مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

21-‏تە‌تقىق ماقالىسى

خۇ‌دا سىزگە كۈچ بېرىدۇ

خۇ‌دا سىزگە كۈچ بېرىدۇ

‏«قاچان مە‌ن ئاجىز بولسام،‏ شۇ چاغدا كۈچلۈكمە‌ن»‏‏.‏‏—‏2-‏كورىنت.‏ 12:‏10‏.‏

137-‏ناخشا جاسارە‌ت بە‌ر

بۇ ماقالىدە a

1،‏ 2.‏ كۆپلىگە‌ن گۇ‌ۋاھچىلار قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىدۇ؟‏

 ئە‌لچى پاۋلۇ‌س تىموتىي ۋە باشقا بارلىق مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ خىزمىتىنى تولۇ‌ق تاماملاشقا دە‌ۋە‌ت قىلغان (‏2-‏تىموت.‏ 4:‏5‏)‏.‏ بىز پاۋلۇ‌سنىڭ بۇ نە‌سىھە‌ت سۆزىگە كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە قۇ‌لاق سېلىشقا تىرىشساقمۇ،‏ بۇ ئاسانغا توختىمايدۇ.‏ نۇ‌رغۇ‌نلىغان قېرىنداشلار ۋە‌ز قىلىشتىن قورقىدۇ (‏2-‏تىموت.‏ 4:‏2‏)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىزنىڭ ئىش-‏پائالىيىتىمىز چە‌كلە‌نگە‌ن ياكى مە‌نئىي قىلىنغان دۆلە‌تلە‌ردە ياشايدىغان قېرىنداشلىرىمىزنى ئويلاپ كۆرە‌يلى.‏ ئۇ‌لار تۈرمىگە تاشلىنىش خە‌ۋپ-‏خە‌تىرىگە قارىماي ۋە‌ز خىزمە‌ت قىلىدۇ.‏

2 يە‌ھۋانىڭ خە‌لقى چوقۇ‌م ئۇ‌لارنى ئۈمىدسىزلە‌ندۈرىدىغان تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى باشتىن ئۆتكۈزىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ نۇ‌رغۇ‌نلىرى ئائىلىسىنىڭ زۆرۈر بولغان ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن ئە‌تىگە‌ندىن كە‌چكىچە ئىشلىشى كېرە‌ك.‏ ئە‌مما،‏ ھە‌پتە ئاخىرىغا كە‌لگە‌ندە،‏ ئۇ‌لار چارچاپ كە‌تكە‌چ،‏ ئۆزى خالىغاندە‌ك ئۇ‌زۇ‌نراق ۋاقىت ۋە‌ز خىزمىتىگە قاتنىشالمايدۇ.‏ يە‌نە بە‌زىلىرى ناھايىتى ئاز ۋاقىت يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلالايدۇ.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ ئۇ‌لارنىڭ كېسىلى ئېغىر ياكى ياشىنىپ قالغان.‏ ھە‌تتا بە‌زىلىرى ئۆيلىرىدىن سىرتقا چىقالمايدۇ.‏ يە‌نە باشقىلار دائىم ئۆزىنى يە‌ھۋانىڭ ئالدىدا قە‌دىر-‏قىممىتى يوقتە‌ك ھېس قىلىدۇ.‏ قېرىندىشىمىز مارىيا b مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن ئۈمىدسىزلە‌نگە‌ندە ئۆزۈمنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىپ،‏ سە‌لبىي ھېس تۇ‌يغۇ‌لاردىن ئايرىلىش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرىشىمغا توغرا كېلىدۇ.‏ شۇ‌نداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لاردا بولۇ‌ش،‏ ۋە‌ز خىزمە‌تكە سە‌رپ قىلىدىغان ۋاقتىمنى ۋە كۈچۈمنى ئالغاچ،‏ ئۆزۈمنى ئە‌يىبكار سېزىمە‌ن».‏

3.‏ بۇ ماقالىدە،‏ نېمىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

3 ۋە‌زىيىتىمىزنىڭ قانداق بولۇ‌شىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ يە‌ھۋا ھە‌ربىرىمىزنىڭ قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بېرىشىمىز ئۈچۈن كۈچ بېرە‌لە‌يدۇ ۋە شۇ ۋە‌زىيە‌تكە ماس ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلىشىمىزغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ ئاۋۋال،‏ بىز يە‌ھۋانىڭ پاۋلۇ‌س ۋە تىموتىيغا قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن ۋە‌ز خىزمىتىنى تاماملىشىغا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ ئاندىن كېيىن،‏ ئۇ‌نىڭ بىزگىمۇ قانداق ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

