20-تەتقىق ماقالىسى
بۈگۈنكى كۈندە «شىمال پادىشاھى» كىم؟
«شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئەجىلى توشىدۇ ۋە ھېچكىم ئۇنىڭغا ياردەم بەرمەيدۇ».—دانىيال 11:45.
43-ناخشا ھوشىيار، مەھكەم ۋە قەيسەر بول!
بۇ ماقالىدە a
1، 2. بۇ ماقالىدە نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
بىز ئاخىر زاماننىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە ياشاۋاتىمىز ۋە بۇنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرى ناھايىتى كۆپ. پات يېقىندا يەھۋا ۋە ئەيسا مەسىھ ساماۋى پادىشاھلىققا قارشى چىققان ھەممە ھۆكۈمەتلەرنى يوق قىلىدۇ. بۇ ۋەقە يۈز بېرىشتىن ئاۋۋال شىمال ۋە جەنۇب پادىشاھلىرى ئۆزئارا بىر-بىرىگە ۋە خۇدا خەلقىگە قارشى دۈشمەنلىشىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
2 بۇ ماقالىدە دانىيال 11:40—12:1-دىكى پەيغەمبەرلىك سۆزلەرنى كۆرۈپ چىقىمىز. بىز شىمال پادىشاھىنىڭ ھازىر كىم ئىكەنلىكىنى ۋە قانداق ۋەقەلەر يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر نېمە ئۈچۈن خاتىرجەملىكنى ساقلاپ، يەھۋا خۇداغا تايىنىشىمىز كېرەكلىكىنى كۆرىمىز.
يېڭى شىمال پادىشاھى
3، 4. بۈگۈنكى كۈندە شىمال پادىشاھى كىم؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
3 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى غۇلىغاندىن كېيىن، بۇرۇن ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بولغان خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى بىر مەزگىل ئەركىنلىككە ئىگە بولغان ئىدى. دانىيال بۇ ئەركىنلىكنى ‹ئازغىنە ياردەم› دەپ تەسۋىرلىگەن (دانىيال 11:34). نەتىجىدە، ئۇلار ئەركىن-ئازادە ۋەز قىلالىغان. كۆپ ئۆتمەي سوۋېت ئىتتىپاقىنى تەشكىل قىلغان دۆلەتلەردە ۋەز ئېيتقۇچىلارنىڭ سانى بىرقانچە يۈز مىڭغا كۆپەيگەن. بىراق، يىللار ئۆتۈپ، روسىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىرلىشىپ شىمال پادىشاھىغا ئايلانغان. ئالدىنقى ماقالىدە ئۆگەنگىنىمىزدەك، بىر ھۆكۈمەت شىمالىي ياكى جەنۇب پادىشاھىنىڭ رولىنى ئويناش ئۈچۈن ئۈچ نەرسىنى قىلىشى، يەنى (1) خۇدانىڭ خەلقىگە بىۋاسىتە تەسىر قىلىشى، (2) ئىش-ھەرىكەتلىرى بىلەن يەھۋانىڭ ۋە ئۇنىڭ خەلقىنىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشى ۋە (3) ئۆزئارا بىر-بىرىگە قارشى چىقىشى كېرەك.
4 روسىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى شىمال پادىشاھى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان سەۋەبلەرگە دىققەت ئاغدۇرايلى. (1) ئۇلار ۋەز ئىشىنى مەنئىي قىلىش ئارقىلىق خۇدا خەلقىگە ھۇجۇم قىلغان. (2) بۇ ئىش-ھەرىكەتلىرى بىلەن ئۇلار خۇدا ۋە ئۇنىڭ خەلقىنى ئۆچ كۆرىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. (3) روسىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى برىتانىيە ۋە قوشما شتاتلاردىن شەكىللەنگەن جەنۇب پادىشاھىدىن كۈچلۈكرەك بولۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. ھازىر روسىيە ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ قانداق ئىش-ھەرىكەتلىرى ئۇلارنىڭ شىمال پادىشاھى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغانلىقىنى كۆرەيلى.
