مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

تە‌رجىمىھال

گاداي ئىدىم،‏ باي بولدۇ‌م

گاداي ئىدىم،‏ باي بولدۇ‌م

مە‌ن لىبېرتى (‏ئىندىئانا شتاتى،‏ ئا.‏ق.‏ش)‏ دېگە‌ن كىچىك شە‌ھە‌ردە،‏ بىر ئېغىزلىق ياغاچ ئۆيدە تۇ‌غۇ‌لدۇ‌م.‏ دادام بىلە‌ن ئاپامنىڭ ئاللىقاچان بىر ئوغلى بىلە‌ن ئىككى قىزى بولغان.‏ مېنىڭدىن كېيىن يە‌نە ئىككى ئىنىم،‏ بىر سىڭلىم تۇ‌غۇ‌لدى.‏

ياغاچتىن ياسالغان بۇ كىچىك ئۆيدە تۇ‌غۇ‌لدۇ‌م

مە‌كتە‌پتە ئوقۇ‌ۋاتقىنىمدا،‏ شە‌ھىرىمىزدە چوڭ ئۆزگىرىشلە‌ر بولمىغان.‏ بىرىنچى سىنىپقا بىللە كىرگە‌ن سىنىپداشلىرىم بىلە‌ن مە‌كتە‌پنى پۈتە‌رگىچە ئوقۇ‌دۇ‌م.‏ شە‌ھىرىمىز بە‌ك كىچىك بولغانلىقتىن،‏ ئادە‌ملە‌ر بىر-‏بىرىنى ياخشى توناتتى.‏

ئائىلىمىزدە يە‌تتە بالا بولدۇ‌ق،‏ كىچىك چېغىمدا ئېتىزلىقتا ئىشلىدىم

لىبېرتى شە‌ھىرىنىڭ ئە‌تراپىدا كىچىك دېھقانچىلىق مە‌يدانلىرى بولغان.‏ ئېتىزلىقلاردا كۆپىنچە كۆمۈقوناق ئۆستۈرۈلە‌تتى.‏ مە‌ن تۇ‌غۇ‌لغاندا دادام بىرسىنىڭ دېھقانچىلىق مە‌يدانىدا ئىشلە‌تتى.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ ئۆسمۈر چېغىمدا تراكتور ھە‌يداشنى ۋە ئېتىزلاردىكى باشقا ئىشلارنى قىلىشنى ئۆگىنىۋالغان ئىدىم.‏

مە‌ن تۇ‌غۇ‌لغاندا دادام 56،‏ ئاپام بولسا 35 ياشتا ئىدى.‏ ئامما دادام كۈچلۈك ۋە ساغلام كىشى بولغان.‏ ئۇ ئىشلە‌مچان كىشى بولۇ‌پ،‏ بالىلىرىنىڭ ھە‌ممىسىنى ئە‌مگە‌كنى سۆيۈشكە ئۆگە‌تكە‌ن.‏ ئۇ كۆپ پۇ‌ل تاپالمىسىمۇ،‏ بىزدە تۇ‌رىدىغان جاي،‏ كىيىم-‏كېچە‌ك ۋە يېتە‌رلىك يېمە‌ك-‏ئىچمە‌كلە‌ر بولغان.‏ ئۇ ھە‌ردائىم بىز ئۈچۈن ۋاقىت چىقارغان.‏ دادام 93 يېشىدا،‏ ئاپام 86 يېشىدا ۋاپات بولدى.‏ ئىككىلىسى يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلمىغان.‏ قېرىنداشلىرىمنىڭ بىرى 1972-‏يىلدىن باشلاپ ئاقساقال بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىۋاتىدۇ.‏

ياش چېغىم

ئاپام خۇ‌داغا ئىشە‌نگە‌نلىكتىن،‏ بىزنى ھە‌ر يە‌كشە‌نبە كۈنى چىركوۋغا ئاپىراتتى.‏ مە‌ن بىرىنچى قېتىم ئۈچ بىرلىك ھە‌ققىدە 12 يېشىمدا ئاڭلىدىم.‏ شۇ‌ڭا مە‌ن ئاپامدىن:‏ «ئە‌يسا خۇ‌دانىڭ ئوغلى بولسا،‏ ئۇ قانداقلارچە يە‌نە خۇ‌دانىڭ ئۆزى بولالايدۇ؟‏»—‏ دە‌پ سورىدىم.‏ ئۇ‌نىڭ جاۋابى ھازىرغىچە ئېسىمدە:‏ «بالام،‏ بۇ —‏ سىر.‏ بىز ئۇ‌نى چۈشىنە‌لمە‌يمىز».‏ مە‌ن ئۈچۈن بۇ ھە‌قىقە‌تە‌ن بىر سىر بولغان.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ مە‌ن 14 ياشقا كىرگە‌ندە،‏ ئۆستە‌ڭدە چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتتۈم.‏ مېنى ئۈچ قېتىم سۇ‌غا چۆكتۈردى:‏ بىر قېتىم ئاتا،‏ بىر قېتىم ئوغۇ‌ل ۋە بىر قېتىم مۇ‌قە‌ددە‌س روھ ئۈچۈن.‏