يە‌ھۋا ۋە‌ز خىزمە‌تنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن كۈچ بېرىدۇ

4.‏ پاۋلۇ‌س قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن؟‏

4 پاۋلۇ‌س نۇ‌رغۇ‌ن قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن ئىدى.‏ ئۇ بولۇ‌پمۇ تاياق يېگە‌ندە،‏ چالما كېسە‌ك قىلىنغاندا ۋە تۈرمىگە تاشلانغاندا كۈچ-‏مە‌دە‌تكە مۇ‌ھتاج بولغان (‏2-‏كورىنت.‏ 11:‏23—‏25‏)‏.‏ پاۋلۇ‌س بە‌زىدە سە‌لبىي ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرى بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلغانلىقىنى ئوچۇ‌ق ئېيتىشتىن نومۇ‌س قىلمىغان (‏رىملىقلار 7:‏18،‏ 19،‏ 24‏)‏.‏ يە‌نە ئۇ تېنىگە سانچىلغان تىكە‌نگە ئوخشاش بىر ئاغرىققا بە‌رداشلىق بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ ئاشۇ تىكە‌ننى خۇ‌دانىڭ چىقىرىپ تاشلىشىنى بە‌ك خالىغان ئىدى.‏—‏2-‏كورىنت.‏ 12:‏7،‏ 8‏.‏

پاۋلۇ‌سنىڭ ۋە‌ز خىزمىتىنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌شىغا نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ (‏5،‏ 6-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ c

5.‏ پاۋلۇ‌س ئۆزى دۇ‌چ كە‌لگە‌ن قىيىنچىلىقلارغا قارىماي،‏ نېمە ئىشلارنى قىلالىغان؟‏

5 خۇ‌دا پاۋلۇ‌سنىڭ شۇ‌نچە قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىشىگە قارىماي،‏ ئۇ‌نىڭ ۋە‌ز خىزمىتىنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌شىغا كۈچ بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ پاۋلۇ‌سنىڭ نېمە ئىش قىلغانلىقىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ رىمدا ئۆز ئۆيدە قاماقتا ئولتۇ‌رغىنىدا،‏ يە‌ھۇ‌دىي يېتە‌كچىلە‌ر ۋە بە‌لكىم ھۆكۈمە‌ت ئە‌مە‌لدارلىرى ئالدىدا قىزغىنلىق بىلە‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى قوغدىغان (‏ئە‌لچى.‏ 28:‏17؛‏ فىلىپى.‏ 4:‏21،‏ 22‏)‏.‏ ئۇ يە‌نە ئۇ‌نى نازارە‌ت قىلىدىغان قاراۋۇ‌للارغا ۋە‌ز قىلغان ۋە ئۇ‌نى يوقلاپ كە‌لگە‌ن بارلىق كىشىلە‌رگە گۇ‌ۋاھلىق بە‌رگە‌ن (‏ئە‌لچى.‏ 28:‏30،‏ 31؛‏ فىلىپى.‏ 1:‏13‏)‏.‏ شۇ ۋاقىتتا،‏ پاۋلۇ‌س ھە‌قىقىي مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە ياردە‌م بېرىدىغان خە‌تلە‌رنى يازغان.‏ ئاشۇ خە‌تلە‌ر بۈگۈنكى كۈندىمۇ بىز ئۈچۈن پايدىلىق.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ پاۋلۇ‌سنىڭ ئۈلگىسى رىمدىكى جامائە‌تنى كۈچلە‌ندۈرگە‌چ،‏ «ئۇ‌لار تېخىمۇ جاسارە‌ت بىلە‌ن،‏ قورقماي خۇ‌دا سۆزىنى» يە‌تكۈزگە‌ن (‏فىلىپى.‏ 1:‏14‏)‏.‏ گە‌رچە پاۋلۇ‌س بە‌زىدە ھە‌ممە ئىشلارنى ئۆزى خالىغاندە‌ك ئە‌ركىن قىلالمىسىمۇ،‏ ئۆز ۋە‌زىيىتىدىن تولۇ‌ق پايدىلانغان.‏ ئۇ‌نىڭ بېشىغا كە‌لگە‌ن جاپا-‏مۇ‌شە‌ققە‌تلە‌ر خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنىڭ تېخىمۇ كە‌ڭ تارقىلىشىغا تۈرتكە بولغان.‏—‏فىلىپى.‏ 1:‏12‏.‏