پادىشاھلار بىر-بىرىگە قارشى چىقماقتا
5. دانىيال 11:40—43-ئايەتلەردە قايسى ۋاقىت توغرۇلۇق ئېيتىلغان ۋە شۇ ۋاقىتتا نېمە يۈز بېرىدۇ؟
5 دانىيال 11:40—43-نى ئوقۇڭ. بۇ پەيغەمبەرلىك سۆزلەردە زاماننىڭ ئاخىرى توغرۇلۇق ئېيتىلغان. بۇ ئۈزۈندىدە شىمال ۋە جەنۇب پادىشاھلىرى ئۆزئارا رىقابەتلىشىدىغانلىقىغا دىققەت ئاغدۇرۇلغان. دانىيال پەيغەمبەر ئېيتقاندەك، زاماننىڭ ئاخىرىدا جەنۇب ۋە شىمال پادىشاھلىرى بىر-بىرىگە «ھۇجۇم قىلىدۇ».—دانىيال 11:40.
6. ئىككى پادىشاھ بىر-بىرىگە قانداق «ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ»؟
6 شىمالىي ۋە جەنۇب پادىشاھى دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ھۆكۈمەت بولۇش ئۈچۈن بىر-بىرى بىلەن كۈرەش قىلماقتا. مەسىلەن، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ياۋرۇپادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرگە تەسىر قىلىشنى باشلىغان. شۇڭا، شىمال پادىشاھىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن جەنۇب پادىشاھى باشقا دۆلەتلەر بىلەن خەلقئارا ھەربىي ئىتتىپاق قۇرۇش ئۈچۈن بىر ئەھدە تۈزگەن. بۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دەپ ئاتالغان. شىمال ۋە جەنۇب پادىشاھلىرى بىر-بىرى بىلەن رىقابەتلىشىپ، ھەربىي كۈچلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بەك كۆپ پۇل سەرپ قىلىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ. شۇنداقلا ئۇلار ئافرىقا، ئاسىيا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئۇرۇشلاردا بىر-بىرىنىڭ دۈشمەنلىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش ئارقىلىق بىر-بىرىگە قارشى كۈرەش قىلغان. مۇشۇ يېقىنقى يىللاردا، روسىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ناھايىتى كۈچىيىپ، پۈتۈن دۇنياغا قاتتىق تەسىر قىلماقتا. ئۇلار بىر-بىرى بىلەن كومپيۇتېر تور ئۇرۇشى قىلماقتا. پادىشاھلار كومپيۇتېر پروگراممىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادى ۋە سىياسىي تۈزۈملىرىگە زىيان يەتكۈزدى، دەپ بىر-بىرىنى ئەيىبلەيدۇ. دانىيال پەيغەمبەر ئالدىن-ئالا يازغاندەك، شىمال پادىشاھى خۇدانىڭ خەلقىگە ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ.—دانىيال 11:41.
شىمال پادىشاھى «گۈزەل زېمىنغا بېسىپ كىرىدۇ»
7. «ئەڭ گۈزەل زېمىن» دېگەن نېمە؟
7 دانىيال 11:41-ئايەتتە، شىمال پادىشاھى «گۈزەل زېمىنغا بېسىپ كىرىدۇ» دەپ يېزىلغان. بۇ قانداق زېمىن؟ قەدىمدە ئىسرائىل «ئەڭ گۈزەل زېمىن» بولۇپ ھېسابلانغان (ھەزەك. 20:6). بۇ زېمىن نېمە ئۈچۈن گۈزەل دەپ ئاتالغان؟ چۈنكى، بۇ يەردە خەلقلەر يەھۋا خۇداغا ئىبادەت قىلغان. بىراق، مىلادى 33-يىلى ئەللىكىنچى كۈن بايرىمىدىن تارتىپ، بۇ «گۈزەل زېمىن» قانداقتۇ بىر ئۇدۇل مەنىدىكى جاينى بىلدۈرمەيدۇ. چۈنكى، خۇدانىڭ خەلقى دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىغا تارقالغان. بۈگۈنكى كۈندە، «گۈزەل زېمىن» — خۇدا خەلقى ھەق خۇدا يەھۋاغا قىلىدىغان ئىبادەتنى، شۇ جۈملىدىن جامائەت يىغىلىشلىرى بىلەن ۋەز ئىشىغا قاتنىشىشنى بىلدۈرىدۇ.
