21-تەتقىق ماقالىسى
خۇدا بەرگەن سوۋغاتلارنى قەدىرلەمسىز؟
«ئەي خۇدايىم يەھۋا، شۇنچە كۆپتۇر قىلغان ئىشلىرىڭ، بىز ئۈچۈن كۆپ ئويلاندىڭ ۋە كارامەت ئىشلارنى قىلدىڭ».—زەبۇر 40:5.
15-ناخشا مەۋجۇداتلار يەھۋانى مەدھىيىلەيدۇ
بۇ ماقالىدە a
1، 2. زەبۇر 40:5-ئايەتكە ئاساسەن، يەھۋا بىزگە قانداق سوۋغاتلارنى بەرگەن ۋە نېمە ئۈچۈن بىز ئۇلار توغرۇلۇق مۇلاھىزە قىلىمىز؟
يەھۋا — سېخىي خۇدا. ئۇنىڭ بىزگە بەرگەن بەزى سوۋغاتلىرى توغرۇلۇق ئويلاپ باقايلى. مەسىلەن، ئۇ بىزگە گۈزەل ۋە ئالاھىدە ماكانىمىز بولغان يەر شارىنى، ئاجايىپ يارىتىلغان مېڭىمىزنى ۋە بىباھا سۆزى مۇقەددەس كىتابنى بەرگەن. بۇ سوۋغاتلار ئارقىلىق يەھۋا بىزنى ھايات كەچۈرۈشىمىز ئۈچۈن، ئوي-پىكىر قىلىش ۋە سۆزلەش قابىلىيەتلىرىگە ئېرىشتۈرگەن. شۇنداقلا ئۇ كۆپلىگەن مۇھىم سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرگەن.—زەبۇر 40:5-نى ئوقۇڭ.
2 بۇ ماقالىدە، بىز شۇ ئۈچ سوۋغات توغرۇلۇق مۇلاھىزە قىلىمىز. ئۇلار ئۈسىتىدە چوڭقۇر ئويلانساق، شۇلارنى كۆپرەك قەدىرلەيدىغان بولىمىز ۋە ياراتقۇچىمىز يەھۋانىڭ يۈرىكىنى خۇشال قىلىشقا ئىنتىلىمىز (ۋەھىي. 4:11). بۇنىڭدىن باشقا، بىز تەدرىجىي تەرەققىيات نەزىرىيىسىگە ئىشىنىدىغان كىشىلەر بىلەن ياخشىراق سۆھبەتلىشىپ، ئۇلارنىڭ مەنتىقىگە ئۇيغۇن ئەقلىي خۇلاسە قىلالىشىغا ياردەم بېرەلەيمىز.
گۈزەل ماكانىمىز
3. نېمە ئۈچۈن يەر شارى ئۆزگىچە بىر سەييارە؟
3 خۇدانىڭ دانالىقى — بىز ئۈچۈن ياراتقان ماكان يەر شارىدا ئېنىق ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن (رىملىقلار 1:20؛ ئىبرانىي. 3:4). يەر شارى قۇياش ئەتراپىنى ئايلىنىپ يۈرىدىغان يالغۇز سەييارە ئەمەس، لېكىن، يەرشارى ئۆزگىچە بىرى، چۈنكى پەقەت ئۇنىڭدىلا ئادەمزاتنىڭ ياشىشى ئۈچۈن ھەممە مۇۋاپىق شارائىت يارىتىلغان.