6.‏ 2-‏كورىنتلىقلار 12:‏9،‏ 10-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ پاۋلۇ‌سنىڭ ۋە‌ز خىزمە‌تنى تاماملىشىغا نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

6 پاۋلۇ‌س ئۆزى قىلغان بارلىق ئىشلارنى خۇ‌دانىڭ كۈچىگە تايىنىپ قىلالىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.‏ ئۇ ئاجىز بولغاندا،‏ خۇ‌دانىڭ كۈچى مۇ‌كە‌ممە‌ل ئىپادىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان ‏(‏2-‏كورىنتلىقلار 12:‏9،‏ 10-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ پاۋلۇ‌سنىڭ زىيانكە‌شلىكلە‌رگە،‏ تۈرمىگە چۈشۈشكە ۋە باشقا تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا قارىماي،‏ ۋە‌ز خىزمە‌تنى تولۇ‌ق تاماملىشىغا،‏ يە‌ھۋا ئۆز مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ ياردىمى بىلە‌ن كۈچ بە‌رگە‌ن.‏

تىموتىينىڭ ۋە‌ز خىزمىتىنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌شىغا نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ (‏7-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ d

7.‏ تىموتىي ۋە‌ز خىزمىتىنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن قانداق قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بېرىشى كېرە‌ك بولغان؟‏

7 پاۋلۇ‌سنىڭ ياش خىزمە‌تدىشى تىموتىينىڭمۇ ۋە‌ز خىزمە‌تتە خۇ‌دانىڭ كۈچىگە تايىنىشىغا توغرا كە‌لگە‌ن ئىدى.‏ تىموتىي پاۋلۇ‌سنىڭ ئۇ‌زۇ‌نغا سوزۇ‌لغان ۋە‌ز قىلىش سە‌پە‌رلىرىدە ئۇ‌نىڭغا ھە‌مراھ بولغان.‏ ئۇ يە‌نە يالغۇ‌زمۇ سە‌پە‌ر قىلغان.‏ پاۋلۇ‌س ئۇ‌نى جامائە‌تلە‌رنى زىيارە‌ت قىلىپ،‏ قېرىنداشلارغا ئىلھام بېرىشكە ئە‌ۋە‌تكە‌ن (‏1-‏كورىنت.‏ 4:‏17‏)‏.‏ تىموتىي ئۆزىنى بۇ‌نىڭغا لايىق ئە‌مە‌ستە‌ك ھېس قىلغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ پاۋلۇ‌س بە‌لكىم ئۇ‌نىڭغا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ھېچكىم سېنى ياش دە‌پ سە‌ل قارىمىسۇ‌ن» (‏1-‏تىموت.‏ 4:‏12‏)‏.‏ شۇ ۋاقىتتا،‏ تىموتىينىڭ تېنىگە تىكە‌ندە‌ك سانجىلىدىغان،‏ دائىم ئۇ‌نى بىئارام قىلىدىغان ئاغرىقى بار ئىدى (‏1-‏تىموت.‏ 5:‏23‏)‏.‏ بىراق،‏ ئۇ ئۆزىنىڭ خۇ‌دانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ۋە‌ز قىلالايدىغانلىقىغا ۋە قېرىنداشلارغا خىزمە‌ت قىلالايدىغانلىقىغا ئىشە‌نگە‌ن.‏—‏2-‏تىموت.‏ 1:‏7‏.‏

يە‌ھۋا قىيىنچىلىقلارغا قارىماي،‏ ساداقە‌تمە‌نلىكنى ساقلاپ قېلىشىمىزغا كۈچ بېرىدۇ

8.‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقىگە قانداق كۈچ بېرىدۇ؟‏

8 بۈگۈنكى كۈندە،‏ يە‌ھۋا ئادە‌تتىكى كۈچتىن ئېشىپ چۈشىدىغان كۈچنى ئۆز خە‌لقىگە بېرىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لار ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلالايدۇ (‏2-‏كورىنت.‏ 4:‏7‏)‏.‏ يە‌ھۋا ئۆزىگە سادىق قېلىشىمىزنى خالايدۇ.‏ ئۇ شۇ‌نداق قىلىشىمىز ئۈچۈن تۆت يولنى كۆرسىتىپ بە‌رگە‌ن:‏ دۇ‌ئا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب،‏ ئېتىقادچىلار بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌ت ئورنىتىش ۋە ۋە‌ز خىزمە‌ت.‏

