تەرجىمىھال
«مەن باشقىلاردىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەندىم»
ئالجىرىيە تاغلىرىدىكى قاپقاراڭغۇ بىر كېچە ئىدى. فرانسىيە ئارمىيىسىدە ئەسكەر ئىدىم. شۇ رايوندا شىددەتلىك ئۇرۇش بولۇۋاتاتتى. مەن قولۇمدا ئاپتوماتنى تۇتۇپ، يالغۇز قاراۋۇللۇق قىلىۋاتاتتىم. تۇيۇقسىز يېقىنلاپ كېلىۋاتقان ئاياق تاۋۇشىنى ئاڭلاپ، قورقۇپ نېمە قىلارىمنى بىلمەي قالدىم. مەن ھېچكىمنى ئۆلتۈرۈشنى ياكى ئۆزۈمنىڭمۇ ئۆلۈپ كېتىشىنى خالىمايتتىم. مەن: «خۇدا! ئاھ، خۇدا!»— دەپ ۋاقىرىۋەتتىم.
شۇ كېچىدە يۈز بەر ئىش ھاياتىمنى ئۆزگەرتتى، چۈنكى مەن شۇنىڭدىن باشلاپ خۇدانى تونۇشۇشقا ھەرىكەت قىلدىم. سىلەرگە نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى سۆزلەپ بېرىشتىن ئاۋۋال، خۇدانى ئىزدىشىمگە سەۋەب بولغان بالىلىق چاغلىرىمدىكى ماڭا تەسىر قىلغان ئىشلار توغرىسىدا ئېيتىپ بېرەي.
دادامدىن ئۆگەنگەنلىرىم
مەن 1937-يىلى، فرانسىيىنىڭ شىمالىدىكى كانچىلىق شەھىرى، گۇئېسنائىندا تۇغۇلغان. دادام كان ئىشچىسى ئىدى. ئۇ ماڭا ئىشلەمچان بولۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ۋە ئادالەتسىزلىكنى ئۆچ كۆرۈشنى ئۆگەتكەن. كان ئىشچىلىرىنىڭ ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىغانلىقىنى ۋە خەتەرلىك شارائىتتا ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆرگەچ، ئۇلارغا ياردەم بېرىشنى خالىغان. شۇڭا، دادام كانچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان تەشكىلاتقا قاتناشقان ئىدى. ئۇ يەنە شۇ يەردىكى دىنىي يېتەكچىلەرنىڭ ساختىپەزلىكىنى كۆرۈپ، كۆڭلى يېرىم بولغان. شۇ يېتەكچىلەر باشقىلارغا قارىغاندا، باياشات تۇرمۇش كەچۈرسىمۇ، ئەمما جاپالىق كۈن كەچۈرۈۋاتقان كانچىلاردىن تاماق ۋە پۇللارنى سوراپ كېلەتتى. دادام شۇ ئۇلارنىڭ قىلىقلىرىدىن بەكمۇ يىرگەنگەچ، مېنى دىنىي تەلىم ئېلىشقا ئەۋەتمىگەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بىز ھېچقاچان خۇدا ھەققىدە سۆزلەشمىگەن.
چوڭ بولۇشىمغا ئەگىشىپ، مەنمۇ ئادالەتسىزلىكنى ئۆچ كۆرۈشكە باشلىدىم. مەن ئادالەتسىزلىك دەپ قارىغان ئىشلارنىڭ بىرى، فرانسىيىدە چەتئەللىكلەرنى چەتكە قېقىپ كەمسىتىش ئىدى. مەن كۆچمەنلەرنىڭ بالىلىرى بىلەن پۇتبول ئويناپ، خۇشال ۋاقىتلارنى ئۆتكۈزەتتىم. ئۇنىڭدىن باشقا، مېنىڭ ئاپام فرانسۇز ئەمەس، پولەك ئىدى. مەن ھەرتۈرلۈك ئىرىقتىكى كىشىلەرنىڭ ئىناق ئۆتۈپ، باراۋەر بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتىم.
