18-تەتقىق ماقالىسى
سىز پۇتلىشىپ ئەيسانى رەت قىلامسىز؟
«پۇتلىشىپ كېتىشكە مەندىن سەۋەب ئىزدىمىگۈچىلەر بەختلىكتۇر».—مەتتا 11:6.
32-ناخشا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرايلى!
بۇ ماقالىدە a
1. تۇنجى قېتىم مۇقەددەس كىتابتىن ئۆگەنگەن ھەقىقەتلەرنى باشقىلارغا ئېيتقىنىڭىزدا، نېمە سىزنى ھەيران قالدۇرغان؟
تۇنجى قېتىم سىز ھەقىقەتنى تاپقانلىقىڭىزنى تونۇپ يەتكەندە، قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولغىنىڭىز يادىڭىزدىمۇ؟ سىز ئۆگەنگەن مۇقەددەس كىتاب تەلىملىرى قارىماققا ناھايىتى ئاساندەك كۆرۈنگەن. بەلكىم، سىز ئۆگەنگەن ھەقىقەتلەرنى ھەممە كىشى قوبۇل قىلىدۇ ۋە مۇقەددەس كىتابنىڭ خەۋىرى ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ ۋە كېلەچىكى ئۈچۈن ئاجايىپ ئۈمىد بېرىدۇ، دەپ ئىشەنگەن (زەبۇر 119:105). شۇڭا، ئۆگەنگەن ھەقىقەتلەرنى دوست-بۇرادەر ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭىزغا قىزغىنلىق بىلەن ئېيتتىڭىز. لېكىن، ئۇلار قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟ نۇرغۇنلىرىنىڭ قايتۇرغان جاۋابلىرى سىزنى ھەيران قالدۇرغان.
2، 3. ئەيسانىڭ زامانىدا كۆپچىلىك كىشىلەر ئەيساغا قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟
2 بىز ئېيتقان خەۋەرنى باشقىلار رەت قىلغاندا، ھەيران قالماسلىقىمىز كېرەك. ئەيسانىڭ زامانىدا، ھەتتا ئۇ مۆجىزىلەرنى كۆرسىتىپ، خۇدانىڭ ئۇنى قوللاۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىغان بولسىمۇ، كۆپىنچە كىشىلەر ئۇنى رەت قىلغان. مەسىلەن، ئەيسا لازارنى تىرىلدۈرۈپ، قارشى تۇرغۇچىلار ئىنكار قىلالمايدىغان بىر مۆجىزىنى كۆرسەتكەن. بىراق، يەھۇدىيلارنىڭ يېتەكچىلىرى ئەيسانى مەسىھ سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان. ئۇلار ھەتتا ئەيسا بىلەن لازار ھەر ئىككىلىسىنى ئۆلتۈرۈشنى خالىغان.—يۇھاننا 11:47، 48، 53؛ 12:9—11.
3 ئەيسا كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ئۇنى مەسىھ سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلگەن (يۇھاننا 5:39—44). چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيانىڭ ئىككى شاگىرتىغا، ئەيسا مۇنداق دېگەن: «پۇتلىشىپ كېتىشكە مەندىن سەۋەب ئىزدىمىگۈچىلەر بەختلىكتۇر» (مەتتا 11:2، 3، 6). نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ ئادەملەر ئەيسانى رەت قىلغان؟
4. بۇ ماقالىدە نېمىلەرنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
4 بۇ ۋە كېيىنكى ماقالىدە، بىرىنچى ئەسىردە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئەيساغا ئىشەنمىگەنلىكىنىڭ بەزىبىر سەۋەبلىرىنى كۆرۈپ چىقىمىز. يەنە بىز بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ بىز ئېيتقان خەۋەرلەرنى رەت قىلغانلىقىنى كۆرۈمىز. تېخىمۇ مۇھىمى، بىز نېمە ئۈچۈن ئەيساغا كۈچلۈك ئىشەنچ باغلىساق، ئۇنىڭ ئىزىدىن ئەگىشىپ ماڭالايدىغانلىقىمىزنى ئۆگىنىمىز.
