مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇ‌لايىملىق.‏ بۇ پە‌زىلە‌تنىڭ پايدىسى

مۇ‌لايىملىق.‏ بۇ پە‌زىلە‌تنىڭ پايدىسى

‏«مە‌ن كىچىكىمدىن ئۇ‌يالچاق.‏ مە‌ن ئۆز-‏ئۆزۈمگە ئانچە ئىشە‌نمە‌يمە‌ن.‏ ئۆز دېگىنىدە چىڭ تۇ‌رۇ‌ۋالىدىغان ۋە ئۆزىگە ھە‌ددىدىن تاشقىرى ئىشە‌نچ قىلىدىغان ئادە‌ملە‌رنىڭ قېشىدا ئۆزۈمنى ئە‌ركىن-‏ئازادە ھېس قىلالمايمە‌ن.‏ لېكىن،‏ مۇ‌لايىم ۋە كە‌متە‌ر ئادە‌ملە‌رنىڭ ئارىسىدا ئۆزۈمنى ئە‌ركىن ھېس قىلىمە‌ن.‏ مە‌ن ئۇ‌لار بىلە‌ن ئېچىلىپ يېيىلىپ سۆزلىشىپ،‏ ئىچ باغرىمنى تۆكە‌لە‌يمە‌ن ۋە قىيىنچىلىقلىرىم توغرىلىقمۇ ئېيتىپ بېرە‌لە‌يمە‌ن.‏ مېنىڭ ئە‌ڭ يېقىن دوستلىرىم مۇ‌لايىم ۋە كە‌متە‌ر ئادە‌ملە‌ر»،‏—‏ دە‌يدۇ،‏ سارا a ئىسىملىك قېرىنداش.‏

سارانىڭ سۆزلىرىدىن كۆرگىنىمىزدە‌ك،‏ مۇ‌لايىم بولساق،‏ باشقىلار بىز بىلە‌ن دوست بولۇ‌شنى خالايدۇ.‏ يە‌ھۋامۇ بۇ پە‌زىلە‌تنى ياخشى كۆرىدۇ.‏ خۇ‌دا سۆزى بىزنى مۇ‌لايىم بولۇ‌شقا ئۈندە‌يدۇ (‏كولوسى.‏ 3:‏12‏)‏.‏ مۇ‌لايىملىق دېگە‌ن نېمە؟‏ ئە‌يسا بۇ پە‌زىلە‌تنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏ مۇ‌لايىملىق بىزنىڭ تېخىمۇ بە‌ختلىكرە‌ك تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈشىمىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

مۇ‌لايىملىق دېگە‌ن نېمە؟‏

مۇ‌لايىملىق دېگىنىمىز —‏ ئادە‌منىڭ ئىچىدىكى تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىك.‏ مۇ‌لايىم ئادە‌م باشقىلارغا مېھرىبانلىق ۋە كۆيۈمچانلىق بىلە‌ن مۇ‌ئامىلە قىلىدۇ ۋە بىرسى ئۇ‌نىڭ چىشىغا تە‌ككە‌ندىمۇ ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋالالايدۇ.‏

مۇ‌لايىم ئادە‌م —‏ كۈچلۈك ئادە‌م.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا «مۇ‌لايىم»،‏ دېگە‌ن گرېك سۆزى كۆندۈرۈلگە‌ن ياۋايى ئاتقا قارىتا ئىشلىتىلگە‌ن.‏ ئات كۆندۈرۈلگە‌ندىن كېيىن كۈچىدىن ئايرىلىپ قالمايدۇ.‏ بۇ‌نىڭ ئورنىغا،‏ ئۇ ئۆزىنىڭ تە‌بىئىي كۈچىنى تىزگىنلە‌شنى ئۆگىنىدۇ.‏ دە‌ل شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ مۇ‌لايىم ئادە‌م ئاجىز دېگە‌ننى بىلدۈرمە‌يدۇ.‏ ئە‌كسىنچە،‏ شۇ‌نداق ئادە‌م بە‌ك كۈچلۈك بولىدۇ.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ ئۇ نامۇ‌كە‌ممە‌ل خاھىشىنى تىزگىنلە‌پ،‏ باشقىلار بىلە‌ن تىنچ-‏ئىناقلىقنى ساقلايدۇ.‏

