يەھۋا «سەۋرچانلىق بىلەن ھوسۇل بېرىدىغان» كىشىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ
«مۇنبەت تۇپراققا چۈشكەن ئۇرۇق بولسا،… سەۋرچانلىق بىلەن ھوسۇل بېرىدىغان كىشىلەردۇر».—لۇقا 8:15.
ناخشىلار: 44، 10
1، 2. (1) قېرىنداشلارنىڭ ئادەملەر خۇش خەۋەرنى تىڭشىمايدىغان رايوندا ۋەز قىلىۋاتقانلىقى نېمىشقا بىزگە تەسەللى بېرىدۇ؟ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ) (2) ئەيسا ئۆز يۇرتىدا ۋەز قىلىش ھەققىدە نېمە دېگەن؟ (ئىزاھاتقا قاراڭ)
سېرجو ۋە ئولىندا ئىسىملىك ئەر-ئايال قوشما شتاتلاردا تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەت قىلىدۇ. ھەر ئىككىلىسى 80 ياشتىن ئاشقان. پۇتلىرى ئاغرىغانلىقتىن، ئۇلار ئۈچۈن مېڭىش قىيىن، ئامما بۇنىڭغا قارىماستىن، ئۇلار ئۆز ئادىتى بويىچە ئەتىگەندە سائەت يەتتىدە كۆپ ئادەم يۈرىدىغان مەيدانغا چىقىدۇ. ئۇلار بېكەتنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، ئۆتۈۋاتقان ئادەملەرگە كىتاب-ژۇرناللارنى بېرىدۇ. كۆپ ئادەم ئۇلارغا پىسەنت قىلمىسىمۇ، سېرجو بىلەن ئولىندا شۇ ئورنىدىن كەتمەي، ئۇلارغا قارىغان ئادەملەرگە كۈلۈمسىرەيدۇ. چۈشتە بولسا، ئۇلار ئاستا-ئاستا ئۆيىگە قايتىدۇ. ئەتىسى ئەتىگەندە سائەت يەتتىدە ئۇلار قايتىدىن بېكەتكە بارىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار يىل بويى ھەپتىسىگە ئالتە كۈن ۋەز قىلىدۇ.
2 سېرجو بىلەن ئولىنداغا ئوخشاش سادىق قېرىنداشلىرىمىز ئاز ئەمەس. كۆپ ئادەم تىڭشىمىسىمۇ، ئۇلار ئۆزلىرى ياشىغان يەردە نۇرغۇن يىل ۋەز قىلىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ. بەلكىم، سىزمۇ شۇنداق رايوندا خىزمەت قىلىدىغانسىز. قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن، سەۋرچانلىق بىلەن ۋەز قىلىپ يۈرگىنىڭىزنى ماختاشقا ئەرزىيدۇ! a (ئىزاھاتقا قاراڭ). سىزنىڭ ئۈلگىڭىز نۇرغۇن قېرىنداشلارنى، ھەتتا تەجرىبىلىك قېرىنداشلارنىمۇ ئىلھاملاندۇرىدۇ. بەزى رايونغا مەسئۇل ئاقساقال مۇنداق دەيدۇ: «بۇنداق سادىق قېرىنداشلار بىلەن ۋەز قىلىش ماڭا كۈچ-مەددەت بېرىدۇ». «ئۇلارنىڭ ساداقەتمەنلىكى مېنى جاسارەت ۋە سەۋرچانلىق بىلەن ۋەز خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا دەۋەت قىلىدۇ». «بۇ قېرىنداشلارنىڭ ئۈلگىسى يۈرىكىمدە ئىللىق بىر سېزىمنى پەيدا قىلىدۇ».
3. قايسى ئۈچ سوئالغا جاۋاب تاپىمىز ۋە نېمە ئۈچۈن؟
3 بۇ ماقالىدە، بىز ئۈچ سوئالغا جاۋاب تاپىمىز: نېمە ئۈچۈن بەزىدە چۈشكۈن بولىمىز؟ مېۋە بېرىش نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ سەۋرچانلىق بىلەن مېۋە بېرىشىمىزگە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى بىلىش بىزنى ئەيسا تاپشۇرغان ۋەز ئىشىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئۈندەيدۇ.