(1) ئەيسانىڭ كېلىپ چىقىشى
ئەيسانىڭ كېلىپ چىقىشى نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن پۇتلىكاشاڭ بولغان. بۈگۈنكى كۈندە ئوخشاش ئىشلار بەزىلەر ئۈچۈن قانداق پۇتلىكاشاڭ بولىدۇ؟ (5-ئابزاسقا قاراڭ) b
5. نېمە ئۈچۈن بەزىلەر ئەيسانى ۋەدە قىلىنغان مەسىھ ئەمەس، دەپ ئويلىغان؟
5 ئەيسانىڭ كېلىپ چىقىشى كۆپلىگەن كىشىلەر ئۈچۈن پۇتلىكاشاڭ بولغان. ئۇلار ئەيسانىڭ ئۇلۇغ بىر ئۇستاز ئىكەنلىكىنى ھەمدە مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. ئەمما، ئۇلار ئۈچۈن ئەيسا ئانچە مۇھىم ئەمەس، دەپ قارالغان ناسىرە دېگەن شەھەردىن بولغان، ئاددىي بىر ياغاچچىنىڭ ئوغلى ئىدى. كېيىنرەك ئەيسانىڭ شاگىرتى بولغان ناتانيەل، ھەتتا دەسلەپتە مۇنداق دېگەن: «ناسىرەدىن مۇنداق بىر ياخشى ئىش چىقارمۇ؟» (يۇھاننا 1:46) بەلكى، ناتانيەل ئاشۇ شەھەرنى ياقتۇرمايتتى ياكى مىكاھ 5:2-ئايەتتىكى بېشارەتنى يەنى مەسىھنىڭ ناسىرەدە ئەمەس، بەلكى بەيتلەھەمدە تۇغۇلىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتقان بولۇشى مۇمكىن.
6. ئەيسانىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشىغا نېمىلەر ياردەم بېرەلەيتتى؟
6 مۇقەددەس يازمىلار نېمە دەيدۇ؟ يەشايا پەيغەمبەر ئەيسانىڭ دۈشمەنلىرى مەسىھنىڭ كېلىپ چىقىشىغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، دەپ ئالدىن-ئالا ئېيتقان (يەشايا 53:8). شۇنىڭغا ئوخشاش كۆپلىگەن تەپسىلاتلار بېشارەت قىلىنغان. ئەگەر ئاشۇ كىشىلەر ۋاقىت چىقىرىپ توغرا دەلىل-ئىسپاتلارنى تەكشۈرگەن بولسا، ئەيسانىڭ بەيتلەھەمدە تۇغۇلغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ داۋۇتنىڭ ئەۋلادىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلەلەيتتى (لۇقا 2:4—7). دېمەك، ئەيسا مىكاھ 5:2-ئايەتتە بېشارەت قىلىنغان جايدا تۇغۇلغان ئىدى. ئۇنداقتا، كىشىلەر ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشىنى نېمە ئۈچۈن رەت قىلغان؟ چۈنكى، ئۇلار ناھايىتى تېزلا ھۆكۈم چىقىرىپ، بارلىق دەلىل-ئىسپاتلارنى تەكشۈرمىگەن. شۇڭا، ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشى كىشىلەر ئۈچۈن پۇتلىكاشاڭ بولغان.
