20-تەتقىق ماقالىسى
جىنسىي خورلاشقا ئۇچرىغانلارغا تەسەللى بېرىش
«بارچە تەسەللىنىڭ مەنبەسى بولغان خۇدادۇر… . ھەر تۈرلۈك سىناقلارغا دۇچ كەلگەندە، خۇدا بىزگە تەسەللى بېرىدۇ»—2-كورىنت. 1:3، 4.
42-ناخشا ئاجىزلارغا ياردەم بەر
بۇ ماقالىدە a
1، 2. (1) قايسى مىسال ھەممىمىز تەسەللىگە موھتاج ۋە باشقىلارغا تەسەللى بېرەلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ؟ (2) بەزى بالىلار قانداق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان؟
بىز ھەممىمىز تەسەللىگە موھتاج ۋە ھەممىمىزدە باشقىلارغا تەسەللى بېرىدىغان قابىلىيەت بار. مەسىلەن، كىچىك بالا يىقىلىپ تىزىنى يارىلاندۇرۋالسا، ئۇ يىغلاپ ئاپىسىغا ياكى دادىسىغا يۈگرەيدۇ. گەرچە ئاتا-ئانىسى بالىسىنىڭ يارىسىنى دەرھال ساقايتالمىسىمۇ، ئۇنىڭغا تەسەللى بېرەلەيدۇ. ئۇلار نېمە بولغانلىقىنى سورايدۇ، كۆز يېشىنى سۈرتىدۇ، قۇچاقلاپ باغرىغا باسىدۇ ھەم يارىسىنى يۇيۇپ تاڭىدۇ. مانا بالا ئەمدى يىغلىماي، قايتىدىن ئويۇنغا كىرىشىدۇ. ۋاقىت ئۆتۈپ، يارا ئىزمۇ قالمايدۇ.
2 لېكىن، بەزىدە بالىلار بەكمۇ ئېغىر يارىلىنىدۇ. بەزى بالىلار جىنسىي خورلاشقا ئۇچرايدۇ. بالا بىرلا قېتىم ياكى ئۇزۇن يىل داۋاملىق جىنسىي خورلاشقا ئۇچرىشى مۇمكىن. قانداقلا ۋەزىيەتتە بولمىسۇن، قەلبىدە چوڭقۇر يارا ئىزى قالدۇرىدۇ. گايىدا زورلۇق قىلغان ئادەم تۇتۇلۇپ، جازاغا تارتىلىدۇ. بەزىدە جىنايەتچى جازاسىز قالغاندەك كۆرۈنىدۇ. ھەتتا جىنايەتچى دەرھال جازاغا تارتىلسىمۇ، خۇرلاشقا ئۇچرىغان بالا ياش قۇرامىغا يېتىپ چوڭلار قاتارىغا قوشۇلغاندا ھەم قەلبى يارىلانغان بالا چوڭايغاندىمۇ قىينىلىشى مۇمكىن.
3. 2-كورىنتلىقلار 1:3، 4-ئايەتكە ئاساسەن، يەھۋا نېمىنى خالايدۇ ۋە قانداق سوئاللارنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
3 بالىلىق چېغىدا جىنسىي خورلۇققا ئۇچرىغان ئېتىقاددىشىمىزنىڭ قەلبىدىكى يارىسى تېخى ساقايمىسا، ئۇنىڭغا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟ (2-كورىنتلىقلار 1:3، 4-نى ئوقۇڭ). يەھۋانىڭ ئىرادىسى بولسا، ئۆز خىزمەتچىلىرىنى موھتاج بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە غەمخورلۇققا ئېرىشتۈرۈشتۇر. ئۇنداقتا، ئۈچ سوئالنى كۆرۈپ چىقايلى: (1) بالىلىق چېغىدا جىنسىي خورلۇققا ئۇچرىغانلار نېمە ئۈچۈن تەسەللىگە موھتاج؟ (2) ئۇلارغا كىم تەسەللى بېرەلەيدۇ؟ (3) ئۇلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن بىز نېمە قىلالايمىز؟
نېمە ئۈچۈن تەسەللى بېرىشىمىز كېرەك؟
4، 5. (1) نېمە ئۈچۈن بالىلارنىڭ چوڭلارغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئەستە تۇتۇشىمىز كېرەك؟ (2) جىنسىي خورلۇققا ئۇچرىغان بالا باشقىلارغا قانداق قارايدۇ؟
4 بالىلىق چېغىدا جىنسىي خورلۇققا ئۇچرىغانلار ئۇزۇن يىللار ئۆتكەندىن كېيىنمۇ، ئاۋۋالقىدەكلا تەسەللىگە موھتاج. بۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن، بالىلارنىڭ چوڭلارغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئەستە تۇتۇشىمىز كېرەك. جىنسىي خورلۇق بالىلارغا چوڭلارغا قارىغاندا باشقىچە تەسىر قىلىدۇ. بۇنىڭ بىرنەچچە سەۋەبى بار.