يە‌ھۋا بىزنى دۇ‌ئا ئارقىلىق كۈچلە‌ندۈرىدۇ (‏9-‏ئابزاسقا قاراڭ‏)‏

9.‏ دۇ‌ئا بىزگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

9 دۇ‌ئا ئارقىلىق كۈچكە ئېرىشىڭ‏.‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 6:‏18-‏ئايە‌تتە‏،‏ پاۋلۇ‌س بىزنى،‏ خۇ‌داغا ھە‌ردائىم دۇ‌ئا قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلغان.‏ خۇ‌دا دۇ‌ئالىرىمىزنى ئاڭلاپ،‏ بىزگە كۈچ بېرىدۇ.‏ بولىۋىيىدىكى قېرىندىشىمىز جونى ئارقا-‏ئارقىدىن كە‌لگە‌ن بىر قاتار قىيىنچىلىقلاردا،‏ يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌نىڭغا ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى ھېس قىلغان.‏ ئۇ‌نىڭ ئايالى ۋە ئاتا-‏ئانىسى بىرلا ۋاقىتتا ئېغىر كېسە‌ل بىلە‌ن ئاغرىغان.‏ ئۈچ كىشىنىڭ ئېھتىياجلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش جونىغا بە‌ك قىيىن بولغان.‏ ئاپىسى ئېغىر كېسە‌ل تۈپە‌يلىدىن ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن.‏ ئايالى ۋە دادىسىنىڭ كېسە‌لدىن ساقىيىشى ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت كە‌تكە‌ن ئىدى.‏ ئۇ قىيىن ۋاقىتلارنى ئە‌سلە‌پ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «قىيىنچىلىقلاردىن باش كۆتۈرە‌لمىگە‌ندە،‏ ماڭا ھە‌ردائىم يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىش ياردە‌م بە‌رگە‌ن،‏ مە‌ن ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىمنى بىر-‏بىرلە‌پ ئۇ‌نىڭغا ئېيتىپ بېرە‌تتىم».‏ يە‌ھۋا جونىنىڭ قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بېرىشى ئۈچۈن كېرە‌كلىك كۈچنى بە‌رگە‌ن.‏ بولىۋىيىدىكى بىر ئاقساقال،‏ رونالد ئاپىسىنىڭ راك كېسىلى بولغانلىقىنى بىلگە‌ن.‏ ئاپىسى بىر ئايدىن كېيىن ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭغا شۇ ئېغىر ۋاقىتتا نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ ئۇ:‏ «مە‌ن يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلغاندا ئىچ-‏باغرىمنى تۆكۈپ،‏ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىمنى ئېيتىپ بېرە‌تتىم.‏ ئۇ‌نىڭ مېنى ھە‌رقانداق كىشىدىن،‏ ھە‌تتا ئۆزۈمدىنمۇ ياخشىراق چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلىمە‌ن»،‏ دە‌يدۇ.‏ بە‌زىدە قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بېرىش قىيىن بولغاچ،‏ نېمە ھە‌ققىدە دۇ‌ئا قىلىشنى بىلمە‌ي قالىمىز.‏ بىراق،‏ ئوي-‏پىكىرلىرىمىز ۋە ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىمىزنى سۆز بىلە‌ن ئىپادىلە‌ش قىيىنغا توختىسىمۇ،‏ خۇ‌دا بىزنى ئۆزىگە دۇ‌ئا قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏—‏رىملىقلار 8:‏26،‏ 27‏.‏

يە‌ھۋا بىزنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئارقىلىق كۈچلە‌ندۈرىدۇ (‏10-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

10.‏ ئىبرانىيلار 4:‏12-‏ئايە‌تتە كۆرسىتىلگە‌ندە‌ك،‏ نېمە ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ش ۋە ئۇ‌نىڭ ئۈستىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش بىز ئۈچۈن بە‌ك مۇ‌ھىم؟‏

