ياشلار، ئىبلىسقا قارشى تۇرۇڭلار!
«ئىبلىسنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىگە قارشى تۇرالىشىڭلار ئۈچۈن، خۇدا بەرگەن قوغدىنىش قۇرال-ياراقلىرى بىلەن قوراللىنىڭلار».—ئەفەسلىكلەر 6:11.
ناخشىلار: 139، 55
1، 2. (1) ياشلار نېمە سەۋەبتىن شەيتان ۋە جىنلارغا قارشى جەڭدە يېڭىۋاتىدۇ؟ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ) (2) بىز نېمىنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
ئەلچى پاۋلۇس خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرىنى ئەسكەرلەر بىلەن سېلىشتۇرغان. بىز ئەسكەرلەردەك ئۇرۇشقا قاتنىشىمىز. ئەمما، ئىنسانلارغا ئەمەس، شەيتان ۋە ئۇنىڭ جىنلىرىغا قارشى جەڭ قىلىمىز. ئۇلار بەك كۈچلۈك دۈشمەنلەر. شۇڭا، ئەگەر بىز ياش بولساق، بۇ جەڭدە غەلىبە قىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەستەك كۆرۈنىدۇ. ئۇنداقتا، ياشلار كۈچلۈك جەڭدە دۈشمەنلەرنى يېڭەلەمدۇ؟ ئەلۋەتتە! ئۇلار ھازىرنىڭ ئۆزىدە يېڭىۋاتىدۇ! ئۇلار يەھۋانىڭ كۈچىگە تايىنىپ، «خۇدا بەرگەن بارچە قوغدىنىش قورال-ياراقلىرى بىلەن» ماھىر جەڭچىلەردەك قوراللىنىپ، جەڭگە تەييارلاندى.—ئەفەسلىكلەر 6:10–12-نى ئوقۇڭ.
2 ئەلچى پاۋلۇس بۇ مىسالنى كەلتۈرگەندە، رىملىق ئەسكەرنىڭ قانداق قوراللانغانلىقى ھەققىدە ئويلانغان بولسا كېرەك (ئەلچىلەر 28:16). بۇ ماقالىدە، بىز مۇشۇ مىسالنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىمىز. ياش قېرىنداشلىرىمىز قورال-ياراقلار بىلەن پۈتۈنلەي قوراللىنىشتا قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ پايدىسى ھەققىدە نېمە دېگەنلىكىنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
ھەقىقەت بەلبېغى
3، 4. نېمە ئۈچۈن خۇدا سۆزىدىكى ھەقىقەت رىملىق ئەسكەرنىڭ بەلبېغىغا ئوخشىتىلغان؟
3 ئەفەسلىكلەر 6:14-نى ئوقۇڭ. رىملىق ئەسكەرنىڭ بەلبېغى مېتال بىلەن قاپلانغان. بۇ بەلباغ ئەسكەرنىڭ بېلىنى قوغدىغان ۋە ئېغىر ساۋۇتنىڭ مەھكەم تۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، بەزى بەلباغلاردا قىلىچ ۋە خەنجەرنى ئېسىپ قويىدىغان جاي بولغان. بەلبېغىنى چىڭ باغلىغان ئەسكەر جەڭگە قورقماي چىقالايتتى.
4 بەلباغقا ئوخشاش، خۇدا سۆزىدىكى ھەقىقەت بىزنى ساختا تەلىملەردىن قوغدايدۇ (يۇھاننا 8:31، 32؛ 1-يۇھاننا 4:1). مۇقەددەس كىتابتىن ئۆگەنگەن ھەقىقەتنى سۆيسەك، خۇدانىڭ ئۆلچەملىرىگە ماس ياشاش، يەنى «ھەققانىيلىق ساۋۇتىنى» كىيىپ يۈرۈش، ئاسانراق بولىدۇ (زەبۇر 111:7، 8؛ 1-يۇھاننا 5:3). يەنە ھەقىقەتلەرنى قانچە ياخشى چۈشەنگەنسېرى، دۈشمەنلىرىمىز قارشى چىققاندا، ھەقىقەتلەرنى قوغداشقا تېخىمۇ تەييار بولالايمىز.—1-پېترۇس 3:15.