5 بالىلار ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغان، غەمخورلۇق قىلىدىغان ئادەملەرنى يېقىن كۆرۈپ، ئۇلارغا ئىشىنىدۇ. بالىلار ئۇلارنى ياخشى كۆرگەن ئادەملەرگە ئىشىنىشنى ئۆگىنىدۇ ۋە ئۆزلىرىنى ھىمايە ئاستىدا بولغاندەك ھېس قىلىدۇ. ئەپسۇسكى، كۆپىنچە ۋەزىيەتلەردە جىنسىي خورلىغۇچى ئۆيدىكىلەر ياكى يېقىن تۇغقانلارنىڭ بىرى، ياكى بولمىسا بالا ياخشى تونۇيدىغان ئادەم بولۇپ چىقىدۇ. ئەگەر بالا ئىشىنىدىغان كىشى ئۇنى جىنسىي خورلىسا، بالىنىڭ ھەتتا كۆپ يىللاردىن كېيىنمۇ باشقىلارغا ئىشىنىشى قىيىن بولىدۇ.
6. بالىنى جىنسىي خورلاش نېمە ئۈچۈن يىرگىنىچلىك قىلمىش؟
6 بالىلار ئاجىز. بالىنى جىنسىي خورلاش — يىرگىنىچلىك قىلمىش. بالىلارنىڭ تېنى ۋە ئاڭ سېزىمى نىكاھ مۇناسىۋىتى ئىچىدە بولىدىغان جىنسىي ئالاقە ئۈچۈن تېخى تەييار ئەمەس. شۇڭا، ئۇلارنى كىچىكىدە جىنسىي ئالاقىگە مەجبۇرلاش ئۇلارغا چوڭ زىيان يەتكۈزىدۇ. جىنسىي خورلۇققا دۇچ كەلگەن بالىنىڭ جىنسىي ئالاقىگە بولغان كۆز قارىشى ياكى ئۆز-ئۆزىگە بولغان كۆز قارىشى بۇرمىلىنىدۇ ۋە باشقىلارغا ئىشەنمەيدۇ.
7. (1) نېمە ئۈچۈن جىنسىي خورلىغۇچىنىڭ بالىنى قولغا چۈشۈرۈشى ئاسان ۋە ئۇ قانداق ھەرىكەت قىلىشى مۇمكىن؟ (2) ئۇنىڭ يالغان سۆزلىرىنىڭ نەتىجىسى قانداق بولۇشى مۇمكىن؟
7 بالىلار چوڭلارغا ئوخشاش، ياخشىنى ياماندىن ئايرىيالمايدۇ، خەتەرلىك ۋەزىيەتنى بايقاپ، ئۇنىڭ ئالدىنى ئالالمايدۇ (1-كورىنت. 13:11). شۇ سەۋەبتىن، جىنسىي خورلىغۇچى بالىنى ئاسانلا قولغا چۈشۈرەلەيدۇ. جىنسىي خورلىغۇچى بالىنى: «بۇنىڭغا ئۆزۈڭ ئەيىبلىك، بۇ بىزنىڭ ئارىمىزدىكى كىچىككىنە سىر، ئېيتىپ بەرسەڭمۇ ساڭا ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ، چوڭلار بىلەن بالىلار ئارىسىدىكى بۇنداق مۇناسىۋەت تەبىئىي مېھىر-مۇھەببەتنى كۆرسىتىدۇ»،— دەپ ئىشەندۈرىدۇ. بۇ سۆزلەرنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن بالىغا كۆپ يىللار كېرەك. جىنسىي خورلانغان بالا ئۆزىنى پاسكىنا، ھېچقاچان ھېچكىم بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولالمايدىغاندەك، باشقىلارنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىگە لايىق ئەمەس دەپ ھېسابلىشى مۇمكىن.
