20-تەتقىق ماقالىسى
ۋەز خىزمەتتە ئىجابىي كۆزقاراشنى ساقلاڭ
«ئۇرۇقلۇرۇڭنى سەھەر تۇرۇپ چاچقىن، كەچ كىرگىچە قولۇڭ تىنىم تاپمىسۇن».—ۋەز 11:6.
44-ناخشا خۇشاللىق بىلەن ھوسۇل يىغىش
بۇ ماقالىدە a
ئەيسا ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ شاگىرتلىرى يېرۇسالىمدا ۋە باشقا جايلاردا قىزغىن ۋەز قىلغان (1-ئابزاسىغا قاراڭ)
1. ئەيسا ئۆز شاگىرتلىرىغا قانداق ئۈلگە قالدۇرغان ۋە ئۇلار قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟ (مۇقاۋىدىكى رەسىمگە قاراڭ)
ئەيسا ۋەز خىزمىتىدە قىزغىنلىقنى ساقلىغان. ئۇ ئۆز شاگىرتلىرىنىڭمۇ ۋەز خىزمەتتە شۇنداق قىزغىنلىقنى ساقلىشىنى خالىغان (يۇھاننا 4:35، 36). ئۇ شاگىرتلىرى بىلەن بولغاندا، شاگىرتلار ۋەز خىزمەتتە قىزغىن بولغان (لۇقا 10:1، 5—11، 17). بىراق، ئۇ قولغا ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەندە، شاگىرتلىرى ۋەز خىزمەتكە بولغان قىزغىنلىقىنى ۋاقتىنچە يوقاتقان (يۇھاننا 16:32). ئەيسا ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلگەندىن كېيىن، شاگىرتلىرىنى پۈتۈن دىققىتىنى ۋەز خىزمەتكە قارىتىشقا ئۈندىگەن. ئۇ ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن، شاگىرتلىرى ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن ۋەز قىلغان. شۇڭا، دۈشمەنلىرى ئۇلارنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېگەن: «مانا سىلەر شۇ تەلىمىڭلارنى پۈتكۈل يېرۇسالىمغا يايدىڭلار».—ئەلچى. 5:28.
2. يەھۋا ۋەز خىزمىتىنى قانداق بەرىكەتلىگەن؟
2 بىرىنچى ئەسىردە، ئەيسا ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ خۇش خەۋەرنى تارقىتىشىغا يېتەكچىلىك قىلغان. يەھۋا ئۇلارنى بەرىكەتلەپ، خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلغانلارنىڭ سانى كۆپەيگەن. مەسىلەن، مىلادى 33-يىلى ئەللىكىنچى كۈن بايرىمىدا، ئۈچ مىڭچە كىشى چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن (ئەلچى. 2:41). كېيىن، ئېتىقادچىلارنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپەيگەن (ئەلچى. 6:7). ئۇنىڭدىن باشقا، ئەيسا ئاخىرقى كۈنلەردە تېخىمۇ كۆپ ئادەملەرنىڭ خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئالدىن-ئالا ئېيتقان.—يۇھاننا 14:12؛ ئەلچى. 1:8.
3، 4. بەزىلەر نېمە ئۈچۈن ۋەز قىلىشتا قىينىلىدۇ ۋە بىز بۇ ماقالىدە نېمىنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
3 ھەممىمىز دېگۈدەك ۋەز خىزمەتتە ئىجابىي كۆزقاراشنى ساقلاشقا تىرىشىمىز. بەزى دۆلەتلەردە مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىشنى خالايدىغانلار بەك كۆپ، ئۇلار بىلەن ئۆگىنىشنى باشلايدىغان گۇۋاھچىلار يېتىشمەيدۇ، شۇڭا ئۇلار كۈتۈپ تۇرۇشى ئۈچۈن تىزىملاپ قويۇش كېرەك. ئەمما، باشقا مەملىكەتلەردە بولسا ۋەز قىلىش ئاسان ئەمەس، چۈنكى ئادەملەر كۆپىنچە ۋاقىتتا ئۆيىدە بولمايدۇ ياكى ئۆيىدە بولغانلارمۇ مۇقەددەس كىتابقا بەك ئاز قىزىقىش كۆرسىتىدۇ.
