«كۆزىتىش مۇنارى» (تەتقىق قىلىش نەشىرى) ماي 2020

بۇ سان 2020-‏يىلنىڭ 6-‏ئىيۇ‌ل—‏2-‏ئاۋغۇ‌ست ئارىلىقىدا تە‌تقىق قىلىنىدىغان ماقالىلە‌رنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏

ئاخىر زاماندىكى «شىمال پادىشاھى»‏

19-‏تە‌تقىق ماقالىسى:‏ 6—‏12-‏ئىيۇ‌ل،‏ 2020.‏ دانىيال پە‌يغە‌مبە‌ر يازغان «جە‌نۇ‌ب پادىشاھى» ۋە «شىمال پادىشاھى» توغرۇ‌لۇ‌ق پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌ر تېخىغىچە ئە‌مە‌لگە ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز.‏ نېمە ئۈچۈن شۇ‌نداق دە‌پ ئېيتالايمىز؟‏ نېمە سە‌ۋە‌بتىن،‏ بۇ بېشارە‌تنى چۈشىنىشىمىز مۇ‌ھىم؟‏

ئاخىر زاماندىكى رىقابە‌تچى پادىشاھلار

شىمالىي پادىشاھ بىلە‌ن جە‌نۇ‌بىي پادىشاھقا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌ر ۋە ئۇ‌لار بىلە‌ن ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئە‌مە‌لگە ئاشقان باشقا پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌ر كۆرسىتىلگە‌ن.‏ بۇ پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌ر دۇ‌نيانىڭ ئاخىرى پات ئارىدا كېلىدىغانلىقىنى قانداق ئىسپاتلايدۇ؟‏

بۈگۈنكى كۈندە «شىمال پادىشاھى» كىم؟‏

20-‏تە‌تقىق ماقالىسى:‏ 13—‏19-‏ئىيۇ‌ل،‏ 2020-‏يىل.‏ بۈگۈنكى كۈندە «شىمال پادىشاھى» كىم ۋە ئۇ قانداق يوق قىلىنىدۇ؟‏ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابى ئېتىقادىمىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌يدۇ ۋە پات ئارىدا بولىدىغان سىناقلارغا تە‌ييار بولۇ‌شىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏

خۇ‌دا بە‌رگە‌ن سوۋغاتلارنى قە‌دىرلە‌مسىز؟‏

21-‏تە‌تقىق ماقالىسى:‏ 20—‏26-‏ئىيۇ‌ل،‏ 2020.‏ بۇ ماقالە بىزنى،‏ يە‌ھۋا ۋە ئۇ‌نىڭ بىزگە بە‌رگە‌ن ئۈچ سوۋغىتى ئۈچۈن تېخىمۇ مىننە‌تدار بولۇ‌شقا ئۆگىتىدۇ.‏ شۇ‌نداقلا،‏ خۇ‌دانىڭ مە‌ۋجۇ‌تلۇ‌قىغا ئىشە‌نمە‌يدىغان ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن مە‌نتىقىگە ئۇ‌يغۇ‌ن ھالدا سۆھبە‌ت ئېلىپ بېرىشقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏

كۆزگە كۆرۈنمە‌س سوۋغاتلارنى قە‌دىرلە‌ڭ

22-‏تە‌تقىق ماقالىسى:‏ 27-‏ئىيۇ‌ل—‏2-‏ئاۋغۇ‌ست،‏ 2020.‏ ئالدىنقى ماقالىدە،‏ خۇ‌دانىڭ كۆزگە كۆرۈنىدىغان بە‌زى سوۋغاتلىرىنى مۇ‌ھاكىمە قىلدۇ‌ق.‏ بۇ ماقالىدە،‏ كۆزگە كۆرۈنمە‌يدىغان سوۋغاتلارغا دىققە‌تنى قارىتىمىز ۋە ئۇ‌لارنى قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىش ئۇ‌سۇ‌للىرىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ بۇ بولسا،‏ شۇ سوۋغاتلارنى بە‌رگە‌ن يە‌ھۋاغا بولغان مىننە‌تدارلىقىمىزنى ئاشۇ‌رىدۇ.‏