8. يەھۋا يۈرىكى يارىلانغانلارغا تەسەللى بېرىدىغانلىقىغا نېمە ئۈچۈن ئىشەنچ قىلالايمىز؟
8 بالىنى جىنسىي خورلاش نېمە دېگەن رەھىمسىز ۋە ۋەھشىي قىلمىش! بۇ قىلمىش پەيدا قىلغان يۈرەك يارىسى ئۇزاق ۋاقىت ساقايماي، لوقۇلداپ ئاغرىشى مۇمكىن. كەڭ تارقالغان بۇنداق زوراۋانلىق «مېھىر-مۇھەببەتسىز» ۋە «رەزىل ئادەملەر ۋە ئالدامچىلار … بارغانسېرى تېخىمۇ يامانلىشىپ» كېتىدىغان ئاخىرقى كۈنلەردە ياشاۋاتقانلىقىمىزنىڭ ئىسپاتى (2-تىموت. 3:1—5، 13). شەيتاننىڭ ھىيلە-مىكىرلىرى ياۋۇزلۇققا تولغان. بەكمۇ ئەپسۇس، داپقا ئۇسسۇل ئوينىغاندەك، ئادەملەر شەيتاننىڭ قورالى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاۋاتىدۇ. لېكىن، يەھۋا خۇدا شەيتاندىن ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەردىن كۈچلۈكرەك. يەھۋا ئۇنىڭ ھەممە ھىيلە-مىكىرلىرىنى ياخشى بىلىدۇ. يەھۋا خۇدا بىزنىڭ قانداق ئازاب چېكىۋاتقانلىقىمىزنى ياخشى بىلىدىغانلىقىغا ۋە بىزگە كېرەكلىك تەسەللىنى بېرىدىغانلىقىغا گۇمانلانمىساق بولىدۇ. «بارچە تەسەللىنىڭ مەنبەسى بولغان خۇدادۇر. بىز ھەر تۈرلۈك سىناقلارغا دۇچ كەلگەندە، خۇدا بىزگە تەسەللى بېرىدۇ. شۇ ئارقىلىق، بىزمۇ خۇدادىن ئالغان تەسەللى بىلەن ھەر تۈرلۈك سىناقلارغا دۇچ كەلگەنلەرگە تەسەللى بېرەلەيمىز». بىز شۇنداق خۇداغا خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن خۇشال! (2-كورىنت. 1:3، 4). يەھۋا خۇدا كىم ئارقىلىق تەسەللى بېرىدۇ؟
كىم تەسەللى بېرەلەيدۇ؟
9. داۋۇتنىڭ زەبۇر 27:10-ئايەتتىكى سۆزلىرىگە ئاساسەن، ئاتا-ئانىسى تاشلاپ كەتكەنلەرگە يەھۋا خۇدا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
9 بولۇپمۇ ئاتا-ئانىسى جىنسىي خورلاشتىن ھىمايە قىلمىغان ياكى يېقىن كىشىسى جىنسىي خورلىغان كەلگەن ئادەملەر تەسەللىگە موھتاج. داۋۇت پادىشاھ يەھۋا خۇدا ھەرقاچان تەسەللى بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلگەن (زەبۇر 27:10-نى ئوقۇڭ). داۋۇت ئائىلىدە مېھىر-مۇھەببەت كۆرمىگەن ئادەملەر ئۈچۈن يەھۋا خۇدا كۆيۈمچان ئاتا بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن. يەھۋا ئۇلارغا ساداقەتمەن خىزمەتچىلىرى ئارقىلىق تەسەللى بېرىدۇ. جامائەتتىكى قېرىنداشلار بىزنىڭ ئائىلىمىزگە ئوخشاش. بىر قېتىم ئەيسا مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاسماندىكى ئاتامنىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلىسا، شۇ مېنىڭ ئاكا-ئۇكام ۋە ئاچا-سىڭلىم ۋە ئانامدۇر».—مەتتا 12:48—50.