5. نېمە ئۈچۈن بىز ھەرقاچان راستچىل بولۇشىمىز كېرەك؟
5 خۇدا سۆزىدىكى ھەقىقەتلەر بىز ئۈچۈن مۇھىم بولغاچ، بىز مۇقەددەس كىتابتىكى سۆزلەرگە ئەمەل قىلىپ، ھەرقاچان راست گەپ قىلىمىز. يالغان ئېيتىش — شەيتاننىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك قوراللىرىنىڭ بىرى. يالغان گەپ ئۇلارنى ئېيتقان ئادەمگىمۇ، ئۇنىڭغا ئىشەنگەن ئادەمگىمۇ زىيانلىق (يۇھاننا 8:44). شۇ سەۋەبتىن، نامۇكەممەل بولساقمۇ، بىز يالغان گەپ قىلماسلىققا تىرىشىمىز (ئەفەسلىكلەر 4:25). شۇنداق قىلىش ئاسان ئەمەس. 18 ياشلىق ئابىگائىل: «بەزىدە ئازىراق يالغاننى قوشۇپ قويساق، قىيىنچىلىقتىن ئاسانلا قۇتۇلالايدىغاندەك كۆرۈنىدۇ»،— دەيدۇ. ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن ئابىگائىل دائىم راستىنى ئېيتىشقا تىرىشىدۇ؟ ئۇ: «راستچىل بولسام، يەھۋانىڭ كۆز ئالدىدا ۋىجدانىم پاك بولىدۇ. ئاتا-ئانام ۋە دوستلىرىم ماڭا ئىشىنىدۇ»،— دەيدۇ. 23 ياشلىق ۋىكتورىيە بولسا مۇنداق دەيدۇ: «بەزىدە بىز راست گەپنى ئېيتقاندا ياكى ئېتىقادىمىزنى قوغدىغاندا، باشقىلار زاڭلىق قىلىشى مۇمكىن. ئەمما، بۇنىڭ نەتىجىسى ھەردائىم ياخشى بولىدۇ: ئىشەنچىڭىز كۈچىيىدۇ، يەھۋاغا يېقىنلىشىسىز ۋە يېقىنلىرىڭىزنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىسىز». ھەردائىم «ھەقىقەت بەلبېغىنى باغلاشنىڭ» نېمە ئۈچۈن شۇنچە مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشىنەمسىز؟
ھەققانىيلىق ساۋۇتى
6، 7. ھەققانىيلىق نېمە ئۈچۈن ساۋۇت بىلەن سېلىشتۇرۇلغان؟
6 رىملىق ئەسكەرنىڭ ساۋۇتى ئادەتتە ياپىلاق تۆمۈر پارچىلىرىدىن ياسالغان بولۇپ، ئۇلار ئەسكەرنىڭ يۇقىرى بەدىنىنى يېپىپ تۇرۇشى كېرەك ئىدى. شۇ ياپىلاق تۆمۈرلەرنى بىر-بىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئىلمەكلەر بىلەن تېرە بۇققۇچلار ئىشلىتىلگەن. ئەسكەرنىڭ مۈرىسىدىكى ياپىلاق تۆمۈرلەرمۇ تېرە بۇققۇچلار بىلەن باغلانغان. ساۋۇتنى كىيگەن ئەسكەر ئەركىن ھەرىكەت قىلالمايتتى ۋە ئۈستىدىكى ساۋۇتنىڭ مەھكەم تۇرغان-تۇرمىغانلىقىنى پات-پات تەكشۈرۈپ تۇرۇشى كېرەك ئىدى. ئەمما، ساۋۇت ئەسكەرنىڭ يۈرەك ۋە باشقا ئەزالىرىنى قوغداپ، قىلىچ ۋە ئوقيانىڭ ئوقلىرىدىن قوغدىغان.
7 يەھۋانىڭ ھەققانىي پرىنسىپلىرى، يەنى ئۇ ئورناتقان ئۆلچەملەر ساۋۇتقا ئوخشايدۇ. ئۇلار بىزنىڭ سىمۋوللۇق «قەلبىمىزنى» قوغدايدۇ (پەندى-نەسىھەت 4:23). ئەسكەر ھېچقاچان ئۆزىنىڭ تۆمۈر ساۋۇتىنى ئاجىزراق مېتالدىن ياسالغان ساۋۇتقا ئالماشتۇرمايتتى. شۇنىڭدەك، بىزمۇ ھېچقاچان يەھۋا ياخشى بىلەن يامان ھەققىدە بەلگۈلىگەن ئۆلچەملەرنى ئۆزىمىزنىڭ ئۆلچەملىرىگە ئالماشتۇرمايمىز. بىزنىڭ دانالىقىمىز چەكلىك، ئۆز يۈرىكىمىزنى قوغدىيالمايمىز (پەندى-نەسىھەت 3:5، 6). شۇڭا، ‹ساۋۇتىمىز› يۈرىكىمىزنى قوغداۋاتقانلىقىنى پات-پات تەكشۈرۈپ تۇرۇشىمىز كېرەك.