ھايات ھەققىدە چوڭقۇرراق ئويلىنىشقا باشلىدىم
ئەسكەرلىككە قاتناشقان ۋاقتىم
مېنى 1957-يىلى، ھۆكۈمەت ئەسكەرلىككە ئېلىپ كەتكەن. شۇ سەۋەب، مەن دەسلەپتە ئېتىپ بەرگەندەك، قاراڭغۇ كېچىدە ئالجىرىيە تاغلىرىدا بولۇپ قالغان ئىدىم. «خۇدا!، ئاھ، خۇدا»،— دەپ ۋاقىرىۋەتكەندىن كېيىن، ئالدىمغا چىققىنى دۈشمەن ئەسكىرى بولماستىن، بەلكى بىر ياۋا ئېشەك بولغان. يۈرىكىم ئورنىغا چۈشكەن. شۇ ۋەقە ۋە ئۇرۇش مېنى ھايات ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىشقا دەۋەت قىلغان. نېمىشقا بىز بۇ يەرگە كەلدۇق؟ خۇدا بىزگە كۆڭۈل بۆلەمدۇ؟ قاچان تىنچلىققا ئېرىشىمىز؟
كېيىن، مەن ئاتا-ئانامنى يوقلاپ بارغاندا، بىر يەھۋا گۇۋاھچىسىنى ئۇچراتتىم. ئۇ ماڭا كاتولىكلارنىڭ مۇقەددەس كىتابىنىڭ بىر فرانسۇزچە تەرجىمىسىنى بەرگەن ئىدى. ئالجىرىيىگە قايتقىنىمدا، ئۇنى ئوقۇشقا باشلىدىم. ماڭا ئالاھىدە تەسىر قىلغىنى، ۋەھىيلەر 21:3، 4-ئايەتلەر بولغان. شۇ ئايەتتە: «خۇدانىڭ چېدىرى ئىنسانلار ئارىسىدا بولىدۇ. . . . شۇ چاغدا، خۇدا ئۇلارنىڭ كۆزىدىكى ھەر بىر تامچە ياشنى ئېرتىدۇ ۋە ئۆلۈم يەنە بولمايدۇ. نە قايغۇ، نە پەرياد ۋە ئازاب-ئوقۇبەت باشقا بولمايدۇ». مۇشۇ ئايەتلەر مېنى بەك ھەيران قالدۇرغان: «ھەقىقەتەن شۇنداق بولارمۇ؟»— دەپ ئويلىدىم. شۇ ۋاقىتتا، مەن بولۇپمۇ خۇدا ۋە مۇقەددەس كىتاب ھەققىدە ھېچنېمە بىلمەيتتىم.
1959-يىلى ئەسكەرلىكتىن قايتقاندىن كېيىن، مەن فرانسۇئا ئىسىملىك بىر گۇۋاھچىنى ئۇچراتتىم. ئۇ ماڭا مۇقەددەس كىتابتىكى نۇرغۇن ھەقىقەتلەرنى ئۆگەتتى. ئۇ مۇقەددەس كىتابتىن خۇدانىڭ يەھۋا دېگەن خاس ئىسىمىنى كۆرسىتىپ بەردى (زەبۇر 83:18). فرانسۇئا يەنە يەھۋانىڭ يەر يۈزىدە ئادالەتنى ئورنىتىپ، ئۇنى جەننەتكە ئايلاندۇرىدىغانلىقى، نەتىجىدە ۋەھىيلەر 21:3، 4-دىكى سۆزلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى.
ئاشۇ تەلىملەرنىڭ مەنتىقىگە ئۇيغۇن بولۇشى قەلبىمگە قاتتىق تەسىر قىلغان. بىراق، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مەن دىنىي يېتەكچىلەرگە قاتتىق ئاچچىقلاندىم ۋە ئۇلارنىڭ تەلىملىرىنىڭ مۇقەددەس كىتابتىن كەلمىگەنلىكىنى ئەيىبلەشنى خالىدىم. مەن يەنىلا دادامغا ئوخشاش ئوي-پىكىردە بولۇپ، ئادالەتسىزلىككە قارشى كۈرەش قىلىشنى خالايتتىم. كۈتۈپ ئولتۇرماي، ھازىرلا ھەرىكەت قىلىشقا تەييار بولغان ئىدىم.