10. ئەلچى پاۋلۇس ئاقساقاللىق ۋەزىپىسىنى قانداق ئورۇندىغان؟
10 جامائىتىمىز قايسى مەنىدە ئائىلىگە ئوخشاش ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئەلچى پاۋلۇسنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. ئۇ ئەمگەكچان ۋە كۆيۈمچان ئاقساقال بولۇپ، ياخشى ئۈلگە قالدۇرغان. ئۇ : «مەن مەسىھنى ئۈلگە قىلغاندەك، سىلەرمۇ مېنى ئۈلگە قىلىڭلار»،— دەپ ئېيتقان (1-كورىنت. 11:1). ئۇنىڭ: «سىلەرگە خۇددى بالىلىرىنى باغرىغا باسقان مۇلايىم ئانىدەك مۇئامىلە قىلدۇق»،— دېگەن سۆزلىرىدىن ئاقساقاللىق ۋەزىپىسىنى قانداق ئورۇندىغانلىقى كۆرۈنىدۇ (1-سالونىكا. 2:7) . بۈگۈنكى كۈندە كۆيۈمچان ۋە غەمخور ئاقساقاللار مۇقەددەس كىتابتىكى مۇلايىم، يېقىملىق سۆزلەر بىلەن موھتاج بولغان قېرىنداشلارغا تەسەللى بېرىدۇ.
11. تەسەللىنى پەقەت ئاقساقاللار ئەمەس، باشقىلارمۇ بېرەلەيدىغانلىقىنى قەيەردىن بىلىمىز؟
11 جىنسىي خورلاشقا ئۇچرىغانلارغا پەقەت ئاقساقاللار تەسەللى بېرىشى كېرەكمۇ؟ ياق، بىر-بىرىمىزگە تەسەللى بېرىش — ھەربىرىمىزنىڭ ۋەزىپىسى (1-سالونىكا. 4:18). روھىي جەھەتتىن يېتىلگەن قېرىنداشلار تەسەللىگە موھتاج بولغانلارغا ئىلھام بېرەلەيدۇ. يەھۋا خۇدا ئۆزىنى بالىسىغا تەسەللى بېرىدىغان ئانا بىلەن سېلىشتۇرىدۇ (يەشايا 66:13). مۇقەددەس كىتابتا روھى چۈشكەنلەرگە تەسەللى بەرگەن كۆپلىگەن ئاياللارنىڭ مىساللىرى بار (ئايۇپ 42:11). بۈگۈنكى كۈندىمۇ يۈرىكى زېدە بولغانلارغا تەسەللى بېرىدىغان قېرىنداشلار كۆپ. بەزى ۋەزىيەتلەردە ئاقساقاللار بىۋاستە روھىي جەھەتتىن يېتىلگەن قېرىنداشلارنى جىنسىي خورلۇققا ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. b
بىز قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟
12. نېمىدىن پەخەس بولۇشىمىز كېرەك؟
12 قېرىنداشقا ياردەم بەرگەن چاغدا، ئۇ ئېيتقۇسى كەلمىگەن نەرسىلەرنى سوراشتىن پەخەس بولۇشىمىز كېرەك (1-سالونىكا. 4:11). ياردەمگە موھتاج بولغانلارنى قانداق قوللاپ-قۇۋۋەتلىسەك بولىدۇ؟ مۇقەددەس كىتابتا ئۇلارغا تەسەللى بېرىشنىڭ بەش ئۇسۇلى يېزىلغان.
13. 1-پادىشاھلار 19:5—8-ئايەتلەردە يېزىلغاندەك، يەھۋانىڭ پەرىشتىسى ئىلياسقا قانداق ياردەم بەرگەن ۋە ئۇنىڭدىن قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟
13 ئەمەلىي ياردەم كۆرسىتىڭ. ئىلياس پەيغەمبەر ئۇنى ئۆلتۈرگىسى كەلگەن ئادەملەردىن قېچىۋاتقاندا، قاتتىق روھى چۈشكەن، ھەتتا ئۆزىگە ئۆلۈم تىلىگەن. يەھۋا خۇدا روھى چۈشكەن پەيغەمبەرگە كۈچلۈك پەرىشتىسىنى ئەۋەتكەن. پەرىشتە ئۇنىڭغا ئەمەلىي ياردەم بەرگەن. ئۇ ئىلياسقا ئىسسىق نان بىلەن سۇ بەرگەن (1-پادىشاھلار 19:5—8-نى ئوقۇڭ). بۇ مىسالدىن مۇھىم نەرسىنى ئۆگىنەلەيمىز: بەزىدە ئاددىي ياردەم ئادەمگە كۆپ پايدا ئەكېلىشى مۇمكىن. مەسىلەن، ئۇنى بىر چىنە چايغا چاقىرىساق، بىر كىچىك سوۋغاتنى بەرسەك ياكى بىر پارچە خەتكە يېقىملىق سۆزلەرنى يېزىپ ئەۋەتسەك، ئۇنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرىمىز. ئادەمنىڭ شەخسىي مەسىلىسى ياكى بولغان ئېغىر ئەھۋالى توغرۇلۇق سۆزلىشىش قىيىن بولسا، ئۇنىڭغا ئەمەلىي ياردەم بەرسەك بولىدۇ.
