مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

سىزنىڭ كۆز قارىشىڭىزنى كىم شە‌كىللە‌ندۈرىدۇ؟‏

سىزنىڭ كۆز قارىشىڭىزنى كىم شە‌كىللە‌ندۈرىدۇ؟‏

‏«بۇ دۇ‌نيانىڭ قېلىپىغا كىرمە‌ڭلار.‏—‏رىملىقلار 12:‏2‏.‏

ناخشىلار:‏ 11،‏ 22

1،‏ 2.‏ (‏1)‏ پېترۇ‌س ئە‌يسانى ئۆز مە‌نپە‌ئىتىنى ئويلاشقا دە‌ۋە‌ت قىلغاندا،‏ ئە‌يسا نېمە دېگە‌ن؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏.‏ (‏2)‏ ئە‌يسا نېمە سە‌ۋە‌بتىن شۇ‌نداق جاۋاب بە‌رگە‌ن؟‏

 ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرى ھە‌يران قالغان.‏ ئۇ‌لار مە‌سىھ كېلىپ،‏ ئىسرائىل پادىشاھلىقىنى قايتا تىكلە‌يدۇ،‏ دە‌پ ئويلىغان.‏ لېكىن،‏ ئە‌يسا ئۆزىنىڭ ئازاب چېكىپ،‏ ئۆلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ شۇ چاغدا،‏ ئە‌لچى پېترۇ‌س:‏ «خۇ‌دا سىزنى ساقلىسۇ‌ن،‏ ھە‌زرىتىم!‏ بۇ ئىشلار بېشىڭىزغا ئە‌سلا كە‌لمە‌يدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ ئە‌يسا ئۇ‌نىڭغا:‏ «كۆزۈمدىن يوقال،‏ شە‌يتان!‏ سە‌ن ماڭا پۇ‌تلىكاشاڭ تاش،‏ چۈنكى سېنىڭ ئويلىغانلىرىڭ خۇ‌دانىڭ ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئىنسانلارنىڭ ئوي-‏پىكىرلىرىدۇ‌ر»،‏—‏ دە‌پ جاۋاب قايتۇ‌رغان.‏—‏مە‌تتا 16:‏21—‏23؛‏ ئە‌لچىلە‌ر 1:‏6‏.‏

2 ئە‌يسا بۇ سۆزلىرى بىلە‌ن يە‌ھۋانىڭ كۆز قارىشى ۋە شە‌يتان باشقۇ‌رۇ‌ۋاتقان دۇ‌نيادىكى كۆز قاراشلار ئارىسىدا پە‌رق بارلىقىنى ئېنىق كۆرسە‌تكە‌ن (‏1-‏يۇ‌ھاننا 5:‏19‏)‏.‏ پېترۇ‌س ئە‌يسانى كۆپ ئادە‌ملە‌رگە خاس بولغان شە‌خسىيە‌تچىلىككە دە‌ۋە‌ت قىلغان.‏ بىراق،‏ ئە‌يسا ئۆزىنىڭ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت ۋە ئۆلۈمگە تە‌ييار بولۇ‌شىنى يە‌ھۋانىڭ خالىغانلىقىنى بىلگە‌ن.‏ ئە‌يسا بە‌رگە‌ن جاۋاب ئۇ‌نىڭ يە‌ھۋانىڭ كۆز قارىشىغا ماس ھە‌رىكە‌ت قىلىپ،‏ بۇ دۇ‌نيادىكى كۆز قاراشنى رە‌ت قىلغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏

3.‏ بۇ دۇ‌نيانىڭ كۆز قارىشىنى رە‌ت قىلىپ،‏ يە‌ھۋانىڭ كۆز قارىشىنى قوبۇ‌ل قىلىش نېمە ئۈچۈن قىيىن؟‏

3 بىزچۇ،‏ بىز قانداق قىلىمىز؟‏ بىز يە‌ھۋانىڭ كۆز قارىشىنى قوبۇ‌ل قىلىمىزمۇ ياكى بۇ دۇ‌نيادىكى ئادە‌ملە‌رنىڭكىنىمۇ؟‏ بىز خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرى بولغاچقا،‏ ئۇ‌نىڭ قە‌لبىنى خۇ‌شال قىلىش ئۈچۈن بار كۈچىمىزنى چىقىرىمىز.‏ ئە‌مما،‏ بىز يە‌ھۋاغا ئوخشاش ئويلاشقا،‏ يە‌نى ھە‌ربىر ۋە‌زىيە‌تكە ئۇ‌نىڭ كۆز قارىشى بىلە‌ن قاراشقا تىرىشىمىزمۇ؟‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقرىش كېرە‌ك.‏ دۇ‌نيانىڭ روھى بىزنى ھاۋادە‌ك قورشىغانلىقتىن،‏ ئۇ‌نىڭدىكى كۆز قاراشلارنى قوبۇ‌ل قىلىش ئاسان (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 2:‏2‏)‏.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ ئە‌تراپىمىزدىكى ئادە‌ملە‌ر پە‌قە‌ت ئۆزلىرىنىلا ئويلايدۇ ۋە بۇ بىزگىمۇ تە‌سىر قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ دە‌رۋە‌قە،‏ يە‌ھۋاغا ئوخشاش ئويلاش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش كېرە‌ك،‏ لېكىن بۇ دۇ‌نيادىكى ئادە‌ملە‌ردە‌ك ئويلاش بە‌ك ئاسان.‏