4. يەر شارىنىڭ يارىتىلىشىغا قارىساق، يەھۋانىڭ دانالىقى قانداق نامايان بولغان؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
4 بەزى جەھەتلەردە، يەر شارى پايانسىز كەڭ ئالەم بوشلۇقىدا لەيلەپ يۈرۈۋاتقان ئۇچار كېمىگە ئوخشايدۇ. لېكىن، ئادەملەرگە لىق تولغان ئىنسان قولى بىلەن ياسالغان ئۇچار كېمە بىلەن يەر شارى ئارىسىدا ئالاھىدە مۇھىم پەرقلەر بار. مەسىلەن، ئۇچار كېمىدە ئادەملەر بارلىق ئوكسىگېن، ئوزۇق-تۈلۈك ۋە سۇنى ئۆزلىرى ئىشلەپ چىقىرىشقا توغرا كەلسە، ھەمدە ئەخلەت، چىقىندىلارنى كېمىدىن چىقىرىپ تاشلاش مۇمكىن بولمىسا، ئۇلار ئۇ يەردە قانچىلىك ياشايدۇ؟ شۇ كېمىدىكى كىشىلەر كۆپ ئۆتمەي ئۆلۈپ كېتىدۇ. لېكىن، يەر شارىدا مىلياردلىغان مەۋجۇداتلار ياشايدۇ. يەر شارىدا ئوكسىگېن، ئوزۇق-تۈلۈك، سۇ ھەم بار ۋە ئۇلار ھېچقاچان تۈگىمەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئەخلەت بىلەن چىقىندىلار ئالەم بوشلۇقىغا تارقىلىپ كەتمەي يەر يۈزىدە قالسىمۇ، يەر شارى ھەرقاچان چىرايلىق ۋە ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن مەۋجۇت بولۇپ قالىدۇ. بۇ قانداق مۇمكىن بولىدۇ؟ يەھۋا يەر شارىنى چىقىندىلارنى پايدىلىق نەرسىلەرگە ئايلاندۇرالايدىغان قىلىپ ياراتقان. ھازىر تەبىئەتتىكى ئوكسىگېن ئايلىنىشى ۋە سۇ ئايلىنىشى توغرۇلۇق قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتەيلى.
5. ئوكسىگېن ئايلىنىشى دېگەن نېمە ۋە ئۇ نېمىنى ئىسپاتلايدۇ؟
5 ئوكسىگېن — ئادەملەر ۋە ھايۋاناتلارنىڭ ھايات كەچۈرۈشى ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر گاز. جانلىقلار بىر يىلنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن يۈز مىليارد توننا ئوكسىگېن بىلەن دەم ئالىدۇ ۋە كاربون تۆت ئوكسىدنى چىقىرىدۇ. لېكىن، ئۇلار ئوكسىگېننىڭ ھەممىسىدىن نەپەس ئېلىۋېلىپ، ئاتموسفېرا بولسا كاربون تۆت ئوكسىدقا تولۇپ كەتمەيدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، يەھۋا ياراتقۇچىمىز كاربون تۆت ئوكسىدنى ئۆزىگە سۈمۈرىۋالىدىغان ۋە ئوكسىگېننى چىقىرىدىغان ھەر تۈرلۈك چوڭ-كىچىك ئۆسۈملۈكلەرنى ياراتقان. ئوكسىگېن ئايلىنىشى ئەلچىلەر 17:24، 25-ئايەتلەردىكى: «ئۇ [خۇدا] ئۆزى ھەممىسىگە ھايات، نەپەس ۋە بارچە نەرسىنى بەرگەندۇر»،— دېگەن سۆزلەرنى ئىسپاتلايدۇ.
