مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

يە‌ھۋاغا تايىنىپ ھايات كە‌چۈرۈڭ!‏

يە‌ھۋاغا تايىنىپ ھايات كە‌چۈرۈڭ!‏

‏«پۈتۈن قە‌لبىڭ بىلە‌ن ئىشە‌ن يە‌ھۋاغا،‏ ئۆز ئە‌قلىڭگە تايانما».‏ ‏—‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 3:‏5‏.‏

ناخشىلار:‏ 152،‏ 49

1.‏ نېمە ئۈچۈن ھە‌ممىمىز تە‌سە‌للىگە مۇ‌ھتاج؟‏

 بىز ھە‌ممىمىز تە‌سە‌للىگە مۇ‌ھتاج.‏ بە‌لكىم،‏ ھاياتىمىز غە‌م-‏ئە‌ندىشىلە‌ر،‏ ئۈمىدسىزلىك ۋە خاتىرجە‌مسىزلىككە تولغاندۇ.‏ ئاغرىق ۋە قېرىلىقنىڭ دە‌ردىنى تارتقاچ ياكى يېقىنلىرىمىزدىن ئايرىلغاچ ئازابلىنىۋاتقان بولۇ‌شىمىز مۇ‌مكىن.‏ باشقىلار بولسا ئادالە‌تسىزلىككە دۇ‌چ كېلىۋاتقاندۇ.‏ بۇ‌نىڭدىن تاشقىرى،‏ ئە‌تراپىمىزدىكى ئادە‌ملە‌ر بارغانسېرى زوراۋان بولۇ‌پ كېتىۋاتىدۇ.‏ راستىنلا،‏ بۇ «ئىنتايىن تە‌س ۋاقىتلار» بىزنىڭ «ئاخىرقى زاماندا» ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ھە‌م يېڭى دۇ‌نيانىڭ يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ (‏2-‏تىموتىي 3:‏1‏)‏.‏ ئېھتىمال،‏ يە‌ھۋانىڭ ۋە‌دە قىلغان كۈنىنى ئۇ‌زاق ۋاقىت كۈتۈۋاتقاندىمىز.‏ قىيىنچىلىقلىرىمىزمۇ كۈندىن-‏كۈنگە كۆپىيىۋاتىدۇ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ تە‌سە‌للىنى قە‌يە‌ردىن تاپالايمىز؟‏

2،‏ 3.‏ (‏1)‏ ھاباققۇ‌ق ھە‌ققىدە نېمىلە‌رنى بىلىمىز؟‏ (‏2)‏ ھاباققۇ‌ق كىتابىدىن نېمىنى بىلىۋالىمىز؟‏

2 بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى ھاباققۇ‌ق كىتابىدىن تاپالايمىز.‏ يازمىلاردا ھاباققۇ‌قنىڭ ھاياتى تە‌پسىلىي تە‌سۋىرلە‌نمىسىمۇ،‏ ئۇ‌نىڭ كىتابىدا ئىلھام بېرىدىغان كۆپ نە‌سىھە‌تلە‌ر بار.‏ ئېھتىمال،‏ ھاباققۇ‌ق دېگە‌ن ئىسىم «قىزغىن باغرىغا بېسىش» دېگە‌ن مە‌نىنى بىلدۈرىدۇ.‏ بۇ يە‌ھۋانىڭ بىزگە تە‌سە‌للىي بېرىش ئۈچۈن باغرىغا باسىدىغانلىقىنى ياكى بىزنىڭ ئۇ‌نى مە‌ھكە‌م تۇ‌تىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈشى مۇ‌مكىن.‏ ھاباققۇ‌ق يە‌ھۋا بىلە‌ن سۆزلىشىپ،‏ بىرنە‌چچە سوئال سورىغان.‏ يە‌ھۋا بۇ سۆھبە‌تنىڭ بىزگىمۇ پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى بىلىپ،‏ ئۇ‌نى ھاباققۇ‌ققا يازدۇ‌رغان.‏—‏ھاباققۇ‌ق 2:‏2‏.‏