بە‌لكىم،‏ بىز «مۇ‌لايىملىق ماڭا خاس مىجە‌ز-‏خۇ‌لق ئە‌مە‌س»،‏ دە‌پ ئويلايمىز.‏ بىز سە‌ۋر-‏تاقىتى يوق ۋە ئۆزىنىڭ دېگىنىدە چىڭ تۇ‌رۇ‌ۋالىدىغان شە‌خسىيە‌تچى ئادە‌ملە‌رنىڭ ئارىسىدا ياشايمىز،‏ شۇ‌ڭا مۇ‌لايىم بولۇ‌ش تە‌س بولۇ‌شى مۇ‌مكىن (‏رىملىقلار 7:‏19‏)‏.‏ دېمە‌ك،‏ مۇ‌لايىملىقنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرىشىمىز كېرە‌ك.‏ لېكىن،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھى بىزنىڭ مۇ‌لايىم بولۇ‌شقا داۋاملىق ئىنتىلىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ (‏گالاتىيا.‏ 5:‏22،‏ 23‏)‏.‏ نېمە ئۈچۈن مۇ‌لايىملىقنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كېرە‌ك؟‏

مۇ‌لايىم بولساق،‏ باشقىلار بىز بىلە‌ن دوستلىشىشنى خالايدۇ.‏ ماقالىنىڭ بېشىدا تىلغا ئالغان سارا ئېيتقاندە‌ك،‏ مۇ‌لايىم كىشىلە‌ر بىلە‌ن بولغاندا ئۆزۈمىزنى ئە‌ركىن-‏ئازادە ھېس قىلىمىز.‏ ئە‌يسا —‏ مۇ‌لايىم ۋە مېھرىبان بولۇ‌شنىڭ ئاجايىپ ئۈلگىسىدۇ‌ر (‏2-‏كورىنت.‏ 10:‏1‏)‏.‏ ھە‌تتا ئە‌يسانى ياخشى بىلمىگە‌ن بالىلارمۇ ئۇ‌نىڭغا يېقىنلىشىشنى خالىغانىدى.‏—‏ماركۇ‌س 10:‏13—‏16‏.‏

مۇ‌لايىم بولۇ‌ش ئۆزۈمىزگىمۇ،‏ باشقىلارغىمۇ پايدا ئېلىپ كېلىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر بىز مۇ‌لايىم بولساق،‏ دە‌رھاللا خاپا بولمايمىز ياكى ئاچچىقلانمايمىز (‏پە‌ند.‏ نە 16:‏32‏)‏.‏ شۇ چاغدا بىز باشقىلارنىڭ،‏ بولۇ‌پمۇ يېقىن كىشىلىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتمايمىز ۋە كېيىن بۇ‌نىڭغا پۇ‌شايمان قىلمايمىز.‏ يېنىمىزدىكى كىشىلە‌رمۇ پايدىلىق،‏ چۈنكى ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىمىز ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمىزنى تىزگىنلە‌پ،‏ باشقىلارغا ئازار بېرىشتىن يىراق تۇ‌رىمىز.‏

مۇ‌لايىملىقنىڭ مۇ‌كە‌ممە‌ل ئۈلگىسى

ئە‌يسانىڭ ۋاقتى ئالدىراش ۋە ۋە‌زىپىلىرى كۆپ بولسىمۇ،‏ ئۇ ھە‌ممىسىگە تە‌ڭ مۇ‌لايىملىق كۆرسە‌تكە‌ن.‏ شۇ زاماندا ياشىغان كۆپىنچە ئادە‌ملە‌ر جاپا چېكىپ،‏ ئىلھام-‏تە‌سە‌للىگە مۇ‌ھتاج بولغان.‏ ئۇ‌لار ئە‌يسانىڭ:‏ «يېنىمغا كېلىڭلار  .‏ .‏ .‏ مە‌ن مۇ‌لايىم ۋە كە‌متە‌رمە‌ن»،‏—‏ دېگە‌ن سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندا،‏ ئۇ‌لارنىڭ روھى كۆتۈرۈلۈپ كۆڭلى قانچىلىك ئارام تاپقاندۇ-‏ھە!‏—‏مە‌تتا 11:‏28،‏ 29‏.‏