6. سۇ ئايلىنىشى دېگەن نېمە ۋە ئۇ نېمىنى ئىسپاتلايدۇ؟ (« تەبىئەتتىكى سۇنىڭ ئايلىنىشى_يەھۋانىڭ سوۋغىتىدۇر»، دېگەن رامكىغا قاراڭ)
6 يەر شارىدا سۇ سۇيۇق ھالەتتە مەۋجۇت، چۈنكى بۇ سەييارە قۇياشتىن مۇكەممەل يىراق ئارىلىققا جايلاشقان. ئەگەر يەر شارى قۇياشقا ئازراق يېقىن جايلاشقان بولسا، ئۇنىڭدىكى سۇنىڭ ھەممىسى قايناپ پارلىنىپ كېتىپ، يەر يۈزى چىدىغۇسىز ئىسسىق ۋە قۇرغاق بولۇپ، ئۇنىڭدا ھاياتلىقنىڭ مۇمكىن ئەمەس بولاتتى. ئەكسىچە، ئەگەر ئۇ قۇياشتىن ئازراق يىراقراق جايلاشقان بولسا، ئۇنىڭدىكى سۇ توڭلاپ، يەر يوغان بىر مۇز شارغا ئايلىناتتى. يەھۋا يەر شارىنى قۇياشتىن ئەڭ مۇۋاپىق يىراقلىقتا جايلاشتۇرغان. شۇ سەۋەبتىن، يەر يۈزىدىكى سۇ ئايلىنىشى مەۋجۇداتلارنىڭ ياشىشىغا پۇرسەت يارىتىدۇ. قۇياش نۇرى ئوكيانلاردىكى سۇ بىلەن يەر يۈزىدىكى سۇنى ئىسسىتقاچقا، سۇ پارلىنىپ بۇلۇتلار پەيدا بولىدۇ. ھەر يىلى قۇياش 500000 كۇب كىلومېتر سۇنى پارغا ئايلاندۇرىدۇ. بۇ سۇلار يەرگە يامغۇر ياكى قار بولۇپ چۈشۈشتىن ئاۋۋال، ئاتموسفېرادا تەخمىنەن ئون كۈندەك تۇرىدۇ. سۇ ئاخىرىدا ئوكيان ياكى باشقا سۇ مەنبەلىرىگە قايتىپ، سۇ ئايلىنىشى داۋاملىق قايتىلىنىپ تۇرىۋېرىدۇ. يەر يۈزىدە ھەرقاچان سۇنىڭ بولۇشى ئۈچۈن يەھۋا بۇ ئايلىنىشنى ياراتقان. بۇ ئۇنىڭ دانا ۋە كۈچ-قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.—ئايۇپ 36:27، 28؛ ۋەز 1:7.
7. زەبۇر 115:16-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان سوۋغاتنى قەدىرلەيدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
7 گۈزەل ماكانىمىز ۋە ئۇنىڭدىكى ئاجايىپ نەرسىلەر ئۈچۈن مىننەتدارلىقىمىزنى ئاشۇرۇشقا نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟ (زەبۇر 115:16-نى ئوقۇڭ). بۇنىڭ بىر ئۇسۇلى — يەھۋا ياراتقان نەرسىلەر توغرۇلۇق چوڭقۇر ئويلىنىش. بۇ بىزنى ئۇنىڭ بىزگە بەرگەن ھەممە ياخشى نەرسىلىرى ئۈچۈن ھەر كۈنى مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە دەۋەت قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بىز تۇرىدىغان يەرلەرنى قولىمىزدىن كەلگىنىچە پاكىز تۇتۇش ئارقىلىقمۇ يەر شارىنى قەدىرلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز.
ئاجايىپ يارىتىلغان مېڭىمىز
8. ئىنساننىڭ مېڭىسى نېمە ئۈچۈن ئاجايىپ يارىتىلغان دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ؟
8 ئىنساننىڭ مېڭىسى ئاجايىپ يارىتىلغان. ئانىڭىزنىڭ قوسىقىدا ياتقاندا، مېڭىڭىز ئالدىن-ئالا لاھىيىلەنگەن پىلان، يەنى ئېرىسىيەتلىك كود بويىچە يېتىلگەن ۋە ھەر مىنۇتتا مىڭلىغان يېڭى مېڭە ھۈجەيرىلىرى كۆپەيگەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، يېتىلگەن ئادەمنىڭ مېڭىسىدە نېۋرونلار دەپ ئاتىلىدىغان 100 مىلياردقا يېقىن ھۈجەيرىلەر بار. بۇ ھۈجەيرىلەردىن شەكىللەنگەن مېڭىمىزنىڭ ئېغىرلىقى — تەخمىنەن 1.5 كىلوگرام. ھازىر مېڭىنىڭ بەزى ئاجايىپ ئىقتىدارلىرىنى كۆرۈپ چىقايلى.
