مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

22-‏تە‌تقىق ماقالىسى

كۆزگە كۆرۈنمە‌س سوۋغاتلارنى قە‌دىرلە‌ڭ

كۆزگە كۆرۈنمە‌س سوۋغاتلارنى قە‌دىرلە‌ڭ

‏«كۆزىمىزنى كۆرۈنىدىغان نە‌رسىلە‌رگە ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى كۆرۈنمە‌يدىغان نە‌رسىلە‌رگە تىكىمىز.‏ چۈنكى،‏ كۆرۈنگە‌ن نە‌رسىلە‌ر ۋاقىتلىق،‏ ئە‌مما كۆرۈنمىگە‌ن نە‌رسىلە‌ر مە‌ڭگۈلۈكتۇ‌ر»‏‏.‏—‏2-‏كورىنت.‏ 4:‏18‏.‏

22-‏ناخشا يە‌ھۋا —‏ مېنىڭ پادىچىمدۇ‌ر

بۇ ماقالىدە a

1.‏ ئە‌يسا ئاسماندىكى بايلىق توغرۇ‌لۇ‌ق نېمە دېگە‌ن؟‏

 بايلىقنىڭ ھە‌ممىسىلا كۆزگە كۆرۈنمە‌يدۇ.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ ئە‌ڭ قىممە‌تباھا خە‌زىنىلە‌رنى كۆز بىلە‌ن كۆرۈش مۇ‌مكىن ئە‌مە‌س.‏ ئە‌يسا تاغدىكى ۋە‌ز نە‌سىھىتىدە ئاسماندىكى بايلىقنىڭ يە‌ردىكى مال-‏دۇ‌نيادىن نە‌قە‌دە‌ر باھالىق ئىكە‌نلىكىنى ئېيتقان.‏ كېيىن،‏ ئۇ :‏«بايلىقىڭلار قە‌يە‌ردە بولسا،‏ كۆڭلۈڭلارمۇ شۇ يە‌ردە بولىدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن (‏مە‌تتا 6:‏19—‏21‏)‏.‏ بىز ئادە‌تتە نېمىنى قە‌دىر-‏قىممە‌تلىك دە‌پ قارىساق،‏ كۆڭلىمىز شۇ‌نىڭغا ئېرىشىشكە بە‌كرە‌ك ئىنتىلىدۇ.‏ خۇ‌دانىڭ ئالدىدا ياخشى نام-‏ئاتاققا ئېرىشىش ئارقىلىق بايلىقنى «ئاسماندا» توپلاۋاتىمىز.‏ ئە‌يسا ئېيتقاندە‌ك،‏ بۇ بايلىقنى ھېچكىم ۋە‌يران قىلالمايدۇ ياكى ئوغرىلاپ كېتە‌لمە‌يدۇ.‏

2.‏ (‏1)‏ 2-‏كورىنتلىقلار 4:‏17،‏ 18-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ پاۋلۇ‌س بىزنى نېمە قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ؟‏ (‏2)‏ بۇ ماقالىدە نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟‏

2 ئە‌لچى پاۋلۇ‌س بىزنى «كۆرۈنمە‌يدىغان نە‌رسىلە‌رگە» كۆز تىكىشكە ئۈندىگە‌ن ‏(‏2-‏كورىنتلىقلار 4:‏17،‏ 18-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ كۆزگە كۆرۈنمە‌يدىغان بۇ سوۋغاتلارغا خۇ‌دا ۋە‌دە قىلغان يېڭى دۇ‌نيادا ئېرىشىدىغان بە‌رىكە‌تلە‌رمۇ كىرىدۇ.‏ بۇ ماقالىدە،‏ ھازىرنىڭ ئۆزىدە بىزگە پايدا ئېلىپ كېلىۋاتقان تۆت سوۋغاتنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ بۇ‌لار:‏ خۇ‌دا بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋىتىمىز،‏ دۇ‌ئا قىلىش ھە‌دىيە‌سى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ ياردىمى ھە‌مدە يە‌ھۋا،‏ مە‌سىھ ئە‌يسا ۋە پە‌رىشتىلە‌رنىڭ ۋە‌ز ئىشىمىزنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىشى.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ كۆزگە كۆرۈنمە‌يدىغان سوۋغاتلار ئۈچۈن مىننە‌تدار ئىكە‌نلىكىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌ق

3.‏ كۆزگە كۆرۈنمە‌يدىغان ئە‌ڭ ئېسىل بايلىق نېمە ۋە بۇ قانداق مۇ‌مكىن بولغان؟‏

3 كۆزگە كۆرۈنمە‌يدىغان ئە‌ڭ ئېسىل بايلىق —‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن بولغان دوستلىقىمىز (‏زە‌بۇ‌ر 25:‏14‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س خۇ‌دانىڭ گۇ‌ناھكار ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن دوست بولۇ‌شى مۇ‌مكىنمۇ؟‏ ھە‌ئە،‏ «دۇ‌نيانىڭ گۇ‌ناھىنى كۆتۈرىدىغان» ئە‌يسانىڭ بە‌رگە‌ن تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى تۈپە‌يلىدىن بۇ مۇ‌مكىن بولغان (‏يۇ‌ھاننا 1:‏29‏)‏.‏ ئىنسانىيە‌تنى قۇ‌تقۇ‌زۇ‌ش ئىرادىسىنىڭ چوقۇ‌م ئە‌مە‌لگە ئاشىدىغانلىقىنى يە‌ھۋا ئالدىن-‏ئالا بىلگە‌ن.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىنمۇ،‏ ئۇ ھە‌تتا مە‌سىھنىڭ ئۆلۈمىدىن بۇ‌رۇ‌ن ياشىغان ئادە‌ملە‌ر بىلە‌نمۇ دوست بولالىغان.‏—‏رىملىقلار 3:‏25‏.‏

4.‏ مە‌سىھ يە‌رگە كە‌لمە‌ستىن بۇ‌رۇ‌ن،‏ خۇ‌دا بىلە‌ن دوست بولغان بە‌زى ئادە‌ملە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتىپ بېرىڭ.‏

4 مە‌سىھ يە‌رگە كە‌لمە‌ستىن بۇ‌رۇ‌ن،‏ خۇ‌دا بىلە‌ن دوست بولغان بە‌زى ئادە‌ملە‌رنىڭ مىساللىرىنى كۆرۈپ ئۆتە‌يلى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئىبراھىمنىڭ ئېتىقادى كۈچلۈك بولغان.‏ ئۇ ئۆلۈپ،‏ 1000 يىلدىن كۆپرە‌ك ۋاقىت ئۆتكە‌ندىن كېيىن،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نى «دوستۇ‌م» دە‌پ ئاتىغان (‏يە‌شايا 41:‏8‏)‏.‏ دېمە‌ك،‏ ھە‌تتا ئادە‌ملە‌ر ئۆلگە‌ن ھالە‌تتىمۇ،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنى يە‌نىلا يېقىن دوستلىرى دە‌پ قارايدۇ.‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋانىڭ ئېسىدە تېخىغىچە ھايات (‏لۇ‌قا 20:‏37،‏ 38‏)‏.‏ يە‌نە بىر مىسال —‏ ئايۇ‌پ.‏ ئاسماندا پە‌رىشتىلە‌ر يىغىلغاندا،‏ يە‌ھۋا ئايۇ‌پقا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.‏ يە‌ھۋا:‏ «ئۇ نۇ‌قسانسىز،‏ دۇ‌رۇ‌س،‏ خۇ‌دادىن قورقىدىغان ۋە يامانلىقتىن يىراق تۇ‌رىدىغان ئادە‌م»،‏—‏ دېگە‌ن (‏ئايۇ‌پ 1:‏6—‏8‏)‏.‏ خۇ‌دا دانىيال توغرۇ‌لۇ‌ق قانداق ئوي-‏پىكىردە بولغان؟‏ دانىيال بۇ‌تقا چوقۇ‌نىدىغانلارنىڭ زېمىنىدا تە‌خمىنە‌ن 80 يىلچە خۇ‌داغا ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلغانىدى.‏ پە‌رىشتىلە‌ر ئۈچ قېتىم ياشانغان دانىيالغا،‏ خۇ‌دا ئە‌زىز كۆرگە‌ن كىشى ئىكە‌نلىكىنى تە‌كىتلىگە‌ن (‏دانىيال 9:‏23؛‏ 10:‏11،‏ 19‏)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ ئۆز يېقىن دوستلىرىنى تىرىلدۈرىدىغان ۋاقتىنى تاقە‌تسىزلىك بىلە‌ن كۈتۈۋاتقانلىقى شە‌ك-‏شۈبھىسىزدۇ‌ر.‏—‏ئايۇ‌پ 14:‏15‏.‏

كۆزگە كۆرۈنمە‌يدىغان بايلىق ئۈچۈن مىننە‌تدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈشنىڭ بە‌زى ئۇ‌سۇ‌للىرى قانداق؟‏ (‏5-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ b

5.‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن يېقىن دوست بولۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

