مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

‏«سېنىڭ ھە‌قىقە‌ت يولۇ‌ڭدا يۈرىمە‌ن»‏

‏«سېنىڭ ھە‌قىقە‌ت يولۇ‌ڭدا يۈرىمە‌ن»‏

‏«ئۆز يولۇ‌ڭنى ماڭا ئۆگە‌تكە‌يسە‌ن،‏ ئە‌ي يە‌ھۋا.‏ سېنىڭ ھە‌قىقە‌ت يولۇ‌ڭدا يۈرىمە‌ن».‏ ‏—‏زە‌بۇ‌ر 86:‏11‏.‏

ناخشىلار:‏ 26،‏ 10

1—‏3.‏ (‏1)‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ھە‌قىقە‌تكە قانداق قارىشىمىز كېرە‌ك؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏.‏ (‏2)‏ بىز بۇ ماقالىدە نېمىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

 بۈگۈنكى كۈندە،‏ ئادە‌ملە‌ر بىر نە‌رسىلە‌رنى سېتىۋالغاندىن كېيىن،‏ ئۇ‌لارنى قايتۇ‌رىدىغان ئە‌ھۋاللارنى كۆپ ئۇ‌چرىتىمىز.‏ بە‌زى دۆلە‌تلە‌ردە ئىنتېرنېت ئارقىلىق سېتىۋالغان نە‌رسىلە‌رنى قايتۇ‌رۇ‌ۋېتىش پات-‏پات ئۇ‌چرىشىدۇ.‏ سېتىۋالغان نە‌رسىلىرى ئويلىغىنىدە‌ك چىقمىغانلىقتىن ياكى بىر كە‌مچىلىكى بولغانلىقتىن ئادە‌ملە‌ر ئۇ‌نى قايتۇ‌رىۋېتىشى مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ ئۇ‌لار بۇ نە‌رسىلە‌رنى ئالماشتۇ‌رۇ‌شقا ياكى پۇ‌لىنى قايتۇ‌رۇ‌ۋېلىشقا تىرىشىدۇ.‏

2 بىز مۇ‌قە‌ددە‌س ھە‌قىقىتىنى ھە‌رگىز ئۇ‌نداق قىلمايمىز.‏ بىز ھە‌قىقە‌تنى «سېتىۋال»غاندىن كېيىن،‏ ئۇ‌نى ھېچقاچان «ساتما»سلىقىمىز ياكى تاشلاپ كە‌تمە‌سلىكىمىز كېرە‌ك ‏(‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 23:‏23-‏نى ئوقۇ‌ڭ؛‏ 1-‏تىموتىي 2:‏4‏)‏.‏ ئاۋۋالقى ماقالىدە مۇ‌ھاكىمە قىلغاندە‌ك،‏ ھە‌قىقە‌تنى بىلىش ئۈچۈن كۆپ ۋاقتىمىزنى چىقاردۇ‌ق.‏ بە‌لكىم،‏ مائاشى يۇ‌قىرى ئىشتىن باش تارتقاندىمىز.‏ يېقىنلىرىمىز بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋە‌تنى ئۆزگە‌رتىشكە توغرا كە‌لگە‌ندۇ.‏ ياكى بولمىسا كۆز قارىشىمىز ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمىزنى ئۆزگە‌رتكە‌ندىمىز.‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا ياقمايدىغان ئۆرپ-‏ئادە‌تلە‌ردىن ۋاز كە‌چتۇ‌ق.‏ بىراق،‏ ھە‌قىقە‌تنى بىلگە‌نلىكىمىز تۈپە‌يلى ئالغان بە‌رىكە‌تلە‌ر بىز باش تارتقان ھە‌رقانداق نە‌رسىدىن ئېشىپ چۈشىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچىمىز كامىل.‏