نېمە ئۈچۈن روھىمىز چۈشىشى مۇمكىن؟
4. (1) يەھۇدىيلارنىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كەلگەندە، پاۋلۇس قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولغان؟ (2) پاۋلۇس ئۆزىنى نېمە ئۈچۈن شۇنداق ھېس قىلغان؟
4 رايونىڭىزدىكى ئادەملەر پادىشاھلىق خۇش خەۋىرىنى ئاڭلىغۇسى كەلمىگەندە، چۈشكۈنلۈككە چۈشكەن ۋاقتىڭىز بولغانمۇ؟ شۇنداق بولسا، سىز ئەلچى پاۋلۇسنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى چۈشىنەلەيسىز. ئۇ تەخمىنەن 30 يىلچە ۋەز قىلىپ، كۆپ ئادەمنىڭ مەسىھىي بولۇشىغا ياردەملەشكەن (ئەلچىلەر 14:21؛ 2-كورىنتلىقلار 3:2، 3). ئەمما، ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەھۇدىيلار كۆپ ئەمەس ئىدى. يەھۇدىيلارنىڭ كۆپىنچىسى پاۋلۇسنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىشنى رەت قىلىپ، بەزىلىرى ھەتتا ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلغان (ئەلچىلەر 14:19؛ 17:1، 4، 5، 13). مۇنداق يامان مۇئامىلىگە ئۇچرىغاندا، پاۋلۇس قانداق ھېسسىياتتا بولغان؟ ئۇ: «كۆڭلۈمدە غەم-قايغۇلار كۆپ ۋە تۈگىمەس دەردىم بار»،— دېگەنىدى (رىملىقلار 9:1—3). پاۋلۇس نېمە ئۈچۈن شۇنداق ھېس-تۇيغۇدا بولغان؟ سەۋەبى، ئۇ ۋەز قىلىشنى ۋە ئادەملەرنى بەك ياخشى كۆرگەن. ئۇ ھەقىقەتەن يەھۇدىيلارغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ئۇلار خۇدانىڭ رەھىم-شەپقىتىدىن ۋاز كەچكەندە قايغۇرغان.
5. (1) بىزنى ۋەز قىلىشقا نېمە دەۋەت قىلىدۇ؟ (2) بەزىدە قەلبىمىزنىڭ ئازابلىنىشى نېمە ئۈچۈن ھەيران قالارلىق ئەمەس؟
5 پاۋلۇسقا ئوخشاش، بىزمۇ ئادەملەرنى ياخشى كۆرگەچ ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىشنى خالىغاچ، ۋەز قىلىمىز (مەتتا 22:39؛ 1-كورىنتلىقلار 11:1). يەھۋاغا خىزمەت قىلىش ھايات كەچۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى ئىكەنلىكىنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگەن تەجرىبىلىرىمىزدىن بىلىمىز. بىز باشقىلارنىڭمۇ تۇرمۇشىنى ياخشىلىيالايدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىشىگە ياردەم بېرىشنى خالايمىز! شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز ئۇلارنى ياراتقۇچى يەھۋا ۋە ئۇنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن قىلغان ئىرادىسى ھەققىدە بىلىم ئېلىشقا دەۋەت قىلىمىز. بۇ خۇددى بىز ئۇلارغا چىرايلىق سوۋغاتنى سۇنۇپ: «بۇنى قوبۇل قىلىڭ»،— دېگەنگە ئوخشايدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ئۇلار بۇ سوۋغاتنى رەت قىلغاندا، بىزنىڭمۇ پاۋلۇسقا ئوخشاش قەلبىمىز ئازابلىنىدىغانلىقى ھەيران قالارلىق ئەمەس. بىز ئېتىقادىمىز ئاجىز بولغاچقا ئەمەس، ئادەملەرنى سەمىمىي سۆيگەنلىكىمىز ئۈچۈن ئازابلىنىمىز. شۇڭا، بەزىدە كۆڭلىمىز يېرىم بولسىمۇ، بىز داۋاملىق ۋەز قىلىمىز. بىز ئۆزىمىزنى 25 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلغان ئېلىنادەك ھېس قىلىشىمىز مۇمكىن. ئۇ: «گەرچە، مەن ئۈچۈن ۋەز قىلىش ناھايىتى قىيىن بولسىمۇ، بۇنىڭدىن ئارتۇق قىلىدىغان ئىش يوق»،— دېگەن.