1952-‏يىل.‏ 17 ياشتا

ئوتتۇ‌را مە‌كتە‌پتە ئوقۇ‌ۋاتقاندا،‏ بىر دوستىم بوكس مە‌شىق قىلاتتى،‏ مېنىمۇ قاتنىشىشقا چاقىردى.‏ شۇ‌ڭا،‏ مە‌ن مە‌شىق قىلىشنى باشلاپ،‏ «ئالتۇ‌ن قولقاپ» ناملىق بوكس تە‌شكىلاتىنىڭ ئە‌زاسى بولدۇ‌م.‏ بىراق ئانچە ياخشى ئۆگىنە‌لمىگە‌نلىكتىن،‏ مە‌ن بىرنە‌چچە قېتىم مۇ‌سە‌بىقىگە قاتناشقاندىن كېيىن بوكستىن قول ئۈزدۈم.‏ كېيىنىرە‌ك مە‌ن قوشما شتاتلاردا ئە‌سكە‌رلىككە چاقىرىلىپ،‏ گېرمانىياگە ئە‌ۋە‌تىلدىم.‏ شۇ يە‌ردە بولغاندا،‏ باشلىقلىرىم مېنى ياخشى باشلامچى بولالايدۇ دە‌پ ئويلاپ،‏ ھە‌ربىي مە‌كتە‌پكە ئە‌ۋە‌تتى.‏ ئۇ‌لار مېنىڭ ئە‌سكە‌رلىكتە داۋاملىق خىزمە‌ت قىلىپ قېلىشىمنى خالىغان.‏ لېكىن مە‌ن قېلىشنى خالىمىغانلىقتىن،‏ ئىككى يىل ھە‌ربىي خىزمە‌تنى تۈگە‌تكە‌ندىن كېيىن،‏ 1956-‏يىلى ئۆيگە قايتتىم.‏ كۆپ ۋاقىت ئۆتمە‌ي،‏ مە‌ن تامامە‌ن باشقىچە بىر ئە‌سكە‌رلىككە قاتناشتىم.‏

1954—‏1956 يىللار.‏ ئىككى يىل ئا.‏ق.‏ش ئە‌سكە‌رلىكتە بولغاندا

ھاياتىمنىڭ يېڭى دە‌ۋرى

ھە‌قىقە‌تنى بىلمىگە‌ندە،‏ مە‌ن ھە‌قىقىي ئە‌ر كىشى بولۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرە‌كلىكىنى ناتوغرا چۈشىنە‌تتىم.‏ ماڭا كىنولار بىلە‌ن ئە‌تراپىمدىكى كىشىلە‌رنىڭ كۆز قارىشى تە‌سىر قىلغان.‏ شۇ‌ڭا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌ققىدە سۆزلىشىش ئە‌ر كىشىنىڭ ئىشى ئە‌مە‌س دە‌پ ئويلاتتىم.‏ لېكىن مە‌ن كېيىنرە‌ك ئالغان بىلىم پۈتۈن ھاياتىمنى ئۆزگە‌رتتى.‏ بىر كۈنى ئېسىل قىزىل ماشىنامنى ھە‌يدە‌پ،‏ شە‌ھە‌رنى ئارىلاۋاتقاندا،‏ مېنى ئىككى قىز چاقىردى.‏ بۇ ئىككى قىز قېيىنئاكامنىڭ سىڭلىلىرى ئىدى.‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئىدى.‏ بۇ‌رۇ‌ن مە‌ن ئۇ‌لار بە‌رگە‌ن «كۈزىتىش مۇ‌نارى» ۋە «ئويغىنىڭلار!‏» ژۇ‌رناللىرىنى ئوقاتتىم،‏ لېكىن «كۈزىتىش مۇ‌نارى» چۈشىنىشكە قىيىن دە‌پ ئويلىدىم.‏ بۇ قېتىم ئۇ‌لار مېنى ئۆيلىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى جامائە‌تتە تە‌تقىق قىلىشقا تە‌كلىپ قىلدى،‏ بۇ يىغىلىشتا ئۇ‌لار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىپ،‏ مۇ‌ھاكىمە قىلاتتى.‏ مە‌ن ئۇ‌لارغا:‏ «ئويلىنىپ باقاي»،‏—‏ دېدىم.‏ ئۇ‌لار كۈلۈمسىرە‌پ:‏ «ۋە‌دە بېرە‌مسىز؟‏»—‏ دېگە‌ندە،‏ مە‌ن:‏ «ۋە‌دە بېرىمە‌ن»،‏—‏ دە‌پ ئېيتتىم.‏

ۋە‌دە بېرىپ قويغىنىمغا ئۆكۈندۈم،‏ لېكىن سۆزۈمدە تۇ‌رۇ‌شنى قارار قىلدىم.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ شۇ كۈنى كە‌چتە يىغىلىشقا باردىم.‏ شۇ يە‌ردىكى كىچىك بالىلار مېنى بە‌ك ھە‌يران قالدۇ‌ردى!‏ ئۇ‌لار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ناھايىتى ياخشى بىلگە‌ن!‏ ھە‌ر يە‌كشە‌نبە كۈنى ئاپام بىلە‌ن چىركوۋغا بارغان بولساممۇ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌ققىدە ئانچە كۆپ بىلىمىم يوق ئىدى.‏ مە‌ن كۆپرە‌ك بىلىم ئېلىشنى خالىغانلىقتىن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى بىرى بىلە‌ن تە‌تقىق قىلىشقا كېلىشتىم.‏ ئە‌ڭ ئاۋۋال مە‌ن ھە‌ممىگە قادىر خۇ‌دانىڭ ئىسىمى يە‌ھۋا ئىكە‌نلىكىنى بىلدىم.‏ بۇ‌نىڭدىن بىرنە‌چچە يىل بۇ‌رۇ‌ن ئاپامدىن يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى كىم دە‌پ سورىغاندا،‏ ئۇ ماڭا:‏ «ۋاي،‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋا دېگە‌ن بىر بوۋايغا ئىشىنىدۇ»،‏—‏ دە‌پ جاۋاب بە‌رگە‌ن ئىدى.‏ ئە‌مدى بولسا كۆزۈم ئېچىلغاندە‌ك بولدى!‏