3 ئە‌يسا ئېسىل مە‌رۋايىت ئىزدە‌پ يۈرگە‌ن سودىگە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق مىسال كە‌لتۈرگە‌ن.‏ بۇ سودىگە‌ر بە‌ك قىممە‌ت مە‌رۋايىتنى تاپقاندا،‏ ئۇ‌نى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئۆزىدە بار نە‌رسىلە‌رنىڭ ھە‌ممىسىنى ساتىدۇ.‏ مىسالدىكى شۇ مە‌رۋايىت خۇ‌دا پادىشاھلىقىدىكى ھە‌قىقە‌تنى بىلدۈرىدۇ.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ ئە‌يسا ھە‌قىقە‌تنى ئىزدە‌پ تاپقان ئادە‌م ئۈچۈن ھە‌قىقە‌ت قانچىلىك قىممە‌ت بولىدىغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن (‏مە‌تتا 13:‏45،‏ 46‏)‏.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ بىز خۇ‌دا پادىشاھلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى باشقا قىممە‌ت ھە‌قىقە‌تلە‌رنىڭ ھە‌ممىسىنى بىرىنچى قېتىم بىلگە‌ندە،‏ ئۇ‌لارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆزىمىزدە بار نە‌رسىلە‌ردىن باش تارتىشقا تە‌ييار بولدۇ‌ق.‏ ھە‌قىقە‌ت بىز ئۈچۈن قىممە‌ت بولسا،‏ بىز ئۇ‌نى ھېچقاچان تاشلاپ كە‌تمە‌يمىز.‏ بىراق ئېچىنارلىقى شۇ‌كى،‏ خۇ‌دانىڭ بە‌زى خىزمە‌تچىلىرى ۋاقىت ئۆتۈپ ھە‌قىقە‌تنى قە‌دىرلىمە‌ي،‏ ھە‌تتا تاشلاپ كە‌تكە‌ن.‏ بىز ھە‌رگىزمۇ شۇ‌نداق قىلىشنى خالىمايمىز!‏ ئە‌كسىنچە،‏ بىز «ھە‌قىقە‌ت يولىدا» مېڭىش نە‌سىھىتىگە قۇ‌لاق سېلىشىمىز كېرە‌ك ‏(‏3-‏يۇ‌ھاننا 2—‏4-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ ھە‌قىقە‌تنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويغانلىقىمىزنى ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمىز بىلە‌ن كۆرسىتىشىمىز كېرە‌ك.‏ بىراق،‏ ئادە‌م ھە‌قىقە‌تنى نېمە ئۈچۈن ۋە قانداق سېتىۋېتىشى مۇ‌مكىن؟‏ ھە‌قىقە‌تتىن ھە‌رگىزمۇ باش تارتمايدىغانلىقىمىزغا قانداق كۆز يە‌تكۈزە‌لە‌يمىز؟‏ ھە‌قىقە‌تتە يۈرۈش قارارىمىزدا قانداق چىڭ تۇ‌رالايمىز؟‏

ئادە‌م ھە‌قىقە‌تنى نېمە ئۈچۈن ۋە قانداق سېتىۋېتىشى مۇ‌مكىن؟‏

4.‏ ئە‌يسانىڭ كۈنلىرىدە،‏ بە‌زى شاگىرتلار نېمە ئۈچۈن ھە‌قىقە‌تنى تاشلاپ كە‌تكە‌ن؟‏

4 ئە‌يسانىڭ كۈنلىرىدە،‏ ھە‌قىقە‌تنى قوبۇ‌ل قىلغان بە‌زى شاگىرتلار كېيىن ھە‌قىقە‌تنى تاشلاپ كە‌تكە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىر كۈنى ئە‌يسا مۆجىزە كۆرسىتىپ،‏ ئادە‌ملە‌رنى ئوزۇ‌قلاندۇ‌رغانىدى.‏ ئۇ‌لار جە‌لىلىيە دېڭىزىنىڭ قىرغىقىدىن قارشى تە‌رە‌پكە ئۆتۈپ،‏ ئە‌يساغا ئە‌گىشىپ ماڭغان.‏ بىراق،‏ ئە‌يسا ئۇ‌لارغا:‏ « ئىنسان ئوغلىنىڭ تېنىنى يېمىگۈچە ۋە قېنىنى ئىچمىگۈچە،‏ سىلە‌ر ھاياتقا ئېرىشە‌لمە‌يسىلە‌ر»،‏—‏ دېگە‌نىدى.‏ بۇ سۆزلە‌رنى ئاڭلىغان خە‌لق ئە‌يسانىڭ نېمە ئېيتماقچى ئىكە‌نلىكىنى سوراشنىڭ ئورنىغا:‏ «نە‌قە‌دە‌ر قورقۇ‌نچلۇ‌ق گە‌پلە‌ر!‏ كىم بۇ سۆزلە‌رنى تىڭشاپ تۇ‌رالايدۇ؟‏»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ نە‌تىجىدە،‏ «شاگىرتلاردىن نۇ‌رغۇ‌نلىرى ئۇ‌نىڭدىن ئايرىلىپ،‏ ئىلگىرى تاشلىغان ئىشلىرى بىلە‌ن قايتا شۇ‌غۇ‌للىنىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا ئە‌گە‌شمە‌يدىغان بولدى».‏—‏يۇ‌ھاننا 6:‏53—‏66‏.‏