8. شىمال پادىشاھى «گۈزەل زېمىنغا» قانداق ھۇجۇم قىلغان؟
8 ئاخىر زامان باشلانغاندىن بۇيان، شىمال پادىشاھى «گۈزەل زېمىنغا» قايتا-قايتا ھۇجۇم قىلغان. مەسىلەن، ناتسىست گېرمانىيىسى، بولۇپمۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە شىمال پادىشاھى بولغاندا، خۇدا خەلقىگە زىيانكەشلىك قىلىپ، نۇرغۇنلىرىنى ئۆلتۈرۈلگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى شىمال پادىشاھىغا ئايلانغاندا، ئۇمۇ «گۈزەل زېمىنغا» بېسىپ كىرىپ، خۇدا خەلقىگە ھۇجۇم قىلغان ۋە ئۇلارنى سۈرگۈن قىلغان.
9. يېقىنقى يىللاردا روسىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى «گۈزەل زېمىنغا» قانداق بېسىپ كىرگەن؟
9 يىقىنقى يىللاردا روسىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىمۇ «گۈزەل زېمىنغا» بېسىپ كىرگەن. قانداق قىلىپ؟ 2017-يىلى روسىيە ھۆكۈمىتى خۇدا خەلقىنىڭ پائالىيىتىنى مەنئىي قىلىپ، بەزى ئېتىقادداشلىرىمىزنى تۈرمىگە تاشلىغان. يەنە ماتېرىياللىرىمىزنى، شۇ جۈملىدىن مۇقەددەس كىتابنىڭ «يېڭى دۇنيا تەرجىمىسى»نى مەنئىي قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، روسىيەدىكى بەيتەلنى، ئىبادەت زاللىرى ۋە چوڭ يىغىلىش سارايلىرىنى تارتىۋالغان. بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن، 2018-يىلى يېتەكچى كېڭەش روسىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ شىمال پادىشاھى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. لېكىن، خۇدانىڭ خەلقى مەيلى قانچىلىك ئېغىر زىيانكەشلىككە دۇچ كەلسىمۇ، ھۆكۈمەتكە قارشى چىقمايدۇ ياكى ئۇنى غۇلىتىشقا تىرىشمايدۇ. ئەكسىنچە، ئۇلار مۇقەددەس كىتابتىكى نەسىھەتكە قۇلاق سېلىپ، «بارلىق مەرتىۋىلىك ئەمەلدارلار ئۈچۈن»، بولۇپمۇ ئەركىن-ئازادە ئىبادەت قىلىشقا تەسىر قىلىدىغان قارارنى چىقىرىۋاتقاندا، دۇئا قىلىدۇ.—1-تىموت. 2:1، 2.
شىمال پادىشاھى جەنۇب پادىشاھىنى يېڭىۋالامدۇ؟
10. شىمال پادىشاھى جەنۇب پادىشاھىنى مەغلۇپ قىلامدۇ؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
10 دانىيال 11:40—45-ئايەتلەردىكى پەيغەمبەرلىك سۆزى ئاساسلىقى شىمال پادىشاھى توغرۇلۇق ئېيتىلغان. بۇ ئۇنىڭ جەنۇب پادىشاھى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرەمدۇ؟ ياق. سەۋەبى، يەھۋا بىلەن ئەيسا مەسىھ ئارماگېدون ئۇرۇشىدا بارلىق ھۆكۈمەتلەرنى يوق قىلغاندا، جەنۇب پادىشاھى تېخى مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ (ۋەھىي. 19:20). نېمە ئۈچۈن بۇنىڭغا ئىشەنچىمىز كامىل؟ كېلىڭلار، دانىيال ۋە ۋەھىي كىتابلىرىدىكى بېشارەتلەرگە دىققەت ئاغدۇرايلى.