قانداق قىلىپ ئە‌يسادىن ئۈلگە ئېلىپ،‏ مۇ‌لايىم بولالايمىز؟‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن خۇ‌دا سۆزىنى تە‌تقىق قىلىپ،‏ ئە‌يسانىڭ ئادە‌ملە‌رگە قانداق مۇ‌ئامىلە قىلغانلىقى ۋە قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ قانداق ھە‌رىكە‌ت قىلغانلىقىنى بىلىۋالىمىز.‏ شۇ‌نداق قىلساق،‏ مۇ‌لايىملىقىمىز سىنالغاندا،‏ ئە‌يسادە‌ك ھە‌رىكە‌ت قىلىشقا تىرىشىمىز (‏1-‏پېتر.‏ 2:‏21‏)‏.‏ كېلىڭلار،‏ ئە‌يسانىڭ مۇ‌لايىم بولۇ‌شىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن ئۈچ نە‌رسىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

ئە‌يسا كە‌متە‌ر بولغان.‏ ئە‌يسا ئۆزى ھە‌ققىدە،‏ «مۇ‌لايىم ۋە كە‌متە‌رمە‌ن»،‏ دە‌پ ئېيتقان (‏مە‌تتا 11:‏29‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بۇ ئىككى پە‌زىلە‌ت بىرلىكتە تىلغا ئېلىنىدۇ،‏ چۈنكى ئۇ‌لار بىر-‏بىرى بىلە‌ن زىچ باغلىنىشلىق (‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏1—‏3‏)‏.‏ نېمە ئۈچۈن شۇ‌نداق دە‌يمىز؟‏

كە‌متە‌ر بولساق،‏ باشقىلارنىڭ بىزنى رە‌نجىتىدىغان گە‌پ-‏سۆزىنى ئاسانلىقچە كۆڭلىمىزگە ئېلىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا ئاچچىقلانمايمىز.‏ ئە‌يسا ئۇ‌نى «تازا بىر تويماس ھاراقكە‌ش»،‏ دە‌پ ناھە‌ق ئە‌يىبلىگە‌نلە‌رگە قانداق قارىغان؟‏ ئۇ ئۇ‌لارنىڭ سۆزلىرى يالغان ئىكە‌نلىكىنى ئۆز ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى بىلە‌ن كۆرسىتىپ،‏ مۇ‌لايىملىق بىلە‌ن:‏ «ھېكمە‌ت ئۆز ئىشلىرى بىلە‌ن دە‌لىللىنىدۇ»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان.‏—‏مە‌تتا 11:‏19‏.‏

ئە‌گە‌ر بىرسى مىللىتىڭىز،‏ جىنسىڭىز ياكى كېلىپ چىقىشىڭىز توغرۇ‌لۇ‌ق كۆڭلۈڭىزنى رە‌نجىتىدىغان سۆزلە‌رنى ئېيتسا،‏ نېمە ئۈچۈن مۇ‌لايىملىق بىلە‌ن جاۋاب بېرىش پايدىلىق؟‏ جە‌نۇ‌بىي ئافرىقىدا ياشايدىغان پېتىر ئىسىملىك بىر ئاقساقال مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئە‌گە‌ر بىرسى مېنىڭ كۆڭلۈمنى رە‌نجىتسە،‏ مە‌ن ئۆزۈمدىن ‹ئە‌يسا قانداق جاۋاب بېرە‌تتى دە‌پ سورايمە‌ن؟‏›» ئۇ :‏«مە‌ن شۇ‌نداق ئە‌ھۋالدا،‏ كۆڭلۈمگە بە‌كمۇ ئېلىپ كە‌تمە‌سلىكنى ئۈگە‌ندىم»،‏—‏ دە‌يدۇ.‏