5،‏ 6.‏ (‏1)‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ بە‌زىلە‌ر نېمە ئۈچۈن ھە‌قىقە‌ت يولىنى تاشلاپ كېتىشى مۇ‌مكىن؟‏ (‏2)‏ قانداق قىلىپ ئادە‌م ھە‌قىقە‌تتىن ئاستا-‏ئاستا يىراقلىشىپ كېتىشى مۇ‌مكىن؟‏

5 ئېچىنارلىقى شۇ‌كى،‏ بە‌زىلە‌ر ھە‌قىقە‌ت يولىنى تاشلاپ كېتىدۇ.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ‌لار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بىر ئايە‌ت ھە‌ققىدىكى يېڭى چۈشە‌نچىنى قوبۇ‌ل قىلالمىغان ياكى مە‌سئۇ‌لىيە‌تلىك بۇ‌رادە‌رلە‌رنىڭ سۆزى ياكى ئىشى سە‌ۋە‌بلىك پۇ‌تلىشىپ كە‌تكە‌ن.‏ يە‌نە بە‌زىلىرى بولسا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن بە‌رگە‌ن نە‌سىھە‌تنى ياقتۇ‌رمىغان ياكى جامائە‌تتىكى بىرىگە قاتتىق رە‌نجىگە‌ن.‏ ھە‌تتا بە‌زىلىرى ھە‌قىقە‌تىن چە‌تنە‌پ كە‌تكە‌نلە‌رگە ۋە بىز ھە‌ققىدە يالغان سۆز تارقاتقانلارغا ئىشىنىپ كە‌تكە‌ن.‏ بۇ —‏ بە‌زىلە‌رنىڭ ئۆز ئىختىيارى بىلە‌ن يە‌ھۋادىن ۋە جامائە‌تتىن «يىراقلىشىپ» كېتىشىنىڭ پە‌قە‌ت بىرنە‌چچە سە‌ۋە‌بى (‏ئىبرانىيلار 3:‏12—‏14‏)‏.‏ بۇ‌نىڭ ئورنىغا،‏ ئۇ‌لار ئە‌لچى پېترۇ‌سقا ئوخشاش ئە‌يساغا ئىشە‌نگە‌ن بولسا،‏ توغرا بولاتتى.‏ خە‌لق ئە‌يسانىڭ سۆزلىرىگە ھە‌يران بولغاندا،‏ ئۇ شاگىرتلىرىدىن:‏ «سىلە‌رچە،‏ سىلە‌رمۇ كېتىشنى خالامسىلە‌ر؟‏»،‏—‏ دە‌پ سورىغانىدى.‏ بىراق،‏ پېترۇ‌س ئە‌يساغا:‏ «ھە‌زرىتىم،‏ مە‌ڭگۈلۈك ھايات سۆزلىرى سىزدە تۇ‌رسا!‏ كىمنىڭمۇ يېنىغا كېتە‌رمىز؟‏»،‏—‏ دە‌پ جاۋاب بە‌رگە‌ن.‏—‏يۇ‌ھاننا 6:‏67—‏69‏.‏

6 يە‌نە بىرلىرى ھە‌قىقە‌تتىن ئاستا-‏ئاستا يىراقلىشىپ كېتىدۇ.‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ‌لار بۇ‌نى بايقىمايدۇ.‏ ھە‌قىقە‌تتىن ئاستا-‏ئاستا يىراقلىشىپ كېتىدىغان ئادە‌منى،‏ بارا-‏بارا قىرغاقتىن يىراقلىشىپ كېتىدىغان كېمە بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌شقا بولىدۇ.‏ ھە‌قىقە‌تتىن «يىراقلىشىپ كە‌تمە‌سلىكىمىز ئۈچۈن»،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزنى پە‌خە‌س بولۇ‌شقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ (‏ئىبرانىيلار 2:‏1‏)‏.‏ ئادە‌تتە،‏ ھە‌قىقە‌تتىن يىراقلىشىپ كېتىۋاتقان ئادە‌م شۇ‌نداق قىلىشنى ئويلىمىغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ ئۇ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا يول قويۇ‌پ،‏ ۋاقتى كە‌لگە‌ندە ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋىتى بۇ‌زۇ‌لۇ‌پ كېتىشى مۇ‌مكىن.‏ بۇ‌نىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىشقا بولىدۇ؟‏

ھە‌قىقە‌تنى سېتىۋە‌تمە‌سلىك ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرە‌ك؟‏

7.‏ ھە‌قىقە‌تنى سېتىۋە‌تمە‌سلىككە نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقە‌تلىرىنىڭ قايسىسىنى قوبۇ‌ل قىلىشنى ياكى رە‌ت قىلىشنى ئۆزىمىز قارار قىلالمايمىز

