19-تەتقىق ماقالىسى
ئاخىر زاماندىكى «شىمال پادىشاھى»
«زامان ئاخىرى بولغاندا جەنۇب پادىشاھى ئۇنىڭغا [شىمال پادىشاھىغا] ھۇجۇم قىلىدۇ».—دانىيال 11:40.
49-ناخشا يەھۋا — بىزنىڭ پاناھگاھىمىز
بۇ ماقالىدە a
1. مۇقەددەس كىتابتىكى پەيغەمبەرلىك سۆزلەردىن نېمىلەرنى بىلەلەيمىز؟
پات يېقىندا يەھۋا خۇدانىڭ خەلقى قانداق ۋەقەلەرگە دۇچ كېلىدۇ؟ بىز بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى بىلىمىز. مۇقەددەس كىتابتا خۇدانىڭ خەلقى زىيانكەشلىككە دۇچ كېلىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئالدىن-ئالا يېزىلغان. مەسىلەن، دانىيال كىتابىنىڭ 11-بابىدىكى پەيغەمبەرلىك سۆزلەردىن ئەڭ كۈچلۈك ئىنسانىي ھۆكۈمەتلەرنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز. بۇ بابتا بىر-بىرىگە قارىمۇ-قارشى بولغان ئىككى كۈچلۈك ھۆكۈمەت، يەنى جەنۇب ۋە شىمال پادىشاھلىرىنىڭ تارىخى توغرۇلۇق يېزىلغان. بۇ پەيغەمبەرلىك سۆزىنىڭ تەڭدىن تولىسى ئەمەلگە ئېشىپ بولغان. شۇڭا، ئۇنىڭ قالغان قىسىملىرىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل.
2. يارىتىلىش 3:15 ۋە ۋەھىيلەر 11:7؛ 12:17-ئايەتلەردە يېزىلغاندەك، دانىيال يازغان پەيغەمبەرلىك سۆزلەرنى تەتقىق قىلغاندا، نېمىنى يادىمىزدا تۇتۇشىمىز كېرەك؟
2 دانىيال كىتابىنىڭ 11-بابىدىكى پەيغەمبەرلىك سۆزلەرنى چۈشىنىش ئۈچۈن، بىر نەرسىنى يادىمىزدا تۇتۇشىمىز لازىم: بۇ ئايەتلەردە پەقەت خۇدانىڭ خەلقىگە بىۋاسىتە تەسىر قىلغان ھۆكۈمرانلار ھەققىدە ئېيتىلىدۇ. خۇدانىڭ خەلقىنى دۇنيادىكى ئىنسانىيەت بىلەن سېلىشتۇرغاندا، سانى بەك ئاز بولسىمۇ، نېمە ئۈچۈن ئۇلار ھۆكۈمەتلەرنىڭ نىشانىغا ئايلانغان؟ سەۋەبى، شەيتان ۋە ئۇنىڭ تۈزۈلمىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى — يەھۋا ۋە ئەيساغا خىزمەت قىلىدىغانلارنى بىتچىت قىلىشتۇر (يارىتىلىش 3:15 ۋە ۋەھىيلەر 11:7؛ 12:17-نى ئوقۇڭ). يادىمىزدا تۇتىدىغان يەنە بىر نەرسە — دانىيال كىتابىدىكى بېشارەت مۇقەددەس كىتابتىكى باشقىمۇ بېشارەتلەرگە ماس كېلىشى كېرەك. دانىيال يازغان پەيغەمبەرلىك سۆزلەرنى توغرا چۈشىنىش ئۈچۈن، ئۇنى يازمىلاردىكى باشقا ئايەتلەر بىلەن سېلىشتۇرۇش مۇھىم.