7. نېمە ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن كىشىلەر يەھۋانىڭ خەلقىنى رەت قىلىدۇ؟
7 بۈگۈنكى كۈندە ئادەملەر ئوخشاش كۆزقاراشتىمۇ؟ شۇنداق. كۆپىنچە يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى ئاددىي بولغاچ، كىشىلەر ئۇلارنى ئوقۇمىغان ئادەتتىكى ئادەملەر، دەپ قارايدۇ (ئەلچى. 4:13). بەزىلەر خۇدانىڭ خەلقى مۇقەددەس يازمىلار ھەققىدە تەلىم بېرەلمەيدۇ، دەپ قارايدۇ. سەۋەبى، ئۇلار ئېتىراپقا ئېرىشكەن دىنىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرمىگەن. يەنە بەزىلەر يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئامېرىكىنىڭ دىنى، دېيىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ 14 پىرسەنتى ئامېرىكىدا ياشايدۇ. يەنە بەزى بىرلىرى، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئەيسانى قوبۇل قىلمايدۇ، دېيىشىدۇ. كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۇلارنى كوممۇنىستلار، ئامېرىكىنىڭ جاسۇسلىرى ياكى ئاشقۇن كىشىلەر، دەپ ئاتاپ كەلگەنلەر كۆپ. شۇنداق سۆز-چۆچەكلەرنى قىلىپ يۈرگەنلەر قولىدا دەلىل-ئىسپاتى يوق ياكى دەلىل-ئىسپاتلارنى قوبۇل قىلمايدىغان پۇتلىشىپ كەتكەن ئادەملەر.
8. ئەلچىلەر 17:11-ئايەتكە ئاساسەن، ئەگەر كىشىلەر خۇدانىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى خەلقىنى ئېنىقلاشنى خالىسا، نېمە قىلىشى كېرەك؟
8 بىر كىشى پۇتلىشىپ كېتىشتىن ئۆزىنى قانداق ساقلىيالايدۇ؟ ئۇ دەلىل-ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈشى كېرەك. خۇش خەۋەر كىتابىنى بايان قىلغان لۇقا شۇنداق قىلىش ئۈچۈن تىرىشقان. شۇڭا، ئۇ ئىزدىنىپ، «ھەممە نەرسىلەرنىڭ توغرىلىقىنى باشتىن باشلاپ تەكشۈرۈپ» چىققان. ئۇ باشقىلارنىڭ ئەيسا ھەققىدە ئاڭلىغانلىرىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە كۆز يەتكۈزۈشىنى خالىغان (لۇقا 1:1—4). قەدىمقى بېرىيا شەھىرىدىكى يەھۇدىيلار لۇقاغا ئوخشاش بولغان. ئۇلار ئەيسا ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىغاندا، ئىبرانىي يازمىلاردا شۇنداق دېيىلگەنلىكىنى تەكشۈرۈپ، شۇ سۆزلەرنىڭ ھەقىقەتەن بولغانلىقىغا جەزم قىلغان (ئەلچىلەر 17:11-نى ئوقۇڭ). خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئادەملەر دەلىل-ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈشى كېرەك. ئۇلار چوقۇم خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى ئۆگەتكەنلەرنى مۇقەددەس يازمىلاردا دېيىلگەنلەر بىلەن سېلىشتۇرۇشى كېرەك. ئۇلار يەنە يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ تارىخىنى كۆرۈپ چىقىشى كېرەك. ئەگەر ئۇلار بىز ھەققىدە بەزى نەرسىلەرنى بىلسە، ئۇلار بىز كەمسىتمەيدۇ ياكى قارغۇلارچە گەپ-سۆز قىلمايدۇ.