10 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئارقىلىق كۈچكە ئېرىشىڭ.‏ پاۋلۇ‌س مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئوقۇ‌پ،‏ كۈچكە ۋە تە‌سە‌للىگە ئېرىشكە‌ن.‏ بىزمۇ شۇ‌نداق قىلالايمىز (‏رىملىقلار 15:‏4‏)‏.‏ خۇ‌دانىڭ سۆزىنى ئوقۇ‌پ،‏ ئوقۇ‌غانلىرىمىز ئۈستىدە چوڭقۇ‌ر ئويلانساق،‏ يە‌ھۋا ئۆز روھىنى ئىشلىتىپ،‏ يازمىلارنىڭ بىزگە پايدىلىق ئىكە‌نلىكىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ ‏(‏ئىبرانىيلار 4:‏12-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ يۇ‌قىرىدا تىلغا ئالغان رونالد:‏ «ھە‌ر كۈنى كە‌چتە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌شنى ئادە‌تكە ئايلاندۇ‌رغىنىمدىن بە‌كمۇ خۇ‌شالمە‌ن.‏ يە‌ھۋانىڭ پە‌زىلە‌تلىرى ۋە ئۆز خىزمە‌تچىلىرىگە كۆرسە‌تكە‌ن مېھىر-‏شە‌پقىتى ھە‌ققىدە كۆپ ئويلىنىمە‌ن.‏ بۇ قايتا كۈچكە تولۇ‌شۇ‌مغا ياردە‌م بېرىدۇ»،‏—‏ دە‌يدۇ.‏

11.‏ ئازاب چېكىۋاتقان بىر قېرىندىشىمىزغا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب قانداق كۈچ بە‌رگە‌ن؟‏

11 خۇ‌دانىڭ سۆزلىرى ئۈستىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش،‏ قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ توغرا كۆزقاراشنى ساقلىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ئازاب چېكىۋاتقان بىر تۇ‌ل ئايالغا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ تۇ‌ل ئايالغا بىر ئاقساقال،‏ ئايۇ‌پ كىتابىنى ئوقۇ‌ش ئارقىلىق پايدىلىق مە‌سلىھە‌تلە‌رگە ئېرىشە‌لە‌يدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ ئۇ ئايال ئوقۇ‌شنى باشلىغاندا،‏ دە‌سلە‌پتە ئايۇ‌پنىڭ خاتا ئوي-‏پىكىر قىلغانلىقىنى دە‌رھاللا ئە‌يىبلىگە‌ن.‏ ئۇ ئۆز خىيالىدا ئايوپنى مۇ‌نداق ئاگاھلاندۇ‌رغان:‏ «ئايۇ‌پ!‏ پە‌قە‌ت ئۆز قىيىنچىلىقلىرىڭ ھە‌ققىدىلا ئويلىما!‏» بىراق،‏ ئۇ كېيىنرە‌ك ئۆزىنىڭمۇ ئايۇ‌پدە‌ك كۆزقاراشتا ئىكە‌نلىكىنى تونۇ‌پ يە‌تكە‌ن.‏ بۇ ئۇ‌نىڭ ئۆز كۆزقارىشىنى ئۆزگە‌رتىشىگە ياردە‌م بە‌رگە‌ن ۋە يولدىشىدىن ئايرىلىش ئازابىغا بە‌رداشلىق بېرىشىگە كۈچ بە‌رگە‌ن.‏

يە‌ھۋا بىزنى ئېتىقادچى قېرىنداشلار ئارقىلىق كۈچلە‌ندۈرىدۇ (‏12-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

12.‏ يە‌ھۋا قېرىنداشلىرىمىز ئارقىلىق بىزگە قانداق كۈچ بېرىدۇ؟‏

12 قېرىنداشلار بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌ت ئورنىتىش.‏ خۇ‌دا ئۆز خىزمە‌تچىلىرىگە ئېتىقادچى قېرىنداشلار ئارقىلىق كۈچ بېرىدۇ.‏ پاۋلۇ‌س قېرىنداشلار بىلە‌ن جە‌م بولۇ‌پ،‏ ئۆز-‏ئارا ئىلھام ئېلىشقا تە‌شنا ئىكە‌نلىكىنى يازغان (‏رىملىقلار 1:‏11،‏ 12‏)‏.‏ يۇ‌قىرىدا تىلغا ئالغان مارىيا قېرىنداشلار بىلە‌ن ئالاقە قىلىشنى بە‌كمۇ قە‌دىرلىگە‌ن.‏ ئۇ:‏ «يە‌ھۋا ھە‌تتا قىيىنچىلىقلىرىمنى بىلمە‌يدىغان قېرىنداشلارنى ئىشلىتىپ،‏ ماڭا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ‌لار تە‌سە‌للى سۆزلىرىنى ئېيتاتتى ياكى خە‌تلە‌رنى ئە‌ۋە‌تە‌تتى.‏ مە‌ن دە‌ل شۇ‌نىڭغا مۇ‌ھتاج ئىدىم.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئوخشاش قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن قېرىنداشلار بىلە‌ن مۇ‌ڭدىشىش ۋە ئۇ‌لارنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى بىلىش ياردە‌م بېرىدۇ.‏ يە‌نە ئاقساقاللار جامائە‌تتىكى قېرىنداشلارنىڭ مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى دائىم ئېسىمگە سېلىپ تۇ‌رىدۇ»،‏—‏ دە‌يدۇ.‏

