19-تەتقىق ماقالىسى
ھەققانىي ئادەمگە ھېچنېمە پۇتلىكاشاڭ بولالمايدۇ
«قانۇنلىرىڭنى سۆيگەنلەر تىنچ-ئامانلىقتىن بەھرىمەن بولار، ھېچ نەرسىگە پۇتلىشىپ يىقىلماس ئۇلار».—زەبۇر 119:165.
32-ناخشا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرايلى!
بۇ ماقالىدە a
1، 2. بىر يازغۇچى نېمە دېگەن ۋە بۇ ماقالىدە نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
بۈگۈنكى كۈندە مىليونلىغان ئادەملەر ئەيساغا ئىشىنىمىز دەيدۇ، ئەمما ئۇلار ئەيسانىڭ تەلىملىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ (2-تىموت. 4:3، 4). ئىلگىرى بىر يازغۇچى مۇنداق دېگەن: «ئەگەر بۈگۈنكى كۈندە ئارىمىزدا ئەيساغا ئوخشاش بىرى بولۇپ، ئۇ ئۆتمۈشتە ئېيتقان سۆزلەرنى ئېيتسا . . . ، ئىككى مىڭ يىل ئىلگىرى ئۇنى رەت قىلغانلارغا ئوخشاش، بۈگۈن بىزمۇ ئۇنى رەت قىلاتتۇقمۇ؟ . . . جاۋابى: ئەلۋەتتە، رەت قىلاتتۇق».
2 بىرىنچى ئەسىردە، نۇرغۇن كىشىلەر ئەيسانىڭ تەلىملىرىنى ئاڭلىغان، مۆجىزىلىرىنى كۆرگەن بولسىمۇ، بىراق ئەيساغا ئىشىنىشنى رەت قىلغان. نېمە ئۈچۈن؟ ئالدىنقى ماقالىدە، ئەيسانىڭ سۆزلىرى، ئىشلىرى نېمە ئۈچۈن ئادەملەرگە پۇتلىكاشاڭ بولغانلىقىنىڭ تۆت سەۋەبىنى كۆرۈپ چىققان. ھازىر يەنە باشقا تۆت سەۋەبىنى كۆرۈمىز. بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەر نېمە ئۈچۈن ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى رەت قىلىدۇ ۋە بىز پۇتلىشىپ كېتىشتىن ئۆزىمىزنى قانداق ساقلىيالايمىز، دېگەنلەرنى كۆرۈپ چىقايلى.
(1) ئەيسا ھەممىسىگە تەڭ قارىغان
3. ئەيسانىڭ قايسى ئىشلىرى بەزىلەر ئۈچۈن پۇتلىكاشاڭ بولغان؟
3 ئەيسا يەر يۈزىدە ياشىغاندا ھەرتۈرلۈك ئادەملەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشنى تاللىغان. ئۇ بايلار ۋە ھوقۇقدارلار بىلەن ھەمدەستىخان بولغان، بىراق كۆپىنچە ۋاقتىنى كەمبەغەل ۋە ئېزىلگەنلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ئادەتتە گۇناھكار، دەپ قارالغان كىشىلەرگە ئىچ ئاغرىتقان. ئەيسانىڭ ئىشلىرى ئۆزىنى ھەققانىي دەپ سانايدىغان بەزىلەر ئۈچۈن پۇتلىكاشاڭ بولغان. ئۇلار ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىدىن مۇنداق دەپ سورىغان: «نېمە ئۈچۈن سىلەر باجگىرلار ۋە گۇناھكارلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ يەپ-ئىچىسىلەر؟». ئەيسا ئۇلارغا: «ساغلام ئادەملەر ئەمەس، بەلكى كېسەل ئادەملەر تىۋىپقا مۇھتاجدۇر. مەن ھەققانىيلارنى ئەمەس، بەلكى گۇناھكارلارنى توۋا قىلىشقا چاقىرغىلى كەلدىم»،— دېگەن.—لۇقا 5:29—32.