مېۋە بېرىش نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
6. ھازىر قايسى سوئالنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
6 قەيەردە ۋەز قىلىشىمىزدىن قەتئىينەزەر، خىزمەتتە ئۈنۈملۈك بولالايمىز. نېمىشقا بۇنىڭغا ئىشەنچىمىز كامىل؟ بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، ئەيسانىڭ مېۋە بېرىش توغرىسىدا ئېيتقان ئىككى تەمسىلىنى كۆرۈپ چىقايلى (مەتتا 13:23). بىرىنچىسى — ئۈزۈم تېلى ھەققىدە تەمسىل.
7. (1) ئەيسانىڭ تەمسىلىدىكى «باغۋەن»، «ئۈزۈم تېلى» ۋە «شاخلار» كىمنى بىلدۈرىدۇ؟ (2) بىز يەنە قانداق سوئالنىڭ جاۋابىنى تېپىشىمىز لازىم؟
7 يۇھاننا 15:1—5، 8-نى ئوقۇڭ. ئەيسا چۈشەندۈرگەندەك، بۇ تەمسىلدىكى «باغۋەن» يەھۋانى، «ئۈزۈم تېلى» ئەيسانى، «شاخلار» بولسا شاگىرتلىرىنى كۆرسىتىدۇ b (ئىزاھاتقا قاراڭ). ئاندىن كېيىن، ئەيسا ئەلچىلىرىگە مۇنداق دېگەن: «كۆپ مېۋە بېرىپ، ئۆزۈڭلارنىڭ مېنىڭ شاگىرتلىرىم ئىكەنلىكىڭلارنى ئىسپاتلايسىلەر. بۇ ئاتامغا شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىدۇ». ئۇنداقتا، مېۋە بېرىش نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ بۇ تەمسىلدە، ئەيسا مېۋىنىڭ نەق نېمە ئىكەنلىكىنى دېمىگەن، لېكىن مۇشۇ سوئالغا جاۋاب تېپىشقا ياردەم بېرىدىغان يىپ ئۇچىنى كۆرسەتكەن.
8. (1) ئەيسانىڭ تەمسىلىدىكى «مېۋە بېرىش» دېگەن سۆز نېمە ئۈچۈن شاگىرت تەييارلاشنى بىلدۈرمەيدۇ؟ (2) يەھۋا بىزدىن قانداق ئىشنى قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ؟
8 ئەيسا ئاتىسى توغرىسىدا: «ئۇ مەن ئۈزۈم تېلىدىكى مېۋە بەرمەيدىغان ھەربىر شاخنى كېسىپ تاشلايدۇ»،— دېگەن. باشقىچە ئېيتقاندا، بىز مېۋە بەرگەندىلا، يەھۋانىڭ خىزمەتچىسى بولالايمىز (مەتتا 13:23؛ 21:43). دېمەك، بۇ تەمسىلدە مېۋە بېرىش دېگىنىمىز شاگىرت تەييارلاشنى بىلدۈرەلمەيدۇ (مەتتا 28:19). ئەگەر شۇنى بىلدۈرسە، سادىق قېرىنداشلار بىرىگە ئەيسانىڭ شاگىرتى بولۇشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتسىمۇ، لېكىن ھېچقانداق نەتىجىسى بولمىسا، مېۋە بەرمەيدىغان شاخلاردەك بولۇپ قالىدۇ. بىراق، بۇ ئۇنداق ئەمەس! نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، بىز ئادەملەرنى شاگىرت بولۇشقا مەجبۇرلىيالمايمىز. يەھۋا — سۆيگۈ-مۇھەببىتى مول خۇدا. ئۇ ھېچقاچان بىزدىن قولىمىزدىن كەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلىشنى تەلەپ قىلمايدۇ. ئەكسىچە، ئۇ بىز قىلالايدىغان ئىشلارنى تەلەپ قىلىدۇ.—تەكرار قانۇن 30:11–14.