4 ئەگەر ۋەز قىلىش قىيىن بىر رايوندا ياشىسىڭىز، بۇ ماقالىدىكى مەسلىھەتلەر سىزگە ياردەم بېرەلىشى مۇمكىن. بەزىلەرنىڭ ۋەز خىزمىتىدە كۆپرەك ئادەملەر بىلەن قانداق ئۇچراشقانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، ئېيتقان خەۋەرلىرىمىزگە كىشىلەرنىڭ قۇلاق سېلىش-سالماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، نېمە ئۈچۈن ئىجابىي كۆزقاراشنى ساقلاپ قالالايدىغانلىقىمىزنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
ئادەملەرنى تېپىش قىيىن بولسىمۇ، ئىجابىي كۆزقاراشنى ساقلاڭ
5. كۆپلىگەن گۇۋاھچىلار قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ؟
5 نۇرغۇن گۇۋاھچىلار ئۈچۈن ئادەملەرنى ئۆيىدە تېپىپ، ئۇلار بىلەن سۆھبەتلىشىش بارغانسېرى قىيىن بولماقتا. بەزى ۋەز ئېيتقۇچىلار بىخەتەرلىكى ئالاھىدە قوغدىلىدىغان بىنالار ياكى قورشالغان مەھەللىلەر كۆپ رايوندا ياشايدۇ. شۇنداق جايدا ياشايدىغانلاردىن بىرى رۇخسەت قىلماي ياكى بىخەتەرلىك ساقلىغۇچى تەكشۈرمەي تۇرۇپ، كىشىلەر ئۇ يەرگە كىرەلمەيدۇ. يەنە بەزىلەر يېزا-قىشلاقلاردا ياكى ئادەملەر ئاز ئولتۇراقلاشقان يىراق جايلاردا ۋەز قىلىدۇ. يەنە باشقا ۋەز ئېيتقۇچىلار ھېچقانداق توسالغۇسىز ئۆيمۇ-ئۆي بارالايدۇ، ئەمما ناھايىتى ئاز كىشىلەرنى ئۆيلىرىدىن تاپىدۇ. بەلكىم، ۋەز ئېيتقۇچىلار يىراق جايلارغا بېرىپ، ۋەز ئېيتىشقا تىرىشىدۇ، ئەمما ئادەملەر ئۆيىدە يوق بولىدۇ. بىز شۇنىڭدەك قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلسەكمۇ، چوقۇم بەل قويۇۋەتمەسلىكىمىز كېرەك. شۇنداق توسالغۇلارنى يېڭىپ، ۋەز خىزمىتىمىزدە كۆپرەك ئادەملەرگە يولۇقۇش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟
6. ۋەز ئېيتقۇچىلار قايسى جەھەتتىن بېلىقچىلارغا ئوخشايدۇ؟
6 ئەيسا ۋەز خىزمىتىنى بېلىقچىلىق ئىشى بىلەن سېلىشتۇرغان (ماركۇس 1:17). بەزى بېلىقچىلار بىر نەچچە كۈن خىزمەت قىلىپمۇ، بىر تال بېلىق تۇتالمايدۇ. ئەمما، ئۇلار ھەرگىزمۇ بەل قويۇۋەتمەيدۇ. ئەكسىچە، ئۇلار ئەھۋالغا قاراپ، بېلىق تۇتىدىغان ۋاقىت، ئورۇن ياكى ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىدۇ. ۋەز خىزمەتتە بىزمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بەزى ئۆزگەرتىشلەرنى قىلالايمىز. تۆۋەندىكى مەسلىھەتلەرنى كۆرۈپ باقايلى.