4. يەشايا پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرى بويىچە، يەھۇدىيلار مەسىھ ھەققىدە نېمىلەرنى كۈتۈشى كېرەك ئىدى؟
4 مۇقەددەس يازمىلار نېمە دەيدۇ؟ مەسىھ كېلىشتىن ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى، يەشايا پەيغەمبەر بۇ دۇنيانىڭ مەسىھ سۈپىتىدە كەلگۈچىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «ئۇ ئېتىبارسىز قارالدى، كىشىلەر تەرىپىدىن رەت قىلىندى، . . . كىشىلەر ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈدى. بىز ئۇنى ئادەم قاتارىدا كۆرمىدۇق» (يەشايا 53:3). «كىشىلەر» مەسىھنى رەت قىلىشى كېرەك ئىدى. شۇڭا، بىرىنچى ئەسىردە يەھۇدىيلار چوقۇم ئەيسانىڭ رەت قىلىنىشىنى كۈتكەن ئىدى.
5. بۈگۈنكى كۈندە، ئادەملەر ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە قانداق قارايدۇ؟
5 بۈگۈنكى كۈندە ئادەملەر ئوخشاش كۆزقاراشتىمۇ؟ شۇنداق. نۇرغۇن دىنىي يېتەكچىلەر ئۆز جامائەتلىرىگە بۇ دۇنيادىكى داڭلىق، باي ۋە ئەقىللىق سانالغان ئادەملەرنىڭ قوشۇلۇشىنى خالايدۇ. شۇ يېتەكچىلەر ھەتتا جامائەتكە يېڭىدىن قوشۇلغانلارنىڭ ئەخلاقىي ياكى ھايات تەرزى خۇدانىڭ قانۇنلىرىغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، يەنىلا رۇخسەت قىلىدۇ. ئۇلار يەنە يەھۋانىڭ قىزغىن، ئەدەپ-ئەخلاقلىق خىزمەتچىلىرىنى مۇھىم ئەمەس، دەپ قارايدۇ. سەۋەبى، ئۇلار بۇ دۇنيانىڭ ئۆلچەملىرى بويىچە ياشىمايدۇ. پاۋلۇس دېگەندەك، خۇدا ئەرزىمەس ياكى قەدىرسىز دەپ قارالغانلارنى تاللايدۇ (1-كورىنت. 1:26—29). ئەمما، يەھۋا ئۈچۈن بارلىق سادىق خىزمەتچىلىرى قەدىر-قىممەتلىكتۇر.
6. مەتتا 11:25، 26-ئايەتلەردە كۆرسىتىلگەندەك، ئەيسانىڭ كۆزقارىشىنى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟
6 بىز پۇتلىشىپ كېتىشتىن ئۆزۈمىزنى قانداق ساقلىيالايمىز؟ (مەتتا 11:25، 26-نى ئوقۇڭ). بۇ دۇنيانىڭ خۇدا خەلقىگە بولغان كۆزقارىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماڭ. يەھۋا پەقەت كەمتەر ئادەمنى ئۆز ئىرادىسىنى ئورۇنلاشقا ئىشلىتىدىغانلىقىنى قوبۇل قىلىڭ (زەبۇر 138:6). يەھۋانىڭ بۇ دۇنيادا ئەقىلسىز ياكى بىلىمسىز، دەپ قارالغانلارنى قوللىنىپ، قانچىلىك كۆپ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى ئويلاپ كۆرۈڭ.
(2) ئەيسا ساختا تەلىملەرنى ئاشكارە قىلغان
7. ئەيسا نېمە ئۈچۈن پەرىسىيلەرنى ساختىپەزلەر دەپ ئاتىغان ۋە ئۇلار قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟
7 ئەيسا ساختىپەزلىككە تولغان دىنىي قائىدە-يۇسۇنلارنى جاسارەت بىلەن ئەيىبلىگەن. مەسىلەن، ئۇ پەرىسىيلەرنىڭ ئاتا-ئانىلىرىغا غەمخورلۇق قىلىشقا قارىغاندا، قوللىرىنى قانداق يۇيۇشقا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى ئاشكارە قىلغان (مەتتا 15:1—11). شاگىرتلىرى ئەيسانىڭ سۆزلىرىگە ھەيران بولغان. شۇڭا، ئۇلار مۇنداق سورىغان: «پەرىسىيلەر ئېيتقان سۆزلىرىڭىزنى ئاڭلاپ ئاچچىقلانغانلىقىنى بىلدىڭمۇ؟». ئۇ ئۇلارغا: «ئاسماندىكى ئاتام تىكمىگەن ھەرقانداق ئۆسۈملۈك يىلتىزىدىن قومۇرۇلۇپ تاشلىنىدۇ. ئۇلارنى مەيلى قويۇۋېتىڭلار. ئۇلار قارىغۇ يولباشچىلاردۇر. ئەگەر قارىغۇ قارىغۇنى يېتەكلىسە، ھەر ئىككىلىسى ئورىغا چۈشۈپ كېتىدۇ»،— دەپ جاۋاب بەرگەن (مەتتا 15:12—14). دىنىي يېتەكچىلەر سەلبى ئىنكاس قايتۇرسىمۇ، ئەيسا ھەقىقەتنى سۆزلەشتىن چېكىنمىگەن.