(2) ئەيسا مۆجىزىلەرنى كۆرسىتىشنى رەت قىلغان
ئەيسانىڭ مۆجىزىلەرنى كۆرسىتىشنى رەت قىلىشى نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن پۇتلىكاشاڭ بولغان. بۈگۈنكى كۈندە ئوخشاش ئىشلار بەزىلەر ئۈچۈن قانداق پۇتلىكاشاڭ بولىدۇ؟ (9، 10-ئابزاسلارغا قاراڭ) c
9. ئەيسا ئاسماندىن بىر مۆجىزە كۆرسىتىشنى رەت قىلغاندا، نېمە ئىش بولغان؟
9 ئەيسانىڭ زامانىدا ئادەملەر ئۇنىڭ ھەيران قالارلىق تەلىملىرىدىن قانائەت تاپمىغان. ئۇلار ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك نەرسىنى كۈتكەن. يەنى ئەيسادىن ئۆزىنىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان ئاسماندىن بىر ئالامەتنى كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلغان (مەتتا 16:1). بەلكىم، ئۇلار دانىيال 7:13، 14-ئايەتنى خاتا چۈشەنگەچ، شۇنداق تەلەپ قىلغان. ئەمما، بۇ بېشارەتنىڭ يەھۋا بەلگۈلىگەن ئەمەلگە ئېشىش ۋاقتى كەلمىگەن ئىدى. ئەيسانىڭ تەلىملىرى ئۆزىنىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئۇلارغا ئىسپاتلاشقا يېتەرلىك ئىدى. ئەيسا ئۇلار كۈتكەندەك مۆجىزە كۆرسىتىشنى رەت قىلغاچقا، ئۇلار پۇتلىشىپ كەتكەن.—مەتتا 16:4.
10. يەشايا پەيغەمبەر مەسىھ ھەققىدە يازغان بېشارەتلەرنى ئەيسا قانداق ئەمەلگە ئاشۇرغان؟
10 مۇقەددەس يازمىلار نېمە دەيدۇ؟ يەشايا پەيغەمبەر مەسىھ ھەققىدە مۇنداق يازغان: «ئۇ ۋارقىراپ توۋلىمايدۇ، ئاۋازىنى كۆتەرمەيدۇ. ئۇ ئاۋازىنى كوچىلاردا ئاڭلاتمايدۇ» (يەشايا 42:1، 2). ئەيسا خىزمىتىدە باشقىلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتمىغان. ئۇ ھەيۋەتلىك ئىبادەتخانىلارنى سالمىغان، ئۆزگىچە دىنىي كىيىم-كېچەكلەرنى كىيمىگەن ۋە ئۇنى دىنىي نام-ئۇنۋانلار بىلەن چاقىرىشنى تەلەپ قىلمىغان. ئەيسا سوتلانغاندا، ھاياتى خەتەر ئاستىدا بولغان بولسىمۇ، پادىشاھ ھىرودنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن مۆجىزە كۆرسىتىشكە ئۇرۇنمىغان (لۇقا 23:8—11). ئۇ بەزى مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەڭ ئاساسىي مەقسىتى خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلىش بولغان. ئۇ ئۆز شاگىرتلىرىغا شۇنداق دېگەن: «چۈنكى، مەن بۇنىڭ ئۈچۈن كەلدىم».—ماركۇس 1:38.
11. بۈگۈنكى كۈندە ئادەملەرنىڭ قانداق خاتا ئوي-پىكىرلىرى بار؟
11 بۈگۈنكى كۈندە ئادەملەر ئوخشاش كۆزقاراشتىمۇ؟ شۇنداق. بۈگۈنكى كۈندە ھەشەمەتلىك بېزەلگەن دىنىي ئىمارەتلەر، دىنىي خىزمەتچىلەرنى ئۇلۇغلايدىغان نام-ئاتاقلار، ئۇنتۇپ كېتىلگەن ئۆرپ-ئادەتلەر نۇرغۇن كىشىلەرنى ھاياجانلاندۇرىدۇ. بىراق، دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىۋاتقان ئادەملەر خۇدا ۋە ئۇنىڭ ئىرادىسى ھەققىدە ھېچنېمە ئۆگەنمەيدۇ. بىزنىڭ يىغىلىشلىرىمىزغا قاتناشقانلار يەھۋانىڭ بىزدىن نېمە تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئىرادىسىگە ماس قانداق ھەرىكەت قىلىشنى ئۆگىنىدۇ. بىز ئىبادەت قىلىدىغان جايلار ھەشەمەتلىك بېزەلمىگەن، ئەمما پاكىزە، ئاددىي ۋە قولايلىق. يېتەكچىلىك قىلىدىغانلار ئالاھىدە كىيىم-كېچەكلەرنى كىيمەيدۇ، ئۆزىنى مۇھىم كۆرسىتىدىغان نام-ئۇنۋانلارنى ئىشلەتمەيدۇ. بىز ئۆگىتىۋاتقان ۋە ئىشىنىدىغان تەلىملەر خۇدا سۆزىدىن كەلگەن. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن ئادەملەر ئىبادىتىمىزنى بەكمۇ ئاددىي ۋە ئۆگىتىۋاتقانلىرىمىزنى ئۇلار ئاڭلاشنى خالىغان نەرسىگە ماس كەلمەيدۇ، دەپ ئويلىغاچ، پۇتلىشىپ كېتىدۇ.