4.‏ (‏1)‏ كۆز قارىشىمىزغا مۇ‌شۇ دۇ‌نيانىڭ تە‌سىر قىلىشىغا يول قويساق،‏ نېمە بولىدۇ؟‏ (‏2)‏ بۇ ماقالىدە نېمىلە‌رنى كۆرۈپ چىقىمىز؟‏

4 كۆز قارىشىمىزغا مۇ‌شۇ دۇ‌نيانىڭ تە‌سىر قىلىشىغا يول قويساق،‏ شە‌خسىيە‌تچى بولۇ‌پ كېتىپ،‏ نېمىنىڭ توغرا،‏ نېمىنىڭ ناتوغرا ئىكە‌نلىكىنى ئۆزىمىز قارار قىلىشنى خالىشىمىز مۇ‌مكىن (‏ماركۇ‌س 7:‏21،‏ 22‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز ئىنسانلاردە‌ك ئە‌مە‌س،‏ خۇ‌داغا ئوخشاش ئويلاشنى ئۆگىنىشىمىز ناھايىتى مۇ‌ھىم!‏ بۇ ماقالە بىزگە شۇ‌نى ئۆگىنىشكە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ بىز يە‌ھۋاغا ئوخشاش ئويلاشنىڭ نېمە ئۈچۈن ئە‌ركىنلىكىمىزنى چە‌كلىمە‌يدىغانلىقىنى،‏ ئە‌كسىچە كۆپ پايدىغا ئېرىشتۈرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ شۇ‌نداقلا بۇ دۇ‌نيانىڭ كۆز قارىشى ۋە ئوي-‏پىكىر قىلىش ئۇ‌سۇ‌لىنى ئۈلگە قىلماسلىق،‏ يە‌نى كۆز قارىشىمىزنى شە‌كىللە‌ندۈرۈشىگە يول بە‌رمە‌سلىك ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرە‌كلىكىنى ئۆگىنىمىز.‏ كېيىنكى ماقالىدە،‏ يە‌ھۋانىڭ بە‌زى مە‌سىلىلە‌رگە قارىتا كۆز قارىشىنى قانداق بىلە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى ۋە ئۇ‌نىڭ كۆز قارىشىغا قانداق ئىگە بولالايدىغانلىقىمىزنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

يە‌ھۋانىڭ كۆز قارىشىنىڭ پايدىسى

5.‏ بە‌زى ئادە‌ملە‌ر نېمە ئۈچۈن بىرسىنىڭ دېگىنىنى قىلغۇ‌سى كە‌لمە‌يدۇ؟‏

5 بە‌زى ئادە‌ملە‌ر بىرسىنىڭ دېگىنىنى قىلغۇ‌سى كە‌لمە‌يدۇ.‏ ئۇ‌لار «ئۆزۈم بىلىمە‌ن» دە‌يدۇ.‏ بە‌لكىم،‏ بۇ سۆزلىرى بىلە‌ن ئۇ‌لار ئۆزلىرى قارار چىقىرالايدىغانلىقىنى ۋە بۇ‌نداق قىلىش ھوقۇ‌قى بارلىقىنى كۆرسىتىشنى خالايدىغاندۇ.‏ شۇ‌نداق ئادە‌ملە‌ر بىرسىنىڭ ئۇ‌لارنى كونترول قىلىشىنى ياكى باشقىلاردە‌ك قىلىشقا مە‌جبۇ‌رلىشىنى خالىمايدۇ a (‏ئىزاھاتقا قاراڭ)‏.‏

6.‏ (‏1)‏ يە‌ھۋا بىزگە قانداق ئە‌ركىنلىك بە‌رگە‌ن؟‏ (‏2)‏ بۇ ئە‌ركىنلىك چە‌كسىزمۇ؟‏