7 ھە‌قىقە‌ت يولىدا داۋاملىق يۈرۈش ئۈچۈن،‏ يە‌ھۋانىڭ ئېيتقان ھە‌ممە سۆزلىرىنى قوبۇ‌ل قىلىپ،‏ ئۇ‌لارغا بويسۇ‌نۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ ھە‌قىقە‌ت ھاياتىمىزدا ئە‌ڭ بىرىنچى ئورۇ‌ندا تۇ‌رۇ‌شى لازىم ۋە ھە‌رقانداق ۋە‌زىيە‌تتە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرىغا ماس ھە‌رىكە‌ت قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ داۋۇ‌ت پادىشاھ يە‌ھۋاغا:‏ «سېنىڭ ھە‌قىقە‌ت يولۇ‌ڭدا يۈرىمە‌ن»،‏‏—‏ دە‌پ دۇ‌ئا قىلغان (‏زە‌بۇ‌ر 86:‏11‏)‏.‏ داۋۇ‌ت ھە‌قىقە‌ت يولىدا يۈرۈشكە قە‌تئىي بە‌ل باغلىغان،‏ بىزمۇ شۇ‌نداق قىلىشىمىز لازىم.‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق قىلمىساق،‏ ھە‌قىقە‌ت ئۈچۈن ۋاز كە‌چكە‌ن نە‌رسىلە‌ر ھە‌ققىدە ئويلاپ،‏ ھە‌تتا ئۇ‌لارنى قايتۇ‌رماقچى بولۇ‌شىمىز مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقە‌تلىرىنىڭ قايسىسىنى قوبۇ‌ل قىلىش ياكى قايسىسىنى رە‌ت قىلىشنى ئۆزىمىز قارار قىلالمايمىز.‏ بىز ھە‌قىقە‌تنى تولۇ‌ق قوبۇ‌ل قىلىشىمىز لازىم (‏يۇ‌ھاننا 16:‏13‏)‏.‏ ئالدىنقى ماقالىدە ھە‌قىقە‌تنى بىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا ماس ھايات كە‌چۈرۈش ئۈچۈن ۋاز كە‌چكە‌ن بە‌ش نە‌رسىنى مۇ‌ھاكىمە قىلدۇ‌ق.‏ ھازىر بولسا،‏ ۋاز كە‌چكە‌ن نە‌رسىلە‌رگە قايتماسلىق ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرە‌كلىكىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏—‏مە‌تتا 6:‏19‏.‏

8.‏ ۋاقتىمىزنى ناتوغرا ئىشلە‌تسە‌ك،‏ قانداقلارچە ھە‌قىقە‌تتىن يىراقلىشىپ كېتىشىمىز مۇ‌مكىن؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

8 ۋاقىت.‏ ھە‌قىقە‌تتىن يىراقلىشىپ كە‌تمە‌سلىك ئۈچۈن ۋاقتىمىزنى دانالىق بىلە‌ن ئىشلىتىشىمىز مۇ‌ھىم.‏ پە‌خە‌س بولمىساق،‏ ئويۇ‌ن-‏تاماشا،‏ دە‌م ئېلىش،‏ قىزىقىشلىرىمىز،‏ ئىنتېرنېت ۋە تېلېۋىزورغا ھە‌ددىدىن تاشقىرى ۋاقىت سە‌رپ قىلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بۇ نە‌رسىلە‌رنىڭ ھېچ يامىنى يوق.‏ بىراق،‏ بۇ ئىشلار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىشكە ھە‌م ۋە‌ز قىلىشقا بۆلىدىغان ۋاقتىمىزنى ئوغرىلىشى مۇ‌مكىن.‏ ئىمما ئىسىملىك قېرىندىشىمىز شۇ‌نىڭغا ئوخشاش ۋە‌زىيە‌تكە ئۇ‌چرىغان a (‏ئىزاھاتقا قاراڭ)‏.‏ ئۇ كىچىك چېغىدىن ئاتلارغا ئامراق ئىدى ۋە مۇ‌مكىنچىلىك بولغاندىلا،‏ ئات مىنىپ يۈرە‌تتى.‏ لېكىن،‏ ئۇ بۇ‌نىڭغا ھە‌ددىدىن زىيادە كۆپ ۋاقىت بۆلگە‌نلىكىنى بايقاپ،‏ ئۆزىنى ئە‌يىبكار ھېس قىلغان.‏ شۇ‌نداقلا،‏ ئۇ ئات ئۈسىتىدە ماھارە‌ت كۆرسىتىش ئويۇ‌نىغا قاتناشقان كورى ۋېللىس ئىسىملىك قېرىنداشنىڭ ئۈلگىسىدىن ئۆگە‌نگە‌ن b‏.‏ ھازىر،‏ ئىمما كۆپ ۋاقتىنى يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشقا بېغىشلايدۇ.‏ شۇ‌نداقلا،‏ ئۇ ئائىلىسى ۋە دوستلىرى بىلە‌ن كۆپرە‌ك ۋاقىت ئۆتكۈزىدۇ.‏ ئۇ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىنىپ،‏ ۋاقتىنى دانالىق بىلە‌ن ئىشلىتىدۇ.‏