3. مۇشۇ ۋە كېيىنكى ماقالىدە نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
3 بۇ ماقالىدە، دانىيال 11:25—39-ئايەتلەرنى كۆرۈپ چىقىمىز. 1870-يىلدىن 1991-يىلغىچە جەنۇب پادىشاھى ۋە شىمال پادىشاھىنىڭ كىم بولغانلىقىنى ۋە پەيغەمبەرلىك سۆزلەرنىڭ بۇ قىسىمىغا مۇناسىۋەتلىك چۈشەنچىمىزنى نېمە ئۈچۈن ئۆزگەرتكەنلىكىمىزنى مۇھاكىمە قىلىمىز. كېيىنكى ماقالىدە، دانىيال 11:40—12:1-ئايەتلەرنى ۋە بۇ پەيغەمبەرلىك سۆزلەرنىڭ 1990-يىلدىن باشلاپ، ئارماگېدون ئۇرۇشىغىچە قانداق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز. مۇشۇ ئىككى ماقالىنى ئوقۇغىنىڭىزدا، «ئاخىر زاماندىكى رىقابەتچى پادىشاھلار» دېگەن رامكىنى كۆرسىڭىز بولىدۇ. ئاۋۋال بۇ پەيغەمبەرلىك سۆزلىرىدىكى ئىككى ھۆكۈمران كىمنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.
«جەنۇب پادىشاھى» ۋە «شىمال پادىشاھى»نى قانداق ئېنىقلاشقا بولىدۇ؟
4. جەنۇب ۋە شىمال پادىشاھلىرىنى ئېنىقلاشقا قانداق ئۈچ نەرسە ياردەم بېرىدۇ؟
4 ئىسرائىلنىڭ جەنۇب ۋە شىمال تەرىپىدە ھۆكۈمرانلىق قىلغان قەدىمقى پادىشاھلار «جەنۇب پادىشاھى» ۋە «شىمال پادىشاھى» دەپ ئاتالغان. نېمە ئۈچۈن شۇنداق ئېيتالايمىز؟ دانىيال پەيغەمبەرگە خەۋەرنى يەتكۈزگەن پەرىشتىنىڭ نېمە دېگەنلىكىگە دىققەت ئاغدۇرايلى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئاخىرقى كۈنلەردە سېنىڭ خەلقىڭنىڭ [خۇدا خەلقىنىڭ] بېشىغا كېلىدىغان ئىشلارنى چۈشەندۈرگىلى كەلدىم. چۈنكى، بۇ غايىبانە كۆرۈنۈش كەلگۈسىدىكى كۈنلەر توغرىسىدىدۇر» (دانىيال 10:14). مىلادى 33-يىلى، ئەللىكىنچى كۈن بايرىمىغىچە ئىسرائىل خەلقى خۇدانىڭ خەلقى بولغان. ئەمما، بۇ يىلدىن كېيىن، يەھۋا ئەمدى ئۇنىڭ خەلقى ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسەتكەن. شۇ سەۋەبتىن، دانىيال كىتابىنىڭ 11-بابىدىكى پەيغەمبەرلىك سۆزلەرنىڭ تەڭدىن تولىسى ئىسرائىل خەلقىگە ئەمەس، ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە قارىتا ئېيتىلغان (ئەلچى. 2:1—4؛ رىملىقلار 9:6—8؛ گالاتىيا. 6:15، 16). تارىخقا نەزەر سالساق، جەنۇب ۋە شىمال پادىشاھلىرى ئۆزگىرىپ تۇرسىمۇ، ئۇلارنىڭ بىرنەچچە ئوخشاش تەرەپلىرى بولغان. بىرىنچىدىن، شۇ پادىشاھلار خۇدا خەلقىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى ئەزگەن. ئىككىنچىدىن، خۇدا خەلقىگە قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقى بىلەن يەھۋا خۇدانى ئۆچ كۆرىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسەتكەن. ئۈچىنچىدىن، ئىككى پادىشاھ ھاكىمىيەت ئۈچۈن بىر-بىرى بىلەن كۈرەش قىلغان.