فرانسۇئا ۋە باشقا يېڭىدىن دوست بولغان گۇۋاھچىلار ئۆزۈمنى بېسىۋېلىشىمغا ياردەم بەرگەن. ئۇلار ماڭا، بىزنىڭ خىزمىتىمىز ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىسى سۈپىتىدە باشقىلارنى ھۆكۈم قىلىش ئەمەس، بەلكى خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدىكى خۇش خەۋەر ئارقىلىق ئۇلارغا ئۈمىد بېرىش، دەپ چۈشەندۈردى. ئەيسا شۇنداق قىلغان ۋە ئەگەشكۈچىلىرىنىمۇ شۇنداق قىلىشقا بۇيرىغان (مەتتا 24:14؛ لۇقا 4:43). مەنمۇ باشقىلارنىڭ قانداق دىنىي ئېتىقادتا بولۇشىغا قارىماي، مېھرىبانلىق ۋە پەم-پاراسەت بىلەن ئۇلارغا سۆزلەشنى ئۆگىنىشىم كېرەك ئىدى. مۇقەددەس كىتاب مۇنداق دەيدۇ: «رەببىمىزنىڭ قۇلى جىدەل-ماجىرا قىلماي، بەلكى ھەممىسىگە مۇلايىم . . . بولۇشى كېرەك».—2-تىموتىي 2:24.
مەن بەزى ئۆزگۈرۈشلەرنى قىلغاندىن كېيىن، 1959-يىلى رايونلۇق بىر چوڭ يىغىلىشتا يەھۋا گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە چۆمۈلدۈرۈلدۈم. مەن ئۇ يەردە ئانجېلا ئىسىملىك بىر قېرىنداشنى ئۇچراتتىم. ئۇ مېنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالدى. مەن ئۇ پەند. نە 19:14.
قاتنىشىدىغان جامائەتكە بېرىپ تۇرۇشقا باشلىدىم ۋە 1960-يىلى تويىمىزنى قىلدۇق. ئۇ ھەقىقەتەن بىر ئاقكۆڭۈل، تىرىشچان ئايال بولۇپ، ئۇ خۇدا ماڭا بەرگەن سوۋغات ئىدى.—توي كۈنىمىز
دانا ۋە تەجرىبىلىك كىشىلەردىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەندىم
ئۇزۇن يىللار داۋامىدا، مەن دانا ۋە تەجرىبىلىك قېرىنداشلاردىن نۇرغۇنلىغان مۇھىم ساۋاقلارغا ئىگە بولدۇم. شۇ مۇھىم ساۋاقلاردىن بىرى: بىز ھەرقانداق قىيىن بىر ۋەزىپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاش ئۈچۈن، چوقۇم كەمتەر بولۇشىمىز ۋە پەندى-نەسىھەت 15:22-دىكى: «پىلانلار، . . . مەسلىھەتچى كۆپ بولسا ئەمەلگە ئاشار»،— دېگەن سۆزلەرنى ئەمەلىي قوللىنىشىمىز كېرەك.
1965-يىلى، فرانسىيىدە جامائەتنى زىيارەت قىلىش خىزمىتىدە
1964-يىلى، مەن خۇدانىڭ بۇ نەسىھەت سۆزىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى كۆرۈشكە باشلىدىم. شۇ يىلى، مەن ئېتىقادچى قېرىنداشلارنى ئىلھاملاندۇرۇپ، روھىي جەھەتتىن مۇستەھكەملەش ئۈچۈن جامائەتلەرنى زىيارەت قىلىدىغان ئاقساقال سۈپىتىدە خىزمەت قىلىشقا تەيىنلەندىم. شۇ ۋاقىتتا 27 ياشتا بولۇپ، تەجرىبەم كەمچىل بولغاچ، خاتالىقلارنى ئۆتكۈزدۈم. شۇ خاتالىقلىرىمدىن ساۋاقلارنى ئېلىشقا تىرىشتىم. ھەممىدىن مۇھىمى، مەن قابىلىيەتلىك ۋە تەجرىبىلىك مەسلىھەتچىلەردىن نۇرغۇن قىممەتلىك ساۋاقلارغا ئىگە بولدۇم.