9.‏ مال-‏دۇ‌نيانى ھاياتىمىزدا قانداقلارچە بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌شىمىز مۇ‌مكىن؟‏

9 مال-‏دۇ‌نيا.‏ ھە‌قىقە‌تتە يۈرۈشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن،‏ بىز مال-‏دۇ‌نيانى ھاياتىمىزدا بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويماسلىقىمىز كېرە‌ك.‏ ھە‌قىقە‌تنى تونۇ‌غاندا،‏ بىز يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنىڭ مال-‏دۇ‌نيادىن قانچىلىك مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكىنى چۈشە‌ندۇ‌ق.‏ ھە‌قىقە‌ت ئۈچۈن ماددىي جە‌ھە‌تتىن قۇ‌ربانلىق بېرىشكە تە‌ييار بولدۇ‌ق.‏ لېكىن،‏ ۋاقىت ئۆتۈپ بىز باشقىلارنىڭ ئە‌ڭ يېڭى ئېلېكترونلۇ‌ق قۇ‌رۇ‌لمىلارنى ياكى باشقا نە‌رسىلە‌رنى سېتىۋېلىپ خۇ‌شال بولغانلىقىنى كۆرۈپ،‏ ئۆزىمىزنى چە‌تتە قالغاندە‌ك ھېس قىلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ شۇ چاغدا،‏ بىز قولىمىزدا بارىغا شۈكۈر قىلماي،‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشقا ئە‌مە‌س،‏ مال-‏دۇ‌نياغا كۆپرە‌ك كۆڭۈل بۆلۈشىمىز مۇ‌مكىن.‏ بۇ دىماس بىلە‌ن بولغان ۋە‌قە‌نى ئېسىمىزگە سالىدۇ.‏ ئۇ «بۇ دۇ‌نيانىڭ ئىشلىرىنى سۆيۈپ»،‏ ھە‌تتا ئە‌لچى پاۋلۇ‌س بىلە‌ن قىلغان خىزمىتىنى تاشلاپ كە‌تكە‌ن (‏2-‏تىموتىي 4:‏10‏)‏.‏ بە‌لكىم،‏ دىماس مال-‏دۇ‌نيانى خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىشتىن كۆپرە‌ك ياخشى كۆرگە‌ن.‏ ياكى بولمىسا ئۇ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن بۇ‌رۇ‌نقىدە‌ك قۇ‌ربانلىق بېرىشنى خالىمىغان.‏ بىز بۇ‌نىڭدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟‏ بە‌لكىم،‏ بۇ‌رۇ‌ن بىز مال-‏دۇ‌نيانى بە‌ك ياخشى كۆرگە‌ندىمىز.‏ پە‌خە‌س بولمىساق،‏ مال-‏دۇ‌نياغا بولغان ھە‌ۋىسىمىز كۈچىيىپ،‏ بىزنى ھە‌قىقە‌تكە بولغان سۆيگىمىزدىن ئايرىۋېتىشى مۇ‌مكىن.‏

10.‏ بىز كىملە‌رنىڭ تە‌سىرىگە قارشى تۇ‌رۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

10 باشقىلار بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋە‌ت.‏ ھە‌قىقە‌تتە يۈرۈش ئۈچۈن،‏ بىز يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلمايدىغانلارنىڭ بىزگە تە‌سىر قىلىشىغا يول قويماسلىقىمىز كېرە‌ك.‏ ھە‌قىقە‌تنى بىلگە‌ندە،‏ بىزنىڭ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى ئە‌مە‌س دوستلىرىمىز ۋە تۇ‌غقانلىرىمىز بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىمىز ئۆزگە‌رگە‌ن.‏ بە‌لكىم،‏ بە‌زىلىرى كۆز قارىشىمىزنى ھۆرمە‌تلىسە،‏ يە‌نە باشقىلىرى قارشى چىققان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن (‏1-‏پېترۇ‌س 4:‏4‏)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بىز ئائىلە ئە‌زالىرىمىز بىلە‌ن تىل تېپىشىپ،‏ ئۇ‌لارغا مېھرىبان مۇ‌ئامىلە قىلىشقا تىرىشىمىز.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌لارنىڭ كۆڭلىنى خۇ‌رسە‌ن قىلىش ئۈچۈن،‏ بىز يە‌ھۋانىڭ ئۆلچە‌ملىرىگە پە‌رۋاسىزلىق قىلمايمىز.‏ شۇ‌نداقلا،‏ 1-‏كورىنتلىقلار 15:‏33-‏ئايە‌تتە يېزىلغاندە‌ك،‏ بىز يە‌ھۋانى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلە‌ر بىلە‌ن دوست بولۇ‌شىمىز لازىم.‏

