ئاخىر زاماندىكى رىقابەتچى پادىشاھلار
بۇ جەدۋەلدىكى بەزى پەيغەمبەرلىك سۆزلەر ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى تەسۋىرلەيدۇ. بۇ بېشارەتلەرنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئاخىر زاماندا ياشاۋاتقانلقىمىزنى ئىسپاتلايدۇ.—دانىيال 12:4.
ئايەت(لەر): ۋەھىي. 11:7؛ 12:13، 17؛ 13:1—8، 12
پەيغەمبەرلىك سۆزلەر: «يىرتقۇچ ھايۋان» ياكى مەخلۇق ئەسىرلەر داۋامىدا يەر يۈزىدە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ئاخىر زاماندا ئۇنىڭ يەتتىنچى بېشى يارىلىنىدۇ. كېيىنرەك، بۇ باشنىڭ يارىسى ساقىيىپ، «يەردە ياشىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى» مەخلۇقنىڭ كەينىدىن ئەگىشىدۇ. شەيتان بۇ مەخلۇق ئارقىلىق ئايالنىڭ «قالغان ئەۋلادىغا» قارشى جەڭ قىلىدۇ.
ئەمەلگە ئېشىشى: توپان سۈيىدىن كېيىن، يەھۋا خۇداغا قارشى چىققان ھۆكۈمەتلەر ئىنسانلارنى باشقۇرۇشنى باشلىغان. نۇرغۇن ئەسىرلەر ئۆتۈپ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋاقتىدا، برىتانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ كۈچى ئاجىزلىشىپ كەتكەن. قوشما شتاتلار بىلەن بىرلەشكەندىن كېيىن بولسا، برىتانىيە قايتىدىن كۈچلۈك بولغان. شەيتان بولۇپمۇ ئاخىر زاماندا خۇدا خەلقىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن سىياسىي تۈزۈلمىنى ئىشلەتمەكتە.
ئايەت(لەر): دانىيال 11:25—45
پەيغەمبەرلىك سۆزلەر: شىمالىي ۋە جەنۇبىي پادىشاھلار رىقابەتلىشىدۇ.
ئەمەلگە ئېشىشى: گېرمانىيە ۋە ئانگلو-ئامېرىكا بىر-بىرى بىلەن قارشىلىشىدۇ. 1945-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى شىمالىي پادىشاھ بولغان. 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى غۇلاپ چۈشكەن. ۋاقىت ئۆتۈپ روسىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى شىمالىي پادىشاھ بولغان.
ئايەت(لەر): يەشايا 61:1؛ مالاك. 3:1؛ لۇقا 4:18
پەيغەمبەرلىك سۆزلەر: مەسىھنىڭ پادىشاھلىقى كەلمەي تۇرۇپ «يول تەييارلاش» ئۈچۈن، يەھۋا «ئەلچىنى» ئەۋەتىدۇ. بۇ بىر توپ مۆمىنلەرگە خۇش خەۋەرنى ئېيتىشنى باشلايدۇ.
ئەمەلگە ئېشىشى: 1870-يىللاردىن تارتىپ، چارلىز راسسېل ۋە ھەمراھلىرى مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەتلەرنى چۈشىنىش ئۈچۈن، خۇدا سۆزىنى قىزغىنلىق بىلەن تەتقىق قىلغان. 1880-يىللىرى ئۇلار خۇدا خىزمەتچىلىرى ۋەز قىلىشى لازىم ئىكەنلىكىگە دىققەت ئاغدۇرۇشقا باشلىغان. ئۇلار «1000 ۋەز ئېيتقۇچى كېرەك» ۋە «ۋەز ئېيتىشقا مەسىھ قىلىنغانلار» ناملىق ماقالىلەرنى بېسىپ چىقارغان.
ئايەت(لەر): مەتتا 13:24—30، 36—43
پەيغەمبەرلىك سۆزلەر: بىر كىشى ئېتىزغا بۇغداي ئۇرۇقىنى چاچىدۇ. كېيىن دۈشمىنى كېلىپ، بۇغداينىڭ ئارىسىغا ياۋايى ئوت-چۆپ ئۇرۇقىنى چېچىپ كېتىدۇ. ياۋايى ئوت ئۆسۈپ بۇغداينى بېسىۋالىدۇ. لېكىن، ھوسۇل يىغىش ۋاقتىدا ئوت-چۆپ بۇغدايدىن ئايرىۋېتىلىدۇ.