8. نېمە ئۈچۈن يەھۋانىڭ ئۆلچەملىرى بويىچە ياشىشىمىز كېرەك؟
8 بەزىدە يەھۋانىڭ ئۆلچەملىرى ئەركىنلىكىڭىزنى چەكلەپ، ئۆزىڭىز خالىغان ئىشنى قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغاندەك ھېس قىلامسىز؟ 21 ياشلىق دانىيال مۇنداق دەيدۇ: «مۇئەللىملەر ۋە سىنىپداشلىرىم مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرى بويىچە ياشىغانلىقىم ئۈچۈن مېنى زاڭلىق قىلغان. شۇڭا، كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ يۈردۈم». ھازىر ئۇ قانداق كۆز قاراشتا؟ ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «نەتىجىدە يەھۋانىڭ ئۆلچەملىرى بويىچە ياشاشنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە كۆزۈم يەتتى. بەزى تەڭتۇشلىرىم زەھەرلىك چېكىملىكلەرگە ئۆگەندى، باشقىلىرى ئوقۇشنى تاشلاپ كەتتى. ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق ئەھۋالغا چۈشكەنلىكىنى كۆرۈپ، ناھايىتى ئېچىندىم. بىراق، يەھۋا بىزنى ھەقىقەتەن قوغدايدۇ». مېدىسون ئىسىملىك 15 ياشلىق قېرىنداش: «يەھۋانىڭ پرىنسىپلىرى بويىچە ياشاپ، ياشلار بەك قالتىس ۋە قىزىقارلىق دەپ سانايدىغان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش ئاسان ئەمەس»،— دەيدۇ. شۇڭا، ئۇ بۇ قىيىنچىلىقنى يېڭىش ئۈچۈن نېمە قىلىۋاتىدۇ؟ مېدىسون مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ: «مەن يەھۋا گۇۋاھچىسى ئىكەنىمنى ئېسىمگە سالىمەن ۋە ئېزىقتۇرۇش شەيتان ماڭا ئېتىۋاتقان ئوق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىققا تىرىشىمەن. مەن ئېزىقتۇرۇشنى يەڭگەندە، ئۆز-ئۆزۈمدىن پەخىرلىنىمەن».
پۇتۇڭلارغا تىنچلىق خۇش خەۋەر چورۇقىنى كىيىڭلار
9—11. (1) خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى قانداق سىمۋوللۇق ئاياق كىيىم كىيىدۇ؟ (2) ۋەز قىلىشتىن قورقماسلىققا ۋە خىجىل بولماسلىققا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
9 ئەفەسلىكلەر 6:15-نى ئوقۇڭ. رىم ئەسكەرلىرى جەڭگە چىقىشتىن ئاۋۋال چوقۇم پۇتىغا ئاياق كىيىشى كېرەك ئىدى. چورۇق ئۈچ قات تېرىدىن ياسالغان بولۇپ، ئۇزۇن ۋاقىتقا چىدايتتى. ئەمما، بۇ چورۇق راھەت بولۇپ، ئەسكەرلەر يول يۈرگەندە تېيىلىپ كەتمەي ماڭالايتتى.
10 چورۇق ئەسكەرگە ئۇرۇشتا ياردەم بەرگەن، ئەمما بىزنىڭ سىمۋوللۇق چورۇقىمىز «تىنچلىق ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلىشقا» ياردەم بېرىدۇ (يەشايا 52:7؛ رىملىقلار 10:15). شۇنداق بولسىمۇ، بەزىدە ۋەز قىلىش ئۈچۈن جەسۇرلۇق كېرەك. 20 ياشلىق روبېرتو مۇنداق دەيدۇ: «نېمىشقا ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن، بۇرۇن سىنىپداشلىرىمغا ۋەز قىلىشتىن بەكمۇ قورقاتتىم. بەلكىم، خىجىل بولغانلىقىمدىن. بىراق، ھازىر تەڭتۇشلىرىمغا ۋەز قىلىشنى ياقتۇرىمەن».