3 مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردىن ھاباققۇ‌ق ھە‌ققىدە پە‌قە‌ت مۇ‌شۇ سۆھبە‌تتىن بىلىم ئالالايمىز.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ ئۇ‌نىڭ كىتابى مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنىڭ ئارىسىغا كىرگە‌ن.‏ خۇ‌دا سۆزىدە «قە‌دىمدە يېزىلغان بارچە نە‌رسىلە‌ر بىزنىڭ تە‌لىم ئېلىشىمىز ئۈچۈن يېزىلغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ سە‌ۋر-‏تاقە‌ت ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردىن ئالغان تە‌سە‌للىي ئارقىلىق ئۈمىدكە ئىگە بولالايمىز»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان (‏رىملىقلار 15:‏4‏)‏.‏ ھاباققۇ‌ق كىتابىدىن قانداق پايدا ئالالايمىز؟‏ بىز ئۇ‌نىڭدىن يە‌ھۋاغا ئىشە‌نچ باغلاش نېمىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى چۈشىنىمىز.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ ھاباققۇ‌ق كىتابىدىكى بېشارە‌ت مە‌يلى قانداق قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كېلە‌يلى،‏ كۆڭۈل خاتىرجە‌ملىكىنى ساقلىيالايدىغانلىقىمىزغا ئىشە‌ندۈرىدۇ.‏

يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىڭ

4.‏ ھاباققۇ‌قنىڭ كۆڭلى نېمە سە‌ۋە‌بتىن ئازابلانغان؟‏

4 ھاباققۇ‌ق 1:‏2،‏ 3-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ ھاباققۇ‌ق پە‌يغە‌مبە‌ر قىيىن ۋاقىتتا ياشىغان.‏ شۇ چاغدا،‏ ئادە‌ملە‌ر ناھايىتى رە‌زىل ۋە زوراۋان بولغان.‏ مە‌يلى قاياققا قارىماڭ،‏ ئىسرائىللىقلارنىڭ ھە‌ممىسى بىر-‏بىرىگە ئادالە‌تسىز ۋە رە‌ھىمسىزلارچە مۇ‌ئامىلە قىلغان.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ ھاباققۇ‌قنىڭ كۆڭلى قاتتىق ئازابلانغان.‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ:‏ ‹بۇ زوراۋانلىقلار قاچانمۇ ئاخىرلىشار؟‏ يە‌ھۋا نېمە ئۈچۈن بۇ‌نىڭغا يول قويۇ‌ۋاتىدۇ؟‏›،‏—‏ دە‌پ ئويلىغان.‏ ئۇ ئۆزىنى بە‌ك ئاجىز ھېس قىلغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ يە‌ھۋاغا يالۋۇ‌رۇ‌پ،‏ ھە‌رىكە‌تكە ئۆتۈشنى سورىغان.‏ بە‌لكىم،‏ ھاباققۇ‌ق يە‌ھۋانى ئۆز خە‌لقىگە ئە‌مدى كۆڭۈل بۆلمە‌يدۇ ياكى ھېچنېمە قىلمايدۇ دە‌پ ئويلىغان.‏ سىزدىمۇ شۇ‌نداق ئويلار بولغانمۇ؟‏

5.‏ ھاباققۇ‌ق كىتابىدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏

5 ھاباققۇ‌ق بۇ سوئاللارنى يە‌ھۋاغا ۋە ئۇ‌نىڭ ۋە‌دىلىرىگە بولغان ئىشە‌نچى ئاجىزلاشقانلىقتىن سورىغانمۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ياق!‏ پە‌يغە‌مبە‌ر گۇ‌ماندىن خالى بولۇ‌ش ۋە قىيىنچىلىقلار بىلە‌ن كۈرىشىش ئۈچۈن يە‌ھۋادىن ياردە‌م سورىغان.‏ بۇ ئۇ‌نىڭ يە‌ھۋاغا ئىشە‌نچ باغلاپ،‏ ئۈمىد ئۈزمىگە‌نلىكىنى كۆرسىتىدۇ.‏ ھاباققۇ‌ق بە‌زى نە‌رسىلە‌رنى چۈشە‌نمىگە‌نلىكتىن،‏ غە‌م-‏قايغۇ‌غا پاتقان.‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ نېمە ئۈچۈن ھە‌رىكە‌ت قىلمايۋاتقانلىقىنى ۋە قىيىنچىلىقلارغا يول قويۇ‌ۋاتقانلىقىنى چۈشە‌نمىگە‌ن.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ھاباققۇ‌قنىڭ ئۆز غە‌م-‏ئە‌ندىشىسىنى يازمىلارغا يازدۇ‌رغانلىقىدىن بىر مۇ‌ھىم ساۋاق ئالىمىز.‏ بىز يە‌ھۋاغا ئۆز غە‌م-‏ئە‌ندىشىلىرىمىز ياكى گۇ‌مانلىرىمىزنى ئېيتىشتىن قورقماسلىقىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ ئۇ بىزنى ئۇ‌نىڭغا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ ئىچ-‏باغرىمىزنى تۆكۈشكە چاقىرىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 50:‏15؛‏ 62:‏8‏)‏.‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 3:‏5-‏ئايە‌تتە مۇ‌نداق سۆزلە‌ر بار:‏ «پۈتۈن قە‌لبىڭ بىلە‌ن ئىشە‌ن يە‌ھۋاغا،‏ ئۆز ئە‌قلىڭگە تايانما».‏ ھاباققۇ‌ق بۇ سۆزلە‌رگە قۇ‌لاق سالغان.‏