مە‌ن ھە‌قىقە‌تنى تاپقانلىقىمنى بىلگە‌چكە،‏ روھىي جە‌ھە‌تتىن تېز ئۆستۈم.‏ يىغىلىشقا بىرىنچى قېتىم بارغاندىن كېيىن توققۇ‌ز ئاي ئۆتۈپ،‏ 1957-‏يىلنىڭ مارت ئېيىدا چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتتۈم.‏ مېنىڭ كۆز قارىشىم ئۆزگە‌ردى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ھە‌قىقىي ئە‌ر كىشى قانداق بولۇ‌شى كېرە‌كلىكى ھە‌ققىدە نېمە ئېيتىلغانلىقىنى بىلگىنىمدىن بە‌ك خۇ‌شالمە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئە‌يسا مۇ‌كە‌ممە‌ل ئە‌ر كىشى بولغان.‏ ئۇ ھە‌رقانداق كىشىدىن كۈچلۈك بولسىمۇ،‏ ھېچقاچان ئۇ‌رۇ‌ش-‏جېدە‌للە‌رگە ئارىلاشمىغان.‏ ئە‌كسىچە،‏ يە‌شايا پە‌يغە‌مبە‌ر ئېيتقاندە‌ك،‏ ‹ئازاپ چە‌ككە‌ن بولسىمۇ ئېغىز ئاچمىدى› (‏يە‌شايا 53:‏2،‏ 7‏)‏.‏ ئە‌يسانىڭ ھە‌قىقىي شاگىرتى ھە‌ممىسىگە مۇ‌لايىم مۇ‌ئامىلىدە بولۇ‌شى كېرە‌كلىكىنى ئۆگە‌ندىم.‏—‏2-‏تىموتىي 2:‏24‏.‏

مە‌ن 1958-‏يىلى تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌تنى باشلىدىم.‏ لېكىن ئۇ‌زۇ‌ن ئۆتمە‌ي بۇ خىزمە‌تنى توختىتىشقا توغرا كە‌لدى.‏ نېمە ئۈچۈن دېسىڭىز،‏ مە‌ن ئۆيلە‌نمە‌كچى بولغان ئىدىم.‏ مېنى يىغىلىشقا تە‌كلىپ قىلغان قىزلارنىڭ بىرى،‏ گلورىيا بىلە‌ن تۇ‌رمۇ‌ش قۇ‌رماقچى بولدۇ‌م!‏ مە‌ن بۇ قارارىمغا ھېچقاچان ئۆكۈنمىگە‌ن.‏ گلورىيا شۇ چاغدىمۇ،‏ ھازىرمۇ مە‌ن ئۈچۈن خۇ‌ددى ئېسىل گۆھە‌ر تاشتە‌ك.‏ مە‌ن ئۈچۈن ئۇ دۇ‌نيادىكى ئە‌ڭ قىممە‌تلىك ئالماس تاشتىنمۇ قىممە‌تباھا.‏ ئۇ‌نىڭغا ئۆيلە‌نگىنىمگە بە‌ك خۇ‌شالمە‌ن!‏ ھازىر ئۇ ئۆزى توغرىسىدا ئېيتىپ بە‌رسۇ‌ن:‏

‏«ئائىلىمىزدە 17 بالا ئىدۇ‌ق.‏ ئاپام يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولغان.‏ 14 يېشىمدا ئاپام ۋاپات بولدى.‏ شۇ چاغدا دادام مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىشكە باشلىدى.‏ ئە‌مدى ئاپىمىز بولمىغاچ،‏ دادىمىز ئىشتىن كە‌لگىچە،‏ بىرىمىز كىچىك قېرىنداشلىرىمىزغا قاراپ،‏ ئۆيدىكىلە‌رگە تاماق ئېتىشىمىز كېرە‌ك ئىدى.‏ شۇ‌ڭا دادىمىز مە‌كتە‌پ مۇ‌دىرى بىلە‌ن سۆزلىشىپ،‏ ھە‌دە‌م ئىككىمىزنىڭ نۆۋە‌تلىشىپ مە‌كتە‌پكە بېرىشىمىزغا رۇ‌خسە‌ت سورىدى.‏ شۇ يىلى ھە‌دە‌م ئوتتۇ‌را مە‌كتە‌پنى پۈتۈرە‌تتى.‏ مە‌كتە‌پ مۇ‌دىرى رۇ‌خسە‌ت قىلدى.‏ شۇ‌ڭلاشقا بىرىمىز دائىم ئۆيدە بولۇ‌پ،‏ ئۆي ئىشلىرىنى قىلاتتۇ‌ق.‏ ھە‌دە‌م مە‌كتە‌پنى پۈتە‌رگىچە شۇ‌نداق قىلدۇ‌ق.‏ بىز بىلە‌ن ئىككى ئائىلە كىشىلىرى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلدى ۋە ئون بىرىمىز يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولدۇ‌ق.‏ مە‌ن تارتىنچاق بولساممۇ،‏ ۋە‌ز قىلىشنى ناھايىتى ياخشى كۆرە‌تتىم.‏ ھە‌مراھىم سېم يىللار داۋامىدا ماڭا تارتىنچاقلىق بىلە‌ن كۈرىشىشكە ياردە‌م بە‌ردى».‏

گلورىيا ئىككىمىز 1959-‏يىلنىڭ فېۋرالدا توي قىلدۇ‌ق.‏ بىز بىرگە تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌ت قىلىشنى ياخشى كۆرە‌تتۇ‌ق.‏ دۇ‌نياۋىي باش ئىدارىدە خىزمە‌ت قىلىشنى خالىغانلىقتىن،‏ شۇ يىلى ئىيۇ‌لدا بە‌يتە‌لدە خىزمە‌ت قىلىشقا ئىلتىماس قىلدۇ‌ق.‏ سايمون كرېيكېر ئىسىملىك قېرىنداش بىز بىلە‌ن پاراڭلىشىپ،‏ بە‌يتە‌لگە ھازىرچە ئە‌ر-‏ئاياللارنى تە‌كلىپ قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.‏ بىراق،‏ بە‌يتە‌لدە خىزمە‌ت قىلىش ئارزۇ‌يىمىز سوۋۇ‌پ كە‌تمىدى،‏ ئە‌مما بىز ئارزۇ‌يىمىزغا يە‌تكىچە كۆپ يىللار ئۆتۈپ كە‌تتى.‏