5 بۈگۈنمۇ مىليونلىغان نامۇ‌كە‌ممە‌ل ئىنسانلار يە‌ھۋا بىلە‌ن يېقىن دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋە‌تكە ئىگە.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ دۇ‌نيانىڭ بۇ‌لۇ‌ڭ-‏پۇ‌چقاقلىرىدىكى كۆپلىگە‌ن ئە‌رلە‌ر،‏ ئاياللار،‏ شۇ‌نداقلا بالىلار خۇ‌دانىڭ دوستى بولۇ‌شنى خالايدىغانلىقىنى ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى بىلە‌ن كۆرسىتىۋاتىدۇ.‏ يە‌ھۋا «توغرا كىشىلە‌رنى يېقىن دوست تۇ‌تار» (‏پە‌ند.‏ نە 3:‏32‏)‏.‏ ئۇ‌لار ئە‌يسانىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقىغا ئىشە‌نگە‌نلىكى سە‌ۋە‌بلىك،‏ خۇ‌دا بىلە‌ن دوست بولۇ‌ش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان.‏ مۇ‌شۇ قۇ‌ربانلىق ئاساسىدا،‏ بىز ئۆزۈمىزنى يە‌ھۋا خۇ‌داغا بېغىشلاپ،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ن ۋە ئالە‌مدىكى ئە‌ڭ ئۇ‌لۇ‌غ شە‌خس بىلە‌ن يېقىن دوست بولۇ‌ۋاتقان مىليونلىغان ئادە‌ملە‌رنىڭ قاتارىغا قوشۇ‌لدۇ‌ق!‏

6.‏ خۇ‌دا بىلە‌ن بولغان دوستلىقىمىزنى قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

6 خۇ‌دا بىلە‌ن بولغان دوستلىقىمىزنى قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏ خۇ‌داغا يۈز يىلدىن كۆپرە‌ك سادىق بولغان ئىبراھىم بىلە‌ن ئايۇ‌پتىن ئۈلگە ئېلىپ،‏ بىزمۇ مۇ‌شۇ دۇ‌نيادا يە‌ھۋا خۇ‌داغا قانچە يىل خىزمە‌ت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىمىزغا قارىماي،‏ چوقۇ‌م ئۇ‌نىڭغا داۋاملىق سادىق بولۇ‌پ قېلىشىمىز زۆرۈر.‏ دانىيالغا ئوخشاش،‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان دوستلىقىمىزنى ئۆز ھاياتىمىزدىنمۇ ئە‌زىز كۆرۈشىمىز لازىم (‏دانىيال 6:‏7،‏ 10،‏ 16،‏ 22‏)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ ياردىمى بىلە‌ن بىز ھە‌رقانداق سىناققا بە‌رداشلىق بېرىپ،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌ق رىشتىمىزنى مە‌ھكە‌م ساقلىيالايمىز.‏—‏فىلىپى.‏ 4:‏13‏.‏

دۇ‌ئا قىلىش سوۋغىتى

7.‏ (‏1)‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 15:‏8-‏ئايە‌تكە ئاساسلانغاندا،‏ خۇ‌دا دۇ‌ئالىرىمىزغا قانداق قارايدۇ؟‏ (‏2)‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا دۇ‌ئالىرىمىزغا قانداق جاۋاب بېرىدۇ؟‏

7 كۆزگە كۆرۈنمە‌يدىغان يە‌نە بىر خە‌زىنە —‏ دۇ‌ئا.‏ جان دوستلار ئوي-‏پىكىرلىرىنى ۋە ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى بىر-‏بىرىگە ئېيتىشنى ياخشى كۆرىدۇ.‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان دوستلىقىمىزمۇ دە‌ل شۇ‌نداق.‏ ئۇ ئۆز سۆزى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئارقىلىق بىزگە سۆزلە‌پ،‏ ئوي-‏پىكىرلىرىنى ۋە ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى يە‌تكۈزىدۇ.‏ بىز ئۇ‌نىڭغا يۈرىكىمىزنىڭ چوڭقۇ‌ر قاتلاملىرىدىكى ئوي-‏پىكىرلىرىمىز ۋە ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىمىزنى دۇ‌ئادا ئېيتىپ بېرىمىز.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا دۇ‌ئالىرىمىزنى تىڭشاشنى ياخشى كۆرىدۇ ‏(‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 15:‏8-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ يە‌ھۋا كۆيۈمچان دوستىمىز،‏ ئۇ پە‌قە‌ت دۇ‌ئالىرىمىزنى تىڭشاپلا قويماي،‏ ئۇ‌لارغا ھە‌م جاۋاب بېرىدۇ.‏ بە‌زىدە ئۇ بە‌ك تېز جاۋاب بېرىدۇ،‏ لېكىن بە‌زىدە بىر مە‌سىلە توغرۇ‌لۇ‌ق قايتا-‏قايتا دۇ‌ئا قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ مە‌يلى قانداق بولسۇ‌ن،‏ خۇ‌دا دۇ‌ئايىمىزغا دە‌ل ۋاقتىدا ۋە ئە‌ڭ ياخشى ئۇ‌سۇ‌لدا جاۋاب بېرىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچىمىز كامىل.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئۇ‌نىڭ جاۋابى بىز كۈتكە‌ندىن پە‌رقلىق بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ بىزنى سىناقلاردىن نېرى قىلىشىنىڭ ئورنىغا،‏ ئۇ‌لارغا بە‌رداشلىق بېرىش ئۈچۈن دانالىق ۋە كۈچ-‏قۇ‌ۋۋە‌ت بېرە‌لە‌يدۇ.‏—‏1-‏كورىنت.‏ 10:‏13‏.‏

