مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

21-‏تە‌تقىق ماقالىسى

‏«بۇ دۇ‌نيانىڭ دانالىقى»غا ئالدىنىپ قالماڭ

‏«بۇ دۇ‌نيانىڭ دانالىقى»غا ئالدىنىپ قالماڭ

‏«بۇ دۇ‌نيانىڭ دانالىقى خۇ‌دانىڭ كۆزىدە نادانلىقتۇ‌ر».‏‏—‏1-‏كورىنت.‏ 3:‏19‏.‏

37-‏ناخشا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب —‏ خۇ‌دانىڭ ئىلھامى بىلە‌ن يېزىلغان

بۇ ماقالىدە a

1.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يېزىلغانلار بىزگە قانداق پايدا ئە‌كېلىدۇ؟‏

 يە‌ھۋا خۇ‌دادىن ئۇ‌لۇ‌غ ئۇ‌ستاز يوق.‏ شۇ‌ڭا،‏ مە‌يلى قانداق قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كە‌لمە‌يلى،‏ ئۇ‌نىڭغا تاقابىل تۇ‌رۇ‌شقا خۇ‌دا ئۆزى ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ (‏يە‌شايا 30:‏20،‏ 21‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭ سۆزى بىزگە «ھە‌ر تە‌رە‌پلىمە بىلىمگە ئىگە بولۇ‌پ،‏ ھە‌رقانداق ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا تە‌ييار» تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن كېرە‌كلىك ھە‌ممىنى بېرىدۇ (‏2-‏تىموت.‏ 3:‏17‏)‏.‏ بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يېزىلغان نە‌سىھە‌تلە‌رگە ماس ياشىساق،‏ «بۇ دۇ‌نيانىڭ دانالىقى»دىن ئېشىپ چۈشىدىغان دانالىققا ئىگە بولىمىز.‏—‏1-‏كورىنت.‏ 3:‏19؛‏ زە‌بۇ‌ر 119:‏97—‏100‏.‏

2.‏ بۇ ماقالىدىن نېمىنى بىلىمىز؟‏

2 بۇ دۇ‌نيانىڭ دانالىقى ئادە‌ملە‌رنى تە‌ننىڭ ھە‌ۋە‌سلىرىنى قانائە‌تلە‌ندۈرۈشكە ئۈندە‌يدۇ.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ بۇ دۇ‌نيانىڭ كۆز قارىشىغا قارشى تۇ‌رۇ‌پ،‏ كۆپچىلىككە ئوخشاش ھە‌رىكە‌ت قىلماسلىق ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرىشىمىز كېرە‌ك.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزنى:‏ «ئېھتىيات قىلىڭلاركى،‏ ھېچكىم سىلە‌رنى بىمە‌نە پە‌لسە‌پە ۋە بىھۇ‌دە قۇ‌رۇ‌ق گە‌پ-‏سۆزلە‌ر بىلە‌ن ئازدۇ‌رۇ‌پ،‏ ئە‌سىرلىككە ئېلىۋالمىسۇ‌ن.‏ ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسى ئىنسانلارنىڭ ئۆرپ-‏ئادە‌تلىرى»،‏—‏ دە‌پ ئاگاھلاندۇ‌رىدۇ (‏كولوسى.‏ 2:‏8‏)‏.‏ بۇ ماقالىدە،‏ بىز تارىخقا نە‌زە‌ر سېلىپ،‏ كۆپلىگە‌ن ئادە‌ملە‌رنىڭ شە‌يتان چىقارغان ئىككى يالغان ئويغا قانداق ئىشىنىپ كە‌تكە‌نكە‌نلىكىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ بىز بۇ دۇ‌نيانىڭ دانالىقى نېمە سە‌ۋە‌بتىن ئە‌خمە‌قلىق ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ۋە خۇ‌دانىڭ سۆزىدىكى دانالىق مۇ‌شۇ دۇ‌نيا تە‌غدىم قىلىۋاتقان ھە‌ربىر نە‌رسىدىن قانچىلىك يۇ‌قىرى تۇ‌رىدىغانلىقىنى بىلىۋالىمىز.‏