5. مىلادى 100—1870-يىللار ئارلىقىدىكى ھۆكۈمەتلەر ياكى پادىشاھلار جەنۇب ۋە شىمال پادىشاھلىرى بولغانمۇ؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
5 مىلادى ئىككىنچى ئەسىردە، خۇدا خىزمەتچىلىرى جامائەتلىرىدە ساختا مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى پەيدا بولۇشقا باشلىغانىدى. ئۇلار خۇدا سۆزىدىكى تەلىملەرنى يوشۇرۇپ، ساختا دىننىڭ تەلىملىرىنى ئۆگىتىشنى باشلىغان. شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە يەر يۈزىدە خۇدانىڭ تەشكىل قىلىنغان خەلقى بولمىغان. ياۋايى چۆپلەر، يەنى ساختا مەسىھىيلەر، كۆپىيىپ كەتكەنلىكتىن، خۇدانىڭ ھەقىقىي خىزمەتچىلىرىنى ئېنىقلاش قىيىن بولغان (مەتتا 13:36—43). بۇ توغرۇلۇق بىلىش نېمە ئۈچۈن بەك مۇھىم؟ مىلادى 100—1870-يىللار ئارلىقىدىكى ھۆكۈمەتلەر ياكى پادىشاھلار جەنۇب ۋە شىمال پادىشاھلىرى بولۇشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېنىق بىلىمىز. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، شۇ چاغدا يەر يۈزىدە خۇدانىڭ تەشكىل قىلىنغان خەلقى بولمىغاچقا، پادىشاھلار ئۇلارغا ھۇجۇم قىلالمىغان b. ئەمما، 1870-يىلدىن كېيىن، جەنۇب ۋە شىمال پادىشاھلىرى قايتا پەيدا بولۇشى كېرەك ئىدى. بۇنى نەدىن بىلىمىز؟
6. خۇدا خەلقى قايتىدىن بىر توپ سۈپىتىدە قاچان تەشكىللىنىشكە باشلىغان؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
6 1870-يىلدىن تارتىپ، خۇدانىڭ خەلقى تەشكىل قىلىنىشقا باشلىغان. شۇ يىلى چارلىز تېيىز راسسېل ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرى مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنى ئۇيۇشتۇرغان. راسسېل بۇرادەر ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى ئالدىن-ئالا ئېيتىلغان «ئەلچى» بولغان ۋە مەسىھنىڭ پادىشاھلىقى تېخى كەلمىگەندە «يول تەييارلىغان» (مالاك. 3:1). شۇنداق قىلىپ، خۇدا خەلقىنىڭ كىم ئىكەنلىكى قايتىدىن روشەن بولغان! شۇ چاغدا خۇدا خىزمەتچىلىرىگە قاتتىق تەسىر قىلغان كۈچلۈك دۆلەتلەر بولغانمۇ؟ كېلىڭلار، كۆرۈپ چىقايلى.
جەنۇب پادىشاھى كىم؟
7. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغىچە كىم جەنۇب پادىشاھى بولغان؟
7 1870-يىللىرى برىتانىيە باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندا كۆپرەك جايلارنى باشقۇرغان ۋە دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئەسكىرى كۈچكە ئىگە بولغان. دانىيالنىڭ پەيغەمبەرلىك سۆزلىرىدە، بۇ ئىمپېرىيە كىچىك مۈڭگۈز بىلەن سېلىشتۇرۇلغان. ئۇ باشقا ئۈچ مۈڭگۈزنى، يەنى فرانسىيە، ئىسپانىيە ۋە گوللاندىيىنى ئۆزىگە بويسۇندۇرغان (دانىيال 7:7، 8). شۇنداق قىلىپ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغىچە برىتانىيە جەنۇب پادىشاھى بولغان. دەل شۇ ۋاقىتتا، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەتكە ئايلىنىپ، برىتانىيە بىلەن يېقىن ھەمكارلىشىشقا باشلىغان.