بىز ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلارغا قە‌يە‌ر ئە‌ڭ مۇ‌ھتاج ئىكە‌نلىكىنى سوراپ،‏ باش ئىدارىگە خە‌ت يازدۇ‌ق.‏ ئۇ‌لار بىزگە ئاركانزاس شتاتىدىكى پاين-‏بلاف شە‌ھىرىگە بېرىڭلار دە‌پ جاۋاب يازدى.‏ شۇ چاغدا پاين-‏بلافتا ئىككى جامائە‌ت بار ئىدى.‏ بىرسىدە ئاق تە‌نلىك قېرىنداشلار،‏ ئىككىنچىسىدە قارا تە‌نلىك قېرىنداشلار بولغان.‏ بىز قارا تە‌نلىك قېرىنداشلار بار جامائە‌تكە تايىنلاندۇ‌ق،‏ ئۇ‌نىڭدا پە‌قە‌ت 14 ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولغان ئىدى.‏

مىللە‌تچىلىك سە‌ۋە‌بىدىن بولغان قىيىنچىلىقلار

بە‌لكىم،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى نېمە ئۈچۈن ئاق ۋە قارا تە‌نلىك ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلارغا بۆلۈنگە‌ن دە‌پ سورايدىغانسىز.‏ بۇ‌نىڭ سە‌ۋە‌بى —‏ بىزدە باشقا ئامال يوق ئىدى.‏ شۇ چاغدا ئاق ۋە قارا تە‌نلىك كىشىلە‌رنىڭ بىرگە جە‌م بولۇ‌شى قانۇ‌نغا خىلاپ بولغان.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا زوراۋانلىق كە‌ڭ تارقالغان.‏ كۆپ جايلاردا قېرىنداشلار ئىككى ئىرقنىڭ ئادە‌ملىرى بىر يە‌رگە يىغىلسا،‏ ئىبادە‌ت ئۆيى ھۇ‌جۇ‌مغا ئۇ‌چرىشى مۇ‌مكىن دە‌پ قورققان.‏ چۈنكى،‏ مۇ‌نداق ۋە‌قە‌لە‌ر يۈز بە‌رگە‌ن ئىدى.‏ ئە‌گە‌ر قارا تە‌نلىك قېرىنداشلار ئاق تە‌نلىكلە‌ر ياشايدىغان رايوندا ئۆيمۇ-‏ئۆي ۋە‌ز قىلسا،‏ ئۇ‌لار قولغا ئېلىنىپ،‏ ھە‌تتا ئۇ‌رۇ‌پ-‏سوقۇ‌لۇ‌شى مۇ‌مكىن ئىدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ ۋە‌ز ئىشىنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن،‏ بىز قانۇ‌نغا بويسۇ‌ندۇ‌ق ۋە كېلە‌چە‌كتە ئە‌ھۋال ياخشىلىنىدۇ،‏ دە‌پ ئۈمىد قىلدۇ‌ق.‏

ۋە‌ز قىلىش دائىم ئاسان بولمىغان ئىدى.‏ بىز قارا تە‌نلىكلە‌ر ياشايدىغان رايوندا ئۆيمۇ-‏ئۆي ۋە‌ز قىلغاندا،‏ بە‌زىدە ئاق تە‌نلىك كىشىلە‌ر ئىشىكنى ئاچاتتى.‏ شۇ ۋاقىتتا بىز قىسقىچە سۆھبە‌تلىشىمىزمۇ ياكى كە‌چۈرۈم سوراپ،‏ باشقا ئۆيگە بارىمىزمۇ،‏ دە‌رھال قارار قىلىشىمىز كېرە‌ك ئىدى.‏ شۇ زامانلاردا ئە‌ھۋال مانا شۇ‌نداق بولغان.‏

ئە‌لۋە‌تتە،‏ تولۇ‌ق ۋاقىت ۋە‌ز خىزمە‌ت قىلساقمۇ،‏ جان بېقىش ئۈچۈن ئىشلىشىمىزگە توغرا كېلە‌تتى.‏ ئادە‌تتە بىز كۈنىگە ئۈچ دوللار تاپاتتۇ‌ق.‏ گلورىيا بىرنە‌چچە يە‌ردە ئۆي تازىلاتتى.‏ بىر ئۆيدە ماڭا گلورىياغا ياردە‌م بېرىشكە رۇ‌خسە‌ت قىلغان ئىدى،‏ شۇ‌ڭا ئۇ ئىشىنى تېزلا پۈتىرە‌تتى.‏ بۇ ئۆيدە بىزگە تاماق بېرە‌تتى،‏ كېتىشتىن ئاۋۋال ئۇ‌نى يە‌ۋالاتتۇ‌ق.‏ گلورىيا باشقا بىر ئۆيدە ھە‌پتىسىگە بىر قېتىم كىيىمگە دە‌زمال سالاتتى.‏ مە‌ن بولسام،‏ بۇ ئۆينىڭ بېغىدا ئىشلە‌تتىم،‏ دېرىزە سۈرىتە‌تتىم ۋە باشقا ئىشلارنىمۇ قىلاتتىم.‏ يە‌نە بىر ئاق تە‌نلىك كىشىلە‌رنىڭ ئۆيىدە دېرىزە يۇ‌ياتتۇ‌ق.‏ گلورىيا دېرىزىنى ئىچىدىن،‏ مە‌ن تېشىدىن يۇ‌غان.‏ بىز بۇ ئىشنى كە‌چ كىرگىچە قىلغانلىقتىن،‏ شۇ ئۆيدىن تاماق يە‌تتۇ‌ق.‏ گلورىيا تاماق يېگە‌ندە،‏ شۇ ئائىلە ئە‌زالىرى بىلە‌ن بىرگە ئولتارماتتى.‏ مە‌ن بولسام ماشىنا قويىدىغان ئىسكىلاتتا تاماق يە‌يتىم.‏ تاماقلىرى بە‌ك ياخشى ئىدى،‏ شۇ‌ڭا مە‌ن سىرتتا تاماق يېسە‌ممۇ،‏ بۇ‌نىڭدىن رە‌نجىمە‌يتىم.‏ ئۇ‌لار ناھايىتى ياخشى ئادە‌ملە‌ر ئىدى،‏ لېكىن شۇ زاماندىكى جە‌مئىيە‌تنىڭ تە‌سىرى ئاستىدا بولغان.‏ بىر قېتىم ماي قاچىلاش پۇ‌نكتىدا توختىغان ۋاقىت تېخىغىچە ئېسىمدە.‏ ماينى قاچىلاپ بولۇ‌پ،‏ شۇ يە‌ردە ئىشلە‌يدىغان ئە‌ر كىشىدىن ئايالىمنىڭ ھاجە‌تخانىنى ئىشلىتىشىگە رۇ‌خسە‌ت قىلىشىنى سورىدىم.‏ ئۇ ماڭا كۆزىنى ئالايتىپ:‏ «ھاجە‌تخانا قۇ‌لۇ‌پلاقلىق!‏»—‏ دە‌پ ئاچچىقلىنىپ جاۋاب قايتۇ‌ردى.‏