9. سۆزلەش قابىلىيىتى خۇدانىڭ سوۋغىتى ئىكەنلىكىگە نېمە ئۈچۈن ئىشىنىسىز؟
9 سۆزلەش قابىلىيىتى بىر مۆجىزىدۇر. سۆزلىگەندە نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلاپ بېقىڭ. سىز بىر سۆزنى ئېيتقاندا، تىل، بوغۇز، ئېڭەك، لەۋلىرىڭىز ۋە مەيدىڭىزدىكى يۈزگە يېقىن مۇسكۇللارنىڭ ھەرىكىتىگە مېڭە يېتەكچلىك قىلىدۇ. سۆزلىرىڭىز ئېنىق بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بارچە مۇسكۇللار تەرتىپ بويىچە توغرا ھەرىكەتلىنىشى كېرەك. سۆزلەش ئىقتىدارى توغرۇلۇق 2019-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن بىر تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، يېڭىدىن تۇغۇلغان بوۋاق يەككە سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا بەلگىلىك ئىنكاس قايتۇرالايدىكەن. بۇ تەتقىقات نۇرغۇن ئالىملارنى مۇنداق بىر خۇلاسىگە ئىشەندۈرگەن: ئادەملەر تىل ئۆگىنىش ۋە ئۇنى چۈشىنىش قابىلىيىتى بىلەن تۇغۇلىدۇ. ناھايىتى ئېنىقكى، سۆزلەش قابىلىيىتى — خۇدانىڭ بىزگە بەرگەن سوۋغىتى.—چىق. 4:11.
10. خۇدا بەرگەن سۆزلەش قابىلىيىتىنى قەدىرلەيدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
10 سۆزلەش قابىلىيىتىنى قەدىرلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىشنىڭ بىر يولى — ھەممە نەرسىنى خۇدا ياراتقانلىقىنى تەدرىجىي تەرەققىياتقا ئىشىنىدىغان ئادەملەرگە چۈشەندۈرۈپ بېرىش (زەبۇر 9:1؛ 1-پېتر. 3:15). تەدرىجىي تەرەققىياتقا ئىشىنىدىغان ئادەملەر يەر ۋە ئۇنىڭدىكى ھاياتلىق ئۆز-ئۆزىدىن تۇيۇقسىزلا پەيدا بولغان دېگەن نەزىرىيىنى قوللايدۇ. بىز مۇقەددەس كىتاب ۋە بۇ ماقالىدىكى بەزى ئوي-پىكىرلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ئەرشتىكى ئاتىمىزنى قوغدىيالايمىز. شۇنىڭدەك يەنە، بىز يەھۋانىڭ يەر ۋە ئاسماننىڭ ياراتقۇچىسى ئىكەنلىكىگە نېمە ئۈچۈن ئىشەنگەنلىكىمىز ھەققىدە ئاڭلاپ بېقىشنى خالايدىغانلارغا چۈشەندۈرەلەيمىز.—زەبۇر 102:25؛ يەشايا 40:25، 26.
11. نېمە مېڭىمىزنىڭ ئاجايىپ يارىتىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ؟
11 ئەستە ساقلاش قابىلىيىتىمىز بەكمۇ ھەيران قالارلىق. ئۆتمۈشتە بىر يازغۇچى ئادەمنىڭ مېڭىسى 20 مىليون پارچە كىتابتىكى مەلۇماتنى ئەستە ساقلىيالايدۇ دەپ ئېيتقان ئىدى. ھازىر بولسا، مېڭىمىز ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك مەلۇماتنى ئەستە ساقلىيالايدۇ، دەپ قارالماقتا. ئادەمنىڭ يەنە قانداق ئاجايىپ قابىلىيىتى بار؟
12. ئەخلاقىي ساۋاق ئېلىش قابىلىيىتىمىز، بىزنى ھايۋاناتلاردىن قانداق پەرقلىق قىلغان؟
12 يەر يۈزىدە يارىتىلغان مەۋجۇداتلارنىڭ ئىچىدە پەقەت ئىنسانلارلا ئۆتكەن ئىش-ۋەقەلەرنى ئېسىدە ساقلاپ، تەھلىل قىلىپ، ئۇلاردىن ئەخلاقىي ساۋاق ئالالايدۇ. نەتىجىدە، ياخشىراق ئۆلچەم-قائىدىلەرنى قوبۇل قىلىپ، ئوي-پىكىر قىلىش ۋە ھايات كەچۈرۈش ئۇسۇلىمىزنى ئۆزگەرتىمىز (1-كورىنت. 6:9—11؛ كولوسى. 3:9، 10). ئەمەلىيەتتە، ياخشى بىلەن ياماننى پەرق ئېتىش ئۈچۈن ۋىجدانىمىزنى تەربىيەلىيەلەيمىز (ئىبرانىي. 5:14). مېھىر-مۇھەببەت، ئىچ ئاغرىتىش ۋە مېھرىبانلىق كۆرسىتىشنى ئۆگىنىمىز. ھەمدە يەنە يەھۋانىڭ ئادالىتىنى ئۈلگە قىلالايمىز.