8. ئەيسا خۇدانىڭ بارلىق دىنىي ئېتىقادلارنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى قانداق كۆرسەتكەن؟
8 ئەيسا يەنە ساختا دىنىي تەلىملەرنى ئاشكارە قىلغان. ئۇ بارلىق دىنىي ئېتىقادلارنى خۇدانىڭ قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتمىغان. ئەكسىنچە، ئۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھالاكەتكە يېتەكلەيدىغان كەڭ يولدا ماڭىدىغانلىقى، شۇنىڭدەك ئازغىنە كىشىلەرنىڭ ھاياتقا يېتەكلەيدىغان تار يولدا ماڭىدىغانلىقىنى سۆزلىگەن (مەتتا 7:13، 14). ئۇ بەزىلەرنىڭ خۇداغا خىزمەت قىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە خۇداغا خىزمەت قىلمايدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرستىپ: «ساختا پەيغەمبەرلەردىن ئېھتىيات قىلىڭلار. ئۇلار قوي تېرىسىگە ئورۇنۇۋېلىپ ئاراڭلارغا كىرىۋالىدۇ، ئەسلىدە ئۇلار تىرتقۇچ بۆرىلەردۇر. سىلەر ئۇلارنى مېۋىلىرىدىن تونۇۋالالايسىلەر»، — دەپ ئاگاھلاندۇرغانىدى.—مەتتا 7:15—20.
9. ئەيسا قانداق بەزى ساختا دىنىي تەلىماتلارنى ئاشكارە قىلغان؟
9 مۇقەددەس يازمىلار نېمە دەيدۇ؟ مەسىھنىڭ خۇدانىڭ ئۆيىگە بولغان قىزغىنلىقى ئوتتەك بولغان (زەبۇر 69:9؛ يۇھاننا 2:14—17). ئەيسانىڭ شۇ قىزغىنلىقى ساختا دىنىي ئېتىقادلارنى ۋە ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئاشكارە قىلىشقا دەۋەت قىلغان. مەسىلەن، پەرىسىيلەر جان ئۆلمەيدۇ، دەپ ئىشەنگەن. ئەيسا بولسا ئۆلگەنلەر ئۇخلايدۇ، دەپ تەلىم بەرگەن (يۇھاننا 11:11). سادۇقىيلار تىرىلىش بولمايدۇ دېگەن، ئەيسا بولسا دوستى لازارنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن (يۇھاننا 11:43، 44؛ ئەلچى. 23:8). پەرىسىيلەر ھەممە نەرسە تەغدىر-پېشانە ۋە خۇداغا باغلىق، دەپ قارىغان. ئەيسا بولسا ئىنسان خۇداغا خىزمەت قىلىش-قىلماسلىقنى ئۆزى تاللىيالايدۇ، دەپ تەلىم بەرگەن.—مەتتا 11:28.
