19-تەتقىق ماقالىسى
رەزىل دۇنيادىكى ئادالەت بىلەن سۆيگۈ-مۇھەببەت
«چۈنكى، سەن رەزىللىكتىن ھۇزۇر ئالىدىغان خۇدا ئەمەس؛ ھەرقانداق بىر يامان كىشى سېنىڭ بىلەن بىللە بولالماس».—زەبۇر 5:4
54-ناخشا ئىماندا چىڭ تۇرايلى!
بۇ ماقالىدە a
1—3. (1) زەبۇر 5:4—6-ئايەتلەرگە ئاساسەن، يەھۋا خۇدا رەزىللىكلەرگە قانداق قارايدۇ؟ (2) نېمە ئۈچۈن بالىلارنى جىنسىي خورلاش «مەسىھنىڭ قانۇنىغا» قارشى قىلمىش دەيمىز؟
يەھۋا بارچە رەزىللىكلەرنى ئۆچ كۆرىدۇ (زەبۇر 5:4—6-نى ئوقۇڭ). ئۇ يىرگىنىچلىك رەزىل قىلمىشلاردىن، بولۇپمۇ بالىلارنى جىنسىي خورلاشتىن قاتتىق نەپرەتلىنىدۇ! بىز، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى، يەھۋا خۇدانى ئۈلگە قىلغاچ، شۇنداق ئەخلاقسىزلىقتىن نەپرەتلىنىشىمىز ۋە جامائەتتە شۇنىڭدەك رەزىل قىلمىشلارغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك.—رىملىقلار 12:9؛ ئىبرانىي. 12:15، 16.
2 بالىلارنى جىنسىي خورلايدىغان ھەرقانداق ئىش-ھەرىكەت «مەسىھنىڭ قانۇنىغا» مۇتلەق قارشى قىلمىش (گالاتىيا. 6:2). نېمە ئۈچۈن شۇنداق دېيىشكە بولىدۇ؟ ئىلگىرىكى ماقالىدە ئۆگەنگىنىمىزدەك، مەسىھنىڭ قانۇنى — مەسىھ گەپ-سۆزلىرى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق بەرگەن تەلىملەر. بۇ قانۇن سۆيگۈ-مۇھەببەتكە ئاساسلانغان ۋە ئادالەتكە ئۈندەيدۇ. مۇشۇ قانۇنغا بويسۇنىدىغان خۇدا خىزمەتچىلىرى بالىلارغا سۆيگۈ-مۇھەببەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. شۇندىلا بالىلار ئۆزىنى بىخەتەر ۋە ھەقىقىي مېھرىبانلىققا ئېرىشكەندەك ھېس قىلىدۇ. بالىلارنى جىنسىي خورلاش بولسا ئادالەتسىزلىك ۋە شەخسىيەتچىلىكتۇر. خورلاشقا ئۇچرىغان بالىلار ئۆزىنى خەتەر ئاستىدا ۋە ئۇلارنى ھېچكىم ياخشى كۆرمەيدىغاندەك ھېس قىلىدۇ.
3 بەكمۇ ئەپسۇس، بۈگۈنكى كۈندە بالىلارنى جىنسىي خورلاش بالايى-ئاپەتكە ئوخشاش بۇ دۇنيادا كەڭ تارقالغان. ھەتتا خۇدانىڭ ھەقىقىي خىزمەتچىلىرىمۇ بۇ ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتىدۇ. چۈنكى، ئەتراپىمىزنى «رەزىل ئادەملەر ۋە ئالدامچىلار» قاپلاپ كېتىۋاتىدۇ ۋە بەزىلىرى ھەتتا جامائەتكە كىرىۋېلىشقا ئۇرۇنىدۇ (2-تىموت. 3:13). بۇنىڭدىن باشقا، ئۆزىنى يەھۋا گۇۋاھچىسى دەپ ئاتىۋالغان بەزى ئادەملەر يىرگىنىچلىك شەھۋانىي ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرىپ، بالىلارنى جىنسىي خورلىغان. بۇ قىلمىش نېمە ئۈچۈن شۇنچە ئېغىر گۇناھ سانىلىدۇ؟ جامائەتتە بىرسى شۇنداق ئېغىر گۇناھ قىلغاندا، ئاقساقاللار قانداق چارە قوللىنىشى كېرەكلىكىنى ۋە ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى قانداق ھىمايە قىلالايدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقايلى b.