13. زەبۇر 77:11، 12-ئايەتلەردە ئېيتىلغاندەك، ئەستە ساقلاش قابىلىيىتىمىزنى قانداق پايدىلىنالايمىز؟
13 ئەستە ساقلاش قابىلىيىتىمىزنى قەدىرلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىشنىڭ بىر يولى — يەھۋانىڭ ئۆتمۈشتە بىزگە ياردەم ۋە تەسەللى بەرگەنلىكىنى ئەسكە ئېلىپ تۇرۇشقا تىرىشىشىمىز كېرەك. بۇ ئۇنىڭ كېلەچەكتىمۇ بىزنى ياردەمسىز قالدۇرمايدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىزنى مۇستەھكەملەشكە ياردەم بېرىدۇ (زەبۇر 77:11، 12-نى ئوقۇڭ؛ 78:4، 7). يەنە بىر يولى — باشقىلارنىڭ بىزگە قىلغان ياخشىلىقىغا كۆز يۇمماي، ئۇلارغا مىننەتدار بولۇشنى ئۇنتۇمايلى. ئالىملارنىڭ بايقىشىچە، مىننەتدار ئادەملەر بەختلىكرەك بولىدىكەن. ئەمما، يەھۋانى ئۈلگە قىلىپ، بەزى نەرسىلەرنى ئۇنتۇپ كېتىش پايدىلىق. مەسىلەن، يەھۋانىڭ ئەستە ساقلاش قابىلىيىتى مۇكەممەل، لېكىن ئەگەر بىز گۇناھلىرىمىزغا پۇشايمان قىلساق، ئۇ بىزنى كەچۈرۈپ، خاتالىقىمىزنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كېتىدۇ (زەبۇر 25:7؛ 130:3، 4). بەزىلەر يۈرىكىمىزنى ئاغرىتىپ قويۇپ، كەچۈرۈم سورىسا، يەھۋا ئۇ بىزنىڭمۇ خۇددى ئۆزىگە ئوخشاش ھەرىكەت قىلىشىمىزنى خالايدۇ.—مەتتا 6:14؛ لۇقا 17:3، 4.
14. بىباھا سوۋغات مېڭىمىز ئۈچۈن مىننەتدارلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
14 مېڭىمىزنى ياراتقۇچىمىزنى مەدھىيىلەش ئۈچۈن پايدىلانساق، بۇ بىباھا سوۋغاتنى قەدىرلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز. بەزىلەر مېڭىسىنى ئۆز مەقسىتى ئۈچۈن، يەنى نېمە توغرا نېمە خاتا ئىكەنلىكىنى ئۆزلىرى ھەل قىلىشى ئۈچۈن قوللىنىدۇ. لېكىن بىزنى يەھۋا خۇدا ياراتقانلىقتىن، نېمىنىڭ توغرا، نېمىنى خاتا ئىكەنلىكىنى بىزگە قارىغاندا ئۇ ياخشىراق بىلىدۇ (رىملىقلار 12:1، 2). يەھۋا خۇداغا ئىتائەت قىلساق تىنچلىقتا ياشايمىز (يەشايا 48:17، 18). بىز ھاياتىمىزنىڭ مەنىسىنى ئېنىق چۈشەنسەك، شۇ چاغدىلا بىز ياراتقۇچىمىز ۋە ئاتىمىزغا شان-شەرەپ ئەكېلىمىز ۋە ئۇنى خۇشال قىلىمىز.—پەند. نە 27:11.