جىنسىي ئە‌خلاققا بولغان كۆز قاراشنىڭ ئۆزگىرىشى

3،‏ 4.‏ 20-‏ئە‌سىرىنىڭ بېشىدا ئادە‌ملە‌رنىڭ ئە‌خلاققا بولغان كۆز قارىشى قانداق ئۆزگە‌رگە‌ن؟‏

3 20-‏ئە‌سىرنىڭ بېشىدا ئادە‌ملە‌رنىڭ جىنسىي ئە‌خلاققا بولغان كۆز قارىشى قاتتىق ئۆزگە‌ردى.‏ بۇ‌رۇ‌ن ئادە‌ملە‌ر جىنسىي ئالاقە پە‌قە‌ت توي قىلغان ئە‌ر بىلە‌ن ئايال ئوتتۇ‌رىسىدا بولۇ‌ش كېرە‌ك،‏ دە‌پ ئويلىغان ۋە جىنسىي مۇ‌ناسىۋە‌ت توغرىسىدا ئوچۇ‌ق سۆزلە‌شمىگە‌ن.‏ لېكىن،‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ ئە‌خلاققا بولغان كۆز قارىشى ئۆزگىرىپ،‏ جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىق كە‌ڭ تارقالدى.‏

4 1920-‏يىللاردا ئە‌خلاقىي ئۆلچە‌ملە‌ر تۈپ يىلتىزىدىن ئۆزگە‌ردى.‏ بىر تە‌تقىقاتچى مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «فىلىملە‌ر،‏ سە‌ھنىلىك كۆرۈنۈشلە‌ر،‏ ناخشىلار،‏ كىتاب-‏ژۇ‌رناللار ۋە ئېلانلار جىنسىي ئالاقىگە قىزىقىشنى ئويغىتىشقا باشلىدى».‏ شۇ يىللىرى جىنسىي ھە‌ۋە‌سلە‌رنى قوزغايدىغان ئۇ‌سسۇ‌للار ۋە كىيىم كىيىش ئۈلگىلىرى كۆپىيىپ كە‌تكە‌نىدى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئالدىن-‏ئالا ئېيتىلغاندە‌ك،‏ زامان ئاخىرىدا ئادە‌ملە‌ر «ئە‌يش-‏ئىشرە‌تنى سۆيىدىغان» بولىدۇ.‏—‏2-‏تىموت.‏ 3:‏4‏.‏

يە‌ھۋانىڭ خە‌لقى بۇ دۇ‌نيانىڭ جىنسىي ئە‌خلاققا بولغان بۇ‌رمىلانغان كۆز قارىشىنىڭ تە‌سىرىدە تە‌ۋرە‌نمە‌ي تۇ‌رغان (‏5،‏ 9-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ c

5.‏ 1960-‏يىللاردىن تارتىپ،‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ ئە‌خلاققا بولغان كۆز قارىشى قانداق ئۆزگىرىپ كە‌تكە‌ن؟‏

5 1960-‏يىللاردىن تارتىپ نىكاھ قۇ‌رماي بىللە تۇ‌رۇ‌ش،‏ ئاجرىشىش ۋە ئوخشاش جىنىسلىق كىشىلە‌رنىڭ مۇ‌ھە‌ببە‌تلىشىشى كە‌ڭ تارقالدى.‏ جىنسىي ئالاقە ئوچۇ‌ق كۆرسىتىلىدىغان ئويۇ‌ن-‏تاماشا تۈرلىرى كۆپە‌يدى.‏ بۇ‌نىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟‏ بىر يازغۇ‌چىنىڭ ئېيتىشىچە،‏ بۇ ئائىلىلە‌رنىڭ بۇ‌زۇ‌لۇ‌شىغا ۋە چۈشكۈنلۈككە ئېلىپ كە‌لگە‌ن.‏ شۇ‌نداقلا،‏ بالىلىرىنى يالغۇ‌ز تە‌ربىيىلە‌يدىغان ئاتا ياكى ئانىلار ھە‌م شە‌ھۋانىي مە‌زمۇ‌ندىكى نە‌رسىلە‌رگە خۇ‌مار بولغانلار كۆپىيىپ كە‌تكە‌ن.‏ ئە‌يدىزغا ئوخشاش جىنسىي مۇ‌ناسىۋە‌ت ئارقىلىق يۇ‌قىدىغان كېسە‌للىكلە‌رنىڭ كۆپىيىشى —‏ بۇ دۇ‌نيانىڭ دانالىقى ئە‌خمە‌قلىق ئىكە‌نلىكىنىڭ ئىسپاتى.‏—‏2-‏پېتر.‏ 2:‏19‏.‏