ئېغىر گۇناھ
4، 5. نېمە ئۈچۈن جىنسىي خورلاشنى بالىغا قارشى قىلىنغان گۇناھ دەيمىز؟
4 بالىلارنى جىنسىي خورلاشنىڭ يامان تەسىرى ئۇزۇنغىچە داۋام قىلىدۇ. بۇ قىلمىش پەقەت بالىنىڭ ئۆزىنىلا ئەمەس، ئۇنى ياخشى كۆرگەن كىشىلەرنى، مەسىلەن ئائىلىسى ۋە جامائەتتىكى قېرىنداشلارنى ئازابلايدۇ. بالىلارنى جىنسىي خورلاش — ناھايىتى ئېغىر گۇناھ.
5 بالىغا قارشى قىلىنغان گۇناھ. باشقىلارغا زىيان كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى ئازاب-ئوقۇبەتكە سېلىش — گۇناھتۇر. كېيىنكى ماقالىدە بالىنى جىنسىي خورلىغان ئادەم ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئېغىر يارا قىلىدىغانلىقىنى بىلىمىز. ئۇ بالىنىڭ ئىشەنچىسىگە ساتقۇنلۇق قىلىپ، ئۇنى بىخەتەرلىك ھېس-تۇيغۇسىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. بىز چوقۇم بالىلارنى شۇنداق رەزىل قىلمىشتىن ھىمايە قىلىشىمىز ۋە جىنسىي خورلاشنىڭ قۇربانى بولغانلارغا تەسەللىي ۋە ياردەم بېرىشىمىز كېرەك.—1-سالونىكا. 5:14.
6، 7. بالىلارنى جىنسىي خورلاشنى نېمە ئۈچۈن جامائەتكە ۋە ھۆكۈمەتكە قارشى قىلىنغان گۇناھ دەيمىز؟
6 جامائەتكە قارشى قىلىنغان گۇناھ. جامائەتتىكى بىرسى بالىلارنى جىنسىي خورلىسا، ئۇ جامائەتنىڭ نامىغا داغ كەلتۈرىدۇ (مەتتا 5:16؛ 1-پېتر. 2:12). بۇ «ئىمان ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا» ھەرىكەت قىلىۋاتقان مىليونلىغان قېرىنداشلار ئۈچۈنمۇ ئادالەتسىزلىكتۇر (يەھۇدا 3). رەزىل ئىش قىلىپ، گۇناھىغا توۋا قىلمايدىغان ئادەم جامائەتنىڭ ئەزاسى بولالمايدۇ.
7 ھۆكۈمەتكە قارشى قىلىنغان گۇناھ. خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنىغا بويسۇنۇشى كېرەك (رىملىقلار 13:1). دۆلەتنىڭ قانۇنىنى ھۆرمەتلەش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ ھۆكۈمەتكە بويسۇنغانلىقىنى كۆرسىتەلەيمىز. ئەگەر جامائەتتە بىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىغا خىلاپلىق قىلسا، مەسىلەن بالىلارنى جىنسىي خورلاش جىنايىتىنى ئۆتكۈزسە، ھۆكۈمەتكە قارشى گۇناھ قىلىدۇ (ئەلچىلەر 25:8-نى سېلىشتۇرۇڭ). ئاقساقاللارنىڭ دۆلەت قانۇنىنى بۇزغانلارنى جازالاش ھوقۇقى يوق. لېكىن، ئۇلار بالىلارنى جىنسىي خورلىغۇچىنى ھۆكۈمەتنىڭ جازاسىدىن قوغدىمايدۇ (رىملىقلار 13:4). گۇناھكار ئۆز قىلمىشىنىڭ ئاقىۋىتىگە يارىشا جازاغا تارتىلىدۇ.—گالاتىيا. 6:7.
