇ‌پ قېلىش ئۈچۈن ئە‌لچىلە‌ر نېمە قىلىشى كېرە‌ك ئىدى؟‏

16 ئە‌يسا بىلە‌ن دوست بولىمىز.‏ ئە‌يسا ئە‌لچىلىرىنىڭ خۇ‌شال بولۇ‌شىنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن،‏ ئۇ‌لارغا غە‌رە‌زسىز مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىش نېمە سە‌ۋە‌بتىن مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكىنى چۈشە‌ندۈرگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 15:‏11—‏13‏)‏.‏ كېيىن،‏ ئۇ شاگىرتلىرىغا:‏ «سىلە‌رنى دوستلار دە‌پ چاقىردىم»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ ئە‌يسا بىلە‌ن دوست بولۇ‌ش نە‌قە‌دە‌ر ئاجايىپ سوۋغات،‏-‏ ھە!‏ بىراق،‏ ئە‌لچىلە‌ر بۇ دوستلۇ‌قنى قانداق ساقلىيالايتتى؟‏ ئە‌يسا:‏ ‏«بېرىپ،‏ داۋاملىق مېۋە بە‌رسۇ‌ن دە‌پ سىلە‌رنى تە‌يىنلىدىم»،‏—‏ دېگە‌ن ‏(‏يۇ‌ھاننا 15:‏14—‏16-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ باشقا سۆز بىلە‌ن ئېيتقاندا،‏ ئۇ‌لار ۋە‌ز قىلىشنى توختاتماسلىقى كېرە‌ك ئىدى.‏ بۇ‌نىڭدىن ئىككى يىل بۇ‌رۇ‌ن ئە‌يسا ئە‌لچىلىرىگە:‏ ‏«كېتىپ بارغىنىڭلاردا،‏ ۋە‌ز قىلىپ مۇ‌نداق دە‌ڭلار:‏ ‹ئاسمانلارنىڭ پادىشاھلىقى يېقىنلاشتى›»،‏—‏ دېگە‌ن (‏مە‌تتا 10:‏7‏)‏.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ ئۆلۈمىدىن ئاۋۋالقى كېچىسى ئە‌يسا شاگىرتلىرىنى ۋە‌ز قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌شقا دە‌ۋە‌ت قىلغانىدى (‏مە‌تتا 24:‏13؛‏ ماركۇ‌س 3:‏14‏)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئە‌يسا بۇ تاپشۇ‌رۇ‌قنى ئورۇ‌نداش ئاسان بولمايدىغانلىقىنى بىلگە‌ن.‏ ئە‌مما،‏ بۇ شاگىرتلىرىنىڭ قولىدىن كە‌لگە‌ن ۋە ئۇ‌لار ئە‌يسا بىلە‌ن دوست بولۇ‌پ قالغان.‏ قانداقلارچە؟‏ ئۇ‌لارغا باشقا بىر سوۋغات ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏

17،‏ 18.‏ (‏1)‏ يۇ‌ھاننا 15:‏7-‏ئايە‌تتە‏،‏ قانداق سوۋغات ھە‌ققىدە يېزىلغان؟‏ (‏2)‏ بۇ سوۋغات ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرىغا قانداق ياردە‌م بە‌ردى؟‏ (‏3)‏ بۈگۈنكى كۈندە قانداق سوۋغاتلار بىزگە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

17 دۇ‌ئالىرىمىزغا جاۋاب ئالىمىز.‏ ئە‌يسا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «سىلە‌ر خالىغىنىڭلارنى تىلىسە‌ڭلار،‏ شۇ سىلە‌رگە بېرىلىدۇ» (‏يۇ‌ھاننا 15:‏7،‏ 16‏)‏.‏ ئە‌يسانىڭ بۇ ۋە‌دىسى ئە‌لچىلە‌رنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىگە‌نلىكى سۆزسىز a‏!‏ (‏ئىزاھاتقا قاراڭ)‏.‏ ئۇ‌لار ئە‌يسانىڭ پات ئارىدا ئۆلىدىغانلىقىنى تولۇ‌ق چۈشە‌نمىگە‌ن ئىدى.‏ ئە‌مما،‏ ئە‌لچىلە‌ر ياردە‌مسىز قالمايتتى،‏ چۈنكى يە‌ھۋا ئۇ‌لارنىڭ دۇ‌ئالىرىغا قۇ‌لاق سېلىپ،‏ ۋە‌ز قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌شقا ياردە‌م بېرىشكە تە‌ييار ئىدى.‏ ئۇ ھە‌قىقە‌تە‌ن شۇ‌نداق قىلغان.‏ ئە‌يسانىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن كۆپ ۋاقىت ئۆتمە‌ي،‏ ئە‌لچىلە‌ر يە‌ھۋادىن جاسارە‌ت سوراپ يالۋۇ‌رغاندا،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنىڭ ئىلتىجالىرىغا قۇ‌لاق سالغانىدى.‏—‏ئە‌لچىلە‌ر 4:‏29،‏ 31‏.‏