6.‏ جىنسىي ئالاقىگە بولغان ناتوغرا كۆز قاراشنى نېمە ئۈچۈن شە‌يتان ياخشى كۆرىدۇ؟‏

6 جىنسىي ئالاقىگە بولغان شۇ‌نداق كۆز قاراشنى شە‌يتان ياخشى كۆرىدۇ.‏ نىكاھ ۋە جىنسىي مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولۇ‌ش —‏ خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن سوۋغات.‏ ئادە‌ملە‌ر بۇ سوۋغاتنى ناتوغرا ئىشلە‌تكە‌ندە،‏ شە‌يتان بۆكىنى ئاسمانغا ئېتىپ خۇ‌شال بولىدۇ،‏ چۈنكى بۇ خۇ‌دا ھە‌دىيە قىلغان نىكاھنى قە‌دىرلىمە‌ي ھۆرمە‌تسىزلىك قىلغانلىقتۇ‌ر (‏ئە‌فە‌س.‏ 2:‏2‏)‏.‏ جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىق يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ئادە‌ملە‌رگە پە‌رزە‌نت كۆرۈش ئۈچۈن بېرىلگە‌ن ئاجايىپ سوۋغىسىنى بىر تىيىن قىلىپلا قويماي،‏ مە‌ڭگۈ ھايات كە‌چۈرۈش ئۈمىدىدىن ئايرىدۇ.‏—‏1-‏كورىنت.‏ 6:‏9،‏ 10‏.‏

خۇ‌دانىڭ جىنسىي ئە‌خلاققا بولغان كۆز قارىشى

7،‏ 8.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب جىنسىي مۇ‌ناسىۋە‌ت ھە‌ققىدە قانداق كۆز قاراشنى ئۆگىتىدۇ؟‏

7 بۇ دۇ‌نيانىڭ دانالىقىنى سىڭدۈرۈۋالغان ئادە‌ملە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ نە‌سىھە‌تلىرىنى زاڭلىق قىلىپ،‏ ئۇ‌لارنى كونىراپ كە‌تتى دە‌يدۇ.‏ شۇ‌نداق ئادە‌ملە‌ر:‏ «خۇ‌دا بىزنى جىنسىي ھە‌ۋە‌س بىلە‌ن ياراتسا،‏ نېمە ئۈچۈن ھە‌ۋىسىمىزنى تىزگىنلىشىمىز كېرە‌ك؟‏»—‏ دېيىشى مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌نداق كىشىلە‌رنىڭ پىكىرىچە،‏ ئادە‌م ھە‌ربىر خاھىشىنى قانائە‌تلە‌ندۈرۈشى كېرە‌ك.‏ ئە‌مما مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تامامە‌ن باشقىچە ئۆگىتىدۇ.‏ بىز تە‌ن ھە‌ۋە‌سلىرىگە بېرىلمە‌ي،‏ ئۆزىمىزنى تۇ‌تالايمىز (‏كولوسى.‏ 3:‏5‏)‏.‏ شۇ‌نداقلا،‏ ئادە‌ملە‌ر جىنسىي ئېھتىياجلىرىنى توغرا قاندۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن يە‌ھۋا خۇ‌دا نىكاھنى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغان (‏1-‏كورىنت.‏ 7:‏8،‏ 9‏)‏.‏ ئە‌ر-‏ئايال جىنسىي ئېھتىياجلىرىنى ئورۇ‌نلۇ‌ق تۈردە قانائە‌تلە‌ندۈرە‌لە‌يدۇ.‏ لېكىن،‏ تۇ‌رمۇ‌ش قۇ‌رماي جىنسىي ئالاقىدە بولغانلار ۋىجدان ئازابى تارتىدۇ.‏