8. ئاخىر زاماندا كىم جەنۇب پادىشاھى بولۇپ كەلمەكتە؟
8 بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋاقتىدا، برىتانىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىرلىشىپ، بەكمۇ كۈچلۈك ھەربىي ئىتتىپاق قۇرغان. شۇ چاغدا برىتانىيە ۋە قوشما شتاتلار ئانگلو-ئامېرىكا دۇنيا كۈچى يەنى ئىمپېرىيىسىگە ئايلانغان. دانىيال كىتابىدا يېزىلغاندەك، بۇ پادىشاھ «زور بىر قوشۇن»نى توپلىغان (دانىيال 11:25). ئاخىر زامان دەپ ئاتىلىدىغان كۈنلەر داۋام قىلىۋاتقاندا ئانگلو-ئامېرىكا ئىمپېرىيىسى جەنۇب پادىشاھى بولۇپ كەلمەكتە c. ئۇنداقتا، شىمال پادىشاھى كىم بولغان؟
شىمال پادىشاھى كىم؟
9. شىمال پادىشاھى قاچان قايتا پەيدا بولغان ۋە دانىيال 11:25-ئايەتتىكى سۆزلەر قانداق ئەمەلگە ئاشقان؟
9 1871-يىلى راسسېل ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنى ئۇيۇشتۇرغاندىن كېيىن، شىمال پادىشاھى قايتىدىن پەيدا بولغان. شۇ يىلى گېرمانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاساسى سېلىنغان. بۇنىڭغا ئوتتو فون بىسمارك چوڭ ھەسسە قوشقان. بۇ ئىمپېرىيىنىڭ دەسلەپكى ئىمپېراتورى پروسىيە پادىشاھى ۋىلھېلىم I بولغان. ئۇ بىسماركنى بىرىنچى باش ۋەزىرى قىلىپ تەيىنلىگەن d. گېرمانىيە نەچچە ئون يىللار ئۆتكەندىن كېيىن، ئافرىقا ۋە تىنچ ئوكياندىكى دۆلەتلەرنى باشقۇرۇپ، مۇستەملىكە قىلغۇچى دۆلەتكە ئايلانغان. شۇنداق قىلىپ، گېرمانىيە برىتانىيىدىن كۈچلۈكرەك بولۇشقا تىرىشقان (دانىيال 11:25-نى ئوقۇڭ). گېرمانىيە ئىمپېرىيىسى ئەڭ كۈچلۈك ھەربىي قوشۇنلارنى ۋە ئىككىنچى چوڭ دېڭىز ئارمىيىسىنى قۇرغان. گېرمانىيە بۇ كۈچنى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا دۈشمەنلىرىگە قارشى ئىشلەتكەن.
10. دانىيال 11:25، 26-ئايەتلەردىكى سۆزلەر قانداق ئەمەلگە ئاشقان؟
10 دانىيال ئۆز پەيغەمبەرلىك سۆزىدە گېرمانىيە ئىمپېرىيىسى ۋە ئۇنىڭ ھەربىي كۈچى بىلەن نېمە بولىدىغانلىقىنى يازغان. بېشارەتتە «شىمال پادىشاھى پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ»،— دەپ يېزىلغان. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، «بەزىلەر ئۇنىڭغا يوشۇرۇن سۈيقەست قىلىدۇ. ئۇنىڭ داستىخىنىدىن ئېسىل تائاملارنى يېگەنلەر ئۇنى يىقىتىدۇ» (دانىيال 11:25، 26). دانىيالنىڭ زامانىدا، پادىشاھنىڭ داستىخىنىدىن تاماق يېگەنلەر ئارىسىدا «پادىشاھنىڭ ئالدىدا خىزمەتكە» قويۇلغان كىشىلەرمۇ بار ئىدى (دانىيال 1:5). دېمەك، بۇ بېشارەتتە، گېرمانىيە ئىمپېرىيىسىدىكى يۇقىرى مەنسەپلىك كىشىلەر، يەنى ئىمپېراتورنىڭ گېنېراللىرى ۋە ھەربىي مەسلىھەتچىلىرى توغرۇلۇق ئېيتقان. كېيىن، ئۇلارنىڭ تەسىرىدىن ئىمپېراتور ئۆز ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ، گېرمانىيىدە يېڭى ھۆكۈمەت پەيدا بولغان e. شۇنداقلا، پەيغەمبەرلىك سۆزلەردە شىمال پادىشاھىنىڭ جەنۇب پادىشاھىغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىسى يېزىلغان: «ئۇنىڭ قوشۇنى سۈپۈرۈلۈپ تاشلىنىدۇ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۆلتۈرۈلىدۇ» (دانىيال 11:26). ئالدىن-ئالا ئېيتىلغاندەك، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيە ئەسكەرلىرى سۈپۈرۈلۈپ تاشلىنىپ، نۇرغۇنلىغان ئادەملەر ئۆلتۈرۈلگەن. بۇنىڭدىن بۇرۇن تارىختا شۇنچە كۆپ قان تۆكۈلگەن ئۇرۇش بولۇپ باقمىغانىدى.