6 ئە‌لۋە‌تتە،‏ يە‌ھۋانىڭ كۆز قارىشىنى قوبۇ‌ل قىلىش،‏ بۇ ئۆزىمىزنىڭ ئوي-‏پىكىر قىلىش ھوقۇ‌قى يوق ئىكە‌نلىكىنى بىلدۈرمە‌يدۇ.‏ 2-‏كورىنتلىقلار 3:‏17-‏ئايە‌تتە‏:‏ «قە‌يە‌ردە يە‌ھۋانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھى بار بولسا،‏ ئۇ يە‌ردە ئە‌ركىنلىك باردۇ‌ر»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان.‏ يە‌ھۋا بىزگە قانداق ئادە‌م بولۇ‌شنى تاللىشىمىزغا پۇ‌رسە‌ت بە‌رگە‌ن.‏ ھە‌ممىمىز نېمىگە قىزىقىشنى ۋە نېمىگە ئامراق بولۇ‌شنى ئۆزىمىز تاللىيالايمىز.‏ يە‌ھۋا بىزنى شۇ‌نداق ياراتقان.‏ ئە‌مما،‏ بۇ ئە‌ركىنلىكىمىزنىڭ چە‌كسىز ئىكە‌نلىكىنى بىلدۈرمە‌يدۇ ‏(‏1-‏پېترۇ‌س 2:‏16-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بىزگە نېمىنىڭ توغرا،‏ نېمىنىڭ ناتوغرا ئىكە‌نلىكىنى ئېنىقلاشقا توغرا كە‌لگە‌ندە،‏ يە‌ھۋا بىزنىڭ يول-‏يورۇ‌قنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ئىزدىشىمىزنى خالايدۇ.‏ قانداق ئويلايسىز،‏ بۇ ئە‌ركىنلىكىمىزنى چە‌كلە‌مدۇ ياكى بىزگە پايدا ئېلىپ كېلە‌مدۇ؟‏

7،‏ 8.‏ يە‌ھۋانىڭ كۆز قارىشىغا ئىگە بولۇ‌ش ئە‌ركىنلىكىمىزنى چە‌كلە‌مدۇ؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

7 بۇ‌نى چۈشىنىش ئۈچۈن،‏ بىر مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ ئاتا-‏ئانا بالىسىغا ياخشى تە‌ربىيە بېرىشكە تىرىشىدۇ.‏ ئۇ‌لار پە‌رزە‌نتلىرىنى ۋىجدانلىق،‏ ئىش-‏ئە‌مگە‌كنى سۆيىدىغان ۋە كىشىلە‌رگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدىغان بالا بولۇ‌شى ئۈچۈن تە‌ربىيىلە‌يدۇ.‏ بۇ‌نداق قىلىش ئاتا-‏ئانا بالىسىنىڭ ئە‌ركىنلىكىنى چە‌كلىگە‌نلىك بولامدۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ياق.‏ بە‌لكى ئۇ‌لار بالىسىنىڭ كېلە‌چە‌كتە ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇ‌شلۇ‌ق بولۇ‌شىغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ بالا چوڭ بولۇ‌پ،‏ ئۆيىدىن ئايرىلغاندا،‏ ئۆزى قارار قىلىدىغان بولىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر ئۇ ئاتا-‏ئانىسى بە‌رگە‌ن ياخشى تە‌ربىيىگە ماس ھايات كە‌چۈرسە،‏ دانا قارارلارنى چىقىرىپ،‏ كۆپ قىيىنچىلىقلاردىن،‏ غە‌م-‏قايغۇ ۋە ئۈمىدسىزلىكلە‌ردىن نېرى بولالايدۇ.‏

يە‌ھۋا بىزنى ئۇ‌نىڭ كۆز قارىشىغا ئىگە بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭ ئۆلچە‌ملىرىگە ماس ياشاشقا چاقىرىدۇ

8 كۆيۈمچان ئاتىغا ئوخشاش،‏ يە‌ھۋامۇ ئۆز بالىلىرىنىڭ بە‌ختلىك ھايات كە‌چۈرۈشىنى خالايدۇ (‏يە‌شايا 48:‏17،‏ 18‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ بىزگە يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌ش ۋە باشقىلارغا قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىش ھە‌ققىدە ئاساسىي پرىنسىپلارنى بە‌رگە‌ن.‏ يە‌ھۋا بىزنى ئۇ‌نىڭ كۆز قارىشىغا ئىگە بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭ ئۆلچە‌ملىرىگە ماس ياشاشقا چاقىرىدۇ.‏ بۇ بىزنىڭ ئە‌ركىنلىكىمىزنى چە‌كلىمە‌يدۇ.‏ ئە‌كسىچە،‏ بىزنىڭ تېخىمۇ دانا بولۇ‌شىمىز ۋە توغرا قارار چىقىرىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 92:‏5؛‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 2:‏1—‏5؛‏ يە‌شايا 55:‏9‏)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ قارار چىقىرىش ئۆز قولىمىزدا،‏ بىراق،‏ بىزنى خۇ‌شال قىلىدىغان قارارلارنى چىقىرىدىغان بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك (‏زە‌بۇ‌ر 1:‏2،‏ 3‏)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ كۆز قارىشىغا ئىگە بولساق،‏ مول بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشىمىز!‏