‏(‏8-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ c

8.‏ دۇ‌ئا قىلىشنى قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

8 بۇ بىباھا سوۋغات ئۈچۈن مىننە‌تدارلىقىمىزنى قانداق بىلدۈرە‌لە‌يمىز؟‏ بۇ‌نىڭ بىر ئۇ‌سۇ‌لى —‏ خۇ‌دانىڭ «توختىماي دۇ‌ئا قىلىڭلار» دېگە‌ن نە‌سىھىتىگە قۇ‌لاق سېلىش (‏1-‏سالونىكا.‏ 5:‏17‏)‏.‏ خۇ‌دا بىزنى دۇ‌ئا قىلىشقا مە‌جبۇ‌رلىمايدۇ.‏ ئە‌كسىنچە،‏ تاللاش ئە‌ركىنلىكىمىزنى ھۆرمە‌تلە‌پ،‏ بىزنى ھە‌رقاچان دۇ‌ئا قىلىشقا ئۈندە‌يدۇ (‏رىملىقلار 12:‏12‏)‏.‏ دېمە‌ك،‏ دۇ‌ئا قىلىش ھە‌دىيە‌سى ئۈچۈن مىننە‌تدارلىقىمىزنى ھە‌ر كۈنى پات-‏پات دۇ‌ئا قىلىش ئارقىلىق كۆرسىتە‌لە‌يمىز.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ دۇ‌ئايىمىزدا يە‌ھۋاغا مىننە‌تدارلىق بىلدۈرۈشنى ۋە ئۇ‌نى مە‌دھىيىلە‌پ،‏ شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرۈشنىمۇ ئۇ‌نتۇ‌ماسلىقىمىز كېرە‌ك.‏—‏زە‌بۇ‌ر 145:‏2،‏ 3‏.‏

9.‏ بىر قېرىنداش دۇ‌ئا توغرۇ‌لۇ‌ق نېمە دېگە‌ن ۋە سىز دۇ‌ئاغا قانداق قارايسىز؟‏

9 يە‌ھۋا خۇ‌داغا كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلغانسېرى ۋە ئۇ‌نىڭ دۇ‌ئالىرىمىزغا قانداق جاۋاب بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگە‌نسېرى،‏ دۇ‌ئا ئۈچۈن مىننە‌تدارلىقىمىز تېخىمۇ ئاشىدۇ.‏ 47 يىل تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌ت قىلغان كرىس مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «يە‌ھۋا بىلە‌ن پاراڭلىشىش ئۈچۈن تاڭ سە‌ھە‌ردە تۇ‌رۇ‌شنى ياخشى كۆرىمە‌ن.‏ قۇ‌ياش نۇ‌رى چىقىپ،‏ ئە‌تراپ ئىنتايىن گۈزە‌ل بىر تۈسكە كىرگە‌ندە،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن مۇ‌ڭدىشىش ھە‌قىقە‌تە‌ن كۆڭۈلنى كۆتىرىدۇ!‏ دۇ‌ئا قىلىش ئىمتىيازى ۋە باشقا بارلىق سوۋغاتلىرى ئۈچۈن رە‌ھمىتىنى ئېيتىمە‌ن.‏ ھە‌ر كۈن ئاخىرلاشقاندا،‏ دۇ‌ئا قىلغاندىن كېيىن،‏ تىنچ-‏خاتىرجە‌م،‏ پاك ۋىجدان بىلە‌ن ئۇ‌خلىيالايمە‌ن».‏

مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ ياردىمى

10.‏ بىز نېمە ئۈچۈن خۇ‌دانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھىنى قە‌دىرلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

10 خۇ‌دانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھى —‏ بىز چوقۇ‌م قە‌دىرلىشىمىز زۆرۈر يە‌نە بىر كۆزگە كۆرۈنمە‌يدىغان خە‌زىنە.‏ ئە‌يسا بىزنى مۇ‌قە‌ددە‌س روھنى سوراپ دۇ‌ئا قىلىشقا ئۈندىگە‌ن (‏لۇ‌قا 11:‏9،‏ 13‏)‏.‏ يە‌ھۋا مۇ‌قە‌ددە‌س روھى ئارقىلىق بىزگە كۈچ-‏قۇ‌ۋۋە‌ت،‏ ھە‌تتا ئادە‌تتىكى كۈچتىن ئېشىپ چۈشىدىغان كۈچ بېرىدۇ (‏2-‏كورىنت.‏ 4:‏7؛‏ ئە‌لچى.‏ 1:‏8‏)‏.‏ خۇ‌دا روھىنىڭ ياردىمى بىلە‌ن بىز ھە‌رقانداق سىناققا سە‌ۋر-‏تاقە‌ت بىلە‌ن بە‌رداشلىق بېرە‌لە‌يمىز.‏