9. (1) مېۋە بېرىش نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ (2) ھازىر قانداق تەمسىلنى قاراشتۇرىمىز؟
9 مېۋە بېرىش دېگىنىمىز نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ بۇ مېۋە ھەممىمىز قىلالايدىغان بىر ئىش بولۇشى كېرەك. ئۇنداقتا، بۇ ئىش نېمە؟ بۇ ئىش — خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدە ۋەز قىلىش c (ئىزاھاتقا قاراڭ) (مەتتا 24:14). ئەيسانىڭ دېھقان توغرىسىدىكى تەمسىلىدىن بۇنى ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ھازىر شۇ تەمسىلنى كۆرۈپ باقايلى.
10. (1) ئەيسانىڭ تەمسىلىدىكى ئۇرۇق ۋە يەر نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ (2) بۇغداي باشىقى قانداق مېۋە بېرىدۇ؟
10 لۇقا 8:5—8، 11—15-نى ئوقۇڭ. باغۋەن توغرۇلۇق تەمسىلدە، ئەيسا ئۇرۇقنىڭ «خۇدانىڭ سۆزى»، يەنى خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن ئىدى. يەر ئادەمنىڭ يۈرىكىنى بىلدۈرىدۇ. ياخشى يەرگە چۈشكەن ئۇرۇق يىلتىز تارتىپ، كۆكلەپ ئۆسۈپ چىقىدۇ. كېيىن، ئۇ «100 ھەسسە» مېۋە بېرىپتۇ. ئەگەر ئۇرۇقتىن بۇغداي باشاقلىسا، ئۇ قانداق مېۋە بېرىدۇ؟ ئۇششاق باشاقلارنىمۇ؟ ياق، ئۇ يېڭى دان ياكى ئۇرۇقلارنى بېرىدۇ. ئاندىن شۇ ئۇرۇقلار يەنە ئۆسۈپ بۇغداي باشاقلىرى بولىدۇ. مەزكۇر تەمسىلدە بىر ئۇرۇق 100 ھەسسە مېۋە بەرگەن. مۇشۇ بىزنىڭ خىزمىتىمىز ھەققىدە نېمىنى ئۆگىتىدۇ؟
11. (1) دېھقان ھەققىدىكى تەمسىلدىن ۋەز خىزمىتىمىز ھەققىدە نېمىنى بىلىۋالدۇق؟ (2) بىز قانداقلارچە يېڭى ئۇرۇقنى بېرەلەيمىز؟
11 مەسىھىي ئاتا-ئانىمىز ياكى باشقا گۇۋاھچىلار بىرىنچى قېتىم بىزگە خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدە ئۆگەتكەندە، بۇ خۇددى ياخشى يەرگە ئۇرۇق چاچقاندەك بولغان. ئۇلار خەۋەرگە قۇلاق سالغانلىقىمىزنى كۆرگەندە، بەك خۇشال بولغان. شۇ ئۇرۇق ئۆسۈپ، مېۋە بېرىشكە تەييار بولغان. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بۇغداي باشىقى مېۋە سۈپىتىدە يېڭى باشاقلارنى ئەمەس، ئۇرۇقلارنى بېرىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، بىز بېرىدىغان مېۋە — يېڭى شاگىرتلار ئەمەس، يېڭى پادىشاھلىق ئۇرۇقى d (ئىزاھاتقا قاراڭ). يېڭى پادىشاھلىق ئۇرۇقىنى قانداق بېرىمىز؟ ھەر قېتىم خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدە ئېيتقاندا، بىز ئۆز يۈرىكىمىزگە تېرىلغان ئۇرۇقنى كۆپەيتىپ، ئۇلارنى قايتا چاچقاندەك بولىمىز (لۇقا 6:45؛ 8:1). شۇڭا پادىشاھلىق توغرىسىدا ۋەز قىلغاندا، بىز سەۋرچانلىق بىلەن مېۋىلەرنى بېرىمىز.