ياردە‌م سوراپ دۇ‌ئا قىلغىنىمىزدا،‏ يە‌ھۋانىڭ دۇ‌ئالىرىمىزغا جاۋاب بېرىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچىمىز كامىل (‏18-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

18 بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئوخشاش.‏ سە‌ۋر-‏تاقە‌ت بىلە‌ن داۋاملىق ۋە‌ز قىلساق،‏ ئە‌يسانىڭ دوستى بولۇ‌پ قالىمىز.‏ شۇ‌نداقلا ۋە‌ز قىلىش قىيىن بولغاندا ياردە‌م سوراپ دۇ‌ئا قىلساق،‏ يە‌ھۋا ئۆتۈنۈشىمىزنى ئورۇ‌ندايدىغانلىقىغا ئىشە‌نچىمىز كامىل (‏فىلىپىلىكلە‌ر 4:‏13‏)‏.‏ بىز يە‌ھۋانىڭ دۇ‌ئالىرىمىزغا جاۋاب بېرىدىغانلىقى ۋە ئە‌يسادە‌ك دوستىمىزنىڭ بولغانلىقى ئۈچۈن بە‌ك مىننە‌تدار!‏ يە‌ھۋانىڭ بۇ سوۋغاتلىرى بىزگە داۋاملىق كۆپ مېۋە بېرىشكە كۈچ بېرىدۇ.‏—‏ياقۇ‌پ 1:‏17‏.‏

19.‏ (‏1)‏ بىز نېمە ئۈچۈن ۋە‌ز قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رىمىز؟‏ (‏2)‏ خۇ‌دا تاپشۇ‌رغان ئىشنى ئاخىرىغىچە ئورۇ‌نلاشقا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

19 بۇ ماقالىدە،‏ داۋاملىق ۋە‌ز قىلىشىمىزنىڭ تۆت سە‌ۋە‌بىنى قاراپ چىقتۇ‌ق:‏ يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلە‌پ،‏ ئىسىمىنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س قىلىنىشىغا ھە‌سسىمىزنى قوشىمىز،‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن ئە‌يساغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى بىلدۈرىمىز،‏ ئادە‌ملە‌رنى ئاگاھلاندۇ‌رىمىز ۋە ئۇ‌لارنى سۆيىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ تۆت سوۋغاتنى ھە‌م كۆرۈپ چىقتۇ‌ق:‏ خۇ‌شاللىق،‏ تىنچ-‏ئامانلىق،‏ ئە‌يسا بىلە‌ن دوست بولۇ‌ش ۋە دۇ‌ئالىرىمىزغا جاۋاب ئېلىش.‏ بۇ سوۋغاتلار بىزگە خۇ‌دا تاپشۇ‌رغان ئىشنى ئاخىرىغىچە ئورۇ‌نداشقا كۈچ بېرىدۇ.‏ يە‌ھۋا بىزنىڭ داۋاملىق «كۆپ مېۋە» بېرىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرگە‌ندە،‏ ئۇ ناھايىتى خۇ‌شال بولىدۇ!‏

a ئە‌يسا ئە‌لچىلىرى بىلە‌ن سۆزلىشىۋاتقاندا،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنىڭ دۇ‌ئالىرىغا جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى بىرنە‌چچە قېتىم ئە‌سلە‌تكە‌نىدى.‏—‏يۇ‌ھاننا 14:‏13؛‏ 15:‏7،‏ 16؛‏ 16:‏23‏.‏