ئادەملەر كەمدىن-كەم ئۆيىدە بولىدىغان رايونلاردا ۋەز قىلغاندا، ئوخشىمىغان ۋاقىتلاردا، جايلاردا ياكى ئۇسۇللاردا ئۇلارنى تېپىشقا تىرىشىڭ (7—10-ئابزاسلارغا قاراڭ) c
7. بىز ئوخشىمىغان ۋاقىتلاردا ۋەز قىلساق، قانداق نەتىجىسى بولۇشى مۇمكىن؟
7 ئوخشىمىغان ۋاقىتتا ئادەملەرنى تېپىشقا تىرىشىڭ. بىز ئادەملەر ئۆيىدە بولىدىغان ۋاقىتتا ۋەز قىلساق، كۆپرەك ئادەملەرگە يولۇقالايمىز. قاچانلا بولمىسۇن، ئاخىرى ئۇلار ئۆيىگە قايتىدۇ. نۇرغۇن قېرىنداشلار چۈشتىن كېيىن ياكى كەچنىڭ ۋەز قىلىشقا قولاي ۋاقىت ئىكەنلىكىنى بايقىغان. سەۋەبى، شۇ ۋاقىتتا كۆپرەك ئادەملەر بىلەن ئۇچرىشالىغان. ئۇنىڭدىن باشقا، كىشىلەرنىڭ شۇنداق ۋاقىتلاردا قولى بوش بولۇپ سۆھبەتلىشىشى مۇمكىن. بەلكىم، دېيۋىد ئىسىملىك بىر ئاقساقالنىڭ مەسلىھىتى سىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ. ئۇ بىر رايوندا شېرىكى بىلەن ۋەز قىلىپ بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، بىرىنچى قېتىم بارغاندا ئادەم بولمىغان ئۆيلەرگە قايتا بارغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئىككىنچى قېتىم ئىشىكنى چەككىنىمىزدە، شۇنچە كۆپ ئۆيلەردە ئادەملەرنىڭ بولغىنىغا بەكمۇ ھەيران قالدىم» b.
ئادەملەر كەمدىن-كەم ئۆيىدە بولىدىغان رايونلاردا ۋەز قىلغاندا، ئوخشىمىغان ۋاقىتلاردا ئۇلارنى تېپىشقا تىرىشىڭ (7، 8-ئابزاسقا قاراڭ)
8. ۋەز خىزمىتىمىزدە، ۋەز 11:6-ئايەتنى قانداق قوللىنالايمىز؟
8 مۇشۇ ماقالىنىڭ ئاساسىي ئايىتى قانداق كۆزقاراشنى ساقلاشنى ئېسىمىزگە سالىدۇ. ھەرگىزمۇ بوشىشىپ قالماسلىقىمىز كېرەك (ۋەز 11:6-نى ئوقۇڭ). يۇقىرىدا تىلغا ئالغان دېيۋىد بەل قويۇۋەتمىگەن ئىدى. ئۇ بىر قانچە قېتىم ئۇرۇنۇپ كۆرگەن ۋە نەتىجىسىز قالغاندىن كېيىن، ئاخىرى بىر ئۆي ئىگىسى ئۇچراشقان. ئۆي ئىگىسى مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىشقا قىزىققان ۋە شۇنداق دېگەن: «مەن بۇ يەردە ياشاۋاتقىلى سەككىز يىلچە بولدى. ھېچقاچان بىرەر يەھۋا گۇۋاھچىسى ئىشىكىمنى چەكمىگەن». دېيۋىد: «مەن شۇنى بايقىدىمكى، سىز ئاخىرى بىرسىنى ئۆيىدە تاپقىنىڭىزدا، ئۇلار دائىم بىز يەتكۈزگەن خەۋەرگە قىزىقىش كۆرسىتىدۇ»،— دەيدۇ.