يە‌ھۋانىڭ كۆز قارىشى ھە‌ممىدىن ئۈستۈن

9،‏ 10.‏ يە‌ھۋانىڭ كۆز قارىشى بۇ دۇ‌نيادىكى ئوي-‏پىكىرلە‌ردىن ئۈستۈن ئىكە‌نلىكىنى نېمە ئىسپاتلايدۇ؟‏

9 كۆز قارىشىمىزنى يە‌ھۋانىڭ كۆز قارىشىغا ماسلاشتۇ‌رۇ‌شنىڭ يە‌نە بىر سە‌ۋە‌بى —‏ ئۇ‌نىڭ كۆز قارىشى مۇ‌شۇ دۇ‌نيادىكى كۆز قاراشلاردىن نە‌قە‌دە‌ر ئۈستۈندۇ‌ر.‏ بۇ دۇ‌نيا يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌ش،‏ ئائىلىۋى بە‌خت،‏ ئۇ‌تۇ‌ق قازىنىش ۋە ھاياتىمىزنىڭ باشقا ساھە‌لىرى ھە‌ققىدە مە‌سلىھە‌تلە‌رنى بېرىدۇ.‏ بىراق،‏ مۇ‌شۇ مە‌سلىھە‌تلە‌رنىڭ كۆپىنچىسى يە‌ھۋانىڭ كۆز قارىشىغا قارشىدۇ‌ر.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بۇ دۇ‌نيا ئادە‌ملە‌رنى پە‌قە‌ت ئۆز مە‌نپە‌ئە‌تىنىلا ئويلاشقا ۋە جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىققا كۆز يۇ‌مۇ‌شقا ئۈندە‌يدۇ.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن بۇ دۇ‌نيا ئە‌ر-‏ئايال ئە‌رزىمە‌س سە‌ۋە‌ب تۈپە‌يلىدىن ئايرىم ياشىسا ياكى ئاجراشسا،‏ بە‌ختلىكىرە‌ك بولالايدۇ،‏ دە‌پ ئۆگىتىدۇ.‏ بىراق،‏ شۇ‌نداق ئوي-‏پىكىرلە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا زىتتۇ‌ر.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ بۈگۈنكى كۈندە بۇ دۇ‌نيانىڭ مە‌سلىھە‌تلىرى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ مە‌سلىھە‌تلىرى قارىغاندا كۆپ پايدىلىقمۇ؟‏

10 ئە‌يسا:‏ «ھېكمە‌ت ئۆز ئىشلىرى بىلە‌ن دە‌لىللىنىدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن (‏مە‌تتا 11:‏19‏)‏.‏ گە‌رچە بۇ دۇ‌نيادا پە‌ن-‏تېخنىكا زور تە‌رە‌ققىي قىلغان بولسىمۇ،‏ ئادە‌ملە‌رگە ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى ئېلىپ كېلىدىغان ئۇ‌رۇ‌ش،‏ ئىرقى كە‌مسىتىش ۋە جىنايە‌تلە‌ر تېخىچە يوقالمىدى .‏ بۇ‌نىڭدىن تاشقىرى،‏ بۇ دۇ‌نيادا جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىق ئادە‌تتىكى نە‌رسىگە ئايلانغان.‏ لېكىن،‏ كۆپ ئادە‌ملە‌ر ئە‌خلاقسىزلىقنىڭ ئائىلىلە‌رنى ۋە‌يران قىلىپ،‏ سالامە‌تلىككە زىيان كە‌لتۈرۈپ،‏ ھە‌م باشقا ئېغىر ئاقىۋە‌تلە‌رنى پە‌يدا قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ.‏ يە‌ھۋانىڭ مە‌سلىھە‌تلىرى ھە‌ققىدە نېمە دېيىشكە بولىدۇ؟‏ ئۇ‌نىڭ كۆز قارىشىنى قوبۇ‌ل قىلغان دۇ‌نيانىڭ جاي-‏جايلىرىدىكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ ئائىلىلىرى بە‌ختلىكرە‌ك،‏ ساغلامراق ۋە بىر-‏بىرى بىلە‌ن ئىناق ياشىماقتا (‏يە‌شايا 2:‏4؛‏ ئە‌لچىلە‌ر 10:‏34،‏ 35؛‏ 1-‏كورىنتلىقلار 6:‏9—‏11‏)‏.‏ بۇ‌نىڭ ھە‌ممىسى يە‌ھۋانىڭ كۆز قارىشى بۇ دۇ‌نيادىكى ئوي-‏پىكىرلە‌ردىن ئۈستۈن ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.‏