13.‏ بىز جامائە‌ت يىغىلىشلىرىدا،‏ بىر-‏بىرىمىزنى قانداق كۈچلە‌ندۈرە‌لە‌يمىز؟‏

13 بىر-‏بىرىمىزگە ئىلھام بېرىشنىڭ بىر پۇ‌رسىتى جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىش.‏ يىغىلىشلارغا قاتناشقاندا،‏ سىز تە‌شە‌ببۇ‌سكارلىق بىلە‌ن قېرىنداشلارنىڭ تىرىشچانلىقىنى سە‌مىمىي ماختاپ،‏ ئۇ‌لارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىڭ.‏ شۇ ئارقىلىق قېرىنداشلارغا كۈچ-‏مە‌دە‌ت بېرە‌لە‌يسىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يىغىلىشتىن بۇ‌رۇ‌ن بىر ئاقساقال،‏ پېتىر يولدىشى گۇ‌ۋاھچى ئە‌مە‌س قېرىنداشقا شۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «يىغىلىشتا سىزنى ئالتە بالىڭىزنى بىلە‌ن كۆرۈش ھە‌ممىمىزگە كۆپ ئىلھام بېرىدۇ.‏ سىلە‌ر دائىم ياخشى جاۋابلارنى تە‌ييارلاپ كېلىسىلە‌ر».‏ بۇ ئاڭلىغان قېرىندىشىمىز كۆز يېشىنى تۇ‌تالماي:‏ «بۈگۈن مېنىڭ مۇ‌شۇ سۆزلە‌رنى ئاڭلاشقا قانچىلىك مۇ‌ھتاج بولغىنىمنى،‏ سىز تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلالمايسىز»،‏ دېگە‌ن.‏

يە‌ھۋا بىزنى ۋە‌ز خىزمىتى ئارقىلىق كۈچلە‌ندۈرىدۇ (‏14-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

14.‏ ۋە‌ز خىزمىتىگە قاتنىشىش بىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

14 ۋە‌ز خىزمە‌ت ئارقىلىق كۈچكە ئېرىشىڭ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىتىنى باشقىلارغا ئېيتقاندا،‏ ئۇ‌لارنىڭ ياخشى ياكى يامان ئىنكاس قايتۇ‌رۇ‌شىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ بىز ئۆزۈمىزنى روھى كۆتۈرە‌ڭگۈ،‏ جۇ‌شقۇ‌ن سېزىمىز (‏پە‌ند.‏ نە 11:‏25‏)‏.‏ قېرىندىشىمىز سىتېيسى ۋە‌ز خىزمە‌تنىڭ ئۆزىگە قانچىلىك كۈچ بېرىدىغانلىقىنى تونۇ‌پ يە‌تكە‌ن.‏ ئائىلىسىدىن بىرى جامائە‌تتىن چىقىرىلغاندا،‏ ئۇ‌نىڭ كۆڭلى بە‌كمۇ يېرىم بولغان.‏ ئۇ دائىم ئۆز-‏ئۆزىدىن:‏ «ئائىلە ئە‌زالىرىمغا ياردە‌م بېرىشتە نېمىنى يېتە‌رلىك قىلمىدىم؟‏»—‏ دە‌پ سورىغاچ،‏ روھىي چۈشكۈن يۈرگە‌ن.‏ شۇ قىيىن ۋە‌زىيە‌تتىن قۇ‌تۇ‌لۇ‌شقا نېمە ئۇ‌نىڭغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ ۋە‌ز ئېيتىش!‏ ئۇ ۋە‌ز خىزمىتى بىلە‌ن ئالدىراش بولغاندا،‏ دىققىتىنى ئۆز تېررىتورىيىسىدە ياردە‌مگە مۇ‌ھتاج ئادە‌ملە‌رگە قارىتىشقا باشلىغان.‏ ئۇ:‏ «شۇ ۋاقىتتا،‏ يە‌ھۋا روھىي جە‌ھە‌تتىن تېز ئۆسكە‌ن بىر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگە‌نكۈچىنى تېپىشىمغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ بۇ ماڭا چوڭ ئىلھام بولدى.‏ ۋە‌ز خىزمە‌ت ماڭا كۈچ بە‌رگە‌ن»،‏—‏ دە‌يدۇ.‏

