مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

22-‏تە‌تقىق ماقالىسى

تە‌تقىق قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرە‌يلى

تە‌تقىق قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرە‌يلى

‏«نېمە بە‌كرە‌ك مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكىنى پە‌رقلە‌ندۇ‌رۇ‌پ».‏‏—‏فىلىپى.‏ 1:‏10‏.‏

37-‏ناخشا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب —‏ خۇ‌دانىڭ ئىلھامى بىلە‌ن يېزىلغان

بۇ ماقالىدە a

1.‏ نېمە ئۈچۈن بە‌زىلە‌رنىڭ تە‌تقىق قىلغۇ‌سى كە‌لمە‌يدۇ؟‏

 بۈگۈنكى كۈندە جان بېقىش ئاسان ئە‌مە‌س.‏ كۆپ قېرىنداشلىرىمىز ئائىلىسىنى بېقىش ئۈچۈن كۆپ ئىشلە‌يدۇ.‏ نۇ‌رغۇ‌نلىغان قېرىنداشلارنىڭ ئىشقا بېرىپ-‏كېلىشى ئۈچۈن كۆپ ۋاقتى كېتىدۇ.‏ كۆپلىرى كۈن كە‌چۈرۈش ئۈچۈن تە‌ر تۆكۈپ ئېغىر ئىش قىلىدۇ.‏ كۈن كە‌چ بولغاندا،‏ ئۇ‌لار ھېرىپ ھالىدىن كېتىدۇ،‏ شۇ‌ڭا تە‌تقىق قىلغۇ‌سى كە‌لمە‌يدۇ.‏

2.‏ سىز قايسى ۋاقىتتا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ۋە ماتېرىياللارنى ئوقۇ‌پ تە‌تقىق قىلىسىز؟‏

2 مە‌يلى ئە‌ھۋالىمىز قانداقلا بولمىسۇ‌ن،‏ خۇ‌دانىڭ سۆزىنى ۋە ئۇ‌نىڭغا ئاساسلانغان ماتېرىياللارنى ئوقۇ‌ش ۋە ئۆگىنىش ئۈچۈن ۋاقىت تېپىشىمىز كېرە‌ك‏.‏ بۇ‌نداق قىلماي تۇ‌رۇ‌پ،‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا يېقىنلىشىش ۋە مە‌ڭگۈ ھاياتقا ئېرىشىش مۇ‌مكىن ئە‌مە‌س (‏1-‏تىموت.‏ 4:‏15،‏ 16‏)‏.‏ بە‌زى قېرىنداشلار شە‌خسىي ئۆگىنىشنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تاڭ سە‌ھە‌ردە تۇ‌رىدۇ،‏ مە‌لۇ‌ماتنى ياخشى ئە‌ستە ساقلىيالايدىغان ياكى ئۆيدىكىلە‌ر ئۇ‌خلاۋاتقان تىنچ ۋاقىتتىن پايدىلىنىدۇ.‏ بە‌زىلە‌ر تىنچ مۇ‌ھىتتا،‏ زېھنى ئوچۇ‌ق ۋاقىتتا شە‌خسىي ئۆگىنىشنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن سە‌ھە‌ر تۇ‌رىدۇ.‏ باشقىلار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ۋە ماتېرىياللارنى ئوقۇ‌پ،‏ چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش ئۈچۈن ئۇ‌خلاشتىن ئاۋۋال بىراز ۋاقىت چىقىرىدۇ.‏

3،‏ 4.‏ بېسىپ چىقىرىلىدىغان ۋە تور بېكە‌تتە چىقىدىغان مە‌لۇ‌ماتلارنىڭ سانى قانچە ۋە نېمە ئۈچۈن قىسقارتىلدى؟‏

3 ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئىزدىنىش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىش بە‌ك مۇ‌ھىم.‏ لېكىن،‏ بىز نېمىنى ئۆگىنىشىمىز كېرە‌ك؟‏ «ئوقۇ‌يدىغان مە‌لۇ‌ماتلار چاچتىن تولا،‏ ھە‌ممىسىنى ئوقۇ‌پ بولۇ‌ش مۇ‌مكىن ئە‌مە‌سقۇ؟‏»،‏—‏ دە‌پ ئويلايدىغانسىز.‏ بە‌زىلىرى تور بېكىتىمىز ۋە JW ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيىسىدە چىقىدىغان ھە‌ممە مە‌لۇ‌ماتنى ئوقۇ‌شقا ھە‌م كۆرۈشكە ئۈلگە‌رسىمۇ،‏ بۇ ھە‌ربىر قېرىنداشنىڭ قولىدىن كە‌لمە‌يدۇ.‏ يېتە‌كچى كېڭە‌ش بۇ‌نى چۈشىنىدۇ.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ يېقىندا بېسىپ چىقىرىلىدىغان ۋە توربە‌تتە چىقىدىغان مە‌لۇ‌ماتلارنىڭ سانىنى قىسقارتىش قارار قىلىندى.‏