8. يەھۋا بىر كىشىنىڭ يەنە بىرىگە قىلىنغان گۇناھىغا قانداق قارايدۇ؟
8 ئەڭ يامىنى، بۇ خۇداغا قارشى قىلىنغان گۇناھ (زەبۇر 51:4). كىمدۇ بىرى باشقا بىرىگە گۇناھ قىلغاندا، ئۇ يەھۋاغىمۇ قارشى گۇناھ قىلغان بولىدۇ. خۇدا ئىسرائىل خەلقىگە بەرگەن تەۋرات قانۇنىدىن بىر مىسالنى كۆرەيلى. بىرسى ئۆز قوشنىسىنى بۇلىغان ياكى ئالدىغان بولسا، قانۇن بويىچە بۇ «يەھۋاغا ساداقەتسىزلىك» قىلغانلىق بولغان (لاۋى. 6:2—4). دېمەك، جامائەتتىكى بىرى بالىنى جىنسىي خورلىسا، بۇ خۇدانىڭ ئالدىدا قىلىنغان ناھەق ئىشتۇر. چۈنكى، شۇ كىشى بالىنى ئالداپ، ئۇنى بىخەتەرلىك ھېس-تۇيغۇسىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. شۇنداق ئەخلاقسىزلىق قىلغۇچى يەھۋانىڭ ئىسىمىغا داغ كەلتۈرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، بالىلارنى جىنسىي خورلاش — خۇداغا قارشى قىلىنغان ئېغىر گۇناھ.
9. يەھۋانىڭ تەشكىلاتى قانداق مەلۇماتلارنى تەمىنلەپ كېلىۋاتىدۇ ۋە نېمە ئۈچۈن؟
9 يەھۋانىڭ تەشكىلاتى كۆپ يىللاردىن بۇيان، بالىلارنى جىنسىي خورلاشقا مۇناسىۋەتلىك ماۋزۇدا مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان مەلۇماتلارنى تەمىنلەپ كېلىۋاتىدۇ. مەسىلەن، «كۈزىتىش مۇنارى» ھەم «ئويغىنىش!» ژۇرناللىرىدا جىنسىي خورلاشقا ئۇچراپ، قەلبى يارىلانغانلار نېمە قىلالايدۇ، باشقىلار ئۇلارغا قانداق ياردەم ۋە تەسەللىي بېرەلەيدۇ ۋە ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى قانداق ھىمايە قىلسا بولىدۇ، دېگەندەك ماۋزۇلاردا ماقالىلەر نەشىر قىلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. بالىلارنى جىنسىي خورلىغانلارغا قانداق چارە قوللىنىش توغرىسىدا ئاقساقاللارغا مۇقەددەس كىتابتىكى ئايەتلەر ئاساسىدا تەپسىلىي كۆرسەتمىلەر بېرىلگەن. تەشكىلات شۇنداق ئەخلاقسىزلىق قىلغۇچىلارغا كۆرىدىغان چارىلەرنى قايتا-قايتا قاراپ، بەزى ئۆزگەرتىشلەرنى قىلىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ ئاقساقاللارنىڭ مەسىھنىڭ قانۇنىغا ماس چارە كۆرۈۋاتقانلىقىغا كاپالەت قىلىش ئۈچۈن.