10. نېمە ئۈچۈن نۇرغۇن كىشىلەر مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان تەلىملىرىمىزنى رەت قىلىدۇ؟
10 بۈگۈنكى كۈندە ئادەملەر ئوخشاش كۆزقاراشتىمۇ؟ شۇنداق. بىز مۇقەددەس كىتاب ئارقىلىق بەزى خاتا دىنىي كۆزقاراشلارنى ئاشكارىلىغاچ، نۇرغۇن كىشىلەر بىزنى رەت قىلىدۇ. دىنىي يېتەكچىلەر ئۆز پادىلىرىغا رەزىللەرنى خۇدا دوزاختا جازالايدۇ، دەپ ئۆگىتىدۇ. ئۇلار ئادەملەرنى ئۆز ئالىقىنىدا ساقلاش ئۈچۈن ساختا تەلىملەرنى ئۆگىتىدۇ. مېھىر-مۇھەببەتلىك خۇداغا ئىبادەت قىلغۇچىلار سۈپىتىدە، شۇنداق ساختا تەلىمنى ئاشكارە قىلىمىز. دىنىي يېتەكچىلەر جان ئۆلمەيدۇ، دەپ تەلىم بېرىدۇ. ئەگەر شۇ تەلىم توغرا بولسا، ھېچكىم تىرىلدۈرۈلۈشكە مۇھتاج بولمايتتى. شۇڭا، ئاشۇ تەلىمنىڭ مۇقەددەس يازمىلاردا يوقلىقىنى ئىسپاتلايمىز. نۇرغۇن دىنلاردا تەغدىر-پېشانە ئالدىن-ئالا بەلگىلەنگەن، دەپ قارايدۇ. ئەكسىنچە، بىز تاللاش ئەركىنلىكىمىز بار ۋە خۇداغا خىزمەت قىلىشنى ئۆزۈمىز تاللىيالايمىز، دەپ ئۆگىتىمىز. بىز دىنىي يېتەكچىلەرنىڭ ساختا تەلىملىرىنى ئاشكارىلىساق، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا، ئۇلار غەزەپلىنىدۇ.
11. يۇھاننا 8:45—47-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، خۇدا ئۆز خەلقىدىن نېمىنى تەلەپ قىلىدۇ؟
11 بىز پۇتلىشىپ كېتىشتىن ئۆزۈمىزنى قانداق ساقلىيالايمىز؟ بىز ھەقىقەتنى سۆيسەك، ئۇنداقتا چوقۇم خۇدانىڭ سۆزىگە ئىشىنىشىمىز ۋە بويسۇنۇشىمىز كېرەك (يۇھاننا 8:45—47-نى ئوقۇڭ). بىز شەيتانغا ئوخشاش، ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرۈمەيمىز. ئېتىقادىمىزغا ماس كەلمەيدىغان ئىشلارنى ھەرگىزمۇ قىلمايمىز (يۇھاننا 8:44). خۇدا ئۆز خەلقىدىن رەزىللىكتىن نەپرەتلىنىپ، ياخشىلىقنى تۇتۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەيسامۇ دەل شۇنداق قىلغان.—رىملىقلار 12:9؛ ئىبرانىي. 1:9.
(3) ئەيسا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان
12. ئەيسانىڭ تۈۋرۈكتە ئۆلتۈرۈلگىنى نېمە ئۈچۈن كۆپلىگەن يەھۇدىيلارغا پۇتلىكاشاڭ بولغان؟
12 ئەيسانىڭ زامانىدىكى يەھۇدىيلارغا يەنە نېمە پۇتلىكاشاڭ بولغان؟ پاۋلۇس: «بىز تۈۋرۈككە مىخلانغان مەسىھ توغرۇلۇق ۋەز قىلىمىز. بۇ يەھۇدىيلار ئۈچۈن پۇتلىكاشاڭ تاش»،— دېگەن (1-كورىنت. 1:23). ئەيسانىڭ تۈۋرۈك ياغاچتا ئۆلگىنى نېمە ئۈچۈن كۆپلىگەن يەھۇدىيلارغا پۇتلىكاشاڭ تاش بولغان؟ ئۇنىڭ شۇنداق ئۆلۈشى، ئۇلار ئۈچۈن بۇ مەسىھ ئەمەس، بەلكى بىر جىنايەتچى ۋە گۇناھكار كەبى كۆرۈنگەن.—تەكرار .قا 21:22، 23.