4 مە‌سىلە‌ن،‏ ®jw.org تور بېكىتىدە ۋە JW ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيىسىدىكى ئايلىق پروگراممىلاردا ئىلھاملاندۇ‌رىدىغان ۋە‌قە‌لە‌ر چىقىپ تۇ‌رغانلىقتىن،‏ «يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ يىلنامىسى» نە‌شىر قىلىنمايدىغان بولدى.‏ ‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى» ۋە «ئويغىنىش!‏» ژۇ‌رناللىرىنىڭ ئاممىۋىي نە‌شىرى يىلىغا پە‌قە‌ت ئۈچ قېتىم چىقىدىغان بولدى.‏ بۇ ئۆزگىرىشلە‌ر باشقا ئىشلار بىلە‌ن شۇ‌غۇ‌للىنىشىمىز ئۈچۈن ئە‌مە‌س،‏ مۇ‌ھىمىراق نە‌رسىلە‌رگە ۋاقىت چىقىرىشىمىز ئۈچۈن قىلىنغان (‏فىلىپى.‏ 1:‏10‏)‏.‏ كېلىڭلار،‏ نېمىنىڭ مۇ‌ھىمىراق ئىكە‌نلىكىنى قانداق ئېنىقلاشقا ۋە ئىزدىنىشتىن قانداق كۆپرە‌ك پايدا ئېلىشقا بولىدىغانلىقىنى كۆرە‌يلى.‏

نېمە بە‌كرە‌ك مۇ‌ھىمراق ئىكە‌نلىكىنى پە‌رقلە‌ندۇ‌رۇ‌ڭ

5،‏ 6.‏ بىز قايسى ماتېرىياللارنى ئوقۇ‌پ تە‌تقىق قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

5 بىرىنچى نۆۋە‌تتە بىز نېمىنى ئوقۇ‌پ تە‌تقىق قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ خۇ‌دانىڭ سۆزى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى.‏ ئوقۇ‌ۋاتقان نە‌رسىلە‌ر ئۈستىدە چوڭقۇ‌ر ئويلاشقا ۋە قوشۇ‌مچە مە‌لۇ‌ماتلارنى ئوقۇ‌شقا كۆپرە‌ك ۋاقىت بۆلە‌لىشىمىز ئۈچۈن،‏ ھە‌ر ھە‌پتە ئارلىقىدا ئوقۇ‌لىدىغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۈزۈندىسى قىسقاردى.‏ بىزنىڭ مە‌قسىتىمىز پە‌قە‌ت ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌پ قويۇ‌ش ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى سۆزلە‌رنىڭ يۈرىكىمىزگە تە‌سىر قىلىشىغا يول قويۇ‌ش ۋە يە‌ھۋا خۇ‌داغا يېقىنلىشىش.‏—‏زە‌بۇ‌ر 19:‏14‏.‏

6 بىز يە‌نە نېمىنى ئوقۇ‌پ تە‌تقىق قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بىز «كۈزىتىش مۇ‌نارى» تە‌تقىقى ۋە ھە‌پتە ئارلىقىدىكى جامائە‌تتە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىشكە تە‌ييارلىنىشىمىز لازىم.‏ شۇ‌نداقلا بىز «كۈزىتىش مۇ‌نارى» ۋە «ئويغىنىش!‏» ژۇ‌رناللىرىنىڭ ھە‌ربىر سانىنى ئوقۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏

7.‏ تور بېكىتىمىزدىكى مە‌لۇ‌ماتلارنىڭ ھە‌ممىسىنى ئوقۇ‌شقا ۋە كۆرۈشكە ۋاقىت تېپىش قىيىن بولسا،‏ نېمە ئۈچۈن ئە‌نسىرىمە‌سلىكىمىز كېرە‌ك؟‏

7 بە‌لكىم،‏ سىز:‏ «شۇ‌نداق،‏ بۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسىنى ئوقۇ‌يمە‌ن،‏ بىراق تور بېكىتىمىزدىكى ۋە JW ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيىسىدىكى مە‌لۇ‌ماتلارنىڭ ھە‌ممىسىنى ئوقۇ‌شقا ۋە كۆرۈشكە ۋاقىتنى نە‌دىن تاپىمە‌ن؟‏»—‏ دە‌يدىغانسىز.‏ سىزنى رېستورانغا كە‌لدىڭىز دە‌يلى.‏ داستىخاندا ھە‌رخىل تاماق،‏ يېمە‌ك-‏ئىچمە‌كلە‌ر بار،‏ بىراق سىز ھە‌ممىسىنىڭ تە‌مىنى تېتىپ كۆرە‌لمە‌يسىز.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ سىز تاماقنىڭ پە‌قە‌ت بىرنە‌چچىسىنى تاللايسىز.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ تور بېكىتىمىزدىكى مە‌لۇ‌ماتلارنىڭ ھە‌ممىسىنى ئوقۇ‌شقا ۋە كۆرۈشكە ۋاقىت تېپىش قىيىن بولسا ئە‌نسىرىمە‌ڭ.‏ چامىڭىز يە‌تكۈچە ئوقۇ‌شقا ۋە كۆرۈشكە تىرىشىڭ.‏ ھازىر شە‌خسىي ئۆگىنىشنى قانداق ئۆتكۈزۈشكە بولىدىغانلىقىنى ۋە ئىزدىنىشتىن كۆپرە‌ك پايدا ئېلىش ئۈچۈن نېمە قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