ئېغىر گۇناھقا قوللىنىلىدىغان چارە
10—12. (1) كىمدۇ بىرسى ئېغىر گۇناھ قىلغاندا، ئاقساقاللار نېمىنى ئەستىن چىقارماسلىقى كېرەك ۋە ئۇلارنىڭ مەقسىتى نېمە؟ (2) ياقۇپ 5:14، 15كە ئاساسەن، ئاقساقاللار نېمە قىلىشقا تىرىشىشى كېرەك؟
10 ئاقساقاللار ئېغىر گۇناھقا چارە قوللانغاندا، مەسىھنىڭ قانۇنى ئۇلاردىن پادىغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشنى، يەھۋانىڭ كۆز ئالدىدا توغرا ۋە ئادىل ئىش قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئەستە تۇتۇشى كېرەك. ئۇلار بىرىنىڭ ئېغىر گۇناھ قىلغانلىقىنى بىلگەندە، چوقۇم بىرنەچچە ۋەزىيەتكە ئېھتىياتچانلىق بىلەن قاراپ چىقىشى لازىم. ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاساسىي مەقسىتى — يەھۋانىڭ مۇقەددەس ئىسىمىنى قوغداش (لاۋى. 22:31، 32؛ مەتتا 6:9). ئاقساقاللار يەنە جامائەتتىكى قېرىنداشلارنىڭ روھىي ئەھۋالى توغرۇلۇق ئويلايدۇ ۋە ئېغىر گۇناھنىڭ قۇربانى بولۇپ ئازاب چەككەنلەرگە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.
11 جامائەتتىكى ئېغىر گۇناھ قىلغان بىرسى گۇناھىغا توۋۋا قىلسا، ئاقساقاللار ئۇنىڭغا يەھۋا خۇدا بىلەن قايتىدىن ياخشى مۇناسىۋەتتە بولۇشقا ياردەم بېرىشكە تىرىشىدۇ (ياقۇپ 5:14، 15-نى ئوقۇڭ). يامان ھەۋەسلىرىگە بېرىلىپ، ئېغىر گۇناھ قىلغان قېرىنداش ئاغرىپ قالغان ئادەمگە ئوخشايدۇ. دېمەك، ئۇنىڭ يەھۋا خۇدا بىلەن مۇناسىۋىتى بۇزۇلۇپ كەتكەن c. ئاقساقاللارنى دوختۇرلار بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ. ئۇلار «ئاغرىق» كىشىنى [يەنى، ئېغىر گۇناھ قىلغۇچىنى] ساقايتىشقا تىرىشىدۇ. ئۇلارنىڭ مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان مەسلىھىتى گۇناھ قىلغان كىشىنىڭ يەھۋا بىلەن قايتىدىن ياخشى مۇناسىۋەتتە بولۇشىغا ياردەم بېرىشى مۇمكىن. بىراق، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ گۇناھىغا چىن يۈرەكتىن توۋا قىلىشى كېرەك.—ئەلچى. 3:19؛ 2-كورىنت. 2:5—10.
12 بەك ئېنىقكى، ئاقساقاللارغا چوڭ جاۋابكارلىق تاپشۇرۇلغان. ئاقساقاللار خۇدا ئۇلارغا تاپشۇرغان قويلارغا مېھرىبانلىق بىلەن غەمخورلۇق قىلىدۇ (1-پېتر. 5:1–3). ئۇلار قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسى جامائەتتە ئۆزىنى خاتىرجەم ھېس قىلىشنى خالايدۇ. شۇ سەۋەبتىن، قانداقتۇ بىر ئېغىر گۇناھ، مەسىلەن بالىنىڭ جىنسىي خورلۇققا ئۇچرىغانلىقىنى بىلگەندە، ئۇلار دەرھال ھەرىكەت قىلىدۇ. ھازىر 13، 15 ۋە 17-ئابزاسلارنىڭ بېشىدا بېرىلگەن سوئاللارغا كۆڭۈل بۆلەيلى.