11. دانىيال 11:27، 28-ئايەتلەرگە ماس، جەنۇب پادىشاھى بىلەن شىمال پادىشاھى نېمە قىلغان؟
11 دانىيال 11:27، 28-ئايەتلەردە، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇن نېمە يۈز بېرىدىغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. بۇ ئايەتلەردە، شىمال پادىشاھى بىلەن جەنۇب پادىشاھى «بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ، . . . بىر-بىرىگە يالغان سۆزلەيدۇ»،— دەپ يېزىلغان. شۇنداقلا، شىمال پادىشاھى «ناھايىتى كۆپ غەنىمەتلەر» توپلايدىغانلىقى ئېيتىلغان. بۇ دەل شۇنداق بولغان. گېرمانىيە بىلەن برىتانىيە ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈشنى ۋەدە قىلىشقان بولسىمۇ، 1914-يىلى ئۇرۇش باشلانغاندا، ئۇلارنىڭ يالغان سۆزلىگەنلىكى ئاشكارا بولغان. 1914-يىلغىچە گېرمانىيە بەك باي بولۇپ، ئىقتىسادى تەرەپتىن دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ دۆلەتكە ئايلانغان. شۇنداق قىلىپ دانىيال 11:29 ۋە 30-ئايەتنىڭ بىرىنچى قىسمىدىكى سۆزلەر ئەمەلگە ئېشىپ، گېرمانىيە جەنۇب پادىشاھى بىلەن جەڭ قىلغان، لېكىن مەغلۇپ بولغان.
پادىشاھلار خۇدا خەلقىگە قارشى چىقىدۇ
12. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا جەنۇب ۋە شىمال پادىشاھلىرى نېمە قىلغان؟
12 1914-يىلدىن باشلاپ، ئىككى پادىشاھ بىر-بىرىگە ۋە خۇدا خەلقىگە تېخىمۇ قاتتىق قارشى تۇرۇشقا باشلىغان. مەسىلەن، 1-دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيە ھۆكۈمىتىمۇ، برىتانىيە ھۆكۈمىتىمۇ ئۇرۇشقا قاتنىشىش ۋە ئادەم ئۆلتۈرۈشنى رەت قىلغان خۇدا خىزمەتچىلىرىگە زىيانكەشلىك قىلغان. قوشما شتاتلاردا بولسا، ۋەز ئىشىغا يېتەكچىلىك قىلغانلار تۈرمىگە تاشلانغان. شۇنداق قىلىپ، ۋەھىيلەر 11:7—10-ئايەتلەردىكى پەيغەمبەرلىك سۆزلىرى ئەمەلگە ئاشقان.
13. 1930-يىللىرى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋاقتىدا شىمال پادىشاھى نېمە قىلغان؟
13 1933-يىلدىن كېيىن، بولۇپمۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋاقتىدا، شىمال پادىشاھى خۇدا خەلقىگە رەھىم-شەپقەتسىزلىك بىلەن ھۇجۇم قىلغان. گېرمانىيىدە ناتسىستلار پارتىيىسى ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، گىتلېر ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى خۇدا خەلقىنىڭ پائالىيىتىنى مەنئىي قىلغان. شىمال پادىشاھى يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرىدىن تەخمىنەن 1500 كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، نەچچە مىڭلىغانلىرىنى دەھشەتلىك جازا لاگېرلىرىغا تاشلىغان. بۇ توغرىلىقمۇ دانىيال كىتابىدا يېزىلغان. شىمال پادىشاھى ۋەز پائالىيىتىنى مەنئىي قىلىپ، «مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى بۇلغاپ»، «قۇربانلىق سۇنۇش ئادىتىنى» ئەمەلدىن قالدۇرغان (دانىيال 11:30، 31). گىتلېر ھەتتا گېرمانىيىدىكى بارلىق خۇدا خىزمەتچىلىرىنىڭ بىرىنى قويماي يوق قىلىۋېتىشنى ۋەدە قىلغان.