ئە‌ستىن چىقماس ياخشىلىقلار

ئادالە‌تسىزلىككە قارىماستىن،‏ بىز قېرىنداشلىرىمىز بىلە‌ن بىرگە ۋاقىت ئۆتكۈزۈشنى ۋە ۋە‌ز قىلىشنى ياخشى كۆرە‌تتۇ‌ق.‏ پاين-‏بلاففقا ئە‌ندىلا كە‌لگە‌ندە،‏ بىز شۇ چاغدا جامائە‌ت خىزمە‌تچىسى بولغان قېرىنداشنىڭ ئۆيىدە تۇ‌ردۇ‌ق.‏ شۇ ۋاقىتتا ئۇ‌نىڭ ئايالى تېخى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولمىغان ئىدى،‏ شۇ‌ڭا گلورىيا ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىشنى باشلىدى.‏ مە‌ن ئۇ‌لارنىڭ قىزى ۋە قىزىنىڭ يولدىشى بىلە‌ن ئۆگىنىشنى باشلىدىم.‏ كېيىن ئانىسى بىلە‌ن قىزى يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى قارار قىلىپ،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتتى.‏

ئاق تە‌نلىك قېرىنداشلار جامائىتىدە ياخشى دوستلىرىمىز بولغان.‏ ئۇ‌لار بىزنى مېھمان قىلاتتى،‏ بىراق ھېچكىم كۆرمىسۇ‌ن،‏ دە‌پ ئۇ‌لارنىڭ ئۆيىگە پە‌قە‌ت قاراڭغۇ چۈشكە‌ندە باراتتۇ‌ق.‏ شۇ چاغلاردا مىللە‌تچىلىك ۋە زوراۋانلىققا ئۈندە‌يدىغان كۇ-‏كلۇ‌كىس-‏كلان دېگە‌ن تە‌شكىلاتنىڭ پائالىيە‌تلىرى ئە‌ۋج ئالغان ئىدى.‏ بىر كېچىسى قورقۇ‌نۇ‌چلۇ‌ق كىيىمنى كىيىۋېلىپ،‏ ئۆز ئۆيىنىڭ بوسۇ‌غىسىدا ئولتارغان بىر كىشىنى كۆردۈم.‏ لېكىن،‏ مۇ‌نداق ئىشلار قېرىنداشلارنى بىر-‏بىرىگە مېھرىبانلىق كۆرسىتىشتىن توختاتمىغان ئىدى.‏ بىر ياز پە‌سلىدە كونگرېسسقا بېرىش ئۈچۈن بىزگە پۇ‌ل كېرە‌ك بولغان ئىدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىر قېرىندىشىمىز ماشىنىمىزنى سېتىۋالدى،‏ شۇ‌نداق قىلىپ كونگرېسسقا بېرىش ئۈچۈن پۇ‌لىمىز بولدى.‏ بىر كۈنى ئىسسىق ئاپتاپتا ئۆيمۇ-‏ئۆي ۋە‌ز قىلىپ ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى كۆپ ئادە‌مگە ئۆگىتىپ،‏ ئۆيگە چارچاپ كېلىۋاتاتتۇ‌ق.‏ ئۆيگە يېقىن كە‌لگە‌ندە،‏ كۆزۈمىز ئالاق-‏جالاق بولدى.‏ چۈنكى ئۆيۈمىزنىڭ ئالدىدا بىر ئاي بۇ‌رۇ‌ن سېتىۋە‌تكە‌ن ماشىنىمىز تۇ‌رغان ئىدى!‏ ماشىنىمىزنىڭ ئە‌ينىكىگە قىسقا بىر پارچە خە‌ت قىستۇ‌رۇ‌لغان ئىدى.‏ خە‌تتە:‏ «ماشىناڭلارنى سىلە‌رگە سوۋغات سۈپىتىدە قايتۇ‌ردۇ‌م.‏ سىلە‌رنىڭ قېرىندىشىڭلار»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان ئىدى.‏