13، 14. بالا جىنسىي خورلاشقا ئۇچرىغاندا، ئاقساقاللار بۇ توغرۇلۇق ھۆكۈمەتكە مەلۇم قىلامدۇ؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
13 بالا جىنسىي خورلاشقا ئۇچرىغاندا، ئاقساقاللار بۇ توغرۇلۇق ھۆكۈمەتكە مەلۇم قىلامدۇ؟ شۇمداق دۆلەت قانۇنىدا شۇنداق قىلىش تەلەپ قىلىنغان بولسا، ئۇلار مەلۇم قىلىدۇ (رىملىقلار 13:1). شۇنداق قانۇن خۇدانىڭ قانۇنىغا قارشى ئەمەس (ئەلچى. 5:28، 29). شۇ سەۋەبتىن، ئاقساقاللارغا بالا جىنسىي خورلاشقا ئۇچرىدى، دېگەن خەۋەر يەتكۈزۈلسە، ئۇلار يەرلىك بەيتەل بىلەن ئالاقە قىلىپ، دۆلەت قانۇنىدا نېمە تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىنى سورايدۇ.
14 جىنسىي خورلانغان بالا، ئاتا-ئانىسى ياكى ۋەقەنى بىلىدىغان باشقا ئادەملەر بىلەن سۆزلەشكەندە، ئاقساقاللار ئۇلارنىڭ بۇ توغرۇلۇق ھۆكۈمەتكە ئەرز قىلىش ھوقۇقى بار ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. لېكىن، بالىنى جىنسىي خورلىغان ئادەم جامائەتتىكى بىرسى بولۇپ، بۇ كۆپچىلىككە مەلۇم بولسىچۇ؟ بۇ توغرۇلۇق ئېيتىپ بەرگەن قېرىنداش خۇدانىڭ ئىسىمىغا داغ كەلتۈردۈم، دەپ ئويلىشى كېرەكمۇ؟ ئەلۋەتتە، ياق. چۈنكى، خۇدانىڭ ئىسىمىغا داغ كەلتۈرگەن ئۇ ئەمەس، بالىنى جىنسىي خورلىغان ئادەم.
15، 16. (1) 1-تىموتىي 5:19غا ئاساسەن، سوت كېڭىشى قۇرۇش ئۈچۈن نېمىشقا كەم دېگەندە ئىككى گۇۋاھچى كېرەك؟ (2) جامائەتتىكى بىرسى بالىنى جىنسىي خورلىدى، دېگەن خەۋەرنى ئالغاندا، ئاقساقاللار نېمە قىلىدۇ؟
15 نېمە ئۈچۈن ئاقساقاللارنىڭ سوت كېڭىشى قۇرۇشى ئۈچۈن كەم دېگەندە ئىككى گۇۋاھچى كېرەك؟ چۈنكى، بۇ تەلەپ مۇقەددەس كىتابتىكى ئادالەتلىك ئۆلچەملەرگە ماس. ئادەم گۇناھىنى بوينىغا ئالمىسا، ئۇنى ئەيىبلەش ئۈچۈن ۋە ئاقساقاللار سوت كېڭىشى قورالىشى ئۈچۈن، ئىككى گۇۋاھچى بولۇشى كېرەك (تەكرار. قا 19:15؛ مەتتا 18:16؛ 1-تىموتىي 5:19-نى ئوقۇڭ). بۇ تەلەپ بالىنى جىنسىي خورلىغانلىقى ھەققىدە ھۆكۈمەتكە مەلۇم قىلىش ئۈچۈن ئىككى گۇۋاھچى بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرەمدۇ؟ ياق. ئاقساقاللار ياكى باشقىلار ھۆكۈمەتكە بۇنداق جىنايى قىلمىش توغرۇلۇق مەلۇم قىلىش ئۈچۈن ئىككى گۇۋاھچى تەلەپ قىلىنمايدۇ.