6.‏ يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىش نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھىم؟‏

6 ھاباققۇ‌ق ئۆزىنىڭ دوستى ۋە ئاتىسى بولغان يە‌ھۋاغا ئىشە‌نگە‌ن ۋە ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ياخشى مۇ‌ناسىۋە‌تكە ئىگە بولۇ‌شقا ھە‌رىكە‌ت قىلغان.‏ ئۇ غە‌م قىلىپ،‏ ۋە‌زىيە‌تنى ئۆز قولىغا ئالماي،‏ ئە‌كسىچە دۇ‌ئادا ئۆز ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرى ۋە غە‌م-‏تە‌شۋىشلىرىنى بىلدۈرگە‌ن.‏ بۇ بىز ئۈچۈن ياخشى ئۈلگە.‏ دۇ‌ئالارنى ئاڭلىغۇ‌چى يە‌ھۋا بىزنى دۇ‌ئادا ئىچ-‏باغرىمىزنى تۆكۈپ،‏ ئۇ‌نىڭغا تايىنىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىشكە چاقىرىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 65:‏2‏)‏.‏ شۇ‌نداق قىلساق،‏ يە‌ھۋانىڭ دۇ‌ئالىرىمىزغا جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى كۆرىمىز.‏ ئۇ بىزگە تە‌سە‌للىي بە‌رگە‌ندە ۋە يېتە‌كلىگە‌ندە،‏ بىزنى باغرىغا باسقاندە‌ك ھېس قىلىمىز (‏زە‌بۇ‌ر 73:‏23،‏ 24‏)‏.‏ بىز مە‌يلى قانداق سىناققا دۇ‌چ كېلە‌يلى،‏ يە‌ھۋا ۋە‌زىيىتىمىزگە بولغان كۆز قارىشىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ دۇ‌ئا قىلىش —‏ يە‌ھۋاغا تايىنىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىشنىڭ ئە‌ڭ ياخشى ئۇ‌سۇ‌للىرىنىڭ بىرىدۇ‌ر.‏

يە‌ھۋانى تىڭشاڭ

7.‏ ھاباققۇ‌ق غە‌م-‏تە‌شۋىشلىرىنى ئېيتقاندا،‏ يە‌ھۋا قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رغان؟‏

7 ھاباققۇ‌ق 1:‏5—‏7-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ ھاباققۇ‌ق ھە‌ممە غە‌م-‏تە‌شۋىشلىرىنى يە‌ھۋاغا ئېيتقاندىن كېيىن،‏ يە‌ھۋا قانداق ھە‌رىكە‌ت قىلار دە‌پ ئويلىغاندۇ.‏ كۆيۈمچان ئاتىدە‌ك يە‌ھۋا ھاباققۇ‌قنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى چۈشە‌نگە‌ن.‏ ئۇ ھاباققۇ‌قنىڭ ئازاب چېكىپ،‏ ياردە‌م سوراپ يالۋۇ‌رغانلىقىنى بىلگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ يە‌ھۋا ھاباققۇ‌قنى ئە‌يىبلىمە‌ي،‏ بە‌لكى ساداقە‌تمە‌نلىكىنى ساقلىمىغان يە‌ھۇ‌دىيلارنى پات-‏ئارىدا جازاغا تارتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقىنى پات-‏يېقىندا جازالايدىغانلىقى ھە‌ققىدە ئاڭلىغان بىرىنچى ئادە‌م ھاباققۇ‌ق بولغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏

8.‏ يە‌ھۋانىڭ جاۋابى نېمە ئۈچۈن ھاباققۇ‌قنى ھە‌يران قالدۇ‌رغان؟‏

8 يە‌ھۋا ھاباققۇ‌ققا ئۆزىنىڭ ھە‌رىكە‌ت قىلىشقا تە‌ييار ئىكە‌نلىكىنى چۈشە‌ندۈرگە‌ن.‏ ئۇ رە‌زىل ۋە زوراۋان يە‌ھۇ‌دا خە‌لقىنى جازالىماقچى بولغان.‏ يە‌ھۋا بۇ «سىلە‌رنىڭ زامانىڭلاردا» يۈز بېرىدۇ دېيىش ئارقىلىق بۇ ھۆكۈمنىڭ ھاباققۇ‌قنىڭ ياكى ئۇ‌نىڭ زامانداشلىرىنىڭ ۋاقتىدا بولىدىغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ يە‌ھۋانىڭ مۇ‌نداق جاۋابى ھاباققۇ‌قنى ھە‌يران قالدۇ‌رغان.‏ كالدانلىقلار دە‌پمۇ ئاتالغان بابىلونلۇ‌قلار ناھايىتى رە‌ھىمسىز خە‌لق بولغان.‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋانىڭ تە‌لە‌پلىرىنى بىلىمىز دە‌يدىغان ئىسرائىللىقلاردىنمۇ بە‌كرە‌ك زوراۋان ۋە رە‌ھىمسىز بولغان.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقىنى جازالاش ئۈچۈن نېمە سە‌ۋە‌بتىن يالغان ئىلاھلارغا سە‌جدە قىلىدىغان زوراۋان خە‌لقنى ئىشلە‌تمە‌كچى بولغان؟‏ شۇ‌نداق قىلسا،‏ ئىسرائىللارنىڭ دە‌ردىگە دە‌رد قوشۇ‌لاتتىغۇ؟‏!‏ ئە‌گە‌ر سىز ھاباققۇ‌قنىڭ ئورنىدا بولسىڭىز،‏ قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولاتتىڭىز؟‏

9.‏ ھاباققۇ‌ق يە‌ھۋادىن يە‌نە قانداق سوئاللارنى سورىغان؟‏

9 ھاباققۇ‌ق 1:‏12—‏14،‏ 17-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ ھاباققۇ‌ق يە‌ھۋانىڭ ۋاپاسىز خە‌لقنى جازالاش ئۈچۈن بابىلونلۇ‌قلارنى ئىشلە‌تمە‌كچى بولغانلىقىنى بىلسىمۇ،‏ بە‌زى تە‌پسىلاتلار ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن تېخى ئېنىق بولمىغان.‏ بىراق،‏ ئۇ كە‌متە‌ر بولۇ‌پ،‏ داۋاملىق يە‌ھۋاغا تايىنىشقا بە‌ل باغلىغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ھاباققۇ‌ق يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن دائىم «قورام تاش» بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان (‏تە‌كرار قانۇ‌ن 32:‏4؛‏ يە‌شايا 26:‏4‏)‏.‏ ھاباققۇ‌ق يە‌ھۋانىڭ مېھرىبان ۋە كۆيۈمچان ئىكە‌نلىكىنى بىلگە‌چكە،‏ ئۇ‌نىڭدىن يە‌نە باشقا سوئاللارنى سوراشتىن قورقمىغان.‏ مە‌سىلە‌ن:‏ يە‌ھۋا نېمە ئۈچۈن يە‌ھۇ‌دىيىدىكى شارائىتنىڭ ناچارلىشىپ،‏ خە‌لقنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئازاب چېكىشىگە يول قويۇ‌ۋاتىدۇ؟‏ خۇ‌دا نېمە ئۈچۈن دە‌رھال ھە‌رىكە‌ت قىلمايدۇ؟‏ خۇ‌دا نېمە سە‌ۋە‌بتىن تىپ-‏تىنچ تۇ‌رۇ‌پ،‏ زوراۋانلىققا چىداۋاتىدۇ؟‏ دە‌رھە‌قىقە‌ت،‏ يە‌ھۋا «مۇ‌قە‌ددە‌س تە‌ڭرى» ۋە ئۇ‌نىڭ «كۆزلىرى شۇ‌نچىلىك پاككى،‏ يامانلىققا قاراپ تۇ‌رالمايدۇ».‏