‏(‏11-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ d

11.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

11 مۇ‌قە‌ددە‌س روھ خۇ‌دا ئۆز خىزمە‌تچىلىرىگە تاپشۇ‌رغان ۋە‌زىپىلە‌رنى ئورۇ‌نلاشقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ خۇ‌دانىڭ روھى قابىلىيە‌تلىرىمىز ۋە تالانتلىرىمىزنى ئاشۇ‌رالايدۇ.‏ بىز خىزمە‌تتىكى ئۇ‌تۇ‌قلارغا ئۆز كۈچىمىز بىلە‌نلا ئە‌مە‌س،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ ياردىمى بىلە‌ن يېتىدىغانلىقىمىزنى چۈشىنىمىز.‏

12.‏ زە‌بۇ‌ر 139:‏23،‏ 24-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ نېمە قىلىشىمىزغا ياردە‌م بېرىشىنى سوراپ دۇ‌ئا قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

12 خـۇ‌دانـىـڭ مـۇ‌قـە‌ددە‌س روھـىـنـى قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏ بۇ‌نىڭ بىر ئۇ‌سۇ‌لى —‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ بىزگە يامان ئوي-‏پىكىرلىرىمىز ۋە ھە‌ۋە‌سلىرىمىزنى ئېنىقلاشقا ياردە‌م بېرىشىنى سوراپ دۇ‌ئا قىلىش ‏(‏زە‌بۇ‌ر 139:‏23،‏ 24-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ شۇ‌نداق قىلساق،‏ يە‌ھۋا ئۆز روھى ئارقىلىق بىزگە يامان ئوي-‏خىياللىرىمىز ۋە ئارزۇ-‏ھە‌ۋە‌سلىرىمىزنى كۆرۈشكە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ ئۇ‌لارنى ئېنىق كۆرگە‌ندىن كېيىن،‏ بىز خۇ‌داغا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ ئارقىلىق شۇ ئوي-‏خىياللار بىلە‌ن ھە‌ۋە‌سلىرىمىزگە قارشى تۇ‌رۇ‌شقا ياردە‌م بېرىشىنى سورىشىمىز لازىم.‏ شۇ‌ندىلا،‏ يە‌ھۋا بىزگە ئۆز مۇ‌قە‌ددە‌س روھى ئارقىلىق ياردە‌م بېرىشنى توختاتماسلىقى ئۈچۈن،‏ قولىمىزدىن كە‌لگە‌ننىڭ ھە‌ممىسىنى قىلماقچى ئىكە‌نلىكىمىزنى كۆرسىتىمىز.‏—‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏30‏.‏

13.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ ئۈچۈن تېخىمۇ مىننە‌تدار بولۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏

13 مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ بۈگۈنكى كۈندە نېمە قىلىۋاتقانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق مۇ‌لاھىزە قىلساق،‏ ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ مىننە‌تدار بولىمىز.‏ ئە‌يسا ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈشتىن ئاۋۋال شاگىرتلىرىغا:‏ «ئۈستۈڭلارغا مۇ‌قە‌ددە‌س روھ چۈشكە‌ندە،‏ سىلە‌ر .‏ .‏ .‏ يە‌ر يۈزىنىڭ چە‌ت ياقىلىرىغىچە مېنىڭ گۇ‌ۋاھچىلىرىم بولىسىلە‌ر»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏ئە‌لچى.‏ 1:‏8‏)‏.‏ بۇ سۆزلە‌ر بۈگۈنكى كۈندە ئاجايىپ تۈردە ئە‌مە‌لگە ئېشىۋاتىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ ياردىمى بىلە‌ن دۇ‌نيانىڭ جاي-‏جايلىرىدىكى 8.‏6 مىليوندىن كۆپرە‌ك كىشى يە‌ھۋا خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىۋاتىدۇ.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ خۇ‌دا روھىنىڭ ياردىمى بىلە‌ن بىز روھىي جە‌ننە‌تتە ياشاۋاتىمىز،‏ چۈنكى مۇ‌قە‌ددە‌س روھ سۆيگۈ،‏ خۇ‌شاللىق،‏ تىنچلىق،‏ سە‌ۋر-‏تاقە‌ت،‏ مېھرىبانلىق،‏ ياخشىلىق،‏ ئىمان،‏ مۇ‌لايىملىق،‏ ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىشتە‌ك پە‌زىلە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرۈشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ بۇ —‏ «مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ مېۋىسى» (‏گالاتىيا.‏ 5:‏22،‏ 23‏)‏.‏ دە‌رھە‌قىقە‌ت،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ —‏ قىممە‌تباھا سوۋغات!‏