11 كۆپ ياشلار ئالدىن-ئالا تەييارلىق قىلسا، ۋەز قىلىشنىڭ ئانچە قىيىن بولمايدىغانلىقىنى بايقىغان. سىز ۋەز قىلىشقا قانداق تەييارلىق قىلالايسىز؟ 16 ياشلىق جۇلىيا مۇنداق دەيدۇ: «مەكتەپكە ماڭغاندا، سومكامغا كىتاب-ژۇرناللارنى سېلىپ قويىمەن. سىنىپداشلىرىمنىڭ ئوي-پىكرىنى دىققەت بىلەن تىڭشايمەن. كېيىن، ئۇلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىم ھەققىدە ئويلايمەن. ئالدىن-ئالا تەييارلىق قىلسام، ئۇلار ئۈچۈن پايدىلىق ماۋزۇدا سۆزلىشەلەيمەن». ماكېنزى ئىسىملىك 23 ياشلىق قېرىندىشىمىز بولسا، شۇنداق دەيدۇ: «مېھرىبانلىق بىلەن زەن قويۇپ تىڭشىسىڭىز، تەڭتۇشلىرىڭىزنىڭ قانداق قىيىنچىلىقلىرى بارلىقىنى بىلىۋالالايسىز. مەن تەشكىلاتىمىزنىڭ ياشلار ئۈچۈن تەييارلىغان ھەممە ماتېرىياللىرىنى ئوقۇيمەن. شۇ چاغدا، مۇقەددەس كىتابتىن ياكى jw.org تور بېكىتىدىن ئۇلارغا پايدىلىق مەسلىھەتلەرنى تاپالايمەن». ۋەزگە ياخشى تەييارلىنىش راھەت ۋە دەل كېلىدىغان ئاياقنى كىيىشكە ئوخشايدۇ.
ئېتىقاد يوغان قالقىنى
12، 13. شەيتان «ئوتلۇق ئوقلىرىنى» بىزگە قانداق ياغدۇرىدۇ؟
12 ئەفەسلىكلەر 6:16-نى ئوقۇڭ. رىم ئەسكىرىنىڭ تىك تۆت بۇلۇڭلۇق قالقىنى بولغان. قالقان ئەسكەرنى مۈرىسىدىن تىزىغىچە يېپىپ، ئۇنى قىلىچ، نەيزا ۋە ئوقيالارنىڭ ئوقلىرىدىن قوغدىغان.
13 شەيتان سىزگە قانداق «ئوتلۇق ئوقلىرىنى» ياغدۇرىدۇ؟ ئۇ سىزنى يەھۋا ھەققىدە يالغانلارغا ئىشەندۈرۈشكە تىرىشىشى مۇمكىن. شەيتان سىزنىڭ «يەھۋا مېنى سۆيمەيدۇ» ياكى «مېنىڭ بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى يوق» دەپ ئويلىشىڭىزنى خالايدۇ. 19 ياشلىق ئىدا مۇنداق دەيدۇ: «مەن پات-پات: «يەھۋا مېنىڭدىن يىراق، ئۇ مېنىڭ دوستۇم بولۇشنى خالىمايدۇ»،— دېگەن ئويلاردا بولاتتىم». ئىدا شۇنداق ئويلاردا بولغاندا، نېمە قىلغان؟ ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «يىغىلىشلارغا قاتنىشىش ئىمان-ئېتىقادىمنى مۇستەھكەملەيدۇ. بۇرۇن يىغىلىشلاردا ھېچقاچان جاۋاب بەرمەيتتىم. چۈنكى، ئېيتقانلىرىم ھېچكىمنى قىزىقتۇرمايدۇ دەپ ئويلايتتىم. ھازىر بولسا، مەن ياخشى تەييارلىق قىلىپ، يىغىلىشتا ئىككى-ئۈچ قېتىم جاۋاب بېرىشكە تىرىشىمەن. مەن ئۈچۈن بۇ ئاسان ئەمەس، لېكىن جاۋاب بەرگەندە، ئۆزۈمنى ياخشىراق ھېس قىلىمەن. قېرىنداشلارمۇ روھۇمنى كۆتۈرىدۇ. ھەر قېتىم يىغىلىشتىن چىققاندا، يەھۋانىڭ مېنى سۆيىدىغانلىقىنى بىلىمەن».