10.‏ نېمە ئۈچۈن بە‌زىدە ئۆزىمىزنى ھاباققۇ‌ققا ئوخشاش ھېس قىلىشىمىز مۇ‌مكىن؟‏

10 بە‌زىدە بىزمۇ ئۆزىمىزنى ھاباققۇ‌ققا ئوخشاش ھېس قىلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ بىز يە‌ھۋانى تىڭشايمىز،‏ ئۇ‌نىڭغا تايىنىمىز ۋە سۆزىنى ئوقۇ‌پ-‏ئۆگىنىمىز.‏ شۇ‌نداق قىلىپ ئۈمىدكە ئېرىشىمىز.‏ يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتىدىن ئۇ‌نىڭ ۋە‌دىلىرى ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك بىلىمىز.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ بىز:‏ «ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تنىڭ ئاخىرى كېلە‌مدۇ؟‏»—‏ دە‌پ ئويلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ ھاباققۇ‌قنىڭ كېلە‌ركى ھە‌رىكىتىدىن قانداق ساۋاق ئالىدىغانلىقىمىزنى كۆرە‌يلى.‏

يە‌ھۋانى كۈتۈڭ

11.‏ ھاباققۇ‌ق نېمە قىلىشقا بە‌ل باغلىغان؟‏

11 ھاباققۇ‌ق 2:‏1-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ ھاباققۇ‌ق يە‌ھۋا بىلە‌ن سۆزلە‌شكە‌ندىن كېيىن،‏ كۆڭۈل خاتىرجە‌ملىكىگە ئىگە بولغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ يە‌ھۋا ھە‌رىكە‌تكە ئۆتىدىغان ۋاقىتنى كۈتۈشكە بە‌ل باغلىغان.‏ ھاباققۇ‌قنىڭ «مە‌ن تىپ-‏تىنچ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلىك كۈنلە‌رنى كۈتىمە‌ن» دېگە‌ن سۆزلىرى بۇ‌نى ئىسپاتلىغان (‏ھاباققۇ‌ق 3:‏16‏)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ باشقىمۇ سادىق خىزمە‌تچىلىرى ئۇ‌نىڭ ھە‌رىكە‌ت قىلىشىنى سە‌ۋر-‏تاقە‌ت بىلە‌ن كۈتكە‌ن.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئۈلگىلىرى بىزگە تە‌سە‌للىي بېرىدۇ،‏ چۈنكى ئۇ‌لار ساداقە‌تمە‌ن بولۇ‌پ قالغان بولسا،‏ شۇ‌نداق قىلىش بىزنىڭمۇ قولىمىزدىن كېلىدۇ.‏—‏مىكاھ 7:‏7؛‏ ياقۇ‌پ 5:‏7،‏ 8‏.‏

بىز يە‌ھۋانىڭ ھە‌رىكە‌ت قىلىدىغان ۋاقتىنى سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن كۈتۈپ،‏ ئۇ ئۆز ۋاقتىدا قىيىنچىلىقلاردىن ئازاد قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىمىز كېرە‌ك

12.‏ ھاباققۇ‌قنىڭ قە‌تئىي قارارىدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

12 ھاباققۇ‌قنىڭ قە‌تئىي قارارىدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏ بىرىنچىدىن،‏ قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لمە‌يلى،‏ يە‌ھۋاغا دائىم دۇ‌ئا قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئىككىنچىدىن،‏ يە‌ھۋانىڭ بىزگە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ۋە تە‌شكىلات ئارقىلىق بېرىۋاتقان تە‌لىمىگە قۇ‌لاق سېلىشىمىز لازىم.‏ ئۈچىنچىدىن،‏ ئۇ‌نىڭ ھە‌رىكە‌ت قىلىدىغان ۋاقتىنى سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن كۈتۈپ،‏ ئۆز ۋاقتىدا قىيىنچىلىقلاردىن ئازاد قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىمىز كېرە‌ك.‏ ھاباققۇ‌قتىن ئۈلگە ئالساق،‏ بىز كۆڭۈل خاتىرجە‌ملىكىگە ۋە سە‌ۋر-‏تاقە‌تكە ئىگە بولىمىز.‏ مە‌يلى قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلە‌يلى،‏ ئۈمىدىمىز بىزگە سە‌ۋرچان ۋە بە‌ختلىك بولۇ‌شقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ بىز ئە‌رشتىكى ئاتىمىزنىڭ ھە‌رىكە‌ت قىلىدىغانلىقىغا قە‌تئىي ئىشىنىمىز.‏—‏رىملىقلار 12:‏12‏.‏