16 جامائەتتىكى بىرسى بالىنى جىنسىي خورلىدى، دېگەن خەۋەرنى ئالغاندا، دۆلەت قانۇنىدا تەلەپ قىلىنسا، ئاقساقاللار بۇ جىنايى قىلمىش توغرۇلۇق ھۆكۈمەتكە مەلۇم قىلىدۇ. كېيىن، ئۇلار ۋەزىيەتنى تەرەپ-تەرەپتىن ئېنىقلاپ چىقىدۇ ۋە مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلىنىپ، سوت كېڭىشى قۇرۇش-قۇرماسلىقنى قارار قىلىدۇ. ئاۋۋال ئاقساقاللار ئەيىبلەنگەن كىشىدىن بۇ قىلمىش ھەققىدە سورايدۇ. ئەگەر ئۇ گۇناھىنى بوينىغا ئالمىسا، گۇۋاھچىلاردىن سورايدۇ. سوت كېڭىشى قۇرۇش ئۈچۈن، كەم دېگەندە ئىككى ئادەم كېرەك. ئەيىبلىگۈچى ۋە بۇ قىلمىشقا گۇۋاھچى بولغان كىشى بالىغا جىنسىي خورلۇق قىلىنغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىسە، ئاقساقاللار سوت كېڭىشى قۇرىدۇ d. لېكىن، ئىككىنچى گۇۋاھچى بولمىسا، ئەيىبلىگۈچى يالغان سۆزلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. ھەتتا بۇ قىلمىشنى ئىسپاتلايدىغان ئىككى گۇۋاھچى بولمىسىمۇ، ئاقساقاللار بۇ گۇناھنى باشقىسىنىڭ يۈرىكىنى زېدە قىلغان ئېغىر گۇناھ، دەپ ھېسابلايدۇ. ئاقساقاللار موھتاج بولغان كىشىلەرگە دائىم تەسەللىي بېرىپ، قوللاپ-قۇۋۋەتلەشكە تەييار. بۇنىڭدىن باشقا، ئاقساقاللار جامائەتنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن، بالىغا جىنسىي خورلۇق قىلغان، دەپ ئەيىبلەنگەن ئادەمنى نازارەت قىلىدۇ.—ئەلچى. 20:28.
17، 18. سوت كېڭىشىنىڭ مەقسىتىنى چۈشەندۈرۈڭ.
17 سوت كېڭىشىنىڭ مەقسىتى نېمە؟ «سوت» دېگەن سۆز ئاقساقاللارنىڭ سوتلايدىغانلىقىنى ياكى قانۇننى بۇزغان ئادەمنى جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئۇلار بۇ جىنايى قىلمىشقا ئارىلاشمايدۇ، شۇنداق ئىشلارنى ھۆكۈمەتنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرىدۇ (رىملىقلار 13:2—4؛ تىتۇس 3:1). ئاقساقاللار شۇ كىشىنى جامائەتتە قالدۇرۇش-قالدۇرماسلىقنى قارار قىلىدۇ.
18 سوت كېڭىشىدىكى ئاقساقاللار ئەيىبلەنگەن كىشىنىڭ خۇدا ۋە جامائەتتىكىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە مەسىلىلەرنى قاراپ چىقىدۇ. ئۇلار مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلىنىپ، جىنسىي خورلىغۇچىنىڭ توۋا قىلغان-قىلمىغانلىقىنى ئېنىقلايدۇ. ئەگەر ئۇ توۋا قىلمىسا، جامائەتتىن چىقىرىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئەمدى يەھۋا گۇۋاھچىسى ئەمەسلىكى جامائەتتە ئېلان قىلىنىدۇ (1-كورىنت. 5:11—13). ئۇ توۋا قىلسا، جامائەتتە قېلىشى مۇمكىن. ئەمما، ئاقساقاللار ئۇنىڭ جامائەتتە ھېچقاچان ۋەزىپىلەرگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. جامائەتتىكى بالىلارنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن، ئاقساقاللار ئاتا-ئانىلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، بالىسى شۇ كىشىنىڭ قېشىدا بولغاندا ئېھتىياتچان بولۇش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ قويۇشى مۇمكىن. لېكىن، ئاقساقاللار ئاتا-ئانىلارغا كىم جىنسىي خورلاشقا ئۇچراپ، ئازاب چەككەنلىكىنى ئېيتىپ قويۇشتىن پەخەس بولۇشى كېرەك.