ئە‌يسا ئادە‌ملە‌رنىڭ نامۇ‌كە‌ممە‌ل ئىكە‌نلىكىنى چۈشە‌نگە‌ن.‏ ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرىنىڭ نىيىتى ياخشى بولغان،‏ لېكىن ئۇ‌لار نامۇ‌كە‌ممە‌ل بولغاچقا،‏ بە‌زىدە نىيىتىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رالمىغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئە‌يسا ئۆلۈم ئالدىدىكى كېچىدە پېترۇ‌س،‏ ياقۇ‌پ ۋە يوھانناغا سە‌گە‌ك بولۇ‌شنى ئېيتقان.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ ئۇ‌لار ئۇ‌خلاپ قالغان.‏ ئە‌يسا:‏ «روھ خالايدۇ،‏ بىراق تە‌ن ئاجىزدۇ‌ر»،‏—‏ دە‌پ،‏ ئۇ‌لارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇ‌خلاپ قالغانلىقىنى چۈشە‌نگە‌نلىكىنى كۆرسە‌تكە‌ن (‏مە‌تتا 26:‏40،‏ 41‏)‏.‏ ئۇ ئۇ‌لارنىڭ نامۇ‌كە‌ممە‌ل ئىكە‌نلىكىنى بىلگە‌چكە،‏ ئە‌لچىلىرىگە ئاچچىقلانمىغان ئىدى.‏

مە‌ندىي ئىسىملىك قېرىندىشىمىز بۇ‌رۇ‌ن بە‌كمۇ تە‌لە‌پچان بولغان.‏ لېكىن،‏ ھازىر ئۇ ئە‌يسانىڭ مۇ‌لايىملىقىدىن ئۈلگە ئېلىشقا تىرىشىدۇ.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن ھە‌ربىر ئادە‌منىڭ مۇ‌كە‌ممە‌لسىز ئىكە‌نلىكىنى يادىمدا تۇ‌تۇ‌شقا ۋە يە‌ھۋا كىشىلە‌رنىڭ ياخشى تە‌رە‌پلىرىنى كۆرگىنىدە‌ك،‏ مە‌نمۇ شۇ‌نداق قىلىشقا تىرىشىمە‌ن».‏ ئە‌يسانىڭ ئىنسانلارنىڭ ئاجىزلىقىغا ھېسداشلىق قىلغانلىقى سىزنىمۇ باشقىلارغا مۇ‌لايىملىق بىلە‌ن مۇ‌ئامىلە قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلامدۇ؟‏

ئە‌يسا ھە‌ممە مە‌سىلىلە‌رنى خۇ‌داغا تاپشۇ‌رغان.‏ ئە‌يسا يە‌ردە ياشىغاندا ئادالە‌تسىز مۇ‌ئامىلىگە ئۇ‌چرىغان.‏ ئادە‌ملە‌ر ئۇ‌نى چۈشە‌نمىگە‌ن،‏ كە‌مسىتكە‌ن ۋە خورلىغان.‏ بۇ‌نىڭغا قارىماستىن،‏ ئە‌يسا داۋاملىق مۇ‌لايىم بولغان.‏ چۈنكى،‏ ئۇ «ئۆزىنى ئادىل ھۆكۈمراننىڭ قولىغا تاپشۇ‌رغان» (‏1-‏پېتر.‏ 2:‏23‏)‏.‏ ئە‌يسا ئاسماندىكى ئاتىسى ئۇ‌نىڭغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدىغانلىقى،‏ بە‌رداشلىق بېرىشىگە ياردە‌م قىلىدىغانلىقى ۋە ئۇ‌نىڭغا ئادالە‌تسىز مۇ‌ئامىلە قىلغانلارنى ئۆز ۋاقتى-‏سائىتى كە‌لگە‌ندە جازالايدىغانلىقىنى بىلگە‌ن.‏

ئە‌گە‌ر ئادالە‌تسىز مۇ‌ئامىلىگە دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ سە‌كرە‌پ تۇ‌رۇ‌پلا ئاچچىق بىلە‌ن ھە‌رىكە‌ت قىلىدىغان بولساق،‏ ۋە‌زىيە‌تنى تېخىمۇ كە‌سكىنلە‌شتۈرۈشىمىز مۇ‌مكىن.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن يازمىلاردا:‏ «ئىنساننىڭ غە‌زىپى خۇ‌دانىڭ ھە‌ققانىيلىقىغا ئېلىپ كە‌لمە‌يدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌ش بار (‏ياقۇ‌پ 1:‏20‏)‏.‏ ھە‌تتا ئاچچىقلىنىشقا سە‌ۋە‌بىمىز بولسىمۇ،‏ مۇ‌كە‌ممە‌لسىز بولغاچقا،‏ ناتوغرا ھە‌رىكە‌ت قىلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏

گېرمانىيىدە ياشايدىغان كە‌سىي بۇ‌رۇ‌ن «ئە‌گە‌ر ئۆز-‏ئۆزۈڭنى قوغدىمىساڭ،‏ سېنى ھېچكىم قوغدىمايدۇ»،‏ دە‌پ ئويلىغان ئىكە‌ن.‏ ئە‌مما،‏ كېيىن ئۇ يە‌ھۋا خۇ‌داغا تايىنىشنى ئۆگىنىپ،‏ ئۆز كۆز قارىشىنى ئۆزگە‌رتكە‌ن.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئە‌مدى بۇ‌رۇ‌نقىدە‌ك دائىم ئۆز-‏ئۆزۈمنى ھىمايە قىلىشقا تە‌ييار بولۇ‌شۇ‌منىڭ كېرىگى يوق.‏ ھېچبىر نە‌رسە يە‌ھۋانىڭ دىققىتىدىن سىرت قالمايدىغانلىقىنى بىلگە‌ندىن كېيىن،‏ مە‌ن ھېچنېمە ئۈچۈن ئە‌نسىرىمە‌ي،‏ مۇ‌لايىملىق بىلە‌ن ھە‌رىكە‌ت قىلىمە‌ن».‏ ئادالە‌تسىزلىككە دۇ‌چ كە‌لسىڭىز،‏ ئە‌يسادىن ئۈلگە ئېلىپ،‏ يە‌ھۋاغا ئىشە‌نچ باغلاڭ.‏ بۇ سىزگە داۋاملىق مۇ‌لايىم بولۇ‌شقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏

‏«مۇ‌لايىملار بە‌ختلىك»‏

قىيىن ۋە‌زىيە‌تتە مۇ‌لايىملىق بىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

ئە‌يسا بە‌ختلىك بولۇ‌ش ئۈچۈن مۇ‌لايىم بولۇ‌شنىڭ مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ ئۇ :‏«مۇ‌لايىملار بە‌ختلىك»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏مە‌تتا 5:‏5‏)‏.‏ مۇ‌لايىملىقنىڭ تۆۋە‌ندىكى ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە قانداق ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.‏

مۇ‌لايىملىق نىكاھتىكى قىيىن ۋە‌زىيە‌تلە‌رنى ياخشىلايدۇ.‏ ئاۋسترالىيىدە ياشايدىغان روبېرت مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئويلىماستىن ئايالىمنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىدىغان گە‌پ-‏سۆزلە‌رنى قىلالايتتىم.‏ بىراق،‏ ‹ئېيتقان سۆز —‏ ئاتقان ئوق› دېگە‌ندە‌ك،‏ ئاچچىقلانغاندا چىقىپ كە‌تكە‌ن سۆزلە‌رنى قايتۇ‌رۇ‌ش مۇ‌مكىن ئە‌مە‌س.‏ سۆزلىرىم ئايالىمنى شۇ‌نچە بە‌ك رە‌نجىتكە‌نلىكىنى كۆرگە‌ندە،‏ ئۆزۈمنى قويىدىغانغا يە‌ر تاپالمايتتىم».‏

سۆزلىگە‌ندە «ھە‌ممىمىز پات-‏پات خاتالىشىمىز» ۋە ئويلىماستىن ئېيتقان سۆزلىرىمىز ئە‌ر-‏ئايالنىڭ ئارىسىدا قىيىنچىلىقلارنى پە‌يدا قىلىشى مۇ‌مكىن (‏ياقۇ‌پ 3:‏2‏)‏.‏ شۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە،‏ مۇ‌لايىملىق تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىكنى ساقلاشقا ۋە تىلىمىزنى تىزگىنلە‌شكە ياردە‌م بېرىدۇ.‏—‏پە‌ند.‏ نە 17:‏27‏.‏