يە‌ھۋا،‏ ئە‌يسا ۋە پە‌رىشتىلە‌رنىڭ ۋە‌ز ئىشىمىزنى قوللىشى

14.‏ ۋە‌ز ئىشىغا قاتناشقاندا،‏ بىزنى كىملە‌ر قوللايدۇ؟‏

14 يە‌نە بىر كۆزگە كۆرۈنمە‌يدىغان خە‌زىنە —‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌شكىلاتىنىڭ ئاسماندىكى قىسمى بىلە‌ن «بىرگە ئە‌مگە‌ك» قىلىش (‏2-‏كورىنت.‏ 6:‏1‏)‏.‏ بىز شاگىرت تە‌ييارلاش ئىشىغا قاتناشقاندا،‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن ھە‌مكارلىشىمىز.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئۆزى ۋە بۇ ئىشقا قاتنىشىدىغانلار توغرۇ‌لۇ‌ق:‏ «بىز —‏ خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تداشلىرى»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏1-‏كورىنت.‏ 3:‏9‏)‏.‏ ۋە‌ز قىلغاندا،‏ بىز ئە‌يسا بىلە‌نمۇ خىزمە‌تداش بولىمىز.‏ ئېسىڭىزدە بولسا،‏ بارلىق خە‌لقلە‌ردىن «شاگىرتلارنى تە‌ييارلاڭلار» دە‌پ بۇ‌يرۇ‌ق قىلغاندىن كېيىن،‏ ئە‌يسا ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە:‏ «مە‌ن سىلە‌ر بىلە‌ن بولىمە‌ن»،‏—‏ دېگە‌ن (‏مە‌تتا 28:‏19،‏ 20‏)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ پە‌رىشتىلە‌رچۇ؟‏ بىز «يە‌ر يۈزىدە ياشاۋاتقانلارغا،‏ .‏ .‏ .‏ مە‌ڭگۈلۈك خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر»نى ئېيتىۋاتقاندا،‏ پە‌رىشتىلە‌رنىڭ بىزنى يېتە‌كلە‌يدىغانلىقى ئاجايىپ بىر بە‌رىكە‌ت!‏—‏ۋە‌ھىي.‏ 14:‏6‏.‏

15.‏ ۋە‌ز خىزمىتىمىزدە،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ رولى قانچىلىك مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتىدىغان مىسالنى كە‌لتۈرۈڭ.‏

15 ئاسماندىن كە‌لگە‌ن ياردە‌م ئارقىلىق نېمە ئىشنى ئۇ‌رۇ‌نلايمىز؟‏ پادىشاھلىق خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر ئۇ‌رۇ‌قلىرىنى چاچقىنىمىزدا،‏ بە‌زى ئۇ‌رۇ‌قلار مۇ‌نبە‌ت تۇ‌پراققا ئوخشاش يۈرە‌كلە‌رگە چۈشۈپ،‏ ئۆسۈپ مول ھوسۇ‌ل بېرىدۇ (‏مە‌تتا 13:‏18،‏ 23‏)‏.‏ ئاشۇ ھە‌قىقە‌ت ئۇ‌رۇ‌قلىرىنى كىم ئۆستۈرۈپ،‏ مول ھوسۇ‌للۇ‌ق قىلىدۇ؟‏ ئە‌يسا ئېيتقاندە‌ك،‏ ئاتىسى ئادە‌منى ئۇ‌نىڭغا «جە‌لپ قىلمىسا»،‏ ئۇ ئە‌يسانىڭ شاگىرتى بولالمايدۇ (‏يۇ‌ھاننا 6:‏44‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا،‏ بۇ‌نى ئىسپاتلايدىغان ياخشى بىر مىسال بار.‏ پاۋلۇ‌س فىلىپى شە‌ھىرىنىڭ سىرتىدىكى بىر توپ ئاياللارغا ۋە‌ز قىلغاندا نېمە يۈز ئىش بە‌رگە‌نلىكىنى ئېسىمىزگە ئالايلى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا شۇ ئاياللارنىڭ بىرى لىدىيا توغرۇ‌لۇ‌ق مۇ‌نداق يېزىلغان:‏ «پاۋلۇ‌سنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنى قوبۇ‌ل قىلسۇ‌ن دە‌پ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭ يۈرىكىنى ئاچتى» (‏ئە‌لچى.‏ 16:‏13—‏15‏)‏.‏ خۇ‌دا خۇ‌ددى ئاشۇ لىدىياغا ئوخشاش مىليونلىغان ئادە‌ملە‌رنى ئۆزىگە جە‌لپ قىلغان.‏