13. ئاشۇ پۇتلىشىپ كەتكەنلەر نېمە ئۈچۈن ئەيساغا ئىشەنمىگەن؟
13 ئەيسانىڭ ئۆلۈمى سەۋەبلىك پۇتلىشىپ كەتكەن ئاشۇ يەھۇدىيلار، ئۇنىڭ بىگۇناھ، يالغان ئەيىبلەنگەنلىكى ۋە ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقىغا ئىشەنمىگەن. ئەيسانى سوتلىغانلار ئادالەت بىلەن ھۆكۈم قىلمىغان. يەھۇدىيلارنىڭ ئالىي سوتى تېزلا بىر يەرگە كېلىپ، ئەيسانى سوتلىغان. ئەمما، ئۇلارنىڭ شۇنداق سوت ئېچىشى قانۇنغا زىت بولغان (لۇقا 22:54؛ يۇھاننا 18:24). سوتچىلار ئەيساغا قارشى ئەيىبلەش ۋە گۇۋاھلىقلارنى ئادىللىق بىلەن تىڭشاشنىڭ ئورنىغا، ئۇنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن يالغان ئىسپاتلارنى ئىزدىگەن. بۇ ئۈنۈم بەرمىگەندە، باش روھانىي ئەيسانى سۆزىدىن تۇتۇۋېلىپ، گۇناھكار دەپ ئەيىبلىمەكچى بولغان. بۇ پۈتۈنلەي قانۇنغا خىلاپ ئىدى (مەتتا 26:59؛ ماركۇس 14:55—64). ئەيسا تىرىلگەندىن كېيىن، قەبرىنىڭ قۇرۇق قالغانلىقىنى چۈشەندۈرىدىغان يالغان گەپ-سۆزلەرنى تارقىتىش ئۈچۈن، ئادالەتسىز سوتچىلار قەبرىنى قوغدىغان رىم ئەسكەرلەرگە پۇل بەرگەن.—مەتتا 28:11—15.
14. مەسىھنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردا ئالدىن-ئالا نېمىلەر ئېيتىلغان؟
14 مۇقەددەس يازمىلار نېمە دەيدۇ؟ گەرچە ئەيسانىڭ زامانىدا نۇرغۇن يەھۇدىيلار چوقۇم مەسىھنىڭ ئۆلۈشىنى كۈتمىگەن بولسىمۇ، مۇقەددەس يازمىلاردا شۇ ھەققىدە قانداق بېشارەت قىلىنغانلىقىغا دىققەت قىلايلى: «ئۇ ھەتتا جېنىنى پىدا قىلدى، جىنايەتچىلەر قاتارىدا سانالدى؛ ئۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۇناھىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، جىنايەتچىلەر ئۈچۈن ئارىغا چۈشتى» (يەشايا 53:12). دېمەك، ئەيسا گۇناھكار سۈپىتىدە ئۆلتۈرۈلگەندە، بۇ يەھۇدىيلارغا پۇتلىكاشاڭ بولماسلىقى كېرەك ئىدى.
15. يەھۋا گۇۋاھچىلىرىغا قارشى قانداق ئەيىبلەشلەر بەزىلەرگە پۇتلىكاشاڭ بولغان؟
15 بۈگۈنكى كۈندە ئادەملەر ئوخشاش كۆزقاراشتىمۇ؟ شۇنداق. ئەيسا ئادالەتسىزلىك بىلەن سوتلانغان ۋە ھۆكۈم قىلىنغان. يەھۋا گۇۋاھچىلىرىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئادالەتسىزلىككە ئۇچراپ كېلىۋاتىدۇ. بەزى مىساللارنى كۆرۈپ باقايلى. ئامېرىكىدا 1930—1950-يىللارغىچە، بىز خۇداغا ئىبادەت قىلىش ئەركىنلىكىمىزنى قوغداش ئۈچۈن كۆپ قېتىم سوتلارغا باردۇق. بەزى سوتچىلار بىزنى ئاشكارا كەمسىتىپ قارشى چىققان. كانادانىڭ كۋېبېك ئۆلكىسىدە چېركاۋ ۋە ھۆكۈمەت بىرلىشىپ، بىزگە قارشى چىققان. نۇرغۇن ۋەز ئېيتقۇچىلار ئۆز قوشنىلىرىغا خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدە خۇش خەۋەرنى ئېيتقاچقا، تۈرمىگە تاشلانغان. گېرمانىيىدىكى ناتسىست ھۆكۈمەت نۇرغۇن ساداقەتمەن ياش بۇرادەرلىرىمىزنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. يېقىنقى يىللاردا، روسىيىدە نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز مۇقەددەس كىتاب توغرىسىدا سۆزلىگىنى ئۈچۈن ئەيىبلىنىپ، تۈرمىگە تاشلاندى. چۈنكى، ھۆكۈمەت ۋەز خىزمىتىنى ئاشقۇن پائالىيەت، دەپ كۆرسەتكەن. ھەتتا، رۇس تىلىدىكى مۇقەددەس كىتابنىڭ يېڭى دۇنيا تەرجىمىسىنى مەنئىي قىلدى، چۈنكى ئۇنىڭدا يەھۋا دېگەن ئىسىم قوللىنىلغاچ، ئاشقۇنلۇقنى تەشۋىق قىلىدىغان ماتېرىيال دەپ قارىغان.