روبېرت سە‌ۋرچان بولۇ‌ش ۋە ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقارغان.‏ بۇ‌نىڭ نە‌تىجىسى قانداق بولغان؟‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ھازىر ئارىمىزدا چۈشە‌نمە‌سلىك پە‌يدا بولغاندا،‏ مە‌ن ئايالىمنى زە‌ن قويۇ‌پ تىڭشاش،‏ مۇ‌لايىم سۆزلە‌ش ۋە ئاچچىقلانماسلىققا تىرىشىمە‌ن.‏ ئايالىم ئىككىمىزنىڭ مۇ‌ناسىۋىتىمىز بۇ‌رۇ‌نقىغا قارىغاندا ياخشىراق بولۇ‌پ قالدى».‏

مۇ‌لايىملىق باشقىلار بىلە‌ن تىل تېپىشىشقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ تىزلا رە‌نجىپ باشقىلاردىن يامانلايدىغان ئادە‌ملە‌رنىڭ دوستلىرى كۆپ ئە‌مە‌س.‏ مۇ‌لايىملىق بولسا،‏ بىزگە «روھنىڭ بىرلىكىنى قوغداشقا» ياردە‌م بېرىدۇ (‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏2،‏ 3‏)‏.‏ يۇ‌قىرىدا تىلغا ئېلىنغان كە‌سىي مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مۇ‌لايىم بولسام،‏ باشقىلار بىلە‌ن،‏ ھە‌تتا چىقىشىش قىيىن ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن ۋاقىت ئۆتكۈزگە‌ندىمۇ خۇ‌شاللىق تاپىمە‌ن».‏

مۇ‌لايىملىق كۆڭۈل خاتىرجە‌ملىكىگە ئېرىشتۈرىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب مۇ‌لايىملىق ۋە تىنچلىقنى «ئە‌رشتىن چۈشكە‌ن دانالىق» بىلە‌ن باغلاپ كۆرسە‌تكە‌ن (‏ياقۇ‌پ 3:‏13،‏ 17‏)‏.‏ مۇ‌لايىم كىشى «كۆڭۈل خاتىرجە‌ملىكىگە» ئىگە (‏پە‌ند.‏ نە 14:‏30‏)‏.‏ مۇ‌لايىملىقنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن كۆپ تە‌ر تۆككە‌ن مارتىن مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ھازىر مە‌ن بۇ‌رۇ‌نقىدە‌ك ئۆز دېگىنىمدە چىڭ تۇ‌رۇ‌ۋالماي،‏ باشقىلارغا يول بېرىمە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ كۆڭلۈم خاتىرجە‌م ۋە ئۆزۈمنى بە‌ختلىكرە‌ك ھېس قىلىمە‌ن».‏

ھە‌قىقە‌تە‌ن،‏ مۇ‌لايىم بولۇ‌ش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرىش كېرە‌ك.‏ بىر بۇ‌رادە‌ر:‏ «راستىنى ئېيتسام،‏ ھازىرمۇ بە‌زىدە مە‌ن ئىچ-‏ئىچىمدىن قايناپ كېتىمە‌ن»،‏—‏ دە‌يدۇ.‏ لېكىن،‏ بىزنى مۇ‌لايىم بولۇ‌شقا دە‌ۋە‌ت قىلىدىغان يە‌ھۋا بۇ كۈرە‌شتە يېڭىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ (‏يە‌شايا 41:‏10؛‏ 1-‏تىموت.‏ 6:‏11‏)‏.‏ ئۇ بىزنى تە‌ربىيىلە‌شنى «ئاخىرىغىچە يە‌تكۈزۈپ»،‏ بىزنى «كۈچلۈك قىلىدۇ» (‏1-‏پېتر.‏ 5:‏10‏)‏.‏ شۇ چاغدا،‏ بىزمۇ ئە‌لچى پاۋلۇ‌سقا ئوخشاش «مە‌سىھنىڭ مۇ‌لايىملىقى ھە‌م مېھرىبانلىقىنى» كۆرسىتە‌لە‌يمىز.‏—‏2-‏كورىنت.‏ 10:‏1‏.‏

a بە‌زى ئىسىملار ئۆزگە‌رتىلگە‌ن.‏