14. ئىلياس بىلەن بولغان ۋەقەدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟
14 قەلبى ئازار يېگەن قېرىندىشىمىز ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىڭ. ئىلياس بىلەن بولغان ۋەقەدىن يەنە بىر ساۋاق ئالىمىز. يەھۋا خۇدا ئىلياس پەيغەمبەرنىڭ ئۇزاق يول مېڭىپ خورېب تېغىغا بېرىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا كېرەكلىك كۈچ بەرگەنىدى. شۇ يەردە يەھۋا خۇدا ئەسىرلەر بۇرۇن ئۆزىنىڭ خەلقى بىلەن كېلىشىم تۈزگەن ئىدى. شۇ تاغدا ئىلياس ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلغان بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمەنلەردىن يىراق بولغان. بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟ جىنسىي خورلاشقا ئۇچراۋاتقان ئادەمگە تەسەللى بەرگەندە، ئۇ ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىشىمىز كېرەك. مەسىلەن، ئەگەر ئازاب چېكىۋاتقان قېرىنداش ئۆزىنى ئىبادەت زالىدا ئەركىن ۋە بىخەتەر ھېس قىلمىسا، ئۇنىڭ بىلەن ئۆيدە بىر چىنە چاي ئىچىپ سۆزلىشىشكە بولىدۇ. باشقا قېرىنداش بولسا، ئەكسىنچە ئىبادەت زالىدا سۆزلىشىشنى خالىشى مۇمكىن. ئاقساقاللار بۇنى ئەستە تۇتۇشى كېرەك.
15، 16. دىققەت بىلەن تىڭشاش دېگەن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
15 دىققەت بىلەن تىڭشاڭ. مۇقەددەس كىتابتا: «ھەر بىر كىشى چوقۇم ئاڭلاشقا ئالدىرىسۇن، سۆزلەشكە ئالدىرىمىسۇن»،— دەپ يېزىلغان (ياقۇپ 1:19). بىز قانداق تىڭشايمىز؟ ئادەمنى تىڭشاش ئۈچۈن ئۇنىڭ قېشىدا ئۈن چىقماي ئولتۇرۇش يېتەرلىك دەپ ئويلىشىمىز مۇمكىن. ئەمما، دىققەت بىلەن تىڭشاش ئۈچۈن بۇ يېتەرلىك ئەمەس. مەسىلەن، ئىلياس ئىچ باغرىنى تۆككەندە، يەھۋا خۇدا ئۇنى دىققەت بىلەن تىڭشىغان. ئۇ ئىلياسنىڭ قورقۇنۇچقا باش ئېگىپ، يالغۇزسىراپ قالغانلىقىنى ۋە ئەمگىكىم بىكار بولدى، دەپ ئەنسىرىگەنلىكىنى چۈشەنگەن. خۇدا ئىلياسنىڭ ھەر بىر ئەندىشىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇنىڭغا مېھرىبانلىق بىلەن كېرەكلىك ياردەمنى بەرگەن. شۇنداق قىلىپ، يەھۋا خىزمەتچىسىنى دىققەت بىلەن تىڭشىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.—1-پادىشاھ. 19:9—11، 15—18.