16.‏ ۋە‌ز خىزمىتىدە قول يە‌تكۈزگە‌ن ئۇ‌تۇ‌قلىرىمىز ئۈچۈن كىم ماختاشقا سازاۋە‌ر؟‏

16 ۋە‌ز خىزمىتىمىزدە،‏ قولغا كە‌لتۈرگە‌ن ئۇ‌تۇ‌قلار ئۈچۈن كىم ماختاشقا سازاۋە‌ر؟‏ بۇ سوئالغا كورىنتتىكى جامائە‌تكە يازغان خېتىدە پاۋلۇ‌س مۇ‌نداق جاۋاب بە‌رگە‌ن:‏ «مە‌ن تېرىدىم،‏ ئاپوللوس سۇ‌غاردى،‏ لېكىن خۇ‌دا ئۆزى ئۆستۈردى.‏ دېمە‌ك،‏ تېرىغان ۋە سۇ‌غارغان ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئۆستۈرگە‌ن خۇ‌دا ئۇ‌لۇ‌غلىنىشى لازىم» (‏1-‏كورىنت.‏ 3:‏6،‏ 7‏)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ پاۋلۇ‌ستىن ئۈلگە ئېلىپ،‏ خىزمە‌تتىكى ھە‌رقانداق ئۇ‌تۇ‌قلىرىمىز ئۈچۈن شان-‏شە‌رە‌پنى خۇ‌دايىمىز يە‌ھۋاغا بېرە‌يلى.‏

17.‏ خۇ‌دا،‏ مە‌سىھ ۋە پە‌رىشتىلە‌ر بىلە‌ن بىرلىكتە خىزمە‌ت قىلىش ئىمكانىيىتىنى قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتىمىز؟‏

17 خۇ‌دا،‏ مە‌سىھ ۋە پە‌رىشتىلە‌ر بىلە‌ن بىرلىكتە خىزمە‌ت قىلىش ئىمكانىيىتىنى قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏ قىزغىنلىق بىلە‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى باشقىلارغا ئېيتىش پۇ‌رسىتىنى ئىزدە‌ش ئارقىلىق.‏ بۇ‌نى قىلىشنىڭ يوللىرى كۆپ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ «خە‌لق ئالدىدا ۋە ئۆيمۇ-‏ئۆي» ۋە‌ز ئېيتىش (‏ئە‌لچى.‏ 20:‏20‏)‏.‏ يە‌نە نۇ‌رغۇ‌ن قېرىنداشلار نارە‌سمىي گۇ‌ۋاھلىق بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ.‏ ئۇ‌لار ئادە‌منى ئۇ‌چراتقاندا،‏ دوستانە مۇ‌ئامىلە بىلە‌ن ئىللىق سالاملىشىپ،‏ سۆھبە‌ت باشلاشقا تىرىشىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر ئادە‌م سۆزلىشىشنى خالىسا،‏ پە‌م-‏پاراسە‌ت بىلە‌ن سۆھبە‌ت تېمىسىنى پادىشاھلىق خە‌ۋىرىگە يۆتكە‌يدۇ.‏

‏(‏18-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ e

18،‏ 19.‏ (‏1)‏ ھە‌قىقە‌ت ئۇ‌رۇ‌قىنى قانداق سۇ‌غۇ‌رىمىز؟‏ (‏2)‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگە‌نگە‌ن بىر كىشىگە قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

18 خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تداشلىرى بولغاچقا،‏ بىز پە‌قە‌ت ھە‌قىقە‌ت ئۇ‌رۇ‌قىنى تېرىپلا قويماي،‏ يە‌نە ئۇ‌نى سۇ‌غۇ‌رۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌گە‌ر ئادە‌م خۇ‌ش خە‌ۋە‌رگە قىزىقىش كۆرسە‌تسە،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن تە‌تقىق ئۆگىنىشىنى باشلاش ئۈچۈن قايتا يولۇ‌قۇ‌شقا ياكى ئۇ‌نىڭغا باشقا بىرسىنىڭ بېرىشىنى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن كۈچ سالىمىز.‏ يە‌ھۋا شۇ ئادە‌منىڭ ئوي-‏پىكىرىنى ۋە ھايات تە‌رزىنى ئۆزگە‌رتىشىگە ياردە‌م بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگە‌ندە،‏ قە‌لبىمىز شاد-‏خۇ‌راملىققا تولىدۇ.‏