تە‌تقىق قىلىپ ئىزدىنىش —‏ ئە‌جىر-‏مېھنە‌ت قىلىش دېمە‌كتۇ‌ر

8.‏ «كۈزىتىش مۇ‌نارى» تە‌تقىقىغا قانداق تە‌ييارلىق قىلىشقا بولىدۇ؟‏ شۇ‌نداق ئۇ‌سۇ‌ل نېمە ئۈچۈن پايدىلىق؟‏

8 ئىزدىنىش دېگىنىمىز مە‌لۇ‌ماتنى دىققە‌ت قويۇ‌پ ۋە مە‌قسە‌ت بىلە‌ن ئوقۇ‌ش.‏ لېكىن،‏ بۇ تېكستنى پە‌قە‌ت بىر قاراپ چىقىشنى ياكى جاۋابلارنىڭ ئاستىغا سىزىپ قويۇ‌شنىلا بىلدۈرمە‌يدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ «كۈزىتىش مۇ‌نارى» تە‌تقىقىغا تە‌ييارلىق قىلغاندا،‏ ئە‌ڭ ئاۋۋال «بۇ ماقالىدە» دېگە‌ن يە‌رگە قاراڭ.‏ ئاندىن ماقالىنىڭ ماۋزۇ‌سىغا،‏ كىچىك ماۋزۇ‌لارغا ۋە تە‌كرارلاش سوئاللىرىغا دىققە‌ت قارىتىڭ.‏ كېيىن،‏ ماقالىنى ئالدىرىماي،‏ دىققە‌ت بىلە‌ن ئوقۇ‌ڭ.‏ ئاساسىي ئوي-‏پىكىرلە‌رگە دىققە‌ت ئاغدۇ‌رۇ‌ڭ.‏ ئادە‌تتە ئۇ‌لار ئابزاسنىڭ بىرىنچى جۈملىسىدە يېزىلىدۇ.‏ شۇ مە‌سىلە‌ن ئابزاستىن قايسى ئوي-‏پىكىر مۇ‌ھاكىمە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىشكە بولىدۇ.‏ ماقالىنى ئوقۇ‌ۋاتقاندا،‏ ھە‌ربىر ئابزاسنىڭ كىچىك ماۋزۇ ۋە ماقالىنىڭ باش تېمىسى بىلە‌ن قانداق باغلىنىشى بارلىقىنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭ.‏ چوڭقۇ‌رراق چۈشىنىشنى خالايدىغان ناتونۇ‌ش سۆزلە‌رنى ۋە ئوي-‏پىكىرلە‌رنى يېزىۋېلىڭ.‏

9.‏ (‏1)‏ نېمە ئۈچۈن «كۈزىتىش مۇ‌نارى» تە‌تقىقى قىلغاندا،‏ ئايە‌تلە‌رگە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز مۇ‌ھىم ۋە بۇ‌نى قانداق قىلالايمىز؟‏ (‏2)‏ يە‌شۇ‌ئا 1:‏8-‏ئايە‌تتە يېزىلغاندە‌ك،‏ ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌شتىن باشقا يە‌نە نېمە قىلىشىمىز مۇ‌ھىم؟‏

9 «كۈزىتىش مۇ‌نارى» تە‌تقىقىنىڭ مە‌قسىتى —‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى چۈشىنىش.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ بىز ئايە‌تلە‌رگە،‏ بولۇ‌پمۇ يىغىلىشتا ئوقۇ‌لىدىغان ئايە‌تلە‌رگە،‏ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز مۇ‌ھىم.‏ ئايە‌تتىكى ئاچقۇ‌چلۇ‌ق سۆز-‏ئىبارىلە‌ر ئابزاستىكى ئاساسىي ئوي-‏پىكىرنى قانداق تە‌كىتلە‌يدىغانلىقىنى بايقاشقا تىرىشىڭ.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئايە‌تلە‌ر ئۈستىدە ۋە ئۇ‌لارنى ھاياتىڭىزدا قانداق قوللىنىشقا بولىدىغانلىقى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىشقا ۋاقىت بۆلۈڭ.‏—‏يە‌شۇ‌ئا 1:‏8-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

ئاتا-‏ئانىلار،‏ بالىلىرىڭلارنى تە‌تقىق قىلىشقا ئۆگىتىڭلار (‏10-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ d

10.‏ ئىبرانىيلار 5:‏14-‏ئايە‌تكە ئاساسە‌ن،‏ ئاتا-‏ئانىلار ئائىلىۋى ئىبادە‌تتە نېمە ئۈچۈن بالىلىرىغا تە‌تقىق قىلىشنى ۋە ئىزدىنىشنى ئۆگىتىشى كېرە‌ك؟‏