يە‌نە بىر ياخشىلىق قە‌لبىمگە بە‌كمۇ تە‌سىر قىلدى.‏ 1962-‏يىلى،‏ مە‌ن نيۇ-‏يوركتىكى سائۇ‌ت-‏لانسىن شە‌ھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان پادىشاھلىق خىزمە‌ت مە‌كتىۋىگە تە‌كلىپ قىلىندىم.‏ بۇ مە‌كتە‌پتە جامائە‌ت ئاقساقاللىرى ۋە سە‌ييار نازارە‌تچىلە‌ر بىر ئاي ئوقۇ‌غان.‏ شۇ چاغدا ئىشسىز بولغاچقا،‏ پۇ‌ل تە‌رە‌پتىن قىينالغان ئىدۇ‌ق.‏ بىراق،‏ پاين-‏بلافتىكى بىر تېلېفون شىركىتى مېنى ئىشقا ئالماقچى بولۇ‌پ،‏ يۈزمۇ-‏يۈز سۆھبە‌تلە‌شتى.‏ ئە‌گە‌ر بۇ ئىشقا كىرسە‌م،‏ شۇ شىركە‌تتىكى ئە‌ڭ بىرىنچى قارا تە‌نلىك ئىشچى بولاتتىم.‏ ئۇ‌لار مېنى ئىشقا ئالماقچى بولغانلىقىنى ئېيتتى.‏ نېمە قىلىشىمنى بىلمە‌ي قالدىم.‏ نيۇ-‏يوركقا بارىدىغان پۇ‌لۇ‌م يوق ئىدى.‏ مە‌ن مە‌كتە‌پكە بارماي،‏ تە‌كلىپ قىلىنغان ئىشقا كىرىش ھە‌ققىدە ئويلىدىم.‏ بە‌يتە‌لگە ئە‌مدى خە‌ت يازاي دە‌ۋاتقاندا،‏ ئېسىمدىن چىقماس بىر ئىش يۈز بە‌ردى.‏

جامائىتىمىزدە يولدىشى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى ئە‌مە‌س بىر قېرىندىشىمىز بار ئىدى.‏ بىر كۈنى ئە‌تىگە‌ندە ئۇ ئۆيۈمىزگە كېلىپ،‏ قولۇ‌مغا پۇ‌لغا لىق تولغان بىر كونۋېرتنى تۇ‌تقۇ‌زدى.‏ ئۇ بىرنە‌چچە بالىسى بىلە‌ن سە‌ھە‌ردە تۇ‌رۇ‌پ،‏ پاختا ئېتىزلىرىدا ياۋايى ئوت-‏چۆپلە‌رنى يۇ‌لۇ‌پ ئىشلىگە‌ن ئىكە‌ن.‏ ئۇ‌لار بۇ‌نى مېنىڭ نيۇ-‏يوركقا بېرىشىم ئۈچۈن قىلغان ئىدى.‏ قېرىندىشىمىز:‏ «مە‌كتە‌پكە بېرىپ،‏ ياخشى ئوقۇ‌ڭ.‏ كېيىن بىزگە ئۆگىتىسىز!‏»—‏ دىدى.‏ ئاندىن مە‌ن ھېلىقى شىركە‌ت بىلە‌ن ئالاقىلىشىپ،‏ بە‌ش ھە‌پتىدىن كېيىن ئىشقا چىقسام بولامدۇ،‏ دە‌پ سورىدىم.‏ ئۇ‌لار ماڭا «بولمايدۇ!‏» دە‌پ كە‌سكىن جاۋاب بە‌ردى.‏ بۇ‌نىڭغا كۆڭلۈم يېرىم بولمىدى.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ مە‌ن قارار قىلىپ بولغان ئىدىم.‏ شۇ خىزمە‌تنى قوبۇ‌ل قىلمىغانلىقىمدىن بە‌كمۇ خۇ‌شالمە‌ن!‏

گلورىيا پاين-‏بلافتىكى ۋاقتىمىزنى ئە‌سلە‌پ،‏ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن شۇ يە‌رگە بە‌ك ئامراق بولۇ‌پ قالغان ئىدىم!‏ 15—‏20 ئادە‌م بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگە‌ندىم.‏ ئە‌تىگە‌ندە ئۆيمۇ-‏ئۆي ۋە‌ز قىلىپ،‏ كېيىن تە‌تقىق دە‌رسلىرىنى ئۆتكۈزە‌تتۇ‌ق.‏ بە‌زىدە كە‌چ سائە‌ت ئون بىرلە‌رگىچە ۋە‌ز قىلاتتۇ‌ق.‏ خىزمىتىمىز شۇ‌نچىلىك قىزىقارلىق بولغان ئىدى!‏ مۇ‌مكىن بولسا،‏ پاين-‏بلافتا قالاتتىم.‏ راستىنى ئېيتسام،‏ يېڭى ۋە‌زىپىنى قوبۇ‌ل قىلىپ،‏ جامائە‌تلە‌رنى زىيارە‌ت قىلىش خىزمىتىنى باشلاشنى ئانچە خالىمايتتىم.‏ ئە‌مما يە‌ھۋانىڭ باشقىچە پىلانى بولغان ئىدى».‏

جامائە‌تلە‌رنى زىيارە‌ت قىلىش خىزمىتىمىز

پاين-‏بلافتا خىزمە‌ت قىلىپ يۈرگە‌ندە بىز مە‌خسۇ‌س پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌ش ئىلتىماسىنى تولدۇ‌ردۇ‌ق.‏ بىزنى تە‌يىنلە‌يدۇ،‏ دە‌پ ئويلىدۇ‌ق.‏ چۈنكى،‏ دائىرىگە مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال تېكساستىكى جامائە‌تكە ياردە‌م بېرىشىمىزنى ۋە شۇ يە‌ردە مە‌خسۇ‌س پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌شىمىزنى خالىغان ئىدى.‏ بۇ بىزگىمۇ ياقتى.‏ شۇ‌ڭا،‏ تە‌شكىلاتنىڭ جاۋابىنى كۈتۈپ تۇ‌ردۇ‌ق،‏ ھېچبىر جاۋاب خە‌ت كېلىدىغاندە‌ك ئە‌مە‌س ئىدى.‏ بىراق كۈنلە‌رنىڭ بىرىدە خە‌ت كېلىپ قالدى.‏ 1965-‏يىلنىڭ يانۋار ئېيىدا بىزنى جامائە‌تلە‌رنى زىيارە‌ت قىلىشقا تە‌يىنلىدى!‏ بىز بىلە‌ن ئوخشاش ۋاقىتتا لىئون ۋېئاۋېر رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال بولۇ‌پ تە‌يىنلە‌نگە‌نىدى.‏ ھازىر ئۇ قوشما شتاتلاردىكى بە‌يتە‌ل كومىتېتىدا رىياسە‌تچى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىۋاتىدۇ.‏