12. ئىبرانىيلار 11:1، 6-ئايەتلەردە چۈشەندۈرۈلگەندەك، ئېتىقادىمىزنى كۈچەيتىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
12 بىز پۇتلىشىپ كېتىشتىن ئۆزۈمىزنى قانداق ساقلىيالايمىز؟ ئەلچى پاۋلۇس رىمدىكى ئېتىقادچىلارغا مۇنداق دېگەن: «ئېتىقاد ئاڭلاشتىن كېلىدۇ. مەسىھ ھەققىدە سۆزلەيدىغان ئادەم بولسا، سۆزلەرنى ئاڭلايدىغان ئادەم چىقىدۇ» (رىملىقلار 10:17). بىزنى جەلپ قىلىدىغان مۇقەددەس يازمىلارغا ئاساسلانمىغان دىنىي ئۆرپ-ئادەتلەر ياكى ئىش-پائالىيەتلەر ئەمەس، بەلكى خۇدا سۆزىنى تەتقىق قىلىش ئېتىقادىمىزنى كۈچەيتىدۇ. بىز چوقۇم توغرا بىلىم ئاساسىدا كۈچلۈك ئىمان-ئېتىقادقا ئېرىشىشىمىز كېرەك، چۈنكى «ئىمان-ئېتىقاد بولماي تۇرۇپ، خۇدانىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس» (ئىبرانىيلار 11:1، 6-نى ئوقۇڭ). دېمەك، بىز ھەقىقەتنى تاپقانلىقىمىزنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ئاسماندىن ئالاھىدە ھەيران قالارلىق بىر مۆجىزىنى كۆرۈشىمىز زۆرۈر ئەمەس. مۇقەددەس كىتابتىكى ئېتىقادنى كۈچەيتىدىغان تەلىملەرنى كۆڭۈل قويۇپ تەتقىق قىلىش گۇمانلىرىمىزنى يوق قىلىپ، بىزنى قايىل قىلىشقا يېتەرلىك!
(3) ئەيسا يەھۇدىيلارنىڭ بەزى ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ئەگەشمىگەن
ئەيسانىڭ يەھۇدىيلارنىڭ بەزى ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ئەگەشمىگەنلىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن پۇتلىكاشاڭ بولغان. بۈگۈنكى كۈندە ئوخشاش ئىشلار بەزىلەر ئۈچۈن قانداق پۇتلىكاشاڭ بولىدۇ؟ (13-ئابزاسقا قاراڭ) d
13. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئەيساغا غەزەپلىنىشىگە نېمە سەۋەب بولغان؟
13 ئەيسانىڭ كۈنلىرىدە، چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيانىڭ شاگىرتلىرى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىنىڭ روزا تۇتمىغانلىقىغا ھەيران بولغان. ئۆزى تېخى ھايات ۋاقتىدا، ئۇلارنىڭ روزا تۇتۇشىنىڭ ئەھمىيىتى يوقلىقىنى، ئەيسا ئۇلارغا چۈشەندۈرگەن (مەتتا 9:14—17). شۇنداقتىمۇ پەرىسىيلەر ۋە ئەيساغا قارشى چىققۇچىلار ئۇنىڭ ئۆرپ-ئادەتلەرگە ئەمەل قىلمىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. ئۇ دەم ئېلىش كۈنى كېسەل ئادەمنى ساقايتىشنى تاللىغاندا، ئۇلار ئاچچىقلانغان (ماركۇس 3:1—6؛ يۇھاننا 9:16). بىر تەرەپتىن، ئۇلار دەم ئېلىش كۈنىگە ئەمەل قىلىمىز، دەپ ئېيتسىمۇ، ئەمما يەنە ئىبادەتخانىدا سودا-سېتىق قىلغۇچىلارغا رۇخسەت بەرگەن. ئەيسا ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئەيىبلىگەندە، ئۇلار غەزەپلەنگەندى (مەتتا 21:12، 13، 15). ئەيسا ناسىرەدە تەلىم بەرگەندە، كىشىلەرنىڭ شەخسىيەتچىلىكى ۋە ئېتىقادنىڭ ئاجىزلىقىنى ئاشكارىلايدىغان پايدىسىز تارىخىي سېلىشتۇرۇشلارنى قىلغاندا، ئۇلار دەرغەزەپ تولغان (لۇقا 4:16، 25—30). ئەيسانىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى ئۇلارغا پۇتلىكاشاڭ بولغان.—مەتتا 11:16—19.