10 ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئاتا-‏ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئائىلىۋى ئىبادە‌تنى تاقە‌تسىزلىك بىلە‌ن كۈتۈپ،‏ ئۇ‌نىڭغا خۇ‌شاللىق بىلە‌ن قاتنىشىشىنى خالايدۇ.‏ گە‌رچە ئاتا-‏ئانىلار بالىلىرى بىلە‌ن نېمە توغرىسىدا سۆزلىشىدىغانلىقىنى ئالدىن-‏ئالا تە‌ييارلىسىمۇ،‏ ھە‌ر ھە‌پتە ئالاھىدە بىر نە‌رسە ئويلاپ چىقىرىشنىڭ ھاجىتى يوق.‏ ئائىلىۋى ئىبادە‌تتە JW ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيىسىدىكى ھە‌ر ئايدا چىقىدىغان پروگراممىنى كۆرۈشكە ياكى بە‌زىدە نۇ‌ھنىڭ كېمىسىنى دوراپ مودېل ياساشتە‌ك قىزىقارلىق ئىشلارنى قىلىشقا بولىدۇ.‏ لېكىن،‏ بالىلار تە‌تقىق قىلىشنىمۇ ئۆگىنىشى كېرە‌ك.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌لار جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا تە‌ييارلىق قىلىشنى ياكى مە‌كتە‌پتىكى قىيىنچىلىقلارنى ھە‌ل قىلىشقا ياردە‌م بېرىدىغان مە‌لۇ‌ماتنى تېپىشنى ئۆگىنىشى لازىم ‏(‏ئىبرانىيلار 5:‏14-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌گە‌ر ئۇ‌لار ئۆيدە ئوقۇ‌پ تە‌تقىق قىلىشقا ۋاقىت چىقارسا،‏ ھە‌تتا يىغىلىشلاردا ۋە چوڭ يىغىلىشلاردا فىلىملە‌ر كۆرسىتىلمىگە‌ندىمۇ،‏ زە‌ن قويۇ‌پ تىڭشاشقا ئاسان بولىدۇ.‏ ئائىلىۋى ئىبادە‌تنىڭ قانچە ئۇ‌زاق ۋاقىت ئۆتكۈزۈش بالىلارنىڭ يېشىغا ۋە مىجە‌ز-‏خۇ‌لقىغا باغلىق.‏

11.‏ نېمە سە‌ۋە‌بتىن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان ئادە‌ملە‌رگىمۇ تە‌تقىق قىلىشنى ئۆگىتىشىمىز مۇ‌ھىم؟‏

11 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان ئادە‌ملە‌رگىمۇ تە‌تقىق قىلىشنى ئۆگىتىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئۆگىنىشنى يېڭىدىن باشلىغاندا،‏ ئۇ‌لار جاۋابلارنىڭ ئاستىغا سىزىپ قويسا،‏ بۇ بىزنى خۇ‌شال قىلىدۇ.‏ بىراق،‏ بىز ئۇ‌لارنى ئىزدىنىش ۋە سۈپە‌تلىك شە‌خسىي ئۆگىنىش ئۆتكۈزۈشكە ئۆگىتىشىمىز كېرە‌ك.‏ قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ ئۇ‌لار دە‌رھال جامائە‌تتىكى قېرىنداشلاردىن نېمە قىلىشنى سورىماي،‏ بە‌لكى كېرە‌ك مە‌لۇ‌ماتنى ئۆزلىرى ماتېرىياللىرىمىزدىن تاپالايدىغان بولىدۇ.‏

مە‌قسە‌ت قويۇ‌ڭ

12.‏ نېمە مە‌قسە‌تتە ئىزدىنىش قىلىمىز؟‏

12 ئە‌گە‌ر سىز كىتاب ئوقۇ‌شنى ياخشى كۆرمە‌يدىغان بولسىڭىز،‏ ئىزدىنىپ تە‌تقىق قىلىش ئاڭلىماققا قۇ‌لاققا تېخىمۇ خوش ياقمايدۇ.‏ ئە‌مما،‏ دە‌سلە‌پتە ئازراق ۋاقىت سە‌رپ قىلىپ،‏ كېيىن ۋاقىت ئۆتكە‌نسېرى ئاستا-‏ئاستا بۇ ۋاقىتنى ئۇ‌زارتسىڭىز بولىدۇ.‏ ئۆگىنىشىڭىزنىڭ مە‌قسىتىنى ئە‌ستىن چىقارماڭ.‏ ئە‌ڭ مۇ‌ھىم مە‌قسىتىڭىز —‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا تېخىمۇ يېقىنلىشىش.‏ باشقا مە‌قسە‌تلە‌رنى قويسىڭىزمۇ بولىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بە‌زىدە قىيىنچىلىقىڭىزنى ھە‌ل قىلىش ئۈچۈن ياكى كىمدۇ بىرسى قويغان سوئالنىڭ جاۋابىنى تېپىش ئۈچۈن مە‌لۇ‌ماتلارنى ئىزدىشىمىزگە توغرا كېلىدىغاندۇ.‏