11.‏ مۇ‌سانىڭ كۆز قارىشىنى كىم شە‌كىللە‌ندۈرگە‌ن ۋە بۇ‌نىڭ نە‌تىجىسى قانداق بولغان؟‏

11 يە‌ھۋانىڭ قە‌دىمقى زاماندىكى سادىق خىزمە‌تچىلىرى ئۇ‌نىڭ كۆز قارىشى ئە‌ڭ ئۈستۈن تۇ‌رىدىغانلىقىنى بىلگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ مۇ‌سا مىسىرلىقلارنىڭ بارلىق دانالىقىنى ئۆگىنىپ چوڭ بولغان بولسىمۇ،‏ پە‌قە‌ت يە‌ھۋا ھە‌قىقىي دانالىقنىڭ مە‌نبە‌سى ئىكە‌نلىكىنى چۈشە‌نگە‌ن (‏ئە‌لچىلە‌ر 7:‏22؛‏ زە‌بۇ‌ر 90:‏12‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ يە‌ھۋادىن:‏ «ماڭا ئۆز يوللىرىڭنى كۆرسىتىپ بە‌ر»،‏—‏ دە‌پ سورىغان (‏چىقىش 33:‏13‏)‏.‏ مۇ‌سا يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌نىڭ كۆز قارىشىنى شە‌كىللە‌ندۈرۈشىگە يول قويغان.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ خۇ‌دا ئۆز ئىرادىسىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن مۇ‌سانى ئالاھىدە ئۇ‌سۇ‌لدا ئىشلە‌تكە‌ن ۋە ئۇ‌نى ئېتىقادى مە‌ھكە‌م كىشى دە‌پ ئاتاپ،‏ زور شان-‏شە‌رە‌پكە ئېرىشتۈرگە‌ن.‏—‏ئىبرانىيلار 11:‏24—‏27‏.‏

12.‏ پاۋلۇ‌س نېمىگە ئاساسلىنىپ قارار چىقارغان؟‏

12 ئە‌لچى پاۋلۇ‌س بىلىمگە ئىگە،‏ ئوقۇ‌مۇ‌شلۇ‌ق كىشى بولغان ۋە ئىبرانىي ھە‌م گرېك تىللىرىنى بىلگە‌ن (‏ئە‌لچىلە‌ر 5:‏34؛‏ 21:‏37،‏ 39؛‏ 22:‏2،‏ 3‏)‏.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ بۇ دۇ‌نيانىڭ دانالىقىغا تايانماي،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارغا ئاساسلىنىپ قارار چىقارغان ‏(‏ئە‌لچىلە‌ر 17:‏2؛‏ 1-‏كورىنتلىقلار 2:‏6،‏ 7،‏ 13نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ نە‌تىجىدە،‏ ئۇ‌نىڭ خىزمىتى بە‌ك ئۈنۈملۈك بولۇ‌پ،‏ ئۇ مە‌ڭگۈلۈك مۇ‌كاپاتنى تاقە‌تسىزلىك بىلە‌ن كۈتكە‌ن.‏—‏2-‏تىموتىي 4:‏8‏.‏

13.‏ كۆز قارىشىمىزنى ئۆزگە‌رتىپ،‏ ئۇ‌نى يە‌ھۋانىڭ كۆز قارىشىغا ماسلاشتۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن كىم جاۋابكار؟‏

13 ئېنىقكى،‏ يە‌ھۋانىڭ كۆز قارىشى دۇ‌نيانىڭكىدىن بە‌كمۇ ئۈستۈندۇ‌ر.‏ ئە‌گە‌ر بىز خۇ‌دانىڭ ئۆلچە‌ملىرىگە ماس ياشىساق،‏ ھە‌قىقىي بە‌ختكە ئېرىشە‌لە‌يمىز.‏ بىراق،‏ يە‌ھۋا بىزنى ئۆزىگە ئوخشاش ئويلاشقا مە‌جبۇ‌رلىمايدۇ.‏ «سادىق ۋە ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلىك قۇ‌ل» ياكى ئاقساقاللارمۇ بىزنى بۇ‌نىڭغا مە‌جبۇ‌رلىمايدۇ (‏مە‌تتا 24:‏45؛‏ 2-‏كورىنتلىقلار 1:‏24‏)‏.‏ ھە‌ربىرىمىز كۆز قارىشىمىزنى ئۆزگە‌رتىپ،‏ ئۇ‌نى يە‌ھۋانىڭ كۆز قارىشىغا ماسلاشتۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن جاۋابكار.‏ يە‌ھۋاغا ئوخشاش ئويلاش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏

كۆز قارىشىمىزنى بۇ دۇ‌نيا شە‌كىللە‌ندۈرمىسۇ‌ن

14،‏ 15.‏ (‏1)‏ يە‌ھۋاغا ئوخشاش ئويلاش ئۈچۈن بىز نېمە ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ (‏2)‏ نېمە ئۈچۈن دۇ‌نيانىڭ كۆز قارىشى بىزگە تە‌سىر قىلىشىغا يول قويماسلىقىمىز لازىم؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