ئەمەلگە ئېشىشى: 1870-يىلدىن تارتىپ ھەقىقىي مەسىھىيلەر بىلەن ساختا مەسىھىيلەرنىڭ پەرقى ئېنىق كۆرۈنۈشكە باشلىغان. ئاخىر زاماندا خۇدانىڭ ھەقىقىي خىزمەتچىلىرى يىغىلىپ، ساختا مەسىھىيلەردىن ئايرىلغان.
ئايەت(لەر): دانىيال 2:31—33، 41—43
پەيغەمبەرلىك سۆزلەر: ھەرخىل مېتاللاردىن ياسالغان ھەيكەلنىڭ تۆمۈر ۋە سېغىز لايدىن ياسالغان پۇتى.
ئەمەلگە ئېشىشى: سېغىز لاي ئانگلو-ئامېرىكا دۇنيا كۈچى، يەنى ئىمپېرىيىسىنىڭ قول ئاستىدىكى بۇ ھۆكۈمەتكە قارشى چىققۇچىلار ۋە مەسىھىيلەرنىڭ ئاددىي خەلقنى بىلدۈرىدۇ. شۇ ئادەملەر بۇ ئىمپېرىيىنىڭ تۆمۈردەك كۈچلۈك بولۇشىغا توسالغۇلۇق قىلىپ، ئۇنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ.
ئايەت(لەر): مەتتا 13:30؛ 24:14، 45؛ 28:19، 20
پەيغەمبەرلىك سۆزلەر: «بۇغداي» «ئامبارلارغا» يىغىلىدۇ، «ئۆيدىكىلىرىنىڭ ئۈستىدىن» «سادىق ھەم ئەقىل-پاراسەتلىك قۇل» تەيىنلىنىدۇ. «پادىشاھلىق ھەققىدىكى خۇش خەۋەر پۈتكۈل يەر يۈزى بويىچە» ۋەز قىلىنىشقا باشلايدۇ.
ئەمەلگە ئېشىشى: 1919-يىلى خۇدا خەلقى ئۈستىدىن «سادىق ھەم ئەقىل-پاراسەتلىك قۇل» تەيىنلەنگەن. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلغۇچىلار كەڭ كۆلەمدە ۋەز ئىشىنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۈگۈنكى كۈندە، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى 200دىن كۆپرەك دۆلەتلەردە ۋەز قىلىپ، مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان ماتېرىياللارنى 1000دىن ئوشۇق تىللاردا نەشىر قىلماقتا.
ئايەت(لەر): دانىيال 12:11؛ ۋەھىي. 13:11، 14، 15
پەيغەمبەرلىك سۆزلەر: ئىككى مۈڭگۈزلۈك مەخلۇق يەتتە بېشى بار مەخلۇقنىڭ ھەيكىلىنى تىكلەشكە تەسىر قىلىپ، شۇ ھەيكەلگە «ھاياتلىق نەپەس» بېرىدۇ.
ئەمەلگە ئېشىشى: ئانگلو-ئامېرىكا دۇنيا كۈچى خەلقئارا ئىتتىپاقنى قۇرۇشقا ئاساس سالىدۇ. بۇ تەشكىلاتنى باشقا خەلقلەرمۇ قوللايدۇ. نەتىجىدە، شىمالىي پادىشاھمۇ پەقەت 1926—1933-يىللار ئارىلىقىدا بۇ ئىتتىپاقنىڭ ئەزاسى بولغان. پۈتۈن دۇنيادا ئىناق-ئىتتىپاقلىقنى پەقەت خۇدا پادىشاھلىقى ئورنىتالايدۇ، لېكىن ئادەملەر بۇنى خەلقئارا ئىتتىپاق قىلالايدۇ، دەپ ئىشەنگەن. ئادەملەر ب د ت بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ، دەپ ئويلايدۇ.
ئايەت(لەر): دانىيال 8:23، 24
پەيغەمبەرلىك سۆزلەر:ياۋۇز بىر پادىشاھ كۆپ ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ.
ئەمەلگە ئېشىشى: ئانگلو-ئامېرىكا ئىمپېرىيىسى كۆپ زىيان يەتكۈزگەن. مەسىلەن، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا قوشما شتاتلار دۈشمەنلىرىگە قارشى ئىككى ئاتوم بومبىسىنى تاشلىغاندا، نۇرغۇنلىغان ئادەملەر ئۆلۈپ، چوڭ ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كەلگەن.