8 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب جىنسىي مۇ‌ناسىۋە‌تكە توغرا كۆز قاراشتا بولۇ‌شنى ئۆگىتىدۇ.‏ راست،‏ جىنسىي مۇ‌ناسىۋە‌ت ئە‌ر-‏ئايالغا ھوزۇ‌ر-‏بە‌خش ئېتىشى مۇ‌مكىن (‏پە‌ند.‏ نە 5:‏18،‏ 19‏)‏.‏ لېكىن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا مۇ‌نداق دېيىلگە‌ن:‏ «ھە‌ر بىرىڭلار چوقۇ‌م ئۆز بە‌دىنىڭلارنى مۇ‌قە‌ددە‌سلىك ۋە شان-‏شە‌رە‌پ ئىچىدە تىزگىنلە‌شنى بىلىشىڭلار كېرە‌ك.‏ خۇ‌دانى تونۇ‌مايدىغان مىللە‌تلە‌رگە ئوخشاش،‏ ئاچكۆزلۈك ۋە شە‌ھۋانىي ھە‌ۋە‌سلە‌رگە بېرىلمە‌ڭلار».‏—‏1-‏سالونىكا.‏ 4:‏4،‏ 5‏.‏

9.‏ (‏1)‏ 20-‏ئە‌سىرنىڭ بېشىدا،‏ يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقىنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى دانالىققا تايىنىشىغا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ (‏2)‏ 1-‏يۇ‌ھاننا 2:‏15،‏ 16دە،‏ قانداق دانا مە‌سلىھە‌ت يېزىلغان؟‏ (‏3)‏ رىملىقلار 1:‏24—‏27دە يېزىلغاندە‌ك،‏ قانداق ئە‌خلاقسىز ئىشلاردىن نېرى بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

9 20-‏ئە‌سىرنىڭ بېشىدا،‏ يە‌ھۋانىڭ خە‌لقى «ئار-‏نومۇ‌سنى ئۇ‌نتۇ‌پ»،‏ ئە‌خلاقسىزلىققا بېرىلگە‌نلە‌رنىڭ بۇ‌رمىلانغان كۆز قارىشىنىڭ تە‌سىرىدە تە‌ۋرىنىپ قالمىغان (‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏19‏)‏.‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ يۇ‌قىرى ئۆلچە‌ملىرىنى مە‌ھكە‌م تۇ‌تقانىدى.‏ 1926-‏يىل،‏ 15-‏ماي سانىدىكى «كۈزىتىش مۇ‌نارى»دا،‏ مۇ‌نداق دە‌پ يېزىلغان:‏ «ھە‌ر بىر ئە‌ر كىشى ياكى ئايال كىشىنىڭ ئوي-‏پىكىرلىرى ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى پاك ۋە ئۈلگىلىك بولۇ‌شى كېرە‌ك،‏ بولۇ‌پمۇ يات جىنىسلىق كىشى بىلە‌ن مۇ‌ئامىلە قىلغان تېخىمۇ شۇ‌نداق».‏ بۇ دۇ‌نيادىكى ئادە‌ملە‌ر قانداق ئىشلارنى قىلىشىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ يە‌ھۋانىڭ خە‌لقى ئۇ‌نىڭ سۆزىدىكى دانالىققا تايىنىدۇ ‏(‏1-‏يۇ‌ھاننا 2:‏15،‏ 16-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۈچۈن بە‌ك مىننە‌تدار!‏ جىنسىي ئە‌خلاققا توغرا كۆز قاراشتا بولۇ‌پ،‏ بۇ دۇ‌نيانىڭ دانالىقىغا ئالدىنىپ قالماسلىقىمىز ئۈچۈن يە‌ھۋا خۇ‌دا بېرىۋاتقان روھىي ئوزۇ‌قلۇ‌قنى ناھايىتى قە‌دىرلە‌يمىز b‏.‏—‏رىملىقلار 1:‏24—‏27-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

