مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

سىز بىلە‌مسىز؟‏

سىز بىلە‌مسىز؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب زامانىدا پاپىروسلارنى كېمە ياساش ئۈچۈن ئىشلە‌تكە‌نمۇ؟‏

پاپىروس ئۆسۈملۈكى

ئادە‌تتە مىسىردا خە‌ت يېزىش ئۈچۈن پاپىروسنىڭ ئاساسىي خە‌ت يېزىش ماتېرىيالى بولغانلىقى ھە‌ممىگە مە‌لۇ‌م.‏ گرېكلار ۋە رىملىقلارمۇ پاپىروسقا a خە‌ت يازغان.‏ پاپىروس ماتېرىيالى پە‌قە‌ت يېزىقچىلىق ئىشلىرىدا قوللىنىلىپلا قالماي،‏ يە‌نە ئادە‌ملە‌رگە ئانچە تونۇ‌ش بولمىغان كېمە ياساش ئىشلىرىدىمۇ ئىشلىتىلگە‌ن.‏

مىسىردىكى بىر قە‌برە ئىچىدىن تېپىلغان پاپىروس كېمىنىڭ ئىككى مودېلى

تە‌خمىنە‌ن 2500 يىل ئاۋۋال،‏ يە‌شايا پە‌يغە‌مبە‌ر ئېفىئوپىيە دە‌ريالىرى بويىدىكى خە‌لقلە‌رنىڭ ‹دېڭىزدىن پاپىروس كېمىلە‌ر بىلە‌ن ئە‌لچىلە‌رنى ئە‌ۋە‌تكە‌نلىكىنى› يازغان.‏ كېيىنرە‌ك،‏ يە‌رە‌مىيا پە‌يغە‌مبە‌ر ئالدىن-‏ئالا بېشارە‌ت ئېيتقان،‏ مىدىيا ۋە پارس قوشۇ‌نلىرى بابىل شە‌ھىرىنى ئىشغال قىلغاندا،‏ بابىللىقلارنىڭ قېچىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پاپىروس كېمىلىرىنى كۆيدۈرىۋېتە‌تتى.‏—‏يە‌شايا 18:‏1،‏ 2؛‏ يە‌رە‌م.‏ 51:‏32‏.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب خۇ‌دانىڭ ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌شى بىلە‌ن يېزىلغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ تېپىلغان ئارخېئولوگىيىلىك قېزىلمىلار پاپىروسنىڭ كېمە ياساش ئۈچۈن ئىشلىتىلگە‌نلىكىنى كۆرسە‌تكىنى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگە‌نگۈچىلە‌رنى ھە‌يران قالدۇ‌رمايدۇ (‏2-‏تىموت.‏ 3:‏16‏)‏.‏ قانداق قېزىلمىلار تېپىلغان؟‏ ئارخېئولوگلار مىسىردىكى قېزىلمىلاردىن كېمە ياساش كە‌سىپىگە مۇ‌ناسىۋە‌تلىك تە‌پسىلاتلارنى كۆرسىتىدىغان دە‌لىل-‏ئىسپاتلارنى تاپقان.‏

پاپىروس كېمىلە‌ر قانداق ياسالغان؟‏

مىسىردىكى قە‌برىلە‌ردە سىزىلغان سۈرە‌تلە‌ر ۋە ئويۇ‌لغان ئويما رە‌سىملە‌ردە،‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ پاپىروسنى قانداق يىغىپ،‏ كېمىلە‌رنى ياسىغانلىقى تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن.‏ ئە‌رلە‌ر پاپىروس ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ غوللىرىنى ئورۇ‌پ،‏ باغلام-‏باغلام قىلىپ قويىدۇ.‏ كېيىن،‏ ئاشۇ باغلام-‏باغلام پاپىروس غوللىرىنى قوشۇ‌پ قاتتىق باغلايدۇ.‏ پاپىروس غولى ئۈچ قىرلىق شە‌كىلدە بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارنى قوشۇ‌پ قاتتىق باغلىغاندا،‏ پاپىروس غوللىرى بىر-‏بىرىگە زىچ كىرىشىپ،‏ قاتتىق بىر پۇ‌ختا ھالە‌تتىكى شە‌كىلگە كېلىدۇ.‏ مىسىرنىڭ تارىخى ھە‌ققىدىكى بىر كىتابتا،‏ پاپىروس كېمە ئون يە‌تتە مېتىردىن ئۇ‌زۇ‌نراق بولۇ‌پ،‏ ئۈستىدە كە‌ڭ بوشلۇ‌ق ۋە ئىككى تە‌رىپىدە 10—‏12-‏گىچە پالاقلىرى بولغانلىقى خاتىرىلە‌نگە‌ن.‏

مىسىردىكى تامغا ئويۇ‌لغان سۈرە‌تلە‌ردە پاپىروس كېمىنىڭ قانداق ياسىلىشى تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن

نېمە ئۈچۈن كېمە ياسىغۇ‌چىلار پاپىروسنى ئىشلە‌تكە‌ن؟‏

پاپىرۇ‌س ئۆسۈملۈكى نىل دە‌ريا ۋادىسىنىڭ ھە‌ممىلا جايلىرىدا دېگۈدە‌ك ئۆسكە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭ ئۈستىگە،‏ پاپىروستىن كېمە ياساش ئاسانراق بولغان.‏ ھە‌تتا،‏ ياغاچ ماتېرىياللىرىدىن يوغان كېمىلە‌رنى ياساش كە‌ڭ تارقالغان ۋاقىتلاردىمۇ،‏ قارىماققا بېلىقچىلار بىلە‌ن ئوۋچىلار داۋاملىق پاپىروس ساللارنى ۋە كىچىك قېيىقلارنى ئىشلە‌تكە‌ن.‏

پاپىروس كېمىلە‌رنى ئىشلىتىش ئۇ‌زۇ‌ن زامان داۋاملاشقان.‏ مىلادى بىرىنچى،‏ ئىككىنچى ئە‌سىر ئارىسىدا ياشىغان گرېك يازغۇ‌چىسى پلوتاركنىڭ يازغانلىرىغا ئاساسلانغاندا،‏ ئۇ‌نىڭ زامانىدىكى ئادە‌ملە‌ر تېخىغىچە پاپىروس كېمىلە‌رنى ئىشلە‌تكە‌ن.‏

a پاپىروس ئۆسۈملۈكى ئادە‌تتە سازلىقلار ياكى سۈيى ئاستا ئاقىدىغان ئېقىنلارنىڭ بويىدا ئۆسىدۇ.‏ پاپىروسنىڭ بويى 5 مېتىر ئېگىزلىككىچە،‏ غولى 15 سانتىمېتىرغىچە يوغان ئۆسە‌لە‌يدۇ.‏