19 جە‌نۇ‌بىي ئافرىقىدا ياشايدىغان ۋە بۇ‌رۇ‌ن داخان بولغان رافالالانى ئىسىملىك بىر قېرىنداشنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ ئۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ئالغان بىلىمنى بە‌ك ياخشى كۆرگە‌ن.‏ ئە‌مما،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئە‌رۋاھلار بىلە‌ن ئالاقە قىلىش توغرۇ‌لۇ‌ق نېمە يېزىلغانلىقىنى بىلگە‌ندە،‏ ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن بۇ‌نى قوبۇ‌ل قىلىش قىيىن بولغان (‏تە‌كرار.‏ قا 18:‏10—‏12‏)‏.‏ بىراق،‏ ئۇ ئاستا-‏ئاستا ئوي-‏پىكىرىنى خۇ‌دانىڭ ئۆزگە‌رتىشىگە يول قويۇ‌پ،‏ ۋاقىت ئۆتۈپ جان باقىدىغان يالغۇ‌ز بىر ئۇ‌سۇ‌لى داخانلىقنى تاشلىغان.‏ ھازىر 60 ياشقا كىرگە‌ن ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ ماڭا ھە‌رخىل ئۇ‌سۇ‌للار بىلە‌ن ياردە‌م بېرىۋاتقانلىقىغا بە‌ك مىننە‌تدارمە‌ن.‏ ئۇ‌لار ئىش تېپىشىمغىمۇ ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى،‏ ھاياتىمنى ئۆزگە‌رتىشكە ياردە‌م بە‌رگە‌ن يە‌ھۋاغا مىڭ مە‌رتىۋە شۈكرى.‏ ھازىر مە‌ن چۆمۈلدۈرۈلگە‌ن ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى سۈپىتىدە،‏ ۋە‌ز خىزمىتىگە قاتنىشىمە‌ن».‏

20.‏ سىز نېمە قىلىشقا بە‌ل باغلىدىڭىز؟‏

20 بۇ ماقالىدە،‏ كۆزگە كۆرۈنمە‌يدىغان تۆت بايلىقنى كۆرۈپ چىقتۇ‌ق.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى —‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋىتىمىز.‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن دوست بولساق،‏ كۆزگە كۆرۈنمە‌يدىغان باشقىمۇ بايلىقنىڭ پايدىسىنى كۆرە‌لە‌يمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌نىڭغا دۇ‌ئا قىلالايمىز،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشە‌لە‌يمىز ۋە يە‌ھۋا خۇ‌دا،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ۋە پە‌رىشتىلە‌رنىڭ قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىشىگە ئىگە بولالايمىز.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ كېلىڭلار،‏ كۆزگە كۆرۈنمە‌يدىغان بۇ بايلىق ئۈچۈن تېخىمۇ مىننە‌تدارلىق بىلدۈرە‌يلى.‏ يە‌نە شۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىرگە،‏ كۆيۈمچان دوستىمىز يە‌ھۋاغا رە‌ھمە‌ت ئېيتىشنى ھە‌رگىزمۇ توختاتمايلى!‏

19-‏ناخشا خۇ‌دا ۋە‌دە قىلغان جە‌ننە‌ت

a ئالدىنقى ماقالىدە،‏ خۇ‌دانىڭ كۆزگە كۆرۈنىدىغان بە‌زى سوۋغاتلىرىنى مۇ‌ھاكىمە قىلدۇ‌ق.‏ بۇ ماقالىدە بولسا،‏ كۆزگە كۆرۈنمە‌يدىغان سوۋغاتلارغا دىققە‌تنى قارىتىمىز ۋە ئۇ‌لارنى قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىش ئۇ‌سۇ‌للىرىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ شۇ‌نىڭدە‌ك،‏ بۇ قىممە‌تلىك سوۋغاتلارنى بە‌رگە‌ن يە‌ھۋاغا تېخىمۇ مىننە‌تدار بولىمىز.‏

b سۈرە‌تتە:‏ 1)‏ قېرىنداش مە‌ۋجۇ‌داتلارغا قاراپ زوقلىنىپ،‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌قى ھە‌ققىدە ئويلىنىۋاتىدۇ.‏

c سۈرە‌تتە:‏ 2)‏ ئۇ گۇ‌ۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن يە‌ھۋادىن كۈچ سوراۋاتىدۇ.‏

d سۈرە‌تتە:‏ 3)‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ قېرىنداشنىڭ جاسارە‌تلىك بولۇ‌پ نارە‌سمىي گۇ‌ۋاھلىق بېرىشىگە ياردە‌م بېرىۋاتىدۇ.‏

e سۈرە‌تتە:‏ 4)‏ قېرىنداش ئۆزى نارە‌سمىي گۇ‌ۋاھلىق بە‌رگە‌ن ئايال بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىۋاتىدۇ.‏ ئۇ پە‌رىشتىلە‌رنىڭ ياردىمى بىلە‌ن ۋە‌ز قىلىش ۋە شاگىرت تە‌ييارلاش ئىشىنى داۋاملاشتۇ‌رىدۇ.‏