14. ئەيسا نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس يازمىلارغا ماس كەلمەيدىغان ئىنسانلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئەيىبلىگەن؟
14 مۇقەددەس يازمىلار نېمە دەيدۇ؟ يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق يەھۋا مۇنداق دېگەن: «بۇ ئادەملەر ئېغىزى بىلەن ماڭا يېقىنلىشىدۇ ۋە لەۋلىرى بىلەن مېنى ئۇلۇغلايدۇ، بىراق ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرى مەندىن يىراق. ئۇلار ئىنسانلار ئۆگەتكەن قائىدە-قانۇنلارغا بويسۇنۇشنى مېنىڭدىن قورقۇش دەپ قارايدۇ» (يەشايا 29:13). ئەيسا مۇقەددەس يازمىلارغا ماس كەلمەيدىغان ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئەيىبلەپ توغرا قىلغان. ئۆزلىرى بەلگۈلىگەن قائىدە-يوسۇن، ئۆرپ-ئادەتلەرنى خۇدانىڭ سۆزىدىن ئارتۇق كۆرگەنلەر يەھۋانى ۋە ئۇ ئەۋەتكەن ئەيسا مەسىھنى رەت قىلغان.
15. نېمە ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن كىشىلەر يەھۋا گۇۋاھچىلىرىغا ئاچچىقلىنىدۇ؟
15 بۈگۈنكى كۈندە ئادەملەر ئوخشاش كۆزقاراشتىمۇ؟ شۇنداق. نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرى بىلەن بىرلىكتە يەھۋا گۇۋاھچىلىرى مۇقەددەس يازمىلاردا تىلغا ئېلىنمىغان تۇغۇلغان كۈنلەرنى ۋە ھېيت-بايراملارنى تەبرىكلىمىگەچ، خاپا بولىدۇ. يەنە باشقىلار يەھۋا گۇۋاھچىلىرى خۇدا سۆزىگە زىت ۋەتەنپەرۋەرلىكنى تەشۋىق قىلىدىغان تەبرىكلەشلەر ياكى ماتەم مۇراسىملىرىغا قاتناشمىغاچ ئاچچىقلىنىدۇ. شۇنداق پۇتلىشىپ كەتكەن ئادەملەر بىز خۇداغا توغرا ئۇسۇلدا ئىبادەت قىلىۋاتىمىز، دەپ قەتئىي ئىشىنىدۇ. ئەمما، ئۇلار مۇقەددەس كىتابتىكى توغرا تەلىملەرنىڭ ئورنىغا، بۇ دۇنيانىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى قويۇش ئارقىلىق ئۇنى خۇرسەن قىلالمايدۇ.—ماركۇس 7:7—9.