ئادەملەر كەمدىن-كەم ئۆيىدە بولىدىغان رايونلاردا ۋەز قىلغاندا، ئوخشىمىغان جايلاردا ئۇلارنى تېپىشقا تىرىشىڭ (9-ئابزاسقا قاراڭ)
9. كۆرۈشۈش قىيىن ئادەملەرنى تېپىش ئۈچۈن بەزى گۇۋاھچىلار نېمە ئىش قىلغان؟
9 ئوخشىمىغان جايلاردا ئادەملەرنى تېپىشقا تىرىشىڭ. ئادەملەرنى ئۆيىدىن تېپىش قىيىن بولغاندا، بەزى ۋەز ئېيتقۇچىلار ئادەملەرنى تېپىش ئۈچۈن ئوخشىمىغان جايدا ۋەز قىلغان. مەسىلەن، ئۆيمۇ-ئۆي ۋەز قىلىش رۇخسەت قىلىنمايدىغان چوڭ ئائىلە ئولتۇراق بىنالىرىدا ئادەملەر بىلەن كۆرۈشۈش مۇمكىن بولمىغاچ، كوچىلاردا ياكى ماتېرىيال ھارۋىلىرى بىلەن ۋەز قىلىش ئۈنۈملۈك ئۇسۇل. بۇ ئۆيىدىن تېپىش قىيىن كىشىلەر بىلەن يۈزمۈ-يۈز كۆرۈشۈشكە ياخشى بىر پۇرسەت يارىتىدۇ. ۋەز ئېيتقۇچىلار شۇنداق كىشىلەرنىڭ ئاممىۋىي باغچىلاردا، بازارلاردا، ياكى سودا-سېتىق رايونلىرىدا ماتېرىياللىرىمىزنى قوبۇل قىلىپ، سۆھبەتلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بايقىغان. فىلوران ئىسىملىك بولىۋىيىدىكى بىر رايونغا مەسئۇل ئاقساقال مۇنداق دەيدۇ: «بىز بازار ۋە سودا-سېتىق قىلىدىغان جايلارغا سائەت 00:13تىن 00:15كىچە بولغان ۋاقىتتا بارغىنىمىزدا، سودىگەرلەر ئانچە ئالدىراش ئەمەس بولاتتى. بىز كۆپىنچە ۋاقىتتا ياخشى سۆھبەتلىشەتتۇق، ھەتتا مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشلىرىنى باشلىيالىدۇق».
ئادەملەر كەمدىن-كەم ئۆيىدە بولىدىغان رايونلاردا ۋەز قىلغاندا، ئوخشىمىغان ئۇسۇللاردا ئۇلارنى تېپىشقا تىرىشىڭ (10-ئابزاسقا قاراڭ)
10. ئادەملەرگە ۋەز قىلىش ئۈچۈن يەنە قانداق ئۇسۇللارنى قوللىنالايسىز؟
10 ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا ۋەز قىلىشقا تىرىشىڭ. سىز قايتا-قايتا بىر كىشى بىلەن كۆرۈشۈشكە ھەرىكەت قىلدىڭىز. قايتا يولۇقۇشقا ئوخشىمىغان ۋاقىتلاردا بارغان بولسىڭىزمۇ، بىراق ئۇنى ئۆيىدە تاپالمىدىڭىز. شۇ كىشى بىلەن كۆرۈشنىڭ باشقا ئۇسۇللىرى بارمۇ؟ كاترىنا مۇنداق دەيدۇ: «مەن دېمەكچى بولغان سۆزلىرىمنى يېزىپ، كىشىگە خەت قالدۇرۇپ قويىمەن». ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ ۋەز خىزمەتتە ئۆز رايونىڭىزدىكى ھەر بىر ئادەمگە يولۇقۇش ئۈچۈن، ھەر تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن تىرىشىپ كۆرۈڭ.
كىشىلەر قىزىقىش كۆرسەتمىسىمۇ، ئىجابىي كۆزقاراشنى ساقلاڭ
11. نېمە ئۈچۈن بەزى ئادەملەر بىز يەتكۈزگەن خەۋەرگە ئوخشىمىغان ئىنكاسنى قايتۇرىدۇ؟
11 بەزى ئادەملەر بىز يەتكۈزگەن خەۋەرگە ئوخشىمىغان ئىنكاسنى قايتۇرىدۇ. ئۇلار، خۇداغا ياكى مۇقەددەس كىتابقا ئېھتىياجىم يوق، دەيدۇ. ئۇلار بۇ دۇنيانىڭ شۇنچە كۆپ ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە تولغانلىقىنى كۆرگەچ، خۇداغا ئىشەنمەيدۇ. دىنىي يېتەكچىلەر مۇقەددەس يازمىلارغا ماس ھايات كەچۈرىمىز، دەپ قويۇپ، ساختىپەزلىك قىلىۋاتقاچقا، بۇنى كۆرگەنلەرنى مۇقەددەس كىتابنى رەت قىلىدۇ. يەنە كۆپلىگەن كىشىلەر خىزمىتى، ئائىلىسى ۋە قىيىنچىلىقلىرى بىلەن ئالدىراش بولغاچ، مۇقەددەس كىتابنىڭ ئۆزلىرىگە ياردەم بېرەلەيدىغانلىقى ھەققىدە ئويلانمايدۇ. ئادەملەر بىز يەتكۈزۈۋاتقان خەۋەرنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتمىگەن بولسىمۇ، خۇشاللىقىمىزنى قانداق ساقلالايمىز؟