14. ئىدانىڭ ئۈلگىسىدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟
14 ئەسكەرلەرنىڭ قالقىنىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ھەردائىم ئوخشاش بولغان. ئەمما، ئىدانىڭ ئۈلگىسىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىمان-ئېتىقادىمىز ئۇنداق ئەمەس، بەزىدە ئېتىقادىمىز كۈچىيىدۇ، بەزىدە ئاجىزلىشىپ قالىدۇ (مەتتا 14:31؛ 2-سالونىكالىقلار 1:3). «ئېتىقادنىڭ يوغان قالقىنىنى» بىزنى قوغدىسۇن دېسەك، ئېتىقادىمىزنى كۈچەيتىشىمىز ۋە مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك!
«قۇتقۇزۇلۇش دۇبۇلغىسى»
15، 16. ئۈمىدىمىزنى نېمە ئۈچۈن دۇبۇلغىغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ؟
15 ئەفەسلىكلەر 6:17-نى ئوقۇڭ. رىم ئەسكىرىنىڭ دۇبۇلغىسى بېشىنى، بوينىنى ۋە يۈزىنى قوغدىغان. بەزى دۇبۇلغىلارنىڭ تۇتقۇچى بولۇپ ئەسكەر ئۇنى قولىدا تۇتۇپ ماڭالايتتى.
16 دۇبۇلغا ئەسكەرنىڭ بېشىنى قوغدىغاندەك، «قۇتقۇزۇلۇشقا بولغان ئۈمىدىمىز» ئوي-پىكرىمىزنى قوغدايدۇ (1-سالونىكالىقلار 5:8؛ پەندى-نەسىھەت 3:21). ئۈمىد بىزگە خۇدانىڭ ۋەدىلىرىنى ئەستە تۇتۇپ، قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە، روھىمىزنىڭ چۈشۈپ كەتمەسلىكىگە ياردەم بېرىدۇ (زەبۇر 27:1، 14؛ ئەلچىلەر 24:15). لېكىن، ئۈمىدىمىزنىڭ بىزنى قوغدىشىنى خالىساق، ئۇ تىرىك بولۇشى كېرەك. بىز «دۇبۇلغىنى» قولىمىزدا تۇتماي، بېشىمىزغا كىيىشىمىز زۆرۈر!
17، 18. (1) دۇبۇلغىمىزنى بېشىمىزدىن ئالدۇرۇۋېتىش ئۈچۈن شەيتان بىزنى قانداق ئازدۇرۇشى مۇمكىن؟ (2) شەيتاننىڭ تۇزىقىغا چۈشمىگەنلىكىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
17 شەيتان دۇبۇلغىمىزنى بېشىمىزدىن ئالدۇرۇۋېتىش ئۈچۈن بىزنى قانداق ئازدۇرۇشى مۇمكىن؟ بۇنىڭغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن ئەيسانىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. كەلگۈسىدە ئەيسانىڭ ئىنسانىيەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلىقىنى شەيتان بىلگەن ئىدى. بىراق، ئەيسا ئاۋۋال ئازاب چېكىپ ئۆلۈشى كېرەك بولغان. كېيىن، ئۇ پادىشاھ بولۇش ئۈچۈن يەھۋا بەلگىلىگەن ۋاقىت-سائەت كەلگۈچە ساقلىشى كېرەك ئىدى. شۇڭا، شەيتان ئەيسانىڭ ھۆكۈمران بولۇش ئۈمىدىنىڭ تېزرەك ئەمەلگە ئېشىشىغا پۇرسەت يارىتىپ، ئەگەر ئەيسا ئۇنىڭغا بىرلا قېتىم سەجدە قىلسا، شۇ ھامان ئۇنى دۇنيانىڭ ھۆكۈمرانى قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان (لۇقا 4:5—7). يەھۋا خۇدانىڭ يېڭى دۇنيادا بىزگە مول بەرىكەت تۆكۈشنى ۋەدە قىلغانلىقىنى شەيتان ئېنىق بىلىدۇ. لېكىن، بۇ ۋەدىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى كۈتۈشىمىز كېرەك ۋە شۇ ۋاقىت كەلگۈچە بىز قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىمىز. شۇ سەۋەبتىن، شەيتان بىزنىڭ ھازىر ھۇزۇر-ھالاۋەتلىك ھايات كەچۈرۈشىمىزگە پۇرسەت بېرىدۇ. ئۇ بىزنىڭ ئاۋۋال ئۆز مەنپەئىتىمىز ھەققىدە ئويلاپ، خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ ئىشلىرىنى ئىككىنچى ئورۇنغا قويۇشىمىزنى خالايدۇ.—مەتتا 6:31–33.