12. (1) ئەيسانىڭ ئۈزۈم تېلى بىلەن دېھقان ھەققىدە ئېيتقان تەمسىللىرىدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟ (2) بۇ تەمسىلنى چۈشەنگەندە سىز قانداق ھېسسىياتتا بولدىڭىز؟
12 ئەيسا ئېيتقان ئۈزۈم تېلى بىلەن دېھقان ھەققىدىكى تەمسىللەردىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟ «مېۋە بېرىش» بىلەن ئادەمنىڭ خۇش خەۋەرگە قۇلاق سالغان-سالمىغانلىقى ئارىسىدا ھېچقانداق باغلىنىشى يوق. بۇ بىزنىڭ داۋاملىق ۋەز قىلغان-قىلمىغانلىقىمىزغا باغلىق. پاۋلۇسمۇ بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان سۆزلەرنى ئېيتقان: «ھەر بىرى ئۆز ئەمگىكىگە يارىشا مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ» (1-كورىنتلىقلار 3:8). يەھۋا خۇدا ئەمگىكىمىزنىڭ نەتىجىسىنى ئەمەس، ئەمگىكىمىزنىڭ ئۆزىنى مۇكاپاتلايدۇ. 20 يىل پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولغان ماتىلدا ئىسىملىك قېرىندىشىمىز مۇنداق دەيدۇ: «يەھۋانىڭ تىرىشچانلىقىمىزنى مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى بىلىش ماڭا زور خۇشاللىق بېغىشلايدۇ».
سەۋرچانلىق بىلەن مېۋە بېرىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
13، 14. رىملىقلار 10:1، 2-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، پاۋلۇس نېمە سەۋەبتىن ۋەز قىلىشنى ھەرگىز توختاتمىغان؟
13 سەۋرچانلىق بىلەن مېۋە بېرىشىمىزگە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟ پاۋلۇسنىڭ مىسالىغا قاراپ باقايلى. بىلگىنىمىزدەك، يەھۇدىيلار خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى رەت قىلغاندا، ئۇ ئازابلانغان ئىدى. ئەمما، ئۇ بۇ خەلققە ۋەز قىلىشنى توختاتمىغان. پاۋلۇس يەھۇدىيلارغا بولغان كۆز قارىشىنى مۇنداق تەسۋىرلىگەن: «ئەي قېرىنداشلار، مېنىڭ چىن قەلبىمدىن ئارزۇ قىلىدىغىنىم ۋە خۇدادىن دۇئادا تىلەيدىغىنىم ئىسرائىل خەلقىنىڭ قۇتقۇزۇلۇشىدۇر. چۈنكى، مەن ئۇلار ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، ئۇلار ھەقىقەتەن خۇداغا قىزغىنلىق بىلەن خىزمەت قىلىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقى توغرا بىلىمگە ئاساسلانمىغان» (رىملىقلار 10:1، 2). نېمە ئۈچۈن پاۋلۇس ۋەز ئېيتىشنى توختاتمىغان؟
14 بىرىنچىدىن، پاۋلۇس «چىن قەلبىمدىن ئارزۇ قىلىدىغىنىم» دەيدۇ، يەنى يەھۇدىيلارغا ۋەز قىلىشنى بەك ئارزۇ قىلغاچ، شۇ ئىشنى توختاتمىغان. چۈنكى، ئۇ چىن يۈرىكىدىن ئۇلارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشىنى خالىغان ئىدى (رىملىقلار 11:13، 14). ئىككىنچىدىن، پاۋلۇس بۇنى «خۇدادىن دۇئادا تىلەيدىغىنىم» دەيدۇ. يەنى، ئۇ يەھۋادىن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھلىق خۇش خەۋىرىنى قوبۇل قىلىشىغا ياردەم بېرىشنى سورىغان. ئۈچىنچىدىن، پاۋلۇس «ئۇلار ھەقىقەتەن خۇداغا قىزغىنلىق بىلەن خىزمەت قىلىدۇ» دەيدۇ. ئۇ ئادەملەرنىڭ ياخشى تەرىپىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ كېلەچەكتە يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى بولالايدىغانلىقىنى بايقىغان ئىدى. پاۋلۇس ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە ئوخشاش قىزغىنلىق بىلەن خىزمەت قىلىدىغان مەسىھنىڭ شاگىرتلىرى بولالايدىغانلىقىنى بىلگەن.