بالىلىرىڭىزنى قانداق قوغدىيالايسىز؟
بالىلارنى جىنسىي خورلۇقتىن قوغداش ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار ئۇلارغا جىنسىي ئالاقە توغرۇلۇق يېشىغا مۇۋاپىق تەلىم بېرىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار خۇدانىڭ تەشكىلاتى بەرگەن مەلۇماتلارنى قوللىنىدۇ (19—22-ئابزاسلىرىغا قاراڭ)
19—22. ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن نېمە قىلالايدۇ؟ (مۇقاۋىدىكى رەسىمگە قاراڭ)
19 بالىلارنى قوغداش بىرىنچى نۆۋەتتە ئاتا-ئانىلارنىڭ ۋەزىپىسى e. بالىلار — «يەھۋادىن مىراستۇر» (زەبۇر 127:3). بالىلارنى قوغداش — سىلەرنىڭ بۇرچىڭلار. بالىلىرىڭلارنى جىنسىي خورلاشتىن ھىمايە قىلىش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىلەر؟
20 بىرىنچىدىن، جىنسىي خورلاش ھەققىدە كۆپرەك بىلىۋېلىڭ. ئادەتتە قانداق ئادەملەرنىڭ جىنسىي خورلىغۇچى بولىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلار بالىلارنى قانداق ئالدايدىغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ. خەتەرلىك ۋەزىيەتلەردىن ياكى ئادەملەردىن پەخەس بولۇڭ (پەند. نە 22:3؛ 24:3). بالىنى جىنسىي خورلايدىغان كىشى كۆپىنچە ۋەزىيەتلەردە بالا ياخشى تونۇيدىغان ۋە ئىشەنچ قىلىدىغان ئادەم بولىدىغانلىقىنى ئۇنتۇماڭ.
21 ئىككىنچىدىن، بالىڭىز بىلەن ئوچۇق سۆزلىشىپ، سىزگە ھەممىنى ئېيتىپ بېرىشكە دەۋەت قىلىڭ (تەكرار. قا 6:6، 7). بۇنىڭ ئۈچۈن بالىڭىزنى دىققەت بىلەن تىڭشاڭ (ياقۇپ 1:19). جىنسىي خورلاشقا ئۇچرىغان بالا، بۇنى ئېيتىشتىن قورقىدىغانلىقىنى ئەستە تۇتۇڭ. سەۋەبى، ئۇلار سۆزلىرىمگە ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ، دەپ ئويلىشى مۇمكىن. ياكى بولمىسا، ئۇنى جىنسىي خورلىغان كىشى ھېچكىمگە ئېيتماسلىقى توغرۇلۇق تەھدىت سېلىپ قورقۇتقاچقا، بالا ھېچكىمگە ئېيتماسلىقى مۇمكىن. ئەگەر بالىغا بىر ئىش بولغانلىقىنى تۇيۇپ قالسىڭىز، مېھرىبانلىق بىلەن سوئاللارنى قويۇپ، سەۋرچانلىق بىلەن تىڭشاڭ.
22 ئۈچىنچىدىن، بالىلىرىڭىزغا تەلىم بېرىڭ. ئۇلارنىڭ يېشىغا قاراپ جىنسىي ئالاقە ھەققىدە ئېيتىپ بېرىڭ. كىمدۇ بىرسى تۇتۇشقا بولمايدىغان يەرلەرنى سىلاپ-سىيپىسا ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئىش-ھەرىكەتلەرنى قىلسا، نېمە دېيىشى ۋە نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى ئۆگىتىڭ. خۇدانىڭ تەشكىلاتى بالىلىرىڭىزنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن تەمىنلىگەن مەلۇماتلاردىن پايدىلىنىڭ.—« ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلار بىلىشى كېرەك مەلۇماتلار» دېگەن رامكىغا قاراڭ.