16 قېرىنداشنى تىڭشىغاندا، ئۇنى ياخشى كۆرگەنلىكىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟ ئىززەت-ھۆرمەت بىلەن ئېيتىلغان بىر ئىككى مۇلايىم سۆز ئارقىلىق ئۇنىڭغا ھېسداشلىق كۆرسىتىمىز. ئۇنىڭغا مۇنداق دېسىڭىز بولىدۇ: «بېشىڭىزدىن ناھايىتى ئېغىر ئەھۋالنى ئۆتكۈزگەن ئىكەنسىز. ھېچكىمنىڭ بالىغا شۇنداق قىلىش ھوقۇقى يوق!» بەزى ۋاقىتلاردا ئۇنى توغرا چۈشەنگەنلىكىڭىزگە كۆز يەتكۈزۈش ئۈچۈن بىرنەچچە سوئال قويۇشقا بولىدۇ. بەلكىم ئۇنىڭدىن: «ئەگەر ئېغىر كۆرمىسىڭىز، ماڭا چۈشەندۈرۈپ بېرەلەمسىز؟» ياكى «مەن سىزنى توغرا چۈشەندىممۇ؟» دەپ سورىساق بولىدۇ. شۇ چاغدا قېرىنداش سىزنىڭ ئۇنى دىققەت بىلەن تىڭشاپ، ئۇنى چۈشەنگەنلىكىڭىزگە كۆزى يېتىدۇ.—1-كورىنت. 13:4، 7.
17. نېمە ئۈچۈن سۆزلەشكە ئالدىرىماي، سەۋر-تاقەتلىك بولۇشىمىز كېرەك؟
17 ئالدىرىماي، ئېھتىياتچانلىق بىلەن سۆزلەڭ. ئادەمنىڭ ئوي-پىكىرىنى تۈزىتىش ياكى ئۇنىڭغا مەسلىھەت بېرىش ئۈچۈن سۆزىنى بۆلمەڭ. سەۋر-تاقەتلىك بولۇڭ. ئىلياس پەيغەمبەر يەھۋا خۇداغا ئىچ باغرىنى تۆكۈپ، قەلبىدىكى قايغۇ-ھەسرەتلىرىنى ئوچۇق ئېيتقان. كېيىن، يەھۋا خۇدا ئۇنىڭ ئىشەنچىسىنى مۇستەھكەملىسىمۇ، ئىلياس ئۆز ئەندىشىلىرىنى يەنە ئېيتىپ، سۆزلىرىنى قايتىلىغان (1-پادىشاھ. 19:9، 10، 13، 14). بۇنىڭدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ ئەگەر تەسەللىگە موھتاج بولغان ئادەم ھېس-تۇيغۇلىرىنى قايتا-قايتا ئېيتسا، بىز يەھۋادىن ئۈلگە ئېلىپ، ئۇنى سەۋرچانلىق بىلەن تىڭشاشقا تەييار بولۇشىمىز كېرەك. مەسىلىنى ھەل قىلىش يوللىرىنى كۆرسىتىشنىڭ ئورنىغا، مېھرىبانلىق كۆرسىتىڭ.—1-پېتر. 3:8.
18. روھى چۈشكەن ئادەم بىلەن دۇئا قىلساق، بۇ ئۇنىڭغا قانداق ئىلھام بېرەلەيدۇ؟
18 بىللە دۇئا قىلىڭ. روھى چۈشكەن ئادەمگە دۇئا قىلىش قىيىن بولۇشى مۇمكىن. بەلكىم، ئۇ ئۆزىنى يەھۋا بىلەن سۆزلىشىشكە لايىق ئەمەس ھېس قىلىدۇ. ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىش ئۈچۈن، شۇ ئادەمنىڭ ئىسىمىنى تىلغا ئېلىپ، بىللە دۇئا قىلساق بولىدۇ. شۇ قېرىندىشىمىز بىز ئۈچۈن بەك قەدىرلىك ئىكەنلىكىنى ۋە جامائەتتىكىلەر ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتساق بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يەھۋادىن شۇ قېرىندىشىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئاراملىق بېرىپ، تەسەللى تېپىشىنى سورىساق بولىدۇ. شۇنداق دۇئا قېرىندىشىمىزغا ئىلھام بېرىشى مۇمكىن.—ياقۇپ 5:16.