15.‏ مارىيانىڭ سۆزلىرىدىن نېمىنى ئۆگە‌ندىڭىز؟‏

15 ئۆز ۋە‌زىيە‌تلىرى سە‌ۋە‌بلىك،‏ بە‌زىلە‌ر:‏ «مە‌ن ۋە‌ز قىلالمايمە‌ن»،‏—‏ دە‌پ ھېس قىلىشىدۇ.‏ سىزمۇ شۇ‌نداق ھېس قىلسىڭىز،‏ يە‌ھۋانىڭ قولۇ‌ڭىزدىن كېلىشىچە قىلغىنىڭىزدىن خۇ‌رسە‌ن ئىكە‌نلىكىنى ئۇ‌نتۇ‌ماڭ.‏ مارىيانىڭ مىسالنى يە‌نە بىر قېتىم كۆرۈپ باقايلى.‏ ئۇ:‏ چە‌ت ئە‌ل تىلىدىكى جامائە‌تكە كۆچكە‌ن.‏ ئۇ:‏ «مە‌ن پە‌قە‌ت ئاددىي جاۋابلارنى بېرە‌لە‌يتتىم،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن بىر ئايە‌تنى ئوقاتتىم ياكى ۋە‌ز خىزمە‌تتە بىر ۋاراقچىنى بېرە‌تتىم»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ ئۇ شۇ تىلنى ياخشى سۆزلە‌يدىغانلار بىلە‌ن ئۆزىنى سېلىشتۇ‌رغاندا،‏ ئۆزىنى پايدىسىزدە‌ك ھېس قىلغان.‏ بىراق،‏ مارىيا ئۆز كۆزقارىشىنى ئۆزگە‌رتكە‌ن.‏ شۇ تىلنى ياخشى سۆزلىيە‌لمىسىمۇ،‏ مارىيا ئۆزىنى يە‌ھۋانىڭ ئىشلىتىدىغانلىقىنى تونۇ‌پ يېتىشكە باشلىغان.‏ ئۇ:‏ «مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ھە‌قىقە‌تلە‌ر شۇ‌نچىلىك ئاددىيكى،‏ ئۇ‌لار كىشىلە‌رنىڭ ھاياتىنى ئۆزگە‌رتە‌لە‌يدۇ»،‏—‏ دە‌يدۇ.‏

16.‏ ئۆيدىن چىقالمايدىغان،‏ ئە‌مما ۋە‌ز قىلىشنى خالايدىغانلارنىڭ كۈچكە ئېرىشىشكە نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

16 گە‌رچە ئۆيۈمىزدىن چىقالمىساقمۇ،‏ ۋە‌ز خىزمە‌تكە قاتنىشىش قىزغىنلىقىمىزنى يە‌ھۋا كۆرىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ بىزنى داۋالاش ئۈچۈن ئۆيۈمىزگە كېلىدىغان دوختۇ‌ر ياكى سېسترالارغا ۋە‌ز قىلىشىمىزغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ ئە‌گە‌ر بىز ئۆتمۈشتە قىلالىغان ئىشلار بىلە‌ن ھازىر قىلالايدىغان ئىشلىرىمىزنى سېلىشتۇ‌رساق،‏ بە‌لكىم ئۈمىدسىزلىنىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما،‏ يە‌ھۋانىڭ ھازىر بىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى چۈشە‌نسە‌ك،‏ قىيىنچىلىقلارغا خۇ‌شاللىق بىلە‌ن بە‌رداشلىق بېرىشكە ئېھتىياجلىق كۈچىمىز بولىدۇ.‏

17.‏ ۋە‌ز 11:‏6-‏ئايە‌تكە ئاساسە‌ن،‏ نېمە ئۈچۈن بىز نە‌تىجىسىنى دە‌رھاللا كۆرمىسە‌كمۇ،‏ ۋە‌ز خىزمە‌تنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