يېڭى شىمال پادىشاھى
14. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن كىم شىمال پادىشاھى بولغان؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
14 ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىست ھاكىمىيىتى شىمال پادىشاھىغا ئايلانغان. ئۇ بۇرۇن گېرمانىيىگە مەنسۇپ بولغان نۇرغۇن رايونلارنى باشقۇرۇشقا باشلىغان. گېرمانىيىدىكى ھاكىم مۇتلەقچى ناتسىست ھۆكۈمىتىگە ئوخشاش، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ھەم ھۆكۈمەتكە ئەمەس، بەلكى ھەق خۇداغا ئىبادەت قىلىشنى ئۆز ھاياتىدا بىرىنچى ئورۇنغا قويغانلارنىڭ ھەممىسىگە رەھىمسىزلارچە زىيانكەشلىك قىلغان.
15. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شىمال پادىشاھى قانداق يول تۇتقان؟
15 ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي، يېڭى شىمال پادىشاھى — سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى — خۇدا خەلقىگە ھۇجۇم قىلغان. ۋەھىيلەر 12:15—17-ئايەتلەردە، خۇدا خەلقىگە ھۇجۇم قىلىش «دەريا» بىلەن سېلىشتۇرۇلغان. بۇ پەيغەمبەرلىك سۆزلەرگە ئاساسەن، يەھۋا خۇدانىڭ مىڭلىغان خىزمەتچىلىرى سىبىرىيىگە سۈرگۈن قىلىنغان ئىدى. ئەمەلىيەتتە، ئاخىر زامان مەزگىلىدە، شىمال پادىشاھى خۇدانىڭ خەلقىگە بارغانسېرى كۆپلەپ زىيانكەشلىك قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىشىنى ھېچقاچان توختىتالمايدۇ f.
16. سوۋېت ئىتتىپاقى دانىيال 11:37—39-ئايەتلەردىكى پەيغەمبەرلىك سۆزلەرنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرغان؟
16 دانىيال 11:37—39-نى ئوقۇڭ. بۇ پەيغەمبەرلىك سۆزلەرگە ئاساسەن، شىمال پادىشاھى قانداق «ئاتا-بوۋىلىرى چوقۇنغان كەلگەن ئىلاھلارغا ھۆرمەت قىلمايدۇ». سوۋېت ئىتتىپاقى دىنلارنىڭ ھەممىسىنى ۋەيران قىلماقچى بولۇپ، ئەنئەنىۋى دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ كۈچىنى يوق قىلىشقا تىرىشقان. بۇ مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، سوۋېت ئىتتىپاقى 1918-يىلنىڭ بېشىدا، مەكتەپلەردە ئاتېئىزم، يەنى خۇدا يوق دېگەن تەلىمنى ئۆگىتىشنى قارار قىلغان. ئۇنداقتا، قانداق قىلىپ شىمال پادىشاھى ‹قورغانلارنىڭ ئىلاھىنى ئۇلۇغلىغان›؟ سوۋېت ئىتتىپاقى كۈچلۈك ھەربىي قوشۇن قۇرۇش ئۈچۈن بەكمۇ كۆپ پۇل خەجلىگەن ۋە ئۆز ھاكىميىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن يادرو قورال-ياراقلىرىنى ئىشلەپ چىقارغان. نەتىجىدە، شىمال پادىشاھىمۇ، جەنۇب پادىشاھىمۇ مىلياردلىغان ئىنسانلارنى ھالاك قىلالايدىغان ناھايىتى كۈچلۈك قورال-ياراقلارنى توپلىغان!
ئىككى پادىشاھنىڭ ھەمكارلىشىشى
17. ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان يىرگىنچلىك بىر نەرسە› دېگىنىمىز نېمە؟
17 گەرچە شىمال پادىشاھى ۋە جەنۇب پادىشاھى ئۇزاق ۋاقىتتىن بېرى بىر-بىرى بىلەن قارشىلاشقان بولسىمۇ، مۇھىم بىر مەسىلىدە ھەمكارلاشقان ئىدى، يەنى ئۇلار «ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان يىرگىنچلىك بىر نەرسىنى تىكلەپ» تۇرغۇزغان (دانىيال 11:31). بۇ «يىرگىنچلىك» نەرسە — بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى.
18. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نېمە ئۈچۈن «يىرگىنچلىك» نەرسىدەك تەسۋىرلەنگەن؟
18 بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نېمە ئۈچۈن «يىرگىنچلىك» نەرسىدەك تەسۋىرلەنگەن؟ سەۋەبى، ئۇ پەقەت خۇدا پادىشاھلىقى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان نەرسىنى، يەنى پۈتۈن دۇنيادا ئىناق-ئىتتىپاقلىقنى ئورنىتىشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ. پەيغەمبەرلىك سۆزلەردە، يەنە يىرگىنچلىك بىر نەرسە «ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان»لىقى تىلغا ئېلىنغان. چۈنكى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بارلىق ساختا دىنلارنى يوق قىلىشتا ئاساسىي رولنى ئوينايدىغان بولىدۇ.—«ئاخىر زاماندىكى رىقابەتچى پادىشاھلار» ناملىق جەدۋەلگە قاراڭ.
بۇنى نېمە ئۈچۈن بىلىشىمىز كېرەك؟
19، 20. (1) ئىككى پادىشاھ توغرۇلۇق بىلىش نېمە ئۈچۈن بەك مۇھىم؟ (2) كېيىنكى ماقالىدىن قايسى سوئالنىڭ جاۋابىنى تاپىمىز؟
19 ئىككى پادىشاھ توغرۇلۇق بىلىش بىز ئۈچۈن بەك مۇھىم. چۈنكى، بۇ دانىيال پەيغەمبەرنىڭ شىمال ۋە جەنۇب پادىشاھلىرى توغرۇلۇق ئېيتقانلىرى 1870-يىلدىن باشلاپ 1991-يىلغىچە ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. شۇ سەۋەبتىن، بۇ پەيغەمبەرلىك سۆزلەرنىڭ قالغان قىسىمى ھەم چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل.
20 سوۋېت ئىتتىپاقى 1991-يىلى غۇلاپ چۈشكەن. ئۇنداقتا، بۈگۈنكى كۈندە شىمال پادىشاھى كىم؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى كېيىنكى ماقالىدىن تاپالايمىز.
24-ناخشا كۆزۈڭ بولسۇن مۇكاپاتتا
a دانىيال پەيغەمبەر يازغان «جەنۇب پادىشاھى» ۋە «شىمال پادىشاھى» توغرۇلۇق پەيغەمبەرلىك سۆزلەر تېخىغىچە ئەمەلگە ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. نېمە ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئېيتالايمىز؟ نېمە سەۋەبتىن بۇ بېشارەتنى چۈشىنىشىمىز مۇھىم؟
b بۇ يەردە كەلتۈرۈلگەن سەۋەبنى ئەستە تۇتساق، رىم ئىمپېراتورى ئاۋرېلىئان (ب.م. 270—275) «شىمال پادىشاھى» ھەمدە زېنوبىيا خانىش (ب.م. 267—272) «جەنۇب پادىشاھى» بولغان دەپ ئېيتىش مەنتىقىگە ئۇيغۇن بولمايتتى. «دانىيالنىڭ پەيغەمبەرلىك سۆزىگە كۆڭۈل قويۇڭلار» (باشقا تىلدا) كىتابىنىڭ 13، 14-بابلىرىدا، يېڭى چۈشەنچىمىز يېزىلغان.
c « مۇقەددەس كىتابتا ئانگلو-ئامېرىكا دۇنيا كۈچى، يەنى ئىمپېرىيىسى ھەققىدە نېمە يېزىلغان؟» ناملىق رامكىغا قاراڭ.
d 1890-يىلى، ئىمپېراتور ۋىلھېلىم II بىسماركنى ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلىغان.
e ئۇلار ھۆكۈمەتنى چاپسان غۇلىتىۋېتىش ئۈچۈن كۆپ ئىشلارنى قىلغان. مەسىلەن، ئۇلار ئىمپېراتورنى قوللاشنى توختىتىپ، ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك مەخپىي مەلۇماتلارنى باشقىلارغا ئاشكارا قىلغان ۋە ئىمپېراتورنى ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر قىلغان.
f دانىيال 11:34-ئايەتتە يېزىلغاندەك، شىمال پادىشاھى بەزىدە ئاز ۋاقىتقا خۇدا خەلقىگە زىيانكەشلىك قىلىشنى توختاتقان. مەسىلەن، 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى غۇلاپ چۈشكەندە شۇنداق بولغان.