14 رىملىقلار 12:‏2-‏ئايە‌تتە‏:‏ «بۇ دۇ‌نيانىڭ قېلىپىغا كىرمە‌ڭلار.‏ ئە‌كسىچە،‏ خۇ‌دانىڭ ياخشى،‏ مە‌قبۇ‌ل ۋە مۇ‌كە‌ممە‌ل ئىرادىسىنىڭ نېمە ئىكە‌نلىكىگە كۆز يە‌تكۈزۈش ئۈچۈن ئە‌قلىڭلارنى يېڭىلاپ،‏ ئۆزۈڭلارنى ئۆزگە‌رتىڭلار»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان.‏ بۇ ئايە‌تتىن شۇ‌نى كۆرۈۋېلىشىقا بولىدۇ‌كى،‏ ھە‌قىقە‌تنى بىلىشتىن ئاۋۋال كۆز قارىشىمىزنى قانداق نە‌رسىلە‌ر شە‌كىللە‌ندۈرگىنىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ بىز ئوي-‏پىكرىمىزنى ئۆزگە‌رتىپ،‏ ئۇ‌نى يە‌ھۋانىڭكىگە تېخىمۇ ماسلاشتۇ‌رالايمىز.‏ ئېرىسىيە‌تلىك ئامىللار ياكى ئۆتمۈشتىكى ۋە‌قە‌لە‌ر كۆز قارىشىمىزغا مە‌لۇ‌م دە‌رىجىدە تە‌سىر قىلسىمۇ،‏ ئوي-‏پىكرىمىزنى ئۆزگە‌رتىش مۇ‌مكىن.‏ كۆز قارىشىمىزنىڭ ئۆزگىرىشى ئويلىرىمىز بىلە‌ن زىچ باغلىق.‏ ئە‌گە‌ر بىز يە‌ھۋانىڭ ئويلىرى ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلساق،‏ ئۇ‌نىڭ كۆز قارىشى ھە‌ردائىم توغرا ئىكە‌نلىكىگە كۆز يە‌تكۈزىمىز.‏ شۇ چاغدىلا بىز ھە‌رقانداق ۋە‌زىيە‌تكە،‏ ئۇ‌نىڭ كۆز قارىشى بىلە‌ن قارايدىغان بولىمىز.‏

15 كۆز قارىشىمىزنى ئۆزگە‌رتىپ،‏ يە‌ھۋاغا ئوخشاش ئويلاش ئۈچۈن،‏ ئە‌ڭ ئاۋۋال بۇ دۇ‌نيادىكى قېلىپقا كىرىپ قالماسلىقىمىز كېرە‌ك.‏ دېمە‌ك،‏ بىز خۇ‌دانىڭ كۆز قارىشىغا زىت ھە‌رقانداق نە‌رسىنى كۆرۈشتىن،‏ ئوقۇ‌شتىن ۋە تىڭشاشتىن نېرى بولۇ‌شىمىز لازىم.‏ بۇ‌نىڭ مۇ‌ھىملىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن بىر مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ سالامە‌تلىكى ياخشى بولۇ‌شىنى خالايدىغان كىشى پايدىلىق تائاملارنى ئىستىمال قىلىشقا تىرىشىدۇ.‏ لېكىن،‏ ئۇ پايدىلىق تائام يە‌يمە‌ن،‏ دە‌پ ھە‌ردائىم بۇ‌زۇ‌لۇ‌پ قالغان تائامنى يېسە،‏ كۆزلىگە‌ن مە‌قسىتىگە يېتە‌لمە‌يدۇ.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ بىز دۇ‌نيانىڭ كۆز قارىشى بىزگە تە‌سىر قىلىشىغا يول قويساق،‏ يە‌ھۋانىڭ ئويىنى بىلىشكە تىرىشقانلىقىمىز بىكار بولىدۇ.‏