12. فىلىپىلىكلەر 2:4-ئايەتتىكى سۆزلەر، ۋەز خىزمەتتە بىزگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
12 باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىڭىزنى كۆرسىتىڭ. دەسلەپتە پەرۋا قىلمىغان ئادەملەر كېيىنچە ۋەز ئېيتقۇچىنىڭ ئۇلارغا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغاندا، خۇش خەۋەرگە قۇلاق سالغان (فىلىپىلىكلەر 2:4-نى ئوقۇڭ). مەسىلەن، يۇقىرىدا تىلغا ئالغان دېيۋىد مۇنداق دېگەن: «ئەگەر بىرسى «مەن قىزىقمايمەن»، دېسە، مۇقەددەس كىتاب ۋە كىتاب-ژۇرناللارنى سومكامغا سېلىۋېتىپ: «نېمە ئۈچۈن قىزىقمايدىغانلىقىڭىزنى بىلىپ باقسام بولامدۇ؟»— دەپ سورايمەن». ئادەملەر باشقىلارنىڭ ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ. بەلكىم، نېمە دېگىنىمىزنى ئۇلار ئۇنتۇپ قالسىمۇ، ئەمما بىز قالدۇرغان تەسىرات ئۇلارنىڭ ئېسىدە قالىدۇ. ھەتتا ئۆي ئېگىسى سۆز قىلىشىمىزغا پۇرسەت بەرمىسە، بىز چىراي-ئىپادە ۋە مۇئامىلىمىز ئارقىلىق ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىمىزنى كۆرسىتەلەيمىز.
13. بىز ئۆي ئېگىلىرىنىڭ ئېھتىياجلىرىغا ماس قانداق ماۋزۇلارنى قوللانساق بولىدۇ؟
13 بىز ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئېھتىياجى ۋە قىزىقىشلىرىغا ماس ماۋزۇلاردا سۆھبەتلەشسەك، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىمىزنى كۆرسىتىمىز. مەسىلەن، شۇ ئۆيدە بالىلارنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدىغان قانداق نەرسىلەرنى كۆردۇق؟ ئاتا-ئانىلار بەلكىم بالىلارنى چوڭ قىلىش ياكى بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش ھەققىدە مۇقەددەس كىتابتىكى ئەمەلىي مەسلىھەتلەرگە قىزىقىش كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئۇلارنىڭ ئىشىكىدە بىرقانچە قۇلۇپنىڭ تۇرغانلىقىنى بايقىدۇقمۇ؟ بىز دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان جىنايەتلەر ۋە قورقۇنچلۇق ئىشلار ھەققىدە گەپ باشلىساق، ئۆي ئىگىسى شۇ جىنايەتلەرنىڭ مەڭگۈگە يوق قىلىنىدىغانلىقىنى بىلگەندە، خۇشال بولۇشى مۇمكىن. مەيلى ۋەزىيەت قانداق بولسۇن، سۆزىمىزگە قۇلاق سالغانلارنىڭ مۇقەددەس كىتابتىكى مەسلىھەتلەرنىڭ ئۇلارغا ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىشىگە ياردەم بېرىشكە تىرىشىڭ. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كاترىنا: «ھەقىقەتنىڭ ھاياتىمنى قانداق ئۆزگەرتكەنلىكىنى ئېسىمدىن چىقارمايمەن»،— دەيدۇ. شۇڭا، كاترىنا ئىشەنچ بىلەن سۆزلەيدۇ، ئۇنى تىڭشىغانلارمۇ ئۇنىڭ ئىشەنچ بىلەن سۆزلەۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ.