16. زەبۇر 119:97، 113، 163—165-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، بىز چوقۇم نېمە قىلىشىمىز ۋە نېمىدىن ساقلىنىشىمىز كېرەك؟
16 بىز پۇتلىشىپ كېتىشتىن ئۆزۈمىزنى قانداق ساقلىيالايمىز؟ بىز يەھۋانىڭ قانۇنلىرى ۋە قائىدە-پرىنسىپلىرىغا قارىتا كۈچلۈك سۆيگۈ-مۇھەببەتنى يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك (زەبۇر 119:97، 113، 163—165-نى ئوقۇڭ). يەھۋانى سۆيسەك، ئۇنى رەنجىتىدىغان ھەرقانداق ئۆرپ-ئادەتلەرنى رەت قىلىمىز. ھېچنېمىنىڭ يەھۋاغا بولغان مۇھەببىتىمىزنىڭ ئورنىنى ئېلىشىغا يول قويمايمىز.
(4) ئەيسا سىياسىي تۈزۈلمىنى ئۆزگەرتمىگەن
ئەيسانىڭ سىياسىي تۈزۈلمىنى ئۆزگەرتمىگەنلىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن پۇتلىكاشاڭ بولغان. بۈگۈنكى كۈندە ئوخشاش ئىشلار بەزىلەر ئۈچۈن قانداق پۇتلىكاشاڭ بولىدۇ؟ (17-ئابزاسقا قاراڭ) e
17. ئەيسانىڭ زامانىدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ پۇتلىشىپ كېتىشىگە نېمە سەۋەب بولغان؟
17 ئەيسانىڭ زامانىدا بەزى ئادەملەر سىياسىي تۈزۈمنىڭ ئۆزگۈرۈشىنى خالىغان. ئۇلار مەسىھنىڭ ئۆزلىرىنى رىملىق ئەزگۈچىلەرنىڭ قولدىن ئازاد قىلىشنى ئۈمىد قىلغان. ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى پادىشاھ قىلماقچى بولغاندا، ئۇ رەت قىلغان (يۇھاننا 6:14، 15). روھانىيلار ۋە باشقىلار سىياسىي تۈزۈلمىنىڭ ئۆزگۈرۈشىدىن قورققان. سەۋەبى، رىملىقلار ئاچچىقلىنىپ، ئۇلارغا بەرگەن ھوقۇقنى تارتىۋېلىشىدىن ئەنسىرىگەن. شۇنداق سىياسىي جەھەتتىكى ئەنسىرەشلەر يەھۇدىيلارغا پۇتلىكاشاڭ بولغاچ، ئۇلار ئەيسانى رەت قىلغان.
18. مۇقەددەس يازمىلاردىكى مەسىھ ھەققىدىكى قانداق بېشارەتلەرگە كۆپلىگەن كىشىلەر سەل قارىغان؟
18 مۇقەددەس يازمىلار نېمە دەيدۇ؟ نۇرغۇن بېشارەتلەردە، مەسىھ ئەڭ ئاخىرىدا غەلبە قىلغۇچى جەڭچى سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن بولسىمۇ، باشقا بېشارەتلەردە ئاۋۋال ئۇنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن ئۆلۈشى كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن (يەشايا 53:9، 12). ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن كىشىلەر مەسىھ توغرىسىدا خاتا ئوي-پىكىردە بولغان؟ ئەيسانىڭ زامانىدا، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى دەرھال ھەل قىلمايدىغان ۋەدىلەر ھەققىدىكى ھەرقانداق بېشارەتلەرگە سەل قارىغان.—يۇھاننا 6:26، 27.