11.‏ بىز ناپاك ئويلار بىلە‌ن يامان ئىشلاردىن قانداق نېرى تۇ‌رالايمىز؟‏

11 ناپاك ئويلار بىلە‌ن يامان ئىشلار.‏ داۋاملىق ھە‌قىقە‌تتە مېڭىش ئۈچۈن،‏ بىز يە‌ھۋانىڭ كۆز ئالدىدا مۇ‌قە‌ددە‌س،‏ يە‌نى پاك بولۇ‌شىمىز مۇ‌ھىم (‏يە‌شايا 35:‏8؛‏ 1-‏پېترۇ‌س 1:‏14—‏16-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بىز ھە‌قىقە‌تنى تونۇ‌پ بىلگە‌ندە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئۆلچە‌ملە‌رگە ماس ياشاش ئۈچۈن ھاياتىمىزدا كۆپ ئۆزگىرىشلە‌رنى قىلدۇ‌ق.‏ بە‌زىلىرىمىز ھە‌تتا چوڭ ئۆزگىرىشلە‌رنى قىلغان.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ بىز ئە‌خلاق جە‌ھە‌تتىن،‏ پاك ھاياتىمىزنى ئە‌خلاقسىز ھاياتقا تېگىشمە‌سلىك ئۈچۈن پە‌خە‌س بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌خلاقسىزلىق قىلىش ئازدۇ‌رۇ‌شىغا قارشى تۇ‌رۇ‌شىمىزغا نېمە ياردە‌م بېرىشى مۇ‌مكىن؟‏ يە‌ھۋا بىزنىڭ پاك بولۇ‌شىمىز ئۈچۈن بىزگە نېمە بە‌رگە‌نلىكى ھە‌ققىدە ئويلاپ كۆرۈڭ.‏ ئۇ بىزگە سۆيۈملۈك ئوغلى ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ ھاياتىنى تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى سۈپىتىدە بە‌رگە‌ن (‏1-‏پېترۇ‌س 1:‏18،‏ 19‏)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ كۆز ئالدىدا پاك بولۇ‌پ قېلىش ئۈچۈن بىز ھە‌رقاچان ئە‌يسانىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى قانچىلىك قىممە‌ت-‏باھالىق ئىكە‌نلىكىنى ئە‌ستە ساقلىشىمىز لازىم.‏

12،‏ 13.‏ (‏1)‏ بىز بايراملارغا نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋاغا ئوخشاش قارىشىمىز كېرە‌ك؟‏ (‏2)‏ ھازىر نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟‏

12 خۇ‌داغا ياقمايدىغان ئۆرپ-‏ئادە‌تلە‌ر ۋە قائىدە-‏يوسۇ‌نلار.‏ ئائىلە ئە‌زالىرىمىز،‏ خىزمە‌تداشلىرىمىز ۋە سىنىپداشلىرىمىز بايراملارغا قاتنىشىشىمىز ئۈچۈن بىزگە بېسىم قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ يە‌ھۋاغا ياقمايدىغان ئۆرپ-‏ئادە‌تلە‌ر بىلە‌ن بايراملارغا قاتنىشىش بېسىمىغا قارشى تۇ‌رۇ‌شىمىزغا نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ بۇ بايراملار يە‌ھۋاغا نېمە ئۈچۈن ياقمايدىغانلىقىنى ھە‌ردائىم ئە‌ستە تۇ‌تۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ بىز بۇ بايراملارنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ئېسىمىزگە سېلىش ئۈچۈن،‏ ماتېرىياللىرىمىزنى تە‌تقىق قىلساق بولىدۇ.‏ بۇ بايراملارغا نېمە سە‌ۋە‌بتىن قاتناشمايدىغانلىقىمىز ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلساق،‏ ‹رە‌ببىمىز قوبۇ‌ل قىلىدىغان» ھە‌قىقە‌ت يولى بىلە‌ن مېڭىۋاتقانلىقىمىزغا كۆز يە‌تكۈزە‌لە‌يمىز (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏10‏)‏.‏ يە‌ھۋاغا ۋە ئۇ‌نىڭ سۆزىگە ئىشە‌نسە‌ك،‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ سۆزىدىن قورقمايمىز.‏—‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 29:‏25‏.‏