14. پەندى-نەسىھەت 27:17-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، ۋەز خىزمەتتە شېرىكلەر بىر-بىرىگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
14 باشقىلارنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلىڭ. بىرىنچى ئەسىردە، پاۋلۇس ئۆزىنىڭ ۋەز قىلىش ۋە تەلىم بېرىش ئۇسۇلىنى تىموتىيغا ئۆگەتكەن. ئۇ تىموتىينى باشقىلارغا ياردەم بەرگەندە ئوخشاش ئۇسۇلنى ئىشلىتىشكە دەۋەت قىلغان (1-كورىنت. 4:17). بىزمۇ تىموتىيغا ئوخشاش جامائەتتىكى قېرىنداشلارنىڭ تەجرىبىلىرىدىن ئۆگىنەلەيمىز (پەندى-نەسىھەت 27:17-نى ئوقۇڭ). شون ئىسىملىك بىر بۇرادەرنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. بىر مەزگىل ئۇ يېزا-قىشلاقلاردا پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولغان. ئۇ يەردە، ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۆز دىنىدىن رازى ئىدى. ئۇ خۇشاللىقنى قانداق ساقلاپ قالغان؟ ئۇ شۇنداق دەيدۇ: «مۇمكىن بولسىلا، مەن بىر شېرىك بىلەن خىزمەتكە باراتتىم. ئۆيدىن-ئۆيگە ماڭغان ۋاقىتلاردا، تەلىم بېرىش ماھارىتىمىزنى ئۆستۈرۈشكە بىر-بىرىمىزگە ياردەم بېرەتتۇق. مەسىلەن، ئۆي ئىگىسى بىلەن پاراڭلاشقاندا، ئۇنىڭ ئېيتقان سۆزلىرى ۋە ئۆزىمىز بەرگەن جاۋابلارغا دىققەت قىلاتتۇق. ئاندىن كېيىن، ئەگەر شۇنداق ۋەزىيەتكە قايتا يولۇقساق، باشقىچە قانداق جاۋاب بېرەلەيدىغانلىقىمىز ھەققىدە مۇھاكىمە قىلاتتۇق».
15. ۋەز خىزمەتتە، نېمە ئۈچۈن دۇئا بەك مۇھىم؟
15 ياردەم سوراپ يەھۋاغا دۇئا قىلىڭ. ھەر قېتىم ۋەز خىزمەتكە بارغاندا، يەھۋاغا دۇئا قىلىپ، كۆرسەتمىلەرنى سوراڭ. ئۇنىڭ كۈچلۈك مۇقەددەس روھىنىڭ ياردىمى بولمىسا، ھېچبىرىمىز بۇ خىزمەتنى تاماملىيالمايمىز (زەبۇر 127:1؛ لۇقا 11:13). دۇئا قىلىپ، يەھۋادىن ياردەم سورىغاندا، ئېنىق نېمىگە مۇھتاج ئىكەنلىكىڭىزنى ئېيتىڭ. مەسىلەن، خۇش خەۋەرنى ئاڭلاشقا مايىل كىشىلەرنى ئۇچرىتىشقا ياردەم بېرىشنى سوراڭ. كېيىن، دۇئالىرىڭىزغا ماس ئۇچراتقان بارلىق كىشىلەرگە گۇۋاھلىق بېرىشكە تىرىشىڭ.
16. ۋەز خىزمىتىمىزنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشىغا شەخسىي ئۆگىنىش قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
16 شەخسىي تەتقىق ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىڭ. مۇقەددەس كىتاب مۇنداق دەيدۇ: «خۇدانىڭ ياخشى، مەقبۇل ۋە مۇكەممەل ئىرادىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىگە كۆز يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئەقلىڭلارنى يېڭىلاپ، ئۆزۈڭلارنى ئۆزگەرتىڭلار» (رىملىقلار 12:2). خۇدا ھەققىدىكى ھەقىقەتلەرنى ئۆگىنىپ ئېتىقادىمىز كۈچەيگەنسېرى، ۋەز خىزمەتتە باشقىلارغا ئىشەنچ بىلەن سۆز قىلالايمىز. كاترىنا: «يېقىندا مۇقەددەس كىتابنىڭ بەزى ئاساسى تەلىملىرىگە بولغان ئىشەنچىمنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تونۇپ يەتتىم. شۇڭا، مەن ياراتقۇچىنىڭ مەۋجۇتلۇقى، مۇقەددەس كىتابنىڭ ھەقىقەتەن خۇدا سۆزى ئىكەنلىكى ۋە بۈگۈنكى كۈندە خۇداغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر تەشكىلاتنىڭ بارلىقى ھەققىدە كۆڭۈل قويۇپ، تەپسىلىي تەتقىق قىلدىم»،— دەيدۇ. شەخسىي ئۆگىنىش كاترىنانىڭ ئىمان-ئېتىقادىنى كۈچەيتكەن ۋە ۋەز خىزمەتتە كۆپرەك خۇشاللىق تېپىشىغا ياردەم بەرگەن.