يېڭى ۋە‌زىپە‌منى ئويلاپ،‏ كۆپ ئە‌نسىرىدىم.‏ بۇ‌نىڭدىن بىر يىل ئاۋۋال جېيمىس تومپسون ئىسىملىك دائىرىگە مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال ئۆز ۋە‌زىپە‌منى ياخشى ئورۇ‌نلاش ئۈچۈن قانداق خىسلە‌تلە‌ر كېرە‌كلىكىنى ئېيتقان ئىدى.‏ قايسى تە‌رە‌پنى تېخىمۇ ياخشى قىلىشقا بولىدىغانلىقى ھە‌ققىدىمۇ دېگە‌ن ئىدى.‏ كۆپ ۋاقىت ئۆتمە‌ي،‏ زىيارە‌ت قىلىش خىزمىتىنى باشلىغاندا،‏ ئۇ‌نىڭ مە‌سلىھىتىنىڭ ماڭا بە‌كمۇ كېرە‌كلىكىنى شۇ چاغدىلا چۈشە‌ندىم.‏ مە‌ن ھە‌مكارلاشقان بىرىنچى دائىرىگە مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال دە‌ل شۇ تومپسون قېرىنداش ئىدى.‏ بۇ سادىق قېرىنداشتىن بە‌ك كۆپ نە‌رسىنى ئۆگە‌ندىم.‏

تە‌جرىبىلىك قېرىنداشلارنىڭ ياردىمىنى قە‌دىرلە‌يمە‌ن

شۇ يىللىرى رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقاللارنىڭ ئۆگىنىشىگە ئاز ۋاقىت بېرىلە‌تتى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ مە‌ن بىر رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال بىلە‌ن پە‌قە‌ت ئىككى ھە‌پتە بىرگە خىزمە‌ت قىلدىم.‏ بىر ھە‌پتە مە‌ن ئۇ‌نىڭ جامائە‌تنى قانداق زىيارە‌ت قىلىدىغانلىقىنى ئۆگە‌ندىم،‏ ئىككىنچى ھە‌پتە باشقا جامائە‌تنى زىيارە‌ت قىلغاندا،‏ ئۇ مېنى كۈزە‌تتى.‏ ئۇ ماڭا ياخشى مە‌سلىھە‌تلە‌رنى بە‌ردى.‏ كېيىن،‏ ئىككىمىز ئىككى تە‌رە‌پكە كە‌تتۇ‌ق.‏ شۇ چاغدا مە‌ن گلورىياغا:‏ «ئۇ شۇ‌نداق تېزلا كېتىپ قالامدۇ؟‏»—‏ دېگىنىم ئېسىمدە.‏ ئە‌مما بىراز ۋاقىت ئۆتۈپ،‏ مە‌ن بىر مۇ‌ھىم نە‌رسىنى چۈشە‌ندىم:‏ ئە‌گە‌ر ياردە‌منى قوبۇ‌ل قىلىشنى خالىسىڭىزلا،‏ ھە‌ردائىم ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغان ياخشى قېرىنداشلار تېپىلىدۇ.‏ شۇ چاغدا جامائە‌تلە‌رنى زىيارە‌ت قىلغان جېيمىس براۋۇ‌ن ۋە بە‌يتە‌لدە خىزمە‌ت قىلغان فرېد راسېكقا ئوخشاش تە‌جرىبىلىك قېرىنداشلارنىڭ ياردىمىنى ھازىرغىچە قە‌دىرلە‌يمە‌ن.‏

شۇ كۈنلە‌ردە مىللە‌تچىلىك ئە‌ۋجىگە چىققان ئىدى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىز تېننېسسى شتاتىدىكى بىر كىچىك شە‌ھە‌رگە سە‌پە‌ر قىلغاندا،‏ كۇ-‏كلۇ‌كىس-‏كلان تە‌شكىلاتى نامايىشقا چىققانلىقىنى كۆردۇ‌ق.‏ يە‌نە بىر كۈنى خىزمە‌تتە يۈرگە‌ندە،‏ تېز تاماق يە‌ۋالايلى،‏ دە‌پ ئاشخانىغا كىردۇ‌ق.‏ مە‌ن ھاجە‌تخانىغا كىرگە‌ندە،‏ كە‌ينىمدىن يوغان ئاق تە‌نلىك ئە‌ر كىشى كىردى.‏ غە‌زە‌پلە‌نگە‌ن چىرايىدىن ۋە بە‌دىنىگە چېكىلگە‌ن سۈرە‌تلە‌رگە قاراپ،‏ ئۇ‌نىڭ مىللە‌تچى ئىكە‌نلىكىنى چۈشە‌ندىم.‏ بىراق،‏ كېيىن بوي-‏بە‌ستى بۇ كىشىدىنمۇ چوڭ بىر ئاق تە‌نلىك قېرىندىشىمىز كىرىپ:‏ «خيورد قېرىنداش،‏ ھە‌ممە ئىشلار جايدىمۇ؟‏»—‏ دە‌پ سورىدى.‏ ھېلىقى ئە‌ر كىشى ھە‌تتا ھاجە‌تخانىنى ئىشلە‌تمە‌ي،‏ چىقىپ كە‌تتى.‏ شۇ‌نچە يىللار ئۆتۈپ بۇ‌نى چۈشە‌ندىم:‏ مىللە‌تچىلىكنىڭ يىلتىزى —‏ ئادە‌منىڭ ئىرقى ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى بىزدىكى گۇ‌ناھ.‏ قېرىنداشنىڭ ئىرقى قانداق بولسۇ‌ن،‏ ئۇ بە‌رىبىر مېنىڭ قېرىندىشىم ۋە زۆرۈر بولسا،‏ ھە‌تتا مە‌ن ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشقا تە‌ييار.‏