13.‏ (‏1)‏ ياشلار مە‌كتە‌پتە ھە‌قىقە‌تنى قانداق قوغدىيالايدۇ؟‏ (‏2)‏ كولوسىلىقلار 4:‏6-‏ئايە‌تتىكى سۆزلە‌رنى قانداق قوللانسىڭىز بولىدۇ؟‏

13 بە‌لكىم،‏ سىز مە‌كتە‌پتە ئوقۇ‌ۋاتقانسىز.‏ سىنىپداشلىرىڭىز دۆلە‌ت شېئىرىنى ئورۇ‌نلىمىغانلىقىڭىز ئۈچۈن سىزنى زاڭلىق قىلىشى ياكى بېسىم قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ سىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئاساسىدا ئۆز كۆز قارىشىڭىزنى چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىشنى خالايسىز،‏ بىراق ئوي-‏پىكىرلىرىمنى توغرا يە‌تكۈزە‌لمە‌يمە‌ن،‏ دە‌پ غە‌م-‏ئە‌ندىشە قىلىدىغانسىز.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ بۇ ماۋزۇ ھە‌ققىدە ئىزدىنىڭ.‏ ئىككى مە‌قسە‌ت قويسىڭىز بولىدۇ:‏ (‏1)‏ بۇ دۇ‌نياغا مە‌نسۇ‌پ ئە‌مە‌سلىكىڭىزنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئېتىقادىڭىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌ش ۋە (‏2)‏ ئۆزىڭىزنىڭ ھە‌قىقە‌تنى قوغداش قابىلىيىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئۆگىنىش (‏يۇ‌ھاننا 17:‏16؛‏ 1-‏پېتر.‏ 3:‏15‏)‏.‏ ئۆزىڭىزدىن:‏ «سىنىپداشلىرىم نېمە سە‌ۋە‌بتىن دۆلە‌ت شېئىرىنى ئورۇ‌نلايدۇ؟‏» دە‌پ سورىسىڭىز بولىدۇ.‏ ئاندىن ماتېرىياللارنى ئىشلىتىپ،‏ بۇ‌نى پۇ‌ختا تە‌تقىق قىلىڭ.‏ ئۆز كۆز قارىشىڭىزنى قوغداش سىز ئويلىغاندە‌ك قىيىن بولماسلىقى مۇ‌مكىن.‏ كۆپچىلىك نام-‏ئابرويلۇ‌ق كىشىنىڭ سۆزىگە قۇ‌لاق سالغاچ،‏ دۆلە‌ت شېئىرنى ئورۇ‌نلايدۇ.‏ ھە‌قىقە‌تنى ئىزدە‌ۋاتقان ئادە‌م ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان بىر-‏ئىككى دە‌لىل-‏ئىسپاتنىڭ ئۆزى يېتە‌رلىك بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏—‏كولوسىلىقلار 4:‏6-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

قىزىقىشنى كۈچە‌يتىڭ

14—‏16.‏ (‏1)‏ ئانچە ياخشى بىلمە‌يدىغان كىتابلارنى بىلىشكە نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ (‏2)‏ 16-‏ئابزاسنىڭ ئاخىرىدا كە‌لتۈرۈلگە‌ن ئايە‌تلە‌ر ئاموس كىتابىنى ياخشىراق چۈشىنىشكە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ (‏«‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب قە‌ھرىمانلىرىنى كۆز ئالدىڭىزغا كە‌لتۈرۈڭ‏» دېگە‌ن رامكىغا قاراڭ)‏

14 مە‌سىلە‌ن،‏ كېلە‌ركى يىغىلىشتا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ بىر قىسىمى بولغان ھوشىيادىن مالاكىغىچە بولغان قىسقا يازمىلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى ئوقۇ‌لىدۇ،‏ دە‌يلى.‏ بىراق،‏ سىز بۇ كىتابلارنى ئانچە ياخشى بىلمە‌يسىز.‏ ئاۋۋال شۇ پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ سۆزلىرىگە بولغان قىزىقىشىڭىزنى كۈچە‌يتىڭ.‏ بۇ‌نى قانداق قىلسىڭىز بولىدۇ؟‏

15 بىرىنچىدىن،‏ ئۆزىڭىزدىن مۇ‌نداق دە‌پ سوراڭ:‏ «بۇ كىتابنىڭ يازغۇ‌چىسى توغرۇ‌لۇ‌ق مە‌ن نېمىنى بىلىمە‌ن؟‏ ئۇ كىم؟‏ قە‌يە‌ردە ياشىغان ۋە نېمە ئىش قىلغان؟‏» يازغۇ‌چىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن،‏ ئۇ‌نىڭ نېمە ئۈچۈن بە‌زى سۆز-‏ئىبارە ياكى مىساللارنى تاللاپ ئىشلە‌تكە‌نلىكىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌غاندا،‏ يازغۇ‌چىنىڭ مېجە‌ز-‏خۇ‌لقىنى كۆرسىتىدىغان سۆز-‏ئىبارىلە‌رنى بايقاشقا تىرىشىڭ.‏