نېمە ئۈچۈن ۋەز خىزمەتتە ئىجابىي كۆزقاراشنى ساقلايمىز؟
17. ئەيسا نېمە ئۈچۈن ۋەز خىزمىتىدە قىزغىنلىقىنى ساقلاپ قالغان؟
17 ھەتتا بەزىلەر ئەيسا يەتكۈزگەن خەۋەرگە قۇلاق سالمىغان بولسىمۇ، ئەيسا قىزغىنلىقىنى ساقلاپ، داۋاملىق ۋەز قىلغان. نېمە ئۈچۈن؟ ئۇ كىشىلەرنىڭ ھەقىقەتنى بىلىشكە قانچىلىك مۇھتاج ئىكەنلىكىنى بىلگەن ۋە ئۇلارغا پادىشاھلىق خەۋىرىنى قوبۇل قىلىشقا مۇمكىنقەدەر كۆپرەك پۇرسەت بېرىشنى خالىغان. ئۇ دەسلەپتە پەرۋا قىلمىغان بەزىلەرنىڭ ئاخىرىدا خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلگەن. ئۇنىڭ ئائىلىسىدە نېمە ئىش بولغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى. ئەيسا ئۈچ يېرىم يىل ۋەز قىلغاندا، قېرىنداشلىرىدىن ھېچبىرى ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىسى بولمىغان (يۇھاننا 7:5). بىراق، ئۇ تىرىلدۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولغان ئىدى.—ئەلچى. 1:14.
18. نېمە ئۈچۈن بىز ۋەز ئېيتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز؟
18 بىز يەتكۈزۈۋاتقان مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەتلەرنى ئاخىرىدا كىمنىڭ قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئۆزىمىز بىلمەيمىز. بەزىلەرنىڭ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشىغا ئازراق ۋاقىت كەتسە، يەنە بەزىلەر ئۈچۈن كۆپرەك ۋاقىت كېتىدۇ. ھەتتا سۆزىمىزگە قۇلاق سالمىغانلار، ياخشى ئىش-ھەرىكىتىمىز ۋە قىزغىنلىقىمىزنى كۆرۈپ، ئاخىرىدا خۇدانى مەدھىيىلىشى مۇمكىن.—1-پېتر. 2:12.
19. 1-كورىنتلىقلار 3:6، 7-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، بىز چوقۇم نېمىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك؟
19 بىز تېرىغاندا ۋە سۇغارغاندا، خۇدانىڭ رولىنى چوقۇم ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك (1-كورىنتلىقلار 3:6، 7-نى ئوقۇڭ). ئېفىئوپىيىدە خىزمەت قىلىۋاتقان بۇرادەرىمىز گاتاخۇن مۇنداق دەيدۇ: «مەن 20 يىلدىن كۆپرەك ناھايىتى ئاز ۋەز قىلىنغان تېررىتورىيىدە يالغۇز گۇۋاھچى ئىدىم. ئۇ يەردە ھازىر 14 ۋەز ئېيتقۇچى بار. 13 سۇغا چۆمۈلدۈرۈلگەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئايالىم ۋە 3 بالام بار. يىغىلىشلىرىمىزغا ئوتتۇرا ھېسابتا 32 ئادەم قاتنىشىپ كېلىۋاتىدۇ». يەھۋانىڭ ئۆز تەشكىلاتىغا سەمىمىي ئادەملەرنى جەلپ قىلىشىنى كۈتكەندە، گاتاخۇن سەۋرچانلىق بىلەن داۋاملىق ۋەز قىلىشتىن خۇشاللىق تاپقان.—يۇھاننا 6:44.