ئۆز-‏ئۆزىنى ئويلاش كۆز قارىشىنىڭ ئۆزگىرىشى

10،‏ 11.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئاخىر زامان توغرۇ‌لۇ‌ق نېمە ئېيتىلغان؟‏

10 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا،‏ ئاخىر زاماندا «ئىنسانلار ئۆزىنىلا سۆيىدىغان» بولۇ‌پ كېتىدىغانلىقى ئالدىن ئېيتىلغانىدى (‏2-‏تىموت.‏ 3:‏1،‏ 2‏)‏.‏ بۇ دۇ‌نيادا شە‌خسىيە‌تچىلىكنىڭ كە‌ڭ تارقالغانلىقى ھە‌يران قالارلىق ئە‌مە‌س.‏ بىر كىتابتا يېزىلغاندە‌ك،‏ 1970-‏يىللىرى «ئۇ‌تۇ‌ققا ئېرىشىشكە ياردە‌م بېرىدىغان مە‌سلىھە‌تلە‌رگە تولغان كىتابلار كۆپە‌يدى».‏ شۇ كىتابلارنىڭ بە‌زىلىرى ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنى ئۆزىنى ياخشىراق چۈشۈنۈپ،‏ شۇ پېتى بىلە‌ن قېلىشقا ۋە «مېنىڭ بىرمۇ كە‌مچىلىكىم يوق» دە‌پ ئويلاشقا دە‌ۋە‌ت قىلغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىر كىتابتا:‏ «ئالە‌مدىكى ئە‌ڭ ئاجايىپ،‏ ئە‌ڭ گۈزە‌ل ۋە سۆيۈشكە لايىق ئادە‌منى ياخشى كۆرۈڭ.‏ ئۇ —‏ دە‌ل ئۆزۈڭىز»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان.‏ شۇ كىتابتا ئادە‌م نېمىنى قىلىشنى خالىسا،‏ ئۆزى بىلىدۇ،‏ نېمىنى توغرا دە‌پ بىلسە،‏ شۇ‌نى قىلىشى كېرە‌كلىكى يېزىلغان.‏

11 بۇ سۆزلە‌رنى ئاڭلاپ باققانمۇ؟‏ ئۆز ۋاقتىدا شە‌يتانمۇ ھاۋا ئانىنى شۇ‌نداق قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلغان.‏ شە‌يتان ئۇ‌نىڭغا:‏ «ياخشى بىلە‌ن ياماننى بىلىپ،‏ خۇ‌دادە‌ك بولىسىلە‌ر»،‏—‏ دېگە‌نىدى (‏يارىت.‏ 3:‏5‏)‏.‏ بۈگۈنكى كۈندە ئادە‌ملە‌ر ئۆزلىرى توغرۇ‌لۇ‌ق ھە‌ددىدىن زىيادە كۆپ ئويلىغاچ،‏ ئۇ‌لار ھېچكىم،‏ ھە‌تتا خۇ‌دامۇ،‏ نېمىنىڭ توغرا ۋە نېمىنىڭ ناتوغرا ئىكە‌نلىكىنى ئېيتالمايدۇ،‏ دە‌پ ھېسابلايدۇ.‏ شۇ‌نداق ئوي-‏پىكىر بولۇ‌پمۇ نىكاھقا بولغان كۆز قارىشىدىن ئېنىق كۆرۈنىدۇ.‏

خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىسى باشقىلارنىڭ،‏ بولۇ‌پمۇ ئۆمۈرلۈك جۈپتىنىڭ،‏ مە‌نپە‌ئىتىنى ئۆزىنىڭكىدىن يۇ‌قىرى ھېسابلايدۇ (‏12-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ d