23. بالىنى جىنسىي خورلاشقا بولغان كۆز قارىشىمىز قانداق ۋە كېيىنكى ماقالىدە قايسى سوئالغا جاۋاب تاپىمىز؟
23 بىز، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى، بالىلارنى جىنسىي خورلاشنى ئېغىر گۇناھ ۋە ناھايىتى يىرگىنىچلىك قىلمىش دەپ ھېسابلايمىز. مەسىھنىڭ قانۇنىغا بويسۇنغانلىقتىن، بىز شۇنداق قىلمىشنى قىلغان ئادەمنى گۇناھىنىڭ ئاقىۋىتىدىن ھىمايە قىلمايمىز. جىنسىي خورلاشنىڭ قۇربانى بولغانلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟ بۇ سوئالغا جاۋابنى كېيىنكى ماقالىدىن تاپىمىز.
42-ناخشا ئاجىزلارغا ياردەم بەر
a بىز بالىلارنى جىنسىي خورلۇقتىن قانداق قوغدىيالايدىغانلىقىمىز ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىمىز. «جامائەتنى قوغداش ئۈچۈن ئاقساقاللار نېمە قىلالايدۇ؟» ۋە «ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن نېمە قىلالايدۇ؟» دېگەن سوئاللارغا جاۋاب تاپىمىز.
b سۆز-ئىبارە مەنىسى: بالىلارنى جىنسىي خورلاش — قورامىغا يەتكەن بىرى ئۆزىنىڭ جىنسىي ئارزۇ-ھەۋىسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن قىلغان يىرگىنىچلىك ئىش-ھەرىكەتلەر. بۇنىڭغا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش، ئېغىز ياكى ئارقا يول ئارقىلىق جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش، بىرسىنىڭ جىنسىي ئەزاسى، كۆكسى ياكى كاسىسىنى سىيلاپ-سىيپاش ياكى باشقا شەھۋانىي ئىش-ھەرىكەتلەر كىرىدۇ. خورلۇققا ئۇچرىغان بالا بىرسىنىڭ شەخسىيەتچى ھەۋىسىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان. بۇنىڭغا قەلبى يارىلانغان سەبىي بالا ئەيىبلىك ئەمەس. شۇ ئەخلاقسىزلىقنىڭ قۇربانى بولغانلارنىڭ ئارىسىدا پەقەت قىزلار ئەمەس، نۇرغۇن ئوغۇللارمۇ بار. بالىلارنى جىنسىي خورلىغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەرلەر، ئامما، بەزى ئاياللارمۇ شۇنداق قىلىدۇ.
c ئېغىر گۇناھ قىلغان ئادەم، روھىي جەھەتتىن ئاغرىق ئىكەنلىكىنى ئۆزىنىڭ گۇناھ قىلغانلىقىنىڭ بانا-سەۋەبى قىلىشقا بولمايدۇ. گۇناھ قىلغان ئادەم ناتوغرا قارارلىرى ۋە ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن ئۆزى جاۋابكار ۋە يەھۋا خۇدا ئۇنى جاۋابقا تارتىدۇ.—رىملىقلار 14:12.
d ئاقساقاللار ئەيىبلەنگۈچى بىلەن سۆزلەشكەندە، بالىنىڭ شۇ يەردە بولۇشى تەلەپ قىلىنمايدۇ. بالىنىڭ قەلب يارىسىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرماسلىق ئۈچۈن، ئاتا-ئانىسىنىڭ بىرى ياكى بالا ئىشەنچ قىلىدىغان چوڭ كىشى ئاقساقاللارغا نېمە بولغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىشى مۇمكىن.
e بۇ مەلۇمات ھىمايە قىلىشنى قانۇنلۇق ئۆز ئۈستىگە ئالغانلار ياكى ئۆزىنىڭ پەرزەنتى ئەمەس بالىغا غەمخورلۇق قىلىدىغانلارغىمۇ مۇناسىۋەتلىك.