16.‏ بىز ئۆزىمىزنى نېمىدىن قوغدىشىمىز كېرە‌ك؟‏

16 ئە‌لۋە‌تتە،‏ بىز بۇ دۇ‌نيانىڭ ئوي-‏پىكىرلىرىدىن پۈتۈنلە‌ي نېرى تۇ‌رالمايمىز.‏ بۇ دۇ‌نيادىن ھېچ يە‌رگە قاچالمايمىز،‏ شۇ‌ڭا بىز بە‌رىبىر ئۇ‌لارغا دۇ‌چ كېلىمىز (‏1-‏كورىنتلىقلار 5:‏9،‏ 10‏)‏.‏ ھە‌تتا ۋە‌ز قىلغاندىمۇ بە‌زى ناتوغرا تە‌لىملە‌رنى ئاڭلايمىز.‏ لېكىن،‏ ئاڭلاپ قالغان ئوي-‏پىكىرلە‌ر ھە‌ققىدە داۋاملىق ئويلىماسلىقىمىز ياكى ئۇ‌لارنى قوبۇ‌ل قىلماسلىقىمىز كېرە‌ك.‏ بىز ئە‌يسادىن ئۈلگە ئېلىپ،‏ شە‌يتان ئېڭىمىزغا سىڭدۈرمە‌كچى بولغان پىكىرلە‌رنى دە‌رھال رە‌ت قىلىشىمىز زۆرۈر.‏ بۇ دۇ‌نيانىڭ كۆز قارىشىدىن مۇ‌مكىنقە‌دە‌ر نېرى تۇ‌رۇ‌ش ئارقىلىق ئۆزىمىزنى قوغدىيالايمىز‏.‏—‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 4:‏23-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

17.‏ بۇ دۇ‌نيانىڭ ئوي-‏پىكىرلىرىدىن ئۆزىمىزنى قوغداش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏

17 مە‌سىلە‌ن،‏ ئۆزىمىزنى قوغداش ئۈچۈن ياخشى دوستلارنى تاللىشىمىز كېرە‌ك.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئېيتىلغاندە‌ك،‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلمايدىغانلار بىلە‌ن دوست بولساق،‏ ئۇ‌لارغا ئوخشاش ئويلاشنى باشلىشىمىز مۇ‌مكىن (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 13:‏20؛‏ 1-‏كورىنتلىقلار 15:‏12،‏ 32،‏ 33‏)‏.‏ ئويۇ‌ن-‏تاماشا تۈرلىرىنى تاللىغاندىمۇ پە‌خە‌س بولۇ‌شىمىز لازىم.‏ تە‌درىجىي تە‌رە‌ققىيات نە‌زە‌رىيىسى،‏ زوراۋانلىق ۋە ئە‌خلاقسىزلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئويۇ‌ن-‏تاماشا تۈرلىرىنى رە‌ت قىلساق،‏ «خۇ‌دانى تونۇ‌شقا توسقۇ‌نلۇ‌ق قىلىدىغان بارچە تە‌كە‌ببۇ‌ر كۆز قاراشلارنى» ئە‌قلىمىزنى زە‌ھە‌رلىنىشتىن قوغداپ قالالايمىز.‏—‏2-‏كورىنتلىقلار 10:‏5‏.‏

بالىلىرىمىزنىڭ زىيانلىق ئويۇ‌ن-‏تاماشا تۈرلىرىنى رە‌ت قىلىشنى ئۆگىنىشىگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يمىز؟‏ (‏18،‏ 19-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

18،‏ 19.‏ (‏1)‏ نېمە ئۈچۈن بۇ دۇ‌نيانىڭ يوشۇ‌رۇ‌ن بايقاش قىيىن ئوي-‏پىكىرلىرىدىن پە‌خە‌س بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏ (‏2)‏ ئۆزىمىزگە قانداق سوئاللارنى قويساق بولىدۇ ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

18 بىز بۇ دۇ‌نيادىكى كۆرۈنمە‌يدىغان يوشۇ‌رۇ‌ن ئوي-‏پىكىرلە‌رنى بايقاپ،‏ رە‌ت قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بە‌زىدە خە‌ۋە‌رلە‌ردە قانداقتۇ بىر سىياسىي ئوي-‏پىكىر ياكى بۇ دۇ‌نيادىكى ئادە‌ملە‌رنىڭ كۆزلىگە‌ن مە‌قسە‌ت-‏نىشانلىرى تە‌شۋىق قىلىنىشى مۇ‌مكىن.‏ بە‌زى فىلىملە‌ر ۋە كىتابلار «بىرىنچى نۆۋە‌تتە مە‌ن»،‏ «بىرىنچى ئورۇ‌ندا ئائىلە‌م» دە‌پ ئويلاشقا دە‌ۋە‌ت قىلىپ،‏ شۇ‌نداق پىكىرلە‌رنى ئە‌قىلگە مۇ‌ۋاپىق،‏ يېقىملىق،‏ ھە‌تتا توغرا دە‌پ كۆرسىتىشى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما،‏ بۇ ئوي-‏پىكىرلە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا زىت.‏ خۇ‌دا سۆزىدە،‏ يە‌ھۋانى ھە‌ممىدىن ئارتۇ‌ق سۆيسە‌ك،‏ ئۆزىمىزمۇ،‏ ئائىلىمىزمۇ بە‌ختلىك بولالايدىغانلىقى يېزىلغان (‏مە‌تتا 22:‏36—‏39‏)‏.‏ شۇ‌نداقلا،‏ بالىلار ئۈچۈن بە‌زى كىتابلار،‏ ئويۇ‌نلار ۋە كارتون فىلىملە‌ر زىيانسىز بولۇ‌پ كۆرۈنسىمۇ،‏ بالىلارنى ئە‌خلاقسىز يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شقا ئۆگىتىشى مۇ‌مكىن.‏