12.‏ بۇ دۇ‌نيادىكى ئادە‌ملە‌ر نىكاھقا قانداق كۆز قاراشتا؟‏

12 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئە‌ر-‏ئاياللارنى بىر-‏بىرىنى ھۆرمە‌تلە‌شكە ۋە بىر-‏بىرىگە ۋاپادار بولۇ‌شقا ئۈندە‌يدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى «بىر ئادە‌م ئۆز ئاتا-‏ئانىسىدىن ئايرىلىپ،‏ ئۆز خوتۇ‌نى بىلە‌ن باغلىنىدۇ ۋە ئۇ‌لار بىر تە‌ن بولىدۇ» دېگە‌ن سۆزلە‌ر ئە‌ر-‏ئايالنى بىر-‏بىرىنى ھېچقاچان تاشلاپ كە‌تمە‌سلىككە دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ (‏يارىت.‏ 2:‏24‏)‏.‏ بۇ دۇ‌نيانىڭ دانالىقىغا ماس ياشايدىغانلار بولسا،‏ ئە‌كسىنچە،‏ ھە‌ربىر كىشى پە‌قە‌ت ئۆز مە‌نپە‌ئىتىنى ئويلىشى كېرە‌ك دە‌يدۇ.‏ بە‌زى دۆلە‌تلە‌ردە قىز بىلە‌ن يىگىت توي قىلغاندا،‏ ئۇ‌لار كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا «ئۆلگىچە بىللە بولىمىز» دە‌پ قە‌سە‌م ئىچىدۇ.‏ نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌ر بۇ قە‌سە‌م سۆزلىرىنى ئۆزگە‌رتىۋېتىپ،‏ «مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئوتى ئۆچمىگىچە بىللە بولىمىز» دە‌يدۇ.‏ ئادە‌ملە‌ر نىكاھ رىشتىسى مە‌ڭگۈگە باغلانغانلىقىنى ئېتىراپ قىلمىغانلىقتىن،‏ كۆپلىگە‌ن ئائىلىلە‌ر بۇ‌زۇ‌لغان ۋە سانسىز كۆڭۈللە‌ر يارىلانغان.‏ شۈبھىسىزكى،‏ دۇ‌نيانىڭ نىكاھقا بولغان كۆز قارىشى ئە‌خمە‌قلىقتۇ‌ر.‏

13.‏ يە‌ھۋا نېمە ئۈچۈن تە‌كە‌ببۇ‌ر كىشىلە‌ردىن نە‌پرە‌تلىنىدۇ؟‏

13 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «كۆڭلى تە‌كە‌ببۇ‌رلۇ‌ققا تولغان كىشى يە‌ھۋاغا يىرگىنىچلىكتۇ‌ر»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان (‏پە‌ند.‏ نە 16:‏5‏)‏.‏ يە‌ھۋا نېمە ئۈچۈن تە‌كە‌ببۇ‌ر كىشىلە‌ردىن نە‌پرە‌تلىنىدۇ؟‏ بۇ‌نىڭ بىر سە‌ۋە‌بى —‏ ئۆزىنى ھە‌ددىدىن تاشقىرى سۆيىدىغان ئادە‌ملە‌ر شە‌يتاننىڭ كۆز قارىشىنى ئە‌كىس ئە‌تتۈرىدۇ.‏ ھە‌ممە نە‌رسە ئە‌يسا ئارقىلىق يارىتىلغان.‏ لېكىن،‏ شە‌يتان ئە‌يسانى سە‌جدە قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلىدۇ دە‌پ ئويلىغان.‏ نېمە دېگە‌ن تە‌كە‌ببۇ‌رلۇ‌ق!‏ (‏مە‌تتا 4:‏8،‏ 9؛‏ كولوسى.‏ 1:‏15،‏ 16‏)‏.‏ تە‌كە‌ببۇ‌ر كىشىلە‌ر ئۆزىنى دانا دە‌پ ھېسابلايدۇ،‏ ئە‌مما،‏ خۇ‌دانىڭ كۆز ئالدىدا ئۇ‌لارنىڭ دانالىقى ئە‌خمە‌قلىقتۇ‌ر.‏

خۇ‌دانىڭ ئۆز-‏ئۆزىنى ئويلاشقا بولغان كۆز قارىشى

14.‏ رىملىقلار 12:‏3-‏ئايە‌تتىكى سۆزلە‌ر،‏ ئۆزىمىز توغرۇ‌لۇ‌ق تە‌ڭپۇ‌ڭ كۆز قاراشتا بولۇ‌شقا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