11. دانىيال 2:43—45-ئايەتتىكى پەيغەمبەرلىك سۆزلەر نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ (مۇقاۋىدىكى رەسىمگە قاراڭ)
11 دانىيال 2:43—45-نى ئوقۇڭ. دانىيال پەيغەمبەر خۇدا خەلقىگە تەسىر قىلىدىغان ھەرتۈرلۈك ھۆكۈمەتلەرنى تەسۋىرلىگەن. شۇ ھۆكۈمەتلەر يوغان ھەيكەلنىڭ ئوخشاش بولمىغان قىسىمى ئارقىلىق تەسۋىرلەنگەن. ئاخىرقى ھۆكۈمەت ھەيكەلنىڭ تۆمۈر ۋە سېغىز لايدىن ياسالغان پۇتلىرى سۈپىتىدە تەسىرلەنگەن. بۇ — ئانگلو-ئامېرىكا دۇنيا ئىمپېرىيىسى. بۇ پەيغەمبەرلىك سۆزلەردىن كۆرگىنىمىزدەك، ئانگلو-ئامېرىكا دۇنيا ئىمپېرىيىسى يەنىلا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقاندا، خۇدا پادىشاھلىقى بارلىق ئىنسانىي ھۆكۈمەتلەرنى ۋەيران قىلىدۇ.
12. مەخلۇقنىڭ يەتتىنچى بېشى نېمىنى بىلدۈرىدۇ ۋە بۇ نېمە ئۈچۈن دىققەتكە سازاۋەر؟
12 ئەلچى يۇھاننامۇ خۇدا خەلقىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان دۇنيا كۈچلىرىنى تىلغا ئالغان. يۇھاننا بۇ ھۆكۈمەتلەرنى يەتتە بېشى بار مەخلۇقتەك تەسۋىرلىگەن. مەخلۇقنىڭ يەتتىنچى بېشى ئانگلو-ئامېرىكا دۇنيا ئىمپېرىيىسىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ دىققەتكە سازاۋەر، چۈنكى ۋەھىي كىتابىدا مەخلۇقنىڭ يەنە باشقا باشلىرى ئۆسۈپ چىقىدىغانلىقى توغرۇلۇق يېزىلمىغان. دېمەك، مەخلۇقنىڭ يەتتىنچى بېشى يەنىلا ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈۋاتقاندا، ئەيسا ۋە ئۇنىڭ ئاسماندىكى قوشۇنى بىرلىكتە مەخلۇقنىڭ يەتتىنچى بېشى ۋە ئۇنىڭ ئۆزىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىدۇ b.—ۋەھىي. 13:1، 2؛ 17:13، 14.
شىمال پادىشاھى پات ئارىدا نېمە قىلىدۇ؟
13، 14. يەجۈج بىلەن مەجۈج دېگەن كىم ۋە ئۇ خۇدا خەلقىگە نېمە ئۈچۈن ھۇجۇم قىلىدۇ؟
13 ھەزەكىيال پەيغەمبەر شىمال ۋە جەنۇب پادىشاھلىرى يوق بولۇشتىن ئاۋۋال، قانداق ۋەقەلەر يۈز بېرىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى يازغان. ھەزەكىيال 38:10—23؛ دانىيال 2:43—45؛ 11:44—12:1 ۋە ۋەھىيلەر 16:13—16، 21-ئايەتلەرنىڭ ھەممىسىدە بىر ۋەقە توغرۇلۇق ئېيتىلغان بولسا، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى ۋەقەلەر يۈز بېرىدۇ، دەپ ئېيتالايمىز.