20. نېمە ئۈچۈن بىزنى قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىگە قاتناشقۇچىلارغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ؟
20 يەھۋا پۈتۈن ئىنسانىيەتنى قەدىرلەيدۇ. شۇڭا، بۇ دۇنيانىڭ تۈزۈلمىسى ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن، ئۇ بىزگە ئۆز ئوغلى بىلەن بىرلىكتە بارلىق مىللەت كىشىلىرىدىن ئادەملەرنى توپلاش خىزمىتىنى قىلىش ئىمتىيازىنى بېرىدۇ (ھاگاي 2:7). بىزنىڭ ۋەز خىزمىتىمىز خۇددى سۇغا چۆكۈپ كېتىۋاتقانلارنى قۇتقۇزۇشقا قاتنىشىۋاتقان قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ ۋەزىپىسىگە ئوخشايدۇ. گەرچە بىر قانچە كىشى قۇتقۇزۇلۇپ ھايات قالسىمۇ، شۇ خىزمەتكە قاتناشقانلارنىڭ چىقارغان كۈچىنى ماختاشقا ئەرزىيدۇ. شۇنىڭغا ئۇخشاش، بىزمۇ ۋەز خىزمەتكە قاتناشقاندا، شەيتاننىڭ بۇ دۇنياسىدىن قانچىلىك ئادەمنىڭ قۇتقۇزۇلۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. بىراق، يەھۋا ھەر بىرىمىزنى قوللىنىپ، ئۇلارغا ياردەم بېرىدۇ. بولىۋىيىدە ياشايدىغان ئاندىرېياس مۇنداق دەيدۇ: «مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىپ، چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن بىر كىشىنى كۆرگىنىمدە، بۇنى كۆپچىلىكنىڭ چىقارغان كۈچىنىڭ نەتىجىسى، دەپ قارايمەن». بىزمۇ ۋەز خىزمەتتە شۇنىڭغا ئوخشاش كۆزقاراشنى ساقلايلى. ئەگەر شۇنداق قىلساق، يەھۋا بىزنى بەرىكەتلەيدۇ ۋە ۋەز خىزمىتىمىز ھەقىقىي خۇشاللىقنىڭ مەنبەسى بولىدۇ.
47-ناخشا خۇش خەۋەرنى جاكارلا!
a ۋەز خىزمىتىمىزدە كۆپلىگەن ئادەملەر ئۆيلىرىدە بولمىسا ياكى ئېيتقان خەۋىرىمىزگە قۇلاق سالمىسا، قىزغىنلىقىمىزنى قانداق ساقلاپ قالالايمىز؟ ھازىر ئىجابىي كۆزقارىشىمىزنى ساقلاشقا ياردەم بېرىدىغان ئەمەلىي مەسلىھەتلەرنى كۆرۈپ چىقىمىز.
b ۋەز ئېيتقۇچىلار بۇ ماقالىدە مۇھاكىمە قىلغاندەك ۋەز خىزمەتنىڭ تۈرلۈك ئۇسۇلىنى قوللانسا بولىدۇ، ئەمما باشقىلارنىڭ ئۇچۇرىنى قوغداش قانۇنىغا ئۇيغۇن ئىش قىلىشى كېرەك.
c سۈرەتتە: (يۇقىرىدىن تۆۋەنگە): ئادەملەرنى ئۆيىدە تېپىش قىيىن رايوندا ۋەز قىلىۋاتقان بىر جۈپ ئەر-ئايال. بىرىنچى ئۆي ئىگىسى ئىشتا، ئىككىنچى ئۆي ئىگىسى دوختۇرخانىدا، ئۈچىنچىسى بولسا، دۇكاندا. ئۇلار بىرىنچى ئۆي ئىگىسىنى تېپىشقا شۇنى كۈنى كەچتە باردى. ئۇلار دوختۇرخانىغا يېقىن جايدا ماتېرىيال ھارۋىسى بىلەن ۋەز قىلغاندا، ئىككىنچى ئۆي ئىگىسىنى ئۇچراتتى. ئۇلار تېلېفون قىلىپ ئۈچىنچى ئۆي ئىگىسىنى تاپتى.