ئەمدىلا جامائەتلەرنى زىيارەت قىلىشقا باشلىغاندا، يۈز بەرگەن بىر ئىش تېخى يادىمدا. پارىژدىكى بىر جامائەتنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، بىر روھىي جەھەتتىن يېتىلگەن بۇرادەر، مېنىڭ بىلەن شەخسەن پاراڭلىشىشقا ۋاقتىم بار-يوقلىقىنى سورىدى. مەن: «ئەلۋەتتە بار»،— دەپ جاۋاب بەردىم.
ئۇ مەندىن: «لۇئىس دوختۇر بىرىنىڭ ئۆيىگە كەلسە، ئۇ كىمنى كۆرۈشكە كېلىدۇ؟»،— دەپ سورىدى.
مەن: «ئاغرىق كىشىنى»،— دېدىم.
ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: «توغرا دەيسەن، بىراق مەن قارىسام، سەن كۆپىنچە ۋاقتىڭنى جامائەتتە روھىي جەھەتتىن ساغلام، يەنى جامائەت ئاقساقاللىرى بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتىسەن. جامائىتىمىزدە يەنە نۇرغۇن روھى چۈشكەن، يېڭىدىن كەلگەن ياكى خىجىلچان قېرىنداشلىرىمىز بار. ئەگەر سەن ئۇلار بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزسەڭ، ھەتتا بىر ۋاق تاماققا ئۆيلىرىگە بارساڭ، ئۇلار بەكمۇ مىننەتدار بولىدۇ».
شۇ بۇرادەرنىڭ مەسلىھىتى مەن ئۈچۈن بەكمۇ قىممەتلىك ۋە پايدىلىق نەسىھەت بولغان. ئۇنىڭ يەھۋانىڭ پادىلىرى ئۈچۈن كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتى قەلبىمگە بەكمۇ تەسىر قىلدى. ئۆز خاتالىقىمنى قوبۇل قىلىش ماڭا قىيىن بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ نەسىھىتىنى دەرھاللا قوبۇل قىلدىم. شۇنىڭدەك بۇرادەرلەر ئۈچۈن يەھۋاغا بەكمۇ مىننەتدارمەن.
1969 ۋە 1973-يىللىرى، پارىژنىڭ كولومبېس رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى قېتىملىق خەلقئارا چوڭ يىغىلىشتا، مەن پەندى-نەسىھەت 15:22-ئايەتتىكى دانالار بىلەن مەسلىھەتلىشىش دېگەن سۆزلەر، شۇ ۋەزىپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاشقا ياردەم بەردى. مەن يېمەك-ئىچمەك تىجارىتىدە تەجرىبىسى بار روھىي جەھەتتىن يېتىلگەن بۇرادەرلەردىن مەسلىھەت سورىدىم. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا: قاسساپلار، سەي-كۆكتاتلارنى ئۆستۈرگۈچىلەر، ئاشپەزلەر ۋە ئېلىپ-ساتقۇچىلار بار ئىدى. بىز بىرلىكتە تاغدەك كۆرۈنگەن ۋەزىپىنى ئورۇنلىيالىدۇق.
يېمەك-ئىچمەك بىلەن تەمىنلەش بۆلۈمىگە مەسئۇل ئاقساقال بولۇپ تەيىنلەندىم. 1973-يىلدىكى چوڭ يىغىلىشتا 60000 كىشىگە 5 كۈن تاماق بېرىش كېرەك ئىدى. نېمە قىلارىمنى بىلمەي قالدىم. يەنە بىر قېتىم،1973-يىلى، ئايالىم بىلەن مەن فرانسىيە بەيتەلدە خىزمەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىندۇق. ماڭا، تۇنجى تاپشۇرۇلغان ۋەزىپە يەنە چوڭ بىر تاغدەك كۆرۈندى. مەن كىتاب-ژۇرناللىرىمىزنى ئافرىقىدىكى دۆلەت، كامېرونغا ئەۋەتىشىم كېرەك ئىدى. ئۇ يەردە خىزمىتىمىز 1970—1993-يىلغىچە مەنئىي قىلىنغان. مەن يەنە بىر قېتىم قىيىنچىلىقتا نېمە قىلارىمنى بىلمىدىم. فرانسىيىدىكى خىزمەتكە مەسئۇل بۇرادەر بەلكىم بۇنى بايقىغان. شۇڭا، ئۇ مېنى ئىلھاملاندۇرۇپ، مۇنداق دېگەن: «كامېروندىكى قېرىنداشلىرىمىز ھەقىقەتەن روھىي ئوزۇقلۇققا بەكمۇ ئېھتىياجلىق. ئۇلارنى ئاچ قالدۇرمايلى». شۇنداق، بىز ئۇلارنى روھىي ئاچ قويمىدۇق.