16 ئىككىنچىدىن،‏ كىتابنىڭ يېزىلغان ۋاقتىنى بىلىۋېلىڭ.‏ بۇ‌نى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ «يېڭى دۇ‌نيا تە‌رجىمىسى»نىڭ ئاخىرىدىكى «مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌شكىل قىلغان يازمىلارنىڭ تىزىملىكى» ناملىق جە‌دۋە‌لدىن تاپالايسىز.‏ b شۇ‌نىڭ بىلە‌ن ئا قوشۇ‌مچە مە‌لۇ‌مات،‏ 3-‏بۆلۈمدىكى پە‌يغە‌مبە‌رلە‌ر ۋە پادىشاھلارنىڭ تىزىمىنى كۆرۈپ چىقسىڭىز بولىدۇ.‏ سىز پە‌يغە‌مبە‌رلىكلە‌ر خاتىرلە‌نگە‌ن كىتابنى ئوقۇ‌ۋاتقانلىقتىن،‏ بۇ كىتاب يېزىلغان ۋاقىتتا خە‌لقنىڭ تۇ‌رمۇ‌شى قانداق بولغانلىقىنى بىلىۋالسىڭىز ياخشى بولىدۇ.‏ پە‌يغە‌مبە‌ر خە‌لقنىڭ قانداق ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن ئە‌ۋە‌تىلگە‌ن؟‏ كىملە‌ر ئۇ‌نىڭ زامانداشلىرى بولغان؟‏ شۇ ۋاقىتتىكى ئە‌ھۋالنى تولۇ‌ق چۈشىنىش ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى باشقا كىتابلارنى ئوقالايسىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئاموس پە‌يغە‌مبە‌ر ياشىغان زاماندىكى ئە‌ھۋالنى ياخشىراق چۈشىنىش ئۈچۈن ئاموس 1-‏باب 1-‏ئايە‌تتە كە‌لتۈرۈلگە‌ن باغلىنىشلىق ئايە‌تلە‌رنى c‏،‏ 2-‏پادىشاھلار ۋە تارىخنامە 2-‏يازمىدىكى ئۈزۈندىلە‌ر بىلە‌ن بىرگە ئوقۇ‌ڭ.‏ ھوشىيا كىتابىنى قاراپ چىقىشمۇ پايدىلىق،‏ چۈنكى بۇ پە‌يغە‌مبە‌ر ئېھتىمال ئاموسنىڭ زاماندىشى بولغان.‏ بۇ قوشۇ‌مچە مە‌لۇ‌ماتلارنىڭ ھە‌ممىسى ئاموسنىڭ ۋاقتىدا نېمە بولغانلىقىنى چۈشىنىشكە ياردە‌م بېرىدۇ.‏—‏2-‏پادىشاھ.‏ 14:‏25–‏28؛‏ 2-‏تارىخ.‏ 26:‏1–‏15؛‏ ھوشىيا 1:‏1–‏11؛‏ ئاموس 1:‏1‏.‏

تە‌پسىلاتلارغا دىققە‌ت قىلىڭ

17،‏ 18.‏ ئابزاسلاردىكى مىسالنى ياكى ئۆز مىسالىڭىزنى ئېيتىپ،‏ بە‌زى تە‌پسىلاتلارغا دىققە‌ت قىلىپ ئوقۇ‌پ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىشنىڭ بە‌كمۇ قىزقارلىق بولىدىغانلىقى ھە‌ققىدە چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىڭ.‏