مۇقەددەس كىتاب — بىباھا سوۋغات
15. مۇقەددەس كىتاب يەھۋا خۇدانىڭ ئىنسانلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟
15 مۇقەددەس كىتاب — خۇدا بەرگەن بىباھا سوۋغات. ئەرشتىكى ئاتىمىز يەردىكى بالىلىرىنى بەك ياخشى كۆرگەچ، ئادەملەرنى مۇقەددەس روھى ئارقىلىق بۇ كىتابنى يېزىشقا ئىلھاملاندۇرغان. مۇقەددەس كىتاب ئارقىلىق يەھۋا بىزنى ئويلاندۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم سوئاللارغا جاۋاب بېرىدۇ. مەسىلەن: بىز قانداق پەيدا بولدۇق؟ ھاياتنىڭ مەنىسى نېمە؟ كېلەچەكتە بىزنى نېمە كۈتۈپ تۇرىدۇ؟ يەھۋا ھەممە بالىلىرىنىڭ شۇ سوئاللارغا جاۋاب ئېلىشىنى خالايدۇ. شۇڭا، ئۇ ئەسىرلەر بويى مۇقەددەس كىتابنىڭ كۆپلىگەن تىللارغا تەرجىمە قىلىنىشى ئۈچۈن ئادەملەرنى قوللانغان. بۈگۈنكى كۈندە مۇقەددەس كىتابنىڭ تولۇق ياكى ئايرىم قىسىملىرى 3000دىن كۆپرەك تىللارغا تەرجىمە قىلىندى. بۇ كىتاب — تارىختىكى ئەڭ كۆپ تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان ۋە ئەڭ كەڭ تارقالغان كىتابتۇر. ئادەملەر قەيەردە ياشىمىسۇن ياكى قانداق تىلدا سۆزلىمىسۇن، كۆپلىرى مۇقەددەس كىتابتىكى خەۋەرنى ئۆز ئانا تىلىدا ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە.
16. مەتتا 28:19، 20-ئايەتلەرگە ئاساسەن، مۇقەددەس كىتابنى قەدىرلەيدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
16 مۇقەددەس كىتابنى ھەر كۈنى ئوقۇساق، ئوقۇغانلىرىمىز توغرۇلۇق ئويلانساق ۋە بىلگەنلىرىمىزنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىشقا تىرىشساق، بۇ سوۋغاتنى قەدىرلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتەلەيمىز. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مۇقەددەس كىتابتىكى خەۋەرنى مۇمكىنقەدەر كۆپرەك ئادەملەرگە ئېيتىش ئارقىلىقمۇ خۇداغا بولغان مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرەلەيمىز.—زەبۇر 1:1—3؛ مەتتا 24:14؛ مەتتا 28:19، 20-نى ئوقۇڭ.
17. بۇ ماقالىدە نېمىنى كۆرۈپ چىقتۇق ۋە كېلەركى ماقالىدە نېمىنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
17 بۇ ماقالىدە، ياراتقۇچىمىز يەھۋانىڭ بىزگە گۈزەل ۋە ئالاھىدە ماكانىمىز يەر شارىنى، ئاجايىپ يارىتىلغان مېڭىمىزنى ۋە بىباھا سۆزى مۇقەددەس كىتابنى بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ چىقتۇق. ئۇنىڭدىن باشقا، يەھۋا بىزگە كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان باشقىمۇ سوۋغاتلارنى بەرگەن. بۇ سوۋغاتلارنى كېيىنكى ماقالىدە كۆرۈپ چىقىمىز.
2-ناخشا تەشەككۈر، يەھۋا!
a بىز يەھۋا ۋە ئۇنىڭ بىزگە بەرگەن ئۈچ سوۋغىتى ئۈچۈن تېخىمۇ مىننەتدار بولۇشنى ئۆگىنىمىز. شۇنىڭ بىلەن، بۇ ماقالە خۇدانىڭ مەۋجۇتلىقىغا ئىشەنمەيدىغان ئادەملەر بىلەن سۆھبەتلىشىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ.
b سۈرەتتە: بىر قېرىنداش مۇساپىرلارغا خۇدا سۆزىدىكى ھەقىقەتلەرنى ئۆگىتىش ئۈچۈن چەت تىلىنى ئۆگىنىۋاتىدۇ.