18 كۆپ ياش قېرىنداشلىرىمىز شەيتاننىڭ تۇزىقىغا چۈشمىگەن. مەسىلەن، 20 ياشلىق كىئانا: «پەقەت خۇدا پادىشاھلىقى ئىنسانىيەتنىڭ ھەممە قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلالايدىغانلىقىنى بىلىمەن»،— دەيدۇ. ئۈمىد ئۇنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھاياتىغا قانداق تەسىر قىلىدۇ؟ ئۈمىد ئۇنىڭغا بۇ دۇنيادىكى ھەممە نەرسىلەرنىڭ ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىققا ياردەم بېرىدۇ. كىئانا بار كۈچىنى ئۆز كەسپىدە ئۇتۇق قازىنىشقا سەرپ قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇ ۋاقتى ۋە كۈچىنى يەھۋاغا خىزمەت قىلىشقا بېغىشلاۋاتىدۇ.
«مۇقەددەس روھنىڭ قىلىچى»
19، 20. خۇدا سۆزىدىن پايدىلىنىش ماھارىتىمىزنى قانداق ئاشۇرالايمىز؟
19 رىم ئەسكىرىنىڭ قىلىچىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 50 سانتىمېتىر بولغان. ئەسكەر ھەر كۈنى مەشىق قىلغاچ، قىلىچنى ماھىرلىق بىلەن ئىشلىتىشنى ئۆگەنگەن.
20 ئەلچى پاۋلۇس خۇدا سۆزىنى قىلىچ بىلەن سېلىشتۇرغان. بۇ «قىلىچنى» بىزگە يەھۋا خۇدا بەرگەن. ئەمما، ئېتىقادىمىزنى قوغداش ئۈچۈن ۋە كۆز قارىشىمىزنى تۈزىتىش ئۈچۈن، بىز ئۇنى ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىشنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك (2-كورىنتلىقلار 10:4، 5؛ 2-تىموتىي 2:15). خۇدا سۆزىدىن پايدىلىنىش ماھارىتىڭىزنى قانداق ئاشۇرالايسىز؟ 21 ياشلىق سېباستىيان مۇنداق دەيدۇ: «مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇغاندا، ھەربىر بابتىن بىر ئايەتنى يېزىپ قويىمەن. ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئايەتلەرنى تىزىملاپ قويىمەن». بۇ سېباستىيانغا يەھۋانىڭ ئوي-پىكىر قىلىش تەرزىنى ياخشىراق چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدۇ. دانىيال ئىسىملىك ياش قېرىنداش مۇنداق دەيدۇ: «مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇپ، ۋەز خىزمەتتە ئۇچرايدىغان ئادەملەرگە پايدىلىق بولىدىغان ئايەتلەرنى تاللايمەن. شۇنى بايقىدىمكى، مۇقەددەس كىتاب ھەققىدە قىزغىنلىق بىلەن سۆزلىگەندە ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە تىرىشقىنىمدا، ئادەملەر ياخشى ئىنكاس قايتۇرىدۇ».
21. بىز شەيتان ۋە جىنلاردىن نېمە ئۈچۈن قورقماسلىقىمىز كېرەك؟
21 بۇ ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان ياشلارنىڭ ئۈلگىسىدىن كۆرگىنىمىزدەك، شەيتان ۋە جىنلاردىن قورقماسلىقىمىز كېرەك. گەرچە ئۇلار كۈچلۈك بولسىمۇ، ئۇلارنى يېڭىش مۇمكىن، ھەمدە ئۇلار مەڭگۈ مەۋجۇت بولمايدۇ. پات-ئارىدا، مەسىھنىڭ مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىقى باشلانغاندا، شەيتان ۋە ئۇنىڭ جىنلىرى كىشەنلىنىپ، ھېچكىمگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاخىرىدا بولسا، ئۇلار يوق قىلىنىدۇ (ۋەھىيلەر 20:1—3، 7—10). بىز دۈشمىنىمىزنى، ئۇنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىنى ۋە نىيىتىنى بىلىمىز. شۇڭلاشقا، يەھۋانىڭ ياردىمى بىلەن، بىز ئۇنىڭغا قارشى تۇرالايمىز!