17 بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى قىزىقىش بىلە‌ن كۆپرە‌ك بىلىم ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ سىز زە‌كە‌رىيا كىتابىنىڭ 12-‏بابىنى ئوقۇ‌ۋاتىسىز،‏ دە‌يلى.‏ ئۇ يە‌ردە مە‌سىھنىڭ قانداق ئۆلىدىغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق يېزىلغان (‏زە‌كە‌رىيا 12:‏10‏)‏.‏ 12-‏ئايە‌تتە «ناتان جە‌مە‌تى»،‏ يە‌نى ناتاننىڭ ئائىلىسى مە‌سىھنىڭ ئۆلۈمىگە زار يىغلاپ قايغۇ‌رىدىغانلىقىنى ئوقۇ‌يسىز.‏ بۇ تە‌پسىلاتقا كۆڭۈل بۆلمە‌ي،‏ تېز ئوقۇ‌پ چىقىشنىڭ ئورنىغا،‏ توختاپ،‏ مۇ‌شۇ سوئاللار ھە‌ققىدە ئويلىنىپ بېقىڭ:‏ «ناتاننىڭ ئائىلىسى بىلە‌ن مە‌سىھنىڭ ئارىسىدا قانداق باغلىنىش بار؟‏ بۇ ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك مە‌لۇ‌ماتنى قە‌يە‌ردىن تاپالايمە‌ن؟‏»—‏،‏ دە‌پ سوئال قويۇ‌پ ئىزدىنىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.‏ باغلىنىشلىق ئايە‌تلە‌ردە،‏ 2-‏سامۇ‌ئىل 5:‏13،‏ 14-‏ئايە‌تلە‌ر كە‌لتۈرۈلگە‌ن.‏ شۇ ئايە‌تلە‌ردە ناتان داۋۇ‌ت پادىشاھنىڭ ئوغلى ئىكە‌نلىكىنى بىلىمىز.‏ كە‌لتۈرۈلگە‌ن يە‌نە بىر ئايە‌ت،‏ لۇ‌قا 3:‏23،‏ 31-‏ئايە‌تلە‌ردىن‏،‏ ئە‌يسانىڭ ئانىسى مە‌ريە‌م ناتاننىڭ ئە‌ۋلادىدىن چىققانلىقىنى كۆرىسىز (‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 2017-‏يىل،‏ ئاۋغۇ‌ست،‏ 32-‏ب.‏،‏ 4-‏ئابز.‏)‏.‏ بۇ قىزىقارلىق ئە‌مە‌سمۇ؟‏ سىز مە‌سىھنىڭ داۋۇ‌ت پادىشاھنىڭ ئە‌ۋلادىدىن چىقىدىغانلىقىنى بىلگە‌ن ئېدىڭىز (‏مە‌تتا 22:‏42‏)‏.‏ لېكىن،‏ داۋۇ‌تنىڭ 20دىن ئوشۇ‌ق ئوغلى بولغان.‏ زە‌كە‌رىيا ناتاننىڭ ئائىلىسى ئە‌يسانىڭ ئۆلۈمىگە زار يىغلاپ قايغۇ‌رىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغانلىقى ھە‌يران قالارلىق ئە‌مە‌سمۇ؟‏

18 يە‌نە بىر مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ لۇ‌قا كىتابىنىڭ بىرىنچى بابىدا جە‌برائىل پە‌رىشتە تۇ‌غۇ‌لىدىغان ئوغۇ‌ل توغرۇ‌لۇ‌ق مە‌ريە‌مگە مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئۇ ئۇ‌لۇ‌غ بولىدۇ ۋە ئە‌ڭ ئۇ‌لۇ‌غ بولغۇ‌چىنىڭ ئوغلى دە‌پ ئاتىلىدۇ ۋە يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۇ‌نىڭغا ئاتىسى داۋۇ‌تنىڭ تە‌ختىنى بېرىدۇ.‏ ئۇ ياقۇ‌پنىڭ جە‌مە‌تى ئۈستىدىن مە‌ڭگۈگە پادىشاھلىق قىلىدۇ ۋە ئۇ‌نىڭ پادىشاھلىقىنىڭ چېكى بولمايدۇ» (‏لۇ‌قا 1:‏32،‏ 33‏)‏.‏ ئادە‌تتە،‏ بىز جە‌برائىل ئېيتقان خە‌ۋە‌رنىڭ ئە‌يسا «ئە‌ڭ ئۇ‌لۇ‌غ بولغۇ‌چىنىڭ ئوغلى دە‌پ ئاتىلىدۇ» دېگە‌ن بىرىنچى قىسىمىغىلا دىققە‌ت ئاغدۇ‌رىمىز.‏ لېكىن،‏ جە‌برائىل ئە‌يسا توغرۇ‌لۇ‌ق «پادىشاھلىق قىلىدۇ» دە‌پمۇ بېشارە‌ت ئېيتقان.‏ مە‌ريە‌م جە‌برائىلنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندا،‏ قانداق ئويدا بولغان؟‏ ئە‌يسا ھىرود پادىشاھنىڭ ياكى ئۇ‌نىڭدىن كېيىن تە‌ختكە ئولتىرىدىغان كىشىنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولىدۇ،‏ دە‌پ ئويلىغانمۇ؟‏ ئە‌گە‌ر ئە‌يسا تە‌ختكە ئولتۇ‌رسا،‏ مە‌ريە‌م پادىشاھنىڭ ئانىسى سۈپىتىدە ئىززە‌ت-‏ئابرويغا ئېرىشىپ،‏ پادىشاھ سارىيىدا ياشىيالايتتى.‏ لېكىن،‏ مە‌ريە‌منىڭ شۇ‌نداق ئويلىشى ياكى ئە‌يسانىڭ ئىككى شاگىرتىغا ئوخشاش پادىشاھلىقتا مە‌رتىۋىلىك ئورۇ‌نغا ئىگە بولۇ‌شنى سورىغانلىقى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ھېچ يېرىدە يېزىلمىغان (‏مە‌تتا 20:‏20—‏23‏)‏.‏ بۇ تە‌پسىلات مە‌ريە‌منىڭ قانچىلىك كە‌متە‌ر بولغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ!‏

 19،‏ 20.‏ ياقۇ‌پ 1:‏22—‏25؛‏ 4:‏8-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ ئىزدىنىپ تە‌تقىق قىلغاندا قانداق مە‌قسە‌تلە‌رنى كۆزلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