14 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزنى ئۆزىمىز توغرۇ‌لۇ‌ق تە‌ڭپۇ‌ڭ كۆز قاراشتا بولۇ‌شقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئۆزىمىزنى ياخشى كۆرۈشىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌يسا:‏ «يېنىڭدىكى كىشىنى ئۆزە‌ڭنى ياخشى كۆرگە‌ندە‌ك كۆرگىن»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ دېمە‌ك،‏ قانداقتۇ بىر دە‌رىجىدە ئۆزىمىز ھە‌ققىدە ئويلىشىمىز كېرە‌ك (‏مە‌تتا 19:‏19‏)‏.‏ بىراق،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆزىمىزنى باشقىلاردىن ئۈستۈن ھېسابلىشىمىز كېرە‌ك،‏ دە‌پ ئۆگە‌تمە‌يدۇ.‏ ئە‌كسىچە،‏ خۇ‌دانىڭ سۆزىدە:‏ «ھېچقانداق ئىشنى رىقابە‌تلىشىش ۋە شە‌خسىيە‌تچىلىكتىن قىلىماڭلار.‏ ئە‌كسىنچە،‏ كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن باشقىلارنى ئۆزۈڭلاردىن يۇ‌قىرى كۆرۈڭلار»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان.‏—‏فىلىپى.‏ 2:‏3؛‏ رىملىقلار 12:‏3-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

15.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئۆز-‏ئۆزىگە بولغان كۆز قاراش ھە‌ققىدىكى مە‌سلىھە‌تلىرى نېمە ئۈچۈن پايدىلىق؟‏

15 بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىنى ئۆزى دانا،‏ دە‌پ ھېسابلايدىغان كۆپلىگە‌ن ئادە‌ملە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى مە‌سلىھە‌تلە‌رنى ئە‌خمە‌قلىق،‏ دە‌پ ئويلايدۇ.‏ شۇ‌نداق ئادە‌ملە‌ر باشقىلارنى ئۆزۈڭدىن ئۈستۈن كۆرسە‌ڭ،‏ ئۇ‌لار بېشىڭغا چىقىپ،‏ سېنىڭدىن پايدىلىنىپ كېتىدۇ،‏ دېگە‌ن ئويدا.‏ لېكىن،‏ شۇ‌نداق كۆز قاراشنىڭ ئاقىۋىتى نېمە بولىدۇ؟‏ پە‌قە‌ت ئۆزىنى ئويلايدىغان ئادە‌ملە‌ر بە‌ختلىكمۇ؟‏ ئۇ‌لارنىڭ ئائىلىسى بە‌خت-‏سائادە‌تكە ئېرىشتىمۇ؟‏ ئۇ‌لارنىڭ ھە‌قىقىي دوستلىرى بارمۇ؟‏ ئۇ‌لار خۇ‌دا بىلە‌ن دوست بولالامدۇ؟‏ سىزنىڭچە،‏ قايسىسى ئادە‌منى ئۇ‌تۇ‌ققا ئېرىشتۈرىدۇ،‏ بۇ دۇ‌نيانىڭ دانالىقىمۇ ياكى خۇ‌دانىڭ دانالىقىمۇ؟‏

16،‏ 17.‏ بىز نېمە ئۈچۈن مىننە‌تدار بولساق بولىدۇ ۋە نېمە سە‌ۋە‌بتىن؟‏

16 بۇ دۇ‌نيانىڭ دانالىقىنى ئىزدىگە‌ن ئادە‌ملە‌ر ئۆزى ئادىشىپ قالغان ساياھە‌تچىدىن يول سورىغان ساياھە‌تچىگە ئوخشايدۇ.‏ ئە‌يسا ئۆز زامانداشلىرى دانا دە‌پ ھېسابلىغان ئادە‌ملە‌ر ھە‌ققىدە:‏ «ئۇ‌لار قارىغۇ يولباشچىلاردۇ‌ر،‏ ئە‌گە‌ر قارىغۇ قارىغۇ‌نى يېتە‌كلىسە،‏ ھە‌ر ئىككىلىسى ئورىغا چۈشۈپ كېتىدۇ»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏مە‌تتا 15:‏14‏)‏.‏ دە‌رھە‌قىقە‌ت،‏ بۇ دۇ‌نيانىڭ دانالىقى خۇ‌دانىڭ كۆز ئالدىدا نادانلىقتۇ‌ر.‏

خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرى ئۆتكە‌ن ھاياتىنى ئە‌سلە‌پ،‏ يە‌ھۋانىڭ دانالىقىغا تايىنىپ ياشىغانلىقىغا خۇ‌شال بولىدۇ (‏17-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ e

17 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى مە‌سلىھە‌تلە‌ر ھە‌ر ھە‌رقاچان «تە‌لىم بېرىش،‏ تە‌نبىھ بېرىش،‏ تۈزىتىش،‏ ھە‌ققانىيلىق يولىدا تە‌ربىيىلە‌ش ئۈچۈن پايدىلىقتۇ‌ر» (‏2-‏تىموت.‏ 3:‏16‏)‏.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا تە‌شكىلاتى ئارقىلىق بىزنى بۇ دۇ‌نيانىڭ دانالىقىدىن ھىمايە قىلغانلىقى ئۈچۈن بىز ئۇ‌نىڭغا بە‌ك مىننە‌تدار!‏ (‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏14‏)‏.‏ ئۇ بىزگە بە‌رگە‌ن روھىي ئوزۇ‌ق ئۇ‌نىڭ سۆزىدىكى ئۆلچە‌ملە‌رنى چىڭ تۇ‌تۇ‌شىمىزغا كۈچ بېرىدۇ.‏ ھە‌قىقىي ئۇ‌تۇ‌ققا ئېرىشتۈرىدىغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى دانالىققا تايىنىش بىز ئۈچۈن چوڭ شان-‏شە‌رە‌پ!‏

32-‏ناخشا تە‌ۋرە‌نمە‌ي چىڭ تۇ‌رايلى!‏

a بىز ئە‌ڭ دانا نە‌سىھە‌تنىڭ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋادىن كېلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىمىز ۋە بۇ دۇ‌نيانىڭ دانالىقى بويىچە ياشاش ئېچىنارلىق ئاقىۋە‌تكە يېتە‌كلە‌يدىغانلىقىنى بىلىۋالىمىز.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ خۇ‌دانىڭ سۆزىدىكى دانالىققا ماس ياشىغانلار بە‌ختلىك ھايات كە‌چۈرىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرىمىز.‏

b مە‌سىلە‌ن،‏ «ياشلارنىڭ سوئاللىرى» ناملىق كىتاب 1-‏قىسىم،‏ 24—‏26-‏بابلىرىغا ۋە 2-‏قىسىم،‏ 4،‏ 5-‏بابلىرىغا قاراڭ؛‏ «ياشلارنى قىزىقتۇ‌رىدىغان 10 سوئال» ناملىق كىتابچە،‏ 21—‏23-‏بە‌تلىرىدىكى 7-‏سوئالغا قاراڭ.‏

c سۈرە‌تتە:‏ گۇ‌ۋاھچى ئە‌ر-‏ئايالنىڭ ھاياتىنىڭ ھە‌ر تۈرلۈك ۋە‌زىيە‌تلىرى كۆرسىتىلگە‌ن.‏ ئۇ‌لار 1960-‏يىللارنىڭ ئاخىرىدا بىللە ۋە‌ز قىلىۋاتىدۇ.‏

d سۈرە‌تتە:‏ 1980-‏يىللىرى ئايالى ئاغرىپ قالغاندا،‏ يولدىشى ئۇ‌نىڭغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىۋاتىدۇ.‏ يېنىدا قىزى.‏

e سۈرە‌تتە:‏ بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئە‌ر-‏ئايال ئۆتكە‌ن ھاياتىنى ئە‌سلە‌پ،‏ چوڭ بولغان قىزى ۋە ئۇ‌نىڭ ئائىلىسىگە سۈرە‌تلە‌رنى كۆرسىتىۋاتىدۇ.‏