19. بىرسىگە تەسەللى بېرىشكە نېمە بىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
19 دەردىگە دەرمان بولىدىغان ۋە ئىلھام بېرىدىغان سۆزلەرنى تاللاڭ. سۆزلەشتىن ئاۋۋال ياخشى ئويلىنىڭ. ئويلانماي ئېيتىلغان سۆزلەر ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىشى مۇمكىن. يېقىملىق سۆزلەر بولسا، دەردكە دەرمان بولىدۇ (پەند. نە 12:18). شۇنىڭ ئۈچۈن تەسەللى بېرىدىغان ۋە مۇلايىم سۆزلەرنى تېپىشقا يەھۋادىن ياردەم سوراڭ. ئەڭ كۈچلۈك ۋە تەسىرلىك سۆزلەرنى مۇقەددەس كىتابتىن تېپىشقا بولىدىغانلىقىنى ئەستىن چىقارماڭ.—ئىبرانىي. 4:12.
20. جىنسىي خورلۇققا ئۇچرىغان قېرىنداشلار ئۆزلىرىنى قانداق ھېس قىلىشى مۇمكىن ۋە بىز ئۇلارنىڭ ئېسىگە نېمىنى سېلىشىمىز كېرەك؟
20 جىنسىي خورلۇققا ئۇچرىغان قېرىنداشلار ئۆزلىرىنى پاسكىنا، باشقىلارنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىگە لايىق ئەمەس ۋە كېرىكى يوقتەك ھېس قىلىشى مۇمكىن. بىراق بۇ ئوي-پىكىر ناتوغرا. شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇقەددەس كىتاب ئايەتلىرىنى قوللىنىپ، يەھۋا خۇدا ئۇلارنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېسىگە سېلىڭ (« مۇقەددەس كىتاب تەسەللى بېرىدۇ» ناملىق رامكىغا قاراڭ). دانىيال پەيغەمبەر ئەنسىرەپ، ئۇنىڭ روھى چۈشكەندە، يەھۋانىڭ پەرىشتىسى ئۇنى مېھرىبانلىق بىلەن مۇستەھكەملىگەن. دانىيال يەھۋانىڭ سۆيۈملۈك خىزمەتچىسى بولغان ۋە يەھۋا خۇدا ئۇنىڭ بۇنى بىلىشىنى خالىغان (دانىيال 10:2، 11، 19). بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەھۋا خۇدا ئازاب-ئوقۇبەت چېكىۋاتقان خىزمەتچىلىرىنى بەك قەدىرلەيدۇ!
21. گۇناھىغا توۋا قىلمىغان ئادەملەرگە نېمە بولىدۇ ۋە ئادالەتسىزلىكنىڭ قۇربانى بولغانلارغا قانداق ياردەم بېرىشىمىز كېرەك؟
21 بىز باشقىلارغا تەسەللى بەرگەندە، يەھۋا ئۇلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئەسلىتىمىز. شۇنداقلا يەھۋا ئادالەتلىك خۇدا ئىكەنلىكىنى ھېچقاچان ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك. يەھۋا جىنسىي خورلۇققا دۇچ كەلگەن ھەربىر ئادەمنىڭ قەلبىدىكى ئازابلىرىنى بىلىدۇ. ئۇ ھەممىنى كۆرىدۇ ۋە گۇناھىغا توۋۋا قىلمىغانلارنى چوقۇم جازالايدۇ (سانلار 14:18). جىنسىي خورلاشقا ئۇچرىغانلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننىڭ ھەممىنى قىلايلى. شەيتان ۋە ئۇنىڭ رەزىل دۇنياسى پەيدا قىلغان قەلب يارىلىرىنى يەھۋا خۇدا پۈتۈنلەي ساقايتىدىغانلىقىنى بىلىش بىزگە تەسەللى بېرىدۇ! پات-ئارىدا كۆڭۈلنى ئازابلايدىغان ھېچبىر ئىش ئەمدى ئەسلەنمەيدۇ، ھەتتا خىيالىمىزغا ھەم كەلمەيدۇ.—يەشايا 65:17.
25-ناخشا ھەقىقىي شاگىرت بولۇشنىڭ بەلگىسى
a كىچىكىدە جىنسىي خورلاشقا ئۇچرىغانلارنىڭ قەلب يارىسى ئۇزۇن يىللارغىچە ساقايماسلىقى مۇمكىن. بۇ ماقالە بۇنى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدۇ. كىم جىنسىي خورلاشقا ئۇچرىغانلارغا تەسەللى بېرەلەيدۇ ۋە قانداق ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.
b جىنسىي خورلۇققا ئۇچرىغان كىشى دوختۇرلارغا كۆرۈنۈش-كۆرۈنمەسلىكنى ئۆزى قارار قىلىدۇ.