19 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ۋە ئۇ‌نىڭغا ئاساسلانغان ماتېرىياللارنى تە‌تقىق قىلىشنىڭ ئاساسىي مە‌قسىتى يە‌ھۋا خۇ‌داغا يېقىنلىشىش ئىكە‌نلىكىنى ئۇ‌نتۇ‌مايلى.‏ شۇ‌نداقلا بىز ئۆزىمىزنىڭ قانداق ئادە‌م ئىكە‌نلىكىمىزنى ئېنىقراق كۆرۈپ،‏ خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلىش ئۈچۈن قايسى تە‌رە‌پتىن ئۆزگىرىشىمىز كېرە‌كلىكىنى تونۇ‌پ يېتىشنى خالايمىز ‏(‏ياقۇ‌پ 1:‏22—‏25؛‏ 4:‏8-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئۆگىنىشنى باشلاشتىن ئاۋۋال،‏ ھە‌ردائىم يە‌ھۋادىن مۇ‌قە‌ددە‌س روھ سوراپ،‏ دۇ‌ئا قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئوقۇ‌پ تە‌تقىق قىلغانلىرىمىزدىن تولۇ‌ق پايدىلىنىشمىزغا ۋە بىز ئۇ‌نىڭ كۆز ئالدىدا قانداق ئادە‌م ئىكە‌نلىكىمىزنى چۈشىنىشىمىزگە ياردە‌م بېرىشىنى ئۆتۈنۈپ سوراش مۇ‌ھىم.‏

20 زە‌بۇ‌ر كىتابىدا،‏ خۇ‌دانىڭ سادىق خىزمە‌تچىسى مۇ‌نداق تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن:‏ «ئۇ يە‌ھۋانىڭ قانۇ‌نلىرىدىن سۆيۈنۈپ،‏ كېچە-‏كۈندۈز ئۇ‌نى ئوقۇ‌پ چوڭقۇ‌ر ئويلىنار… .‏ قىلغان ھە‌ممە ئىشلىرى ئوڭۇ‌شلۇ‌ق بولار» (‏زە‌بۇ‌ر 1:‏2،‏ 3‏)‏.‏ كېلىڭلار،‏ ھە‌ربىرىمىز شۇ‌نداق ئادە‌م بولۇ‌شقا ئىنتىلە‌يلى!‏

11-‏ناخشا يە‌ھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇ‌ش قىلىش

a يە‌ھۋا خۇ‌دا بىزگە مول روھىي ئوزۇ‌ق،‏ مە‌سىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان فىلىملە‌ر ۋە باشقا نە‌شىرى ماتېرىياللارنى بېرىدۇ.‏ بۇ ماقالە نېمىنى تە‌تقىق قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى قارار قىلىشقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا ئىزدىنىشنى تېخىمۇ قىزىقارلىق ۋە ئۈنۈملۈك قىلىش ئۈچۈن ئە‌مە‌لىي مە‌سلىھە‌تلە‌رنى تاپالايسىز.‏

b شۇ‌نداقلا سىز jw.org تور بېكىتىدىكى مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردىكى كىتابلارنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش دېگە‌ن فىلىملە‌رنى كۆرسىڭىز بولىدۇ (‏نە‌شىرلە‌ر >‏ فىلىملە‌ر >‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب دېگە‌ن يە‌رگە قاراڭ)‏.‏

c باغلىنىشلىق ئايە‌تلە‌ر «يېڭى دۇ‌نيا تە‌رجىمىسى»نىڭ بە‌ت ئوتتۇ‌رىسىدىكى يۇ‌قىرىدىن تۆۋە‌نگە تىك تارتىلغان قۇ‌ر ئارىسىغا جايلاشقان.‏ بۇ قۇ‌ردا ئوخشاش ئايە‌تلە‌ر كە‌لتۈرۈلگە‌ن.‏ بۇ ئايە‌تلە‌ر «‏®JW Library» پروگراممىسىدا سۆزنىڭ قېشىدىكى كىچىك ھە‌رىپلە‌رنى باسقاندا،‏ ئېكراننىڭ ئوڭ تە‌رە‌پىدە چىقىدۇ.‏

d سۈرە‌تتە:‏ ئاتا-‏ئانىسى بالىلىرىغا «كۈزىتىش مۇ‌نارى» تە‌تقىقىغا تە‌ييارلىق قىلىشنى ئۆگىتىۋاتىدۇ.‏

e سۈرە‌تتە:‏ بۇ‌رادە‌ر ئاموس كىتابىنى ئوقۇ‌پ تە‌تقىق قىلىۋاتىدۇ.‏ ئارقىدىكى رە‌سىملە‌ردە،‏ ئۇ‌نىڭ ئوقۇ‌غانلىرى توغرۇ‌لۇ‌ق مۇ‌لاھىزە قىلغاندا نېمىلە‌رنى كۆز ئالدىغا كە‌لتۈرگە‌نلىكى كۆرسىتىلگە‌ن.‏