زور بايلىق

رايوندا زىيارە‌ت خىزمىتىدە 12 يىل ۋە دائىرىدە زىيارە‌ت خىزمىتىدە 21 يىل بولدۇ‌ق.‏ بۇ يىللار خۇ‌شاللىق ۋە بە‌رىكە‌تكە تولغان ئىدى.‏ ئە‌مما بىزنى يە‌نە بىر مۇ‌كاپات كۈتۈۋاتاتتى.‏ 1997-‏يىلى ئاۋغۇ‌ستتا ئارزۇ‌يىمىز ئە‌مە‌لگە ئاشتى:‏ بىرىنچى ئىلتىماسنى يازغاندىن 38 يىل ئۆتۈپ،‏ بىز ئاخىرى قوشما شتاتلاردىكى بە‌يتە‌لگە چاقىرىلدۇ‌ق!‏ سېنتە‌بىردە بىز بە‌يتە‌لدە خىزمە‌ت قىلىشنى باشلىدۇ‌ق.‏ مە‌ن مە‌سئۇ‌لىيە‌تلىك قېرىنداشلار مېنى ۋاقىتلىق ياردە‌م بېرىشكە چاقىردى،‏ دە‌پ ئويلىغان ئىدىم.‏ بىراق،‏ ئىشلار مە‌ن ئويلىغاندە‌ك بولمىدى.‏

گلورىيا توي قىلغان چېغىمىزدىكىدە‌ك،‏ ھازىرمۇ مە‌ن ئۈچۈن خۇ‌ددى ئېسىل گۆھە‌ر تاشتە‌ك

مە‌ن خىزمە‌ت بۆلۈمىگە تە‌يىنلە‌ندىم ۋە بۇ يە‌ردە كۆپ نە‌رسىلە‌رنى ئۆگە‌ندىم!‏ ئاقساقاللار كېڭە‌شلىرى ۋە رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقاللار بۇ بۆلۈمگە بە‌ك مۇ‌رە‌ككە‌پ ۋە ئىنچىكە سوئاللارنى ئە‌ۋە‌تە‌تتى.‏ قېرىنداشلارنىڭ ماڭا سە‌ۋرچان بولغانلىقىغا مىننە‌تدارمە‌ن.‏ ئە‌گە‌ر شۇ بۆلۈمدە قايتىدىن خىزمە‌ت قىلسام،‏ شۇ يە‌ردىكى قېرىنداشلاردىن تېخىمۇ كۆپ نە‌رسىلە‌رنى ئۆگىنە‌تتىم.‏

گلورىيا ئىككىمىز بە‌يتە‌لدە خىزمە‌ت قىلىشنى ياخشى كۆرۈمىز.‏ بىز بۇ‌رۇ‌ندىنلا ئە‌تىگە‌ن تۇ‌رۇ‌شقا ئادە‌تلە‌نگە‌ن ھە‌م بۇ بىزگە بە‌يتە‌لدە خىزمە‌ت قىلىشقا ياردە‌م بېرىپ كېلىۋاتىدۇ.‏ بىر يىل ئۆتكە‌ندىن كېيىن،‏ مە‌ن رە‌ھبە‌رلىك كېڭە‌شنىڭ خىزمە‌ت كومىتېتىغا ياردە‌مچى بولۇ‌پ تە‌يىنلە‌ندىم.‏ 1999-‏يىلى بولسا،‏ رە‌ھبە‌رلىك كېڭە‌شنىڭ ئە‌زاسى بولدۇ‌م.‏ بۇ خىزمە‌تتە نۇ‌رغۇ‌ن نە‌رسىلە‌رنى ئۆگە‌ندىم.‏ شۇ‌لارنىڭ ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى —‏ جامائە‌تنىڭ بېشى ئادە‌م ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئە‌يسا مە‌سىھتۇ‌ر.‏

1999-‏يىلدىن باشلاپ رە‌ھبە‌رلىك كېڭە‌شنىڭ ئە‌زاسى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىۋاتىمە‌ن

ھاياتىم ھە‌ققىدە ئويلانغاندا،‏ بە‌زىدە مە‌ن ئۆزۈمنى ئاموس پە‌يغە‌مبە‌رگە ئوخشاش ھېس قىلىمە‌ن.‏ يە‌ھۋا بۇ كە‌متە‌ر كىشىنى بايقىغان ئىدى.‏ ئاموس گادايلار يېگە‌ن ياۋايى ئە‌نجۈر دە‌رىخىنىڭ مېۋىسىنى ئۆستۈرگە‌ن،‏ بىراق يە‌ھۋا ئۇ‌نى پە‌يغە‌مبە‌رلىككە تاللاپ،‏ ئۇ‌نىڭغا بە‌رىكە‌ت بە‌رگە‌ن ئىدى (‏ئاموس 7:‏14،‏ 15‏)‏.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ يە‌ھۋا مە‌ندە‌ك بىر گاداي دېھقاننىڭ ئوغلىغا نە‌زە‌ر سېلىپ،‏ ئۆزىنىڭ زور بە‌رىكە‌تلىرىگە ئېرىشتۈردى.‏ شۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسىنى تىلغا ئالسام،‏ ھە‌قىقە‌تە‌ن بە‌كمۇ كۆپ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 10:‏22‏)‏.‏ گە‌رچە مە‌ن گاداي ئائىلىدە تۇ‌غۇ‌لۇ‌پ ئۆسكە‌ن بولساممۇ،‏ كېيىن تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلغۇ‌سىز زور بايلىققا ئىگە بولدۇ‌م!‏