14 دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت باشلىنىپ كۆپ ئۆتمەي، «يەرنىڭ پادىشاھلىرى» يىغىلىپ، دۆلەتلەر ئىتتىپاقىنى قۇرىدۇ (ۋەھىي. 16:13، 14؛ 19:19). مۇقەددەس يازمىلاردا، بۇ ئىتتىپاق «ماگوگ زېمىنىدىكى . . . گوگ» ياكى «يەجۈج بىلەن مەجۈج»، دەپ ئاتالغان (ھەزەكىيال 38:2). دۆلەتلەر ئىتتىپاقى خۇدا خەلقىنى تامامەن يوق قىلىش ئۈچۈن ھۇجۇم قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇنى قىلىشىغا نېمە سەۋەب بولىدۇ؟ ئەلچى يۇھاننا شۇ مەزگىل ھەققىدە ئېيتقاندا، خۇدانىڭ دۈشمەنلىرى ئۈستىگە يوغان مۆلدۈر ياققانلىقىنى كۆرگەن. بۇ سىمۋوللۇق مۆلدۈر خۇدانىڭ خەلقى جاكارلايدىغان بەك ئېغىر ھۆكۈم خەۋىرىنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن. بەلكىم، گوگنىڭ خۇدا خەلقىنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن ھۇجۇم قىلىشىغا دەل شۇ خەۋەر سەۋەب بولىدۇ.—ۋەھىي. 16:21.
15، 16. (1) دانىيال 11:44، 45-ئايەتلەردە، قانداق ۋەقەلەر تەسۋىرلەنگەن بولۇشى مۇمكىن؟ (2) شىمال پادىشاھى ۋە يەجۈج بىلەن مەجۈجنى بىلدۈرىدىغان باشقا ھۆكۈمەتلەرگە نېمە بولىدۇ؟
15 دانىيال 11:44، 45-ئايەتلەردە (ئوقۇڭ) يېزىلغان سۆزلەرمۇ ھۆكۈم خەۋىرى ۋە خۇدانىڭ دۈشمەنلىرى قىلىدىغان ئاخىرقى ھۇجۇمنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن. دانىيال پەيغەمبەر «شەرق ۋە شىمالدىن كەلگەن» خەۋەرلەر شىمال پادىشاھىنىڭ چىشىغا تېگىدىغانلىقىنى ۋە «تېخىمۇ دەرغەزەپ» بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. شىمال پادىشاھى «نۇرغۇن كىشىنى قىرغىنچىلىق قىلىپ ئۆلتۈرىمەن دەپ جەڭ قوزغايدۇ». بۇ ئايەتتىكى «نۇرغۇن» دېگەن سۆز يەھۋا خۇدانىڭ خەلقىنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن c. بەلكىم، دانىيال بۇ يەردە خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرىگە قىلىنىدىغان ئاخىرقى ھۇجۇمنى تەسۋىرلىگەن.
16 شىمال پادىشاھى بىلەن باشقا ھۆكۈمەتلەرنىڭ بۇ ھۇجۇمى ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ. شۇ چاغدا ئارماگېدون ئۇرۇشى باشلىنىدۇ (ۋەھىي. 16:14، 16). شىمال پادىشاھى ۋە يەجۈج بىلەن مەجۈجنى بىلدۈرىدىغان باشقا ھۆكۈمەتلەر يوق قىلىنىدۇ ۋە «ھېچكىم ئۇنىڭغا ياردەم بەرمەيدۇ».—دانىيال 11:45.
17. دانىيال 12:1-ئايەتتە، ئۇلۇغ ئەمىر دەپ ئاتالغان مىكائىل، ئۇ كىم؟ ھازىر ئۇ نېمە قىلماقتا ۋە كېلەچەكتە نېمە قىلىدۇ؟
17 دانىيال 12:1-نى ئوقۇڭ. بۇ ئايەتتىن شىمال پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى قانداق يوق قىلىنىدىغانلىقى ۋە بىزنىڭ قانداق قۇتقۇزۇلىدىغانلىقىمىز توغرۇلۇق كۆپرەك بىلەلەيمىز. ئايەتتىكى سۆزلەر نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ مىكائىل — ھازىر ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان پادىشاھىمىز مەسىھ ئەيسانىڭ باشقا ئىسىمى. 1914-يىلى ئاسماندا خۇدا پادىشاھلىقى ئورنىتىلغاندىن بېرى، ئۇ خۇدا خىزمەتچىلىرىنى قوغدىماقتا. پات ئارىدا ئۇ ئارماگېدون ئۇرۇشىدا «مەيدانغا چىقىدۇ»، يەنى دۈشمەنلىرىنى يوق قىلىدۇ. بۇ ئۇرۇش دانىيال ئېيتىپ كەتكەن تارىختا ھېچقاچان بولمىغان بالايىئاپەتلىك مەزگىلنىڭ يۇقىرى پەللىسىدىكى ئاخىرقى ۋەقە بولىدۇ. ۋەھىي كىتابىدىكى يۇھاننا يازغان بۇ ئۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئالدىدىكى بىر مەزگىل ۋاقىت «دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت» دەپ ئاتالغان.—ۋەھىي. 6:2؛ 7:14.