15. پاۋلۇستىن قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟ مىساللارنى كەلتۈرۈڭ.
15 بىز پاۋلۇستىن قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟ بىرىنچىدىن، بىز مەڭگۈ ھاياتنى قوبۇل قىلىشقا مايىل ئادەملەرنى تېپىشنى خالايمىز. ئىككىنچىدىن، بىز دۇئادا يەھۋادىن سەمىمىي ئادەملەرنىڭ خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلىشىغا ياردەم بېرىشىنى سورايمىز (ئەلچىلەر 13:48؛ 16:14). تەخمىنەن 30 يىل تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەت قىلغان سىلۋانا: «ھەربىر ئۆيگە كىرىشتىن ئاۋۋال، مەن يەھۋاغا دۇئا قىلىپ، ئىجابىي كۆز قاراشنى ساقلاشقا ياردەم بېرىشىنى سورايمەن»،— دەيدۇ. بىز خۇداغا دۇئا قىلىپ، بىزنى تىڭشايدىغان ئادەملەرنى تېپىشىمىزغا پەرىشتىلەرنىڭ ياردەم بېرىشىنى سورايمىز (مەتتا 10:11—13؛ ۋەھىيلەر 14:6). 30 يىلدىن كۆپرەك پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولغان روبېرت: «كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا نېمە ئىش يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ياخشى بىلىدىغان پەرىشتىلەر بىلەن بىرگە خىزمەت قىلىش كىشىنى ناھايىتى خۇشال قىلىدۇ»،— دەيدۇ. ئۈچىنچىدىن، بىز ئادەملەرنىڭ ياخشى تەرىپىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ كېلەچەكتە يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى بولالايدىغانلىقىنى كۆرۈشكە تىرىشىمىز. 50 يىل بۇرۇن سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن كارېل ئىسىملىك ئاقساقال مۇنداق دېگەن: «ئادەمنىڭ سەمىمىيلىكىنى كۆرسىتىدىغان، مەسىلەن ئۇنىڭ كۈلۈمسىرىشى، چىراي ئىپادىسى ياكى چىن يۈرىكىدىن سوئال قويۇشى دېگەندەك ئىنچىكە تەرەپلەرنى بايقاشقا تىرىشىمەن». ئەگەر شۇنداق قىلساق، پاۋلۇسقا ئوخشاش، بىزمۇ سەۋرچانلىق بىلەن مېۋە بېرەلەيمىز.
«قولۇڭنى ئىشتىن قالدۇرما»
16، 17. (1) ۋەز 11:6-دىكى سۆزلەردىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟ (2) خۇش خەۋەرنى ئېيتقىنىمىز بىزگە دىققەت قىلىپ يۈرگەن ئادەملەرگە قانداق تەسىر قىلىشى مۇمكىن؟
16 ئادەملەر بىزنى تىڭشىمايدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، خۇش خەۋەرنىڭ ئۇلارغا چوڭقۇر تەسىر قىلالايدىغانلىقىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم (ۋەز 11:6-نى ئوقۇڭ). كۆپ ئادەملەر بىزنى كۆرىدۇ. ئۇلار بىزنىڭ ئەدەب-ئەخلاقلىق كىيىنگەنلىكىمىزگە، سىلىق-سىپايە ۋە دوستانە مۇئامىلىمىزگە دىققەت قىلىدۇ. بۇلار ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئۇلارغا قاتتىق تەسىر قىلىپ، ھەتتا بىز توغرۇلۇق يامان ئوي-پىكىردە بولغانلارمۇ كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن. سېرجو بىلەن ئولىندا شۇنداق ئىشنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن.