13.‏ يە‌ھۋا ھاباققۇ‌ققا قانداق قىلىپ تە‌سە‌للىي بە‌رگە‌ن؟‏

13 ھاباققۇ‌ق 2:‏3-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ ھاباققۇ‌قنىڭ كۈتۈشكە بە‌ل باغلىغانلىقىنى كۆرۈپ،‏ يە‌ھۋا سۆزسىز خۇ‌شال بولغان ئىدى.‏ ھە‌ممىگە قادىر خۇ‌دا ھاباققۇ‌قنىڭ ئازاب چە‌ككە‌نلىكىنى كۆرگە‌ن.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ خۇ‌دا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ ھە‌ممە سوئاللىرىغا چوقۇ‌م جاۋاب بېرىدىغانلىقىغا ئىشە‌ندۈرۈپ،‏ ئۇ‌نىڭغا تە‌سە‌للىي بە‌رگە‌ن.‏ پات-‏ئارىدا ھاباققۇ‌ق ھە‌ممە غە‌م-‏تە‌شۋىشلىرىدىن ئازاد بولاتتى.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا خۇ‌ددى مېھرىبان ئاتا بالىسىغا:‏ «سە‌ۋرچان بول ۋە ماڭا تايانغىن.‏ ئۇ‌زاق ۋاقىت ئۆتكە‌ندە‌ك تۇ‌يۇ‌لسىمۇ،‏ مە‌ن سېنىڭ دۇ‌ئايىڭغا چوقۇ‌م جاۋاب بېرىمە‌ن»،‏—‏ دېگە‌ندە‌ك بولغان.‏ يە‌ھۋا ۋە‌دىلىرىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدىغان ۋاقىتنى ئالدىن-‏ئالا بە‌لگۈلە‌پ قويغان ئىدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ ھاباققۇ‌قنى داۋاملىق كۈتۈشكە دە‌ۋە‌ت قىلغان.‏ شۇ‌نداق قىلغىنىدا،‏ پە‌يغە‌مبە‌ر يە‌ھۋانىڭ مە‌سلىھىتىگە قۇ‌لاق سالغىنىغا پۇ‌شايمان قىلمايتتى.‏

يە‌ھۋاغا بار كۈچىمىز بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىشقا نېمە ئۈچۈن بە‌ل باغلىدۇ‌ق؟‏ (‏14-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

14.‏ قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ نېمە قىلىشقا بە‌ل باغلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

14 بىزمۇ يە‌ھۋانىڭ ھە‌رىكە‌ت قىلىدىغان ۋاقتىنى كۈتۈشىمىز كېرە‌ك.‏ شۇ‌نداقلا ئۇ‌نىڭ سۆزلىرىنى زە‌ن قويۇ‌پ تىڭشىشىمىز لازىم.‏ شۇ چاغدىلا،‏ مە‌يلى قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلە‌يلى،‏ بىز كۆڭۈل خاتىرجە‌ملىكى ۋە مە‌ھكە‌م ئىشە‌نچكە ئىگە بولىمىز.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ بىزگە نامە‌لۇ‌م ۋاقىت-‏سائە‌ت ھە‌ققىدە ئە‌نسىرە‌شنىڭ كېرىكى يوق،‏ دە‌پ ئېيتقان (‏ئە‌لچىلە‌ر 1:‏7‏)‏.‏ يە‌ھۋا ھە‌رىكە‌ت قىلىشنىڭ ئە‌ڭ ياخشى ۋاقتىنى ئۆزى بىلىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچىمىز كامىل.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز كە‌متە‌ر ۋە سە‌ۋرچان بولۇ‌پ،‏ خۇ‌داغا ئىشە‌نچ باغلىشىمىز لازىم.‏ ھازىر بولسا،‏ يە‌ھۋانى كۈتۈپ ۋاقتىمىزدىن دانالىق بىلە‌ن پايدىلىنايلى ۋە يە‌ھۋاغا بار كۈچىمىز بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلايلى.‏—‏ماركۇ‌س 13:‏35—‏37؛‏ گالاتىيالىقلار 6:‏9‏.‏

يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا تايانغان كىشىلە‌رگە مە‌ڭگۈ ھايات بېرىدۇ

15،‏ 16.‏ (‏1)‏ ھاباققۇ‌ق كىتابىدا خۇ‌دانىڭ قانداق ۋە‌دىلىرى يېزىلغان؟‏ (‏2)‏ بۇ ۋە‌دىلە‌ردىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟‏

15 يە‌ھۋا «ھە‌ققانىي ئادە‌م ئۆز ئېتىقاد-‏سادىقلىقى بىلە‌ن ھايات ياشايدۇ» ۋە «پۈتۈن يە‌ر يۈزى پە‌رۋە‌ردىگارنى بىلىپ-‏تونۇ‌ش بىلە‌ن قاپلىنىدۇ»،‏ دە‌پ ۋە‌دە قىلغان (‏ھاباققۇ‌ق 2:‏4،‏ 14‏)‏.‏ دە‌ل شۇ‌نداق،‏ يە‌ھۋا سە‌ۋر-‏تاقە‌تلىك بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭغا ئىشە‌نچ باغلايدىغان كىشىلە‌رگە مە‌ڭگۈ ھاياتنى بېرىدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلىدۇ.‏

16 ھاباققۇ‌ق 2:‏4-‏ئايە‌تتىكى ۋە‌دە شۇ‌نچىلىك مۇ‌ھىمكى،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئۇ‌نى ئۆز خە‌تلىرىدە ئۈچ قېتىم نە‌قىل كە‌لتۈرگە‌ن!‏ (‏رىملىقلار 1:‏17؛‏ گالاتىيالىقلار 3:‏11؛‏ ئىبرانىيلار 10:‏38‏)‏.‏ بىز قانداق قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كېلىشىمىزدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ يە‌ھۋاغا تايانساق،‏ ئۇ‌نىڭ ۋە‌دىلىرى ئە‌مە‌لگە ئاشقانلىقىنى ئۆز كۆزۈمىز بىلە‌ن كۆرىمىز.‏ يە‌ھۋا بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى ئۈمىدكە كۆز تىكىشىمىزنى خالايدۇ.‏

17.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا ئىشە‌نچ باغلايدىغان كىشىلە‌رگە قانداق ۋە‌دە بېرىدۇ؟‏

17 ئاخىرقى كۈنلە‌ردە ياشاۋاتقان ھە‌ممە ئادە‌ملە‌ر ھاباققۇ‌ق كىتابىدىن ساۋاق ئالالايدۇ.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا ئىشە‌نچ باغلايدىغان ھە‌ربىر ھە‌ققانىي كىشىگە مە‌ڭگۈ ھاياتنى بېرىشنى ۋە‌دە قىلىدۇ.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن قانداق قىيىنچىلىقلار ۋە غە‌م-‏قايغۇ‌لىرىمىز بولۇ‌شىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ خۇ‌داغا بولغان ئىشە‌نچىمىزنى داۋاملىق مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌يلى.‏ يە‌ھۋانىڭ ھاباققۇ‌ققا ئېيتقان سۆزلىرى ئۇ‌نىڭ بىزنىمۇ قوغداپ،‏ قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدىغانلىقىغا ئىشە‌ندۈرىدۇ.‏ يە‌ھۋا ئۆز پادىشاھلىقىنى يە‌ر يۈزىدە ئورنىتىدىغان ۋاقىتنى بە‌لگۈلە‌پ قويغان.‏ ئۇ بىزنى ئۇ‌نىڭغا تايىنىپ،‏ شۇ ۋاقىتنى سە‌ۋر-‏تاقە‌ت بىلە‌ن كۈتۈشكە چاقىرىدۇ.‏ شۇ چاغدا،‏ يە‌رشارى يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىدىغان شاد-‏خۇ‌رام ۋە تىنچلىقپە‌رۋە‌ر ئادە‌ملە‌رگە تولىدۇ.‏—‏مە‌تتا 5:‏5؛‏ ئىبرانىيلار 10:‏36—‏39‏.‏