19. بۈگۈنكى كۈندە، نېمە كىشىلەرنىڭ خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلىشىغا پۇتلىكاشاڭ بولىدۇ؟
19 بۈگۈنكى كۈندە ئادەملەر ئوخشاش كۆزقاراشتىمۇ؟ شۇنداق. بىزنىڭ سىياسىي بىتەرەپلىكنى ساقلىشىمىز نۇرغۇن ئادەملەرگە پۇتلىكاشاڭ بولىدۇ. ئۇلار بىزدىن سايلامدا ئاۋاز بېرىشىمىزنى كۈتىدۇ. ئەمما، يەھۋانىڭ كۆزقارىشى بويىچە، بىز ئىنساننى ھۆكۈمران سۈپىتىدە تاللىساق، ئۇنى رەت قىلغان بولىمىز (1-سام. 8:4—7). كىشىلەر يەنە بىزنى مەكتەپلەرنى، دوختۇرخانىلارنى سېلىپ، باشقىلارغا خەير-ساخاۋەت كۆرسىتىشى كېرەك، دەپ ئويلايدۇ. بىز بۇ دۇنيانىڭ ھازىرقى قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشقا ئەمەس، خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلىشقا كۈچىمىزنى چىقارغاچ، ئۇلارغا پۇتلىكاشاڭ بولىمىز.
20. مەتتا 7:21—23-ئايەتلەردىكى ئەيسانىڭ سۆزلىرىدە كۆرسىتىلگەندەك، ئەڭ مۇھىمى دىققىتىمىزنى نېمىگە قارىتىشىمىز كېرەك؟
20 بىز پۇتلىشىپ كېتىشتىن ئۆزۈمىزنى قانداق ساقلىيالايمىز؟ (مەتتا 7:21—23-نى ئوقۇڭ). ئەڭ مۇھىمى، دىققىتىمىزنى ئەيسا بۇيرۇغان ئىشنى قىلىشقا قارىتىشىمىز كېرەك (مەتتا 28:19، 20). شۇڭا، بۇ دۇنيانىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرى دىققىتىمىزنى بۆلۈۋەتمەسلىكى كېرەك. بىز باشقىلارنى ياخشى كۆرۈمىز ۋە ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىغا كۆڭۈل بۆلىمىز. ئەمما، شۇنىمۇ ياخشى بىلىمىزكى، قوشنىلىرىمىزغا ياردەم بېرىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى — خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدە ئۇلارغا ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ خۇدا بىلەن دوست بولۇشىغا ياردەم بېرىش.
21. بىز نېمە قىلىشقا بەل باغلىشىمىز كېرەك؟
21 بۇ ماقالىدە، نېمە ئۈچۈن بىرىنچى ئەسىردە ئادەملەر ئەيسانى رەت قىلغان ۋە بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى رەت قىلىۋاتقانلىقىنىڭ تۆت سەۋەبىنى كۆرۈپ چىقتۇق. بىراق، پۇتلىشىپ كېتىشتىن ئۆزۈمىزنى ساقلاشقا تېگىشلىك ئىشلار پەقەتلا بۇلارمۇ؟ ياق. كېيىنكى ماقالىدە، پۇتلىكاشاڭ بولىدىغان باشقا تۆت نەرسىنى كۆرۈپ چىقىمىز. بىز پۇتلىشىپ ئەيسانى رەت قىلىشتىن ساقلىنىپ، كۈچلۈك ئىمان ئېتىقادتا بولۇشقا قەتئىي بەل باغلايلى!
34-ناخشا ئىسىمىمىزغا ماس ياشايلى!
a ئەيسا ئىنسانىيەت تارىخىدا ئەڭ ئۇلۇغ ئۇستاز بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ زامانىدا كۆپىنچە كىشىلەر ئۇنى رەت قىلغان. نېمە ئۈچۈن؟ ھازىر تۆت سەۋەبىنى كۆرۈپ چىقىمىز. بىز يەنە ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىنىڭ نېمە دېگەنلىكى ۋە قىلغانلىقى بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۈچۈن پۇتلىكاشاڭ بولۇپ قالىدىغانلىقىنى كۆرۈمىز. تېخىمۇ مۇھىمى، نېمە ئۈچۈن ئەيساغا كۈچلۈك ئىشەنچ باغلىساق، ئۇنىڭ ئىزىدىن ئەگىشىپ ماڭالايدىغانلىقىمىزنى ئۆگىنىمىز.