1973-يىلى، كامېروندىن كەلگەن قېرىنداشلار بىلەن نىگېرىيىدە بولغان ئالاھىدە يىغىلىشتىكى ۋاقتىمىز
مەن كامېرون بىلەن چېگرىداش دۆلەتلەردىكى ئاقساقاللار بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن شۇ دۆلەتلەرگە بىرنەچچە قېتىم سەپەر قىلدىم. ئۇلار باتۇر ۋە دانا كىشىلەر ئىدى. ئۇلار كىتاب-ژۇرناللارنى ئەۋەتىشىم ئۈچۈن ئاماللارنى تېپىشىمغا ياردەم بەردى. شۇ ئارقىلىق كامېروندىكى قېرىنداشلىرىمىز داۋاملىق تۈردە روھىي ئوزۇقلۇقلارغا ئىگە بولدى. يەھۋا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىمىزنى بەرىكەتلىدى. ئەمەلىيەتتە، ئاشۇ 20 يىلچە ۋاقىت، شۇ زېمىندىكى خۇدانىڭ خەلقى ھەر ئايدا چىقىدىغان «كۈزىتىش مۇنارى» ۋە «پادىشاھلىق ۋەز خىزمىتى»، دەپ ئاتالغان ئايلىق ۋاراقچىلارنىڭ ھېچبىر سانىنى كەم قالدۇرماي تاپشۇرۇۋالدى.
1977-يىلى، ئانجېلا ئىككىمىزنىڭ كامېروندىن كەلگەن رايونغا مەسئۇل ئاقساقال ۋە ئۇلارنىڭ ئاياللىرى بىلەن بولغان ۋاقتىمىز
سۆيۈملۈك ئايالىمدىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەندىم
بىز ئۇچرىشىشقا باشلىغاندا، مەن ئانجېلانىڭ يەھۋا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويغانلىقىنى كۆرۈپ يەتكەن ئىدىم. شۇڭا، مەن ئۇنىڭ شۇ ئالاھىدە تەرىپىنى توي قىلغاندا تېخىمۇ روشەن كۆردۈم. توي قىلغان كۈنى كەچتە،
ئۇ مەندىن ئەر-ئايال سۈپىتىدە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن يەھۋاغا خىزمەت قىلىش ھەققىدە دۇئا قىلىشنى سورىغان. يەھۋا شۇ دۇئالىرىمىزغا جاۋاب بەردى.ئانجېلا مېنىڭ يەھۋاغا كۆپرەك تايىنىشىمغا ياردەم بەرگەن. مەسىلەن، 1973-يىلى بەيتەلگە چاقىرىلغاندا، مەن ئىككىلىنىپ قالغان، سەۋەبى جامائەتلەرنى زىيارەت قىلىش خىزمىتىنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتىم. بىراق، ئانجېلا مېنى ئەسكەرتىپ، يەھۋاغا ئۆزۈمىزنى بېغىشلىغان ئىكەنمىز، يەھۋانىڭ تەشكىلاتى بىزدىن نېمىنى تەلەپ قىلسا، شۇنى قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېسىمگە سالدى (ئىبرانىي. 13:17). مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىگە پۈتۈنلەي قوشۇلدۇم. شۇڭا، بەيتەلگە باردۇق. ئايالىم يەھۋانى بەكمۇ ياخشى كۆرىدىغان، غەرەز ئۇقىدىغان، ئەقىللىق ئايال ئىدى. ئۇنىڭ شۇ سۈپەتلىرى نىكاھ رىشتىمىزنى كۈچەيتكەن ۋە ئۇزۇن يىللار بىللە ياشاش جەريانىدا توغرا قارارلارنى چىقىرىشىمىزغا ياردەم بەرگەن.