17 بىز ھە‌قىقە‌ت ئۇ‌رۇ‌قلىرىنى چاچقاندا،‏ قايسىسىنىڭ يىلتىز تارتىپ،‏ ئۆسۈشكە باشلايدىغانلىقىنى بىلمە‌يمىز ‏(‏ۋە‌ز 11:‏6-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ باربارا ئىسىملىك سە‌كسە‌ن ياشتىكى قېرىندىشىمىز دائىم تېلېفون ۋە خە‌ت ئارقىلىق ۋە‌ز قىلىدۇ.‏ ئۇ بىر خېتىگە،‏ «‏سىز ئۈچۈن خۇ‌دا نېمىلە‌رنى قىلغان؟‏‏» دېگە‌ن ماۋزۇ‌دىكى «كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 2014-‏يىل،‏ مارت سانىنى قوشۇ‌پ ئە‌ۋە‌تكە‌ن.‏ ئۇ ئۆزى ئە‌ۋە‌تكە‌ن خە‌تنىڭ جامائە‌تتىن چىقىرىلغان بىر جۈپ ئە‌ر-‏ئايالغا يە‌تكە‌نلىكىنى بىلمىگە‌ن.‏ ئۇ‌لار ژۇ‌رنالنى قايتا-‏قايتا ئوقۇ‌غان.‏ يولدىشى يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا ئۇ‌دۇ‌ل سۆزلە‌ۋاتقاندە‌ك ھېس قىلغان.‏ 27 يىلدىن كېيىن،‏ شۇ بىر جۈپ ئە‌ر-‏ئايال يىغىلىشقا قاتنىشىشنى باشلىغان ۋە ئاستا-‏ئاستا قايتا پائال ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلار بولغان.‏ باربارا يازغان شۇ بىر پارچە خە‌تنىڭ ياخشى نە‌تىجىسىنى كۆرگە‌ندە،‏ ئۇ‌نىڭ قانچىلىك ئىلھام ۋە كۈچكە ئېرىشكە‌نلىكىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭ.‏

يە‌ھۋا بىزنى 1)‏ دۇ‌ئا،‏ 2)‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب،‏ 3)‏ ئېتىقادچى قېرىنداشلار ۋە 4)‏ ۋە‌ز قىلىش ئارقىلىق كۈچلە‌ندۈرىدۇ (‏9،‏ 10،‏ 12،‏ 14-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

18.‏ خۇ‌دانىڭ كۈچىگە ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏

18 يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭ كۈچىگە ئېرىشىشىمىز ئۈچۈن بىزگە يېتە‌رلىك پۇ‌رسە‌تلە‌رنى بېرىدۇ.‏ يە‌ھۋا تۈرلۈك يوللار بىلە‌ن،‏ مە‌سىلە‌ن دۇ‌ئا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب،‏ ئېتىقادچى قېرىنداشلار ۋە ۋە‌ز خىزمە‌تكە ئارقىلىق بىزگە كۈچ بېرىدۇ.‏ شۇ يوللار بىلە‌ن يە‌ھۋاغا تايانساق،‏ ئۇ‌نىڭ كۈچ-‏قۇ‌درىتىگە ۋە بىزگە ياردە‌م بېرىشكە تە‌شنا ئىكە‌نلىكىگە ئىشە‌نگىنىمىزنى كۆرسىتە‌لە‌يمىز.‏ ئاسماندىكى ئاتىمىز كۆڭلى ئۇ‌نىڭغا مايىل بولغانلارغا ئۆز كۈچ-‏قۇ‌درىتىنى كۆرسىتىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ھە‌رقاچان ئۇ‌نىڭغا تايىنايلى!‏—‏2-‏تار.‏ 16:‏9‏.‏

17-‏ناخشا ئالغا باس،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى!‏

a بىز قىيىن كۈنلە‌ردە ياشاۋاتىمىز.‏ ئە‌مما،‏ خۇ‌دا بىزگە شۇ قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بېرىش ئۈچۈن ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ھازىر،‏ پاۋلۇ‌س بىلە‌ن تىموتىينىڭ قىيىنچىلىقلارغا قارىماي يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشىغا،‏ ئۇ‌نىڭ قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ بۈگۈنكى كۈندە قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بېرىپ،‏ داۋاملىق يە‌ھۋا خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىشىمىزغا،‏ ئۇ‌نىڭ قانداق ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنىڭ تۆت يولىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

b ئىسىم ئۆزگە‌رتىلگە‌ن

c سۈرە‌تتە:‏ اۋلۇ‌س رىمدا ئۆز ئۆيىدە قاماق ئاستىدا بولغاندا،‏ بىرقانچە جامائە‌تلە‌رگە خە‌تلە‌رنى يازغان.‏ ئۇ‌نى يوقلاپ كە‌لگە‌نلە‌رگە خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ۋە‌ز قىلغان.‏

d سۈرە‌تتە:‏ تىموتىي ئۆزى يوقلاپ بارغان جامائە‌تلە‌ردە قېرىنداشلارغا ئىلھام بېرىۋاتىدۇ.‏