ئىسىمىڭىز «ھاياتلىق دەپتىرىگە» يېزىلامدۇ؟
18. نېمە ئۈچۈن كېلەچەكتە يۈز بېرىدىغان ۋەقەلەردىن قورقماسلىقىمىز كېرەك؟
18 بىز كېلەچەكتە يۈز بېرىدىغان ۋەقەلەرگە ئىشەنچ بىلەن يۈزلىنىشىمىز لازىم. چۈنكى، دانىيال، يۇھاننا ھەر ئىككىسى ئۆتمۈشتە ھېچقاچان بولۇپ باقمىغان دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت ۋاقىتتا، يەھۋا خۇدا بىلەن ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئامان قالىدىغانلىقىنى ئېيتقان. دانىيال پەيغەمبەر پەقەت ئىسىملىرى «ھاياتلىق دەپتىرىگە» يېزىلغانلار قۇتقۇزۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقان (دانىيال 12:1). بىزنىڭ ئىسىمىمىز شۇ دەپتەرگە يېزىلىشى ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ بىز خۇدانىڭ قوزىسى ئەيساغا ئىشىنىدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىشىمىز كېرەك (يۇھاننا 1:29). ئۆزۈمىزنى خۇداغا بېغىشلاپ، چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتۈشىمىز زۆرۈر (1-پېتر. 3:21). شۇنداقلا قولىمىزدىن كەلگىنىچە، باشقىلارنىڭ يەھۋا توغرۇلۇق بىلىم ئېلىشىغا ياردەم بېرىپ، خۇدا پادىشاھلىقىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىمىزنى چوقۇم كۆرسىتىشىمىز لازىم.
19. ھازىر نېمە قىلىشىمىز كېرەك ۋە نېمە ئۈچۈن؟
19 ھازىر يەھۋاغا ۋە ساداقەتمەن خىزمەتچىلەردىن تەشكىللەنگەن ئۇنىڭ تەشكىلاتىغا بولغان ئىشەنچىمىزنى كۈچەيتىدىغان ۋە خۇدا پادىشاھلىقىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغان ۋاقىت. شۇنداق قىلىدىغان بولساق، خۇدا پادىشاھلىقى شىمال ۋە جەنۇب پادىشاھلىرىنى يەر يۈزىدىن يوق قىلغان چاغدا، بىز ئامان قالىمىز.
46-ناخشا يەھۋا — پادىشاھىمىز!
a بۈگۈنكى كۈندە «شىمال پادىشاھى» كىم ۋە ئۇ قانداق ۋەيران قىلىنىدۇ؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابى ئېتىقادىمىزنى مۇستەھكەملەيدۇ ۋە پات ئارىدا بولىدىغان سىناقلارغا تەييار بولۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.
b دانىيال 2: 36—45 ۋە ۋەھىيلەر 13:1، 2-ئايەتلەردىكى پەيغەمبەرلىك سۆزلەر توغرۇلۇق كۆپرەك بىلىش ئۈچۈن، «كۈزىتىش مۇنارى» (باشقا تىلدا) 2012-يىل، 15-ئىيۇن سانىدىكى 7—19-بەتلىرىگە قاراڭ.
c كۆپرەك مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن «كۈزىتىش مۇنارى» 2015-يىل، 15-ماي سانىدىكى 29، 30-بەتلەرگە قاراڭ.