ئايەت(لەر): دانىيال 11:31؛ ۋەھىي. 17:3، 7—11
پەيغەمبەرلىك سۆزلەر: ئون مۈڭگۈزى بار «توق قىزىل» مەخلۇق ھاڭدىن چىقىپ، سەككىزىنچى پادىشاھ بولغان. دانىيال كىتابىدا بۇ پادىشاھ «ۋەيران قىلغۇچى يىرگىنىچلىك نومۇسسىزلىق» دەپ ئاتالغان.
ئەمەلگە ئېشىشى: خەلقئارا ئىتتىپاق ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋاقتىدا پائالىيەتسىز بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىن، ب د ت ئۇنىڭ «ئورنىغا» چىققان. خەلقئارا ئىتتىپاققا ئوخشاش، ب د ت خۇدا پادىشاھلىقى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ئىشلارنى قىلىمەن دەيدۇ. ب د ت دىنلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ.
ئايەت(لەر): 1-سالونىكا. 5:3؛ ۋەھىي. 17:16
پەيغەمبەرلىك سۆزلەر: دۆلەت رەھبەرلىرى «تىنچلىق ۋە بېخەتەرلىك»، دەپ ئېلان قىلىدۇ. «ئون مۈڭگۈز» ۋە «مەخلۇق» «پاھىشىگە» ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى ۋەيران قىلىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن ھەممە ھۆكۈمەتلەر يوق قىلىنىدۇ.
ئەمەلگە ئېشىشى: دۆلەت رەھبەرلىرى تىنچلىق ۋە بېخەتەرلىكنى ئورناتتۇق، دەپ ئېلان قىلىشى مۇمكىن. ئاندىن ب د ت تەشىكل قىلغان دۆلەتلەر ساختا دىنىي تەشكىلاتلارنى يوق قىلىدۇ. بۇ دەھشەتلىك بالايىئاپەتنىڭ باشلىنىشى بولىدۇ. دەھشەتلىك بالايىئاپەت شەيتاننىڭ پۈتۈن دۇنياسى ئارماگېدون ئۇرۇشىدا يوق قىلىنغاندا ئاخىرلىشىدۇ.
ئايەت(لەر): ھەزەكەرىيا 38:11، 14—17؛ مەتتا 24:31
پەيغەمبەرلىك سۆزلەر: گوگ (يەجۈج بىلەن مەجۈج) خۇدا خەلقىنىڭ زېمىنىغا ھۇجۇم قىلىدۇ. كېيىن پەرىشتىلەر «تاللىغانلىرىنى» يىغىدۇ.
ئەمەلگە ئېشىشى: شىمالىي پادىشاھ باشقا ھۆكۈمەتلەر بىلەن بىرلىشىپ، خۇدا خەلقىگە ھۇجۇم قىلىدۇ. شۇ ھۇجۇم باشلانغاندىن كېيىن، يەردە قالغان مەسىھ قىلىنغانلار ئاسماندا جەم بولىدۇ.
ئايەت(لەر): ھەزەكەرىيا 38:18—23؛ دانىيال 2:34، 35، 44، 45؛ ۋەھىي. 6:2؛ 16:14، 16؛ 17:14؛ 19:20
پەيغەمبەرلىك سۆزلەر: «ئاق ئاتتا» ئولتارغان «چەۋەنداز» گوگ ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىغا قارشى جەڭ قىلىپ، «غەلبە قازىنىدۇ». «يىرتقۇچ ھايۋان»، يەنى مەخلۇق، «گۈڭگۈرت كۆيۈۋاتقان ئوت كۆلىگە» تاشلىنىدۇ ۋە چوڭ بىر تاش ھەيكەلنى ۋەيران قىلىدۇ.
ئەمەلگە ئېشىشى: خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى ئەيسا مەسىھ، يەھۋانىڭ خەلقىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كېلىدۇ. ئەيسا، 144000 كىشى ۋە پەرىشتىلەر خۇدا خەلقىگە ھۇجۇم قىلىدىغان دۆلەتلەر بىرلىكىنى يوق قىلىدۇ. بۇ شەيتان دۇنياسىنىڭ ئاخىرى بولىدۇ.