16. 1-يۇھاننا 4:1-ئايەتتە تەكىتلەنگەندەك، يەھۋانىڭ خەلقى ھەققىدە ئېيتىلغان يالغانچىلىقلارغا نېمە ئۈچۈن ئالدانماسلىقىمىز كېرەك؟
16 بىز پۇتلىشىپ كېتىشتىن ئۆزۈمىزنى قانداق ساقلىيالايمىز؟ دەلىل-ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش كېرەك. ئەيسا تاغدىكى نۇتۇقىدا تىڭشىغۇچىلىرىنى، بەزىلەر سىلەرگە قارشى يالغان سۆزلەرنى ئېيتىپ زىيانكەشلىك قىلىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرغان (مەتتا 5:11). شۇ يالغانچىلىقلارنىڭ مەنبەسى شەيتان. ئۇ ھەقىقەتنى سۆيگەنلەرگە زىيانكەشلىك قىلىش ئۈچۈن، قارشىلاشقۇچىلارنى ئىشلىتىپ قىپقىزىل يالغانلارنى تارقىتىدۇ (ۋەھىي. 12:9، 10). شۇڭا، بىز شۇنداق يالغانچىلىقلارنى رەت قىلىشىمىز ۋە ئۇلارنىڭ بىزنى قورقۇتۇپ، ئىمان-ئېتىقادىمىزنى ئاجىزلاشتۇرۇشىغا قەتئىي يول بەرمەسلىكىمىز كېرەك.—1-يۇھاننا 4:1-نى ئوقۇڭ.
(4) ئەيساغا خائىنلىق قىلغان ۋە ئۇنى تاشلاپ كەتكەن
17. ئەيسانىڭ ئۆلۈمى ئالدىدا يۈز بەرگەن قايسى ئىشلار بەزىلەر ئۈچۈن پۇتلىكاشاڭ بولغان؟
17 ئەيسانىڭ ئۆلۈمدىن ئازراق ئاۋۋال، 12 ئەلچىسىدىن بىرى ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلغان. شۇ كېچىسى يەنە بىر ئەلچىسى ئۈچ قېتىم ئەيسادىن تانغان ۋە باشقىلىرى ئۇنى تاشلاپ كېتىپ قالغان (مەتتا 26:14—16، 47، 56، 75). ئەيسا بۇنىڭغا ھەيران قالمىغان. ئۇ ھەتتا شۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشنى ئالدىن-ئالا ئېيتقان (يۇھاننا 6:64؛ 13:21، 26، 38؛ 16:32). بەزىلەر بۇنى كۆرگەندە پۇتلىشىپ يىقىلغان. سەۋەبى، ئۇلار بەلكىم ئۆز-ئۆزىگە مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى شۇنداق قىلغان بولسا، مەن شۇلارغا قوشۇلۇشنى خالىمايمەن».
18. ئەيسانىڭ ئۆلۈمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر قايسى بېشارەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرغان؟
18 مۇقەددەس يازمىلار نېمە دەيدۇ؟ كۆپ ئەسىرلەر ئىلگىرى، يەھۋا ئۆز سۆزىدە مەسىھنىڭ ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگىگە سېتىۋېتىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن (زەكەرىيا 11:12، 13). ئەيسانى سېتىۋەتكۈچى يېقىن دوستلىرى ئارىسىدىن بىرى بولۇشى كېرەك ئىدى (زەبۇر 41:9). زەكەرىيا پەيغەمبەرمۇ شۇنداق يازغان: «پادىچىنى ئۇرغىن، قويلار پاتىپاراق بولۇپ چېچىلىپ كەتسۇن» (زەكەرىيا 13:7). شۇ ۋەقەلەر سەۋەبلىك پۇتلىشىپ يىقىلىشنىڭ ئورنىغا، سەمىمىي كىشىلەر بېشارەتلەرنىڭ ئەيسا مەسىھتە ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى كۆرۈپ ئىمان-ئېتىقادى كۈچىيىشى كېرەك ئىدى.