يە‌ھۋاغا خۇ‌شاللىق بىلە‌ن ئىشە‌نچ باغلايلى

18.‏ يە‌ھۋانىڭ سۆزلىرى ھاباققۇ‌ققا قانداق تە‌سىر قىلغان؟‏

18 ھاباققۇ‌ق 3:‏16—‏19-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ يە‌ھۋانىڭ سۆزلىرى ھاباققۇ‌ققا قاتتىق تە‌سىر قىلغان.‏ ھاباققۇ‌ق يە‌ھۋانىڭ قە‌دىمقى ئۆز خە‌لقى ئۈچۈن قىلغان ئاجايىپ ئىشلىرى ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلغاندا،‏ ئۇ‌نىڭ ئېتىقادى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌نگە‌ن.‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ پات-‏ئارىدا ھە‌رىكە‌ت قىلىدىغانلىقىغا ئىشە‌نگە‌ن!‏ پە‌يغە‌مبە‌ر يە‌نە بىراز ۋاقىت ئازاب چېكىدىغانلىقىنى بىلسىمۇ،‏ يە‌ھۋاغا بولغان ئىشە‌نچ ئۇ‌نىڭغا تە‌سە‌للىي بە‌رگە‌ن.‏ ھاباققۇ‌قنىڭ گۇ‌مانى تامامە‌ن يوق بولغانىدى.‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌نى قۇ‌تقۇ‌زىدىغانلىقىغا تولۇ‌ق ئىشە‌نگە‌ن.‏ ھاباققۇ‌قنىڭ 18-‏ئايە‌تتىكى سۆزلىرىنى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئالاھىدە ئىشە‌نچ بىلە‌ن ئېيتىلغان سۆزلە‌رنىڭ بىرى دە‌پ ئېيتىشقا بولىدۇ.‏ بە‌زى تە‌تقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە،‏ بۇ ئايە‌ت ئۇ‌دۇ‌ل مە‌نىدە،‏ «رە‌ب سە‌ۋە‌بلىك خۇ‌شاللىقىمدىن سە‌كرە‌يمە‌ن،‏ ئىگە‌م خۇ‌دايىم سە‌ۋە‌بلىك چۆرگىلە‌پ ئۇ‌سسۇ‌ل ئوينايمە‌ن» دېگە‌ننى بىلدۈرىدۇ.‏ 16—‏19-‏ئايە‌تلە‌ردە،‏ ھە‌ممىمىز ئۈچۈن ئاجايىپ بىر دە‌رس بار!‏ يە‌ھۋا بىزگە كېلە‌چىكىمىز ھە‌ققىدە ۋە‌دىلە‌رنى بېرىپلا قويماي،‏ شۇ ۋە‌دىلىرىنى يېقىن ئارىدا ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدىغانلىقىغا ئىشە‌ندۈرىدۇ.‏

19.‏ ھاباققۇ‌ققا ئوخشاش بىز قانداق قىلىپ يە‌ھۋادىن تە‌سە‌للى ئالالايمىز؟‏

19 ھاباققۇ‌ق كىتابىدىن يە‌ھۋاغا تايىنىشنىڭ قانچىلىك مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكىنى چۈشە‌ندۇ‌ق (‏ھاباققۇ‌ق 2:‏4‏)‏.‏ يە‌ھۋاغا داۋاملىق تايىنىش ئۈچۈن ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىمىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىشىمىز كېرە‌ك.‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن بىز،‏ بىرىنچىدىن،‏ يە‌ھۋاغا دۇ‌ئادا ئىچ-‏باغرىمىزنى تۆكۈشىمىز كېرە‌ك.‏ ئىككىنچىدىن،‏ يە‌ھۋانىڭ سۆزلىرىنى زە‌ن قويۇ‌پ تىڭشاپ،‏ ئۇ‌نىڭ تە‌شكىلاتى ئارقىلىق ئالىدىغان كۆرسە‌تمىلە‌رگە بويسۇ‌نۇ‌شىمىز لازىم.‏ ئۈچىنچىدىن،‏ يە‌ھۋانىڭ ۋە‌دىلىرى ئە‌مە‌لگە ئاشىدىغان ۋاقىتنى كۈتۈپ،‏ ساداقە‌تمە‌ن ۋە سە‌ۋر-‏تاقە‌تلىك بولۇ‌شىمىز مۇ‌ھىم.‏ ھاباققۇ‌ق پە‌يغە‌مبە‌ر دە‌ل شۇ‌نداق ھە‌رىكە‌ت قىلغان.‏ ئۇ يە‌ھۋاغا بىرىنچى قېتىم سۆزلىگە‌ندە،‏ كۆڭلى ئازابلانسىمۇ،‏ ئاخىرىدا ئۇ تە‌سە‌للىي ئېلىپ،‏ خۇ‌شاللىققا ئېرىشكە‌نىدى.‏ ھاباققۇ‌قتىن ئۈلگە ئالساق،‏ ئە‌رشتىكى ئاتىمىز يە‌ھۋا بىزنى باغرىغا بېسىپ،‏ ئىلھامبە‌خش ئاتا قىلىدۇ.‏ بۇ رە‌زىل دۇ‌نيادا بۇ‌نىڭغا تە‌ڭ كېلىدىغان تە‌سە‌للى يوقتۇ‌ر!‏