13 بىز ھە‌قىقە‌تتە مە‌ڭگۈ يۈرۈشنى خالايمىز.‏ ھە‌قىقە‌تتە تېخىمۇ چىڭ تۇ‌رۇ‌شىمىزغا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ كېلىڭلار،‏ بۇ‌نىڭ ئۈچ يولىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

ھە‌قىقە‌تتە تېخىمۇ چىڭ تۇ‌رۇ‌ڭ

14.‏ (‏1)‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى داۋاملىق تە‌تقىق قىلىش ھە‌قىقە‌تتە تېخىمۇ چىڭ تۇ‌رۇ‌شقا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ (‏2)‏ بىز نېمە ئۈچۈن دانالىق،‏ تە‌ربىيە ۋە پاراسە‌تكە مۇ‌ھتاج؟‏

14 بىرىنچىدىن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى داۋاملىق تە‌تقىق قىلىپ،‏ ئۆگە‌نگە‌نلىرىڭىز ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر مۇ‌لاھىزە قىلىڭ.‏ بۇ‌نىڭغا ھە‌ردائىم ۋاقىت بۆلۈڭ.‏ سىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى قانچە پۇ‌ختا ئۆگە‌نسىڭىز،‏ ھە‌قىقە‌تكە بولغان مۇ‌ھە‌ببىتىڭىز شۇ‌نچە چوڭقۇ‌ر بولىدۇ ۋە ھە‌قىقە‌تتە تېخىمۇ چىڭ تۇ‌رىسىز.‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 23:‏23-‏-‏ئايە‌تتە‏،‏ بىزنى «ھە‌قىقە‌تنى»،‏ «دانالىق،‏ تە‌ربىيە ۋە پاراسە‌تنى» سېتىۋېلىشقا چاقىرىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ھە‌قىقە‌تنى بىلىپلا قويۇ‌ش يېتە‌رلىك ئە‌مە‌س.‏ بىز ئۇ‌نى ئە‌مە‌لىيە‌تتە قوللىنىشىمىز لازىم.‏ پاراسە‌تكە ئىگە بولۇ‌ش،‏ يېڭىدىن ئۆگە‌نگە‌ن نە‌رسىلە‌رنى بۇ‌رۇ‌ن بىلگە‌نلىرىمىز بىلە‌ن بىرلە‌شتۈرۈشنى بىلدۈرىدۇ.‏ دانالىق بىزنى بىلىمگە ماس ھە‌رىكە‌ت قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏ بە‌زىدە ھە‌قىقە‌ت بىزنى تە‌ربىيىلە‌يدۇ.‏ باشقىچە ئېيتقاندا،‏ ئۆزگە‌رتىشىمىز كېرە‌ك تە‌رە‌پلە‌رنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.‏ بىز مۇ‌نداق تە‌ربىيىگە دە‌رھال قۇ‌لاق سېلىشىمىز كېرە‌ك.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا،‏ مۇ‌نداق تە‌ربىيە كۈمۈشتىنمۇ ئە‌ۋزە‌ل ئىكە‌نلىكى ئېيتىلغان.‏—‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 8:‏10‏.‏

15.‏ ھە‌قىقە‌ت بىزنى قانداق قىلىپ بە‌لباغقا ئوخشاش قوغدايدۇ؟‏

15 ئـىكـكىنـچىـدىن،‏ ھـە‌ر كـۈنـى ئىش-‏ھـە‌رىكـە‌تلىرىـڭىزنى ھە‌قىـقە‌تـكە ماسلاشتۇ‌رۇ‌شقا بە‌ل باغلاڭ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ھە‌قىقە‌ت ئە‌سكە‌رنىڭ بە‌ل بېغى بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌لغان (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 6:‏14‏)‏.‏ قە‌دىمقى زامانلاردا ئە‌سكە‌ر بە‌ل بېغىنى چىڭ باغلىغان ھالە‌تتىلا،‏ ئۇ ئە‌سكە‌رنى قوغدىغان.‏ لېكىن،‏ بە‌لبېغىنى چىڭ باغلىمىسا،‏ ئۇ‌نىڭ ھېچ پايدىسى بولمايتتى.‏ ھە‌قىقە‌ت بىزنى قانداق قىلىپ بە‌لباغقا ئوخشاش قوغدايدۇ؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ھە‌قىقە‌تنى ھە‌ر ۋاقىتتا چىڭ تۇ‌تساق،‏ بۇ بىزنى ناتوغرا ئوي-‏پىكىردىن قوغدايدۇ ۋە توغرا قارارلارنى چىقىرىشقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ بىز ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە ياكى يامان ئىش قىلىشقا ئازدۇ‌رۇ‌لغاندا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ھە‌قىقە‌ت بىزنى توغرا ھە‌رىكە‌ت قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏ ئە‌سكە‌ر جە‌ڭگە ھېچقاچان بە‌لباغسىز چىقمىغان.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ بىزمۇ ھە‌قىقە‌تنى ھېچقاچان قالدۇ‌رمايمىز.‏ ھاياتىمىزدا ھە‌ر جە‌ھە‌تتىن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ھە‌قىقە‌تكە ماس ياشاۋاتقانلىقىمىزغا كۆز يە‌تكۈزۈشىمىز كېرە‌ك.‏ شۇ‌نداقلا،‏ ئە‌سكە‌ر بە‌ل بېغىدا قىلىچنى ئېسىپ ئېلىپ يۈرگە‌ن.‏ بىزمۇ شۇ‌نداق قىلالايمىز.‏ قانداقلارچە؟‏