19. سەمىمىي ئادەملەر نېمىنى بىلىدۇ؟
19 بۈگۈنكى كۈندە ئادەملەر ئوخشاش كۆزقاراشتىمۇ؟ شۇنداق. بەزى ھەقىقەتتىن چەتنەپ كەتكەن، ھەممىگە تونۇشلۇق گۇۋاھچىلار ھەقىقەتكە دۈشمەنلىك قىلىپ، باشقىلارنىمۇ ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرۈتۈشكە ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. ئىنتېرنېت ياكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق، ئۇلار يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ھەققىدە يېرىم يالغان ياكى قىپقىزىل يالغاننى ۋە سەلبىي گەپ-سۆزلەرنى تارقىتىپ يۈرىدۇ. ئەمما، سەمىمىي ئادەملەر يالغانچىلىقلارغا ئالدانمايدۇ. ئەكسىنچە، ئۇلار شۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقى مۇقەددەس كىتابتا بېشارەت قىلىنغانلىقىنى بىلىدۇ.—مەتتا 24:24؛ 2-پېتر. 2:18—22.
20. ھەقىقەتنى تاشلاپ كەتكەنلەر سەۋەبلىك پۇتلىشىپ كەتمەسلىكىمىزگە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟ (2-تىموتىي 4:4، 5)
20 بىز پۇتلىشىپ كېتىشتىن ئۆزۈمىزنى قانداق ساقلىيالايمىز؟ داۋاملىق تەتقىق قىلىش، ھەمىشە دۇئا قىلىش ۋە يەھۋاغا تاپشۇرغان خىزمەت بىلەن ئالدىراش بولۇش ئارقىلىق ئىمان-ئېتىقادىمىزنى كۈچلۈك ساقلىشىمىز كېرەك (2-تىموتىي 4:4، 5-نى ئوقۇڭ). ئەگەر ئىمان ئېتىقادىمىز كۈچلۈك بولسا، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ھەققىدىكى سەلبىي خەۋەرلەرنى ئاڭلىغاندا، ھودۇقۇپ كەتمەيمىز (يەشايا 28:16). ھەقىقەتنى تاشلاپ كەتكەنلەر سەۋەبلىك پۇتلىشىپ كەتمەسلىكىمىزگە يەھۋاغا، ئۇنىڭ سۆزىگە ۋە ئېتىقادداشلىرىمىزغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەت ياردەم بېرىدۇ.
21. بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن ئادەملەر بىز يەتكۈزگەن خەۋەرنى رەت قىلسىمۇ، نېمىگە ئىشەنچ قىلالايمىز؟
21 بىرىنچى ئەسىردە، نۇرغۇن كىشىلەر ئەيسانى رەت قىلغان. ئەمما، ئۇنى قوبۇل قىلغانلارمۇ كۆپ بولغان. شۇلارنىڭ ئارىسىدا يەھۇدىيلارنىڭ ئالىي كېڭىشىنىڭ بىر ئەزاسى ۋە كۆپلىگەن روھانىيلارمۇ بار ئىدى (ئەلچى. 6:7؛ مەتتا 27:57—60؛ ماركۇس 15:43). شۇنىڭغا ئوخشاش، مىليونلىغان كىشىلەر بۈگۈنكى كۈندىمۇ پۇتلىشىپ كەتمىگەن. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئۇلار مۇقەددەس يازمىلاردىن ھەقىقەتنى تاپقان ۋە ئۇلارنى سۆيىدۇ. خۇدانىڭ سۆزى: «قانۇنلىرىڭنى سۆيگەنلەر تىنچ-ئامانلىقتىن بەھرىمەن بولار، ھېچ نەرسىگە پۇتلىشىپ يىقىلماس ئۇلار»،— دەيدۇ.—زەبۇر 119:165.
18-ناخشا خۇدانىڭ چىن مۇھەببىتى
a ئالدىنقى ماقالىدە، بىرىنچى ئەسىردە ئادەملەر ئەيسانى نېمە ئۈچۈن رەت قىلغان ۋە بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى رەت قىلىۋاتقانلىقىنىڭ تۆت سەۋەبىنى كۆرۈپ چىقتۇق. ھازىر پۇتلىكاشاڭ بولىدىغان باشقا تۆت نەرسىنى كۆرۈپ چىقىمىز. بىز يەنە نېمە ئۈچۈن يەھۋانى سۆيىدىغان سەمىمىي كىشىلەر ئۆزلىرىگە ھېچنېمىنىڭ پۇتلىكاشاڭ بولۇشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى كۆرۈمىز.