ئايالىم ئانجېلا بىلەن فرانسىيە بەيتەلنىڭ باغچىسىدا
ھازىر ياشىنىپ قالدۇق، ئەمما ئايالىم ئانجېلا داۋاملىق ماڭا كۆيۈنۈپ، مېنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدۇ. مەسىلەن، ئىلاھىي تەلىم-تەربىيىلەرنى ئېلىش ئۈچۈن ئېچىلغان مەكتەپلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىنگلىز تىلىدا بولغاچ، ئانجېلا ۋە مەن ئىنگلىز تىلىمىزنى ياخشىلاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە باشلىدۇق. شۇڭا، ھەتتا 70 ياشتىن ئاشقان بولساقمۇ، ئىنگلىز تىلىدىكى جامائەتكە قاتناشتۇق. مەن بەيتەل كېڭىشىدە خىزمەت قىلغاچ، باشقا بىر تىلنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ۋاقىت تېپىش بەكمۇ قىيىن بولغان. بىراق، ئانجېلا ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە ياردەم بەردۇق. ھازىر 80 ياشقا كەلدۇق. بىز جامائەت يىغىلىشلىرىغا ئىنگلىزچە ۋە فرانسۇزچە ئىككى تىلدا تەييارلىق قىلىۋاتىمىز. يەنە جامائەت يىغىلىشى ۋە ۋەز خىزمىتىدە ئۆز ھەسسىمىزنى قوشۇش ئۈچۈن، كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە تىرىشىۋاتىمىز. يەھۋا ئىنگلىزچە ئۆگىنىشتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىمىزنى بەرىكەتلىدى.
2017-يىلى، بىز ئاجايىپ بەرىكەتكە ئىگە بولدۇق. ئانجېلا بىلەن مەن نيۇ-يوركتىكى، كۈزىتىش مۇنارى تەلىم-تەربىيە مەركىزى بولغان پەتتېرسوندا، بەيتەل كېڭىشى ئەزالىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئاياللىرى قاتنىشىدىغان مەكتەپكە بېرىش ئىمتىيازىغا ئىگە بولدۇق.
يەھۋا ھەقىقەتەن ئۇلۇغ ئۇستاز (يەشايا 30:20). شۇڭا، ئۇنىڭ خەلقى بولغان بىز، مەيلى ياش ۋە ياشانغان بولايلى، ئەڭ ياخشى تەلىم-تەربىيىگە ئېرىشىش پۇرسىتىمىز بار. بۇ ھەيران قالارلىق ئەمەس! (تەكرار. قا 4:5—8) ئۇنىڭدىن باشقا، مەن يەھۋا ۋە تەجرىبىلىك بۇرادەر-قېرىنداشلارغا قۇلاق سالغان ياشلارنىڭ روھىي جەھەتتىن يېتىلگەن بىر خۇدا خىزمەتچىسى بولالايدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتىم. پەندى-نەسىھەت 9:9-ئايەتتىكى، «دانا كىشىگە تەلىم بەر، ئۇ تېخىمۇ دانىشمەن بولار. ھەققانىي ئادەمگە ئۆگەت، ئۇنىڭ بىلىمى ئاشار»،— دېگەن سۆزلەر بىز ئۈچۈن ياخشى ئەسكەرتىشتۇر.
ئارىلاپ-ئارىلاپ، 60 يىل بۇرۇنقى ئالجىرىيە تاغلىرىدىكى شۇ قورقۇنچلۇق كېچە ھەققىدە ئويلىنىپ قالىمەن. بۈگۈنكىدەك گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىم شۇ كېچىسى خىيالىمغا كىرىپ چىقمىغانىدى. مەن باشقىلاردىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندىم. يەھۋا ھەقىقەتەن ئايالىم ئانجېلا ئىككىمىزنى مەنىلىك ۋە قانائەتلىنەرلىك ھاياتقا ئېرىشتۈردى. شۇڭا، بىز ئاسماندىكى ئاتىمىز ۋە ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان، دانا، تەجرىبىلىك قېرىنداشلىرىمىزدىن ئۆگىنىشنى ھەرگىزمۇ توختاتماسلىقنى قارا قىلدۇق.