19 ئە‌لۋە‌تتە،‏ بىز پايدىلىق ئويۇ‌ن-‏تاماشا تۈرلىرىنى رە‌ت قىلمايمىز.‏ بىراق،‏ ئۆزىمىزدىن مۇ‌نداق سورىساق بولىدۇ:‏ «مە‌ن بۇ دۇ‌نيانىڭ يوشۇ‌رۇ‌ن ئوي-‏پىكىرلىرىنى بايقايمە‌نمۇ؟‏ ئۆزۈمنى ۋە بالىلىرىمنى بە‌زى تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىدىن ۋە ماتېرىياللاردىن قوغدايمە‌نمۇ؟‏ بالىلىرىم بۇ دۇ‌نيادىكى ئۆي-‏پىكىرلە‌رنى قوبۇ‌ل قىلماسلىقى ئۈچۈن،‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋانىڭ كۆز قارىشىغا ئىگە بولۇ‌شىغا ياردە‌م بېرىمە‌نمۇ؟‏» ئە‌گە‌ر بىز خۇ‌دانىڭ ۋە دۇ‌نيانىڭ كۆز قارىشى ئارىسىدىكى پە‌رقنى ئېنىق كۆرسە‌ك،‏ كۆز قارىشىمىزنى بۇ دۇ‌نيانىڭ شە‌كىللە‌ندۈرۈشىگە يول قويمايمىز.‏

سىزنى كىم شە‌كىللە‌ندۈرىۋاتىدۇ؟‏

20.‏ بىزنى كىم شە‌كىللە‌ندۈرىدىغانلىقى نېمىگە باغلىق؟‏

20 مە‌لۇ‌ماتنىڭ پە‌قە‌ت ئىككى مە‌نبە‌سى بار ئىكە‌نلىكىنى ئۇ‌نتۇ‌مايلى.‏ بىرى —‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا،‏ ئىككىنچىسى —‏ شە‌يتان ۋە ئۇ‌نىڭ رە‌زىل دۇ‌نياسى.‏ سىزنى كىم شە‌كىللە‌ندۈرىۋاتىدۇ؟‏ بۇ سىزنىڭ قايسى مە‌نبە‌دىن مە‌لۇ‌مات ئالغانلىقىڭىزغا باغلىق.‏ بۇ دۇ‌نيادىكى كۆز قاراشنى قوبۇ‌ل قىلساق،‏ بۇ دۇ‌نيا كۆز قارىشىمىزنى شە‌كىللە‌ندۈرۈپ،‏ پە‌قە‌ت ئۆز مە‌نپە‌ئە‌تىمىزنى ئويلايدىغان بولىمىز.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز نېمىنى كۆرۈش،‏ ئوقۇ‌ش ۋە تىڭشاشنى تاللىغاندا،‏ ئېھتىياتچان بولۇ‌شىمىز بە‌ك مۇ‌ھىم!‏

21.‏ كېيىنكى ماقالىدە نېمىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

21 بۇ ماقالىدىن يە‌ھۋاغا ئوخشاش ئويلاش ئۈچۈن،‏ بىز بۇ دۇ‌نيادىكى ئوي-‏پىكىرلە‌ردىن نېرى تۇ‌رۇ‌شىمىز كېرە‌كلىكىنى بىلىۋالدۇ‌ق.‏ بىز خۇ‌دانىڭ ئوي-‏پىكىرلىرى ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلساق،‏ كۆز قارىشىمىز ئۇ‌نىڭكىگە ئوخشاش بولىدۇ.‏ كېيىنكى ماقالىدە،‏ بىز خۇ‌دانىڭ كۆز قارىشىنى قوبۇ‌ل قىلىشنى ئۆگىنىمىز.‏

a ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ ھە‌تتا ئە‌ڭ مۇ‌ستە‌قىل كىشىلە‌رمۇ ئە‌تراپىدىكىلە‌رنىڭ تە‌سىرىگە ئۇ‌چرايدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ھاياتلىقنىڭ باشلىنىشى ھە‌ققىدە كۆز قارىشىمىزغا ۋە كىيىنىش ئۇ‌سۇ‌لىمىزغا باشقىلار ئازىراق بولسىمۇ،‏ تە‌سىر قىلىدۇ.‏ لېكىن،‏ بىزگە كىمنىڭ تە‌سىر قىلىشىغا يول قويۇ‌ش ئۆزىمىزنىڭ قولىمىزدا.‏