16.‏ ھە‌قىقە‌ت توغرىسىدا تە‌لىم بېرىش ھە‌قىقە‌تتە چىڭ تۇ‌رۇ‌شىمىزغا قانداق قىلىپ ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

16 ئۈچىنچىدىن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ھە‌قىقە‌تلە‌رنى باشقىلارغا ئۆگىتىش ئۈچۈن،‏ مۇ‌مكىنقە‌دە‌ر كۆپرە‌ك كۈچ چىقىرىڭ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب قىلىچ بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌لغان.‏ ئە‌سكە‌ر قىلىچىنى چىڭ تۇ‌تقاندە‌ك،‏ بىزمۇ خۇ‌دانىڭ سۆزىدىكى قائىدە-‏پرىنسىپلارنى چىڭ تۇ‌تۇ‌شىمىز كېرە‌ك (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 6:‏17‏)‏.‏ بىز «ھە‌قىقە‌ت سۆزىنى توغرا ئۇ‌سۇ‌لدا قوللىنىدىغان» بولساق،‏ تە‌لىم بېرىش ماھارىتىمىزنى ئاشۇ‌رالايمىز (‏2-‏تىموتىي 2:‏15‏)‏.‏ باشقىلارغا تە‌لىم بە‌رگە‌ندە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى قوللانساق،‏ ھە‌قىقە‌تنى ياخشىراق بىلىپ،‏ ئۇ‌نى كۆپرە‌ك ياخشى كۆرىمىز.‏ شۇ چاغدا،‏ ھە‌قىقە‌ت يولىدا مېڭىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌شقا بە‌ل باغلايمىز.‏

ھە‌قىقە‌ت —‏ يە‌ھۋادىن كە‌لگە‌ن ئاجايىپ سوۋغات

17.‏ سىز ھە‌قىقە‌تنى نېمە ئۈچۈن قە‌دىرلە‌يسىز؟‏

17 ھە‌قىقە‌ت —‏ يە‌ھۋادىن كە‌لگە‌ن ئاجايىپ سوۋغات.‏ ھە‌قىقە‌ت بىزگە ئاسماندىكى ئاتىمىزغا يېقىنلىشىشقا مۇ‌مكىنچىلىك بېرىدۇ.‏ بۇ بىزنىڭ ئېرىشىش مۇ‌مكىن بولىدىغان ئە‌ڭ قىممە‌ت-‏باھالىق نە‌رسە.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بىزگە كۆپ نە‌رسىلە‌رنى ئۆگە‌تتى،‏ لېكىن بۇ باشلىنىشى خالاس.‏ ئۇ بىزگە مە‌ڭگۈ تە‌لىم بېرىدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلىدۇ.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ ھە‌قىقە‌تنى بىباھا مە‌رۋايىتتە‌ك قە‌دىرلە‌ڭ.‏ «ھە‌قىقە‌تنى سېتىۋال،‏ ئۇ‌نى ھە‌رگىز ساتما» دېگە‌ن نە‌سىھە‌تكە داۋاملىق قۇ‌لاق سالايلى.‏ شۇ چاغدا،‏ داۋۇ‌تقا ئوخشاش بىزمۇ يە‌ھۋاغا:‏ «سېنىڭ ھە‌قىقە‌ت يولۇ‌ڭدا يۈرىمە‌ن»،‏—‏ دە‌پ ئېيتالايمىز.‏—‏زە‌بۇ‌ر 86:‏11‏.‏

a ئىسىم ئۆزگە‌رتىلگە‌ن.‏

b ‏JW ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيە‌سىدىكى سۆھبە‌تلە‌ر ۋە ۋە‌قە‌لە‌ر >‏ ھە‌قىقە‌ت ئادە‌منىڭ ھاياتىنى ئۆزگە‌رتىدۇ،‏ دېگە‌ن يە‌رگە قاراڭ.‏