17 سېرجو مۇنداق دەيدۇ: «بىر قېتىم ئاغرىپ قېلىپ، بىر مەزگىل مەيدانغا ۋەز قىلىشقا چىقالمىدۇق. بىز قايتىپ كەلگەندە، ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ بىرى: ‹نېمە بولدى، يوقاپ كەتتىڭلارغۇ؟ سىلەرنى بەكمۇ سېغىندۇق›،— دېگەن». ئولىندا كۈلۈمسىرەپ شۇنداق قوشۇپ قويدى: «ئاپتوبۇس شوپۇرلىرى قولىنى پۇلاڭلىتىپ، بەزىلىرى: ‹سىلەر، يارايسىلەر!›— دەپ ۋاقىرىدى. ئۇلار ھەتتا ژۇرناللارنى سورىدى». بىر كىشى ئۇلارغا گۈلدەستە سوۋغات قىلىپ، ئىشلىرى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتقاندا، سېرجو بىلەن ئولىندا بەك ھەيران قالغان.
18. نېمە ئۈچۈن سىز سەۋرچانلىق بىلەن مېۋە بېرىشكە بەل باغلىدىڭىز؟
18 باشقىلارغا خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدە خۇش خەۋەر ئېيتىشتىن ‹قولىڭىز تىنىم تاپمىسا›، «بارچە مىللەتلەرگە» ۋەز قىلىش ئىشىغا ئۆز ھەسسىڭىزنى قوشالايسىز (مەتتا 24:14). ئەڭ مۇھىمى، يەھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىپ، ئۆزىڭىزمۇ بۇنىڭدىن خۇشال بولىسىز. ئۇ سەۋرچانلىق بىلەن مېۋە بېرىدىغانلارنىڭ ھەممىسىنى بەك ياخشى كۆرىدۇ!
a ھەتتا، ئەيسانىڭ ئۆزى ئۆز يۇرتىدا ۋەز قىلىش قىيىن بولغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ ئۇنىڭ ۋەز خىزمىتى ھەققىدىكى تۆت كىتابنىڭ ھەممىسىدە يېزىلغان.—مەتتا 13:57؛ ماركۇس 6:4؛ لۇقا 4:24؛ يۇھاننا 4:44.
b بۇ تەمسىلدىكى «شاخلار» ئاسماندا ياشاش ئۈمىدى بار ئېتىقادچىلارنى بىلدۈرسىمۇ، خۇدانىڭ ھەممە خىزمەتچىلىرى بۇ تەمسىلدىن ساۋاق ئالالايدۇ.
c «مېۋە بېرىش» دېگەن ئىبارە، «مۇقەددەس روھنىڭ مېۋىسى»نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن. ئەمما، مۇشۇ ۋە كېيىنكى ماقالىدە دىققىتىمىزنى «لەۋلىرىمىزنىڭ مېۋىسىنى» ئېلىپ كېلىشكە، يەنى يەھۋانى مەدھىيىلەپ، پادىشاھلىق خەۋىرىنى ۋەز قىلىشقا ئاغدۇرىمىز.—گالاتىيا. 5:22، 23؛ ئىبرانىي. 13:15.
d ئەيسا بەزى ۋاقىتلاردا تېرىش ۋە ھوسۇل يىغىش ھەققىدىكى تەمسىلنى شاگىرت تەييارلاش ئىشىنى نەزەردە تۇتۇپ ئېيتقان.—مەتتا 9:37؛ يۇھاننا 4:35–38.